+ Reply to Thread
Page 1 of 2 12 LastLast
Results 1 to 10 of 19

Thread: ئۇيغۇر ۋە شەرقى تۇركىستان ناملىرى قاچاند

  1. #1
    Elyuksel Guest

    Post ئۇيغۇر ۋە شەرقى تۇركىستان ناملىرى قاچاند

    ئۇيغۇر ۋە شەرقى تۇركىستان ناملىرى قاچاندىن بېرى ئىشلىتىلگەن ؟



    ئېلتىرىش


    ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆچكۈندە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئىسمى بولغان شەرقى تۈركىستان، دۆلەت بايرىقى، مىللى كىملىك ھەققىدە ئاساسەن بىرلىك بولسىمۇ، قىسمەن ئادەملەردە يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامغا ۋە تۈركلۈككە باغلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان، شۇ نۇقتىدىن ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتەن داۋاسىنى ئۇيغۇر نامىدا ئېلىپ مېڭىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئەھۋاللار بار. ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنى بۈيۈك ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بەكرەك تەكىتلەيدىغان بەزى ئادەملەردە بولسا ئۇيغۇرلارنى ئامال بار شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتاپ ئۇيغۇر نامىنى چەتكە قاقىدىغان خاھىشلار مەۋجۇت. ئۇيغۇرلار ئۆز مىللى كىملىكىمىزنى بىر پۈتۈن ھالەتتە تونۇشقا ۋە تونۇتۇشقا مۇھتاج بولىۋاتقان پەيتلەردە ئۇيغۇرلانىڭ ئارىسىدا ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان تارىخ ھەققىدىكى بەزى مۇجىمەللىكلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش زۆرۈرىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ۋە شەرقى تۈركىستان ناملىرىنىڭ زادى قاچاندىن بېرى ئىشلىتىلگەنلىكى ھەققىدىكى بەزى پاكىتلارنى بىلدۈرۈشنى لايىق كۆردۇق.


    ئۇيغۇرلار


    خىتاينىڭ رەسمى تەشۋىقاتلىرى ۋە سىياسى تارىخ ماتېرىياللىرىدا ئۇيغۇر دېگەن نامنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن باشلاپ خىتاي تارىخىدا كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقى ۋە 7-ئەسىردىن باشلار سىياسى سەھنىلەردە يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن تارىخىنى پەقەت ئۇيغۇر دېگەن نام ئاستىدىنلا ئىزدەش ئۇيغۇر تارىخنى تار دائىرىدىلا چەكلەپ قويىدۇ.

    گابائىن ( 1901-1993) خانىمنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، تارىم ۋادىسىدا مىلادىدىن 500 يىل بۇرۇنلا ئۇيغۇر نامىدا دۆلەت بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ بۇ قارىشىنى پتولمېنىڭ جۇغراپىيە دېگەن ئەسىرىدە بايان قىلىنغان سېرىسلىقلار ( يېپەك ئېلى) ھەققىدىكى قاراشلىرى قۇۋۋەتلەيدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردە ياشىغان پتولمې ئۆزىنىڭ جۇغراپىيە دېگەن مەشھۇر ئەسىرىدە تارىم ۋادىسىنى سېرىس ( يېپەك ئېلى) دەپ ئاتايدۇ ۋە شۇنداقلا يەرلىك خەلقنىڭ ئۆزلىرىنى شۇ يەردىكى دەريانىڭ ئىسمى بىلەن ئۇيغۇر دەپ ئاتايدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ( پتولمې ئۇيغۇر مەملىكىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان دەريانىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرداش دەرياسى دەيدۇ).

    1930 -يىللاردا چۆچەكتە ياشاپ ئۆتكەن تارىخچى ۋە ئالىم مۇراد رەمزى ( مۇراد ئەپەندى)نىڭ تەلفىقۇل ئەخبار دېگەن ئەسىرىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى رىۋايەتلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ “ چوڭ كۆچۈشتىن كېيىن شەرقى تۈركىستاندا قالغان ئاھالىلەر 19 قەبىلە بولۇپ، 10 دەريا ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقانلىرى 10 ئۇيغۇر، 9 دەريا بويىدا ئولتۇراقلاشقانلىرى 9 ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان. ئارىدىن نەچچە يۈز يىللار ئۆتكەندىن كېيىن 10 ئۇيغۇر بىلەن 9 ئۇيغۇر بىرلىشىپ بىر دۆلەت بولغان ۋە ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان. بۇلارنى تۇنجى بولۇپ بىرلەشتۈرگەن كىشى قاراخان دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىت زامانىمىزدىن ( 1930-يىللار) 4895 يىل بۇرۇنقى چاغ ئىدى ” دەيدۇ.

    خىتايلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى پۈتۈكلىرىدە خىتاينىڭ غەربى شىمالىدىكى ئەڭ كۇچلۇك قوشنىسى گۇيفاڭ دەپ ئاتالغان بولۇپ، خۇاڭدى دەۋرىگىچە يېتىپ بارىدىغانلىقى ئېيتىلىدۇ. تارىخچىلار گۇيفاڭ دېگەن ئىسىمنى قەدىمكى ھۇنلارنى ئالۋاستىدەك قورقۇنۇچلۇق قىلىپ شۇنداق تەسۋىرلىگەن دەپ پەرەز قىلىشقان بولسىمۇ، خىتاينىڭ چىغىناق - تاغاق يېزىقلىرىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق مۇتەخەسىسى ۋە تارىخچى چيەن بوچيەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ “ شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى” دېگەن ئەسىرىدە ئېنىق قىلى گۇي( 鬼 ) دېگەن خەتنىڭ 4000 يىل بۇرۇنقى ئوقۇلۇشىنىڭ ئۇگۇر ياكى ئۇغۇر ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دېگەن سۆزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى خاتىرىلىنىشى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىدۇ.

