سىياسىي ھاياتىم

مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا



باشلانغۇچ



شەرقىي تۈركىستان زامانىۋىي قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنيا مەملىكەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشى بولمىغان، تەرك ئېتىلگەن بىر يەر ئىدى. ھۆكۈمران ئۇنسۇرى بولغان چىنلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى زامانىۋىي تەربىيەدىن مەرھۇم بىر ھالەتتە ئىدارە قىلماقتا ئىدى. بۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ قاراڭغۇلىقى ئىچىدە ياشىماقتا ۋە چىن ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئېغىر زۇلۇملىرىنى، مىللەتنىڭ ئېچىنارلىق دەرىجىدە ئارقىدا قالغانلىقىنى ھېس قىلىدىغان كىشىلەر يوق دېيەرلىك ئىدى.

ئوتتۇرا تەشىل ئېلىۋاتقان چاغلىرىمدا (بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەسناسىدا) شەرقىي تۈركىستانغا چەتئەلدىن بەزى گېزىت – زۇرناللار ۋە ساياھەتچىلەر كەلگىلى باشلىدى. بۇ گېزىت – ژۇرناللارنى زوق بىلەن ئوقۇپ، تاغامنىڭ ئۆيىدە چەتئەلدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بىلەن قىلىشقان سۆھبەتلىرىنى زوق بىلەن ئاڭلايتتىم. 1913 – يىلى خوتەنگە كەلگەن تۈركىيەلىك بىر ساياھەتچى مۇئەللىمدىن خۇسۇسى دەرس ئېلىپ، ئاز – تولا زامانىۋىي مائارىپ ۋە سىياسى تەتقىق تەربىيىسى ئادلىم.



ھاسىلى، 15 يېشىمدىن ئېتىبارەن، چىنلىقلارغا قارشى نەپرەت ھېسسى، مىللىتىم ۋە يۇرتۇمنىڭ ھالىغا قايغۇرۇش يۈرىكىمدە ئورۇنلاشقىلى باشلىدى. ھېسسىياتنىڭ ھەيدەكچىلىكى بىلەن مىللىتىمنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش، دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان ھاياتلىرىنى تەتقىق قىلىش قىزغىنلىقى كۈندىن – كۈنگە كۈچلەنمەكتە ئىدى. ئەپسۇسكى، مۇھىتىمدا ماڭا بۇ ساھەدە تەربىيە بېرىدىغان كىشىلەر يوق ئىدى. پەقەت، ئۆزەمنىڭ ئۆزەمگە تەربىيە بېرىشىم لازىم ئىدى. 22 يېشىمدا تەھسىلىمنى تۈگىتىپ، مۇدەررسلىكنى باشلىدىم. مەدرىسدىكى دەرس ئۇسۇللىرىدا يېڭىلىقلار كەلتۈرۈشكە تىرىشتىم. بۇ سەۋەبتىن، كونا مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ ھەرخىل دۈشمەنلىكلىرىگە ئۇچرىدىم.

1922- 1930 – يىللىرى ئارىسىدا سىياسىي جەھەتتىن بىر ئەمەلىي ئىش قىلالمىدىم ۋە قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆزەمدە ھېس قىلالمىدىم. ئەمەلىي ھەرىكىتىم 1930 – يىلىدىكى ساياھىتىم بىلەن باشلاندى. شۇ يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىچىدە ئالتە ئاي ساياھەت قىلدىم. يۇرتنىڭ ھەر سىنىپ كىشىلىرى بىلەن كۆرۈشتۈم، خەلقنىڭ پىكىر ۋە ئارزۇلىرىنى ئاڭلىدىم. ھەر قايسى جايلاردىكى چىن ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى ۋە جايلاردىكى ئەسكىرىي كۈچىنى بىلدىم. نەتىجىدە، ئوچۇق ۋە تىنچلىق ئىچىدە بىر سىياسىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، قۇراللىق بىر ئىنقىلابتىن باشقا چارىنىڭ يوقلىقىغا قانائەت ھەسىل قىلدىم.

ساياھەتتىن خوتەنگە قايتىپ كېلىپلا ئىنقىلابقا زېمىن ھازىرلاش ۋە خەلقنى ئەتراپىمغا توپلاشنىڭ چارىسىنى ئىزدىدىم. بۇنىڭدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىر توسالغۇغا ئۇچرىماستىن خەلقنىڭ ماڭا يېقىنلىشىشىنى قولغا كەلتۈرشۈم كېرەك ئىدى. بۇ چارىنى تېپىش ئوڭاي بولدى. دىنىي ئىلمىم يېتەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، خوتەننىڭ ھەر يېرىدە دىنىي نۇتۇق سۆزلەشكە باشلىدىم. ھەر قېتىمقى نۇتقىمنى خەلق ئۇزاق جايلاردىن كېلىپ تىڭشايتتى. بارا – بارا خوتەن ئاھالىسىنىڭ ھەر قايسى سىنىپتىكىلىرى ماڭا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىدى، ھۆكۈمەتنىڭمۇ بۇلار بىلەن كارى بولمىدى.





ئىنقىلاب



1931 – يىلى 6 – ئايدا بىر مەخپىي تەشكىلات قۇردۇم. بۇ تەشكىلاتنىڭ غايىسى، ئىنقىلاب ئۈچۈن پۇل ۋە قۇرال – ياراغ توپلاش ئىدى. 1932 – يىلىنىڭ باشلىرىدا يېتەرلىك ئەزا ۋە پۇل توپلانغان بولسىمۇ، قورال بەك ئاز ئىدى. 2 – ئايىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تەشكىلاتىمىزنى ھۆكۈمەت سېزىپ قېلىپ، بىزنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن ھازىرلىق قىلغىلى تۇردى. بىز قولغا چۈشۈپ قېلىشتىن بۇرۇن قانداق قىلىپ بولمىسۇن ئىنقىلابنى باشلاشقا قارار قىلدۇق ۋە 2 – ئاينىڭ 24 – كۈنى قاراقاش شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدۇق.

بىر سائەتلىك سوقۇشتىن كېيىن، قاراقاشنى ئالدۇق. بىزدىن بىر كىشى، دۈشمەندىن 66 كىشى ئۆلدى. ئىككى كۈندىن كېيىن، قاراقاشقا غەربتىن ۋە شەرقتىن ھۇجۇم قىلغان دۈشمەننى 16 سائەتلىك بىر سوقۇش بىلەن يەڭدۇق. بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، خوتەن شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئالدۇق. 22 كۈن مۇھاسىرىدە قالغان دۈشمەن ئاخىرى تەسلىم بولدى. بىر ئاي ئىچىدە پۈتۈن خوتەننى ئالدۇق. ئۇندىن كېيىن، يەركەننى 70 كۈن مۇھاسىرە قىلغاندىن كېيىن، دۈشمەن تەسلىم بولدى. بۇ ئارىدا قۇمۇل، ئالتاي، تۇرپان، ئاقسۇ ۋە قەشقەردىمۇ ئىنقىلاب قوزغىلىپ، ئۈرۈمچى ۋە ئىلىدىن باشقا جايلار تامامەن ئىنقىلابچىلارنىڭ قولىغا ئۆتتى.

1932 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىساردىن شەرقتە ئىچكى چىن چىگرىسىدىكى چارقىلىققىچە پۈتۈن جەنۇپنى قولۇمغا چۈشۈرۈپ، پارلامىنىتلىق بىر ھۆكۈمەت قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدۇم. بۇ مەزگىل ئىچىدە 31 قېتىم سوقۇشۇش بولدى.

روس سوۋېت ھۆكۈمىتى بۇ ئىنقىلاب نەتىجىسىدە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازاد بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىدى. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان ئازاد بولسا، روس قولىدىكى غەربىي تۈركىستان ئاھالىسىغىمۇ تەسىر يېتىپ ئۇ يەردىمۇ ئىنقىلاب قوزغىلىشتىن روس ھۆكۈمىتى قورقاتتى. شۇڭا، روس ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ئومۇمىي ۋالىي ۋە باش قۇماندان «جىڭ» (جىن) بىلەن مەخپىي كېلىشىم تۈزدى ۋە ئۇنىڭغا ئايروپىلان ۋە قورال – ياراغ ياردەم قىلدى. لېكىن، جىڭ بۇ ياردەملەر بىلەن ھېچ ئىش قىلالمىدى. شۇنىڭ بىلەن روسلار شېڭشىسەي ئىسىملىك بىر ھەربىي ئەمەلدارنى «جىڭ »غا قارشى ئىسيان قىلدۇردى. جىڭ مەغلۇپ بولۇپ چىنغا قېچىپ كەتتى، ئاسىي شېڭ ئومۇمىي ۋالىي ۋە باش قۇماندان بولدى. روسلار شېڭغا بىر پىرقە روس ۋە بىر پىرقە چىن ئەسكىرى بىلەن ياردەم قىلدى.

