+ Reply to Thread
Results 1 to 2 of 2

Thread: ئۇيغۇرىستاننىڭ بۇگۇنى ئوتتۇرا ئاسىيانى&#

  1. #1
    Unregistered Guest

    Exclamation ئۇيغۇرىستاننىڭ بۇگۇنى ئوتتۇرا ئاسىيانى&#

    ئۇيغۇرىستاننىڭ بۇگۇنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەتىسى-دۇنيانىڭ كەلگۇسى

    ئاۋتور : مەرتمۇسا ئوغلى سىدىقھاكى (1998 ماي)


    كىرىش سوز

    ئەنگىلىيە، روسىيە ۋە بۇگۇن ئامەرىكا باشلىق ناتو ئارمىيەسىنىڭ خىتاي ئەتراپىدىكى دولەتلەردىن ئىبارەت بۇ چەمبەردە نىمە ئۇچۇن ھەربى كۇچ تۇرغۇزۇپ كەلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندە، مۇستەقىللىق داۋايىمىزنى دىنى-ئىتىقات داۋاسى، ۋاھابىلىق داۋاسى دەپ قارىمايدىغان، خىتاي ۋە خىتايپەرەسلەرنىڭ قاپقىنىغا چۇشمەيدىغان، خىتايدىن باشقىلارغا يەنە ئۇسۇپ يۇرمەيدىغان بولىمىز. بۇ چەمبەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافغانىستان قىسىملىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يەكۇنلەشكە تىگىشلىك قانلىق ساۋاقلىرى بار... ئەپسۇسكى دۇقىسابەگچىلەر كونتىروللىقىدىكى دۇق، رفا، ئۇئائا، ۋەتىنىم.ئورگ، مائارىپ، ئىستىقلال قاتارلىق خىتاي توربەتلىرىدىنمۇ ئوتە ئۇيغۇرلارنىڭ كىرىشىنى چەكلەيدىغان توربەتلەردە ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ئىنتايىن زىيانلىق پىكىر ئىقىملىرى، خىتاي سىياسەتلىرى كەڭ-كولەمدە تەشۋىق قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار يەنە ئازدۇرۇلماقتا. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ھارپىسىنى ھىس قىلدۇرىدىغان دەرىجىدە غەيرى ئالامەتلەر كوسەتمەكتە. دۇق نىڭ „خىتاي بىرلىكى بولىمىز“، „بىز ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز“دەپ سىياسى سەھنىلەردە ئىلان قىلىۋاتقان شۇنچە ئاشكارە ساتقۇنلۇقلىرىغا قارىتا چەتەللەردىكى ئۇيغۇرلاردا سۇكۇت ھوكۇم سۇرىۋاتىدۇ. يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرى ئۇچار-قۇشلار، ئوي-ھايۋانلىرى ئالاقزادە بولۇپ تىپىرلايمىش. بۇ سۇكۇت نىمە ئۇچۇن؟ روسىيە ھەربى ئىشلار تەتقىقات خادىملىرىنىڭ خىتاينىڭ بىر تاجاۋۇز ئۇرۇشى قوزغايدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرى نىمە ئۇچۇن؟

    نەزەر بايىۋغا قارشى “ئازات پارتىيەسى”نىڭ نامايىشىدا “قازاق تۇپراقلىرىنى سىتىشقا بولمايدۇ” دىگەن شۇئارلار كوتۇرۇلدى. 13-14 ياشلىق روس قىزلىرىنىڭ كالاشنىكوپ-ئاپتۇمات بىلەن ھەربى تەلىم ئىلىۋاتقانلىقىغا دايىر سۇرەتلىك خەۋەرنىڭ يىقىندا ئىلان قىلىنىشى "خىتاي- روسىيە دوسلۇقى"، "شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئەزا دولەتلەر بىرلىكى"دىگەنلەرگە باشقا مەنا بىرىدۇ. يول ئۇستىدە مۇخبىرنىڭ “گەرمان ئەسكەرلىرى نەمە ئۇچۇن ھىندىقۇش تاغلىرىدا جان بىرىدۇ؟“ دىگەن سۇئالغا، ياۋروپا دولەتلىرىدە ئاۋام خەلق ھوكۇمەتلىرى بىلەن پاراللىل جاۋاپ بىرەلەيدۇ. خىتاي ئەتراپىدىكى چىگرالاردا ئۇلارنىڭ ئىغىر بەدەل ئوتەپ، جان بىرىشكە رازى بولۇپ ئورتاق قارارغا كەلگىنى تۇنۇگۇنلا بولغان ئىش ئەمەس.

