خوڭكوڭ نامايىشى، دىموكراتىيە ۋە ئۇيغۇر مۇستەقىللىقى.
خوڭكوڭ خىتايدۇر . خوڭكوڭدىكى ئەركىن -ئازات خىتايلار تۇرمە-لاگىرلاردىكى ئۇيغۇرلار ئەمەس بەلكى لاگىرلارنىڭ ئوگزىسىدىكى خىتايلاردۇر. ئۇلارنىڭ دىموكراتىيە تەلىۋى تىخىمۇ كوپ ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنى لاگىرغا سولۇتۇپ، قىز-چوكانلىرىغا ساھىپ چىقىشتۇر.دىموكراتىيە گىرىكچە سوز بولۇپ مەناسى ئەركىنلىك دىگەن بولىدۇ. مۇستەقىل دولەت پۇخرالىرىدىكى"دىموكراتىيە" دولەت قانۇنى ۋە تۇزۇمىدىن تولۇق بەھرىمان بولۇش ئەركىنلىكىنى كورسۇتىدۇ. مۇستەملىكە قىلىنغان مىللەت ئۇيغۇرلاردىكى دىموكراتىيەنىڭ مەناسى دۇشمىنى خىتايغا ۋاستە تاللىماي قارشىلىق كورسۇتۇشنى،مۇستەقىل، ئازات دولىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش نىمە ئەڭ زورۇر بولسا شۇنى قىلىشنى كورسۇتىدۇ. خىتاي قۇراللىق تاجاۋۇز بىلەن بىسىۋالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى مۇستەملىكە دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ مۇستەملىكە تۇزۇمىنى، قانۇنلىرىنى ئىتىراپ قىلمىدى. ئۇچ مىلىيون ئۇيغۇرنىڭ تۇرمە ، لاگىرغا قامىلىشى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكىئەسىرلەر لاگىرىدىنمۇ بەتتەر بولۇپ، قۇرالسىزئۇيغۇرلارنىڭ قۇراللىق خىتاي بىلەن ئۇرۇشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. تاڭ ئالدىدىكى زۇلمەتقاراڭغۇ بولىدۇ- ئەتراپنىكورۇش قىيىن بولىدۇ. "خوڭكوڭ"چىلارنىڭ، "مەشەلچىلەر"نىڭ ھاقائەتچى، توھمەتخور ساتقۇنلارنىڭ دىموكراتىيە تەلەپ قىلىشى ئۇلارنىڭ خىتاي مۇستەملىكە تۇزۇمىنى قوبۇل قىلغانلىقىدۇر.
غۇلام ئوسمان (ئالپەر، زۇلپىقار-قىلىچنىڭ بىر تۇرى، ياغما-ياغمۇر مول ھوسۇلنىڭ ئىشارىتى) ...قاتارلىق ئىسىم بىلەن نۇتۇق سوزلەيدىغان غۇلام "ئەپەندى" ئەڭ رەزىل، چاكىنا سوزلەر بىلەن پەقىر- مەرتمۇسا ئوغلى سىدىق ھاكىغا ھاقارەت قىلىپ بىشىغا ئىش تىرىۋالدى. بۇ غەۋغانىڭ مەيلى ئۇ تەرىپىدىن، مەيلى بۇ تەرىپىدىنقاراڭ - بۇ ھەرگىز ياخشلارنى كورەلمەيدىغان ھاقارەتچى غۇلام ئوسماننى ماختاپ، ھاقارەت قىلىنغۇچىلارنى ئەيىپلەيدىغان نۇرئەلى ھوپە ئۇيغۇر،فاتما چاكان(خىتاي پۇلىغا باغلانغان ئا.