+ Reply to Thread
Results 1 to 10 of 10

Thread: milly köresh

  1. #1
    Unregistered Guest

    Default milly köresh

    شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي زېمىنىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارىغان ئاساستا، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىچىل ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەر قانداق "مىللىي" كۆرەش ۋەتەنگە بولغان ساتقۇنلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىلھام توختىمۇ ۋەتەن خائىنىدۇر!
    ئەخمەتجان ئوسمان

    Sherqiy türkistanni xitay zéminining bir parchisi dep qarighan asasta, xitayning sherqi türkistandiki mustemlikichil hakimiyitini étirap qilghan asasta élip bérilidighan her qandaq "milliy" köresh weten’ge bolghan satqunluqtin bashqa nerse emes. Mushu menidin élip éytqanda, ilham toxtimu weten xa’inidur!
    Ahxmetjan osman

    https://www.facebook.com/arman.raster

  2. #2
    Unregistered Guest

    Default ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىمگە ئوچۇق خەت

    ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىمگە ئوچۇق خەت

    ئاپتورى: نامەلۇم

    بىر قېرىندىشىمىزنىڭ يۇرەك سۆزى

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئەخمەتجان ئەپەندىم .
    سىزنىڭ يىقىندە چوڭ غۇلغۇلا قوزغۇغان ، ئىلھام توختىنى ۋەتەن خائىنى دەپ ئىلان قىلغان يازمىڭىز توغرىسىدا ئوزەمنىڭ كوزقاراشلىرىنى سىز بىلەن ئورتاقلىشىشن مەقسىدىدە بۇقىسقا چۇشەنچەمنى يوللاۋاتىمەم . مەن سىزنىڭ بۇ قارماققا ناھايىتى رادىكال ئىلانىڭىزنى تۇنجى كورگەندە، سىزنىڭ بىرقىتىملىك سوھبەتتە ،ئەلجەزىرە نىڭ مۇخپىرى رابىيە قادىر خانىمدىن ئوزىنىڭ سىياسى مەخسىدىنى توت قىتىم سورىغاندا ، رابىيە قادىرخانىمنىڭ بۇ سۇئالدىن توت قىتىم ئايلىنىپ ئوتۇپ كەتكەنلىكىنى ئىيىتقانلىقىڭىز ئىسىمگە كەلدى . شۇ سەۋەپتىن ، سىزنىڭ بۇنداق بىر غۇلغۇلا قوزغايدىغان يازمىنى ئىلان قىلىشتىكى مەخسىدىڭىزنى ، ئويغۇرلارنىڭ خەلقارادىكى سىياسى ھەركەتلىرىنىڭ ئىزچىل ھالدە كىشلىك ھۇقۇق ، ئەركىنلەك ، دىمكىراتىيە ، ئوزىنىڭ كەلگۇسىنى ئوزى بەلگىلەش دىگەندك شۇئارلار ئارقىلىق ئىلىپ بىرىلىۋاتقانلىق ( بۇلۇپمۇ د.و.ق ) ، ئىنىق ھالدا مۇستەقىللىق دەۋاسى ئەمەسلىكىنى ، يۇقارقىدەك شۇئارلارنىڭ پىرىسىپال جەھەتتە ۋەتىنىمىز دىكى خىتتاي ھۇكۇمىتىنى ئىتراپ قىلغانلىق ئىكەنلىكنى كورسىتىپ بىرىش ،شۇنداقلى بۇ خەلقارادىكى سىياسى ھەركەتنىڭ ئىنىق ھالدا مۇستەقىللىق ھەركىتى يولىنىشىگە يىتەكلەشنى مەخسەت قىلغانلىقىڭىزنى چۇشەندىم . ئەمىليەتتە ، مەنمۇ يىقىغىچە سىزدەك كوزقاراشتا ،ھەتتا دۇنيا ئويغۇرقۇرۇلتىيىدىكىلەرنىڭ قىلىۋاتقانلىرى خىتتاينىڭ بىر سىياسى ئويىنىمىكىن ،ئۇداق بولمىغاندە ، قۇرۇلتايدىكى ئادەملەر مۇشۇنچىلەك بىر ئاددى مەسىلىنى چۇشۇنەلمەسلىكى مومكىن ئەمەس دەپ ئويلايتىم. ئەمما يىقىندا بۇ
    سۇئالىرىمغا جاۋاپ تاپتىم .

    ئەگەر بىز ئىلھام توختىنى ۋەتەن خائىنى دەپ چۇشەنسەك ، تۇمۇر خەلپىتىم ،غوجىنىياز خاجىم ۋە كىينكى بىتىم ئىمزالاشقائۇرۇمچىگە بارغان ئىككىنجى جۇمھىريەت رەھپەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ۋەتەن خايىنى دەپ ھۇكۇم قىلىشقا توغرا كىلىدۇ . مۇنداقچە ئيتقاندا ، ئويغۇرنىڭ تارىخى پۇتۇنلەي ۋەتەن خايىنلىرى بىلەن توشقان ، ئەڭ قىزىقارلىقى بۇ ۋەتەن خايىنلىرىنىڭ ھەممىسىنى خىتتاي ئوزىگە ئەششەددى دۇشمەن كورۇپ ئولتۇرگەن ، ھەتتا ئىلھام توختىغىمۇ بولگۇنچى ۋە ۋەتەن ساتقۇچ دەپ ھۇكۇم قىلىنىپ مۇددەتسىز كەسكەن . ئەزەلدىن ئوچۇق سۇرۇندا "بىزگە مۇستەقىللىق كىرىك !" دەپ باقمىغان دۇنيا ئويغۇر قۇرۇلتىيمۇ خىتتاينىڭ نەزىرىدە بولگۇنچى، تورورچى تەشكىلات، ھازىرقى رەھبىرى دولقۇم ئەيسا تىرورچى سۇپۇتىدە خەلقارالىق تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىلغان قارا
    تىزىملىكتە .

    غوجىنىياز ھاجىمنىڭ جۇمھىريەت ئىلان قىلغان سابىت داموللامنى خىتتايغا تۇتۇپ بىرىشى ۋە ئاخىرىدا ئوزى ئولكىنىڭ مۇئاۋىن رەيىسلىكىنى قۇبۇل قىلىشىنى زور كوپچىلىك ئويغۇرلار غوجانىيازھاجىم خىتتاينىڭ چىرايلىق گىپىگە ئالدانغان دەپ قاريدۇ . بىز تارىخىمىزغا ئەمىلى رىيانلىقنى ئاساس قىلىپ قاراپ باقساق ، سابىت داموللام دوۋلەت بايرىقى ، دوۋلەت گىرىبى ۋە دوۋلەتنىڭ سىياسى مەيدانىدىنى لاھىيەلاپ ، ئىككى شەھەرنى بىرقانچە مىڭ كىشلىك قوزغىلاڭچى قوشۇن بىلەن ۋاختىنچە كونتىرول قىلىپ ، سىرىتتىن ئىلىپ كەلگەن ۋە ئىككى شەھەردىن يىغىۋالغان بىرقىسىم ئادەملەر بىلەن دوۋلەت مىنىستىرلىرىنى بىكىتىپ ، قولىدا كۇچلۇكرەك قوزغالاڭچى قوشۇنى بار غوجىنىياز ھاجىمنى رەيس جۇمھىر قىلىپ بىكىتىپ ، بۇ رەيىس جۇمھۇرنىڭ يىتىپ كىلىشىنى كۇتمەيلا بىرپۇتۇن شەرقى تۇركىستان ئوچۇن جۇمھىريەت ئىلان قىلغان . مەيلى بىز سابىت داموللامنىڭ مۇستەقىل دوۋلەت قۇرۇش ئارزۇسىنى قانچىلىك مەدھىلەيلى ، بۇ جۇمھىريەت قۇرۇش ئەمىليىتى پەقەتلا قەغەز يۇزىدىكى جۇمھىريەت ، بىر رەمانتىك ھىسياتنىڭ كىچىك بالىنىڭ مىھماندالىق ئوينىغىنىدەك ئەمىليەت ئىكەنلىكنى چۇقۇم ئىتراپ كىلىشىمىز كىرەك . شۇچاغدا غوجىنىياز ھاجىم ۋە قوزغىلاڭچى قوشۇن دۇشكەلگەن ئەمىلى مەسىلە ، ھەقىقى مۇستەقىل دوۋلەت قۇرۇشنىڭ ئىھتىياجى ، ھەرگىز سابىت داموللامغا ئەگىشىپ مىھماندارلىق ئويناش ئەمەس ، بەلكى ئەمىلى كۇچكە ئىگە بۇلۇش ،يەنە قورال-ياراق ۋە شۇنۇڭ ئۇچۇن سوۋىت ئىتپاقىنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىش. ۋە شۇ سەۋەپتىن ، سابىت داموللامنى خىتتايغا تۇتۇپ بەرگەن ۋە شۇ ئارقىلىق سوۋئيت ئتىپاقىنىڭ قورال- ياراق ياردىمىگە ئىگە بۇلۇش ، ھەم كىيىنكى مۇئاۋىن رەھىسلىكنى قۇبۇل قىلىشىمۇ شۇنۇ مەخسەت قىلغان . بۇ تارىختىن شۇنى چۇقۇم ئىتراپ قىلىشىمىز كىرەككى ، بىرىنجى جۇمھىريەتنىڭ پەقەتلا ئەمىليىتى يوق ، مۇستەقىل جۇمھىريەت قۇرۇش روھىنى ھىساپقا ئالمىساق پەقەتلا كىچىك بالىنىڭ مىھماندرلىق ئوينىغىنىدەكلا بىر ئىش بولغان . غوجانىياز ھاجىم خەلىق قوزغىلىڭىنىڭ باشچىسى ، مەغلۇپ بۇلۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ قورال-ياراق يوق ، مۇئاۋىن رەيىسلىكنى قۇبۇل قىلمىغىنىدىمۇ قورال-يارق ئوق-دۇرا يىتىشمەي قىرىلەپ كىتىشى مومكىن ئىدى . مۇئاۋىن رەيىسلىكنى قۇبۇل قىلىپ ، غوجىنىياز ھاجىم-خىتتاي ھۇكىمىتىى - سوۋئيىت ئىتپاقىدىن ئىبارەت بۇ ئۇچبۇرجەك - مۇناسىۋەت سىياسى ئويۇندا ئوزىنىڭ جىنىنى دوغا تىكىپ تىرىشچانلىق كورسىتىپ باققان ئەمما مەغلۇپ بولغان . شۇڭا ، غوجىنىياز ھاجىمنىڭ سابىت داموللامنى خىتتايغا تۇتۇپ بىرىشى ۋە مۇئاۋىن رەيىسلىكنى قۇبۇل قىلىشى ۋەتەن خايىنلىقى ئەمەس ، قولىدا قورال-ياراق ۋە ئوق- دورا بولسا ھەرگىز قۇبۇل قىلمىغان بۇلاتتى ، ھەم غوجانىيازھاجىمنىڭ ھەقىقى مەخسىدىنى بىلگەن خىتتاي ۋە سوۋىت ئىتىپاقى غوجانىياز ھاجىمنى تىرىك قويمىغان . (بىزنىڭ ھەقىقى ئويلىشىدىغان مەسلىمىز ، ئەگەر سىز ئەينى ۋاقىتتىكى غوجانىياز خاجىم بولغان بولسىڭىز ،شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزيەتتە قانداق تەبىر قوللۇنۇپ غەلبىگە ئىرىشكەن بۇلاتتىڭىز ؟ )

    ئىككىنجى جۇمھىريەت ، سوۋئيىت ئىتپاقىنىڭ ئويغۇرلارنىڭ قوزغىلاڭچى قوشۇنىدىن پايدىلىنىپ ، ئىلىخان تورىنى قورچاق رەيىس قىلىپ تىكلەپ ، ئەمىلى ھۇقۇقنى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارغا تۇتقۇزۇپ ، مىللى ئارمىيەنى روس قۇماندانلار ۋە روسيەدە تەربىلەنگەن ئويغۇرلار ھەربى باشلىقلار ئارقىلىق كونتۇرول قىلىپ قۇرۇپ چىققان بىر يالغان جۇمھىريەت. بۇلۇپمۇ ، جۇمھىريەت رەھبەرلىرىنىڭ ، ئاللابۇرۇن ئىلان قىلىنىپ بولغان شەرقى تۇركىستان جۇمھىريىتىنىڭ دوۋلەت رەھبەرلىرى سۇپىتىدى ئەمەس ، خىتتاينىڭ بىر ئولكىسىنىڭ ۋەكىلى سۇپىتىدە ئۇرۇمچىدە خىتتاي ۋەكىللىرى بىلەن بىرلەشمە ھۇكۇمەت قۇرۇش سوھپىتى ئىلىپ بارغانلىقى ، بۇ جۇمھىريەتنىڭ ئەسلىدىنلا خەلىقنى ئالداپ ،سوۋىت ئىتپاقىنىڭ سىياسى مەخسىدى ئۇچۇن قۇرۇلغان يالغان جۇمھىريەت ئىكەنلىكى مەلۇم . ھەتتا بۇنداق بىر بىرلەشمە ھۇكىمەت قۇرۇشمۇ جۇمھىريەت ۋەياكى مۇستەقىل دوۋلەت ئىلان قىلىپ بولغانلار ئۇچۇن ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش . ئەمما بۇيەردە ئويغۇرلار ئۇچۇن ناھايىتى مەنپەتلىك بولغان تەرەپ ، سوۋىت ئتىپاقىنىڭ مۇشۇنداق بىر سىياسى ئويۇنىغا ئويغۇرلارنىڭ ئىشتىرەك قىلىشى ئارقىلىق ئويغۇرلار قورال-ياراققا ، مۇنتىزىم ھەربى تەلىم-تەربىيەگە ، ئۇرۇش ئەمىليىتى ئارقىلىق ئۇرۇش تەجىربىسىگە ئىرىشتى . ئۇندىن سىرىت دوۋلەت ئاپىراتلىرىنى قۇرۇپ چىقىش ۋە تەشكىللەشنى ئوگەندى . ھەم مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق دوۋلەت رەھبەرلىرى ، بۇ جۇمھىريەتنىڭ ئەسلىدىنلا بىر يالغان جۇمھىريەت ئىكىنلىكىنى بىلسىمۇ ، ئۇنداق قازانغا بۇنداق چۇمۇش قىلىپ بۇ يالغان جۇمھىريەتنى راس جۇمھىريەتكە ئايلاندۇرۋىتىشكە تىرىشقان . ئەگەر ئۇنداق مەخسىدى بولمىسا ، بىرلەشمە ھۇكۇمەت قۇرۇش سوھپىتى ئۇنداق ئۇزۇنغا سۇزۇلمىغان ۋە كىيىن ئايرىپىلان ۋەقەسى دىگەندەك بىر شەكىلدە سەھنىدىن سۇپۇرۇلۇپ تاشلانماي ، ئەكسىچە ئىزچىل سوۋىيت ئتتىپاقىنىڭ مەنپەتى ئۇچۇن خىزمەت قىلغان بۇلاتتى. ھەتتا ، ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ بىرلەشمە ھۇكىمەت قۇرۇش سوھبىتىنى كەينىگە سورىشىدىكى مەخسىدى ، جۇمھىريەت ھۇكۇمىتى ئىچىدىن ۋە مىللى ئارمىيە ئىچىدىن بىرقىسىم ۋەزىيەتنى ئېنىق تۇنىغان كۇچلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىپ ، سىياسى ۋە ياكى ھەربى ئوزگۇرۇش قوزغۇشىنى ساقلىغان ، ئاخىرىدا سوۋئيت كونتىروللىقىدىن ئاجراپ ، ماناس دەرياسىدىن ئۇتۇپ خىتتاي ھۇكۇمىتىنى تەلتۇكۇس يوقۇتۇپ جەنۇپنىمۇ ئازات قىلىپ يالغام جۇمھىريەتنى راس جۇمھىريەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى مەخسەت قىلغان بۇلۇشى مومكىن . ( ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە،ئەگەر سىز شۇۋەزىيەتتە بولغان بولسىڭىز قانداق سىياسى تەبىر قوللانغان بۇلاتتىڭىز ؟ )
    يەكۇنۇم ، ئويغۇرلار بۇ جەرياندا ، يۇقىردا دىيىلگەندىك نۇرغۇن ماددى ۋە تەشكىلى قابىليەتلەرگە ئىرىشتى ، ئەمما سىياسى ئويۇندا ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ ئاخىرقى نىشانغا يىتەلمىدى. ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلا ۋەتەن خايىنلىرى ئەمەس ( ۋەتەن خايىنى بولسا سەھنىدىن چۇشۇرۇلمەيتى) ، كىيىنكى سەيپىدىن ئەزىز قاتارلىقلارغىمۇ باشقا ئامال قالماي ، خىتتاي بىلەن ئىزچىل مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇر بولغان .

