
Originally Posted by
Unregistered
بۇ خانىمنىڭ بەشىغا كەلگەن غۇربەت بۇندىن 27 يىل بۇرۇن مەنىڭمۇ بەشىمغا كەلگەن ئىدى.ئىككى ئۇرۇمچىلىك خىتاي بىلەن كاماندۇرۇپكىغا ئىچكىرگە بارغىنىمدا ،ئىككى خىتايغا ياتاق بەرىپ ماڭا بەرمىگەن ئىدى.ئىككى خىتاي ياتاق باشلىقى بىلەن جەڭجەللىشىپمۇ مەنى ياتاققا ئالغۇزالمىغان ئىدى.ئويلىساپ غەزىۋىمنى باسالمايمەن،تۇرۇپ بۇنىڭ سەۋەۋىنى òزىمىزدىنمۇ كورۇپ قالىمەن.چۇنكى ئەينى ۋاقىتلاردا ئىچكىرى خىتاي ئولكىلىرىدە ئىستىقامەت قىلىپ يۇرگەن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار بار ئىدى.ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم كاناي نوچىلىرى بولۇپ ،كوچا كويلاردا خىتايغا ئەكىلەپ بىزنى سەسىتىپ بولغان.ياتاق ئىچىگە چوڭ كىچىك تەرەت قىلىپ قويىدىغان،پراستىنكىلارغا ئاياق سۇرتىدىغان ھەتتا ياتاقتىن ئايرىلىش ئالدىدا پىچاق بىلەن ياتاق ئەسلىھەلىرىنى كەسىپ بۇزىدىغان ئىشلار تولىمۇ كوپ كورىلىپ تۇراتتى.ياتاقتا قىمار ئوينايدىغان،مۇشلىشىدىغان،بىخەتەرلىك خادىملىرىغا پىچاق كوتىرىپ ھەيۋە قىلىدىغان ،بىر كارۋاتقا پۇل تولەپ 5 ئادەم ياتىدىغان ئىشلار بەك كوپ ئىدى ،ياتاقدارلار ياتاق ئەسلىھەلىرىنىڭ بۇزۇلغان قىسمىنى تولىپ ئەلىشقا ھەچ قانداق ئورگان ۋە ئادەم تاپالماي قالغان ئىدى.شۇڭا ئۇلار قارا قويۇق خىتاي مىللىتىگە مەنسۇپ بولمىغان ھەرقانداق ئۇيغۇرغا ياتاق بەرمەس بولىۋالدى.ئوزىمىزگىمۇ ئاز!!!لوكچەكلىك ۋە كاناي نوچىلىقى بىلەن ئىش ئاقمايدىغانلىقىنى ئەمدى بولسىمۇ ئاڭقىرىۋەلىشىمىز كەرەك !