    غەربلىك تۈركشۇناسلارنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇر دېگەن نام ئارىيانلار ياۋرۇپاغاكۆچۈشتىن خېلى بۇرۇنلار ياۋرۇپادا كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ ئەڭ كېچىككەندىمۇ مىلادىدىن 1000 يىللار بۇرۇن ئۇيغۇر دېگەن نام ياۋرۇپادا بولغان. مىلادىدىن 700 يىل بۇرۇن تارىم ۋادىسىدىن كۆچكەن بىر بۆلۈك ئىنسان ھۇنگىرىيەنىڭ كارپات ئويمانلىقىغا بېرىپ جايلاشقان ۋە بۈگۈنكى ھۇنگىرىيە (ۋىنگىرىيە) دېگەن دۆلەتنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان. 5- ئەسىردە ئاتىللا باشچىلىقىدا ياۋرۇپاغا بېسىپ كىرگەن ھۇنلارنى ياۋرۇپالىقلار ئونۇيغۇر دەپ خاتىرىلىگەن بولسا، بۇ قوشۇنلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىدا كىرگەنلىرىنى قۇتۇيغۇر، ئوتۇيغۇر، سارۇغۇر دېگەن ناملار بىلەن قەلەمگە ئالغان.

    گەرچە يۇنان، ئىران ، ھىندى مەنبەلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى تۇران دەپ ئاتىغان زېمىندىكى خەلق ساكلار دېگەن نام بىلەن ماشھۇر بولغان بولسىمۇ، شۇ زور ساك ئىمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۈمران ئۇرۇغى ئۇيغۇر دەپ ئاتالغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلار پەخىرلىنىپ تىلغان ئالىدىغان ئەفراسىياپ ( ئالپ ئەرتۇڭا) ۋە تۇمارىس بۈيۈك ساكلار ياكى تۇرانلارنىڭ خاقانلىرى ھېساپلىنىدۇ.

    بېرىتانىيە تارىخچىسى جېمىس چۇرچۋاردنىڭ مۇ قۇرۇقلۇقى ھەققىدىكى بىر يۈرۈش ئەسەرلىرىگە قارىغاندا ئۇيغۇر دېگەن نام تېنچ ئوكياندىن سكاندىنوۋىيەگىچە سوزۇلغان ئىمپىرىيەنىڭ نامى بولۇپ بۈيۈك ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسى دەپ ئاتالغان. بۇ ئىمپىرىيە 20 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى تەبىئى ئاپەتتە ۋەيران بولغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار تېنچ ئوكيانغا چۆكۈپ كەتكەن مۇ قۇرۇقلۇقىدا ياشىغان 10 ئاساسلىق مىللەتنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى بولغان. جېمىس چۇرچىۋاردنىڭ نەۋرىسى جەك چۇرچۋارد ئەپەندى ناسانىڭ بوشلۇق قوراللىرى مۇتەخەسىسى ۋە تونۇلغان تارىخچى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەۋرەنمەس قوللىغۇچىسى. ئۇ گەرچە بوۋىسىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئېيتىلغان رىۋايەتلەردىكى تارىخلارغا تەنقىدى نەزەر بىلەن قارىسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋرۇپغا زور تەسىر كۆرسەتكەن قەدىمى مەدىنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىدۇ ۋە بۇ مىللەتنى قوغداپ قېلىشنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك نىشانى قىلغان.

    17-ئەسىردە ياشىغان خىۋە خانلىقىنىڭ پادىشاھى ئوبۇلغازى باھادىرخان ئۆزىنىڭ “تۈركلەر شەجەرىسى” دېگەن ئەسىرىدە ئۇيغۇرلارنى يۈكسەك سۆيگۈ بىلەن تىلغا ئالغان ۋە شۇ قەدىمكى خەلقنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى يازغان. بۇ ئەسەردە يەنە خارازىم ۋە خۇراساندا كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

    سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئاشكارىلانغان ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، 20 -ئەسىرنىڭ بېشىدا ئېلىپ بېرىلغان رۇس تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىلىرىغا ئاساسەن ئۆزبەكلەرنىڭ 92 قەبىلىسى بولۇپ، 90 % ئاھالە ئۇيغۇر ۋە قارلۇق دېگەن ئىككى قەبىلىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