    ھازىرقى ئويغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى ئەڭ چوڭ تەشكىلاتى " دۇنيا ئويغۇر قۇرۇلتىيى " يەنە بىر سىياسى قاينامدا . بۇلار ھازىر مۇستەقىللىق شۇئارىنى خەلقارا سۇرۇندا ئۇچۇق ئوتتۇرغا قۇيالمايدۇ، پەقەت خەلقارانىڭ سىياسى ئويىنىغا ئارلىشالاش ، مۇشۇ ئۇيۇننى ئويناشنى ئوگۇنۇش ، مۇشۇ سىياسى ئويۇن جەريانىدا ئوزىنى تەربىيەلاش ۋە خەلقارىدىكى دوۋلەتلەر مۇناسىۋەتلەردىن يۇچۇق تىپىپ مەنپەتلىنىپ ، ئاخىرقى نىشانغا يىتىشنى ئۇچۇن دىمكىراتىيە ، كىشلىك ھۇقۇق ، ئوزىنىڭ تەغدىرىنى ئوزى بەلگىلەش دىگەندەك مودا بۇلىۋاتقان شۇئارلارنى توۋلاشقا مەجبۇر. غەرىپ دەۋلەتلىرىنىڭ ھۇكىمەتلىرىمۇ بۇ شۇئارلارنى ئاساس قىلىپ بىرەر خەلقارالىق قارار ۋە تاشقى سىياسىيەت بەلگىلىمەيدۇ ، ھەتتا مۇسۇلمان دەۋلەت ھۇكىمەتلىرىمۇ دىننى پىرنسىپلار ۋە مۇسۇلمان قىرىنداشلىقنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ ئوزىنىڭ تاشقى سىياسىيەتلىرىنى بەلگىلىمەيدۇ. ئەمما ھەممەيلەن مۇشۇنداق چىرايلىق شۇئارلار ئارقىلىق ئوزىنى پەدازلاپ ئوزىنىڭ نىشانىغا يىتىشكە تىرىشىدۇ. بۇ ئەينى زاماندىكى تۇڭگان موللامنىڭ تەقۋالىق كورسىتىشى ۋە قۇرئان تۇتۇپ بەرگەن قەسەملىرى ، ياڭزىڭشىڭ ،شىڭشىسەيدەك جاللاتلارنىڭ تۇمۇرخەلپىتىم ،غوجىنىياز ھاجىملار ۋە ئويغۇر خەلقىگە بەرگەن چىرايلىق ۋەدىلىرى ،شۇنداقلا بىزگە بىرىلگەن ساختا ئاپتونومىيەلەر بىلەن ھىچقانداق پەرقى يوق سىياسى شۇئارلار . دۇنيا ئويغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلدىغىنى خەلقارا ئىنىق بىلىدۇ ، ( بەلكىم ئويغۇرلار ئوزىمىزلا گۇمان قىلىپ يۇرۇيمىز ) دۇنيا ئويغۇر قۇرۇلتىيمۇ ئوزىنىڭ سىياسى پائاليەتلىرىدە ، خۇددى خىتتاي ھۇكۇمىتىنى ئىتراپ قىلىپ ، خىتتاي ھۇكۇمىتىدىن كىشلىك ھۇقۇق دىگەندەك نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىۋاتقاندەك قىلسىمۇ ، ئەزەلدىن خىتتاي بايرىقىنى كوتۇرۇپ باقمىدى ، شەرقى تۇركىستاننىڭ كوك بايرىقىنى كوتۇرۇپ خەلقارالىق يىغىنلارنى ئاچىدۇ ، تەشكىللىگەن نامايىشلىرىدا كوك بايراقنى كوتۇرۇپ نامايىش قىلىدۇ . ئەمما خەلقارادا ھىچقانداق شەخىس ،تەشكىلات ،مەتبۇاتلار " ئەگەر بولگۇنچى بولمىساڭ ،نىمىشقا قىزىل بايراق كوتۇرمەيسەن؟ " دەپ سوراپ باقمايدۇ . ئەگەر ئۇلارغا قىزىل بايراقنى كوتۇرۇپ نامايىشە قىل دىيىلسە ، ھەتتا ئوققۇ تۇتىمەن دىسىمۇ دۇنيا ئويغۇر قۇرۇلتىيىدىكىلەرنىڭ قىزىل بايراقنى كوتۇرىشكە ۋىجدانى ئۇنىماسلىقى مومكىن . ئەمىلى سىياسى پائالىيەتكە ، ۋە ياكى سىياسى مۇناسىۋەتلەرگە ئارلاشمىغانلار ھىس قىلالمەسلىقى مومكىن ، تەيۋەندەك بىر مۇستەقىل دوۋلەت بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان ھەرقانداق دوۋلەتلەربىلەن خىتتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۇزىدۇ ، ئامرىكىمۇ خىتتاينىڭ بىر خىتتايلىق تاشقى سىياسەت پىرنسىپىنى ئىتراپ قىلىدۇ . تەيۋەن ب.د.ت دىن چىقىرىلدى ، دۇنيادا تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار دوۋلەتمۇ قالمىدى ، ھەتتا تەۋەنمۇ خىتتاينىڭ تەلىپى بىلەن پاسپورتىنى ئوزگەرتتى، ئوزگەرتمىسە،تەيۋەنلىكلەر ھىچقانداق بىر چەت - دوۋلەتكە بارالمايدۇ . خىتتاي دۇنيا ئويغۇر قۇرولتىيىنى بولگۇنچى تەشكىلات ،ھەتتا تىرورىسلار بىلەن ئالاقىسى بار تىرۇرىس تەشكىلات دەپ قارايدۇ . ئەمما دۇنيا ئويغۇر قۇرۇلتىيى مۇستەقىللىق ئەمەس كىشلىك ھۇقۇق ،ئەركىنلىك ، دىمكىراتىيە دىگەندەك شۇئارنى توۋلاپ ، ئىغىزدا بولسىمۇ خىتتاينىڭ زىمىن پۇتۇنلىكىگە قارشى چىقماي خەلقارا مۇناسىۋەت ۋە دىپلوماتىك قايىدىلىرىگە ماسلىشىپ بىرىۋاتقان بولغاشقا ، غەرىپ دوۋلەتلىرى ئويغۇرلارنى خەلقارالىق يىغىنلارغا قاتنىشىش ، خەلقارالىق سۇرۇندا سوزقىلىش ۋە دوكلات بىرىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىۋاتىدۇ. غەرىپ دوۋلەتلىرى مۇشۇلارنىڭ بەرگەن دوكلاتى ئارقىلىق ، خەلقارادا خىتتاينىڭ يۇزۇنى تۇكۇپ ، بەزى سىياسەتلەردە كىشلىك ھۇقۇق مەسلىسىنى سەۋەپ قىلىپ خىتتايغا بىسىم قىلىدۇ ۋە خىتتاينىڭ مەنپەتىگە زىيان كەلتۇرەلەيدۇ . خىتتاي ھۇكۇمىتىمۇ خەلقارالىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايىدە تۇزۇملىرىگە رايەقىلىشى كىرەك بولغاشقا ، دۇنيا ئويغۇر قۇرۇلتىيىنى بۇنداق سىياسى ھەركەتلىرىدىن تۇسۇپ قالالمايۋاتىدۇ . ئەمما ، خەلقارادا ، خىتتاي مومكىنقەدەر دۇنيا ئويغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىغىزىنى ئاچۇرماسلىققا تىرىشىدۇ . ئىنگىلىسچە بىلدىغانلار توردىكى قۇرۇلتاي ۋەكىلىنىڭ ب.د.ت دا دۇكلات بىرىش جەريانىنى كورۇپ باقساڭلار بۇلىدۇ . دوكلات مەزمۇنى مۇھىم ئەمەس ، مۇشۇ دوكلات باشلىنىپلا خىتتاي ۋەكىللىرى توختىماي 4-5 قىتىم قاراشلىق كورسۇتۇپ دوكلات بىرىشنى ئۇزۇپ قويىدۇ، ئاخىرىدا يىغىن رەيىسى ئاللابۇرۇن كۇنتەرتىپكە قويۇلۇپ بولغان دوكلات بىرىشنى، ھەرقايسى دوۋلەت ۋەكىللىرىنىڭ رايىغا قويىدۇ. نۇرغۇن دوۋلەتلەر خىتتاينى قوللاپ دوكلات بىرىشكە قارشى چىقىدۇ ، شۇلارنىڭ ئىچىدى دىننى قىرىنداشلىرىمىز بولغان مىسىر ۋە ھىندۇنۇزىيەمۇ بار. بىرقانچە غەرىپ دوۋلىتىنىڭ ئويغۇر ۋەكىلىنى قوللىشى بىلەن دوكلات داۋاملىشىدۇ . دۇنيا ئويغۇر قۇرۇلتىيىدىكىلەرمۇ كىشلىك ھۇقۇق ،ئەركىنلىك شۇئارلىرىنى توۋلاپ ، مۇشۇنداق خەلقارالىق يىغىنلارغا قاتناشساق مۇستەقىللىققە ئىرىشىمىز دەپ ئويلىمايدۇ . ئەمما مۇشۇنداق پائاليەتلەر ئارقىلىق، خەلقارا سىياسىىتىنىڭ قانۇن - تۇزۇملىرىنى ،سىياسى ئۇيۇنلار قانداق پىلانلىنىپ قانداق ئىلىپ بىرىلىۋاتقانلىقىنى ، ئوزىنىڭ شۇ سىياسى ئويۇندا قانداق رول ئويناش كىرەكلىكىنى ، خەلقارادا مومكىنقەدەر ئوزىگە كوپەرەك دوس تىپىپ ، ھەمكارلاشقىلى بىلىدىغان كۇچلەربىلەن مۇناسىۋەت تىكلەپ ، ئەگەر بىر پۇرسەت تۇغۇلسا قانداق قىلىپ باشقا كۇچلەرگە ماسلىشىپ ،ئوز ئارا مەنپەت يەتكۇزۇپ ،قارشى تەرەپنى مەغلۇپ قىلىپ
    ئۇزىنىڭ مەنپەتىگە ئىرىشىشنى ئوگۇنىدۇ .

    ئىلھام توختى خىتتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدىكى ماددىلارغا تايىنىپ ئويغۇرلارنىڭ مەنپەتىنى قوغداش ئۇچۇن ئوتتۇرغا چىققان قەھرىمانىمىز. ئەگەر ئىلھام توختىنى ۋەتەن خايىنى دىسەك، ئىلھام توختىنىڭ كۇچلۇك مىللى روھ ئەكىس ئىتىلگەن " ئويغۇر بىز " دىگەن توربىتى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلار ،شۇنداقلا ئۇنىڭ قىلغان خىزمەتلىرىنى قانداق چۇشۇنىمىز ؟ ھەتتا خىتتاينىڭ ئوزى ئىلھام توختىنى بولگۇنچى ، ۋەتەن خايىنى دەپ ئومۇرلۇك قاماق جازاسى بەرگەن تۇرسا ، خىتتاينىڭ بۇ ھۇكۇمىمۇ بىزگە يەتمەمدۇ ؟ ئەگەر بىرەر ئويغۇر ئىلھام توختىنى ۋەتەن خايىنى دىسە ، مەن چۇقۇم " سىز قايسى ۋەتەننىڭ گىپىنى قىلىۋاتىسىز ؟" دەپ سورايمەن .

    ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىم، سىزنىڭ بۇنداق بىر كۇچلۇك غۇلغۇلا قوزغىغان يازمىنى ئىلان قىلىشىتىكى مەخسىدىڭىزنى ، ئويغۇرلارنىڭ نوۋەتتىكى خەلقارادىكى سىياسى پائاليەتلىرىنىڭ " مۇستەقىللىق " دىگەن بىر شۇئارغا كىلىشىگە يىتەكلەش دەپ چۇشىنىمەن. ھەم سىزنىڭ ئىلھام توختىنى ھەقىقەتەن ۋەتەن خايىنى دەپ قارىمايدىغانلىقىڭىزغىمۇ ئىشىنىمەن . شۇنداقلا سىزنىڭ بۇنداق بىر يازمىڭىز تۇپەيلى ، قىرىنداشلىرىمىزدىن سىزگە كىلىۋاتقان ھەرخىل باھا ۋە ناچار تىللارغىمۇ قەتتى قارشى .
    ئەمما ئۇمۇت قىلدىغىنىم ،بۇنداق ياخشى نىيەتتە ،ۋەتەن مىللەتنىڭ كەلگۇسى ئۇچۇن قىلىنغان تىرىشچانلىقنىڭ ، بىر -بىرىمىزگە ھەرخىل شەكىلدە ھۇجۇم قىلىش ،ھەتتا ئاساسىز باھابىرىشلەر بىلەن بولمىسۇن.

    ئويغۇرلار ھەممە ساھەدە ،شۇساھەنىڭ ئھتىياجى ۋە تۇزۇم-تەرتىپلىرى بىلەن مىللەتنىڭ ۋەتەننىڭ كەلگۇسى ئۇچۇن كورەش قىلىۋاتىدۇ .
    دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بارلىق دەرىت-ئەلەملىرىنى ئۇن-تىنسز يۇتۇپ سۇكۇت ئىچىدە تىرىشىۋاتقان زىيالىلىرىمىز ،سودىگەرلىرىمىز بار. بۇلارنى سىياسىغا ئارلاشمىدى دەپ ئاغرىنمايلى . بىركۇنلەردە مۇستەقىل بولساق ، شۇ مۇستەقىللىقنى تۇتۇپ تۇرالىشىمىز ، پەن-تىخنىكا ۋە ئىقتىساتنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇچۇن مۇشۇنداق كىشىلىرىمىز كىرەك.

    دىننى زىيالىلىرىمىز ،ئولىما ئۇستازلىرىمىز بار . بىز مۇسۇلمان مىللەت ،1000 يىللىق ئىسلام تارىخىمىز بار. ئىسلام ،مۇسۇلمانلىق بىزنىڭ قان-قىنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ، ھاراقنىمۇ بىسمىللا دەپ ئىچىدىغان مىللەت بىز . ئىسلامسىز ئويغۇر ئويغۇر بۇلالمايدۇ ، "ئاللاھۇ ئەكبەر! " دىمەي ئويغۇر جەڭگە چىقمايدۇ. بۇلار ئويغۇرنىڭ روھىيىتىنى پاك تۇتۇپ، ئويغۇرنى ئويغۇرقىلىپ تۇرغان كىشىلىرىمىز .