روسلارنىڭ بۇ ياردىمى بىلەن مەغلۇب قىلىنغان شىمال ۋىلايەتلىرىدىكى ئىنقىلاب رەھبىرى خوجانىياز ۋە ئاسىي تۇڭگان گېنىرالى ماجۇڭيىڭلار قەشقەرگە قېچىپ كەلدى. مەن خوجانىياز بىلەن بىرلەشتىم. ئالدى بىلەن ئاسىي ماجۇڭيىڭنى يوقىتىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن، روس ئەسكەرلىرىگە قارشى ئاخىرقى نەپسىمىزگىچە ۋەتىنىمىزنى مۇداپىئە قىلىشقا قارار قىلىشتۇق.

1933 – يىلى 3 – ئاينىڭ بېشىدا ماجۇڭيىڭغا قارشى ئۇرۇش باشلاندى. خوجانىياز قەشقەردىن يەركەنگە قېچىپ كەتكەنلىكىدىن، قەشقەر ماجۇڭيىڭنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. مېنىڭ ئىككى ئىنىم، گېنېرال ئابدۇللاھ (شاھ مەنسۇر) ۋە بېرگادىر قۇماندان نۇر ئەھمە[ (ئەمىرساھىپ)لەر 6000 ئەسكىرى بىلەن يېڭىساردا ماجۇڭيىڭ بىلەن سوقۇشتى. 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئىنىم گېنېرال نۇر ئەھمەد شېھىد بولدى.

يىگىرمە كۈن داۋام قىلغان بۇ سوقۇشتا ئىككى ئىنىم باشلىق 3200 ئەسكىرىم شېھىد ۋە يارىدار بولدى. بۇ زايىئاتلارغا، بۇ ئۇرۇشقا خوجانىيازنىڭ قاتناشمىغانلىقى سەۋەب بولدى. كېيىنچە مەلۇم بولۇشلارغا قارىغاندا، خوجانىيازنىڭ مەن بىلەن قىلىشقان بىرلىشىش كېلىشىمى، مېنى ئالداش ئۈچۈن قىلىنغان ئىكەن. شۇنداقلا ئومۇمىي ۋالىي شېڭشىسەي بىلەن مەخپىي كېلىشىم تۈزۈپ، ماڭا ۋە مۇھىم بىر قىسىم ئادەملىرىمگە قارشى سۈيقەست پىلانلىغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن يەركەن ۋە خوتەندىكى ئىنقىلابچى ئەسكەرلەرنى ئۆز تەرىپىگە تارتىۋېلىشنى بوينىغا ئالغان ئىكەن. بۇ مەخپىي كېلىشىم، روس گېنېرالى بېتىكىفنىڭ خوجانىيازغا يازغان بىر مەكتۈبىنىڭ 4 – ئاينىڭ 4 – كۈنى مېنىڭ قولۇمغا چۈشۈشى بىلەن ئاشكارا بولدى.

شۇنىڭ بىلەن مەن يەركەندە خوجانىياز ۋە ماجۇڭيىڭدىن ئىبارەت ئىككى دۈشمەن ئوتتۇرىسىدا قالدىم. بۇ خەتەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى كېچىدە خوتەنگە چېكىندىم. ئەمدى خوجانىيازنىڭ ئۆزى خەتەرگە چۈشۈپ قالدى. يەنى شەرقتە مېنىڭ ئەسكەرلىرىم ۋە غەربتە ماجۇڭيىڭنىڭ ئەسكەرلىرى ئۇنىڭغا دۈشمەن ئىدى. خوجانىياز بۇ خەتەرلىك ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئاقسۇدىكى گېنېرال بېتكىفنىڭ قېشىغا قاچتى. نەتىجىدە ماجۇڭيىڭ يەركەننى سوقۇشمايلا قولغا چۈشۈردى.

ئەمدى مەن، ماجۇڭيىڭ ۋ روس ئەسكەرلىرى قارشىسىدا يالغۇز قالغان ئىدىم. روس ئەسكەرلىرى ۋە ماجۇڭيىڭ ئوتتۇرىسىدا قاتتىق ئۇرۇش بولىۋاتقانلىقتىن مەن ئىككى ئاي سوقۇشماي تۇرۇپ، مۇداپىئەگە ھازىرلىق قىلدىم. ماجۇڭيىڭ روس ئەسكەرلىرىنىڭ ئايروپىلان ۋە تانكىلىرىدىن مەغلۇب بولۇپ ئەس – ھوشىنى يوقاتقان ھالدا ئاز بىر قىسىم ئادەملىرى بىلەن روسىيىگە قېچىپ كەتتى. ئۇنىڭ 8000 غا قەدەر ئەسكىرى ماخۇسەن ئىسىملىك بىر ھەربىي ئەمەلدارنىڭ قوماندانلىقى ئاستىدا قېلىپ قالدى. ماخۇسەن 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ، خوتەنگە ھۇجۇم قىلدى. مەنمۇ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن مۇداپىئە قىلدىم. 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى كېچىسى مېنىڭ ئەسكەرلىرىم زاۋا مەيدان ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ، پەرىشان ھالدا تارقىلىپ كەتتى ۋە مەن يېنىمدا قالغان 300 ئەسكىرىم بىلەن خوتەننىڭ جەنۇبىدىكى تاغلارغا چېكىندىم. ماخۇسەن خوتەننى ئىشغال قىلىپ، ماڭا قارشى ئەسكەر چىقاردى. تاغلاردىكى ئۇرۇشلاردا دۈشمەن مەغلۇب ۋە مەن غالىب ۋەزىيەتتە بولساممۇ ئوزۇق – تۈلۈك يوقلىقىدىن ئەسكەرلىرىم كۈندىن – كۈڭە ئازالغىلى باشلىدى. 7 – ئاينىڭ 20 – كۈنىگە كەلگەندە يېنىمدا پەقەت 22 قوراللىق ئەسكىرىملا قالغان ئىدى.



ھىجرەت



قارشىمدا يالغۇز ماخۇسەن بولغان تەقدىردە، يەنە كۈچ توپلاپ ئۇنى ۋەتەندىن ھەيدەپ چىقىرىش ئىمكانى بار ئىدى. لېكىن، ئۇنى قوغلاپ كېلىۋاتقان روس كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، 7 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ھىندىستانغا ھىجرەت قىلىپ بىر مەزگىل پۇرسەت كۈتۈشكە قارار قىلدىم ۋە شۇ كۈنى شەيدۇللادىن ھىندىستانغا قاراپ يولغا چىقتىم. 8 – ئاينىڭ 12 ـ كۈنى لاداخقا كىردىم. كەشمىر ۋە ئەمرەتسەر قاتارلىق شەھەرلەردە تۇردۇم. دېھلى ۋە بومبايغا باردىم. مۇھىم شەخىسلەر بىلەن كۆرۈشتۈم. ھىندىستاندا تۇرغان مەزگىلدە شۇ قانائەتكە كەلدىمكى، چەتئەلدە ۋەتىنىم ئۈچۈن مۇھىم بىر ئىش قىلىش ئۇ زاماننىڭ دۇنيا سىياسىتىگە ھېچ توغرا كەلمەيدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ يۇرتنىڭ تاغلىق جايلىرىدا پارتىزانلىق قىلىپ بىر ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈپ دۇنياغا تونۇلماق ۋە پۈرسىتى كەلگەندە ئىستىقلال ئېلان قىلىش پىلانى بىلەن يۇرتقا قايتىشقا قارار قىلدىم. ئائىلەمنى ھىجازغا يولغا سېلىپ 15 ئادىمىم بىلەن سودىگەر قىياپىتىگە كىرىپ، ئىسمىمنى ئابدۇللاھ خان يەركەندى دەپ ئۆزگەرتىپ، مەخپىي سۈرەتتە 1934 – يىلى 2 – ئاينىڭ 2 – كۈنى چاترال يولى بىلەن يولغا چىقتىم.

شۇ چاغدىكى ھىندىستاننىڭ چېگرا ئۆلكىسىدىكى « دير » دىن پامىرغىچە بولغان تاغ يوللىرى پۈتۈنلەي قار بىلەن قاپلانغان ۋە ئات بىلەن سەپەر قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر پەسىل ئىدى. نەرسە كېرەكلىرىمىزنى يۈدۈمچى كىرا قىلىپ ئۆزىمىز پىيادە ماڭدۇق. قار چاپقۇنلۇق كۈنلىرىدە بىر نەچچە كۈن توختاپ، ھاۋا ئېچىلغاندا يەنە مېڭىپ، 3 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئافغانىستاننىڭ ۋاخان جىلغىسىغا يېتىپ باردۇق. پامىردىن ئادەم ئۆتۈش ئىمكانسىز بولغانلىقتىن بورغىل چېگرا يېزىسىدا ئىككى ئاي تۇرۇپ قېلىشقا مەجبۇر بولدۇق. چېگرادا تۇرغان ۋاقتىمىزدا ئۇيەر، بۇيەرگە قېچىپ چىقىپ قالغان ئىنقىلاب يولداشلىرىمدىن 30 غا يېقىن كىشى يېنىمغا توپلاندى. بىر ئاز قورال سېتىۋېلىش ئىمكانى تېپىپ، يېنىمدىكى ئادەملىرىمنى قوراللاندۇرۇشقا يېتەرلىك قورال توپلىدىم.

