تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئەتكەسچىلىك بىلەن تۇتۇلدى. زەيتىنبۇرنۇ ساقچى ئىدارىسى ئەتكەسچىلىككە قارشى بۆلۈمىنىڭ ساقچىلىرى بىر ئۆيگە بېسىپ كىرىپ 700 مىڭ دانە ئۇرۇقلىتىش ۋە شەھۋانىي دۇرا، چەكلەنگەن ھاراق ۋە تاماكا شۇنداقلا مەخپى كامېرالارنى قولغا چۈشۈردى. ساقچىلارغا بىر ئۆيدە شەھۋانىي دۇرا سېتىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر كەلگەن بولۇپ، بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن ساقچىلار زەيتىنبۇرنۇ سۈمەر مەھەللىسىدە بىر ئۆيگە بېسىپ كىرگەن. نەتىجىدە ئۆيدە 26 ياشلىق ئى. ت ئىسىملىك بىر كىشى ئۇرۇقلىتىش ۋە شەھۋانىي دورىلارنى ساتقانلىقى ئاشكارا بولدى. ساقچىلار ئۆيلەرنى ئاختۇرۇش نەتىجىسىدە قانۇنسىز كىرگەن 230 كىلوگىرام يەنى 690 مىڭ دانە ئۇرۇقلىتىش ۋە شەھۋانىي دۇرىلار، بىر دانە جىڭ. 40 دانە مەخپى كامېرا، 3 دانە ئاچقۇچ شەكىلدە مەخپى كامېرا بىر دانە چوڭ پىچاقنى قولغا چۈشۈرگەن ۋە ئى. ت ئىسىملىك كىشىنى تۇتقۇن قىلغان. ئىگەللىنىشىچە؛ زەيتىنبۇرنۇ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىخەتەرلىكنى ساقلاش خادىملىرى 27 – يانۋار كۈنى سۈمەر مەھەللىسىدە بىر ئۆيدىن بىر كىشى ياردەم تەلەپ قىلغان بولۇپ، ساقچىلار ئۇ ئادرېسقا يېتىپ بارغان، ئادرېستىكى ئۆيدىن ئى. ت ئىسىملىك 26 ياشلىق ئەر بىلەن ز.ز(28 ياش) ۋە گ، ز(32ياش)ئىسىملىك ئىككى ئايالنى ئۇچراتقان. ز.ز ئىسىملىك ئايالنىڭ بۇرنى قاناپ كەتكەن بولۇپ ئى. ت ئىسىملىك كىشىنىڭ گۇمانلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن ساقچىلار ئۆينى ئاختۇرىغان نەتىجىدە 690 مىڭ دانە ئورۇقلىتىش ۋە شەھۋانىي دورا، ھاراق، تاماكا ۋە 40 تىن ئارتۇق مەخپى سىنئالغۇغا ئېلىش كامېرالار تېپىلغان. ئى. ت ئىسىملىك شەخس كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا خەتەر يەتكۈزۈش دەرىجىسدە دورا ئىشلەش ۋە سېتىش جىنايىتى بىلەن تۇتۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.