    ئافغانىستاندا ۋە ھازىر سۇريەدە قورال كوتەرگەن مۇجاھىتلىرىمىزبار . بۇلار جىنىنى ئالقانغا ئىلىپ قويۇپ ،ئەمىلى ئۇرۇش مۇھىتىدا ئوزىنى تەربىيەلەۋاتىدۇ. بىز ئۇلارنى " جىھاتنى خاتا يەردە قىلىۋاتىدۇ " دەپ ئەيىپلەۋاتىمىز . ئەمما خىتتاي بۇلاردىن ئولگىدەك قورقۇپ سۇريەگە ئەسكەر چىقاردى. چۇنكى خىتتاي بىلىدۇ،بۇ مۇجاھىتلارنىڭ ھەقىقى دۇشمىنى خىتتاينىڭ ئوزى( بىز ئوزىمىز قايمۇقۇپ يۇرۇيمىز) . خۇددى سۇ ئۇزۇشنى قۇرۇقلۇقتا ئوگەنگىلى بولمىغاندەك ، پارنىكتا ئوسكەن خىتتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئەمىلى جەڭ مەيدانىدا تەربىيەلىنىۋاتقان مۇجاھىتلارغا تەڭ كىلەلمەسلىكىنى خىتتاي بىلىپ قورقۇنۇش ھىسقىلىۋاتىدۇ . بۇ مۇجاھىتلارنىڭ سۇريەدە ، باشقا بىر تەشكىلاتتا جىھات قىلىۋاتقىنى ، خۇددى دۇنيا ئويغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇستەقىللىق ئەمەس ، كىشلىك ھۇقۇق ،دىمكىراتىيە دىگەندەك شۇئارلارنى توۋلاپ سىياسى پائاليەت قىلىۋاتقانلىقى بىلەن ئوخشاش بىر ئىش ، يەنى مۇھىتقا ۋە ساھەگە ئاساسەن ئىشقىلىپ تەربىيەلىنىش ۋە كۇچ توپلاش .

    بىزنىڭ مۇستەقىل شەرقى تۇركىستان قۇرۇپ چىقىشىمىز ئۇچۇن توۋەندىكى 3 يولۇنۇشلۇك
    تىرىشچانلىققا بىز جىددى ئىھتىياجلىق.

    1. سىياسى كۇچىمىزنى زورايتىش ۋە ئىتىپاقلىشىش :
    دىننى ئىتىقاتىمىز ، مۇستەقىللىق نىشانىمىز ۋە كوك بايرىقىمىز بىزدىكى توۋلايدىغان شۇئارىمىز ۋە ياكى قولدا كوتۇرۋلدىغان ، ئۇيەر -بۇيەرگە ئىسىپ قويىدىغان نەرسىمىز ئەمەس . بەلكى ، يۇرۇكىمىزگە ئۇيۇپ قويىدىغان مۇھۇر ، چۇقۇم رىياللىققا ئايلاندۇرىدىغان نىشان ۋە ۋەتىنىىمىزنىڭ ئاسمىنىدا لەپىلدىتىغان مۇستەقىللىقنىڭ سىموۋىلى .
    ئىسلام دىنى 1400 يىلدىن بىرى نۇرغان دۇشمەنلىكلەرگە ئۇچىراپ يەنە تىخىمۇ گۇللەپ ياشناپ تۇرۇپتۇ ، قۇرئانىمىزنى ئاللاھنىڭ قىيامەتكىچە قوغداش ۋەدىسى بار. ئويغۇرلار 1000 يىلدىن بۇيان ئىسلامدا مۇستەككەم تۇرۇپ كەلگەن مىللەت . شۇڭا ئوزىمىزدىن چىقىۋاتقان ئۇنداق بۇنداق يىڭى دىننى ئىدىيەلەردىن ۋە ئويغۇرلارنىڭ دىنسىزلىشىپ كىتىشىدىن ئارتۇقچە غەم يەپ بىر-بىرىمىزنى دىن دۇشمىنى ۋە ياكى بەزى پەتىۋالار بىلەن ئىنكار قىلىپ يۇرىشىمز ناھايىتى ئەقىلسىزلىق. ئەگەر زادى مۇنازىرە قىلىمىزدىسەك ،مىللى ۋە دىننى قىرىنداشلىق ئاساسىدا ئىلمى مۇنازىرە ئىلىپ بارساق بۇلىدۇ . ئەمما بىر - بىرىمىزنى دۇشمەنگە ئايلاندۇرىدىغان مۇنازىرە ، دىنىمىزدا قەتتى چەكلىنىدىغان ، بىزنى ھالاكەتكە ئىلىپ بەرىدىغان يول.
    سىياسى پائاليەتلىرىمىزدە ، ۋەزىيەتنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن ، يەتمەكچى بولغان نىشانلىرىمىزغا ئاساسەن ئوخشىمىغان شۇئار توۋلاپ سىياسى ئۇيۇن ئوينىساق ، ئوگەنسەك ،تەربىيەلەنسەك ،مومكىن قەدەر كۇلىمى زور ، ۋەزىيەتكە قاراپ تىز ئوزگىرەلەيدىغان ،يەنى ئىسلام دۇنياسىدا دىندىن ،ئوممەتىن سوزلىيەلايدىغان ، غەرىپ دۇنياسىدا كىشلىك ھۇقۇق ۋە دىمكىراتچى ،ۋاختى سائىتى كەلسە ھەممىمىز بىردەك يۇزىمىزنى ئورۇپلا تەلتۇكۇس مۇستەقىلچى بۇلالايدىغان سىياسى كۇچ بۇلالىشىمىز كىرەك . ئوز ۋاختىدا ، سوۋىيت ئىتپاقىنىڭ سابىت داموللامنى تۇتۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىشى ۋە شىڭشىسەينى قوللاپ غوجانىياز ھاجىمنى يوق قىلىشتىكى سەۋەپ ، شىڭشىسەينىڭ تۇساتتىن ماركىسىزىمچى بۇلىۋالغانلىقىدا . سابىت داموللام ۋە غوجىنىياز ھاجىم قەتتى ماركىسىزىمچى بۇلۇشتەك ئۇيۇننى ئوينىيالمايدۇ،ھەم شۇسەۋەپتىن مەغلۇپ بولغان. ئىككىنجى جۇمھىريەت ۋاختىدا ،سوۋىيت ئىتىپاقىنىڭ ئىلىخان تورىنى قورچاق رەھىس قىلىپ ،ھەتتا ئاخىرىدا يوق قىلىۋىتىپ ، سوۋىيتتا ماركىسىزىمدا تەربىيەلەنگەن ئەخمەتجان قاسىمىلار ئارقىلىق ھۇكىمەتنى كونتۇرول قىلىشى ، شەرقى تۇركىستاندا بىر مىللى ۋە دىننى كۇچ پەيدا بۇلۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ،ئوزى بىلەن ئوخشاش ئىدلوگىيەدىكى بىر كۇچنى تەربىيەلەپ چىقىش ئىدى . خىتتاي كومىنىستىك پارتىيەسىنىڭ ، ئوزىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەنەنىۋى مەدىنيىتىنى قارىپ قۇيۇپ ، سۇنجوڭشەننىڭ دىمكىراتىك ئىدىيىسىگىمۇ قارشى چىقىپ ، سوۋىت ئتىپاقىغا ئەگىشىپ مىڭىشى نەتىجىسىدە ،سوۋىت ئتىپاقىنىڭ ياردىمىدە ھەممە دۇشمەنلىرىنى يىڭىپ ، ھەتتا بىزنى بىر پاي ئوق ئاتماي ئىشغال قىلىپ ، ئوزى ھۇكۇمران بولغان بىر دوۋلەت قۇرۇپ چىقتى . ھەتتا ياپۇن ئىشخالىيىتى دەۋرىدى ، ۋەتەن ساتقۇشلۇق قىلىپ ياپۇنيە بىلەن تىل بىرىكتۇرۇپ گومىنداڭنىڭ كەينىدىن پىچاق ئۇردى. ھازىر كورۇپ تۇرۇپتۇقكى ، بۇلار ماركىسىزىمچى ،كومۇنىزىمچى ۋە ياكى سوتسىيالىمچى ئەمەس ، قىلغان ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيۇن ، ئاخىرقى نىشانى ھاكىميەتنى قولىغا ئىلىش ،ھازىر مانا بىز ئۇلارغا قۇل بۇلۇپ ياشاۋاتىمىز . بىزنىڭ كۇچلىنىشىمىز ۋە ئەمىلى مەنپەتكە ئىگە بۇلۇشىمىز ،ئاخىرىدا ئوزىمىزنىڭ مۇستەقىل دوۋلەتىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز ئەڭ مۇھىم . دۇنيادا ھىچقانداق بىر دوۋلەت ، ئويغۇرنىڭ دىننى ئتىقاتى ، كىملەربىلەن دىننى كىملەربىلەن مىللى قىرىنداش بۇلۇغانلىقى ، زۇلۇمغا ئۇچۇرىشى ۋە مۇستەقىللىققا ئىرىشىش ئارزۇلىرى بىلەن كارى يوق . شۇڭا ئوزىمىزنىڭ ھەقىقى نىشانلىرىنى ئىچىمىزدە ئىنىق بىلىپ ،ئۇنى بىر قۇرۇق شۇئارغا ئايلاندۇرۋالماي ، سىياسى پائاليەتلىرىمىزدە باشقىلارنىڭ مەنپەتلىرىنى چىقىشقىلىپ ،ئوزىمىزنىڭ نىشانىغا يىتىشىمىز كىرەك . بىز دىمىكىراتىك مىللى دوۋلەت مۇ ياكى ئىسلامى دوۋلەتى قۇرامدۇق ھازىرچە مۇھىم ئەمەس ،دوۋلەت ئىسمىنىڭ قانداق بۇلشىمۇ مۇھىم ئەمەس ، قانداقلا بولسۇن بۇ ئويغۇرنىڭ دوۋلىتى ، ئويغۇر بىر مۇسۇلمان مىللەت بۇنۇ ئوزگەرتكىلى بولمايدۇ. خۇددى خىتتاي كومۇنىزىم بولسۇن ، سوتسىيالىزىم بولسۇن ،دىمكىراتىك بۇلۇپ كەتسۇن ،ھەتتا مۇسۇلمان بۇلۇپ كەتسۇن ، بىزگە ئاپتونومىيە ،فىدىراتسىيە ، دىننى ئەركىنلىك بىرىپ كەتسۇن ، ھەممىسى قۇرۇق گەپ ، چۇنكى ئۇ خىتتاي ، ئاخىرى ئۇبىرىپ خىتتايلىقىنى قىلىدۇ . ئويغۇرمۇ نىمەقىلسۇن ،نىمەدىسۇن ،ئاخىرى يەنە ئويغۇرلىقىنى قىلىدۇ .

    بىز قانداقلا شۇئار توۋلايلى بىربىرىمىزگە قارشى شۇئار توۋلىماي ،بۇلۇنمەي ،پارچىلانماي بىللە مىڭىشىمىز مۇھىم . ئويغۇر ئۇچۇن دۇنيادا ئەڭ چوڭ ،ئەڭ خەتەرلىك دۇشمەن ، خىتتاي ئەمەس ھەم بىز نورمالدا ئويلايدىغان باشقا ھەرقانداق كەمچىلىكلىرىمىز ئەمەس ، بىز دەيدىغان دىن دۇشمەنلىرى تىخىمۇ ئەمەس. ئەڭ چوڭ دۇشمەن ، بىزنىڭ بۇلۇنۇپ ،پارچىلىنىپ كىتىشىمىز، خەقنىڭ دىپىغا ئۇسۇل ئويناپ ئىككى سەپ بۇلۇپ بىربىرىمىزنى قىرغىن قىلىشىمىز ، ئاخىرىدا ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇپ شىمال دەپ ئىككىگە بۇلۇنۇپ كىتىشى ، بىرقىسمىنى ھەتتا خىتتاي مىنىڭ دەپ ، قازاقىستان ،ھىندىستان پاكىستانلار مىنىڭ دەپ بۇلىۋىلىشى . تارىختىن بۇيان ئىشغالچىلار باشقىلارنىڭ دوۋلىتىنى بىرپۇتۇن قايتۇرۇپ بەرگەن ئەمەس. ھىندىستاننىڭ نۇرغۇن دوۋلەتكە پارچىلىنىپ ھازىرغىچە پاكىستان بىلەن دۇشمەنلىشىپ يۇرىشى ، جەنۇپ شىمال كورىيەنىڭ دۇشمەنلشىشى ، ئوتتۇرا شەرىقتىكى غەۋغالارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مۇستەملىكچىلەرنىڭ ، ئوخشىمىغان مىللەت ،دىن ۋە دىننى مەززەپتىكىلەرنى ئارلاشتۇرۇپ كىچىك دوۋلەتلەرگە بۇلىۋىتىشى تۇپەيلى ھازىرغىچە ئوز-ئارا دۇشمەنلىشپ بىربىرىنى قىرىپ يۇرۇشىگە سەۋەپ بۇلىۋاتىدۇ.
    بەزىدە توردىكى بىر- بىرىمىزگە ئىلىپ بىرىلىۋاتقان تىل ھۇجۇملىرىدىن تىنىم شۇركۇنۇپ كىتىدۇ. ئەگەر قولىمىزغا قورال چىقىپ قالسا ،ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا ، ئالدى بىلەن ئىچىمىزدىكى ئەڭ ياراملىق ئادەملىرىمىزنى قىرىپ تۇگەتكىدەكمىز . ئىلھام توختىدەك ئادەملىرىمىزنى مۇددەتسىز قاماق جازاسى ئەمەس ، چۇقۇم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ قىرىپ تاشلايمىز . ئاندىن ،ئوزئارا قىرغىننى باشلاپ ، خىتتايدىن بەكەرەك جاللات قان ئىچەردىن بىرسى ئۇستىمىزدە مۇستەبىت ھۇكۇمران بولمىغىچە توختىماسلىقىمىز مومكىن. ئويغۇر سىياسى پائاليەتلىرىدە نىمىلا شۇئار توۋلىسۇن ، ئەمىلى مەنپەتكە ئىرىشسە ، قانداق ئدىلوگىيەنى كوتۇرۇپ يۇرسۇن خىتتاينى ۋەتىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىپ ، بىرپۇتۇن شەرقى تۇركىستان تۇپرىقىنى ساقلاپ قىلىپ مۇستەقىل دوۋلەت قۇرسىلا نىشانغا يەتكەن بولىمىز .

    2. ھەربى ھازىرلىق: خەلقارا ۋەزيەتنىڭ ھازىرقى جىددى ئوزگۇرۇشى ۋە ئويغۇرلارنىڭ سىياسى پائاليەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ، ئويغۇرلانىڭ مۇستەقىللىق كورەشلىرى بىلەن مەنپەتداش دوۋلەتلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى كورۇنۇپ تۇرىۋاتىدۇ . ئويغۇرلاردا ھازىر ھەممە ساھەدە ئادەملار بولسىمۇ ، ھەربى ساھە پەقەتلا بىر بوشلۇق بۇلۇپ تۇرۋاتىدۇ . بىزگە مۇنتىزىم ئارمىيە قۇرۇپ چىقالايدىغان ، مۇنتىزىم ئارمىيەگە ئۇنۇملۇك قۇماندانلىق قىلالايدىغان شۇنداقلا كەلگۇسىدىكى مۇستەقىل دوۋلىتىمىزنىڭ دوۋلەت مۇداپىيە كۇچىنى ۋە ئاپىراتلىرىنى قۇرۇپ چىقالايدىغان ئادەملەر كىرەك . ئۇنداق بولمىغاندا ،بىز خالايلى خالىمايلى يەنىلا ئەسكەرى كۇچىمىز باشقىلارنىڭ قولىغا قالىدۇ ،باشقىلارنىڭ مەنپەتى ئۇچۇن قان تۇكۇپ جان بىرىپ يۇرۇيمىز . ئويغۇرلىرىمىز كوپلەپ چەتئەل ھەربى مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئوقۇشى ، مومكىن بولسا سىياسى تەشكىلاتلىرىمىز بەزى دوۋلەتلەردىن مەخپى يۇسۇندا بولسۇن ، ناھايىتى ئازساندا بولسۇن ، بىزگە مۇشۇنداق ھەربى ۋە ئاخپارات كەسىپلىرىدە ئادەم تەربىيەلەپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىپ مۇشۇ ساھەدە ئادەم تەربىيەلەشكە كىرىشىشى كىرەك . قوراللىق ھەركەتسىز ،قان توكمەي ، نۇرغۇن شىھىتلەرنى ،قۇربانلىقنى بەرمەي مۇستەقىل دوۋلەت بۇلۇشنىڭ پەقەتلا ئوخلىماي چۇش كۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىز ئىنىق بىلىمىز . شۇنىڭ ئۇچۇن چەتئەلدىكى ئويغۇرلىرىمىز ، مومكىن قەدەر ئوزى تۇرىۋاتقان دوۋلەتلەردە ھەربى خىزمەت ئوتەشكە تىزىملىتىپ تەربىيە ئىلىشى ، بولمىغاندا تور ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق قورال- يارقلار بىلەن تۇنۇشىشى ۋە ئاددى ئىشلىتىشلىرىنى ئوگۇنۇپ تۇرىشى كىرەك. بۇ خىزمەتلانى ، بىرەر تەشكىلات ۋە ئادەملەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۇتمەي ، بىرلىرىنىڭ توغرا خاتا دەپ ھۇكۇم قىلىشىغا ساقلىماي ، بۇيرۇقنى ئوزىمىزنىڭ دىننى ئتىقاتىمىز - ئىمانىمىز ۋە ئوزىمىزنىڭ ھەم كىيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ كەلگۇسىدىن ئىلىپ ، جىددى ھەركەتكە كىلىشىمىز كىرەك . نۇرغۇن ئويغۇرلىرىمىزدا خىتتاي بەك كۇچلۇنۇپ كەتتى دىگەن قاراش بار . ئەمما ئەمىليەتنىڭ دەل ئەكسىچە بۇلىۋاتقانلىقىنى نۇرغۇنلىرىمىز كورمىدۇق . يىقىندىن بۇيان ھەرقايسى دوۋلەتلەردە بىرقىسىم ناھايىتى رادىكال ۋە مۇستەبىت رەھبەرلەر نىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى ۋە يۇرگىزىۋاتقان سىياسەتلەرىگە قارىساق ، شۇ دوۋلەتلەرنىڭ ناھايىتى زور ئىچكى كىرىزىسقا دۇشكەلگەنلىكىنى كورىۋالالايمىز . خىتتاي ئقتىسادى تەرەقياتىنىڭ جىددى ئاستىلىشى ،كومىنىستىك پارتىيەنىڭ ھۇكۇمرانلىق ئورنىنىڭ تەۋرىنىشىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى. بۇچاغدا ، شىجىنپىڭ تەخىتكە چىقىپ ئالدى بىلەن " جوڭگۇ چۇشى " دىگەندەك گۇزەل بىر كەلگۇسىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ خەلىقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۇرۇشكە تىرشىۋاتىدۇ. ئارقىدىنلا پارىخورلىققا قارشى تۇرۇش باناسى بىلەن %70 دىن كوپ ئەمەلدارلارنى خىزمىتىدىن بوشۇتۇپ ، بارلىق ھۇقۇقلارنى ئوز قولىغا مەركەزلەشتۇرۇپ ئىچكى مۇقۇملۇقنى كونتىرول قىلىۋاتىدۇ. يەنە مۇشۇ ۋاقىتتا جىددى ھەربى تەييارلىقلارنى ئىلىپ بىرىپ ، شىمالى كورىيە مەسلىسىنى بانا قىلىپ خىتتاينىڭ دىڭىز بويىغا يىغىلىپ قالغان ئامرىكىنىڭ %60 دىڭىز ئارمىيەسىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىغا كىرىشىتى . ئاندىن ، بىريول - بىر بەلۋاغ ئستىرادىگىيىسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ، مومكىن قەدەر كوپ دوۋلەتلەرنى ئوزىنىڭ ئىقتىسادى تەرەقياتىغا باغلاپ ، ئقتىسادى كىرىزىستا تۇرىۋاتقان خىتتاي زاۋۇتلىرى ،بانكىلىرى ۋە قۇرلۇش شىركەتلىرىگە قىلىدىغانغا ئىش تىپىپ بىرىپ ، ئىختىسادى تەرەقياتىنى ساقلاپ قىلىشقا ئۇرنىۋاتىدۇ . بىر يول-بىر بەلۋاغ ئستىگىرادىيەسىنىڭ ئاساسلىق مەخسىدى، خىتتاي ۋەتىنىمىزدىكى نىفىت ۋە تەبى گاز تۇربىلىرىنى روسيەدىن چىقىپ ياۋرىپاغا تۇتۇشىدىغان ئىرماش-چىرماش تۇربا تورلىرىغا تۇتاشتۇرپ ، ئىراندىن خىتتايغا كىلىدىغان نىفىتنى راۋانلاشتۇرۇش. يەنى ، ۋەتىنىمىز خىتتاينىڭ ئنىرگىيە جان تۇمۇرى جايلاشقان يەر بۇلۇپ قالدى . ھازىرقى ۋاقىت ، خىتتاينىڭ ئقتىسادى مەسىلىلىرى ناھايىتى ئېغىرلاشقان ، ئىچكى زىدىيەتلىرى كۇچەيگەن ، تاشقى دۇشمەن تەھدىت سىلىۋاتقان ، ئىنىرگىيە جان تۇمۇرى خىتتايغا دۇشمەنلىك بىلەن قارايدىغان بىزنىڭ ۋەتەنگە جايلىشىپ قالغان بىر مەزگىل. مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا ، بىزنىڭ ۋەتەندە چوڭاراق بىر ھەربى ھەركەت ئوتتۇرغا چىقىپ قالسا ، خىتتاينىڭ ئىچكى زىدىيەتلىرىنىڭ پارتىلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى ، توپىلاڭدىن تۇغاش ئوغۇرلاشنى مەخسەت قىلغان دوۋلەتلەرنىڭ ئوزىنىڭ بىۋاستە ئارلىشىشە ۋە ياكى بىزنى دەرھا قوللاپ ، بىزنىڭ ۋە تىبەت ،مۇڭغۇل ، ،ئەڭ مۇھىمى خىتتاينىڭ ئوزىنىڭ ئوكتىچىلىرىنىڭ قولى بىلەن خىتتاينى پارچىلىۋىتىشى مومكىن. ئەمما بىز ئويغۇرلار قوراللىق قوزغالمىساق ، قوزغالغاندىمۇ ئازدىگەندە بىرقىتىملەق كۇچلۇك زەربە بىرەلمىسەك ھىچكىم ئالدى بىلەن قوزغالمايدۇ. ھازىرقى خىتتاي ھۇكىمىتى پەقەتلا قوراللىق ھەربى كۇچى بىلەن ھۇكۇمرانلىق قىلىۋاتقان ھۇكۇمەت . ھازىرقى ئازاتلىق ئارمىيەنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى پەقەتلا ئىچكى مۇقۇملۇقنى ساقلاش ، بىز ئويغۇرلارنىڭ مۇقۇملىقى ئەمەس ، خىتتاي ئوزىنىڭ مۇقۇملىقىنى ساقلاش. ئويغۇرلارنىڭ قوراللىق ھەركىتى ، خىتتاينىڭ بىرقىتىملىق قوشۇن يوتكىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ خىتتاي ئىچىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۇچ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلسا ۋە خىتتاي ئەسكەرلىرى ۋەتىنىمىزدە چوڭاراق تالاپەتكە ئۇچۇرسىلا ، خىتتاينىڭ ھاكىميەت قورۇلمىسىغا چاككىتىپ بىراقلا ئىچكىى جەھەتتىن غۇلاپ چۇشىشى تۇرغانلا گەپ .
    3. ئىختىساسلىق تەبى پەن زىيالىرىنى يىتىلدۇرۇش : سەئۇدىدىكى ئويغۇرلارنىڭ ئازراق تىرىشچانلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، چەتئەلدىكى ئويغۇرلىرىمىز تەشكىللىك ھالدا ماھارىپقا كۇچەش ۋە ئىختىساسلىق كىشىلىرىمىزنى يىتىشتۇرۇش خىزمىتىنى قىلىپ باققىنىمىزنى ئاڭلاپ باقمىدىم . چەتئەلدى ئوقۇۋاتقان ئويقۇغۇچىلار پەقەتلا ئوز كۇچىگە ۋە ئويغۇر مىللىتىنىڭ ئىلىم سۇيەر روھىغا تايىنىپ مىڭبىر مۇشەققەتتە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ . ئەسىرلەردىن بۇيان ئويغۇرلارنىڭ قايسى بىر قايغۇلۇق قىسمەتلىرىنى بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىققا باغلىماي چۇشەندۇرۇپ بىرەلەيمىز !؟ يىتەرلىك ئىختىساسلىق ئادەملىرىمىز يوق ئەھۋالدا قانچىلىك كەلگۇسىمىز بولماقچى ؟ ھەتتا قان كىچىپ ۋەتەننى ئازات قىلساقمۇ ، ئىختىساسلىق ئادەملىرىمىز يوق ھاكىميەتنى قانچىلىك ۋاقىت تۇتۇپ تۇرالايمىز ؟ توغرا تاشقى ۋە ئىچكى سىياسەت يۇرگۇزمەي ، ئىختىساد ۋە ھەربى كۇچىمىزنى تەرەققى قىلدۇرالماي بىر دەۋلەتنى قانداق تۇتۇپ تۇرغىلى بۇلىدۇ ؟ يىقىنقى زامان تارىخىدىكى قايسى ھۇكۇمۇتىمىز نۇرغۇن قۇربانلاق بىرىپ قۇرۇلۇپ ، بىرقانچە ئاي ياكى بىرقانچە يىلدىن ئارتۇق ئومۇركورگەن ؟ مۇستەقىللىق توۋلايدىغان شۇئار ئەمەس ، ئەمىلى پىلانلىق ئىلىپ بىرىلىدىغان ، نۇرغان قۇربانلىق بىرىش ئارقىلىق مومكىن بولىدىغان نەتىجە. مەيلى قايسى دوۋلەتتىكى ئويغۇر تەشكىلاتلىرى بولسۇن ، شۇ دوۋلەتنىڭ سىياسى نۇپۇزلۇق ئادەملىرى ۋە ھۇكۇمەت ئەرباپلىرىغا ، ۋە ياكى ئالى مەكتەپلەرگە " بىزگە تۇلۇق ئوقۇش مۇكاپىتى بىلەن ئوقۇيدىغان 5 سان بارسەڭلار ، 10 سان بەرسەڭلار ، يىلدا 5سان بەرسەڭلار" دىسەك بەرمەسمۇ ؟ چەتئەلدىكى ئويغۇرلارنىڭ ھەممىسى ، ماھارىپقا ، بۇلۇپمۇ ئالى ماھارىپقا يۇكسەك ئتىۋار بىلەن قاراپ ، ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بۇلۇشنى مىللى ۋە دىننى بۇرچىمىزدەپ قارىساق ، ئىشىنىمەن بىزدە چۇقۇم تىزيۇكسىلىش بۇلىدۇ . مىنىڭ تەۋىسيەرىم ، بىز ئويغۇرلار كىيىنكى 10 يىل ئىچىدە ئەڭ ئازدىگەندە 5000 ماگىستىر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرق ئۇنىۋانلىق ئىختىساسلىق ئادەملىرىمىزنى يىتىلدۇرۇپ چىقايلى . ئەگەر بىز بۇ ئىشنىمۇ قىلالمىساق ، سىياسى دەۋالىرىمىزنى يىغىشتۇرۇپ قويۇپ ، ھەتتا مۇسۇلمانلىق دەۋاسىنىمۇ قىلماي ، چەتئەلدىكىلەر ئوزىنىڭ ياشىشى بىلەن بۇلۇپ ، ۋەتەندىكىلەر خىتتاي نىمە قىلدىسە شۇنى قىلىپ خىتتاي بۇلۇپ ياشاپ كەتسۇن . سىياسى تەشكىلاتلارنىڭ چەتئەلدىكى ئويغۇرلارنىڭ كۇچلۇك قوللىشىغا ئىرىشەلمەي كىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپتىن بىرسى ، چەتەلدىكى ئويغۇرلارنىڭ جىددى ئىھتىياجلىرىغا سەل قارىغانلىقتىن دەپ قارايمەن.
    ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىم ، سىزنىڭ بىر ئابزاس ھەجىملىك ئىلانىڭىز نۇرغۇن مەسىلىگە بىرىپ تاقىلىدىغان بولغاشقا ، بۇ يازمام بەك ئۇزۇراپ كەتتى . پىكىرلىرىمدە نۇرغۇن خاتالىقلار بۇلۇشى مومكىن ، سىز ۋە بۇ يازمىنى ئوقۇغانلار تۇزۇتۇش بەرسە ،ئىلمى يۇسۇندا ئىنكاس بەرسە قۇبۇل قىلىمەن .

  3. #3
    Unregistered Guest

    Default

    Munapiq we Satqunlarni mana bundaq ayrish kerek:
    Xitay hokmiraliqi astida uyghurlarni “junggo puxrasi”, uyghuristanni “jung goning awtonum rayuni”dep atashni qobul qilishqa bolidu. Biraq erkin dunyada- Weten sirtida DUQ ning Reisi Erkin isanining:” men uyghurlargha wakaliten Xitay bilen birliship ketish(xitay birliki)ni qobul qilimen”dep Turkiye Gezitide ilan qilghan bayanatini qobul qilishqa hergiz bolmaydu. Rabiyeni Italiyede:“biz uyghurlar musteqilliq telep qilmaymiz”dep ilan qilghan satqun bayanatini qobul qilishqa bolmaydu.
    Satqun erkin isani uyghurlargha Lider qilip tikleshte edibiyatchiliq qilghan, uning kotemichilikini qilghan Exmet osmanning satqunluqini qobul qilishqa bolmaydu. bularni qobul qilghan uyghurlarni munapiq Uyghur dep atashqa bolidu.
    Munapiq we satqunlarni mana moshundaq ayrish kerek. Satqun rabiyening Uyghurlarni axiri patqaqqa paturushi uchun “DUQ gha Reislikni rabiye qadirgha talishish kerek”dep xitay pilanigha Edibiyatchiliq qilghan Tudi ghoji bilen exmet Osmanning 2006 yildiki “siyasi paaliyetliri”din parchilar www.************ torbetide ilan qilinghan. www.uy guria.com torbetide ilan qilinghan.
    Bu torbettin qorqqan satqunlar torbet afresini UAA da chiqmas qilip xatirjem bolmaqchi bolghan.

    Quote Originally Posted by Unregistered View Post

  4. #4
    Unregistered Guest

    Default Kim Satqun?

  5. #5
    Unregistered Guest

    Default Shuar towlash moda kesili

    Way jenim Ahmetjanka, ozliri shu hurr davlet Kanadagha yerlishiwelip u yerdin gepning chongini internetta
    qilghanliri bilenlam musteqil bulup ketish undaq asan ish emes bulupmu bir Uyghurning chet’elge chiqishi intayin
    qiyin waqitlarda ozlirini Suriye‘ge putun rasxotni kuturup uqushqa ewetken we nowettiki dunyada iqtisadi eng kuchluk
    bolghan xitaydin qandaq musteqil bolisiz aka ?
    Sizdek dunya kurgen ziyali akilar chuqum riyalliqni kuzde tutmastin gep qilmaslighingiz lazim.
    Bizning nuwettiki meqsidimiz shu xitay hukumetining nazi-lagerideki Uyghurlirimizning azatliqa chiqishi we bashqa xitay
    puqraliri bilen teng huquq uchun.
    Andin Erkinlik yeni xitay davlet qanunida yezilghan erkinlike erishish we mushu arqiliq pelimu pele rawajlinish, kuchimiz
    yetmigen ishqa atlansaq halak bulushtin bashqisi yoq, lekin kuch qudurtimiz yetkende jeng‘ge chuqum atlinimiz.
    Hazir ehwal mana mushundaq eghir, qaysi Amerakingiz, qayisi Kanadakingiz yaki yavropingiz we Turk, Erep-merepliringiz shu xitay dostigha bir eghiz “bundaq qilmanglar bularmu insan” dep baqtimu ?

  6. #6
    Unregistered Guest

    Default

    ilham toxtini turmige solashqanmu sen, emdi turmigha ekirwetip yene arqidin pitne terishqanmu sen! ilham toxti senlerge nime yamanliq qilghan bolghiydi.

  7. #7
    Unregistered Guest

    Default

    Quote Originally Posted by Unregistered View Post
    ilham toxtini turmige solashqanmu sen, emdi turmigha ekirwetip yene arqidin pitne terishqanmu sen! ilham toxti senlerge nime yamanliq qilghan bolghiydi.
    ilham toxti aptonomiye telep qilghanliqi uchun bular uni 'akisi' gha dep solughiziwetti. andin ilham toxti dep chiqirap yurup muddetsiz kesishke yardem qildi. emdi yene bir chiqirap ilham toxtini qehriman qildi. oyunning dawami bar. aldirmay korup baqili. uyghurlarning kozi kor, hichnimini kormeydu.

  8. #8
    Unregistered Guest

    Default

    bu heliqi rohi kesilige giriptar bulup qepti digen Injinir Sidiq Sarang shu iken‘ghu ?
    Saqaydingmu aka qandaq ehwaling ? Doxturdin qachan chiqting, gep söz qilishliring
    teximu nacharlap ketimu qandaq ? Özengni köp asirghin hajikak.

    Quote Originally Posted by Unregistered View Post
    Munapiq we Satqunlarni mana bundaq ayrish kerek:
    Xitay hokmiraliqi astida uyghurlarni “junggo puxrasi”, uyghuristanni “jung goning awtonum rayuni”dep atashni qobul qilishqa bolidu. Biraq erkin dunyada- Weten sirtida DUQ ning Reisi Erkin isanining:” men uyghurlargha wakaliten Xitay bilen birliship ketish(xitay birliki)ni qobul qilimen”dep Turkiye Gezitide ilan qilghan bayanatini qobul qilishqa hergiz bolmaydu. Rabiyeni Italiyede:“biz uyghurlar musteqilliq telep qilmaymiz”dep ilan qilghan satqun bayanatini qobul qilishqa bolmaydu.
    Satqun erkin isani uyghurlargha Lider qilip tikleshte edibiyatchiliq qilghan, uning kotemichilikini qilghan Exmet osmanning satqunluqini qobul qilishqa bolmaydu. bularni qobul qilghan uyghurlarni munapiq Uyghur dep atashqa bolidu.
    Munapiq we satqunlarni mana moshundaq ayrish kerek. Satqun rabiyening Uyghurlarni axiri patqaqqa paturushi uchun “DUQ gha Reislikni rabiye qadirgha talishish kerek”dep xitay pilanigha Edibiyatchiliq qilghan Tudi ghoji bilen exmet Osmanning 2006 yildiki “siyasi paaliyetliri”din parchilar www.************ torbetide ilan qilinghan. www.uy guria.com torbetide ilan qilinghan.
    Bu torbettin qorqqan satqunlar torbet afresini UAA da chiqmas qilip xatirjem bolmaqchi bolghan.

  9. #9
    Unregistered Guest

    Default Anangni Sikken Exmeq Osman ikensen !

    Quote Originally Posted by Unregistered View Post
    bu heliqi rohi kesilige giriptar bulup qepti digen Injinir Sidiq Sarang shu iken‘ghu ?
    Saqaydingmu aka qandaq ehwaling ? Doxturdin qachan chiqting, gep söz qilishliring
    teximu nacharlap ketimu qandaq ? Özengni köp asirghin hajikak.
    Hey Exmeqjan osman! Sening 2006 yildiki “siyasi paaliyetliridinparchilar" www.uy guria.com da ilan qiliniptu. qilghan qilmishliringni oqup chidiyalmastin , Ataqliq Uyghur Arxitektur S.Mertmusani "Sarang" dep haqraetleshke nemengning heqqi bar? Xumse Hezilek ikensen. Anangni sikken Haywan bolmisang Bashqilarni sarang dep tohmet qilip, haqaretlemsen?

  10. #10
    Unregistered Guest

    Default Orda yazghuchisi -peskesh adem ikensen

    Quote Originally Posted by Unregistered View Post
    ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىمگە ئوچۇق خەت

    ئاپتورى: نامەلۇم

    بىر قېرىندىشىمىزنىڭ يۇرەك سۆزى

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئەخمەتجان ئەپەندىم .
    سىزنىڭ يىقىندە چوڭ غۇلغۇلا قوزغۇغان ، ئىلھام توختىنى ۋەتەن خائىنى دەپ ئىلان قىلغان يازمىڭىز توغرىسىدا ئوزەمنىڭ كوزقاراشلىرىنى سىز بىلەن ئورتاقلىشىشن مەقسىدىدە بۇقىسقا چۇشەنچەمنى يوللاۋاتىمەم . مەن سىزنىڭ بۇ قارماققا ناھايىتى رادىكال ئىلانىڭىزنى تۇنجى كورگەندە، سىزنىڭ بىرقىتىملىك سوھبەتتە ،ئەلجەزىرە نىڭ مۇخپىرى رابىيە قادىر خانىمدىن ئوزىنىڭ سىياسى مەخسىدىنى توت قىتىم سورىغاندا ، رابىيە قادىرخانىمنىڭ بۇ سۇئالدىن توت قىتىم ئايلىنىپ ئوتۇپ كەتكەنلىكىنى ئىيىتقانلىقىڭىز ئىسىمگە كەلدى . شۇ سەۋەپتىن ، سىزنىڭ بۇنداق بىر غۇلغۇلا قوزغايدىغان يازمىنى ئىلان قىلىشتىكى مەخسىدىڭىزنى ، ئويغۇرلارنىڭ خەلقارادىكى سىياسى ھەركەتلىرىنىڭ ئىزچىل ھالدە كىشلىك ھۇقۇق ، ئەركىنلەك ، دىمكىراتىيە ، ئوزىنىڭ كەلگۇسىنى ئوزى بەلگىلەش دىگەندك شۇئارلار ئارقىلىق ئىلىپ بىرىلىۋاتقانلىق ( بۇلۇپمۇ د.و.ق ) ، ئىنىق ھالدا مۇستەقىللىق دەۋاسى ئەمەسلىكىنى ، يۇقارقىدەك شۇئارلارنىڭ پىرىسىپال جەھەتتە ۋەتىنىمىز دىكى خىتتاي ھۇكۇمىتىنى ئىتراپ قىلغانلىق ئىكەنلىكنى كورسىتىپ بىرىش ،شۇنداقلى بۇ خەلقارادىكى سىياسى ھەركەتنىڭ ئىنىق ھالدا مۇستەقىللىق ھەركىتى يولىنىشىگە يىتەكلەشنى مەخسەت قىلغانلىقىڭىزنى چۇشەندىم . ئەمىليەتتە ، مەنمۇ يىقىغىچە سىزدەك كوزقاراشتا ،ھەتتا دۇنيا ئويغۇرقۇرۇلتىيىدىكىلەرنىڭ قىلىۋاتقانلىرى خىتتاينىڭ بىر سىياسى ئويىنىمىكىن ،ئۇداق بولمىغاندە ، قۇرۇلتايدىكى ئادەملەر مۇشۇنچىلەك بىر ئاددى مەسىلىنى چۇشۇنەلمەسلىكى مومكىن ئەمەس دەپ ئويلايتىم. ئەمما يىقىندا بۇ
    سۇئالىرىمغا جاۋاپ تاپتىم .

    ئەگەر بىز ئىلھام توختىنى ۋەتەن خائىنى دەپ چۇشەنسەك ، تۇمۇر خەلپىتىم ،غوجىنىياز خاجىم ۋە كىينكى بىتىم ئىمزالاشقائۇرۇمچىگە بارغان ئىككىنجى جۇمھىريەت رەھپەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ۋەتەن خايىنى دەپ ھۇكۇم قىلىشقا توغرا كىلىدۇ . مۇنداقچە ئيتقاندا ، ئويغۇرنىڭ تارىخى پۇتۇنلەي ۋەتەن خايىنلىرى بىلەن توشقان ، ئەڭ قىزىقارلىقى بۇ ۋەتەن خايىنلىرىنىڭ ھەممىسىنى خىتتاي ئوزىگە ئەششەددى دۇشمەن كورۇپ ئولتۇرگەن ، ھەتتا ئىلھام توختىغىمۇ بولگۇنچى ۋە ۋەتەن ساتقۇچ دەپ ھۇكۇم قىلىنىپ مۇددەتسىز كەسكەن . ئەزەلدىن ئوچۇق سۇرۇندا "بىزگە مۇستەقىللىق كىرىك !" دەپ باقمىغان دۇنيا ئويغۇر قۇرۇلتىيمۇ خىتتاينىڭ نەزىرىدە بولگۇنچى، تورورچى تەشكىلات، ھازىرقى رەھبىرى دولقۇم ئەيسا تىرورچى سۇپۇتىدە خەلقارالىق تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىلغان قارا
    تىزىملىكتە .

    غوجىنىياز ھاجىمنىڭ جۇمھىريەت ئىلان قىلغان سابىت داموللامنى خىتتايغا تۇتۇپ بىرىشى ۋە ئاخىرىدا ئوزى ئولكىنىڭ مۇئاۋىن رەيىسلىكىنى قۇبۇل قىلىشىنى زور كوپچىلىك ئويغۇرلار غوجانىيازھاجىم خىتتاينىڭ چىرايلىق گىپىگە ئالدانغان دەپ قاريدۇ . بىز تارىخىمىزغا ئەمىلى رىيانلىقنى ئاساس قىلىپ قاراپ باقساق ، سابىت داموللام دوۋلەت بايرىقى ، دوۋلەت گىرىبى ۋە دوۋلەتنىڭ سىياسى مەيدانىدىنى لاھىيەلاپ ، ئىككى شەھەرنى بىرقانچە مىڭ كىشلىك قوزغىلاڭچى قوشۇن بىلەن ۋاختىنچە كونتىرول قىلىپ ، سىرىتتىن ئىلىپ كەلگەن ۋە ئىككى شەھەردىن يىغىۋالغان بىرقىسىم ئادەملەر بىلەن دوۋلەت مىنىستىرلىرىنى بىكىتىپ ، قولىدا كۇچلۇكرەك قوزغالاڭچى قوشۇنى بار غوجىنىياز ھاجىمنى رەيس جۇمھىر قىلىپ بىكىتىپ ، بۇ رەيىس جۇمھۇرنىڭ يىتىپ كىلىشىنى كۇتمەيلا بىرپۇتۇن شەرقى تۇركىستان ئوچۇن جۇمھىريەت ئىلان قىلغان . مەيلى بىز سابىت داموللامنىڭ مۇستەقىل دوۋلەت قۇرۇش ئارزۇسىنى قانچىلىك مەدھىلەيلى ، بۇ جۇمھىريەت قۇرۇش ئەمىليىتى پەقەتلا قەغەز يۇزىدىكى جۇمھىريەت ، بىر رەمانتىك ھىسياتنىڭ كىچىك بالىنىڭ مىھماندالىق ئوينىغىنىدەك ئەمىليەت ئىكەنلىكنى چۇقۇم ئىتراپ كىلىشىمىز كىرەك . شۇچاغدا غوجىنىياز ھاجىم ۋە قوزغىلاڭچى قوشۇن دۇشكەلگەن ئەمىلى مەسىلە ، ھەقىقى مۇستەقىل دوۋلەت قۇرۇشنىڭ ئىھتىياجى ، ھەرگىز سابىت داموللامغا ئەگىشىپ مىھماندارلىق ئويناش ئەمەس ، بەلكى ئەمىلى كۇچكە ئىگە بۇلۇش ،يەنە قورال-ياراق ۋە شۇنۇڭ ئۇچۇن سوۋىت ئىتپاقىنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىش. ۋە شۇ سەۋەپتىن ، سابىت داموللامنى خىتتايغا تۇتۇپ بەرگەن ۋە شۇ ئارقىلىق سوۋئيت ئتىپاقىنىڭ قورال- ياراق ياردىمىگە ئىگە بۇلۇش ، ھەم كىيىنكى مۇئاۋىن رەھىسلىكنى قۇبۇل قىلىشىمۇ شۇنۇ مەخسەت قىلغان . بۇ تارىختىن شۇنى چۇقۇم ئىتراپ قىلىشىمىز كىرەككى ، بىرىنجى جۇمھىريەتنىڭ پەقەتلا ئەمىليىتى يوق ، مۇستەقىل جۇمھىريەت قۇرۇش روھىنى ھىساپقا ئالمىساق پەقەتلا كىچىك بالىنىڭ مىھماندرلىق ئوينىغىنىدەكلا بىر ئىش بولغان . غوجانىياز ھاجىم خەلىق قوزغىلىڭىنىڭ باشچىسى ، مەغلۇپ بۇلۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ قورال-ياراق يوق ، مۇئاۋىن رەيىسلىكنى قۇبۇل قىلمىغىنىدىمۇ قورال-يارق ئوق-دۇرا يىتىشمەي قىرىلەپ كىتىشى مومكىن ئىدى . مۇئاۋىن رەيىسلىكنى قۇبۇل قىلىپ ، غوجىنىياز ھاجىم-خىتتاي ھۇكىمىتىى - سوۋئيىت ئىتپاقىدىن ئىبارەت بۇ ئۇچبۇرجەك - مۇناسىۋەت سىياسى ئويۇندا ئوزىنىڭ جىنىنى دوغا تىكىپ تىرىشچانلىق كورسىتىپ باققان ئەمما مەغلۇپ بولغان . شۇڭا ، غوجىنىياز ھاجىمنىڭ سابىت داموللامنى خىتتايغا تۇتۇپ بىرىشى ۋە مۇئاۋىن رەيىسلىكنى قۇبۇل قىلىشى ۋەتەن خايىنلىقى ئەمەس ، قولىدا قورال-ياراق ۋە ئوق- دورا بولسا ھەرگىز قۇبۇل قىلمىغان بۇلاتتى ، ھەم غوجانىيازھاجىمنىڭ ھەقىقى مەخسىدىنى بىلگەن خىتتاي ۋە سوۋىت ئىتىپاقى غوجانىياز ھاجىمنى تىرىك قويمىغان . (بىزنىڭ ھەقىقى ئويلىشىدىغان مەسلىمىز ، ئەگەر سىز ئەينى ۋاقىتتىكى غوجانىياز خاجىم بولغان بولسىڭىز ،شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزيەتتە قانداق تەبىر قوللۇنۇپ غەلبىگە ئىرىشكەن بۇلاتتىڭىز ؟ )

