بىز بىلمەيدىغان تارىخ
كىرىش سوز :
بۇ ئەسلىمە تارىخنىڭ 1950-يىلىغا قەدەر يەزىلغان. قۇرۇلۇپ بولغان دولەتنىڭ قانداق ئاغدۇرۇلغانلىقى ئىنكار قىلغۇسىز پاكىتلار بىلەن كورسۇتۇلگەن. ئەسلىمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بولۇپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قايتىدىن قۇل بولۇپ قالغانلىق سەۋەبىنى روسلارغا، „كومۇنىست پارتىيە“گە، ھاۋا رايىغا… ئارتىپ ئوزلىرىنى يوشۇرۇپ قۇتۇلماقچى بولغان مۇناپىق خائىنلارنى ئۇلۇق ئاتا ئۇيغۇر ئەخمەتجان قاسىمى1948-يىلى : „ ئارىمىزدىكى خىتايدىنمۇ بەتتەر، ساتقۇن ئىسا يۇسۇپ، مەسۇت سابىرىلار…“ دەپ ۋەسىيەت ئىلان قىلغان ئىدى.

„ئىسابەگچىلەر“ 1950-يىلدىن تا-بۇگۇڭە قەدەر ئۇيغۇرلارنى يەنە ئوخشاش ئۇسۇل ، ھىلە –نەيرەڭلەر بىلەن خىتايغا سەتىپ كەلىۋاتقان ئىئابەگچىلەرنىڭ 1992-يىلدىن بىرى ئىلان قىلغان: „مىللىتىمىز تۇرك، دىنىمىز ئىسلام، ۋەتىنىمىز شەرقى تۇركىستان“دەگەن شۇئارى بىلەن „پانتۇركىزىم“ تەشۋىقاتى بىلەن „كاپىر سوۋىتلەر ۋە روسلار“غا قارشى تەشۋىقاتى ئارىسىدا ھىچقانداق پەرق يوقلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ئويۇنلىرى ئىكەنلىئۇكىنى كورىمىز. قانخۇر ئىسابەگچىلەرنىڭ قىلمىشلىرىنى مەزكۇر تارىخى ئەسلىمە بىلەن سەلىشتۇرۇپ ئالدانغانلىقىنى تونۇپ يەتەكەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ھەسرەت-نادامەت ئىچىدە ئورتۇنۇپ، پىشمانلىقىدا ئوزىنى ئولتۇرىۋالغانلىقى مەلۇم…. كۇچلۇك بولۇڭ- خىۋىر تومۇرنىڭ „بىز بىلمىگەن تارىخىمىز“ناملىق بۇ ئەسلىمىسىنى ئوقۇيلى، كەلەچەك ئەۋلاتلىرىمىنىمۇ يەنە، خىتايدىنمۇ بەتتەر بۇ ساتقۇن مۇناپىقلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بەرمەيلى!
_______

بىز بىلمەيدىغان تارىخ
ئاۋتور: خىۋىر تومۇر

دۆلەت قۇرۇلغان ۋە بۇ دۆلەتنىڭ ئارمىيسى ماناس دەرياسى بۇيىغىچە قىستاپ كىلىپ ئۈرۈمچىنى تەھدىتكە ئالغان ۋاقىتتا ، ھەربى جەھەتتىن ئامالسىز قالغان گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قۇللانغان سىياسى تەدبىرى ئىككى جەھەتتىن بۇلغان . بىرى ئامرىكىنىڭ ماسلىشىشى ۋە ھەمكارلىغىدا سۇۋىت ئىتىپاقى بىلەن سۇلھى قىلىپ ،شۇ ئارقىلىق سۇۋىتنىڭ قۇلى بىلەن بۇ تەھدىد(دۆلەت)نى يۇق قىلىدىغان تاشقى سىياسەت تەدبىرى. يەنە بىرى قۇرۇلغان بۇ دۆلەتنى (گومىنداڭ ئىشخالىيتىدىكى رايۇنلاردىكى)خەلقنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشتۈرمەسلىك ياكى خەلقنى بۇ دۆلەتتىن ئىدىيە جەھەتتىن تەزدۈرۈش ئۈچۈن قۇللانغان ئىچكى سىياسەت تەدبىرىدۇر.