پامىر يولىنىڭ قارلىرى ئېرىپ يول ئېچىلدى. تاشقورغان تەرىپىگە پامىر قىرغىزلىرىدىن جاسۇس يوللىدىم. پۈتۈن يوللارغا چىن ۋە روس ئەسكەرلىرى يەرلىشىپ، بىزنى تۇتۇش ئۈچۈن مۇكەممەل تەرتىبات ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولدى. ئالدىمىزغا مېڭىش ياكى ھىندىستانغا قايتىشىمىز ئىمكانسىز بولدى. ئافغانىستانغا چېكىنىشتىن باشقا چارە قالمىغان ئىدى. لېكىن، ۋەتەن چېگرىسى كۆزىمىزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر يەردىن يەنە ئارقىغا، ئۇزاقلارغا چېكىنىشكە كۆڭلۈم رازى بولماي قاتتىق قايغۇ ۋە سىقىلىش بىلەن چېگرا بۇرغىلدا تۇرۇپ قالدىم. نۇرغۇن ئادەملىرىم ئۈمىدسىزلىنىپ، مەندىن رۇخسەت سوراپ ھەر تەرەپكە تارقىلىپ كېتىپ يېنىمدا 15 كىشىلا قالدى.

بۇ ئارىدا ئافغانىستان چېگرا ئەمەلدارلىرى، مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى بىلىپ، ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلغان؛ ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى مېنىڭ نېمە مەقسەت بىلەن بۇ چېگرىدا تۇرىۋاتقانلىقىمنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن ئەمەلدارلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈردى. چېگرا ئەمەلدارى مەندىن رەسمىي ھالدا سورىدى. مەن: «ئۆز يۇرتۇمغا قايتىش قەسىدى بىلەن كەلگەن ئىدىم. بۇ يەردە ھېچبىر ئىشىم يوق. ئەمما، يولۇم توسۇلۇپ قالغانلىقتىن تۇرۇپ قالدىم. ئەگەر ئافغانىستان ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلسا، كابۇلغا بېرىپ بىر مۇددەت ئۇ يەردە تۇرۇشنى خالايمەن » دېدىم.

8 – ئاينىڭ بېشىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن بۇ تەلىپىمنىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى ھەققىدە جاۋاپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن غەيرى رەسمىي ھۆكۈمەت مېھمىنى سۈپىتى بىلەن كابۇلغا قاراپ يولغا چىقتىم ۋە 9 – ئاينىڭ 2 – كۈنى كابۇلغا كەلدىم.





ئافغانىستاندا



تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فەيزى مۇھەممەدخان، باش مىنىستىر سەردار مۇھەممەد ھاشىمخانلار بىلەن كۆرۈشتۈم. كۆپ ھۆرمەت ۋە ھەمدەردلىك كۆرسەتتى. مەن ئۇلارنىڭ ھۆرمەتلىرىگە تەشەككۇر قىلىش بىلەن بىرگە ئۆز پىكرىمنى ۋە مەقسىتىمنى ئوچۇق ئەرز ئېيتىپ دېدىمكى: «مەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەپسىزلىك سىياسىتىنى ئوبدان بىلىمەن. شۇڭا ئافغانىستاندا تۇرغان مەزگىلىمدە ھېچبىر سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بارمايمەن. ئەمما، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىدىن شۇنى ئىلتىماس قىلىمەنكى، ۋەتىنىم ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش پۇرسىتى كەلگەندە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى مېنىڭ دەرھال ئافغانىستاندىن چىقىپ ھەرىكەت قىلىدىغان بىر يەرگە كېتىشىمگە رۇخسەت قىلسۇن». سەردار ھاشىمخان ۋە فەيزى مۇھەممەدخانلار بۇ پىكرىمنى خوشاللق بىلەن قوبۇل قىلدى ۋە ئافغانىستاندا خاتىرجەم ياشىشىمغا ياردەم قىلىشقا ۋەدە قىلدى.

كابۇلدىكى 7 يىللىق ھاياتىم جەريانىدا قىيىنچىلىق تارتماي ياشىدىم. ئۆزەمنى ئاشكارىلىماي ژۇنالىست ۋە سىياسىي كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلمىدىم. بۇ مەزگىلدە تۈركچە، ئەرەبچە، پارسچە ۋە ئوردۇ تىللىرىنى بىلگەنلىكىمدىن پايدىلىنىپ، بۇ تىللاردا ماڭا كېرەكلىك كىتابلارنى يىغىپ، گېزىت ۋە ژۇرناللارغا مۇشتىرى بولۇپ ئوقۇش بىلەن دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللاندىم. يەنە بىر تەرەپتىن ۋەتىنىم ئۈچۈن زامانىۋىي شەكىلدە بىر تارىخ يېزىش ئىشىنى باشلىدىم.

نەتىجىدە، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كىتابنى يېزىپ تاماملىدىم. بۇنىڭدىن باشقا ۋەتىنىمنىڭ جۇغراپىيىسى ۋە باشقا تېمىلاردا رىسالىلەر يازدىم. دۇنيا سىياسىتى ۋە مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، جۇغراپىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى بىلەن ئۆز يۇرتۇمنىڭ ۋەزىيىتىنى ۋە مىللىتىمنىڭ ئىجتىمائىي، ئىلمىي ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلدىم. يۇرتۇمنىڭ ئىستىقبالىنى ياخشى بىر ئاقىۋەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۆزەمگە توغرا بىر يول تېپىشقا تىرىشتىم.

چىن – ياپۇن ئۇرۇشى باشلانغاندا بەزى كىشىلەر ماڭا، ياپۇنلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمنى تەۋسىيە قىلدى. ئەمما مەن بۇنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. چۈنكى، ياپۇنلارنىڭ ياردىمى بىلەن يۇرتۇمنى ئازاد قىلىشنى ئانچە مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايتتىم. ئەگەر مۇمكىن بولسىمۇ، بۇ « خوجايىن يەڭگۈشلىمەك »تىن باشقا بىر نەتىجە قولغا كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىر ھەقىقەت دەپ چۈشەنمەكتە ئىدىم. شەرقىي تۈركىستان ئۇ چاغدا چىن، روس ۋە ياپۇن تەھدىتى ئاستىدا ئىدى. دېمەك، شەرقىي تۈركىستان يولۋاس، ئېيىق ۋە بۆرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغان قوينىڭ ھالىتىدە ئىدى. بۇ ئەھۋالدىكى قوي، ئەگەر ئەقلىنى يوقاتمىسا، ئۇنىڭ ئاجىز دۈشمىنىنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولۇپ جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇ ئاجىز دۈشمەن بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.

بۇ پىكىر بىلەن مەن چىن ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم قىلىش قارارىغا كەلدىم. ئەمما، بۇ ۋاقىتقىچە چىن ھۆكۈمىتى بىلەن ھېچبىر ئالاقە قىلمىغانلىقىمدىن چىن ھۆكۈمىتىگە ئۇدۇل بۇ قارارىمنى بىلدۈرۈشنى مۇناسىپ كۆرمەي بىر ۋاستە ئىزدەپ تۇرغان ۋاقىتتا، 1939 – يىلى 11 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئىيسا ئالىپتېكىن ئەپەندى كابۇلغا كەلدى.

ئىيسا ئالىپتېكىن ئەپەندى يۇرتنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن، يۇرت ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشقا ئىمكان تاپالمىغانلىقتىن چىڭە بېرىپ، ھۆكۈمەت ئەربابلىرى بىلەن سۆزلەشمەك، گېزىت – زھورنال نەشىر قىلىپ يۇرتداشلارنى ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن تىرىشىۋاتقان بىر سەپدىشىم ئىدى. چىن – ياپۇن ئۇرۇشى دەۋرىدە چىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىسلام ئەللىرىگە بىر دوستلۇق زىيارەت ھەيىتى ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئىيسا ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ ھەيىئەتنىڭ رەئىسى ئىدى. ئىيسا ئالىپتېكىن ئەپەندى ئىسلام ئەللىرىنى زىيارەت قىلىپ كابۇلغا كەلدى ۋە ھۆكۈمەت مېھمىنى بولۇپ بىر قانچە كۈن تۇردى. بۇ مۇددەت ئىچىدە ئىيسا ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن ئۇزۇن مۇزاكىرىلەر قىلىپ، چىن ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشىم قىلىش ئۇسۇلىنى مۇۋاپىق كۆردۇق ۋە ئىيسا ئالىپتېكىن ئەپەندى ۋاستىلىق ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالدى. ئىيسا ئالىپتېكىن ئەپەندى قولىدىن مارشال جىياڭ كايشىك ( جىياڭ جېشى ) ۋە باشقا مۇھىم شەخىسلەرگە مەكتۇب يازدىم. چىن ھۆكۈمىتىدىن جاۋاپ كەلدى. مەزمۇنى : ھىندىستانغا ئۆتۈپ، ئۇ يەردە چىن ۋە تۈركىستاننىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىمنى چىن ھۆكۈمىتىنىڭ مۇۋاپىق كۆرگەنلىكىدىن ئىبارەت ئىدى.