    گەرچە 20 -ئەسىرنىڭ بېشىغا كەلگەندە شەرقى ۋە غەربى تۈركىستانغا تارقالغان ئۇيغۇرلار بىر پۈتۈن مىللەت نامى بىلەن ئۇيغۇر دەپ ئاتالمىغان بولسىمۇ ئۇيغۇر دېگەن نام ھېچقانچان يوقىلىپ كەتكەن ئەمەس. يەنە بىر مەسىلە، غەربى تۇركىستاندىكى ( ئۆزبەكىستان قاتارلىق يەرلەردىكى) ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى گەرچە قەشقەر رايۇنىدىن پەرغانە ۋادىسىغا كۆچكەنلەرنىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ كۆپىنچىسى ئەسلىدىن شۇ يەردە ياشىغان ئەمما كېيىنكى مىللى كىملىك بېكىتىشتە ئۆزبەك كىملىكى ئاستىغا ئۆتمەي ساقلىنىپ قالغانلاردۇر. يەتتىسۇ ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى ئىلى تەرەپتىن كۆچۈپ ئوتكەنلەر بولماستىن كۆپ قىسمى ئەزەلدىن شۇ يەردە ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادىدۇر. رۇسلار 19 -ئەسىردە مانچۇ ئىمپىرىيىسىدىن كېلىشىم ئارقىلىق كېسىۋالغان 500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر يەتتىسۇ زېمىنىدا ئۇيغۇرلارمۇ شۇ زېمىن بىلەن رۇسلار ئىشغالىيىتگە ئۆتۈپ كەتكەن.


    شەرقى تۈركىستان


    شەرقى تۈركىستان دېگەن ئىسىمغا نىسبەتەن خىتاي پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنىڭ پەقەت جۇغراپىيەلىك نام ئىكەنلىكىنى، سىياسى مەنىنى ياكى بىرەر تېرىتورىيەنى بىلدۈرمەيدىغانلىقنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە. شەرقى تۈركىستان بۇ نام سىياسى جىنايەتكە باغلانغان ھالدىكى چەكلەنگەن ئىسىم. يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي شەرقى تۈركىستان دېگان نامنى يوشۇرالمايدىغان ھالغا كەلگەچكە ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تېررورىزم ۋە پانتۈركىزم بىلەن باغلاپ ئۇيغۇرلارغا ئاساسسىز جىنايەت ئارتىپ كەلمەكتە.

    خىتاينىڭ داڭلىق تارىخچىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى مۇتەخەسىسى ۋاڭ جىلەي « ئاتالمىش ‘تۈركىستان’ ھەققىدە » دېگەن ئەسىرىدە تۈركىستان دېگەن نامنىڭ پەقەت تارىخى بىر نام ئىكەنلىكىنى، بۇ نامنى غەرپلىلەرنىڭ خاتا قوللانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇ تىلغا ئالغان مەلۇماتلاردىن بۇ زېمىننىڭ مىڭ يىل بۇرۇنلا تۈركىستان دەپ ئاتالغانلىقىنى كۆرگىلى ، 1805- يىلىلا شەرقى تۈركىستان دەپ ئاتالغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.

    دۇنيا تارىخىدىكى قىممەتلىك ئەسەر ھېساپلانغان ھۇدۇدۇل ئالەم دېگەن كىتاپ مىڭ يىل ئىلگىرى يېزىلغان بولۇپ، گەرچە خەرىتىلەر بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ تۈركىستان دېگەن ئىسىمنىڭ شۇ چاغدىلا بىر تېررىتورىيەنى بىلدۈرىدىغان ئىسىم ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. 18- ۋە 19-ئەسىردە ئاسىيا خەرىتىسنى سىزغان ياۋرۇپالىق ئالىملار تۈركىستان دېگەن ئىسىمنى ھەرگىزمۇ ئۆزلىرى خالىغانچە قويىۋالغان بولماستىن تارىخى ۋە ئىلمى پاكىتلار ئارقىلىق بېكىتىپ چىققان.

    فرانسوز تارىخچىسى بۇففىېر كلائۇدې (1671-1737) سىزغان، 1790-يىلى ئېلان قىلىنغان ئاسىيا خەرىتىسىگە ئاساسلانغاندا ۋەتىنىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇركىستان ( Turkuestan) دېگەن خەتلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ غەرپ مەنبەلىرىدە تۈركىستان دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئىشلىتىلىشى بولۇشى مۇمكىن. ئۇندىن بۇرۇنقى خەرىتىلەردە كىچىك بۇخارا دەپ ئېلىنغان.

    1805 -يىلى رۇسىيە تەرىپدىن خىتايغا ئەۋەتىلگەن تىمكوۋىسكي “ خىتايغا ئەلچىلىكە بەرىشقا بېرىشقا دائىر ئەھۋاللار” ناملىق كىتاۋىدا شەرقى تۈركىستان ئاتالغۇىسنى ئىشلەتكەن.

    داڭلىق گېرمان جۇغراپىيەشۇناسى فېردىناند فرايھېر فون رىچتوفېن (1833-1905) ئۆزىنىڭ شەرقى تۈركىستان دېگەن ئەسىرىدە شىمالدا ئالتاي تاغلىرىدىن جەنۇپتا تىبەت ئىگىزلىكىگىچە ، غەپتە پامىردىن شەرقتە چىڭغەي ئىگىزلىكىگىچە بولغان زېمىننى شەرقى تۈركىستان دەپ ئېنىق كۆرسەتكەن.

    چاررۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيانى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئۆز ئىشغالىيىتىدىكى زېمىنلارنى ئەسلى نامى بىلەن تۈركىستان دەپ ئاتاپ گۇبېرناتورلۇق ياكى ۋالىلىق تەسىس قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ غەربى تۈركىستان زېمىنى يەنىلا تۈركىستان ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى بولغان. 1924-يىلى مىللى تەركىپلەرنى ئايرىش يىغىنى ئارقىلىق تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 6 بۆلەككە پارچىلىنىپ تۈركى مىللەتلەرنىڭ نامىدا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان ۋە تۈركىستان ئاتالغۇسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

    1933 -يىلى ۋە 1944-يىللىرى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان دۆلەت ئاتىلىرى شەرقى تۈركىستان دېگەن نامنى قوللىنىشتا تارىخى ۋە ئىلمى پاكىتلارنى ئاساس قىلغان، ھەرگىزمۇ ئۆزى خالىغانچە ئىسىم قويۇۋالغان ئەمەس.