يازمىدا تاشقى سىياسەت تەدبىر تۇغىرسىدا تۇختالمايمىز .

بۇ يەردىكى ئىچكى سىياسەت تەدبىرىدە رول ئالغان ئادەم ئىسا يۈسۈپ (ئالپتىنى)دۇر. خىۋىر تۆمۈرنىڭ ئەسلىمىسىدە يىزىلىشىچە ئىسا يۈسۈپ قەشقەر يىڭساردىكى خىتاي ھاكىمىنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ بالىلىرى بىلەن ئويناپ چوڭ بۇلغان ۋە شۇ جەرياندا خىتايچە ئۆگەنگەن . كىين يامۇلدا تەرجىمان بولغان . كىيىن بۇ ھاكىم گومىنداڭنىڭ تاشكەنىتتە تۇرۇشلۇق كونسۇلى بۇلۇپ تەيىنلەنگەندە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەگىشىپ تاشكەنتكە بارغان .1930-يللارنىڭ ئالدى كەينىدە «ئالاھىدە خىزمەت »ئىھتىياجى ئۈچۈن نەنجىڭگە ئەۋەتىلىپ مەخسۇس تەربىيلەنگەن . بولشىۋىكلارنىڭ "جۇڭ خا مىنگۇ" زىمىنىدا جۇڭگۇ كومپارتىيسىنى قوللاپ ،قۇراللاندۇرۇپ « پاراكەندىچىلىك سلىش»لىرىغا قارشىئى تەدبىر سۆپىتىدە ،جىياڭجىشى رەھبەرلىگىدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىمۇ سىئوۋىت رۇسىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ھۇلىنى كۇلاش ئۈچۈن تاشكەنىتتە ئاچقان كونسۇلى ئارقىلىق ، يەرلىك مىللەتلەر ئارسىدىن پانتۈركىزىمچىلارنى بولشىۋىكلارغا قارشى كۈشكەرتىش پائالىيەتلىرى ئىلىپ بارغان ئىدى . بۇ يەردە ئىسا يۈسۈپ قىلماقچى بۇلغان «ئالاھىدە خىزمەت»مانا مۇشۇ ئىدى. بۇ جەرياندا ئۇ پانتۈركىزىم ئىددىيسى تۇغىرسىدا خىلى ئۇبدان بىلىمگە ۋە سىياسى خىزمەت تەجىربىسىگە ئىگە بولغان ئىدى.
ئىسا يۈسۈپ كىيىن گومىنداڭنىڭ ئەرەپ ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە ئەۋەتكەن بىر ئۆمەكنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى بۇلۇپ تەيىنلىنىپ بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە زىيارەتكە ئەۋەتىلگەن .بۇ زىيارەت جەريانىدا ئافغانىستاندا 7 يىلدىن بىرى تەتقىقات ۋە سىياسى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ،شىنجاڭ مەسلىسنى ياپۇنيەنىڭ كابۇلدىكى باش ئەلچىئىسى ۋاستىسى بىلەن ،ياپۇنيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قول تىقىدىغان خەلقارا مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش يۇلىدا ھەركەت قىلىۋاتقان مەمتىمىن بۇغرا بىلەن ئالايتەن كۆرۈشۈپ ،ئۇنى «جۇڭخۋا مىنگۇنىڭ قەلبىدە تۇرۇپ كۆرەش قىلىش»قا قىزىقتۇرغان . تۇركىيەدە زىيارەت جەريانىدا سوۋىت روسىيەسىگە قارشى ئاممىۋى پىكىر بەرپا قىلىش ئۈچۈن بەزى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغان . كاللىسى روس ۋە كومىنىزىم ئۆچمەنلىگى بىلەن تولغان مەسئۇت سابىرىنىڭ ئەھۋالىدىن مۇشۇ يەردە خەۋەردار بولغان ۋە ئۇنى قىلتاققا چۇشرگەن مۇمكىن .
ئىسا يۈسۈپنىڭ بۇ زىيارەتىنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىگى ئەكسىچە ناھايتى مول ھۇسۇللۇق بىر زىيارەت پائالىيتى بولغانلىغى كىيىن مەلۇم ب0لغان .مەمتىمىن بۇغرانىڭ «مىنىڭ سىياسى كۆرەشلىرىم »دە يەزىلىشىچە، ئىسا يۈسۈپ بىلەن ئۇچىرشىپ ئۇزاق ئۆتمەي ، مەمتىمىن بوغرا ئىسا يۈسۈپنىڭ دىگەنلىرىنىڭ تۇغرا ئىكەنلىگىنى ، شىڭشىسەينى يۈلەپ تۇرغان رۇسلارغا قارشى يەنە شۇ جۇڭخا مىنگۇدىن پايدىلىنىشىنىڭ ئاقىلانە بولىدىغانلىغنى ھىس قىلىپ يەتكەن ۋە ئۇنىڭ تەكلىۋىنى قۇبۇل قىلىغانلىغىنى بايان قىلىپ ئىسا يۈسۈپكە ۋە جان جە شىگە خەت يىزىپ ،شىڭ شى سەينىڭ شىنجاڭ خەلقىگە سالغان زۇلىمىدىن، سوۋىتپەرەسلىگىدىن شىكايەت قىلغان ۋە ئوزىنىڭ شىن جاڭ خەلقىگە ۋەكىل بۇلۇپ مەركىزى ھۆكۈمەتتە ئىشلەشنى خالايدىغانلغى ھەققىدە ئىلتىماس قىلغان .
بىزدە «ئۆيدىكى ھىساپ تالاغا توغرا كەلمەپتۇ» دىگەن بىر ماقال بار . مەمتىمىن بۇغرانىڭ ئۆيدىكى ھىسابى قانداق قىلىپ تالاغا تۇغرا كەلمىگەنلىگىنى كىينكى ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتى ئىسپاتلىغان .