ھىندىستان ئەڭىلىيە ھۆكۈمىتى مېنىڭ ھىندىستانغا ئۆتىشىم ئۈچۈن ۋىزا بېرىشنى ئىككى يىل كېچىكتۈردى. 1941 – يىلىنىڭ باشلىرىدا كابۇلدىكى ئەنگلىيە ئەلچىخانىسى ۋىزا بېرىشكە قارار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋىزا ئېلىپ 1942 – يىلى 3 – ئاينىڭ 23 – كۈنى پىشاۋۇرغا كەلدىم. ئۇ يەردىن كالكوتتاغا بېرىپ، چىن باش كونسۇلى بىلەن كۆرۈشتۈم. باش كونسۇل پاۋ ئەپەندى مېنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇپ خىزمەت قىلىشىم ئۈچۈن چىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي بۇيرۇق يوقلۇقىنى باھانە قىلىپ، چىنغا بېرىشىمغا تەرەپتارلىق بىلدۈردى. مەن چىنغا بېرىشنى قوبۇل قىلمىدىم. بۇ سەۋەپ بىلەن كونسۇل مېنى چىنغا زىيانلىق ھەرىكەت قىلىدۇ دېگەن گۇمان بىلەن مېنى ھىندىستاندىن چىقېرىشقا ھەرىكەت قىلدى.

مان كالكۇتتادىن راۋالپىندىدىكى ئائىلەمنىڭ قېشىغا كېلەر – كەلمەس ئىنگلىز مەخپىي ساقچى ( سى. ئاي. دى ) نىڭ نازارىتىگە ئېلىندىم. 4 – ئاينىڭ 29 – كۈنى پىشاۋۇر ساقچىنىڭ قولىدا سانسۇر ئېلىپ قالغان تۆت ساندۇق كىتابلىرىمنى ئالغىلى پىشاۋۇرغا بارغىنىمدا، ئۇلار مەخپىي ساقچى باشلىقىنىڭ دېھلىدىن كەلگەن بىر بۇيرۇقنى ماڭا بىلدۈردى. بۇيرۇقتا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى مېنىڭ تېزلىك بىلەن ھىندىستاندىن چىقىپ كېتىشىمنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى. مەن قولۇمدا پۇلۇم بولمىغانلىقتىن باشقا بىر يەرگە كېتىشىم مۇمكىن ئەمەس دېدىم.

5 – ئاينىڭ 2 – كۈنى مېنى پىشاۋۇر مەركىزى تۈرمىگە قامىدى. راۋالپىندىدە ئائىلەمگە قاراۋاتقان ئىككى تۇغقىنىم ئابدۇلكېرىم ھاجىنىمۇ مېنى قامىغان تۈرمىگە ئېلىپ كېلىپ قامىدى. ئىنگلىز ھۆكۈمىتىگە بىر نەچچە قېتىم مۇراجىئەت قىلىپ، نېمە جىنايەت بىلەن قامالغانلىقىمنى سورۇدۇم. جاۋابىدا، جىنايىتىم بارلىقىنى يازماي، ھىندىستاندىن چىقىپ كېتىش شەرتى بىلەن تۈرمىدىن چىقىرىلىدىغانلىقىم بىلدۈرۈلگەن. ئىنگلىز ھۆكۈمىتى چىن ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت يېزىشىمغا رۇخسەت قىلمىدى. ئاخىرى خانىمىم، جاڭ كايشىككە، ئىيسا بەگكە ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئادەملىرىگە مۇراجەت يازدى. نەتىجىدە مارشال جاڭ كايشىكنىڭ بۇيرىقى بىلەن چىن باش كونسۇلىنىڭ كاپالەت بېرىشى نەتىجىسىدە، 1943 – يىلى 1 – ئاينىڭ 8 – كۈنى مېنى قاماقتىن چىقارتتى. پىشاۋۇر مەخپىي ساقچىلىسى، مەركەزدىن بۇيرۇق بويىچە باشقا يەرگە كېتىش ۋە ياكى ھىندىستاندا تۇرۇشقا ھوقوقلۇق ئىكەنلىكىمنى بىلدۈردى. ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، دېھلىدىن يەنە مېنىڭ چىنغا كېتىشىم لازىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا بۇيرۇق كەلدى. بۇ بۇيرۇققا بىنائەن مېنى ئائىلەم بىلەن بىرلىكتە ساقچى قوشۇپ مەجبۇرىي ھالدا كالكۇتتاغا ئېلىپ بېرىپ چىن باش كونسۇلىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

چىن باش كونسۇلى چۇڭچىڭدىن كەلگەن بىر تېلگراممىنى كۆرسەتتى. بۇ تېلگرامما: « ئائىلەم بىلەن چىنغا بېرىشىمنى بۇيرۇغان، ئايروپىلان كىراسى ۋە يول چىقىمىنى كونسۇلخانا تەرىپىدىن تەمىن قىلىندىغانلىقى» بىلدۈرۈلگەن تېلگرامما ئىكەن. ئىيسا ئەپەندىممۇ چىنغا بېرىشىمنى دەۋەت قىلىپ مەكتۇب يازغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن 1943 – يىلى 4 – ئاپرىل كۈنى كالكۇتتادىن ئايروپىلان بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، شۇ كۈنى ئاخشىمى چۇڭچىڭ ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردۇق. ئايرودۇرۇمدا ئىيسا ئەپەندى باشلىق يۇرتداشلار، ئەركان ھەربىي رىياسىتىنىڭ، خارىجىيە ۋازارىتىنىڭ، گومىنداڭ پارتىيە تەشكىلات ۋازارىتىنىڭ ۋە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان يۈزگە يېقىن كىشى مېنى قارشى ئالدى. چۇڭچىڭدا بىر قانچە كۈن ھۆكۈمەت مېھمىنى بولۇپ، مەركىزى مېھمان كۈتۈشتە قالدۇق. ياخشى كۈتىۋېلىشقا ئېرىشتىم. مارشال جاڭ كايشىك: «يۇرت ۋە مىللىتىڭىز ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىڭىزنى تەقدىرلەيمەن. بۇ يولدا چەككەن زەخمەتلىرىڭىزگە چوڭقۇر ھەمدەردلىكىم بار. چۇڭچىڭدا ۋەتىنىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىڭ، ياردەم قىلىمەن. ۋاقتى كەلگەندە، ۋەتىنىڭىزگە قايتىپ بېرىپ، ئۇ يەردە پايدىلىق خىزمەتلەر قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.



چىندە



ئىيسا ئەپەندى بىلەن ئۇزۇن مۇزاكىرىلەر قىلغاندىن كېيىن، سىياسىي پرىنسىپىمىزنى مۇنداق بىكىتتۇق:

1. چىن ھۆكۈمىتىدىن ھازىرچە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلماي، مۇختارىيەت تەلەپ قىلىش. بۇ مۇختارىيەتنىڭ ئاساسى شۇلار: تاشقى سىياسەت ۋە مۇداپىئە ئىشلىرى چىن مەركەزىي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا بولۇپ، باشقا ئىشلاردا شەرقىي تۈركىستان تولۇق ئازاد بولۇش.

2. مۇختارىيەت تەلىپىمىز ئۈچۈن، چىن ھۆكۈمىتىگە ۋە ھەرقايسى رەسمىي قۇرۇلتايلىرىغا تەلەپنامە بېرىش.

3. ئۆز تەرىپىمىزدىن تۈركچە نەشرىيات چىقىرىش، مىللىتىمىزگە مۇختارىيەت ھەققىدە توغرا تەربىيە بېرىش. نەشرىياتىمىز تەرىپىدىن چىنچە مەجمۇئە ( زۇرنال ) چىقىرىپ، چىن مىللىتىنىڭ جامائەت پىكرىنى تۈركىستان تەرەپكە مايىل قىلىش. يەنە بىر تەرەپتىن چىننىڭ مۇھىم گېزىت – زۇرناللىرى ئارقىلىق تەشۋىقات يۈرگۈزۈش.