    „سوغۇق ئۇرۇش“ دەۋرى ئاخىرلىشىپ ئامەرىكا ئىمپىرىيالىزىمىنىڭ چوكۇشى بىلەن ئاسىيا قىتەسىنىڭ شەرقىدىن قايتا باش كوتورۇپ چىققان خىتاي ئىمپىرىيالىزىمى دۇنيانىڭ كوزى تىكىلىدىغان ئەڭ موھىم تەھدىت بولۇپ قالدى.كىيىنكى بىر ئەسىر ئىچىدە غەرپنىڭ ئۇزاق شەرق – ئاسىياغا يەنى بىۋاستە خىتايغا قىلغان جازا يۇرۇشلىرى سىستىمىلىق بىر ئوخشاش رىتىمغا ئىگە ئوركىستىرنىڭ ئورۇنلىشىغا ئوخشايدۇ. ياپونىيە، روسىيەلەرنىمۇ ئوز ئىچىگە ئالغان “8 دولەت بىرلەشمە ئارمىيەسى”نىڭ خىتايغا قىلغان جازا يۇرۇشى، خىتاي كىڭەيمىچىلىك بىلەن يۇتۇۋالغان بىر-مۇنچە ئولجىلارىنى قۇستۇرۇپ چىقاردى. بۇ دۇنيادا خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن، جۇڭگونىڭ “دۇنيا مەركىزى” ئەمەسلىكىنى ئۇگەتگەن ياۋروپالىقلار خىتاي ئەركەكلىرىنىڭ ئۇزۇن ئۆيمە چىچىنى كەستۇرۇپ، ئاياللىرىنىڭ پۇتىنى بوغۇشنى چەكلىگەن ئىدى.

    بۇ جازا يۇرۇشى شان گاڭ - ئاۋمىننى گورەگە بەرگۇزدى. تەيۋەنگە ئامەرىكىنىڭ ھەربى بازا قۇرۇشى، تۇركىيەنىمۇ ئوزئىچىگە ئالغان ناتونىڭ ئۇرۇشتىن كىيىن جەنۇبى كورىيەگە ئامەرىكىنىڭ ھەربى بازا قۇرۇشى، ئۇسسۇرى دەريا چىگراسىدا سوۋىتلەر ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىغىر توقۇنۇش، چاغان توقاي سۇركۇلۇشى، مىكىماخۇن سىزىقىدىكى ھىندىستان-خىتاي ئۇرۇشىدىن تارتىپ ۋىتنام - خىتاي ئارىسىدىكى ئىغىر ئۇرۇشلار، سوغۇق ئۇرۇشتىن كىيىن ئوتتۇرا ئاسىيا دولەتلىرىدە ئامەرىكا ھەربى بازىلىرىنىڭ يىڭىدىن پەيدا بولۇشى… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دەل خىتاي ئەتراپىدىكى چەمبەر ئۇستىدە سادىر بولغان ھادىسەلەردۇر. ئالىكساندەر ماكەدونىيە(ئىسكەندەر زۇلقەرنەين)نىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغىچە داۋام قىلىپ، خىتايغا بارالماي توختاپ قالغان يۇرۇشلىرىنىڭ داۋامىدۇر!