1933-يىلى قۇراللىق كۆرەش قىلىپ خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئىرىشكەن بۇ مۇجاھىدنى يىنىدا تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ سىياسى ئەھمىيتىنىڭ ناھايتى چوڭ بۇلدىغانلىغىنى ھىس قىلغان جىياڭ جىيشى دەرھال جاۋاپ خەت يىزىپ ئۇنى تەكلىپ قىلغان . تەكلىپكە بىنائەت مەمتىمىن بوغرا دەسلەپ كابۇلدىن ھىندىستانغا كەلگەن .بۇ يەردە ئەنگىلىيە دائىرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان .شۇنىڭ بىلەن مەمتىمىن بوغرانىڭ ئايالى جىياڭ جىيشىگە خەت يىزىپ ،ئەھۋالنى مەلۇم قىلىغان ۋە جىياڭ جىيشىنىڭ ياردەم قىلىپ ئىرىنى قۇتقۇزىشىنى ئىلتىجا قىلغان . جىياڭ جىيشى بۇ ۋاقىتتا «شەپقەتچى»سۆپىتىدە ئوتتۇرغا چىقىپ ،ئەنگىلىيە ۋە ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە خىزمەت ئىشلەپ ئۇنى تۈرمىدىن« قۇتقۇزۇپ چىققان» ۋە ئايرۇپىلان بىلىتى ئەۋەتىپ (بىر رىۋايەتتە ئالاھىدە ئايرۇپىلان ئەۋەتىپ) ئۇنى نەنجىڭغا ئالدۇرۇپ كەلگەن . بۇ ۋاقىتلاردا ئەنگىلىيە ، ئامرىكا، جۇڭ خا مىنگۇلار سوۋىت كۇمىنىزىمىغا قارشى تىلى بىر ئاغىنىلەر بۇلۇپ ، مەمتىمىن بوغرانىڭ تۇرمىگە تاشلىنىشى ۋە «قىين كۈندە بىشىنى سىلىغان »بۇلىۋىلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ چىقشلارنىڭ ھەممىسى مەمتىمىن بۇغرانىڭ كۆڭلىنى ئۈزىگە قارىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر ئويۇن ئىدى. دىمەك بىر قاتار ئويۇن ۋە نەيرەڭلەر ئارقىلىق «يولۋاسنى ئالداپ تاغدىن چۈشۈرۈش ھىلسى» بىلەن مەمتىمىن بۇغرا كابۇلدىن قايتۇرۇپ كىلىنىپ قەپەزگە سولانغان ئىدى.

