يەنە بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا جىددىي چاقىرىق

ئاپتورى: بانۇ سۇتۇق

قەدىرلىك قېرىنداشلار، نامايىشقا جىددىي چاقىرىق. سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك:

8-ئاينىڭ 6 - كۈندىن بۇيان، خەلقئارا مەتبۇئاتلار گىرمانىيىنىڭ پانالىق تىلىگەن بىر ئۇيغۇرنى ئىشخانا مەمۇرىي ئىشلىرىدىكى سەۋەنلىك تۈپەيلى بۇ يىل 4 - ئايدا خىتايغا قايتۇرۋەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى لىيو بورگمەننىڭ (Leo Borgmann) شۇندىن بېرى ئۇنىڭدىن ھىچ خەۋەر ئالالمىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ خىتايدا قولغا ئېلىنغان بولۇشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئارقا- ئارقىدىن خەۋەر قىلدى(سول تەرەپتىكى ئېكران سۈرىتىدە كۆرسىتىلگەندەك).
پانالىق تىلىگەن ئۇ ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز 2013 - يىلى يانىۋاردا خىتايدىن چىققان بولۇپ، تۈركىيە ئارقىلىق مىيۇنخېنغا كەلگەن ھەم فېۋرالدا پاناھلىق تىلىگەن. ئۇ بۇ يىل 4- ئاينىڭ 3 - كۈنى گىرمانىيىنىڭ باۋارىيىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان. شۇ كۈنى ئۇ ئەسلىدە مىيۇنخىندىكى بىر كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىشخانىسىغا بېرىپ، پاناھلىق ئىلتىماسىدىن گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈشى لازىم ئىكەن. بۇ گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش توغرىسىدا كۆچمەن ۋە پانالىق ئىشلىرى فېدرال ئىشخانىسى (BamF) يەرلىكتىكى ئالاقىدار ئىشخانىغا فاكىس ئەۋەتكەن، ئامما فاكىس تاپشۇرۇپ ئېلىنمىغان. كۆچمەن ۋە پانالىق ئىشلىرى فېدرال ئىشخانىسى بۇ توغرىسىدا ئىزاھات بېرىشنى رەت قىلغان، ئەمما چىگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان بۇ خىل ئەھۋالنى "قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ" دىگەن. خەۋەردە يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پىلان باشقۇرغۇچىسى (project manager: peter Irwin) پىتىر ئارۋىن "ئۇنىڭ قايتا تەربىيلەش مەركىزىگە سولانغانلىقى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن" دىگەن.
ئاۋازىمىزنى دۇنياغا ئاڭلىتىمىز دەپ تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز، سەۋەپ تېپىپ نامايىشلار قىلىۋاتىمىز. پانالىق تىلىگەن قېرىندىشىمىزنىڭ سەۋەنلىكتىن خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى نامايىش قىلىشىمىزغا تولىمۇ مۇۋاپىق باھانە بولالايدۇ. بۇ نامايىشنىڭ بىز دەۋايىمىزدا دۈچ كېلىۋاتقان توسالغۇلارنى ئاجىزلىتىشتا پەۋقۇلئاددە مۇھىم رولى بار. مەسىلەن، خىتاي ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇمىنى يوشۇرۇپلا قالماستىن، نامى ئۆزگەرتىلگەن تۈرمىلىرى (تەربىيىلەش مەركىزى)نىڭ بارلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلمايۋاتىدۇ. ھەتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بارلىق ئېرقىي كەمسىتىشلەرنى تۈگىتىش كومىتېتى جەنۋەدە 8- ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 30 -كۈنىگىچە ئاچماقچى بولغان 96 - نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئۆزىنى ماختاپ، ئېرقىي كەمسىتىشكە قارشى قولغان كەلتۈرگەن "نەتىجىلىرى"دىن دوكلات بەرمەكچى بولىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىلدىكى كۆز بويامچىلىقلىرى تەربىيىلەش تۈرمىلىرى ئاشكارا بولغاندا، زۇلۇملار پاش بولغاندا بەربات بولىدۇ. ئەمما تەربىيىلەش تۈرمىلىرى ۋە زۇلۇم توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار بەكمۇ يىتەرسىز. مۇخبىرلار ئۆزلىرى بېرىپ بىرىنچى قول ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشى ياكى خەلقئارادىن بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەۋەتىلىشىمۇ ھازىرچە مۈمكىن ئەمەس. ۋەتەندىن چىقىۋاتقان ئۇچۇرلار شۇنچە مۇھىم بولۇشىغا قارىماي، "مەنبەسى ئېنىق ئەمەس" دىگەن سەۋەپ بىلەن خەلقئارانىڭ تولۇق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ.
گىرمانىيە ئۆزى ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىك تۈپەيلى، شۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش مەسئۇلىيىتى بار. ئەگەر ئۇ ھەقتە ئۇچۇر ئالالىسا، ئۇ ئۇچۇرلار كۆپ ياكى ئاز بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئۇنى خەلقئارا ئېتىراپ قىلىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ. سالىھ خۇدايار قېرىندىشىمىز باشچىلىقىدىكى نامايىش قاتارلىق دەۋا ئىشلىرىمىزغا پايدىلىق. ئۇچۇر ئالالمىغان تەقدىردىمۇ، ئەڭ بولمىغاندا تايلاند ۋە مالايسىيىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان، باشقا دۆلەتلەردە پاناھلىق تىلەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىغا سەۋەپ بولۇپ قېلىشى مۈمكىن. ئۇچۇر ئالالماسلىقنىڭ ئۆزىمۇ بىر ھەقىقەتنى چۈشەندۈرىدۇ، يەنى ئۇيغۇرلارغا سېلىنىۋاتقان زۇلۇم ھەقىقەتەن ئېغىر، شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھىچقانداق ئۇچۇر بېرىشنى خالىمايدۇ، ھەقىقەتنى يوشۇرىدۇ. مانا مۇشۇ نەتىجىنى كۆزدە تۇتۇپ نامايىشقا چاقىرىق قىلىندى.
