+ Reply to Thread
Results 1 to 2 of 2

Thread: بۈگۈن ئۆملۈك كۈنى

  1. #1

    Exclamation بۈگۈن ئۆملۈك كۈنى

    بۈگۈن ئۆملۈك كۈنى

    ئويچان



    بۈگۈن بىز ئۇيغۇرلار شانلىق تارىخىمىزنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق بىر مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. ئەكسىچە، تارىخىي دۈشمىنىمىز خىتايلار بولسا، شاللاق تارىخىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بۈگۈن بىز تارىخىمىزنىڭ ئەڭ ئاجىز ھالىتىدە تۇرۇپ، تارىخىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك پەيتىدە تۇرۇۋاتقان دۈشمىنىمىز بىلەن ھايات-ماماتلىق كۆرەش قىلىۋاتىمىز. قارىغاندا، بۇ بىر مەيدان كۆرەش بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى بەلگىلەيدىغاندەك تۇرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ يەنە بىر مەيدان تۇتۇشۇشنى پىشانىمىزغا پۈتمىگەن بولسا، بۇ قېتىمقىسى ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ بىر مەيدان، بەلكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان كۆرەشتە يا غەلىبە قىلىپ مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز؛ يا مەغلۇپ بولۇپ يەر شارىدىن غايىپ بولىمىز.
    بۈگۈن بىزنى، بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار «خەتەر ئاستىدىكى مىللەت، يۇقۇلۇش گىردابىغا كېلىپ قالغان مىللەت» دەپ سۈپەتلەۋاتىدۇ. بىز بۇ بىر مەيدان كۆرەش ئارقىلىق، يا «تارىخ سەھنىسىدىن يۇقالغان ئاجىز مىللەت» بولۇپ قالىمىز؛ يا «يولۋاسنىڭ ئاغزىدىن قۇتۇلۇپ قالغان باتۇر مىللەت»كە ئايلىنىمىز. دېمەك، بۈگۈن تارىخ يازىدىغان كۈن.
    بۈگۈن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىزنى تەلتۈكۈس يۇقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ. خىتايلار قولىدىكى قۇرال، ئىقتىساد ۋە يۇقۇرى تېخنىكىغا ئىشىنىپ، بىزنى يۇقۇتۇشنىڭ تارىخىي پەيتى كەلدى، دەپ ئويلاپ قالدى. نەتىجىدە، ۋەتەندىكىلەرنى دەھشەتلىك باستۇرۇش؛ چەتئەلدىكىلەرنى ئۆزئارا ئورۇشتۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن پۈتۈن چارىلەرنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ.
    بۈگۈن ئىشەنگەن تاغلىرىمىزدا كىيىك ياتمىدى. دىنداشلارمۇ، تىلداشلارمۇ بىزدىن يۈز ئۆرىدى. بۈگۈن ئىماندىنمۇ، قانداشلىقتىنمۇ پۇلنىڭ مېھرى كۈچلۈك بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. ياردەم سوراپ بارمىغان تاغ-تۇرا، ئوردا-قەسىر قالمىدى. ئىشەنگەن ھەممە خەقنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ باقتۇق. لېكىن، بىزنىڭ نالىلىرىمىز خىتاينىڭ پۇلىچىلىك كارغا كەلمىدى. نۆۋىتى كەلگەندە مۇسۇلمانمۇ ساتتى، بۇددىستمۇ ساتتى. ئىشەنگەن تاغلاردىن، ماڭغان يوللاردىن گۇمانلىنىشقا باشلىدۇق. شۇنداق قىلىپ، تۇققانلارمۇ، ياتلارمۇ بىزگە ئۆزىمىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، كىم ئەمەسلىكىنى ئاچچىق ئەمەلىيىتى بىلەن ئۆگەتتى. ئاخىرىدا تەنھا بۆرە ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلدۇق.