مەمتىمىن بۇغرانىڭ نەن جىڭگە كىلشى بىلەن كابولدا ئىلىپ بارغان ئۇيغۇرىستان مەسىلىسىنى خەلقارالاشتۇرۇشنىڭ ئالدى ئېلىندى ۋە ناھايتى موھىم بىر سىياسى دەسمايە قولغا كەلگەن ئىدى . مەمتىمىن بۇغرانىڭ نەنجىڭگە كىلىشى ماھىيەت جەھەتتىن تومۈر خەلپە ۋە خوجى نىياز ھاجىنىڭ ئۇرۈمچىگە بىرىشىغا تامامەن ئۇخشاش ئىدى. پەقەت بۇ سىياسى ئويۇن بۇرۇنقىلارغا قارىغاندا خىلىلا يۇقىرى سەۋىيەدە ئىدى. ئۆز ۋاقتىدىكى لى شۇ فۇ ۋە سوۋىت كۈنسۇلى ئاپرىسوۋنىڭ ئورنىدا بۇ قىتىم ئىسا يۈسۈپ بار ئىدى .

مەمتىمىن بوغرا نەنجىڭگە كەلگەندىن كىيىن ئىسا يۈسۈپنىڭ دىگىنىدەك گومىنداڭ پالاتا ئەزاسى قىلىپ تەيىنلەندى ۋە تىگىشلىك بۇلغان شان -شۆھرەت ،يۇقىرى مائاش -تەمىناتتىن بەھىرمەن قىلىندى . مەسئۇت سابىرىنىڭ ھىكايىسىمۇ شۇ مەمتىمىن بوغرانىڭكىگە ئوخشاپراق كىتىدىغان بىر جەريان دىيشكە بۇلىدۇ ،پەقەت ئۇنىڭ سىياسى نەرقى مەمتىمىن بوغرادىن ئەرزانراق ، سۆپىتى سەل تۈۋەنرەك ئىدى خالاس .

غولجىدا قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ ئارقىسىدا كومىنزىم ئىدولوگىيسى بىلەن كىتىۋاتقان سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ ئارقا تىرەك بۇلۇپ تۇرغانلىغىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەت گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن تىشىپ كىرىشكە بۇلىدىغان بىر يۇچۇق نوقتا ئىدى. چۈنكى "شىنجاڭ(ئۇيغۇرىستان)" خەلقى ئىسلام دىنىغا ئىشىدىغان ،دىنسىز دەھرىلىكنى يامان كۈرىدىغان خەلق ئىكەنلىگىنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇبدان بىلەتتى . بۇ تۇپراقنىڭ بىر قۇچىقىدا دۆلەت قۇرۇلۇپ بولغان ئەھۋال ئاستىدا ، بۇ خەلقنى پەقەت ھەربى ۋە ساقچى كۈچلىرىگىلا تايىنىپ تىزگىنلەپ تۇرۇش ئەسلا مۈمكىن بولمايتتى. يەنە كىلىپ بۇ ۋاقىتلار ياپۇنىيە بىلەن بۇلغان ئۇرۇش جىددى داۋام قىلىۋاتقان بىر ۋاقىت ئىدى. ياپۇنىيەنىڭ تەسلىم بۇلىشى ھەتتا تىخى كۈتەرتىپتىمۇ يوق ئىدى .دىمەك ئۇيغۇرىستاننى ئىدارە قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشتا دۆلەتنىڭ ھەربى ۋە ئىقتىسادى كۈچى يىتىشمەيتتى .بىردىن بىر يول ئۇلارنىڭ ئىددىيسىنى تىزگىنلەش، ئۇيغۇرىستان خەلقىنىڭ قۇرۇلۇپ بۇلغان دۆلەتكە بۇلغان تەشنالىغىنى بىسىقتۇرۇش، مۇستەقىللىققا بۇلغان ئارزۇسىغا باشقا ئامال قىلىش كىرەك ئىدى.