    مەكلىن، ۋىرجىنىيە 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى

    (ئۇلىنىشتا سەئىدىيە خاندانلىقى ۋە قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ بايراقلىرى بېرىلدى )


    https://wetinim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=3286

  2. #2
    Elyuksel Guest

    Post Uyghur we Sherqi Turkistan Namliri Qachandin Béri Ishlitilgen ?

    Uyghur we Sherqi Turkistan Namliri Qachandin Béri Ishlitilgen ?


    Éltirish

    Hazir dunyaning herqaysi jaylirida köchkünde yashawatqan Uyghurlar arisida öz wetinining ismi bolghan Sherqi Türkistan, dölet bayriqi, milli kimlik heqqide asasen birlik bolsimu, qismen ademlerde yenila Uyghurlarning Islamgha we Türklükke baghlinip qélishidin ensireydighan, shu nuqtidin Uyghurlarni we ularning weten dawasini Uyghur namida élip méngishni teshebbus qilidighan ehwallar bar. Eksiche Uyghurlarni büyük Islam dunyasining bir qismi ikenlikini bekrek tekitleydighan bezi ademlerde bolsa Uyghurlarni amal bar Sherqi Türkistan musulmanliri dégendek namlar bilen atap Uyghur namini chetke qaqidighan xahishlar mewjut. Uyghurlar öz milli kimlikimizni bir pütün halette tonushqa we tonutushqa muhtaj boliwatqan peytlerde Uyghurlaning arisida omumiyüzlük mewjut bolup turiwatqan tarix heqqidiki bezi mujimelliklerni aydinglashturush zörüriyiti bilen Uyghur we Sherqi Türkistan namlirining zadi qachandin béri ishlitilgenliki heqqidiki bezi pakitlarni bildürüshni layiq körduq.


    Uyghurlar

    Xitayning resmi teshwiqatliri we siyasi tarix matériyallirida Uyghur dégen namning miladidin burunqi 3-esirdin bashlap Xitay tarixida körülüshke bashlighanliqi we 7-esirdin bashlar siyasi sehnilerde yétekchilik rolini oynighanliqi éytilidu. Uyghurlarning bir pütün tarixini peqet Uyghur dégen nam astidinla izdesh Uyghur tarixni tar da’iridila cheklep qoyidu.

    Gaba’in ( 1901-1993) xanimning melumatigha qarighanda, Tarim wadisida miladidin 500 yil burunla Uyghur namida dölet bolghan iken, uning bu qarishini Ptolméning Jughrapiye dégen esiride bayan qilin’ghan Sérisliqlar ( Yépek Éli) heqqidiki qarashliri quwwetleydu. Miladidin burunqi 2-esirde yashighan Ptolmé özining Jughrapiye dégen meshhur esiride Tarim wadisini Séris ( Yépek Éli) dep ataydu we shundaqla yerlik xelqning özlirini shu yerdiki deryaning ismi bilen Uyghur dep ataydighanliqini qeyt qilidu( Ptolmé Uyghur memlikitining otturisidin éqip ötidighan deryaning ismini Uyghurdash deryasi deydu).

    1930 -yillarda chöchekte yashap ötken tarixchi we alim Murad Remzi ( Murad Ependi)ning Telfiqul Exbar dégen esiride Uyghurlar heqqidiki riwayetlerdin neqil keltürüp “ chong köchüshtin kéyin Sherqi Türkistanda qalghan ahaliler 19 qebile bolup, 10 derya etrapida olturaqlashqanliri 10 Uyghur, 9 derya boyida olturaqlashqanliri 9 Uyghur dep atalghan. Aridin nechche yüz yillar ötkendin kéyin 10 Uyghur bilen 9 Uyghur birliship bir dölet bolghan we Uyghur dep atalghan. Bularni tunji bolup birleshtürgen kishi Qaraxan dep atalghan bolup, u waqit zamanimizdin ( 1930-yillar) 4895 yil burunqi chagh idi ” deydu.

    Xitaylarning eng qedimki pütükliride Xitayning gherbi shimalidiki eng kuchluk qoshnisi Guifang dep atalghan bolup, Huangdi dewrigiche yétip baridighanliqi éytilidu. Tarixchilar Guifang dégen isimni qedimki Hunlarni alwastidek qorqunuchluq qilip shundaq teswirligen dep perez qilishqan bolsimu Xitayning chighinaq - taghaq yéziqlirining eng nopuzluq mutexesisi we tarixchi Qian Boqian ependi özining “ Xinjiangdiki milletlerning qisqiche tarixi” dégen esiride éniq qili Gui( 鬼 ) dégen xetning 4000 yil burunqi oqulushining Ugur yaki Ughur ikenlikini, uning Uyghur dégen sözning eng deslepki xatirilinishi bolushi mumkinlikini éytidu.

    Gherblik Türkshunaslarning tetqiqatlirigha asasen Uyghur dégen nam Ariyanlar Yawrupagha köchüshtin xéli burunlar Yawrupada körülüshke bashlighan bolup eng kéchikkendimu miladidin 1000 yillar burun Uyghur dégen nam Yawrupada bolghan. Miladidin 700 yil burun Tarim wadisidin köchken bir bölük insan Hungiriyening Karpat oymanliqigha bérip jaylashqan we bügünki Hungary dégen döletning asasi bolup qalghan. 5- Esirde Atilla bashchiliqida Yawrupagha bésip kirgen Hunlarni Yawrupaliqlar Onuyghur dep xatiriligen bolsa, bu qoshunlarning ichidiki eng aldida kirgenlirini Qutuyghur, Otuyghur, Sarughur dégen namlar bilen qelemge alghan.

    Gerche Yunan, Iran , Hindi menbeliride Uyghurlarning ejdadliri Turan dep atighan zémindiki xelq Saklar dégen nam bilen mashhur bolghan bolsimu, shu zor Sak impiriyisining hökümran urughi Uyghur dep atalghanliqi melum. Uyghurlar pexirlinip tilghan alidighan Efrasiyap ( Alp Ertunga) we Tumaris büyük Saklar yaki Turanlarning xaqanliri hésaplinidu.

    Béritaniye tarixchisi James Churchward’ning Mu Quruqluqi heqqidiki bir yürüsh eserlirige qarighanda Uyghur dégen nam ténch okyandin Skandinowiyegiche sozulghan impiriyening nami bolup Büyük Uyghur Impiriyisi dep atalghan. Bu impiriye 20 ming yillar ilgiriki tebi’i apette weyran bolghan bolup, Uyghurlar ténch okyan’gha chöküp ketken Mu quruqluqida yashighan 10 asasliq milletning ichidiki eng chongi bolghan. James Churchiward’ning newrisi Jack Churchward ependi NASA’ning boshluq qoralliri mutexesisi we tonulghan tarixchi bolup, Uyghurlarning tewrenmes qollighuchisi. U gerche bowisining eserliride éytilghan riwayetlerdiki tarixlargha tenqidi nezer bilen qarisimu Uyghurlarning Asiya we Yawrupgha zor tesir körsetken qedimi mediniyetlik millet ikenlikige sheksiz ishinidu we bu milletni qoghdap qélishni özining ömürlük nishani qilghan.

    17-esirde yashighan Xiwe Xanliqining padishahi Obulghazi Bahadirxan özining “Türkler Shejerisi” dégen esiride Uyghurlarni yüksek söygü bilen tilgha alghan we shu qedimki xelqning ewladi bolghanliqidin pexirlinidighanliqini yazghan. Bu eserde yene Xarazim we Xurasanda köp sanda Uyghurlarning yashighanliqini tilgha alghan.

    Sovét Ittipaqi parchilan’ghandin kéyin ashkarilan’ghan matériyallardin melum bolushiche , 20 -esirning béshida élip bérilghan Rus tetqiqatchilirining istatistikilrigha asasen Özbeklerning 92 qebilisi bolup, 90 % ahale Uyghur we Qarluq dégen ikki qebilige mensup ikenliki körsitilgen.

    Gerche 20 -esirning béshigha kelgende Sherqi we Gherbi Türkistan’gha tarqalghan Uyghurlar bir pütün millet nami bilen Uyghur dep atalmighan bolsimu Uyghur dégen nam héchqanchan yoqilip ketken emes. Yene bir mesile, Gherbi Turkistandiki ( Özbekistan qatarliq yerlerdiki) Uyghurlarning bir qismi gerche Qeshqer rayunidin Perghane wadisigha köchkenlerning ewladi bolsimu köpinchisi eslidin shu yerde yashighan emma kéyinki milli kimlik békitishte Özbek kimliki astigha ötmey saqlinip qalghanlardur. Yettisu wadisidiki Uyghurlarning hemmisi Ili tereptin köchüp otkenler bolmastin köp qismi ezeldin shu yerde yashighan Uyghurlarning ewladidur. Ruslar 19 -esirde Manju impiriyisidin kélishim arqiliq késiwalghan 500 ming kwadrat kilométir yettisu zéminida Uyghurlarmu shu zémin bilen Ruslar ishghaliyitge ötüp ketken.


    Sherqi Türkistan

    Sherqi Türkistan dégen isimgha nisbeten Xitay pütün küchi bilen uning peqet jughrapiyelik nam ikenlikini, siyasi menini yaki birer téritoriyeni bildürmeydighanliqni küchep teshwiq qilip kelmekte. Sherqi Türkistan bu nam siyasi jinayetke baghlan’ghan haldiki cheklen’gen isim. Yéqinqi yillardin béri Xitay Sherqi Türkistan dégan namni yoshuralmaydighan halgha kelgechke uni pütün küchi bilen terrorizm we Pantürkizm bilen baghlap Uyghurlargha asassiz jinayet artip kelmekte.

    Xiatyning dangliq tarixchisi we Ottura Asiya tarixi mutexesisi Wang Jiley “ Atalmish ‘Türkistan’ Heqqide” dégen esiride Türkistan dégen namning peqet tarixi bir nam ikenlikini, bu namni Gherplilerning xata qollan’ghanliqini chüshendürüshke tirishqan bolsimu, u tilgha alghan melumatlardin bu zéminning ming yil burunla Türkistan dep atalghanliqini körgili , 1805 - yilila Sherqi Türkistan dep atalghanliqini we uning Xitay teripidin bésiwélinghan ikenlikini bilgili bolidu.

    Dunya tarixidiki qimmetlik eser hésaplan’ghan Hududul Alem dégen kitap ming yil ilgiri yézilghan bolup, gerche xeritiler bizgiche yétip kélemigen bolsimu Türkistan dégen isimning shu chaghdila bir térritoriyeni bildüridighan isim ikenlikini körgili bolidu. 18- we 19-esirde Asiya xeritisni sizghan Yawrupaliq alimlar Türkistan dégen isimni hergizmu özliri xalighanche qoyiwalghan bolmastin tarixi we ilmi pakitlar arqiliq békitip chiqqan.

    Fransoz tarixchisi Buffier Claude (1671-1737) sizghan, 1790-yili élan qilin’ghan Asia Xeritisige asaslan’ghanda wetinimizning üstide Turkestan ( Turquestan) dégen xetlerni
    körgili bolidu. Bu gherp menbeliride Türkistan dégen atalghuning eng burunqi ishlitilishi bolushi mumkin. Undin burunqi xeritilerde Kichik Buxara dep élin’ghan.

    1805 -yili Rusiye teripdin Xitaygha ewetilgen Timkowisky “ Xitaygha elchilike berishqa bérishqa da’ir ehwallar” namliq kitawida Sherqi Türkistan atalghusini ishletken.

    Dangliq German jughrapiyeshunasi Ferdinand Freiherr von Richthofen (1833-1905) özining Sherqi Türkistan dégen esiride shimalda Altay taghliridin jenupta Tibet igizlikigiche , Ghepte Pamirdin sherqte Chinghey igizlikigiche bolghan zéminni Sherqi Türkistan dep éniq körsetken.

    Charrusiye ottura asiyani bésiwalghandin kéyin öz ishghaliyitidiki zéminlarni esli nami bilen Türkestan dep atap gubérnatorluq yaki waliliq tesis qilghan. Sovét Ittipaqi qurulghandin kéyinmu Gherbi Türkistan zémini yenila Türkistan aptonum jumhuriyiti bolghan. 1924-yili milli terkiplerni ayrish yighini arqiliq Türkistan jumhuriyiti 6 bölekke parchilinip Türki milletlerning namida jumhuriyet qurulghan we Türkistan atalghusini emeldin qaldurghan.

    1933 -yili we 1944-yilliri ikki jumhuriyetni qurghan dölet atiliri Sherqi Türkistan dégen namni qollinishta tarixi we ilmi pakitlarni asas qilghan, hergizmu özi xalighanche isim qoyuwalghan emes.


    McLean, Virginia 2019-yili 5-ayning 29-küni


    https://wetinim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=3286


    ( Se’idiye Xandanliqi 1514-1695)




    Qeshqeriye Döliti (1865-1877) Yaqub Beg Hakimiyiti
    ( image by Chrystian Kretowicz, 24 July 2009)




    (Qoqan Xanliqi 1709-1876)
    ( image by Chrystian Kretowicz, 24 July 2009)



    (Shengshisey Hakimiyiti 1933-1942)
    (image by Ivan Sache)

  3. #3
    Unregistered Guest

    Default Rehmet

    Rehmet emgilinglargha.

  4. #4
    Unregistered Guest

    Default

    Obdan maqaliken!

  5. #5
    Unregistered Guest

    Default

    Bayraqlar chiqmaptighu?

  6. #6
    Unregistered Guest

    Cool شەرقى تۇركىستان" ئاتالغۇسى ئۇچۇن تارىخت&#

    ئىزدەش ئۇيغۇرلارنى كىملىكىدىن قۇرۇتۇپ يوقۇتۇش - ئۇيغۇر دىگەن ئىسمىنى يوقۇتۇش بىلەن باشلىنىدۇ. "ئۇيغۇرىستانمۇ ياكى شەرقى تۇركىستانمۇ؟" ناملىق ئىلمى ماقالە يازغان مەرھۇم ھاشىر ۋاھىدىنى موشۇ ئىسابەگچى ساتقۇنلار "قەلەمكەش زىيانلىلار" ئۇرۇپ ئولتۇردى. مەنىڭ كەبى يۇزلەرچە ئۇيغۇرنى 25 يىلدىن بىرى ھاقارەت، توھمەت قەلىپ ، ئولۇم بىلەن تەھدىت قەلىۋاتقان ئەبلەخلەر موشۇ "قەلەمكەشلەر". تەشكىلاتىمىز "دۇد"نىڭ توربەت ئادرەسى ئۇئائا دا چىقماس قەلىپ قويۇلغان- بۇ ھەممىنى چۇشەندۇرىدۇ.