    بۇ يۇرۇشلەر ساياھەت ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىنى قوغداش ئۇچۇن ئىلىپ بىرىلغان جازا يۇرۇشى ئىكەنلىكىنى تارىخى پاكىتلار ۋە دۇنيا ئىتىراپ قىلىپلا قالماستىن 5-ئىيۇل خىتاينىڭ ۋەھشى قىرغىنچىلىقى بۇنداق بىر يۇرۇشنىڭ دۇنيا ئۇچۇن جىددى زورۇرىيىتىنى بىلدۇرمەكتە. خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، بولۇپمۇ روسىيەگە قارشى تاجاۋۇز ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى روسىيە ھەربى ئىشلار تەتقىقات ئىنىستىتۇتى مەسۇل خادىملىرى ئوچۇق ئىلان قىلماقتا.

    ۋەتىنىم ئۇچۇن، مەلىم ئۇچۇن، جەنىم ئۇچۇن ۋە مىللىتىم ئۇچۇن دەپ ئۇرۇش قىلىشنى ھارام دەپ قارايدىغان ۋاھابىلىق 90-يىللارنىڭ بەشىدىن باشلاپ ئىسا بەگچىلەر تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنى „دىنى ئىنقىلاپ“قا ئىتتىرىپ ئازدۇرۇشقا باشلىدى. ئافغانىستان ، ئىراق ، سۇرىيەلەردە ھالاك قىلماقتا.

    ئۇرۇشنى يالغۇز بايلىق ئۇچۇن، نىفىت ئۇچۇن دەپ قاراش بىر تەرەپلىمىلىك. ئۇرۇش پىسخولوگىيەلىك ئامىلغىمۇ باغلىق. ۋىتنام، كورىيە، ئافغانىستان قاتارلىق بۇ چەمبەردىكى دولەتلەرنىڭ ھىچ-بىرىدىن نىفىت چىقمايدۇ. بۇ يۇرۇشلەرنىڭ تۇپ سەۋەبى خىتايدۇر. بۇ يۇرۇشلەرنى خىتاينىڭ دۇنياغا بولغان زوراۋانلىق- كىڭەيمىچىلىكى، تاجاۋۇزچىلىق ئەنەنىسى بەلگىلىگەن. 20 يىل بۇرۇن ئىستامبۇلدا ئىلان قىلغان بىر پارچە ماقالەمنىڭ تەمىسى: „ئۇيغۇرىستاننىڭ بۇگۇنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەتىسى“ئىدى. قازاق تۋ پروگراممىسىدىكى ھوججەتلىك فىلىم „Қауіп қайдан؟“دا قازاقىستاننىڭ بۇگۈنى قانداق بولىۋاتقانلىقى جىددى سوزلەنمەكتە.
    ______

    ئۇيغۇرىستاننىڭ بۇگۇنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەتىسى-دۇنيانىڭ كەلگۇسى

    ئاۋتور: سىدىقھاجى. مەرتمۇسا
    (دىپلۇم ئارخىتىكتۇر).
    1992. 4-دىكابىر

    ئىنسان ھەقلىرى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئوز تەقدىرىنى ئوزى بەلگىلەش مۇقەددەس ھىساپلىنىۋاتقان؛ نەچچە - ئونلىغان مىللەتلەر ۋە رايۇنلار مۇستەقىللىق ئىلان قىلغان بۇگۇنكى كۇندە، خىتاي ھوكۇمىتى ئۇيغۇرىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلىيەلەرگە مۇستەقىللىق بىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن - ئەكسىنچە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلىپ، ھورلۇك ئازاتلىق ئۇچۇن ئىلىپ بىرىۋاتقان كورەشلىرىنى قانلىق باستۇرماقتا.

    ھىندىستان، ۋىتنام ۋە دامانىسكىلاردىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇنۇشلىرىدىن كىيىن ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇرىستان ئارقىلىق پۇتۇن ئوتتۇرا ئاسىيانى بىرلەشتۇرۇشنى پىلانلاپ كەلگەن ئىدى. مانا بۇگۇن ئوزىگە ئىشىكى كەڭ ئىچىۋىتىلگەن قازاقىستان، ئۇزبەكىستان ۋە قىرغىزىستان تەۋەلىرىدە سودا – ئالاقە، بىرىش- كىلىشنى نىقاپ قىلىپ، سوغات بىرىش، يول قويۇش، توختام تۇزۇشتەك ھىلە- نەيرەڭلەر ئارقىلىق بۇ رايۇنلاردا كەڭ-كولەمدە جاسۇسلۇق ۋە ئىقتىسادى تالان-تاراج ئەلىپ بارماقتا.

    مۇستەقىللىق تويىنىڭ شىرىن ئايلىرىنى ئوتكۇزىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سابىق رىسپوبلىكىلارنىڭ دىغانچىلىق مەيدانلىرىغا چاقىرىپ كىلىنگەن خىتايلارنىڭ كوپلىگى 1950-يىللاردا ئۇيغۇر ۋەتىنىگە ئىقىپ چىققان خىتاي “ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى”نى ئەسلىتىدۇ. خىتاينىڭ سىتراتىگىيەلىك كوچمەنلەر سىياسىتى يىڭى كولونىيە –(شىن جاڭ) ئىزلىگۇچى خىتاي كوچمەنلىرىنى پۇتۇن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقى ياۋرۇپاغىچە قاراپ ئاققۇزماقتا.

    خىتاي ئۇيغۇرىستان زىمىنىدا دۇنيا ئاھالىسىنى توپلاپ قىرىدىغان ئاتوم، خىمىيەۋى ۋە بىئولوگىك قۇراللىرىنى سىناق كىلىپ ياساشنى توختاتماي ئىلىپ بەرىۋاتىدۇ. تارىختا مىلىيونلىغان جانلىرىنى قۇربان بەرىپ خىتاي ئىمپىرىيەسىنڭ دۇنياغا كىڭەيمىچىلىك تاجاۋۇزلىرىنى چەكلىگەن، خىتايغا ئوز چىگىرىسى سەددىچىننى سالدۇرۇپ، دۇنيانى خىتاي ئاپىتىدىن ساقلاپ كەلگەن ئۇيغۇر ۋەتىنى بۇگۇن خىتاينىڭ ئەسكەر توپلاپ ئوتتۇرا ئاسىياغا خوجا بولوشتىكى ئالدىنقى ئىستىكامى ۋە سەكرەش تاختىسىغا ئايلانماقتا.

    شەرقتە خىتايغىچە سوزۇلغان ئۇيغۇرىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ زىمىنى خىرىستىيان دۇنياسى ئۇچۇن ئارتۇقلۇق ھىس قىلىنىپ، جىمى دولەتلەر ئىمزا قويغان خىلسىنكى قارارلىرى ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستانغا كەلگەندە ئىشلىتىلمەيۋاتىدۇ. كىشىلىك ھوقوق، ھورلۇكتىن مەھرۇم قىلىنغان ئىرق، تىل، دىن ۋە ئورپ ئادەتلەردە خىتاي بىلەن ھىچقانداق ئورتاقلىقى يوق، جىددى بۇرۇلۇش باسقۇچىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى تارىختىكىگە ئوخشاشلا خىتاي ۋە خىتايپەرەسلەرنىڭ ھىلە-نەيرەڭلىرى ئاستىدا، خەلقارا گوروھلار بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى غەيرى ئىنسانى مەنپەئەتلىرى ئارىسىدا رەسۋالارچە ئوينالماقتا.