4. مۇختارىيەت ئېلىنغاندىن كېيىن، ئازاد بىر ھاۋا ئىچىدە مىللىتىمىزنىڭ سىياسىي مەپكۇرىسىنى مىللەتچىلىك نوقتىسىدا بىرلەشتۈرۈپ، ھەرقانداق ئەجنەبىي ھاكىمىيەتنى قوبۇل قىلمايدىغان سەۋىيىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن مىللىتىمىزنىڭ سىياسىي ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاش، مائارىپ ۋە مەدەنىيەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.

5. تۈركىستان ئاھالىسىنىڭ ئىلمىي ۋە سىياسىي سەۋىيەسى مۇستەقىللىققا مۇۋاپىق بىر يولغا كىرگەندىن كېيىن، ئىككىنچى باسقۇچتا مۇستەقىللىق تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش. بۇ قارارلىرىمىزغا چىندە ياشىماقتا بولغان، چىن رىياسەت جۇمھۇر مەجلىس ئەزاسى مەسئۇد بەگ قاتارلىق يۇرتداشلارمۇ قوشۇلدى. مەن چىنغا كېلىشتىن بۇرۇن ئىيسا ئەپەندى ئالتاي ئىسىملىك مەجمۇئەسىنى چىقىرىشقا باشلاپ، بىرىنچى سانىنى چىقارغان ئىكەن. مەن بىرىنچى ئىشىم بولۇپ ئالتاي مەجمۇئەسىنىڭ باش مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستۈمگە ئالدىم. زۇرنىلىمىز يۇقىرىقى پرىنسىپلار ئاساسىدا ماقالىلار بىلەن تولغان ھالدا چىقىشقا باشلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئالتاي مەجمۇئەسىنىڭ چىنچىسىنى چىقاردۇق. ئۇزۇنغا قالماي بۇ نەشرىياتىمىزنىڭ ھەم مىللىتىمىز ئىچىدە ھەم چىن مىللىتى ئىچىدە ياخشى تەسىر قوزغىغانلىقى ئاشكارا بولدى. چىن زىيالىلىرىدىن سونياتسەن (سۇنجۇڭشەن )نىڭ ئوغلى دوكتۇر سۇنفۇ باشلىق تەرەپتارلىرىمىز ۋە مۇتەئەسسىپلەردىن گومىنداڭ پارتىيسىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك كىشىلىرىدىن چىڭكۇفۇ باشلىق كۈچلۈك مۇخالىپلىرىمىز مەيدانغا چىقتى. تەرەپتارلىرىمىز بۇ ھەرىكىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىزغا جاسارەتلەندۈرۈپ پىكىر بەرمەكتە ئىدى. مۇخالىپلىرىمىز ھەرخىل قىيىنچىلىقلار تۇغدۇرۇپ ھەتتا بەزىدە قورقۇتۇپ پائالىيەتلىرىمىزنى توختىتىشقا تىرىشماقتا ئىدى.

بۇ مۇخالىپلىرىمىز بىزنىڭ ئايرىم بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلمايتتى. تۈركىستان تۈرك مىللىتىنى چىن مىللىتىنىڭ بىر پارچىسى دېگەن ئىدىيەنى تارقىتاتتى. تۈركىستان تۈرك مىللىتىگە ھېچقانداق سىياسىي مەۋجۇدىيەتنى تونۇمايتتى. بۇلارنىڭ غايىسى تۈركىستان تۈرك مىللىتىنى يۇتۇۋېتىش ۋە ئاسسىملاتسىيە قىلىپ تارىخ سەھنىسىدىن يوقتىشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ غايە ئۈچۈن گومىنداڭ پارتىيە تەشكىلات مىنىستىرلىكىدە مەخسۇس تەشۋىقات ئىدارىسى قۇرۇلغان ئىدى. بۇ ئاساسسىز نەزەرىيە ۋە زالىمانە غايىگە قارشى بىز ئىلمىي دەلىللەرگە ئاساسلانغان مۇداپىئە ۋە بەزى ھۇجۇم مۇجادىلىلىرىمىز بىلەنلا قالماي، بۇلارغا قوشۇپ سۇن جۇڭشەننىڭ «ئۈچ مەسلەك – سەنمىن جۇيى» ئىسىملىك چىننىڭ مۇقەددەس كىتابى، دۆلەت تەشكىلات لايىھىسى قاتارلىق ئەسەرلەردىكى بىزگە پايدىلىق بولغان پارچىلارنى نەشىر قىلىپ مۇخالىپلىرىمىزنى مەغلۇپ قىلماقتا ئىدۇق. چۈنكى، بۇ ئەسەرلەردە بىزنى مۇسۇلمان تۈركلەر دەپ ئاتايدۇ. چىننىڭ سىياسىي چېگرىسى ئىچىدىكى مىللەتلەرگە مىللىي مۇختارىيەت بېرىشكە ۋەدە قىلىدۇ. چىن چېگرىسى ئىچىدىكى مىللەتلەر قانۇن ئالدىدا باراۋەر دەيدۇ. بۇ ئەسەرلەردە بۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەر خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ.

1943 – يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا چىن ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇن لايھىسىنى ھازىرلاش كومىتېتى ئىسىملىك بىر كومىتېت قۇردى. بۇ كومىتېتنىڭ رەئىسى دوكتۇر سۇنفۇ ئىدى. كومىتېت 180 ماددىلىق بىر لايىھە ھازىرلاپ نەشىر قىلدى ۋە ھەرقايسى جەمئىيەت ۋە خەلقتىن بۇ ماددىلار ھەققىدە پىكىرلىرى بولسا، كومىتېتقا مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلدى. مەن ۋە ئىيسا ئەپەندى چىن مۇسۇلمانلىرى جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە ئاساسىي قانۇن لايىھىسىگە پىكىر بېرىش ئۈچۈن بىر مەسلىھەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، 1944 – يىلى 3 – ئاينىڭ 18 – كۈنى بۇ ھەقتە بەس – مۇنازىرە قىلىشتۇق. نەتىجىدە، چىن مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى بىزنىڭ تۈركىستان ھەققىدە بەرمەكچى بولغان پىكىرلىرىمىزگە قېتىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئىيسا ئەپەندى بىلەن مەن تۈركىستان نامىدا 19 ماددىلىق بىر تەلەپنامە ھازىرلاپ 4 – ئايدا كومىتېتقا بەردۇق. بۇ تەلەپنامىمىزنىڭ مۇھىم ماددىلىرى شۇلاردىن ئىبارەت:

1. ئاساسىي قانۇنغا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ «تۈرك» مىللىتى ئىكەنلىكى ئوچۇق يېزىلسۇن.

2. ئاساسىي قانۇندا شەرقىي تۈركىستان تۈرك مىللىتىنىڭ مۇختارىيىتىنىڭ ئاساسلىرى كۆرسىتىلسۇن.

3. ئاساسىي قانۇننىڭ 4 – ماددىسىدىكى «شىنجاڭ» سۆزى «تۈركىستان» دەپ ئۆزگەرتىلسۇن.

4. ئاساسىي قانۇن لايھىسىنىڭ 4 – ماددىسىدىكى «چىن دۆلىتى مىللىتى» دېگەن سۆزنى قوبۇل قىلمايمىز، «چىن دۆلىتىگە تەۋە مىللەتلەر» دېيىلسۇن.

5. لايىھەنىڭ 5 – ماددىسىغا شۇ جۈملە قوشۇلسۇن: «چىن دۆلىتى چېگرىسى ئىچىدە مىللەتلەر سىياسەت، ئىقتىسات، مائارىپ، مەدەنىيەت، دىن، تىل – يېزىق ۋە باشقا ھەر ھەقتە باراۋەردۇر».

6. ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنىڭ 7 – ماددىسىنىڭ ئاخىرىغا شۇ بىر ماددە قوشۇلسۇن: «چىن دۆلىتىدە ئىشلىتىدىغان پۇل ۋە پوچتا ماركىلىرى دۆلەت ئىچىدىكى ھەر بىر مىللەتنىڭ يېزىقلىرى بىلەن بىللە بېسىپ تارقىتىلىدۇ.

7. ئاساسىي قانۇن لايھىسىنىڭ 10 – ماددىسىدىكى: «دىنىي ئىشلار قانۇنغا خىلاپ بولماسلىق شەرتى بىلەن مەنىي قىلىنمايدۇ» دېگەن سۆز ئېلىپ تاشلىنىپ، بۇ ماددىغا شۇ ئىككى جۈملە قوشۇلسۇن: «دىندا مەنئى قىلىنمىغان ئىشلارغا قارشىلىق قىلىنمايدۇ، دىنغا قارشى تەشۋىق قىلىنمايدۇ».

8. لايھىنىڭ 27 – ماددىسىدىكى «موغۇل» سۆزىنىڭ يېنىغا «تۈرك» سۆزى قوشۇلسۇن.

