+ Reply to Thread
Results 1 to 2 of 2

Thread: ئىلمىيلىقنىڭ نورمىدىن ئېشىپ كېتىش خاتال&

  1. #1
    Orxun Oghli Guest

    Default ئىلمىيلىقنىڭ نورمىدىن ئېشىپ كېتىش خاتال&

    ئىلمىيلىقنىڭ نورمىدىن ئېشىپ كېتىش خاتالىقى

    ئورخۇن ئوغلى

    " خىتاينىڭ ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دۆلەت بخەىتەرلىكىنى قوغداش ھەققى بارمۇ؟ بار، لېكىن نوپۇسنىڭ 10%نى سولاپ قويۇش ئۇسۇلى بىلەن ئەمەس" . دېيىلگەندەك، نۇري تۈركەلنىڭ ئوسلو مۇنبىرى نۇتۇقىدىكى بۇ خىتاپتا لوگىكا جەھەتتىن ئېنىق ھالدا خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى يوللۇقلاشتۇرۇش ۋە كوپ ساندا كىشىنى سولۇۋالماسلىق شەرتى ئاستىدىكى باستۇرۇش ھەركەتلىرىنى ھەققاىيلاشتۇرۇش ئېنىقلمىسى بار. ئەگەر بۇ خىتاپ ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ياكى شۇ مىنىستىرلىكنىڭ بىر خادىمى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا ئىدى ، بۇنى بىر دىپلوماتىك خىتاپ دەپ توغرا چۈشۈنىلىشكە ۋە بۇ گەپنىڭ پېشىغا ئېسىلىۋالماسلىققا توغرا كېلەتتى. ئەمما بۇ يەردىكى خاتىپ (خىتاپ قىلغۇچى) دىپلومات ئەمەس، ئۇيغۇر پاالىيەتچى ۋە ئادۇكات؛ زىممىسىدە خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە دۆلەت مەنپەەتىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش مەجبۇرىيىتى يوق. ئەگەر بۇ تىمىدا ئېغىز ئېچىش زۆرۈر بولسا، بۇ خىتاپنىڭ توغرا شەكلى شۇ : " خىتاينىڭ ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دۆلەت بىختەرلىكىنى قوغداش ھەققى بارمۇ ؟ بار، ئەمما ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق تېرىتورىيە داىرىسىدە، ھەرگىز ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستاندا ئەمەس." نۇري تۈركەل بۇ خىتاپنى دىپلوماتىك نۇقتىدىن ئەمەس، ئىلمىيلىك نۇقتىسىدىن تاللىغان ۋە ئىلمىي يوسۇندا پىكىر قىلىش ئارقىلىق دىققەت تارتماقچى ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە كەلگەن بۇ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىدىن تولۇق ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلانماقچى بولغان بولۇشى مۈمكىن. ئەسلىدە ئېتنىك قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت بىر جىنايەتكە قىساسخور خىتاپ ۋە ھەركەتلەر بىلەن ئەمەس ، بەلكى ئوسلو مۇنبىرىدەك بىر سورۇندا پىكىر بايان قىلىش شەكلىدە ئىنكاس قايتۇرۇنىڭ ئۆزى يېتەرلىك دەرىجىدىكى ئىلمىيلىق ئىدى. نۇتۇقتا خىتاينىڭ مۇستەملىكىچى بىر كۈچ ئىكەنلىكى ۋە دۆلەت تېرورىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئوچۇق تىلغا ئېلىنماسلىقنىڭ ئۆزى، ئىلمىيلىق چىگرالىرىنى قىستىسىمۇ ، ئورنىغا ۋە مۇخاتابىغا قاراپ گەپ قىلىش ئىلمىيلىقى ئىدى. ئەمما ئىلمىيلىك تىرىشچانلىقىنىڭ خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىشى، ئىلمىيلىقنىڭ نورمىدىن ئېشىپ كېتىش خاتالىقىدۇر . ئوخشاش خاتالىق : " ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىقنى خالامدۇ" دېگەن سوئالغا " شۇنداق ، ئۈتمۈشتىمۇ ۋە بۈگۈنمۇ " دەپ جاۋاپ بېرىشنىڭ ئورنىغا ئۇزۇندىن ئۇزۇن گەپ ئوينىتىشلار ۋە "سىياسىي ئاپتونومىيە" دېگەندەك ئارغامچا گەپلەر بىلەن جاۋاپ بەرگەندىمۇ يۈز بەرگەن.
    يۇقارقى ئىلمىيلىقنى نورمىدىن ئاشۇرىۋېتىش خاتالىقى، نۇتۇقنىڭ ئومۇمى ئۇتۇقىنى بېسىپ چۈشەمدۇ؟ مەنچە ياق، چۈنكى خاتالىق سادىر بولغان نۇقتا نۇتۇقنىڭ ئاساسى تىمىسى ئەمەس؛ داۋاغا چوڭ زىيانلارنى ئېلىپ كېلەمدۇ؟ ئوخشاشلا ياق، چۈنكى سەھنە شەرقى تۈركىستاننىڭ تەقدىرى ھەققىدە قارار چىقىرىدىغان ۋە ياكى تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر سەھنە ئەمەس؛ ئەمما خاتالىق تۈزۈتىلمىسە، ئەندشىە قىلىنىۋاتقان ئاقىۋەت ۋە جىنايەتلەرنىڭ ھەممىسىگە يول ئاچىدۇ. داۋا سېپىمىزدە خەلقارا سەھنىلەردە چەتئەل تىللىرىدا راۋان سۆزلىيەلەيدىغان ئادەملىرىمىزنىڭ سانى چەكلىك؛ شۇڭا پاالىيەتچىلىرىمىزنىڭ ۋە مىللىتىمىزگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىۋاتقانلارنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدىكى، قەستەنلىكتىن خالىي خاتالىقلىرىغا كۆز يۇمۇش ۋە ئۇتۇقلىرىنى كۆپرەك كۆرۈش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش مەجبۇرىيىتىمىز بار؛ ئەمما بىر شەرت بىلەن : ئۇلار داۋادىكى قىزىل سىزىقلاردىن ئاتالپ كەتمەسلىكى كېرەك: خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ قانۇنسىزلىقى ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ سىياسىي غايىسىنىڭ مۇستەقىللىق ئىكەنلىكى، ئاتلاشقا(ئىنكار قىلىشقا)بولمايدىغان قىزىل سىزىقلاردۇر.