    بۈگۈن ئەجدادلىرىمىز ئۆتكۈزگەن تارىخىي خاتالىقلارنىڭ، بەلكى جىنايەتلەرنىڭ ئاچچىق بەدىلىنى تۆلەۋاتىمىز. خەقنىڭ بالىلىرى ئۆزلىرى ئۈچۈن دۆلەت قۇرۇپ بەرگەن ئەجدادلىرىنى ئىپتىخار بىلەن ياد ئەتسە؛ بىز دۆلەتنى قولدىن بەرگەن ئەجدادلىرىمىزدىن ئوھسىنىش بىلەن قاخشىماقتىمىز.
    بۈگۈن ۋەتەندە كامېرلاردا، چەتئەلدە سەرسانلىقتا ياشاۋاتىمىز. ھەم پىسخىك، ھەم جىسمانىي كۆرەش قىلىۋاتىمىز. بۇ كۆرەش بىزدىن غايەت زور بەرداشلىق تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
    بۈگۈن بىز ئاللىقاچان جەڭنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىغا كېلىپ قالدۇق. جىددىي پەيتتە دۈشمىنىمىز ئەجەللىك ھۇجۇمغا ئۆتتى. بىز تەمتىرەپ قالدۇق. نېمە قىلىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدۇق. ئارىمىزغا ئىختىلاپ چۈشۈشكە باشلىدى. نەتىجىدە، مەۋجۇت پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبىنى بىر بىرىمىزدىن كۆرۈشكە، مەسئۇلىيەتنى بىر بىرىمىزگە دۆڭگەشكە باشلىدۇق. ئارىمىزدا جاسۇس ئىزدەش دولقۇنى قوزغالدى. كونا خاماننى سورۇشقا، بارنى يوق قىلىشقا ئالدىراپ كەتتۇق. ھالبۇكى دۈشمەن ئاتاكىدا. ئۇ بىزنى تېخىمۇ ئاجىزلاتماقچى، تېخىمۇ بۆلمەكچى ۋە ئاخىرىدا بىراقلا يۇقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ.
    بۈگۈن بىزدىن دىنداشلىرىمىزمۇ، قانداشلىرىمىزمۇ تاندى. دۇنيا بولسا سىڭايان كۆزدە قاراۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئۆز ئارا ئىناق بولالمىساق، بىر بىرىمىز بىلەن زىچ ئىتتىپاقلاشمىساق، بىز بىلەن يەنە كىم ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. دۈشمىنىمىز قانداقمۇ بىزدىن قورقۇپ، خەلقىمىزنى تەلتۈكۈس يۇقۇتۇش پىلانىنى كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ؟ بۇ بىر مەيدان مەۋجۇدلۇق كۆرىشىدە قانداقمۇ غالىپ كىلەلەيمىز؟
    بۈگۈن قاخشايدىغان، زارلايدىغان، قېيدايدىغان، تىللايدىغان ۋە تانىدىغان كۈن ئەمەس. بۈگۈن نادانلىقنى ۋە جاھىللىقنى تاشلايدىغان كۈن. بۈگۈن ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىپ، كەلگۈسىنى ئويلايدىغان كۈن. بۈگۈن سۇغۇققان تەھلىل ۋە ئەتراپلىق پىلان بىلەن دادىل رېئاللىققا يۈزلىنىدىغان، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بىر بىرىمىزنى قوللايدىغان كۈن.
    بۈگۈن بىرلىك كۈنى. بۈگۈن ئۆملۈك كۈنى. چۈنكى دۈشمەن ئاتاكىدا...

    2018.07.11، ئەنقەرە

  2. #2
    Mertmusa Oghli Guest

    Default "ئويچان"غا رەددىيە" !

    i
    "Oychan"gha Reddiye- I Qisim

    "ئويچان"غا رەددىيە" !

    بۇگۇنكى جىددى پەيتتە ئىسابەگچى ساتقۇنلار ئۇئائا توربەتىدە „ئەلبىلگىن“ ۋە "ئويچان"لار ئۇيغۇرلارنى ئۇمۇتسزلىك، قورقۇنچ، تەسلىمچىلىككە ئۇندەيدىغان سەپسەتەلەرنى ئىلان قىلغان.(1) مەن پەقەت توۋەندىكى بۇ بىر جۇملە ئۇچۇن رەددىيە قايتۇردۇم. داۋامى ئوقۇرمەنلەرگە ھاۋالە :
    "تارىخىي دۈشمىنىمىز خىتايلار بولسا، شاللاق تارىخىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بۈگۈن بىز تارىخىمىزنىڭ ئەڭ ئاجىز ھالىتىدە تۇرۇپ، تارىخىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك پەيتىدە تۇرۇۋاتقان دۈشمىنىمىز بىلەن ھايات-ماماتلىق كۆرەش قىلىۋاتىمىز. قارىغاندا، بۇ بىر مەيدان كۆرەش بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى بەلگىلەيدىغاندەك تۇرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ يەنە بىر مەيدان تۇتۇشۇشنى پىشانىمىزغا پۈتمىگەن بولسا، بۇ قېتىمقىسى ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ بىر مەيدان، بەلكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان كۆرەشتە يا غەلىبە قىلىپ مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز؛ يا مەغلۇپ بولۇپ "...يەر شارىدىن غايىپ بولىمىز".
    "بۈگۈن بىزدىن دىنداشلىرىمىزمۇ، قانداشلىرىمىزمۇ تاندى".
    ____

    رەددىيە:

    قۇرۇق گەپ ۋە ئەدىبىيات سەتىپ، ئۇيغۇرلارنى ئالداپ كەلگەن"ئويچان"نىڭ بۇ سەپسەتەلىرى بىر ئەبلەخ مەنتىقە بولۇپ، "تارىخىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك پەيتىدە تۇرۇۋاتقان خىتاي"نى ئەدىبىيات سىتىپ تەخىمۇ كۇچلۇك كورسەتكەن. ئۇيغۇرلارنى بولسا"تارىخىمىزنىڭ ئەڭ ئاجىز ھالىتى"گە چۇشۇرۇپ قويۇپ، ئۇمۇتسزلىك تارىتىپ، قورقۇنچ سالغان. ئامىرىكىدا باشلانغان ئۇلۇق نامايىش دۇنياغا يامراۋاتقاندا، نەچچە ئونمىڭ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى، قازاق قىرىنداشلىرىمىز مەيدانغا چىقىپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كورەش قىلىۋاتقاندا "ئويچان"دىگەن مۇناپىق :"بۈگۈن بىزدىن دىنداشلىرىمىزمۇ، قانداشلىرىمىزمۇ تاندى"دەپ يالغان سوزلىمەكتە. "...مەغلۇپ بولۇپ ...يەر شارىدىن غايىپ بولىمىز"دىگەن شۇم ئاغزى بىلەن زەھەر قۇسۇپ، ئۇيغۇرلارنى تەسلىم بولۇشقا ئۇندىمەكتە. ئوزى مەيداننىڭ ھىچ -بىر يىرىدە كورۇنمەي، ئىسىمىنى چىقارماستىن، بۇ دۇنيانىڭ ئىشىغا ئارىلاشمايدىغان جانابى ئاللانىڭ ئىسمىنى چىقارغان بۇ ئەبلەخ ئاللانىڭ پاكىز نامىنى، دىنى-ئىتىقاتنى پاسكىنا ساتقۇنلارغا، پاسكىنا سىياسەتكە ئارىلاشتۇرماقتا.
    _____

    چارەك ئەسىرلىك تارىخىمىزغا نەزەر:

    ئەركىن ئىسا، ئومەر قانات، ئەنۋەر-ئەسقەرلەر، 1994-يىلى مەرتمۇسا ئوغلى سىدىقھاجى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىيۇنخىندا ئوتكۇزگەن خىتايدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىش نامايىشىغا رەزىل ۋاستىلارنى، پەسكەش ئادەملەرنى قوللۇنۇپ توسقۇنلۇق، سۇيىقەست قىلغان ئىدى.25يىلدىن كىيىنمۇ يەنە موشۇ ساتقۇنلار ئامىرىكىدا سالى خۇدايار باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىشىغا قارشى چىقىپ، سۇيىقەست قىلغانلىقى دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ كوز ئالدىدا ئاشكارە بولدى. "ئالپتىكىنلەر سۇلالىسى"دەپ ئاتالغان بۇ ئەبلەخ ئىسابەگچىلەرنىڭ يىقىنىقى يۇز يىللىق تارىخىمىزدا مۇستەقىللىق ئۇچۇن ھەر -قىتىم قوزغالغان ئەجداتلىرىمىزنىڭ يولىنى توسقان ، پۇتىغا پۇتلاشقان دۇشمىنى ئىكەنلىكىنى تارىخ يەنە تەكرار كورسەتتى.

    "ئارىمىزدىكى خىتايدىنمۇ بەتتەر، ساتقۇن ئىسا يۇسۇپ، مەسۇت سابىرىلار..."(2) ۋە ئۇلارنىڭ زامانىمىزدىكى ۋارىسلىرى ئىسابەگچىلەرنىڭ دۇق ئارقىلىق ئوزلىرىنى خىتايغا قانداق ساتقانلىقىنى ئۇيغۇرلار كىچىكىپ بولسىمۇ سىزىپ قالدى، بىلىپ قالدى. ئاڭلاپ قالدى، كورۇپ قالدى- كوزىنى ئاچتى. "بىز ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز"، "خىتاي بىرلىكى بولىمىز"دەپ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ساتقان ئەركىن ئىسا، قۇربان ۋەلى، پەرھات يورۇڭقاش، ئابلىكىم باقى، دولقۇن ئىسا، رابىيە قاتارلىق ئىسابەگچىلەر يۇزمىڭلاپ ئۇيغۇرنى خىتاي لاگىرىغا سولاپ بىرىپ، خاتىرجەم ياشايمىز دىيىشكەن ئىدى-ئۇنداق بولماي قالدى. ئۇيغۇرلار سالى خۇدايار باشچىلىقىدىكى نامايىش ئارقىلىق ئاخىرى پارتىلاپ چىقتى. ساتقۇن ئىسابەگچىلەر ئالاقزادە بولۇپ، قۇتراپ سىپىمىزنىڭ ئالدىدىكى بەزى كىشىلەرنى ئازدۇرماقتا. ئازدۇرغان-ئازغانلارغا ھەرگىز يول يوق!بۇ نامايىش ساتقۇن رابىيەگە چوقۇنىدىغان شەخىسلەرنىڭ قولىدىن، دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ، قەھرىمان قىز-ئايال لىدەرلىرىمىزنىڭقولىغا ھورمەت ۋە ئىززەت بىلەن ئوتكۇزۇپ بىرىلىشى شەرت! بۇ نامايىش دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ يىگىرمە يىلدىن بىرى قان-تەر توكۇپ قىلغان كورەشلىرىنىڭ نەتىجىسى. دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئورتاق ھەرىكىتى. بۇ ئۇلۇق ھەرىكەتكە ئايلانغان نامايىشنى قوزغىغانلار، ئارقىدىن قۇماندا نلىق قىلغانلارغا سالام ۋە رەخمەتۇللا، ۋە بەرىكەتۇ ۋە بارىكاللا! ئەمما ، لىكىن،ۋە بىراق...!

    بۇ ئۇلۇپ ھەرىكەت چوقۇم قوبۇل قىلىدىغان ساۋاقلار بار:

    ئەركىن ئىسا ۋە رابىيەلەرنى خىتاي چەتەلگە ۋەزىپە بىلەن قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئۇلارنىڭ : "بىز ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز"، "خىتاي بىرلىكى بولىمىز"دەپ دۇنياغا ئىلان قىلغانلىقىدىن بىلەلمىگەن ئادەم ئۇيغۇر دۇشمىنىدۇر!خىتاي، ئابلىكم باقى، ئابدۇرىيىمجان، پەرھات يورۇڭقاشلار ئارقىلىق بۇ ساتقۇنلارنى ئەدىبىيات سىتىپ ئىلاھقا ئايلاندۇردى.ئىلاھتىن، خوتۇنخەقتىن قورقىدىغان، نادان ئۇيغۇرلارنىڭ مىجەزى(پىسخىكىسى)نى بىلىدىغان ئەركىن خىتاي(ئىسا) ۋە دولقۇن ئىسائوزلىرىنى :"ئىستونىيەدە شىنجاڭنى 3-قىتىم خىتايلارغا ساتتى"دەپ ماقالە ئىلان قىلغان رابىيە قادىرنىڭ ئىرى س،. روزىدىن ئنتىقام ئىلىش ئۇچۇن ئۇرۇمچىگە بىرىپ، ئوقۇمىغان ساۋاتسىز، رەخت ۋە نىشە تىجارەتچىسى، "ياغاچ پۇتنىڭ ئاشنىسى " رابىيە قادىرنى خىتايغا دەپ تۇرمىغا سولاتتى. خىتايدىن قايتىپ كىلىپ : "ئۇيغۇرلارنىڭ لىدەرى خىتاي تۇرمىسىدا"دەپ رابىيەنى قۇتقۇزۇش باشلاتتى. ۋەرابىيە خىتايغا قەسەم بىرىپچىقتى. ئوزى دۇق غا كوزۇر رەئىس، س. روزىلەك مۇئاۋىن، ئەركىن ئىسا باش سىياسى مەسلىھەتچى بولۇپ سايلاندى.

    دۇق نىڭ ئەرەبىستاندىكى ساتقۇن پەتىۋاچىسى، يالاڭاياق مۇخبىر ئەمەتقارىم مەككىدە تۇرۇپ : " دۇق نىڭ رەئىسلىكىنى رابىيە قادىرغا بىر ئاللا بەرگەن. سايلام شەكىل، رەئىسلىكى راس"دەپ نادان ئۇيغۇرلارنى ئالداپ كەتتى. ساتقۇن موماي رابىيەنى "ئانا ئۇيغۇر"دەپ چوقۇنۇش بناشلاندى.ئۇنىڭ تەسىرى "نامايىشنىڭ ئارقىسىدا مەن بار "دىگەن لىدەرلىرىمىزنىڭ خۇراپى كاللىسىدىن تازىلانمىغانلىقى ئىسپاتلانماقتا.

    ئۇيغۇرلارنىڭ قۇللۇقتىن قۇتۇلۇپ، قىرىنداشلىرىمىزغا ئوخشاش ۋەتىنى، دولەت بايرىقى، پاسپورتى ئۇچۇن جان بىرىپ، قىلىۋاتقان ئىنقىلاۋىنى ھەرقانداق شەخسى مانىپول قىلالمايدۇ! ئۇ شەخسىنىڭ ئىنقىلاۋى ئەمەس! خىتايدىنمۇ بەتتەر، ساتقۇن ئىسا يۇسۇپ، ئەركىن ئىسا ، رابىيە قادىرلارنىڭ يۇز يىللىق تارىخى ئەپتى-بەشىرىسى بىزگە، تىگىدىن شالاقلاپ كەتكەن شەخسىلەرنى"روھانى لىدەر"، "ئەركىن ئاكا"، "مەنىۋى ئانا"...لارغا ئاايلاندۇرۇپ، قىرىپ تۇگىتەلمىگەن ئۇيغۇرلارنى بۇ ساتقۇنلار ئارقىلىق "خىتاي بىرلىكى بولىمىز"، "مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز"غا كەلتۇرۇپ، ئۇ خىتايغا قۇل قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.