ۋارىس چاكاننىڭ خوتۇنى)لارنىڭ مەرتمۇسا ئوغلى سىدىقھاكى ئەپەندىمگە قارشى شەخسى ماجراسى ئەمەسلىكى بەلكى ئوتتۇز يىلدىن بىرى داۋام قىلىۋاتقان "ئاتلىق" ھاقارەتچى، توھمەتخۇر ، ساتقۇن ئادىمى ھايۋانلار بىلەن پىيادە قەھرىمانلار ئارىسىدىكى ھايات-ماماتلىق كورەشىنىڭ داۋامىئىكەنلىكىنى كورىسىز.بۇغەۋغا بۇگۇنكى ئىچىنىشلىق، قارا كۇنلىرىمىزدە "ئارىمىزدىكى خىتايدىنمۇ بەتتەر ئىسا يۇسۇپ، مەسۇت سابىرىلار..."ۋە ئۇلارنىڭ زامانىمىزدىكى ۋارىسلىرى ئىسابەگچىلەر بىلەن مەرتمۇسا ئوغلى سىدىقھاكى باشلىق دۇرۇس، ئاق كوڭۇل، راستچىل، ئەقىللىق يولباشچىلىرىمىز ئارىسىدىكى ھايات-ماماتلىق كەسكىن كورەشنىڭ جانلىق ئىسپاتى بولۇپ ئالدىمىزغا چىقماقتا، بۇ كورەش ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپ، غۇلام ئوسماننىڭ سىدىقھاكى ئەپەندىمگە قارشىرەزىل، پەسكەش ھاقارەتلىرى ئارقىلىق ئوزىنى كورسەتمەكتە. سىدىقھاكى كەبى مىڭلىغان ۋىجدانلىق ئۇيغۇرلار ھەقنى سوزلەپ باستۇرۇلدى، چەتكە قىقىلدى، سۇكۇت قىلدۇرۇلدى- مەتبۇئات ھوقۇقىنى، مۇستەقىللىق كورىشىمىزنى ئىسابەگچى ساتقۇنلار مانىپول قىلىۋالدى. ھوسويۇن "تەجەللى"نىڭ ۋەتەندە ئۇنۇتۇپ قالغان خوتۇنىنى خىتاي مافىياسى گىۋاڭدۇڭ ئورمانلىقىدىن ئوتكۇزۇپ، تايلاند ئارقىلىق يەتكۇزۇپ بەرگەنلىكى، دىلشات رىشىتنىڭ خوتۇنى مىرىبانمۇ موشۇ يولدا ئەمما ئورمان يولىدا ئەمەس، سامىلىيوت يولىدا ھەتتا سىياسى پانالىق تىلگەن گۇۋانامىسى بىلەن خىتايغا كىرىپ ، بالىسىنى ئىلىپ ساق چىققان ئىدى.ھوسۇيون موللام خوتۇنىغا ئىرىشىپ، ياشاۋاتقان دولەتنىخىتاي باشقۇرىدۇ دەپ ئىشەنگەن ۋە:"چەتەللەردە مەتبۇئات ھوقوقى بىزنىڭ قولىمىزدا بولۇشى كىرەك" دەپ ئىلان قىلغان ئىدى."بىز"دىگەن كىملەر ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. بۇ پەقەت بىر تىپىك مىسال. دۇق"غا توپلانغان كونا يىڭى ئىسابەگچى ساتقۇنلار ئاق ساراي ئالدىدا، سەھنىلەردە "نۇتۇق"سوزلەپ ئۇيغۇرلارنى "خوڭكوڭ نامايىشى"غا، دىموكراتىيەگە ،خىتاي بىرلىكىگە يەنە چاقىرماقتا.