    نوۋەتتە ئۇيغۇرلار "دوغۇ(شەرقى)تۇركىستان" دىگەن سوزنىڭ زامان ئىتىۋارى بىلەن خاتا ئاتالغۇ ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتىرىۋاتقان پەيتتە، يەنە موشۇ "ئوردا قەلەمكەشلەرى قارا خىتاي قۇربان ۋەلى، ئابلىكىم باقى، پەرات مەمەت(ئالتىدەنبىر، يورۇڭقاش)، "ئەليۇكسەل"، "ئىلتەبىر" قاتارلىق ئىسىمسىز خۇمسەلەر ھەرىكەتكە كەلىپ "دوغۇ(شەرقى)تۇركىستان" ئاتالغۇسى ئۇچۇن تارىختىن "مەنبە"لەر تىرىپ تىپىشقا ئۇرۇنماقتا. ئونمىڭ يىللىق رىۋايەت تارىخىغا ئىگە ئوغۇزخان: "مەن ئۇيغۇرنىڭ خاقانى"دىگەن، 6400 يىل ئىلگىرى كومۇلگەن كىروران گۇزەلى ئۇيغۇر مىللىتى (ۋى ۋۇ ئەر زۇ مىللىتى)بولماستىن "ئاچاڭزۇ"دىگەن مىللەتمۇ؟

    تۇركىيەدە تۇرك كەلىمىسى چەكلىنىۋاتسا ئۇنى تاشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى بايراق قىلىپ كوتۇرۇپ يۇرگەن ئومەر قۇل، ئىسمايىل چىنگىز، يالچىن، تەكىن... قاتارلىق ساختە تۇرك مىللەتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىپ "دوغۇ(شەرقى) تۇركىستان سۇرگۇندى ھوكۇمىتى"قۇرۇپ ئۇيغۇر تىلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تۇركچە كالدىرلىشىپ يۇرۇشمەكتە.

    مەرتمۇسا ئوغلى سىدىقھاجى يازدى.

    malik-u@web.de

  7. #7
    Unregistered Guest

    Default ئۇيغۇرلارنى كىملىكىدىن قۇرۇتۇپ يوقۇتۇش -

    "Uyghur we Sherqi Turkistan Namliri Qachandin Béri Ishlitilgen ?" Namidiki "Elyuksel"we "Éltirish"larning Maqlisigha Reddiye:

    Awtori: Mertmusa Oghli S.Haki

    ئۇيغۇرلارنى كىملىكىدىن قۇرۇتۇپ يوقۇتۇش - ئۇيغۇر دىگەن ئىسمىنى يوقۇتۇش بىلەن باشلىنىدۇ د.

    "ئۇيغۇرىستانمۇ ياكى شەرقى تۇركىستانمۇ؟" ناملىق ئىلمى ماقالە يازغان مەرھۇم ھاشىر ۋاھىدىنى موشۇ ئىسابەگچى ساتقۇنلار "قەلەمكەش زىيانلىلار" ئۇرۇپ ئولتۇردى. مەنىڭ كەبى يۇزلەرچە ئۇيغۇرنى 25 يىلدىن بىرى ھاقارەت، توھمەت قەلىپ ، ئولۇم بىلەن تەھدىت قەلىۋاتقان ئەبلەخلەر موشۇ "قەلەمكەشلەر". تەشكىلاتىمىز "دۇد"نىڭ توربەت ئادرەسى ئۇئائا دا چىقماس قەلىپ قويۇلغان- بۇ ھەممىنى چۇشەندۇرىدۇ.

    نوۋەتتە ئۇيغۇرلار "دوغۇ(شەرقى)تۇركىستان" دىگەن سوزنىڭ زامان ئىتىۋارى بىلەن خاتا ئاتالغۇ ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتىرىۋاتقان پەيتتە، يەنە موشۇ "ئوردا قەلەمكەشلەرى قارا خىتاي قۇربان ۋەلى، ئابلىكىم باقى، پەرات مەمەت(ئالتىدەنبىر، يورۇڭقاش)، "ئەليۇكسەل"، "ئىلتەبىر" قاتارلىق ئىسىمسىز خۇمسەلەر ھەرىكەتكە كەلىپ "دوغۇ(شەرقى)تۇركىستان" ئاتالغۇسى ئۇچۇن تارىختىن "مەنبە"لەر تىرىپ تىپىشقا ئۇرۇنماقتا. ئونمىڭ يىللىق رىۋايەت تارىخىغا ئىگە ئوغۇزخان: "مەن ئۇيغۇرنىڭ خاقانى"دىگەن، بۇ ئىسىمسىز ئوردا قەلەمكەشلىرىدىن شۇنى سوراپ باقاي: 6400 يىل ئىلگىرى كومۇلگەن كىروران گۇزەلى ئۇيغۇر مىللىتى (ۋى ۋۇ ئەر زۇ مىللىتى) بولماستىن "ئاچاڭزۇ"دىگەن مىللەتمۇ؟

    تۇركىيەدە تۇرك كەلىمىسى چەكلىنىۋاتسا ئۇنى تاشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى بايراق قىلىپ كوتۇرۇپ يۇرگەن ئومەر قۇل، ئىسمايىل چىنگىز، يالچىن، تەكىن... قاتارلىق ساختە تۇرك مىللەتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىپ "دوغۇ(شەرقى) تۇركىستان سۇرگۇندى ھوكۇمىتى"قۇرۇپ ئۇيغۇر تىلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تۇركچە كالدىرلىشىپ يۇرۇشمەكتە.
    مەنبە:
    مەرتمۇسا ئوغلى سىدىقھاجى يازدى.

    ************ malik-u@web.de

  8. #8
    Unregistered Guest

    Default Virus

    Sen Motmosa,
    yuqurida yizilghan yaxshi maqalini obdan uqudangla kupaye, lekin bu yerde artuq sözlep aljayma, chünki bu meydanda séni hichkim hörmetlimeydu.