    سالى خۇدايار بىلەن ھىلىگەرلىك، موتىھەملىك، يالغانچىلىق بىلەن سوھبەت ئوتكۇزگەن رابىيە قادىر، نامايىشقا دەسلەپتىلا قارشى چىققا ئەركىن ئىسا، ئومەر قانات، ئىلشات ھەسەن، تۇدى غوجى، "ئويچان" ...قاتارلىق دۇق دىكى ساتقۇنلار ئوزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاللىقاچان دۇشمەن بولۇپ بولغانلىقىنى ئىنكار قىلىشماقتا. ۋە سالىنىمۇ ئازدۇرۇپ: "خىتايدىن باشقا دۇشمىنىمىز يوق"دىگۇزمەكتە. شۇڭا ئىنقىلاپنى بۇ شەخسىلوئەر مانىپول قىلالمايدۇ. بۇ مۇستەقىللىق كورىشى ئۇ شەخسىلەرنىڭ ئىنقىلاۋى ئەمەس!
    ____

    "ئويچان" : "خىتايدىن باشقا دۇشمىنىمىز يوق".
    - جاۋاپ: خىتايدىن باشقا تىخىمۇ ۋەھشى دۇشمىنىمىز بار-ئۇ ئارىمىزدا! سەن ئۇلارنىڭ بىرى!

    "ئويچان": "خىتاي ۋەتەندىكىلەرنى دەھشەتلىك باستۇرۇش؛ چەتئەلدىكىلەرنى ئۆزئارا ئورۇشتۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن پۈتۈن چارىلەرنى ئىشقا سېلىۋاتىدۇ"-.
    - جاۋاپ: خىتاينىڭ ۋەتەندىكى قىرىنداشلىرىمىزنى دەھشەتلىك باستۇرۇشىغا چەتئەلدىكى سەن ئىسابەگچى ساتقۇنلار باشتىن-ئاخىر ماسلىشىپ كىلىشتىڭ.ئىنقىلاپنى، مەدبۇئاتنى، نامايىشنى مانىپول قىلىۋىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كوزىدە بىرىنجى نومۇرلۇق دۇشمەنگە ئايلىنىپ بولۇشتۇڭ.بىرىنجى بولۇپ سەن ساتقۇنلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئىچىمىزنى تازىلىغاندىلا-خىتاي ئاسان يوقۇلىدۇ.

    "ئويچان": "ئارىمىزدىن جاسۇس ئىزدىمەيلى".
    -جاۋاپ : ئارىمىزدىكى ساتقۇنلارنى، خىتاي جاسۇسلىرىنى چوقۇم ئىزدەيمىز. دۇق جاسۇس، خائىن، ساتقۇنلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندى.بۇرۇنقى توققۇز جاسۇسنىڭ بىرى - دۇق بىلەن خىتاينىڭ ئورتاق جاسۇسى بابۇرنى شىۋىتسىيە دولىتى قولغا ئىلىپ تۇرمىغا قامىدى. خىتاي پۇل بىرىپ چىقىرىۋەتتى. ھازىر خىتايدىن پۇل ئالىدىغان ساتقۇن ئوتتۇزغا يەتتى. سەن ئۇلارنىڭ بىرى! پاكىت بار-بىزدە. توۋە قىلىپ، جىنايەتلىرىڭنى پاش قىلساڭ ئۇيغۇرلاردىن كەچۇرۇم سوراپ خىزمەت كورسەتسەڭ يۇزىڭگە تۇكۇرۇپ سازايى قىلمايمىز-كەچۇرۇم قىلىمىز.
    ____

    Mertmusa Oghli

    malik-u@web.de

+ Reply to Thread

Posting Permissions

  • You may post new threads
  • You may post replies
  • You may not post attachments
  • You may not edit your posts
  •