دەل شۇ ۋاقىتتا ، نەنجىڭ ۋە چۇڭ چىڭدا بىقىۋاتقان «قەپەزدىكى يولۋاسلار»نىڭ ئىشقا يارايدىغانلىغى ئوتتۇرغا چىقتى. بۇلار رەسمى سالاھىيەت جەھەتتە ،گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى ئەمەلدارلار بۇلشىغا قارىماي ،يەنە ئۇيغۇرىستان خەلقىنىڭ جۇڭخۋا مىللەتلىرى تەركىۋىدە ئەمەسلىگىنى جار سىلىپ ،مەركەزدىكى رەھبەرلەرنىڭ كۈڭلىنى يېرىم قىلىپ تۇراتتى. ئەلۋەتتە ، بۇ پەقەت سۆزلەش ھۇقۇقى دائىرسىدىكى پائالىيەت بۇلۇپ ، ئۇيغۇرىستاندىن 4مىڭ كىلۇمىتىر يىراق بىر يەردە تۇرغانلىغى ئۈچۈن ئەمىلى ھەركەت قىلىش ئىمكانىيتى يوق ئىدى ئەمما يەنىلا ئىسا يۈسۈپ بۇ ئىككەيلەن بىلەن مەيدانى بىردەك قىياپەتكە كىرىۋىلىپ ھەممەگەپ-سۆز ۋە ھەركىتىدىن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەتنى خەۋەردار قىلىپ تۇراتتى . شۇ ئارقىلىق مەركەز رەھبەرلىرىمۇ بۇلاردىن ئانچە ئەندىشە قىلمايدىغان بولغان ئىدى.

غۇلجىدا دۆلەت قۇرۇلۇپ ،ئۇرۈمچى تەھدىت ئاستىدا قالغان ۋاقىتتا ، گەرچە ۋۇجۇڭشىن بۇ «پانتۈركىزىمچىلار»نىڭ ئۇيغۇرىستانغا كەلسە ئەسلا بولمايدىغانلىغىنى ، بولمىسا «قەپەزدىكى يولۋاسنى ئورمانغا قۇيۇپ بەرگەن »بىلەن ئوخشاش ئىش بۇلدىغانلىق چۈشەنچىسىنى كۈچەپ تەشەببۇش قىلسىمۇ ، لىكىن جىياڭ جىيشى سىياسى جەھەتتىن تىخىمۇ يىراقنى كۆرەلەيدىغان جاڭ جىجۇڭنىڭ تەكلىۋىنى توغرا تىپىپ ، قىيىن ۋە ھالقىلىق ۋاقىتتا ئۇلارنى ئۇيغۇرىستانغا ئەۋەتىپ پانتۈركىزىم ئىقىمى بىلەن غولجىدىكى دۆلەتكە قارشى ئەپسۇن ئوقۇپ، تەتۇر شامال چىقىرىشقا قويۇپ بەرگەن بولدى.

