ئامېرىكىلىق مۇخبىرلار قولغا چۈشۈرگەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋە 'شىنجاڭ ' جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ساندانىنىڭ 52 گىگابىتلىق مەخپىي ماتېرىيالى ئاساسىدا بۈگۈن ئۇزۇن بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى كۈزىتىش سېستىمىسىنى تەپسىلىي تەھلىل قىلغان. يازما تەپسىلاتى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا.
تۆۋەندىكىسى ئۈرۈمچىدىكى ئەھۋاللارنىڭ بىر قىسمى:
1. چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققان، دوست- بۇرادەرلىرى نۇقتىلىق كۈزىتىلىدىكەن. مەقسەت: ئۇلارنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك ئەركىنلىككە ياكى ئاپتونومىيىگە بولغان تەلپۈنۈشىنى بوغۇش.
2. جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش (拘留刑事) نى ئىشلىتىشنىڭ كۆلىمى كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىگە يەتكەن.
3. مەھەللىلەردىكى 'خەۋەرچى' لەر ئارقىلىق ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى ئۈستىدىن غايەت زور مىقداردا ئۇچۇرلار توپلانغان.
4. ئەجنەبى ئىدىيەلىرىنىڭ ئېقىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چەتئەلگە چىقىپ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجا قىلغان ئۇيغۇرلار تېررورچىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
تولۇق مەزمۇنى:
https://theintercept.com/2021/01/29/...Vi73f_MYidwWSU