9. 27 – ماددىغا شۇ بىر جۈملە قوشۇلسۇن. «مىللىي قۇرۇلتايغا ئەزا سايلىنىش ھەققى ھەر يەرنىڭ يەرلىك ئاھالىسىغا مەخسۇستۇر».

10. لايىھەنىڭ 81 – ماددىسىدىن كېيىن، شۇ بىر ماددا ئىلاۋە قىلىنسۇن: «چېگرا مەملىكەتلەردە دەۋا ۋە مەھكىمە سوراقلىرى شۇ يەرنىڭ ئۆز ئاھالىسىنىڭ تىلى ۋە يېزىقى بىلەن بولىدۇ».

11. لايىھەنىڭ 85 – ماددىسىدىن كېيىن، شۇ بىر ماددە ئىلاۋە قىلىنسۇن: «ھەر تۈرلۈك ئىمتىھان ھەر مىللەتنىڭ ئۆز تىل ۋە يېزىقى بىلەن بولىدۇ».

12. لايىھەنىڭ 90 – ماددىسىدىكى «موغۇل» سۆزىنىڭ يېنىغا « تۈرك » سۆزى قوشۇلسۇن.

13. لايىھەنىڭ 99 – ماددىسىغا شۇ بىر جۈملە قوشۇلسۇن: «ئۆلكە ۋالىيلىرىنىڭ چوقۇم يەرلىك خەلقتىن بولۇشى ۋە خەلق تەرىپىدىن سايلىنىشى شەرتتۇر».

14. لايىھەنىڭ 133 – ماددىسىدىن كېيىن، شۇ بىر ماددە ئىلاۋە قىلىنسۇن: «چىن دۆلىتى ئىچىدىكى ھەر بىر مىللەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئوقۇشلىرى ئۆز تىلىدا بولىدۇ».

15. 138 – ماددىغا شۇ جۈملە قوشۇلسۇن: «قانۇنلار ھەر مىللەتنىڭ يېزىقى بىلەن بېسىلىپ نەشىر قىلىنىدۇ». تەلەپنامىمىزنىڭ باشقا تۆت ماددىسى، يۇقىرىقى ماددىلارغا ياردەمچى سۆز لەردىن ئىبارەتتۇر.

تەلەپنامىمىزنىڭ نۇسخىسىنى 1944 – يىلى 10 – ئاينىڭ 13 – كۈنىدىكى چىندە ئەڭ كۆپ ئوقۇلىدىغان «داگۇڭ باۋ» گېزىتىدە ئېلان قىلدۇق. تەلەپنامىمىز گېزىتتە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، چىن جامائەت پىكرىدە بۈيۈك بىر ھاياجان قوزغالدى. مۇتەئەسسىپ ئۆكتىچىلىرىمىز بىزگە قاتتىق رەددىيە بېرىپ، يۇقىرىقى ھاياجاننى يوقىتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى. بۇ چارىنىڭ جامائەت پىكرىگە مەتبۇئات ئارقىلىق بىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر ۋە كۆز قاراشلىرىمىزنى يالغان كۆرسىتىدىغان دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىبارەت بولۇشى تەبىئىي ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، چىڭ گوفۇ باشلىق ئۆكتىچىلىرىمىز چىن تارىخى، تۈركىستان تارىخى ۋە سىياسىتى مۇتەخەسىسى دەپ ئاتالغان پروفېسسۇر لى دۇڭفاڭنى بىزگە قارشى مەتبۇئات كۆرىشى ئۈچۈن مەيدانغا چىقاردى. پروفېسسۇر لى دۇڭفاڭ مەركەز گېزىتىدە ئۇزۇن بىر ماقالە ئېلان قىلدى.

پروفېسسۇر لى دۇڭفاڭ ماقالىسىدە بىزنىڭ لايھىمىزدىكى تۈركلۈك پىكرىمىزنى، يۇرتىمىزنى شىنجاڭ دېمەي «تۈركىستان»دەپ ئاتىلىشى توغرىسىدىكى تەلىپىمىزنى ۋە مۇختارىيەت تەلەپ قىلغانلىقىمىزنى ھەرخىل دەلىللەر بىلەن رەت قىلىشقا كىرىشكەن ئىدى.

مەن بۇ ماقالىنى جۈملىمۇ جۈملە رەت قىلىپ، ئۆز كۆزقاراشلىرىمىزنىڭ دەلىلى ئۈچۈن، يېڭى دەلىللەر بىلەن ماقالە يېزىپ مەركەز گېزىتتە ئېلان قىلدىم. پروفېسسۇر لى دۇڭفاڭ ماقالەمگە جاۋابەن ئىككىنچى ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. مەن ئۇنى رەت قىلىپ، تېخىمۇ تەپسىلى يەنە بىر ماقالە ئېلان قىلدىم.

بۇ قەلەم كۆرىشى بىز ئۈچۈن كۆپ پايدىلىق بولدى. چۈنكى بۇنىڭدا تەرەپدار، بىتەرەپ ۋە ئۆكتىچى چىن شەخسىيەتلىرى مېنى غالىپ ۋ لى دۇڭفاڭنى مەغلۇپ دەپ باھا بەردى. چىننىڭ چوڭ ئالىملىرى ۋە سىياسىي شەخسىيەتلىرىدىن مەشھۇر جەن بوزەن، مەشھۇر يازغۇچى گو مورو، پروفېسسۇر دىڭچۇمىن ۋە پروفېسسۇر ما جۇڭيىڭ باشلىق كۆپ كىشىلەر ئۆيۈمگە كېلىپ مېنى تەبرىكلىدى. دوكتور سۇنفۇ : «مەن بۇنىڭدىن كېيىن، سىزنى تۈرك دەپ ئاتايمەن» دېدى. چىن تەپتىش مەھكىمىسى باشلىقى يويو رىن: «تەلىپىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا قوشۇلالمىساممۇ، كۈچلۈك ئىلمىي پاكىتلىرىڭىز ئالدىدا ھۆرمەت بىلەن ئىگىلىمەن » دېدى.

بۇ قەلەم كۆرىشىمىز تۈگەر – تۈگىمەس چىڭدۇ شەھىرىدە ئىككى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتكە 9 ماددىلىق تەلەپنامە سۇندى. بۇنىڭ 9 – ماددىسىدا تۈركىستانغا مۇختارىيەت بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان. ئۆكتىچىلىرىمىزغا كەلسەك، گومىنداڭ رەھبەرلىرىدىن پارتىيە تەشكىلات مىنىستىرى چىڭلىفۇ مېنى ۋە ئىيسا ئەپەندىنى مىنىستىرلىككە چاقىرىپ، قەلەم كۆرىشىمىزنى توختىتىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. مەن شۇ جاۋابنى بەردىم: «مىللىتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ قانۇنىي ھوقوقلىرى مەسلىسىدە بىزگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشتە مۇداپىئە ۋەزىيىتى ئېلىشقا مەجبۇرمىز. ئەگەر قارشى تەرەپ ھۇجۇم قىلمىسا، بىز ھۇجۇم قىلمايمىز». مىنىستىر: «پروفېسسۇر لى، ئەمدى يازمىسۇن. سىزنىڭمۇ ئۇنىڭغا بىر نەرسە يازماسلىقىڭىزنى سورايمەن. يۇرت ۋە مىللەت ھەققىدىكى پىكىرلىرىڭىزنى ھۆكۈمەتكە بېرىش پايدىلىقراق بولىدۇ » دېدى. مەن قوبۇل قىلدىم. ئىككى كۈندىن كېيىن، مەزكۇر مىنىستىرنىڭ باش كاتىبى لاۋ مىخۇئەن ئەپەندى بىزنى بىر يېمەك زىياپىتىگە چاقىردى، باردۇق. زىياپەت زالىدا يۈزى كۈلۈپ تۇرغان ئەمما بەك خىجىل بىر كىشىنى باش كاتىپ لاۋ بىزگە تونۇشتۇرۇپ، پروفېسسۇر لى دۇڭفاڭ ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى ۋە: «بۇ زىياپەت ئىككىڭلارنى دوست قىلىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. ئىككىڭلارنىڭ قەلەم كۈرىشى چىننىڭ زىيالى كىشىلىرىگە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كۆپ بىلىملەر بېغىشلىدى. ئەگەر دوستلۇق ۋە بىرلىكتە ئىشلەيدىغان بولساڭلار تېخىمۇ كۆپ پايدىلىق بولىدۇ» دېدى. پروفېسسۇر لى دۇڭفاڭ بىلەن قول ئېلىشىپ قىزغىن كۆرۈشتۇق. پروفېسسۇر لى ئۆز ئاغزى بىلەن مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. 1944 – يىلى 10 – ئايدا باشلىغان قەلەم كۈرىشى 1945 – يىلى ئەتىيازدا ئاخىرلاشتى .