    ئامىرىكا باشلىق غەرپ دۇنياسىنىڭ كومۇنىزىمغا قارشى بۇيۇك سىياسىتىمۇ موسكىۋا بىلەن چەكلىنىدىغان ئادىل ئەمەس تاللاشقا دۇچار بولماقتا. دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە تارقىلىۋاتقان خىتاينىڭ جەنۇبى ئولكىلىرىدىكى زەھەرلىك چىكىملىكلەر "3-دۇنيا ئەپىيۇن ئۇرۇشى"دىن چۇچىمەيۋاتقان بىخوت دۇنيانىڭ خىتايغا نىسبەتەن رىياللىقتىن ھالقىغان ئەپسانىۋى چۇشەنچىلىرىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىم، “جۇڭ گوچە سوتسىيالىزىم”، “چىن (خىتاي) تۇركىستان ”، “خىتاي بىرلىكى - جۇڭخا فەدراتسىيونى“قاتارلىق يامان ھىلىلىرى ئارقىلىق خەلقارا قانۇن جازالىرىدىن ئوزىنى قاچۇرۇشىغا ئىمكان بەرمەكتە. خىتاينىڭ ئۇيغۇرىستانغا قارىتا شىددەت بىلەن يۇرگۇزىۋاتقان قانلىق قىرغىنچىلىغى، مىللي ئاسلىملاتسىيەسى ۋە ئىقتىسادى بۇلاڭچىلىقلىرىغا ئوڭۇشلۇق يارىتىپ بەرمەكتە.

    بىز ھەر قايسى دولەت ۋە خەلىقارا تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن، دۇنيادىكى بارلىق تىنچلىقپەرۋەر ۋە ئازاتىلىقسويەر جامائەتتىن “يەر شارىنى نۇپۇسقا قاراپ قايتا تەخسىم قىلىش“ ھەۋىسىدە مۇستەملىكە سىياسىتىدىن تىخىچە ۋازكەچمەيۋاتقان خىتاي ھوكۇمۇتىنى ئەيىپلىشىنى، ئۇنىڭغا ئۇنۇملۇك جازا تەدبىرى قوللۇنۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. 1949-يىلى خىتاي كومىنىست ئارمىيەسى تەرىپىدىن زورلۇق بىلەن بىسىۋىلىنغان ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۇچۇن مەدەت ۋە ياردەم بىرىشلىرىنى سورايمىز.

    ياشىسۇن ئۇيغۇرلار!

    (بۇ ماقالە “ئۇيغۇرىستان ۋاقىتلىق ھوكۇمىتى پروگرامىسى”رەت قىلىنىپ ئورنىغا ئىچىلغان “ئىستامبۇل 2-قۇرۇلتايى” مەئىزگىلىدە ئىلان قىلىنىپ تارقىتىلغان).

    2010. 11-ماي فرانكفۇرت م
    _______

    Qazaqistanning bugunige Nezer seling:

    www.youtube.com/watch?v=QrtcDNEyxow
    _______

    Awtor: Sidiqhaji. Mertmusa
    (Diplom Arxitektur)