    ئىككىنجى جۇمھىريەت ، سوۋئيىت ئىتپاقىنىڭ ئويغۇرلارنىڭ قوزغىلاڭچى قوشۇنىدىن پايدىلىنىپ ، ئىلىخان تورىنى قورچاق رەيىس قىلىپ تىكلەپ ، ئەمىلى ھۇقۇقنى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارغا تۇتقۇزۇپ ، مىللى ئارمىيەنى روس قۇماندانلار ۋە روسيەدە تەربىلەنگەن ئويغۇرلار ھەربى باشلىقلار ئارقىلىق كونتۇرول قىلىپ قۇرۇپ چىققان بىر يالغان جۇمھىريەت. بۇلۇپمۇ ، جۇمھىريەت رەھبەرلىرىنىڭ ، ئاللابۇرۇن ئىلان قىلىنىپ بولغان شەرقى تۇركىستان جۇمھىريىتىنىڭ دوۋلەت رەھبەرلىرى سۇپىتىدى ئەمەس ، خىتتاينىڭ بىر ئولكىسىنىڭ ۋەكىلى سۇپىتىدە ئۇرۇمچىدە خىتتاي ۋەكىللىرى بىلەن بىرلەشمە ھۇكۇمەت قۇرۇش سوھپىتى ئىلىپ بارغانلىقى ، بۇ جۇمھىريەتنىڭ ئەسلىدىنلا خەلىقنى ئالداپ ،سوۋىت ئىتپاقىنىڭ سىياسى مەخسىدى ئۇچۇن قۇرۇلغان يالغان جۇمھىريەت ئىكەنلىكى مەلۇم . ھەتتا بۇنداق بىر بىرلەشمە ھۇكىمەت قۇرۇشمۇ جۇمھىريەت ۋەياكى مۇستەقىل دوۋلەت ئىلان قىلىپ بولغانلار ئۇچۇن ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش . ئەمما بۇيەردە ئويغۇرلار ئۇچۇن ناھايىتى مەنپەتلىك بولغان تەرەپ ، سوۋىت ئتىپاقىنىڭ مۇشۇنداق بىر سىياسى ئويۇنىغا ئويغۇرلارنىڭ ئىشتىرەك قىلىشى ئارقىلىق ئويغۇرلار قورال-ياراققا ، مۇنتىزىم ھەربى تەلىم-تەربىيەگە ، ئۇرۇش ئەمىليىتى ئارقىلىق ئۇرۇش تەجىربىسىگە ئىرىشتى . ئۇندىن سىرىت دوۋلەت ئاپىراتلىرىنى قۇرۇپ چىقىش ۋە تەشكىللەشنى ئوگەندى . ھەم مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق دوۋلەت رەھبەرلىرى ، بۇ جۇمھىريەتنىڭ ئەسلىدىنلا بىر يالغان جۇمھىريەت ئىكىنلىكىنى بىلسىمۇ ، ئۇنداق قازانغا بۇنداق چۇمۇش قىلىپ بۇ يالغان جۇمھىريەتنى راس جۇمھىريەتكە ئايلاندۇرۋىتىشكە تىرىشقان . ئەگەر ئۇنداق مەخسىدى بولمىسا ، بىرلەشمە ھۇكۇمەت قۇرۇش سوھپىتى ئۇنداق ئۇزۇنغا سۇزۇلمىغان ۋە كىيىن ئايرىپىلان ۋەقەسى دىگەندەك بىر شەكىلدە سەھنىدىن سۇپۇرۇلۇپ تاشلانماي ، ئەكسىچە ئىزچىل سوۋىيت ئتتىپاقىنىڭ مەنپەتى ئۇچۇن خىزمەت قىلغان بۇلاتتى. ھەتتا ، ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ بىرلەشمە ھۇكىمەت قۇرۇش سوھبىتىنى كەينىگە سورىشىدىكى مەخسىدى ، جۇمھىريەت ھۇكۇمىتى ئىچىدىن ۋە مىللى ئارمىيە ئىچىدىن بىرقىسىم ۋەزىيەتنى ئېنىق تۇنىغان كۇچلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىپ ، سىياسى ۋە ياكى ھەربى ئوزگۇرۇش قوزغۇشىنى ساقلىغان ، ئاخىرىدا سوۋئيت كونتىروللىقىدىن ئاجراپ ، ماناس دەرياسىدىن ئۇتۇپ خىتتاي ھۇكۇمىتىنى تەلتۇكۇس يوقۇتۇپ جەنۇپنىمۇ ئازات قىلىپ يالغام جۇمھىريەتنى راس جۇمھىريەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى مەخسەت قىلغان بۇلۇشى مومكىن . ( ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە،ئەگەر سىز شۇۋەزىيەتتە بولغان بولسىڭىز قانداق سىياسى تەبىر قوللانغان بۇلاتتىڭىز ؟ )
    يەكۇنۇم ، ئويغۇرلار بۇ جەرياندا ، يۇقىردا دىيىلگەندىك نۇرغۇن ماددى ۋە تەشكىلى قابىليەتلەرگە ئىرىشتى ، ئەمما سىياسى ئويۇندا ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ ئاخىرقى نىشانغا يىتەلمىدى. ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلا ۋەتەن خايىنلىرى ئەمەس ( ۋەتەن خايىنى بولسا سەھنىدىن چۇشۇرۇلمەيتى) ، كىيىنكى سەيپىدىن ئەزىز قاتارلىقلارغىمۇ باشقا ئامال قالماي ، خىتتاي بىلەن ئىزچىل مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇر بولغان .

    ھازىرقى ئويغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى ئەڭ چوڭ تەشكىلاتى " دۇنيا ئويغۇر قۇرۇلتىيى " يەنە بىر سىياسى قاينامدا . بۇلار ھازىر مۇستەقىللىق شۇئارىنى خەلقارا سۇرۇندا ئۇچۇق ئوتتۇرغا قۇيالمايدۇ، پەقەت خەلقارانىڭ سىياسى ئويىنىغا ئارلىشالاش ، مۇشۇ ئۇيۇننى ئويناشنى ئوگۇنۇش ، مۇشۇ سىياسى ئويۇن جەريانىدا ئوزىنى تەربىيەلاش ۋە خەلقارىدىكى دوۋلەتلەر مۇناسىۋەتلەردىن يۇچۇق تىپىپ مەنپەتلىنىپ ، ئاخىرقى نىشانغا يىتىشنى ئۇچۇن دىمكىراتىيە ، كىشلىك ھۇقۇق ، ئوزىنىڭ تەغدىرىنى ئوزى بەلگىلەش دىگەندەك مودا بۇلىۋاتقان شۇئارلارنى توۋلاشقا مەجبۇر. غەرىپ دەۋلەتلىرىنىڭ ھۇكىمەتلىرىمۇ بۇ شۇئارلارنى ئاساس قىلىپ بىرەر خەلقارالىق قارار ۋە تاشقى سىياسىيەت بەلگىلىمەيدۇ ، ھەتتا مۇسۇلمان دەۋلەت ھۇكىمەتلىرىمۇ دىننى پىرنسىپلار ۋە مۇسۇلمان قىرىنداشلىقنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ ئوزىنىڭ تاشقى سىياسىيەتلىرىنى بەلگىلىمەيدۇ. ئەمما ھەممەيلەن مۇشۇنداق چىرايلىق شۇئارلار ئارقىلىق ئوزىنى پەدازلاپ ئوزىنىڭ نىشانىغا يىتىشكە تىرىشىدۇ. بۇ ئەينى زاماندىكى تۇڭگان موللامنىڭ تەقۋالىق كورسىتىشى ۋە قۇرئان تۇتۇپ بەرگەن قەسەملىرى ، ياڭزىڭشىڭ ،شىڭشىسەيدەك جاللاتلارنىڭ تۇمۇرخەلپىتىم ،غوجىنىياز ھاجىملار ۋە ئويغۇر خەلقىگە بەرگەن چىرايلىق ۋەدىلىرى ،شۇنداقلا بىزگە بىرىلگەن ساختا ئاپتونومىيەلەر بىلەن ھىچقانداق پەرقى يوق سىياسى شۇئارلار . دۇنيا ئويغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلدىغىنى خەلقارا ئىنىق بىلىدۇ ، ( بەلكىم ئويغۇرلار ئوزىمىزلا گۇمان قىلىپ يۇرۇيمىز ) دۇنيا ئويغۇر قۇرۇلتىيمۇ ئوزىنىڭ سىياسى پائاليەتلىرىدە ، خۇددى خىتتاي ھۇكۇمىتىنى ئىتراپ قىلىپ ، خىتتاي ھۇكۇمىتىدىن كىشلىك ھۇقۇق دىگەندەك نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىۋاتقاندەك قىلسىمۇ ، ئەزەلدىن خىتتاي بايرىقىنى كوتۇرۇپ باقمىدى ، شەرقى تۇركىستاننىڭ كوك بايرىقىنى كوتۇرۇپ خەلقارالىق يىغىنلارنى ئاچىدۇ ، تەشكىللىگەن نامايىشلىرىدا كوك بايراقنى كوتۇرۇپ نامايىش قىلىدۇ . ئەمما خەلقارادا ھىچقانداق شەخىس ،تەشكىلات ،مەتبۇاتلار " ئەگەر بولگۇنچى بولمىساڭ ،نىمىشقا قىزىل بايراق كوتۇرمەيسەن؟ " دەپ سوراپ باقمايدۇ . ئەگەر ئۇلارغا قىزىل بايراقنى كوتۇرۇپ نامايىشە قىل دىيىلسە ، ھەتتا ئوققۇ تۇتىمەن دىسىمۇ دۇنيا ئويغۇر قۇرۇلتىيىدىكىلەرنىڭ قىزىل بايراقنى كوتۇرىشكە ۋىجدانى ئۇنىماسلىقى مومكىن . ئەمىلى سىياسى پائالىيەتكە ، ۋە ياكى سىياسى مۇناسىۋەتلەرگە ئارلاشمىغانلار ھىس قىلالمەسلىقى مومكىن ، تەيۋەندەك بىر مۇستەقىل دوۋلەت بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان ھەرقانداق دوۋلەتلەربىلەن خىتتاي دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۇزىدۇ ، ئامرىكىمۇ خىتتاينىڭ بىر خىتتايلىق تاشقى سىياسەت پىرنسىپىنى ئىتراپ قىلىدۇ . تەيۋەن ب.د.ت دىن چىقىرىلدى ، دۇنيادا تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار دوۋلەتمۇ قالمىدى ، ھەتتا تەۋەنمۇ خىتتاينىڭ تەلىپى بىلەن پاسپورتىنى ئوزگەرتتى، ئوزگەرتمىسە،تەيۋەنلىكلەر ھىچقانداق بىر چەت - دوۋلەتكە بارالمايدۇ . خىتتاي دۇنيا ئويغۇر قۇرولتىيىنى بولگۇنچى تەشكىلات ،ھەتتا تىرورىسلار بىلەن ئالاقىسى بار تىرۇرىس تەشكىلات دەپ قارايدۇ . ئەمما دۇنيا ئويغۇر قۇرۇلتىيى مۇستەقىللىق ئەمەس كىشلىك ھۇقۇق ،ئەركىنلىك ، دىمكىراتىيە دىگەندەك شۇئارنى توۋلاپ ، ئىغىزدا بولسىمۇ خىتتاينىڭ زىمىن پۇتۇنلىكىگە قارشى چىقماي خەلقارا مۇناسىۋەت ۋە دىپلوماتىك قايىدىلىرىگە ماسلىشىپ بىرىۋاتقان بولغاشقا ، غەرىپ دوۋلەتلىرى ئويغۇرلارنى خەلقارالىق يىغىنلارغا قاتنىشىش ، خەلقارالىق سۇرۇندا سوزقىلىش ۋە دوكلات بىرىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىۋاتىدۇ. غەرىپ دوۋلەتلىرى مۇشۇلارنىڭ بەرگەن دوكلاتى ئارقىلىق ، خەلقارادا خىتتاينىڭ يۇزۇنى تۇكۇپ ، بەزى سىياسەتلەردە كىشلىك ھۇقۇق مەسلىسىنى سەۋەپ قىلىپ خىتتايغا بىسىم قىلىدۇ ۋە خىتتاينىڭ مەنپەتىگە زىيان كەلتۇرەلەيدۇ . خىتتاي ھۇكۇمىتىمۇ خەلقارالىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايىدە تۇزۇملىرىگە رايەقىلىشى كىرەك بولغاشقا ، دۇنيا ئويغۇر قۇرۇلتىيىنى بۇنداق سىياسى ھەركەتلىرىدىن تۇسۇپ قالالمايۋاتىدۇ . ئەمما ، خەلقارادا ، خىتتاي مومكىنقەدەر دۇنيا ئويغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىغىزىنى ئاچۇرماسلىققا تىرىشىدۇ . ئىنگىلىسچە بىلدىغانلار توردىكى قۇرۇلتاي ۋەكىلىنىڭ ب.د.ت دا دۇكلات بىرىش جەريانىنى كورۇپ باقساڭلار بۇلىدۇ . دوكلات مەزمۇنى مۇھىم ئەمەس ، مۇشۇ دوكلات باشلىنىپلا خىتتاي ۋەكىللىرى توختىماي 4-5 قىتىم قاراشلىق كورسۇتۇپ دوكلات بىرىشنى ئۇزۇپ قويىدۇ، ئاخىرىدا يىغىن رەيىسى ئاللابۇرۇن كۇنتەرتىپكە قويۇلۇپ بولغان دوكلات بىرىشنى، ھەرقايسى دوۋلەت ۋەكىللىرىنىڭ رايىغا قويىدۇ. نۇرغۇن دوۋلەتلەر خىتتاينى قوللاپ دوكلات بىرىشكە قارشى چىقىدۇ ، شۇلارنىڭ ئىچىدى دىننى قىرىنداشلىرىمىز بولغان مىسىر ۋە ھىندۇنۇزىيەمۇ بار. بىرقانچە غەرىپ دوۋلىتىنىڭ ئويغۇر ۋەكىلىنى قوللىشى بىلەن دوكلات داۋاملىشىدۇ . دۇنيا ئويغۇر قۇرۇلتىيىدىكىلەرمۇ كىشلىك ھۇقۇق ،ئەركىنلىك شۇئارلىرىنى توۋلاپ ، مۇشۇنداق خەلقارالىق يىغىنلارغا قاتناشساق مۇستەقىللىققە ئىرىشىمىز دەپ ئويلىمايدۇ . ئەمما مۇشۇنداق پائاليەتلەر ئارقىلىق، خەلقارا سىياسىىتىنىڭ قانۇن - تۇزۇملىرىنى ،سىياسى ئۇيۇنلار قانداق پىلانلىنىپ قانداق ئىلىپ بىرىلىۋاتقانلىقىنى ، ئوزىنىڭ شۇ سىياسى ئويۇندا قانداق رول ئويناش كىرەكلىكىنى ، خەلقارادا مومكىنقەدەر ئوزىگە كوپەرەك دوس تىپىپ ، ھەمكارلاشقىلى بىلىدىغان كۇچلەربىلەن مۇناسىۋەت تىكلەپ ، ئەگەر بىر پۇرسەت تۇغۇلسا قانداق قىلىپ باشقا كۇچلەرگە ماسلىشىپ ،ئوز ئارا مەنپەت يەتكۇزۇپ ،قارشى تەرەپنى مەغلۇپ قىلىپ
    ئۇزىنىڭ مەنپەتىگە ئىرىشىشنى ئوگۇنىدۇ .

    ئىلھام توختى خىتتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدىكى ماددىلارغا تايىنىپ ئويغۇرلارنىڭ مەنپەتىنى قوغداش ئۇچۇن ئوتتۇرغا چىققان قەھرىمانىمىز. ئەگەر ئىلھام توختىنى ۋەتەن خايىنى دىسەك، ئىلھام توختىنىڭ كۇچلۇك مىللى روھ ئەكىس ئىتىلگەن " ئويغۇر بىز " دىگەن توربىتى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلار ،شۇنداقلا ئۇنىڭ قىلغان خىزمەتلىرىنى قانداق چۇشۇنىمىز ؟ ھەتتا خىتتاينىڭ ئوزى ئىلھام توختىنى بولگۇنچى ، ۋەتەن خايىنى دەپ ئومۇرلۇك قاماق جازاسى بەرگەن تۇرسا ، خىتتاينىڭ بۇ ھۇكۇمىمۇ بىزگە يەتمەمدۇ ؟ ئەگەر بىرەر ئويغۇر ئىلھام توختىنى ۋەتەن خايىنى دىسە ، مەن چۇقۇم " سىز قايسى ۋەتەننىڭ گىپىنى قىلىۋاتىسىز ؟" دەپ سورايمەن .

    ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىم، سىزنىڭ بۇنداق بىر كۇچلۇك غۇلغۇلا قوزغىغان يازمىنى ئىلان قىلىشىتىكى مەخسىدىڭىزنى ، ئويغۇرلارنىڭ نوۋەتتىكى خەلقارادىكى سىياسى پائاليەتلىرىنىڭ " مۇستەقىللىق " دىگەن بىر شۇئارغا كىلىشىگە يىتەكلەش دەپ چۇشىنىمەن. ھەم سىزنىڭ ئىلھام توختىنى ھەقىقەتەن ۋەتەن خايىنى دەپ قارىمايدىغانلىقىڭىزغىمۇ ئىشىنىمەن . شۇنداقلا سىزنىڭ بۇنداق بىر يازمىڭىز تۇپەيلى ، قىرىنداشلىرىمىزدىن سىزگە كىلىۋاتقان ھەرخىل باھا ۋە ناچار تىللارغىمۇ قەتتى قارشى .
    ئەمما ئۇمۇت قىلدىغىنىم ،بۇنداق ياخشى نىيەتتە ،ۋەتەن مىللەتنىڭ كەلگۇسى ئۇچۇن قىلىنغان تىرىشچانلىقنىڭ ، بىر -بىرىمىزگە ھەرخىل شەكىلدە ھۇجۇم قىلىش ،ھەتتا ئاساسىز باھابىرىشلەر بىلەن بولمىسۇن.

