ئوتتۇرا ئاسىياغا لەغمەن بىلەن تونۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلار

Oттура асияға ләғмән билән тонуливатқан уйғурлар

[ The Uyghurs are known in Central Asia for their leghmen ]


بىر مىللەتنىڭ يېمەك ـ ئىچمىكى مىللىي خاسلىققا ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، جۈملىدىن مول ئۇيغۇر يېمەك ـ ئىچمەكلىرى ئاساسىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى پۈتكۈل ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىدۇر. ئۇيغۇر يېمەك ـ ئىچمەكلىرىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىكى ۋە بۈگۈنكى بارلىق ھايات پائالىيەتلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوگرافىك ھايات كەچمىشىنى، ھايات كۆچۈرۈشتىكى تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى ۋە بارلىققا كەلتۈرگەن مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى جانلىق بايان قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇر يېمەك ـ ئىچمەك مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش، ئۇنىڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئىجتىمائىي ساھەلىرىنى ئۆگىنىش، ئەنئەنىۋىي ساغلام ئۇزۇقلىنىش ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن تەڭ ئۇنى زامانغا يارىشا كەسىپلەشتۈرۈش، تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشلەر زۆرۈر بولغىنىدەك بۇ مەدەنىيەتكە ئىلمىي ۋە جانلىق ئۇسۇلدا ۋارىسلىق قىلىشمۇ ئوخشاشلا مۇھىمدۇر. ئۇيغۇرلار ئۆز تائاملىرىنىڭ ساھىبى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن يېمەك-ـ ئىچمەكلىرىنى قوشنا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇش، جۈملىدىن قىتئە ھالقىپ چىقىپ، بىر مەدەنىيەتنىڭ يۇمشاق كۈچى سۈپىتىدە دۇنياغا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ھەر ۋاقىت ئەسلىتىپ تۇرۇش ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ بىر قۇتۇپلىشىشى تېزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاشلا مۇھىم ئەھمىيەتلەرگە ئىگىدۇر.
*
مانا شۇ مەقسەتلەر بىلەن مەزكۇر ماقالە كېڭەشلەر ئىتتىپاقى (سوۋېت ئىتتىپاقى) يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ھالقىپ چىقىپ قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلەرگە تىزدىن يامراپ، ئومۇملىشىشقا يۈزلىنىشى، ھەتتا رۇسىيە فېدېراتسىيىسىدىكى خەلقلەرنىڭ تائام تىزىملىكىدىمۇ «ئۇيغۇر لەغمىنى» (Уйгуриский лагман) دېگەن بىر تائامنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقى، بۇ يېڭى ئەسىردىكى «لەغمەن » (Лагман) قىزغىنلىقى بىلەن تەڭ ئوتتۇرىغا چىققان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركى مىللەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى لەغمەنگە باغلاپ تونۇشى، بىلىشى ۋە بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى چىقىش قىلغان ھالدا، ئۇيغۇر يېمەك ـ ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆرسەتكەن ئىجتىمائىي تەسىرلىرى، ئۇيغۇرلار ۋە قوشنا تۈركى خەلقلەرنىڭ ھاياتىدىكى بۈگۈنكى تۇرمۇش رېئاللىقلىرى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.
*
21 ـ ئەسىردىكى دۇنيا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركى مىللەتلىرىنىڭ ئارىسىدىكى تارىخىي، جۇغراپىيەۋى، ئېتنىك باغلىنىشلارغا ئاساسەن دېڭىزدىن ئەڭ يىراق بولغان ياۋرو ـ ئاسىيانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بۇ تېررىتورىيەلىرىنى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا بارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ ۋەتىنى دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ. گەرچە ئۆتكەنكى ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيە بولغان كېڭەشلەر ئىتتىپاقى 1991 ـ يىلى يىمىرىلىپ ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارغا قېرىنداش تۈركى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىغا ئېرىشىپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئوتتۇرا ئاسىيا مىللىي دۆلەتچىلىك ۋە ھازىرقى زامان ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەھىپىسىنى ياراتقان بولۇپ، بىر مىللەتنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ ۋە شۇ مىللەتنىڭ تۈپ مىللىي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرى تەبىئىيكى بۇ رايونغا قىزىققۇچىلارنىڭ ئىزچىل دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە.
*
بۈگۈنكى كۈندە غەرب دۇنياسىغا «سىتان» دەپ تونۇلۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا (سابىق سوۋېت رېسپۇبلىكىلىرى) ھاياتىدا يۈز بېرىۋاتقان مىسلىسىز سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر، ئۇلارنىڭ 25 يىللىق مۇستەقىل مىللىي دۆلەتچىلىك مۇساپىسىدە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىك ۋە تارىخىنى قايتىدىن يېزىپ چىقىش، ئۆز ۋە ئۆزگىلەرنى تونۇش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشتىكى مىللىي مائارىپ تەربىيەسىنى ئېلىپ بېرىش، ئۆزلىرىنىڭ رەسمىي دۆلەت تىلى ۋە سىمۋولىنى يارىتىش، ئۆز جەمئىيەتلىرىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىلىرى ۋە شۇنداقلا ئۇلارغا مۇستەملىكىچى بولغان دۆلەتنىڭ مىراسخورى بولغان رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى قانداق ئېلىپ بېرىش قاتارلىق بىر تۈرلۈك دۆلەتچىلىكتىكى زۆرۈر بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 10 يىلىنى ئالدىراش ئۆتكۈزدى. ھەم ئەنە شۇ يىللاردا بۇ ياش مۇستەقىل دۆلەتلەر شەرق ۋە غەربتىكى ئىككى گىگانت قوشنىسى بىلەن قانداق بىر مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىشتەك دىپلوماتىك سىناققا دۇچ كەلگەن ئىدى……

* مەزكۇر ماقالىنىڭ ھەجىمى جەمئى 80 بەت، ماقالىنىڭ داۋامىنى تۆۋەندىكى مۇقىم ئۇلنىشتىن تولۇق ئوقۇيالايسىز، ھەم *ئېلكىتاپ PDF نۇسخۇسىنى ساقلىۋالالايسىز:

http://uyghurensemble.co.uk/uy/?p=4525
*
http://www.uyghurensemble.co.uk/Uygh...tura_Asiya.pdf
*
http://www.azizisa.org/uyghur_leghmen_ottura_asiya/

http://www.anayurtjurnili.net/?p=7679