    Quote Originally Posted by Unregistered View Post
    "Uyghur we Sherqi Turkistan Namliri Qachandin Béri Ishlitilgen ?" Namidiki "Elyuksel"we "Éltirish"larning Maqlisigha Reddiye:

    Awtori: Mertmusa Oghli S.Haki

    ئۇيغۇرلارنى كىملىكىدىن قۇرۇتۇپ يوقۇتۇش - ئۇيغۇر دىگەن ئىسمىنى يوقۇتۇش بىلەن باشلىنىدۇ د.

    "ئۇيغۇرىستانمۇ ياكى شەرقى تۇركىستانمۇ؟" ناملىق ئىلمى ماقالە يازغان مەرھۇم ھاشىر ۋاھىدىنى موشۇ ئىسابەگچى ساتقۇنلار "قەلەمكەش زىيانلىلار" ئۇرۇپ ئولتۇردى. مەنىڭ كەبى يۇزلەرچە ئۇيغۇرنى 25 يىلدىن بىرى ھاقارەت، توھمەت قەلىپ ، ئولۇم بىلەن تەھدىت قەلىۋاتقان ئەبلەخلەر موشۇ "قەلەمكەشلەر". تەشكىلاتىمىز "دۇد"نىڭ توربەت ئادرەسى ئۇئائا دا چىقماس قەلىپ قويۇلغان- بۇ ھەممىنى چۇشەندۇرىدۇ.

    نوۋەتتە ئۇيغۇرلار "دوغۇ(شەرقى)تۇركىستان" دىگەن سوزنىڭ زامان ئىتىۋارى بىلەن خاتا ئاتالغۇ ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتىرىۋاتقان پەيتتە، يەنە موشۇ "ئوردا قەلەمكەشلەرى قارا خىتاي قۇربان ۋەلى، ئابلىكىم باقى، پەرات مەمەت(ئالتىدەنبىر، يورۇڭقاش)، "ئەليۇكسەل"، "ئىلتەبىر" قاتارلىق ئىسىمسىز خۇمسەلەر ھەرىكەتكە كەلىپ "دوغۇ(شەرقى)تۇركىستان" ئاتالغۇسى ئۇچۇن تارىختىن "مەنبە"لەر تىرىپ تىپىشقا ئۇرۇنماقتا. ئونمىڭ يىللىق رىۋايەت تارىخىغا ئىگە ئوغۇزخان: "مەن ئۇيغۇرنىڭ خاقانى"دىگەن، بۇ ئىسىمسىز ئوردا قەلەمكەشلىرىدىن شۇنى سوراپ باقاي: 6400 يىل ئىلگىرى كومۇلگەن كىروران گۇزەلى ئۇيغۇر مىللىتى (ۋى ۋۇ ئەر زۇ مىللىتى) بولماستىن "ئاچاڭزۇ"دىگەن مىللەتمۇ؟

    تۇركىيەدە تۇرك كەلىمىسى چەكلىنىۋاتسا ئۇنى تاشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى بايراق قىلىپ كوتۇرۇپ يۇرگەن ئومەر قۇل، ئىسمايىل چىنگىز، يالچىن، تەكىن... قاتارلىق ساختە تۇرك مىللەتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىپ "دوغۇ(شەرقى) تۇركىستان سۇرگۇندى ھوكۇمىتى"قۇرۇپ ئۇيغۇر تىلىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تۇركچە كالدىرلىشىپ يۇرۇشمەكتە.
    مەنبە:
    مەرتمۇسا ئوغلى سىدىقھاجى يازدى.

    ************ malik-u@web.de

  9. #9
    Unregistered Guest

    Thumbs up

    Bu maqalining yazghucisi Eltirish ependige köp rehmet.

  10. #10
    Unregistered Guest

    Cool بىر نەمەمنىڭ بىرنەمەسىدىن خوتۇنلۇرۇڭغا &

    Quote Originally Posted by Unregistered View Post
    Sen Motmosa,
    yuqurida yizilghan yaxshi maqalini obdan uqudangla kupaye, lekin bu yerde artuq sözlep aljayma, chünki bu meydanda séni hichkim hörmetlimeydu.

    مەن بۇ مەيداننى مانىپول قىلىپ كەلگەن -ئىسىمسىز ، قىممەتسىز، ۋىجدانسىز خۇمسەلەرنىڭ ھەر-قانداق بىرىنىڭ "ھورمىتى"نى بىر نەمەمنىڭ بىر نەمەسى دەپمۇ بىلمەيمەن. ئۇ نەرسە سەنلەردىن ئۇستۇن تۇرىدۇ.... سەنلەر ئۇيغۇرلارنىڭ قاتىلى، شەرمەندە ساتقۇنلىرى- ياق دەسەڭ داداڭ بارمۇ ياكى ھارامدىن بولغان جالاپ خوتۇنلارنىڭ بالىسىمۇ سەنلەر؟! شۇنداقتىمۇ بىر نەمەمنىڭ بىرنەمەسىدىن خوتۇنلۇرۇڭغا قاتتىق سالام!

    Men bu meydanni manipol qilip kelgen -Isimsiz , Qimmetsiz, Wijdansiz Xumselerning her-qandaq birining "Hormiti"ni Bir Nememning bir nemesi dep bilimen. Senler uyghurlarning Qatili, shermende satqunliri- yaq deseng dadang barmu yaki Haramdin bolghan Jalap xotunlarning Balisimu senler?!
    shundaqtimu Bir nememning birnemesidin Xotunlurunggha Qattiq Salam!

+ Reply to Thread

Posting Permissions

  • You may post new threads
  • You may post replies
  • You may not post attachments
  • You may not edit your posts
  •