ئاق ساراي ئالدىدا خىتايدىن بەتتەر خىتايدىمۇ چە سوزلەپ ئۇيغۇرلارنى خوڭكوڭ دىموكراتىيەسىگە چاقىرغان، خىتاي مىلىياردەرى گوۋىن گۇي چۇشكەن ئاقساراي يىنىدىكى مىھمانخانىنى ئالاھىدە مەمنۇنلۇق بىلەن كورسەتكەن، باشتىن-ئاخىر قارا كوزەينەكىنى چىقارمىغان رىياسەتچىنى مەن دەسلەپ خىتاي دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئۇ ھەدىسە "داجا خاۋ" دىن چۇشمەيتى. "داجا"- ئۇيغۇرچە "چوڭ ئائىلە -يەنى خىتاي ئائىلىسى"دىگەن بولىدۇ. "بىز ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز، ئاۋتونومىيە بولسا يىتىدۇ" "دەپ ئىلان قىلغان ساتقۇن موماي رابىيەنىڭ ئۇنى ساقلىغان يىرىگە كىلىپ بۇ رەزىل خوتۇننى يەنە بازارغا سالدى، توساددىن ئوركەش دولەتكە ئوخشاش ئاغزىدىن بۇزۇق ئۇيغۇرچە سوزلەر چىققاندىن كىيىنلا ئۇنىڭ قىنى بۇزۇق، ياكى بۇتۇنلەي خىتايلىشىپ كەتكەنلەردىن ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئۇنى بۇ ۋىدىئو پىروگراممىغا قارا خىتاي قۇربان ۋەلىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئااڭلىدىم. مانا ئەمدى ئۇنىڭ بىر خىتاي جاسۇسى ئىكەنلىكىنى ئامىرىكا دائىرلىرى ئىلان قىلدى.
نۇرى مۇساباي، ئەزىز ئىسا، كۇززات ئالتاي، دولقۇن ئىسا، ئومەر قانات، پەرات مەمەت يورۇڭقاش، نۇرى مۇساباي، مۇخبىر مىرىبان ۋە ئەكرەم ھىزىم، "تومارىس"لارنىڭ بۇ "ئىككى ئايرىلماسلىق" تەشۋىقات ۋىدىئوسىنى بەس-بەستە ئۇيغۇرلارغا كوپەيتىپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى كوردۇم. بۇلار ئۇيغۇرلارنى يەنە "دىموكراتىيە"بىلەن، خوڭكوڭ بىلەنئالدىماقتا. مانا مەن دىگەنلەر، "يا ئولۇم-يا مۇستەقىللىق"دەپ ۋاقىرىغانلار يىڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان خىتاي تىللىق "مەشەلچىلەر"،ئۇيغۇر تىللىق مۇستەقىللىقنىڭ يولىنى يىزىپ-سىزغانلاردىن غۇلام ئوسمان سالى نامايىشىغا نۇرغۇن چىقىم قىلىپ ئامىرىكىغا بارىدۇ ۋە نامايىشتا يىنىغا قارا خىتاي قۇربان ۋەلىنى، ساتقۇن خوتۇن رابىيە قادىرلارنى ئالىدۇ، ھەتتا: "سىپىمىزگە خىتايلار كىلىشنى خالىسا ئۇلارنىمۇ قارشى ئالىمىز"دەپ نۇتۇق سوزلەيدۇ. بۇ بىر "ھەيران قالارلىق ئىسەنگىرەش "ئەمەسما؟ خىتايلار سىپىمىزگە كەلسە نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى، "لۇشۇن ئەپەندى"نى سىغىنىپ قالغان غۇلام ئالپەربىلمەسكە، كورمەسكە سالماقتا. يەنە بىرلىرى " خوڭكوڭ خەلقىنىڭ دىموكراتىيەسىگە جان پىدا" دەپ ۋاقىراشماقتا. ۋەتەن سىرتىدىكى بۇ ئەپەندىلەرنىڭ لاگىردىكى قىرىنداشلىرىنى تاشلاپ "خوڭكوڭ خەلقى"نى سىغىنىشى خىتاي مۇستەملىكە تۇزۇمىنى قوبۇل قىلغانلىقى -ئۇيغۇرلارنى ئاشكارە سىتىۋاتقانلىقى ئەمەس نىمە؟ بۇ "خىتاينى دۇشمەن كاتىگورىيەسىدىن چىقىرىپ تاشلىغانلىق"ئەمەسمۇ ?!
DUD Teshkilati Reisi
Mertmusa Oghli S.Haki
Diplom Arxitektur