    ئويغۇرلار ھەممە ساھەدە ،شۇساھەنىڭ ئھتىياجى ۋە تۇزۇم-تەرتىپلىرى بىلەن مىللەتنىڭ ۋەتەننىڭ كەلگۇسى ئۇچۇن كورەش قىلىۋاتىدۇ .
    دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بارلىق دەرىت-ئەلەملىرىنى ئۇن-تىنسز يۇتۇپ سۇكۇت ئىچىدە تىرىشىۋاتقان زىيالىلىرىمىز ،سودىگەرلىرىمىز بار. بۇلارنى سىياسىغا ئارلاشمىدى دەپ ئاغرىنمايلى . بىركۇنلەردە مۇستەقىل بولساق ، شۇ مۇستەقىللىقنى تۇتۇپ تۇرالىشىمىز ، پەن-تىخنىكا ۋە ئىقتىساتنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۇچۇن مۇشۇنداق كىشىلىرىمىز كىرەك.

    دىننى زىيالىلىرىمىز ،ئولىما ئۇستازلىرىمىز بار . بىز مۇسۇلمان مىللەت ،1000 يىللىق ئىسلام تارىخىمىز بار. ئىسلام ،مۇسۇلمانلىق بىزنىڭ قان-قىنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ، ھاراقنىمۇ بىسمىللا دەپ ئىچىدىغان مىللەت بىز . ئىسلامسىز ئويغۇر ئويغۇر بۇلالمايدۇ ، "ئاللاھۇ ئەكبەر! " دىمەي ئويغۇر جەڭگە چىقمايدۇ. بۇلار ئويغۇرنىڭ روھىيىتىنى پاك تۇتۇپ، ئويغۇرنى ئويغۇرقىلىپ تۇرغان كىشىلىرىمىز .

    ئافغانىستاندا ۋە ھازىر سۇريەدە قورال كوتەرگەن مۇجاھىتلىرىمىزبار . بۇلار جىنىنى ئالقانغا ئىلىپ قويۇپ ،ئەمىلى ئۇرۇش مۇھىتىدا ئوزىنى تەربىيەلەۋاتىدۇ. بىز ئۇلارنى " جىھاتنى خاتا يەردە قىلىۋاتىدۇ " دەپ ئەيىپلەۋاتىمىز . ئەمما خىتتاي بۇلاردىن ئولگىدەك قورقۇپ سۇريەگە ئەسكەر چىقاردى. چۇنكى خىتتاي بىلىدۇ،بۇ مۇجاھىتلارنىڭ ھەقىقى دۇشمىنى خىتتاينىڭ ئوزى( بىز ئوزىمىز قايمۇقۇپ يۇرۇيمىز) . خۇددى سۇ ئۇزۇشنى قۇرۇقلۇقتا ئوگەنگىلى بولمىغاندەك ، پارنىكتا ئوسكەن خىتتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئەمىلى جەڭ مەيدانىدا تەربىيەلىنىۋاتقان مۇجاھىتلارغا تەڭ كىلەلمەسلىكىنى خىتتاي بىلىپ قورقۇنۇش ھىسقىلىۋاتىدۇ . بۇ مۇجاھىتلارنىڭ سۇريەدە ، باشقا بىر تەشكىلاتتا جىھات قىلىۋاتقىنى ، خۇددى دۇنيا ئويغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇستەقىللىق ئەمەس ، كىشلىك ھۇقۇق ،دىمكىراتىيە دىگەندەك شۇئارلارنى توۋلاپ سىياسى پائاليەت قىلىۋاتقانلىقى بىلەن ئوخشاش بىر ئىش ، يەنى مۇھىتقا ۋە ساھەگە ئاساسەن ئىشقىلىپ تەربىيەلىنىش ۋە كۇچ توپلاش .

    بىزنىڭ مۇستەقىل شەرقى تۇركىستان قۇرۇپ چىقىشىمىز ئۇچۇن توۋەندىكى 3 يولۇنۇشلۇك
    تىرىشچانلىققا بىز جىددى ئىھتىياجلىق.

    1. سىياسى كۇچىمىزنى زورايتىش ۋە ئىتىپاقلىشىش :
    دىننى ئىتىقاتىمىز ، مۇستەقىللىق نىشانىمىز ۋە كوك بايرىقىمىز بىزدىكى توۋلايدىغان شۇئارىمىز ۋە ياكى قولدا كوتۇرۋلدىغان ، ئۇيەر -بۇيەرگە ئىسىپ قويىدىغان نەرسىمىز ئەمەس . بەلكى ، يۇرۇكىمىزگە ئۇيۇپ قويىدىغان مۇھۇر ، چۇقۇم رىياللىققا ئايلاندۇرىدىغان نىشان ۋە ۋەتىنىىمىزنىڭ ئاسمىنىدا لەپىلدىتىغان مۇستەقىللىقنىڭ سىموۋىلى .
    ئىسلام دىنى 1400 يىلدىن بىرى نۇرغان دۇشمەنلىكلەرگە ئۇچىراپ يەنە تىخىمۇ گۇللەپ ياشناپ تۇرۇپتۇ ، قۇرئانىمىزنى ئاللاھنىڭ قىيامەتكىچە قوغداش ۋەدىسى بار. ئويغۇرلار 1000 يىلدىن بۇيان ئىسلامدا مۇستەككەم تۇرۇپ كەلگەن مىللەت . شۇڭا ئوزىمىزدىن چىقىۋاتقان ئۇنداق بۇنداق يىڭى دىننى ئىدىيەلەردىن ۋە ئويغۇرلارنىڭ دىنسىزلىشىپ كىتىشىدىن ئارتۇقچە غەم يەپ بىر-بىرىمىزنى دىن دۇشمىنى ۋە ياكى بەزى پەتىۋالار بىلەن ئىنكار قىلىپ يۇرىشىمز ناھايىتى ئەقىلسىزلىق. ئەگەر زادى مۇنازىرە قىلىمىزدىسەك ،مىللى ۋە دىننى قىرىنداشلىق ئاساسىدا ئىلمى مۇنازىرە ئىلىپ بارساق بۇلىدۇ . ئەمما بىر - بىرىمىزنى دۇشمەنگە ئايلاندۇرىدىغان مۇنازىرە ، دىنىمىزدا قەتتى چەكلىنىدىغان ، بىزنى ھالاكەتكە ئىلىپ بەرىدىغان يول.
    سىياسى پائاليەتلىرىمىزدە ، ۋەزىيەتنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن ، يەتمەكچى بولغان نىشانلىرىمىزغا ئاساسەن ئوخشىمىغان شۇئار توۋلاپ سىياسى ئۇيۇن ئوينىساق ، ئوگەنسەك ،تەربىيەلەنسەك ،مومكىن قەدەر كۇلىمى زور ، ۋەزىيەتكە قاراپ تىز ئوزگىرەلەيدىغان ،يەنى ئىسلام دۇنياسىدا دىندىن ،ئوممەتىن سوزلىيەلايدىغان ، غەرىپ دۇنياسىدا كىشلىك ھۇقۇق ۋە دىمكىراتچى ،ۋاختى سائىتى كەلسە ھەممىمىز بىردەك يۇزىمىزنى ئورۇپلا تەلتۇكۇس مۇستەقىلچى بۇلالايدىغان سىياسى كۇچ بۇلالىشىمىز كىرەك . ئوز ۋاختىدا ، سوۋىيت ئىتپاقىنىڭ سابىت داموللامنى تۇتۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىشى ۋە شىڭشىسەينى قوللاپ غوجانىياز ھاجىمنى يوق قىلىشتىكى سەۋەپ ، شىڭشىسەينىڭ تۇساتتىن ماركىسىزىمچى بۇلىۋالغانلىقىدا . سابىت داموللام ۋە غوجىنىياز ھاجىم قەتتى ماركىسىزىمچى بۇلۇشتەك ئۇيۇننى ئوينىيالمايدۇ،ھەم شۇسەۋەپتىن مەغلۇپ بولغان. ئىككىنجى جۇمھىريەت ۋاختىدا ،سوۋىيت ئىتىپاقىنىڭ ئىلىخان تورىنى قورچاق رەھىس قىلىپ ،ھەتتا ئاخىرىدا يوق قىلىۋىتىپ ، سوۋىيتتا ماركىسىزىمدا تەربىيەلەنگەن ئەخمەتجان قاسىمىلار ئارقىلىق ھۇكىمەتنى كونتۇرول قىلىشى ، شەرقى تۇركىستاندا بىر مىللى ۋە دىننى كۇچ پەيدا بۇلۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ،ئوزى بىلەن ئوخشاش ئىدلوگىيەدىكى بىر كۇچنى تەربىيەلەپ چىقىش ئىدى . خىتتاي كومىنىستىك پارتىيەسىنىڭ ، ئوزىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەنەنىۋى مەدىنيىتىنى قارىپ قۇيۇپ ، سۇنجوڭشەننىڭ دىمكىراتىك ئىدىيىسىگىمۇ قارشى چىقىپ ، سوۋىت ئتىپاقىغا ئەگىشىپ مىڭىشى نەتىجىسىدە ،سوۋىت ئتىپاقىنىڭ ياردىمىدە ھەممە دۇشمەنلىرىنى يىڭىپ ، ھەتتا بىزنى بىر پاي ئوق ئاتماي ئىشغال قىلىپ ، ئوزى ھۇكۇمران بولغان بىر دوۋلەت قۇرۇپ چىقتى . ھەتتا ياپۇن ئىشخالىيىتى دەۋرىدى ، ۋەتەن ساتقۇشلۇق قىلىپ ياپۇنيە بىلەن تىل بىرىكتۇرۇپ گومىنداڭنىڭ كەينىدىن پىچاق ئۇردى. ھازىر كورۇپ تۇرۇپتۇقكى ، بۇلار ماركىسىزىمچى ،كومۇنىزىمچى ۋە ياكى سوتسىيالىمچى ئەمەس ، قىلغان ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيۇن ، ئاخىرقى نىشانى ھاكىميەتنى قولىغا ئىلىش ،ھازىر مانا بىز ئۇلارغا قۇل بۇلۇپ ياشاۋاتىمىز . بىزنىڭ كۇچلىنىشىمىز ۋە ئەمىلى مەنپەتكە ئىگە بۇلۇشىمىز ،ئاخىرىدا ئوزىمىزنىڭ مۇستەقىل دوۋلەتىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز ئەڭ مۇھىم . دۇنيادا ھىچقانداق بىر دوۋلەت ، ئويغۇرنىڭ دىننى ئتىقاتى ، كىملەربىلەن دىننى كىملەربىلەن مىللى قىرىنداش بۇلۇغانلىقى ، زۇلۇمغا ئۇچۇرىشى ۋە مۇستەقىللىققا ئىرىشىش ئارزۇلىرى بىلەن كارى يوق . شۇڭا ئوزىمىزنىڭ ھەقىقى نىشانلىرىنى ئىچىمىزدە ئىنىق بىلىپ ،ئۇنى بىر قۇرۇق شۇئارغا ئايلاندۇرۋالماي ، سىياسى پائاليەتلىرىمىزدە باشقىلارنىڭ مەنپەتلىرىنى چىقىشقىلىپ ،ئوزىمىزنىڭ نىشانىغا يىتىشىمىز كىرەك . بىز دىمىكىراتىك مىللى دوۋلەت مۇ ياكى ئىسلامى دوۋلەتى قۇرامدۇق ھازىرچە مۇھىم ئەمەس ،دوۋلەت ئىسمىنىڭ قانداق بۇلشىمۇ مۇھىم ئەمەس ، قانداقلا بولسۇن بۇ ئويغۇرنىڭ دوۋلىتى ، ئويغۇر بىر مۇسۇلمان مىللەت بۇنۇ ئوزگەرتكىلى بولمايدۇ. خۇددى خىتتاي كومۇنىزىم بولسۇن ، سوتسىيالىزىم بولسۇن ،دىمكىراتىك بۇلۇپ كەتسۇن ،ھەتتا مۇسۇلمان بۇلۇپ كەتسۇن ، بىزگە ئاپتونومىيە ،فىدىراتسىيە ، دىننى ئەركىنلىك بىرىپ كەتسۇن ، ھەممىسى قۇرۇق گەپ ، چۇنكى ئۇ خىتتاي ، ئاخىرى ئۇبىرىپ خىتتايلىقىنى قىلىدۇ . ئويغۇرمۇ نىمەقىلسۇن ،نىمەدىسۇن ،ئاخىرى يەنە ئويغۇرلىقىنى قىلىدۇ .

    بىز قانداقلا شۇئار توۋلايلى بىربىرىمىزگە قارشى شۇئار توۋلىماي ،بۇلۇنمەي ،پارچىلانماي بىللە مىڭىشىمىز مۇھىم . ئويغۇر ئۇچۇن دۇنيادا ئەڭ چوڭ ،ئەڭ خەتەرلىك دۇشمەن ، خىتتاي ئەمەس ھەم بىز نورمالدا ئويلايدىغان باشقا ھەرقانداق كەمچىلىكلىرىمىز ئەمەس ، بىز دەيدىغان دىن دۇشمەنلىرى تىخىمۇ ئەمەس. ئەڭ چوڭ دۇشمەن ، بىزنىڭ بۇلۇنۇپ ،پارچىلىنىپ كىتىشىمىز، خەقنىڭ دىپىغا ئۇسۇل ئويناپ ئىككى سەپ بۇلۇپ بىربىرىمىزنى قىرغىن قىلىشىمىز ، ئاخىرىدا ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇپ شىمال دەپ ئىككىگە بۇلۇنۇپ كىتىشى ، بىرقىسمىنى ھەتتا خىتتاي مىنىڭ دەپ ، قازاقىستان ،ھىندىستان پاكىستانلار مىنىڭ دەپ بۇلىۋىلىشى . تارىختىن بۇيان ئىشغالچىلار باشقىلارنىڭ دوۋلىتىنى بىرپۇتۇن قايتۇرۇپ بەرگەن ئەمەس. ھىندىستاننىڭ نۇرغۇن دوۋلەتكە پارچىلىنىپ ھازىرغىچە پاكىستان بىلەن دۇشمەنلىشىپ يۇرىشى ، جەنۇپ شىمال كورىيەنىڭ دۇشمەنلشىشى ، ئوتتۇرا شەرىقتىكى غەۋغالارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مۇستەملىكچىلەرنىڭ ، ئوخشىمىغان مىللەت ،دىن ۋە دىننى مەززەپتىكىلەرنى ئارلاشتۇرۇپ كىچىك دوۋلەتلەرگە بۇلىۋىتىشى تۇپەيلى ھازىرغىچە ئوز-ئارا دۇشمەنلىشپ بىربىرىنى قىرىپ يۇرۇشىگە سەۋەپ بۇلىۋاتىدۇ.
    بەزىدە توردىكى بىر- بىرىمىزگە ئىلىپ بىرىلىۋاتقان تىل ھۇجۇملىرىدىن تىنىم شۇركۇنۇپ كىتىدۇ. ئەگەر قولىمىزغا قورال چىقىپ قالسا ،ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا ، ئالدى بىلەن ئىچىمىزدىكى ئەڭ ياراملىق ئادەملىرىمىزنى قىرىپ تۇگەتكىدەكمىز . ئىلھام توختىدەك ئادەملىرىمىزنى مۇددەتسىز قاماق جازاسى ئەمەس ، چۇقۇم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قوشۇپ قىرىپ تاشلايمىز . ئاندىن ،ئوزئارا قىرغىننى باشلاپ ، خىتتايدىن بەكەرەك جاللات قان ئىچەردىن بىرسى ئۇستىمىزدە مۇستەبىت ھۇكۇمران بولمىغىچە توختىماسلىقىمىز مومكىن. ئويغۇر سىياسى پائاليەتلىرىدە نىمىلا شۇئار توۋلىسۇن ، ئەمىلى مەنپەتكە ئىرىشسە ، قانداق ئدىلوگىيەنى كوتۇرۇپ يۇرسۇن خىتتاينى ۋەتىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىپ ، بىرپۇتۇن شەرقى تۇركىستان تۇپرىقىنى ساقلاپ قىلىپ مۇستەقىل دوۋلەت قۇرسىلا نىشانغا يەتكەن بولىمىز .