  2. #2
    Unregistered Guest

    Default بۇلاربىڭ باش قۇماندانى قارا خىتاي قۇربان

    Quote Originally Posted by Orxun Oghli View Post

    ئورخۇن ئوغلى ئەپەندى، ئورخۇن دادىڭىزمۇ؟ "دىپلوماتىيە"چە دۇنيانىڭ پىرىزدىنتى سەۋىيەسىدە قۇرۇق گەپ ساتماي"دۇق دىكى خىيانەتچى، ئوغرى، قويمۇچى، ساتقۇن قاتىللار" ھەققىدە سوزلەپ باقالمىدىڭىز. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئەمەسمۇ سىز؟
    سىلىق-سىپايە ئەدىبىيات بىلەن يازغانلىڭىز ئەشەددى ساتقۇن نۇرىتۇركەلنى تەنقىت قەلىش نىقاۋىدا -قوغداشتۇر. ئىنكاسىم نەمە ئۇچۇن كەسىپ تاشلاندى؟ ئوقۇرمەنلەرنىڭ باھاسىغا ھاۋالە قىلىمەن.
    ئەركەكمۇ سىز؟ ئۇنداقتا ماڭا ئوخشاش دادىڭىزنىڭ ئىسمىنى يىزىڭ.

    مەرتمۇسا ئوغلى يازدى

    ئورخۇن ئوغلى ependi,ئورخۇن dadingizmu? "Diplomatiye"che Dunyaning Pirizdinti sewiyeside quruq Gep satmay"DUQ diki xiyanetchi, Oghri, qoymuchi, Satqun qatillar" heqqide sozlep baqalmidingiz. ularning ichidiki birsi emesmu siz?
    siliq-sipaye Edibiyat bilen yazghan tenqidingiiz Esheddi satqun Nuriturkelni Tenqit qelish Niqawida -Qoghdashtur. Inkasim neme uchun kesip tashlandi? oqurmenlerning Bahasigha Hawale qilimen.

    Mertmusa Oghli yazdi

+ Reply to Thread

Posting Permissions

  • You may post new threads
  • You may post replies
  • You may not post attachments
  • You may not edit your posts
  •