غەيۋەت دېگەن نېمە؟

يۇقىرىقى مەزمۇنلاردىن ئايان بولۇشىچە، غەيۋەت بىراۋنىڭ تىلغا ئېلىنىشنى ياقتۇرمايدىغان ئىشىنى يوق يېرىدە تىلغا ئېلىشتۇر.

غەيۋەتنىڭ ھاراملىقى ۋە ئېغىر گۇناھلارنىڭ قاتارىدىن ئىكەنلىكىگە ھەممە ئالىملار بىردەك قاراشقا ئىگە. ئىبنى كەسىر سۈرە ھوجراتنىڭ تەپسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: غەيۋەتنىڭ ھەرخىل شەكلى بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا ھارامدۇر. پەقەت (رىۋايەتشۇناسلىقتا) ھەدىسىنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىق مەسىلىسى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئاۋام مۇسۇلمانلارنىڭ پايدا-مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە باشقىلارنىڭ كەينىدە گېپىنى قىلىشقا، ئەيبىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ.

ئىمام قۇرتۇبى مۇنداق دەيدۇ: غەيۋەتنىڭ ئېغىر گۇناھلاردىن ئىكەنلىكى بىرلىككە كېلىنگەن مەسىلىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن غەيۋەت قىلغان كىشىنىڭ ئاللاھقا تەۋبە قىلىشى ۋاجىپتۇر. مېنىڭ بۇ سۆزۈمگە ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايىتى ئوچۇق پاكىت بولالايدۇ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامسىلەر؟ ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر».

ئەمما غەيۋەتنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسى دەلىلدۇر: «رىبانىڭ ئەڭ يامىنى كىشىنىڭ ئۆز قېرىندىشىنىڭ ئابرۇيىغا دەخلى قىلىشىدۇر».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا مۇنداق دېگەن: «شۇنداق بىر سۆز ئېيتتىڭكى، ئەگەر ئۇنى دېڭىز سۈيىگە ئارلاشتۇرسا، دېڭىز سۈيىنى بۇلغىۋەتكەن بولاتتى».
ئابدۇلئەھەد ئۇجات تەرجىمىسى