بۇلار ئۇيغۇرىستانغا كەلگەندىن كىيىن دەسلەپكى پائالىيتى پانتۈركىزىمنى تۇنۇشتۇرۇش ۋە كومىنىزىمغا ،دىنسىزلىققا قارشى تۇرۇش، تىلمىزنى ساپلاشتۇرۇش ... دەپ ئىلىپ بىرىلغان ئىدى . بۇلارنىڭ پائالىيتى ئۇيغۇرىستاندىكى خىتاي رەھبەرلەرنى قاتتىق بىئارام قىلغان بولسىمۇ لىكن ۋەزىيەتنىڭ ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن ئوينىلىۋاتقان بۇ سىياسى ئويۇندا ،مەركىزى ھۆكۈمەت يەرلىك رەھبەرلەرنىڭ شىكايەتلىرىگە نىسپەتەن سۈكۈت قىلىش پوزىتسىيەسىدە تۇرۇۋالدى . ئەمىليەتتە بۇ بىر «ئىگىزدە تۇرۇپ يولۋاس سۇقاشتۇرۇش» ھىلىسى بۇلۇپ ھەم يەرلىك ئەمەلدارلار(خىتايلار)نىڭ «پانتۈركىزىمچىلار»غا بۇلغان نەپرىتىنى ئويغىتالايىتتى ھەم ئۇيغۇرىستان خەلقىنى مەركىزى ھۆكۈمەتتىن مەمنۇن قىلالايىتتى. ئەمما ھەقىقى مەقسەت بۇ ئەمەس ئىدى. ئەسلى مەقسىدى بۇلسا ئۇيغۇرىستان خەلقىنىڭ ئىددىيسنىڭ غولجىدىكى دۆلەتكە بۇلغان مايىللىغىنى تۇسۇپ قىلىش ئىدى. گىزىت -جۇرناللار نەشىر قىلىنىپ دۇنيا ۋەزىيتى ۋە يەرلىك ۋەقەلەر بىسىلىپ تۇرۇلغانلىغى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرىستان خەلقى تەبىئى ھالدا غۇلجىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئارقىسىدا دىنسىز كۈمىنزىم دۆلىتى سوۋىتلەرنىڭ بارلىغىنى بىلىۋالغان ئىدى ،تىخىمۇ توغرسى مەقسەتلىك بىلدۈرۈلگەن ئىدى. بۇ «پانتۈركىزىمچىلار» بىر تەرەپتىن پانتۇركىزىمنى تەشۋىق قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرىستان خەلقىگە «چىن تۇركىستانى»قۇرۇپ بىرىدىغانلىق ۋەدىسى بارلىغىنى ھىچ بۇلمىسا ئالى ئاۋتونۇمىيە(مۇختارىيات) بەرىدىغانلىغى ، پەقەت ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا بۇ ئىشلارنىڭ تەبى رەۋىشتە ھەل بولىدىغانلىقى(1)نى سۆزلەپ ،خەلق ئىچىدىكى غۇلجا مەركەزلىك مۇستەقىل دۆلەتكە ماسلشىپ ئىلىپ بىرىلىۋاتقان مەخپى تەشكىلاتلىنىشنىڭ ۋە يەر ئاستى ھەركەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالغان ياكى تەشكىللىنىش يۇلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ ئۈزىنىڭ سىپىگە قۇشۇۋىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرىستان خەلقىنىڭ سىياسى ئىرادىسنى پارچىلاپ، كۈرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئىرىشكەن ئىدى. يەنە كىلىپ ھىچقانداق ئىقتىساد سەرىپ قىلىنمىغان ئىدى. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى يەرلىك ۋەقىپ ۋە جەمىيەتلەرنى قۇرۇش ئارقىلىق يەرلىك خەلقتىن ئىئانە (بەدەل)پۇل يىغىش يۇلى بىلەن ئىلىپ بىرىلدى. راستىنلا بىر مەزگىل ئۇيغۇرىستان ياشلىرى بۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى ۋە پۇل -ماللىرىنى بۇلارغا تۈكتى. چۈنكى بۇ «پانتۈركىزىمچىلار»نىڭ بىشىدا ئۈز خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقىئى ئۈچۈن قان كىچىپ جىھاد قىلغان مەمتىمىن بوغرادەك ئەزىمەتلەرمۇ بار ئىدى.ئەگەر مەمتىمىن بوغرا بولمىغان بۇلسا ،ئۇنىڭدىن باشقىلارغا بۇلۇپمۇ ئىسا يۈسۈپكە ھىچكىم ئىشەنمەيىتتى.