    2. ھەربى ھازىرلىق: خەلقارا ۋەزيەتنىڭ ھازىرقى جىددى ئوزگۇرۇشى ۋە ئويغۇرلارنىڭ سىياسى پائاليەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە ، ئويغۇرلانىڭ مۇستەقىللىق كورەشلىرى بىلەن مەنپەتداش دوۋلەتلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى كورۇنۇپ تۇرىۋاتىدۇ . ئويغۇرلاردا ھازىر ھەممە ساھەدە ئادەملار بولسىمۇ ، ھەربى ساھە پەقەتلا بىر بوشلۇق بۇلۇپ تۇرۋاتىدۇ . بىزگە مۇنتىزىم ئارمىيە قۇرۇپ چىقالايدىغان ، مۇنتىزىم ئارمىيەگە ئۇنۇملۇك قۇماندانلىق قىلالايدىغان شۇنداقلا كەلگۇسىدىكى مۇستەقىل دوۋلىتىمىزنىڭ دوۋلەت مۇداپىيە كۇچىنى ۋە ئاپىراتلىرىنى قۇرۇپ چىقالايدىغان ئادەملەر كىرەك . ئۇنداق بولمىغاندا ،بىز خالايلى خالىمايلى يەنىلا ئەسكەرى كۇچىمىز باشقىلارنىڭ قولىغا قالىدۇ ،باشقىلارنىڭ مەنپەتى ئۇچۇن قان تۇكۇپ جان بىرىپ يۇرۇيمىز . ئويغۇرلىرىمىز كوپلەپ چەتئەل ھەربى مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئوقۇشى ، مومكىن بولسا سىياسى تەشكىلاتلىرىمىز بەزى دوۋلەتلەردىن مەخپى يۇسۇندا بولسۇن ، ناھايىتى ئازساندا بولسۇن ، بىزگە مۇشۇنداق ھەربى ۋە ئاخپارات كەسىپلىرىدە ئادەم تەربىيەلەپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىپ مۇشۇ ساھەدە ئادەم تەربىيەلەشكە كىرىشىشى كىرەك . قوراللىق ھەركەتسىز ،قان توكمەي ، نۇرغۇن شىھىتلەرنى ،قۇربانلىقنى بەرمەي مۇستەقىل دوۋلەت بۇلۇشنىڭ پەقەتلا ئوخلىماي چۇش كۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىز ئىنىق بىلىمىز . شۇنىڭ ئۇچۇن چەتئەلدىكى ئويغۇرلىرىمىز ، مومكىن قەدەر ئوزى تۇرىۋاتقان دوۋلەتلەردە ھەربى خىزمەت ئوتەشكە تىزىملىتىپ تەربىيە ئىلىشى ، بولمىغاندا تور ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق قورال- يارقلار بىلەن تۇنۇشىشى ۋە ئاددى ئىشلىتىشلىرىنى ئوگۇنۇپ تۇرىشى كىرەك. بۇ خىزمەتلانى ، بىرەر تەشكىلات ۋە ئادەملەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۇتمەي ، بىرلىرىنىڭ توغرا خاتا دەپ ھۇكۇم قىلىشىغا ساقلىماي ، بۇيرۇقنى ئوزىمىزنىڭ دىننى ئتىقاتىمىز - ئىمانىمىز ۋە ئوزىمىزنىڭ ھەم كىيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ كەلگۇسىدىن ئىلىپ ، جىددى ھەركەتكە كىلىشىمىز كىرەك . نۇرغۇن ئويغۇرلىرىمىزدا خىتتاي بەك كۇچلۇنۇپ كەتتى دىگەن قاراش بار . ئەمما ئەمىليەتنىڭ دەل ئەكسىچە بۇلىۋاتقانلىقىنى نۇرغۇنلىرىمىز كورمىدۇق . يىقىندىن بۇيان ھەرقايسى دوۋلەتلەردە بىرقىسىم ناھايىتى رادىكال ۋە مۇستەبىت رەھبەرلەر نىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى ۋە يۇرگىزىۋاتقان سىياسەتلەرىگە قارىساق ، شۇ دوۋلەتلەرنىڭ ناھايىتى زور ئىچكى كىرىزىسقا دۇشكەلگەنلىكىنى كورىۋالالايمىز . خىتتاي ئقتىسادى تەرەقياتىنىڭ جىددى ئاستىلىشى ،كومىنىستىك پارتىيەنىڭ ھۇكۇمرانلىق ئورنىنىڭ تەۋرىنىشىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى. بۇچاغدا ، شىجىنپىڭ تەخىتكە چىقىپ ئالدى بىلەن " جوڭگۇ چۇشى " دىگەندەك گۇزەل بىر كەلگۇسىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ خەلىقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۇرۇشكە تىرشىۋاتىدۇ. ئارقىدىنلا پارىخورلىققا قارشى تۇرۇش باناسى بىلەن %70 دىن كوپ ئەمەلدارلارنى خىزمىتىدىن بوشۇتۇپ ، بارلىق ھۇقۇقلارنى ئوز قولىغا مەركەزلەشتۇرۇپ ئىچكى مۇقۇملۇقنى كونتىرول قىلىۋاتىدۇ. يەنە مۇشۇ ۋاقىتتا جىددى ھەربى تەييارلىقلارنى ئىلىپ بىرىپ ، شىمالى كورىيە مەسلىسىنى بانا قىلىپ خىتتاينىڭ دىڭىز بويىغا يىغىلىپ قالغان ئامرىكىنىڭ %60 دىڭىز ئارمىيەسىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىغا كىرىشىتى . ئاندىن ، بىريول - بىر بەلۋاغ ئستىرادىگىيىسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ، مومكىن قەدەر كوپ دوۋلەتلەرنى ئوزىنىڭ ئىقتىسادى تەرەقياتىغا باغلاپ ، ئقتىسادى كىرىزىستا تۇرىۋاتقان خىتتاي زاۋۇتلىرى ،بانكىلىرى ۋە قۇرلۇش شىركەتلىرىگە قىلىدىغانغا ئىش تىپىپ بىرىپ ، ئىختىسادى تەرەقياتىنى ساقلاپ قىلىشقا ئۇرنىۋاتىدۇ . بىر يول-بىر بەلۋاغ ئستىگىرادىيەسىنىڭ ئاساسلىق مەخسىدى، خىتتاي ۋەتىنىمىزدىكى نىفىت ۋە تەبى گاز تۇربىلىرىنى روسيەدىن چىقىپ ياۋرىپاغا تۇتۇشىدىغان ئىرماش-چىرماش تۇربا تورلىرىغا تۇتاشتۇرپ ، ئىراندىن خىتتايغا كىلىدىغان نىفىتنى راۋانلاشتۇرۇش. يەنى ، ۋەتىنىمىز خىتتاينىڭ ئنىرگىيە جان تۇمۇرى جايلاشقان يەر بۇلۇپ قالدى . ھازىرقى ۋاقىت ، خىتتاينىڭ ئقتىسادى مەسىلىلىرى ناھايىتى ئېغىرلاشقان ، ئىچكى زىدىيەتلىرى كۇچەيگەن ، تاشقى دۇشمەن تەھدىت سىلىۋاتقان ، ئىنىرگىيە جان تۇمۇرى خىتتايغا دۇشمەنلىك بىلەن قارايدىغان بىزنىڭ ۋەتەنگە جايلىشىپ قالغان بىر مەزگىل. مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا ، بىزنىڭ ۋەتەندە چوڭاراق بىر ھەربى ھەركەت ئوتتۇرغا چىقىپ قالسا ، خىتتاينىڭ ئىچكى زىدىيەتلىرىنىڭ پارتىلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى ، توپىلاڭدىن تۇغاش ئوغۇرلاشنى مەخسەت قىلغان دوۋلەتلەرنىڭ ئوزىنىڭ بىۋاستە ئارلىشىشە ۋە ياكى بىزنى دەرھا قوللاپ ، بىزنىڭ ۋە تىبەت ،مۇڭغۇل ، ،ئەڭ مۇھىمى خىتتاينىڭ ئوزىنىڭ ئوكتىچىلىرىنىڭ قولى بىلەن خىتتاينى پارچىلىۋىتىشى مومكىن. ئەمما بىز ئويغۇرلار قوراللىق قوزغالمىساق ، قوزغالغاندىمۇ ئازدىگەندە بىرقىتىملەق كۇچلۇك زەربە بىرەلمىسەك ھىچكىم ئالدى بىلەن قوزغالمايدۇ. ھازىرقى خىتتاي ھۇكىمىتى پەقەتلا قوراللىق ھەربى كۇچى بىلەن ھۇكۇمرانلىق قىلىۋاتقان ھۇكۇمەت . ھازىرقى ئازاتلىق ئارمىيەنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى پەقەتلا ئىچكى مۇقۇملۇقنى ساقلاش ، بىز ئويغۇرلارنىڭ مۇقۇملىقى ئەمەس ، خىتتاي ئوزىنىڭ مۇقۇملىقىنى ساقلاش. ئويغۇرلارنىڭ قوراللىق ھەركىتى ، خىتتاينىڭ بىرقىتىملىق قوشۇن يوتكىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ خىتتاي ئىچىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۇچ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلسا ۋە خىتتاي ئەسكەرلىرى ۋەتىنىمىزدە چوڭاراق تالاپەتكە ئۇچۇرسىلا ، خىتتاينىڭ ھاكىميەت قورۇلمىسىغا چاككىتىپ بىراقلا ئىچكىى جەھەتتىن غۇلاپ چۇشىشى تۇرغانلا گەپ .
    3. ئىختىساسلىق تەبى پەن زىيالىرىنى يىتىلدۇرۇش : سەئۇدىدىكى ئويغۇرلارنىڭ ئازراق تىرىشچانلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، چەتئەلدىكى ئويغۇرلىرىمىز تەشكىللىك ھالدا ماھارىپقا كۇچەش ۋە ئىختىساسلىق كىشىلىرىمىزنى يىتىشتۇرۇش خىزمىتىنى قىلىپ باققىنىمىزنى ئاڭلاپ باقمىدىم . چەتئەلدى ئوقۇۋاتقان ئويقۇغۇچىلار پەقەتلا ئوز كۇچىگە ۋە ئويغۇر مىللىتىنىڭ ئىلىم سۇيەر روھىغا تايىنىپ مىڭبىر مۇشەققەتتە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ . ئەسىرلەردىن بۇيان ئويغۇرلارنىڭ قايسى بىر قايغۇلۇق قىسمەتلىرىنى بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىققا باغلىماي چۇشەندۇرۇپ بىرەلەيمىز !؟ يىتەرلىك ئىختىساسلىق ئادەملىرىمىز يوق ئەھۋالدا قانچىلىك كەلگۇسىمىز بولماقچى ؟ ھەتتا قان كىچىپ ۋەتەننى ئازات قىلساقمۇ ، ئىختىساسلىق ئادەملىرىمىز يوق ھاكىميەتنى قانچىلىك ۋاقىت تۇتۇپ تۇرالايمىز ؟ توغرا تاشقى ۋە ئىچكى سىياسەت يۇرگۇزمەي ، ئىختىساد ۋە ھەربى كۇچىمىزنى تەرەققى قىلدۇرالماي بىر دەۋلەتنى قانداق تۇتۇپ تۇرغىلى بۇلىدۇ ؟ يىقىنقى زامان تارىخىدىكى قايسى ھۇكۇمۇتىمىز نۇرغۇن قۇربانلاق بىرىپ قۇرۇلۇپ ، بىرقانچە ئاي ياكى بىرقانچە يىلدىن ئارتۇق ئومۇركورگەن ؟ مۇستەقىللىق توۋلايدىغان شۇئار ئەمەس ، ئەمىلى پىلانلىق ئىلىپ بىرىلىدىغان ، نۇرغان قۇربانلىق بىرىش ئارقىلىق مومكىن بولىدىغان نەتىجە. مەيلى قايسى دوۋلەتتىكى ئويغۇر تەشكىلاتلىرى بولسۇن ، شۇ دوۋلەتنىڭ سىياسى نۇپۇزلۇق ئادەملىرى ۋە ھۇكۇمەت ئەرباپلىرىغا ، ۋە ياكى ئالى مەكتەپلەرگە " بىزگە تۇلۇق ئوقۇش مۇكاپىتى بىلەن ئوقۇيدىغان 5 سان بارسەڭلار ، 10 سان بەرسەڭلار ، يىلدا 5سان بەرسەڭلار" دىسەك بەرمەسمۇ ؟ چەتئەلدىكى ئويغۇرلارنىڭ ھەممىسى ، ماھارىپقا ، بۇلۇپمۇ ئالى ماھارىپقا يۇكسەك ئتىۋار بىلەن قاراپ ، ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بۇلۇشنى مىللى ۋە دىننى بۇرچىمىزدەپ قارىساق ، ئىشىنىمەن بىزدە چۇقۇم تىزيۇكسىلىش بۇلىدۇ . مىنىڭ تەۋىسيەرىم ، بىز ئويغۇرلار كىيىنكى 10 يىل ئىچىدە ئەڭ ئازدىگەندە 5000 ماگىستىر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرق ئۇنىۋانلىق ئىختىساسلىق ئادەملىرىمىزنى يىتىلدۇرۇپ چىقايلى . ئەگەر بىز بۇ ئىشنىمۇ قىلالمىساق ، سىياسى دەۋالىرىمىزنى يىغىشتۇرۇپ قويۇپ ، ھەتتا مۇسۇلمانلىق دەۋاسىنىمۇ قىلماي ، چەتئەلدىكىلەر ئوزىنىڭ ياشىشى بىلەن بۇلۇپ ، ۋەتەندىكىلەر خىتتاي نىمە قىلدىسە شۇنى قىلىپ خىتتاي بۇلۇپ ياشاپ كەتسۇن . سىياسى تەشكىلاتلارنىڭ چەتئەلدىكى ئويغۇرلارنىڭ كۇچلۇك قوللىشىغا ئىرىشەلمەي كىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپتىن بىرسى ، چەتەلدىكى ئويغۇرلارنىڭ جىددى ئىھتىياجلىرىغا سەل قارىغانلىقتىن دەپ قارايمەن.
    ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندىم ، سىزنىڭ بىر ئابزاس ھەجىملىك ئىلانىڭىز نۇرغۇن مەسىلىگە بىرىپ تاقىلىدىغان بولغاشقا ، بۇ يازمام بەك ئۇزۇراپ كەتتى . پىكىرلىرىمدە نۇرغۇن خاتالىقلار بۇلۇشى مومكىن ، سىز ۋە بۇ يازمىنى ئوقۇغانلار تۇزۇتۇش بەرسە ،ئىلمى يۇسۇندا ئىنكاس بەرسە قۇبۇل قىلىمەن .

    kotermichi, saxtekar zuwandaz ikensen. ilmi yosunda inkas berishke erzimedu- bu nersiliringni uyghurlar oqusa zirikidighan bolup ketti. sen nede qalding. pul uchun yazghanliring ozengge yarisa kirek.

+ Reply to Thread

Posting Permissions

  • You may post new threads
  • You may post replies
  • You may not post attachments
  • You may not edit your posts
  •