Results 1 to 2 of 2

Thread: Tang Tang

  1. #1
    Unregistered Guest

    Default Tang Tang

    Ey wetenning oglanliri nege ketting bilelmiduq.
    Mertlik bilen basqan qedem izing öchti körelmiduq.
    Sen söygenting eziz weten biz hich sendek söyelmiduq.
    Qalmidi hich ishenchimiz tang atarmu bizge tang tang.

    Ogul baqtuq ogul bala wetenning bir yöliki dep.
    Bu yöleksiz turmas hergiz heqiqetning töwriki dep.
    Azap dilni azat qilar menzilimning köwriki dep.
    Shu menzilghe yetelmestin hayat tügermikin tang tang.

    Xelqim yighlar yash ornigha qan aqidu közliride.
    Bizmu insan tang nurigha teshna deydu sözliride.
    Azap bilen oqubetning izliri bar yüzliride.
    Shu azaptin qurtulushqa chare bolarmikin tang tang.


    30- May 2017 Germaniye

  2. #2
    Unregistered Guest

    Default Sen Urushqa Barayli dep shier yazalmamsen?!

    komsem pishar, yapsam pishar"miki-miki"dep, heyran bolup: "tang-tang" dep qoshaq yazmay arimizdiki satqunlarni Tang-Tang-Tang atidighan Gep bolsa qil. qachanghiche edibiyat setip Jan baqisen? DUQning merkizide ambal ikensen. Ismingni nime uchun yoshurdung?! oqu bularni:

    پىشاينەڭلەردىن سوغۇق تەر چىقىۋاتامدۇ؟

    ئەمدى نوۋەت تاشپولات روزىغا كەلدى. ئوزلىرى جىنايەت، ساتقۇنلۇقلىرىدىن قىچىش ئۇچۇندىققەتنى بۇراپ ، تاشپولات روزىنى ئوتتۇرىغا تاشلاشتى

    ئەمما مەن, ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان باشلىق بولسۇن، رەئىس بولسۇن، باي بولسۇن، بايقۇش (موشۇك ياپىلاق)بولسۇن، ئاغزىدا ئون پىچىقى بار ھاكىم بولسۇن - ئۇلارنى كورسەم ئالدى-كەينىدە خوشامەت، تەخسەكەشلىك، يالاقچىلىق قىلمايمەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەن قايىل، مايىل بولغانلارغا ھورمەت قىلىمەن، ئۇلارنىڭ يولىدىن چىقمايمەن.

    ھىچكىمنىڭ ئالدىدا ئۆلۇپ بەرمەيمەن، كەينىدە غەيۋىتىنى قىلمايمەن. ئازغان جامائەت قاتىل، ساتقۇنلارنى پادىشا دەپ، بۇيۇك ئەرباپ دەپ، ئۇلار تەرەپكە ئوتۇپ ماڭا تاش ئاتتىلەر، ھاقارەت، توھمەت قىلىشتى. مەنى يالغۇز قالدۇرۇشقا ئۇرۇندىلەر. 1992-يىلدىن بەرى موشۇنداق ئوتتۇم. بۇگۇن جامەت ئويغاندى، ئوزلىرىنى ئازدۇرغان ساتقۇنلارنى يەتىم قالدۇرۇشقا باشلىدى. ئۇلار بىر-بىرىنىڭ بەشىنى يەيىشكە باشلىدى.

    تارىخ، ھاقارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ غەلبىسىنى تەخىرچانلىق بىلەن كۇتىۋالىدۇ". ماڭا ئوخشاش ھاقارەت، توھمەت قىلىنغۇچىلارنىڭ ئەرىشكەن غەلبىسى موشۇ! ئۇلارنىڭ ئەرىشكەن "غەلبىسى": ئۇيغۇرنى خىتاي سەتىپ تاپقان پۇلغا ئالغان ئوي-ئىمارەت، بانكىغا قويغان ھارام ئامانەت، كوزلىرىدىن چىقىپ تۇرغان خىيانەت، چىرايىدىكى خائىن ئالامەت...لەردۇر. مەن بۇگۇن دۇق، ئۇئائا ۋە ئۇلارنىڭ دىنچى موللاملىرى ئۇچۇن ئەڭ قورقۇنچلۇق شەخسىگە ئايلاندىم. توربەتلىرى مەن ئۇچۇن تاقاغلىق، قەغزگە يازغان خەتلىرىم پالتە بىلەن چاناغلىق، ئادمىن دەپ ئاتىلىدىغان "پروفىسور ئۇيغۇر"لار 24 سائەت ئۇئائا بەشىدا ئىپ ئادرەسىمنى پايلاغلىق.تەشكىلاتىمىزنىڭ توربەت ئادرىسىنى ئۇئائا دا چىقماس قىلىپ قويۇش بۇلارنىڭ خىتاي جاسۇسلىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىمامدۇ؟ بۇلار قورقۇشقا باشلىدى.

    "سەندىن قورققاندىن قورق" دەگەن تەمسىل بار. ئىسبەگچىلەر ماڭا يۇزلەرچە قىتىم ئولۇم بىلەن تەھدىت قىلىپ :"گەپى بىر يەردىن چىقىدىغان 4 ئۇيغۇر ئۇنى ئولتۇرىۋەتىڭلار، ئۇمۇ بولمىسا بىز ئوزىمىز ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنى بىر ئوتەككە تەقىپ، بىجىڭغا ئىۋەتىپ بەرىمىز"دەپ ئۇئائا دا ئىلان قىلدى. ئۇلارنىڭ مەندىن قورقمايدىغان يەقىنلىرىنى دوس تۇتۇپ كەلدىم. ئۇلارنىڭ دوستى يوق. زىياپەتتە، مىھمانخانىلاردا، پىۋە قۋاقخانىسىدىكى دوس -دوس بولامدۇ؟ بالا-چاقىلىرىمۇ بۇلارغا دوس ھەم بولالمايدۇ. دۇق بۇگۇن ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ۋەھشى قاتىللارنىڭ ئۇۋىسى دەپ قارالماقتا. ئەتە-ئوگۇن بۇ يەرنى توپان باسىدۇ. بۇ يەرگە پولىس ياغىدۇ !
    دۇد سوزچىسى
    س.ھ.مەرتمۇسا
    (دىپلۇم ئارخىتەكتۇر)

    ۋۋۋ.ئۇيگۇرىا.چوم - uyguria
    ۋۋۋ.ئۇيگۇرا.چوم





    Quote Originally Posted by Unregistered View Post
    Ey wetenning oglanliri nege ketting bilelmiduq.
    Mertlik bilen basqan qedem izing öchti körelmiduq.
    Sen söygenting eziz weten biz hich sendek söyelmiduq.
    Qalmidi hich ishenchimiz tang atarmu bizge tang tang.

    Ogul baqtuq ogul bala wetenning bir yöliki dep.
    Bu yöleksiz turmas hergiz heqiqetning töwriki dep.
    Azap dilni azat qilar menzilimning köwriki dep.
    Shu menzilghe yetelmestin hayat tügermikin tang tang.

    Xelqim yighlar yash ornigha qan aqidu közliride.
    Bizmu insan tang nurigha teshna deydu sözliride.
    Azap bilen oqubetning izliri bar yüzliride.
    Shu azaptin qurtulushqa chare bolarmikin tang tang.


    30- May 2017 Germaniye

Posting Permissions

  • You may not post new threads
  • You may not post replies
  • You may not post attachments
  • You may not edit your posts
  •