بۇ كۆرەش دەسلەپتە ،تەكەللۇپ ۋە ھىلە -نەيرەڭلەر بىلەن داۋام قىلغان بولسا ، كىيىن گىزىت -جۇرناللاردا ئوچۇق ئاشكار تىللاپ -ھاقارەتلەش بىلەن بولىدىغان بولدى. ھەتتا بۇ «پانتۈركىزىمچىلار» غۈلجىدىكى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىنى «روسلارنىڭ كۈچىگى» ، «كومىنىزىمنىڭ قورچاقلىرى» ،«سىتالىننىڭ گۇماشتىلىرى»... دەپ ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ تەشۋىق قىلىدىغان بولدى . پەقەت مەمتىمىن بوغرانىڭلا غۇلجىدىكى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسوۋىتى ياخشى ئىدى ، باشقىلار بۇلسا خۇددى ئىت -مۈشۈكتەك بىر-بىرىگە ھۆرپىيىپ يۈرۈشەتتى .بۇ ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرىستان خەلقى ئۈزۈل- كىسىل قايمۇقتى . بۇ قايمۇقۇش تا ئۇيغۇرىستان تىنچ ئازات بولۇپ گومىنداڭ ئەسكەرلىرى تاۋسىيۇنىڭ رەھبەرلىگىدە تەسلىم بولۇپ ھەقىقەتكە قايىتقان ، بۇ «پانتۈركىزىمچىلار» بۇلسا جاڭ جى شىنىڭ يىڭىلگىنىگە تەن بەرمەي تۈزۈپ چىققان «چوڭ قۇرۇقلۇقنى قايتۇرۇپ ئىلىش پىلانى»نىڭ ئىچىدىكى « شىنجاڭ پىلانى»نى ئورۇنلاشنىڭ ئىھتىياجى ۋە ھاياتىنى ساقلاپ قىلىشنىڭ ئارزۇسىدا مىڭغا يىقىن كىشى بىرلىكتە چەتئەلگە قاچقان(ھىجرەت دەۋىلىنغان)غا قەدەر داۋاملاشتى . ئاتالمىش «چىگرادىن قايىتىپ كەلگەن »مەسئۇت سابىر ۋە چىڭگىزخان دامۇللاملار يەنە شۇ ئىسا يۈسۈپنىڭ كەينىگە كىرىپ ، يەنە شۇ ئەكسىيەتچى جىياڭ جى شى ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانىغا يەمچۈك بۇلۇپ يۈرۈشنىڭ ئەرزىمەيدىغانلىغىنى ، بۇ ئاتالمىش «ھىجرەت»نىڭ ئۇيغۇرىستان خەلقى ئۈچۈن ئەمەس خىتاي گومىنداڭ پارتىيسى ئۈچۈن ئىكەنلىگىنى ، بۆرىدىن قۇتۇلسىمۇ يەنە يولۋاسقا تۇتۇلۇپ يۈرىيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىگى ئۈچۈن قايتىپ كەلگەن ئىدى .
______

(1)- ئىزاھات: خىتاينىڭ ئۇ دەۋىردىكى ئاجىز ۋاقتىدا بەرمىگەن مۇستەقىللىق ۋە مۇختارىياتنى ، كۇچلەڭەن ۋاقتىدا قانداق بەرىدۇ؟ - دەپ ئويلىمىغان ئۇيغۇرلاردىن ساۋاق ئالمىغان ئۇيغۇرلارغا خىتاي سەيپىدىن، ھامۇدىن نىياز ۋە ئىسا يۇسۇپلەر ئارقىلىق 1990-يىللى „چىن تۇركىستان“بەرىدىغانلىقىنى دەگزدى. 1994-يىلى ئەركىن ئىسا تۇركىيە گەزىتىدە: „ مەن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن چىن فىدىراتسىيون(خىتاي بىرلىكى)نى قوبۇل قىلىمەن“دەپ ئىلان قىلدى. رابىيە قادىرمۇ5 -ئىيۇل خىتاي قىرغىنچىلىقى ھارپىسى ئىتالىيەدە „بىز ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز“دەپ ئىلان قىلدى.

(ئەسلىمىدىكى بەزى ئاتالغۇلارغا ئايرىم ئىزاھات بەرىلىدۇ)
______

توربەتىمىز بىر مەزگىل سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ. ماقالە، پىكىرلىرىڭىزنى يوللاڭ، تەھرىرلەپ ماقۇللىقىڭىزدىن ئوتكەندن كىيىن ئىلان قىلىمىز. :

"Dunya Uyghur Dostliri/-DUD" Teshkilati Torbetidin Elindi.