    http://www.imagebam.com/image/b0dc3a540393158

    _______

    مەرتمۇسا ئوغلى س.ھاكىدىن 20 يىل كىيىن ئامەرىكا سەناتورىنىڭ ئىلان قىلىنغانلىرى

    " سېناتور ماركو رۇبىيونىڭ كەلگۈسىدىكى خىتاي-ئامىركا مۇناسىۋەتلىرىگە قارىتا تۆنۈگۈن سۆزلىگەن كۈچلۈك سىگناللىق نۇتقى :
    21-ئەسىرگە تەبىر بىرىدىغان مەركىزى مەسىلە ئامىركا قوشما شىتاتلىرى بىلەن چاينا مۇناسىۋىتى ۋە ئۇنىڭ(دۇنيانى) قايسى يۆلىنىشكە يىتەكلىشى.
    ئەگەر چاينا دۇنيانىڭ ئىقتىسادى ھاكىم كۈچىگە ئايلانسا نەتىجىدە ئۇلار دۇنيانىڭ ھەربى ھاكىم كۈچى، مالىيە ھاكىم كۈچى، كۈلتۈرەل ھاكىم كۈچىگە ئايلىنىدۇ ۋە شۇنى دەيمەنكى، بىزنىڭ سېستىمىمىزنىڭ تەقدىرى كەلگۈسىدە ھازىرقى ياشاۋاتقان رېئاللىقىمىز بىلەن ئىنتايىن پەرقلىق بولىدۇ.چاينا ھازىر قىلىۋاتقاندەك دۆلەتمۇ دۆلەت خىتاي كومنىست پارتىيىسىنىڭ ھاكىممۇتلەق ماركىسىنى ئېكىسپورت قىلىشنىڭ ئورنىغا، پۈتۈن دۇنيا تەرتىپىنى قايتا ئورنىتىش رولىغا چىقىدۇ ! ماڭقۇرتلارچە بەختكە ئورۇن قالمىدى. بىز ئەمدى روشەن پەن-تېخنىكا، ھەربى، ئىقتىسات ئويۇنلىرىغا قول قوشتۇرۇپ تۇرالمايمىز. دۇنيا تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلدى. ھەرىكەتسىزلىك چاينانىڭ ئەسىرىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاپەتلىك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ".
    .
    سەن. رۇبىئو: تھە چەنترال ئىسسۇئە تھات ۋىلل دەفىنە تھە 21ست چەنتۇري ئىس تھە رەلاتىئونشىپ بەتۋەئەن تھە ئۇنىتەد ستاتەس ئاند چىنا، ئاند ۋھىچ دىرەچتىئون ئىت ھەئادس.
    ئىف چىنا بەچومەس ۋورلدس دومىنانت ئەچونومىچ پوۋەر، تھەي ۋىلل بەچومە ۋورلد دومىنانت مىلىتاري پوۋەر، تھەي ۋىلل بەچومە ۋورلد دومىنانت فىنانچىئال پوۋەر، تھەي ۋىلل بەچومە ۋورلد دومىنانت چۇلتۇرال پوۋەر، ئاند ئى ۋىلل ساي تھە دەستىن ئوف ئوئۇر سيستەم، ۋە چان ئەخپەچت ئىن ئا فۇتۇرە سۇچ ئىس تھات، ۋىلل لوئوك مۇچ دىففەرەنت فروم تھە رەئالىتي ۋە لىۋە نوۋ.
    ئىنستەئاد ئوف ئەخپورتىڭ تھە چىنەسە چوممۇنىست پارتيس براند ئوف ئائۇتھورىتارىئانىسم چوئۇنتري بي چوئۇنتري تھەي دو نوۋ ، چىنا ۋىلل بە پوسىتىئونەد تو رەئورىئەنت تھە ئەنتىرە گلوبە ! بلىسسفۇل ئىگنورانچە ئىس نو لوڭەر ئان ئوپتىئون. ۋە چان نوت نو لوڭەر ئوۋەرلوئوك تھە ئوبۋىئوئۇس سچىئەنچە، مىلىتاري، ئەچونومىچ گامەس. تھە ۋورلد ھاس رەئاچەد تھە چروسسروئادس. ئىنابىلىتي تو ئاچت ۋىلل ئاسسۇرە تھە چىنەسە چەنتۇري تھات ۋىلل ھاۋە دىساستروئۇس چونسەقۇئەنچەس.

    ھتتپس://ت.چو/قرمزچ83ھجس ھتتپس://ت.چو/قرمزچ83ھجس

    __


    άber diese Website
    YOUTUBE.COM
    Қауіп қайдан?

  2. #2
    Unregistered Guest

    Default 30 yilliq adet- yaxshilarni Basturush

    satqunlar bu maqaleni 1992-yili chekligen. we Jelil turan DUQ ning ming nusqe bisilidighan bir Jorniligha mezkur maqaleni berip Germaniyege iwetmigen. awturning ismini Xumseliq qelip ozgertken. bisilghan Jornalning yerimidi kopini yoq qelip tashlighan.

+ Reply to Thread

Posting Permissions

  • You may post new threads
  • You may post replies
  • You may not post attachments
  • You may not edit your posts
  •