1944 – يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى ئىلى، چۆچەك ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىدە چىنغا قارشى ئىنقىلاب قوزغىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ئېلان قىلىندى. بۇ ئىنقىلاب بىزنىڭ چىن مەركىزىدىكى قەلەم كۈرىشىمىزگە مەنىۋىي كۈچ بەرمەكتە ئىدى. كۈرىشىمىزدىكى غالىبىيىتىمىزنىڭ ۋە يۇرت ئىچىدىكى ئىنقىلابنىڭ ئۆكتىچىلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ بىزگە جاسارەت بەرگەنلىكى بەك ئوچۇق بىر ھەقىقەت ئىدى. بىز بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ 1945 – يىلى 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى مارشال جاڭ كەيشىك بىلەن كۆرۈشتۇق ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئۇزۇن بىر مۇزاكىرە قىلىش ئارزۇيىمىزنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردۇق. مارشال ناھايىتى خۇھاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى ۋە بىر ھەپتە ئىچىدە بىزنى مۇزاكىرە ئۈچۈن دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. 13 مارت ئاخشىمىغا يېمەك دەۋىتى كەلدى. مەزكۇر ئاخشامدا ئىيسا ئەپەندى بىلەن ئىككىمىز باردۇق. دەۋەت شەخسى بولۇپ، رەئىس جۇمھۇر، باش كاتىبى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە موڭغول – تىبەت كومىتېتى رەئىسىدىن باشقا كىشى يوق ئىدى. رەئىس جۇمھۇر «پۈتۈن سۆز ۋە تەلەپلىرىڭلارنى ھېچ تارتىنماستىن سۆزلەڭلار، بەلكى تۈركىستان مەسلىسىنى ھەل قىلىشقا يارايدىغان بىر نەتىجىگە بارامىز» دېدى. مەن تۈركچە سۆزلىدىم، ئىيسا ئەپەندى چىنچىگە تەرجىمە قىلدى. ئالدى بىلەن، چىننىڭ تۈركىستاندىكى تەخمىنەن ئىككى ئەسىرلىك ھاكىمىيىتى تارىخچىسىنى، بۇ دەۋر ئىچىدە چىن ئەمەلدارلىرىنىڭ زۇلۇملىرىنى ۋە بۇ زۇلۇملارغا قارشى تۈركىستان خەلقىنىڭ 36 قېتىملىق قانلىق ئىنقىلابىنى سۆزلىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن، تۈركىستان مەسلىسىنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى سۆزلىدىم. مارشال سۆزلىرىمنى ناھايىتى دىققەت ۋە سەبىر بىلەن ئاڭلىدى. مۇزاكىرە ئۈچ يېرىم سائەت داۋام قىلدى. ئاخىرىدا مارشال بۇ سۆھبەتتىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيىتتى ۋە: «ھەقىقەتنى ئوچۇق سۆزلىدىڭىز. بۈگۈنكى ئاغزاكى تەلەپلىرىڭىزنى يېزىپ ماڭا رەسمىي شەكىلدە بېرىڭلار. يېقىندا ئېچىلىدىغان گومىنداڭ پارتىيسى ئومۇمىي قۇرۇلتىيىدا مۇزاكىرىگە قويۇپ، بىر نەتىجىگە يەتكۈزەيلى» دېدى. مارشالنىڭ بۇ سۆزىدىن بىز چوڭ ئۈمىدلەندۇق ۋە دەرھال ئىشقا كىرىشىپ، ئۇزۇن بىر كىرىش سۆز ۋە 16 ماددىلىق بىر لايىھە تەييارلاپ، 29 مارتتا مارشالغا يوللىدۇق. بۇ لايىھەدە ئاساسىي مەقسەت مىللىي مۇختارىيەت تەلىبى، تۈركىستاندىكى ئىنقىلابچىلار بىلەن تۈركىستان ۋە چىنغا پايدىلىق سۈلھى قىلىش تەلىبى ۋە تۈركىستاننىڭ سابىق زالىم ۋالىيسى شېڭشىسەيگە جازا بېرىش تەلەپلىرى ئىدى.

4 – ئاينىڭ 6 – كۈنى 1200 كىشىلىك زالدا ئېچىلغان پارتىيە ئومۇمىي قۇرۇلتايغا چىندىكى تۈركىستانلىقلاردىن مېنى، مەسۇد ئەپەندىنى ۋە يولۋاس بەگنى قاتناشتۇردى. مارشالغا بەرگەن لايىھىمىزنىڭ قۇرۇلتايغا بېرىلىش ئۈمىدى بىلەن 5 كۈننى ئۆتكۈزدۇق. ئاخىرى بۇ لايىھەنىڭ قۇرۇلتايغا بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال لايىھەدىن بىر نۇسخا تەييارلىدىم. چىن قۇرۇلتايلىرى قانۇنىدا ئەزالاردىن 40 كىشى قول قويغان لايىھەنى مەجلىستە ئېلان قىلىشقا ۋە مۇزاكىرىگە قويۇشقا قۇرۇلتاي رىياسەت ھەيىئىتى (يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىش ھەيىتى) مەجبۇر ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن لايىھىمىزگە قول قويدۇرۇش ئۈچۈن تونۇغان – تونۇمىغان ئەزالارغا مۇراجىئەت قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ھەر كىشى قول قويۇشتىن قاچماقتا ئىدى. كۆپ قىيىنچىلىقلاردىن كېيىن، تىبەت – موڭغۇل كومىتېتى، چەتئەلدىكى چىن مۇھاجىرلىرى ۋەكىللىرى ۋە بەزى زىيالىلاردىن 42 كىشىگە قول قويدۇرۇپ مەجلىس رىياسەت ھەيىئىتىگە بەردىم. مەجلىس رىياسەت ھەيىئىتى ئىلاجسىز لايىھىمىزنى ئېلان قىلدى. چېگرا ئۆلكىلىرى سىياسى كومىتېتى ئىسىملىك بىر مەجلىس كومىتېتى قۇرۇلۇپ، لايىھىمىز مەزكۇر كومىتېتقا ھاۋالە قىلىندى. مەجلىس رىياسەت ھەيىئىتىدىكى دوكتۇر سۇنفۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىز تۈركىستانلىقلاردىن ئۈچ ئەزا كومىتېتقا قاتناشتۇق. كومىتېت تۆت قېتىم يىغىن ئۆتكۈزدى. ناھايىتى قاتتىق تالاش – تارتىشلار بولدى. نەتىجىدە، كۆپچىلىك بىزنىڭ پايدىمىزغا ئاۋاز بەردى. مەجلىس رىياسەت ھەيىئىتى كومىتېتنىڭ بۇ قارارىنى قۇرۇلتايغا قويۇشقا چىدىماي «ئالىي كومىتېت» نامىدا 60 كىشىلىك بىر كومىتېت تەشكىل قىلىپ، لايھىمىزنى بۇ كومىتېتقا تاپشۇردى. بۇ كومىتېتتا ھەربىي مىنىستىر گېنېرال بەيجۇڭشى، مائارىپ مىنىستىرى جۇ جىياۋخۇئا، ئىجتىمائىيەت مىنىستىرى گو جىڭگۇاڭ، گومىنداڭ پارتىيە باش كاتىبى گېنېرال ئۇ تىچىڭ، خەلق سىياسىي مەجلىس باش كاتىبى شىياۋلىزى ۋە ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى لۇ چىياۋلۇن باشلىق مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرى بار ئىدى. 4 – ئاينىڭ 15 – كۈنى كومىتېت مەجلىسى ئېچىلدى. شىياۋلىزى رەئىسلىككە سايلاندى. شىياۋلىزى بىزگە تەرەپدار دېموكرات بىر كىشى ئىدى. رەئىس مېنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. بىر سائەت سۆزلىگەن سۆزۈمدە لايىھىمىز ھەققىدە يېتەرلىك ئىزاھات بەدرىم. مەندىن كېيىن، گېنېرال بەيجۇڭشى، گېنېرال ئۇ تىچىڭ، گو جىڭگۇاڭلار سۆز ئېلىپ لايىھىمىزنى قوللىدى. لۇ چىياۋلۇن سۆز ئېلىپ لايىھىمىزنى شىددەت بىلەن رەت قىلدى. مەن لۇ چىياۋلۇنغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن سۆز ھەققى تەلەپ قىلدىم. لېكىن، لۇچىياۋلۇننىڭ خانىمى سۆز قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقتىن ئۇ خانىمغا ئۆتۈندۈم. خانىم ئېرىنىڭ سۆزىنى رەت قىلىپ، لايىھىمىزنى قوللىدى ۋە قاتتىق كۈلكە ، ئالقىشلار بىلەن قارشىلاندى. مېنىڭ سۆز قىلىشىمغا ھاجەت قالمىدى. لايىھىمىز لۇچىياۋلۇننىڭ قارشى ئاۋازى ۋە 59 قوبۇل ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىپ، رىياسەت ھەيىئىتىگە قايتۇرۇلدى. 4 – ئاينىڭ 16 – كۈنى لايىھە قۇرۇلتايدا ئوقۇلدى ۋە گۈلدۈرقاراس ئالقىشلار بىلەن قوبۇل قىلىندى. مارشال جاڭ كەيشىك دەرھال لايىھىمىزنى قولىغا ئېلىپ بىر قانچە دەقىقە بىر نېمىلەر يازدى ۋە تەكرار ئوقۇشقا بۇيرىدى ۋە ئوقۇلدى. مۇختارىيەت ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنى ئۆچۈرۈپ «تۈركىستان خەلقىنىڭ تىلىغا ۋە دىنىغا ھۆرمەت قىلىنىدۇ، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ئىشلىرىغا ياردەم قىلىنىدۇ» دەپ يېزىلىپتۇ. بۇ ئوقۇلغاندا بەك ئاز كىشىلەر چاۋاك چالدى. مەجلىسنىڭ ھاۋاسى ئىنتايىن سوغۇق بىر ھاۋا ئالدى ۋە مەجلىس رەئىسى دەرھال يىغىننى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەن مەجلىس رەئىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ مارشالنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلمىغان بۇ قىلقىغا نارازىلىق بىلدۈردىم. رەئىس قورقۇنچى بىلەن ماڭا تەسەللىي بەرمەكتىن باشقا گەپ قىلالماي ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى. مەلۇم بولدىكى، بىزگە ئۆكتىچى بولغان مۇتەئەسسىپ ئونسۇرلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا قېلىپ، بىزگە بەرگەن ۋەدىلىرىدىن يېنىۋېلىشقا مەجبۇر بولغان مارشال، لايىھىمىزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن چارىلارنى قوللانغان ئىكەن. مەقسىتى ھاسىل بولمىغانلىقتىن دېكتاتورلۇق يولى بىلەن لايىھەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا جىددىي قارار بەرگەن ئىكەن.