ئەمما بۇ نامايىش ھەرگىزمۇ گىرمانىيە دۆلىتىنى ئەيىبلەش ياكى ئۇنىڭدىن نارازى بولۇش نىيىتى ئۈستىگە پىلانلانسا بولمايدۇ، بولمىسا سىتراتېگىيىلىك خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ. ھەتتا ئۇيغۇر دەۋاسىغا سەلبىي تەسىر، ئورنىنى تولدۇرىۋالغىلى بولمايدىغان زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى گىرمانىيىنىڭ مىيۇنخېن شەھرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. گىرمانىيە دۆلىتى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىپ ئۇلارغا ئىگە چىققان ھەم چىقىۋاتىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ياخشىلىقنى تونۇيدىغان خەلق. بىز نامايىشتا گىرمانىيىنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارغا قىلىپ بەرگەن ياخشىلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە گىرمانىيىنىڭ شۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ بېرىشنى يوللۇق تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك. بىز چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار شۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئاتىسى، ئانىسى، ئاكىسى، ھەدىسى، ئىنىسى ۋە سڭىللىرى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ھەققىمىز بار، خۇددى شاۋگۈەندە ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلىرىمىزغا ئادالەت تەلەپ قىلغاندەك.
قەدىرلىك قېرىنداشلار، شۇ قېرىندىشىمىز نەلەردە قىيلىنىۋاتىدىغاندۇ، خورلىنىۋاتىدىغاندۇ، ھاياتمىدۇ، تىرىكمىدۇ ... ئەركىنلىكنىڭ بوسۇغۇسىدىن ئېلىپ كېتىلدى. ئۆتمۈشنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، ھازىرغا ۋە كەلگۈسىگە مەنسۇپ بىر ئەمەلىي ئىش قىلايلى. خۇددى 27-ئاپرىل نامايىشىدەك، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەشكىللىنىپ، ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان جايدىكى گىرمانىيە كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا تېنچ ۋە يوللۇق ھالدا شۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ بېرىشنى، ھايات بولسا ئەركىن دۇنياغا قايتۇرۇپ كېلىشنى تەلەپ قىلايلى.
نامايىشنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ قىلىشنى ئويلىشىپ بېقىشقا بولىدۇ: بىرىنچى باسقۇچ، بىر كۈنلۈك نامايىش، يەنى 27 - ئاپرېل نامايىشىدەك ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئوخشاش كۈندە نامايىش قىلىش. ئىككىنچى باسقۇچ، تاكى گىرمانىيە دۆلىتىدىن شۇ قېرىندىشىمىز توغرىسىدا خەۋەر بولغانغا قەدەر، شۇ جايدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىغا قاراپ، ئىسمىنا تۈزۈپ، ئۆچرەت بويىچە ھەر كۈنى بىر ياكى بىر نەچچە كىشى نامايىش قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش. بۇ نامايىش قانچە بالدۇر باشلانسا ئۈنۈمى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. بۇ نامايىشنى ئالدىنقى قېتىمدىكىدەك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشكىللىسە مۇۋاپىق بولىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 8-ئاينىڭ 10-كۈنى جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسى ئالدىدىكى چوڭ مەيداندا ئۆتكۈزمەكچى بولغان نامايىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ پىلانلانسا ھەم شۇ ئاساستا داۋاملاشتۇرۇلسىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەگەر مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى بۇ شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرالمىسا، قېنى باشقا تەشكىلاتلىرىمىز، خەلقنى تەشكىللەڭلار. ئاۋستىرالىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا، تۈركىيە، ياپونىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا خەۋەر قىلىپ ۋە قوزغىتىپ، يەنە بىر قېتىم زور كۆلەملىك نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇڭلار.
ھازىر خەلقئارا سەۋەنلىكتىن قايتۇرۇۋېتىلگەن بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا، گىرمانىيىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا قانداق ئىش تۇتىدىغانلىقىغا، خىتاينىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا. بۇ بەكمۇ ياخشى پۇرسەت. پۇرسەتنى چىڭ تۇتايلى قېرىنداشلار. چەتئەلدىكىلەر تۇتۇلۇپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمىزنى مۇخبىرلارغا يۈرەكلىك دەپ بېرەلمەيۋاتقان، مۇخبىرلار بىزنىڭ ئاغزىمىزغا قاراپ گەپ ئالالمايۋاتقان ياكى ئۆزلىرى نەق مەيداننى زىيارەت قىلىشقا مۇيەسسەر بولالمايۋاتقان، ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ ياردەمگە مۇھتاج بولۇۋاتقان مانا مۇشۇنداق ھەل قىلغۇچ ۋاقىتلاردا، قازاق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سايراگۈل ئۈچۈن ئەركىنلىك تەلەپ قىلىغىنىنى ئۆرنەك قىلىپ، ھەممىمىز قوزغىلايلى قېرىنداشلار. چوڭلىرىمىز تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق دەپ توغرا ئېيىتقان. تەشكىلاتلار، رەھبەرلەر، قېرىنداشلار، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيلى !

2018-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى