”ئۆز ۋاقتىدا تۆگىگە مىنىپ قۇملۇقتا يالاڭ ئاياق مېڭىپ يۈرگەن ساۋاتسىز كۆچمەن ئەرەبلەرگە بىۋاسىتا ئۆز تىلىدا ئاللاھ تەرەپتىن نازىل قىلىنىپ ،ئۇلارنى مەدەنىيلەشتۈرۈپ،سىياسى جەھەتتىكى چوۋالچاق ئاجىز گەۋدىسىگە زور كۈچ بېغىشلاپ تىرىلدۈرۈپ،ئۇلارنى دۇنيانىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا خوجا بولۇش شەرىپىگە ئىگە قىلغان مۇقەددەس ئىسلامدىينى ،سۇلتانىمىز سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىدە دىيارىمىزغا بىۋاسىتا ئالدىچە توغرا مېڭىپ يىتىپ كېلىپ،ئۇيغۇر دىيارىنىمۇ نۇرلاندۇرۇپ،خەلقىنىڭ سىياسى ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ئاڭ سەۋيەسىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ سىياسى جەھەتلەردە دۇنيا خەلقى بىلەن تەڭ قەدەمدە گۈللىنىپ مېڭىشىغا بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسەتتى.ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ،ئۇشبۇ ئىسلام بۇخارا -ناماڭگان تۇپراقلىرىدىن ئۆتەش جەريانىدا شۇ ،يەرلىك دىنني ھايانكەش سوپى ئىشان تۈرەملەرنىڭ قوللىرىغا چۈشۈپ،تەتۈرسىگە ئۆرۈلۈپ،دىيارىمىزغا ئارقىسىچە مېڭىپ كىرىشكە باشلىغاندىن كىيىن،ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى جەھەتتىن مۇنقەرز بولۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇپمۇ قالدى“ dawamini bu yardin oqung http://uymaarip.com/uygur/?p=8497