ئەتىسى رىياسەت ھەيئىتىگە رەسمى نارازىلىق مەكتۇبى تاپشۇردۇق. رىياسەت ھەيئىتى رەسمىي جاۋاب بەرمىدى. پەقەت رىياسەت ھەيئىتىدىن ئىككى كىشى ئېغىز ئارقىلىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كەلگۈسىدە سىزگە كۆپ پۇرسەتلەر كېلىدۇ دەپ تەسەللىي بەرگەن بولدى. بۇ قۇرۇلتايدا يۈز بەرگەن يەنە مۇھىم بىر ھادىسىنى بايان قىلىشنى لازىم كۆردۈم: 4 – ئاينىڭ 18 – كۈنى چۈشتىن كېيىن مەسئۇد ئەپەندى سۆزگە چىقتى. سۆزىدە 1934 – 1944 – يىللىرى ئارىسىدا ئومۇمىي ۋالىي ۋە باش قوماندان بولغان شېڭشىسەينىڭ زۇلۇملىرىنى ناھايىتى تەسىرلىك ۋە پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن ئاڭلاتتى. سۆزىنىڭ ئاخىرىدا: «بىر چىنلىق بولغان بۇ ۋالىينىڭ تۈركىستان خەلقىگە قىلغان 10 (ئەسلى تېكىستتە 41) يىللىق ۋەھشىيانە زۇلۇملىرى، چىن مىللىتىنىڭ 5000 يىللىق مەدەنىيەت تارىخىنىڭ يۈزىگە ئېرىمەس بىر قارا داغ چاپلىدى. ئەجەبا! چىن مىللىتى بۇ قارا داغنى ئېرىتىپ تاشلاش ئۈچۈن غەيرەت قىلالارمۇ؟» دېدى. مەجلىستىن گۈلدۈرقاراس ئالقىشلار ۋە دەھشەتلىك پەرياتلار كۆتۈرۈلدى. مەجلىس تەرتىۋى بۇزۇلدى. ھەر تەرەپتىن: «شېڭشىسەيگە ئۆلۈم!» دېگەن ئاۋازلار ياڭراشقا باشلىدى. مەجلىس رەئىسى 15 مىنۇتتا ئاران تەرتىپنى ساقلىيالىدى ۋە دەم ئېلىش ئېلان قىلدى. شۇنىمۇ ئۇنۇتمايلىكى، شېڭشىسەيمۇ ئەزالىق سۈپىتى بىلەن مەجلىستە بار ئىدى. بىز دەم ئېلىش ئەسناسىدا ئورنىمىزدىن قوزغالمىدۇق. ئەزالارنىڭ بىزنى ئىزاھات بېرىپ يەنە سۆزگە چىقىشىمىزنى تەلەپ قىلغان ئىستەك قەغەزلىرى ياغماقتا ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن يىغىن باشلانغاندا مەسئۇد ئەپەندى سۆز تەلەپ قىلدى. بۇ چاغدا شېڭشىسەيمۇ سۆز تەلەپ قىلدى. بىز تۈركىستانلىق ئەزالار شېڭشىسەيگە: «سېنىڭ سۆز قىلىش ھەققىڭ يوق!» دەپ ۋارقىرىدۇق. مەجلىس ئەزالىرىدىن 200 دەك كىشى قوپۇپ، «شېڭشىسەيگە ئۆلۈم!» دەپ غەۋغا چىقاردى ۋە بىر قانچە ياش ئەزالار شېڭشىسەيگە ھۇجۇم قىلدى. دەرھال ژاندارمىلار مەجلىسكە كىرىپ ھۇجۇمنى توختاتتى ۋە شېڭشىسەينى مەجلىستىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى.

ئەتىسى مارشال جاڭكەيشىك سۆزگە چىقىپ: «شېڭشىسەي بولسا تۈركىستاننى مەركىزى ھۆكۈمەت ئۈچۈن قوغدىغان ۋە مەركەزگە 50 مىڭ سەر ئالتۇن بەرگەن بىر كىشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەزالارنىڭ ئۇنىڭغا قارشى بولغان ھەرىكىتى خاتا» دېدى. مارشال سۆزىنى تۈگىتىشى بىلەنلا بىز مەجلىستىن چىقىپ كەتتۇق. چۈشتىن كېيىنكى يېغىنغا بىر نارازىلىق باياناتى تەييارلاپ باردۇق. مەقسىتىمىز بۇ نارازىلىق باياناتىنى مەجلىسكە تاپشۇرۇپ، مەجلىسكە قاتناشمايدىغانلىقىمىزنى ئېلان قىلغانلىقىمىزنى پۈتۈن ئەزالارغا بىلدۈرۈپ چىقىپ كېتىش ئىدى. لېكىن، يولۋاس بەگ مەسىلىنى گېنېرال بەي جۇڭشىنغا ئېيتىپ قويۇپتۇ. مەسئۇد بەگ ۋە مەن مەجلىسكە كىرىشىمىزگە گېنېرال بەي يېنىمىزغا كېلىپ، نارازىلىق باياناتنامىسى بەرمەسلىكىمىزنى ۋە مەجلىسكە قاتنىشىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلدى. يولۋاس بەگ گېنېرالنىڭ تەلىپىنى دەرھال قوبۇل قىلىپ ئورنىغا بېرىپ ئولتۇردى. مەن چىڭ تۇردۇم، مەسئۇد بەگ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى. دېمەك، مەن يالغۇز قالدىم. بۇ چاغدا مەجلىس قوڭغىرىقى چېلىندى.

مەن مەجلىس زالىغا كىرىپ، رەئىس ئورۇندۇقىنىڭ ئالدىدا تۇردۇم. رەئىس يېغىننى ئاچتى. بۇ چاغدا مەن ئوتتۇرىدىكى يولدىن مېڭىپ، ئەڭ ئارقىدىكى ئىشىكتىن چىقىپ كەتتىم. بۇ ھەرىكىتىم بىلەن ئېغىزدا يېغىنغا قاتناشمايدىغانلىقىمنى ئېلان قىلغانغا ئوخشاش بىر ئۇقۇم پەيدا قىلغان بولدۇم. مەن بىر ئادەمنىڭ چىقىپ كېتىشى ھېچكىمنىڭ پەرۋايىغا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم. لېكىن، ئۆز خىيالىمچە ۋەتىنىم ئۈچۈن بىر شەرەپ نامايىشى قىلىشنى لازىم كۆرۈپ، ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولۇشىنى ئويلىماي بۇ ھەرىكەتنى قىلدىم.

شۇ ئاخشىمى، مارشال جاڭ كەيشىك تەرىپىدىن بىزنى زىياپەتكە چاقىرغان دەۋەت قەغىزى كەلدى. زىياپەتكە بارماسلىققا قارار قىلدىم. بۇ چاغدا بىر نەچچە دوستلىرىم كېلىپ، مېنىڭ بۇ زىياپەتكە بېرىشىم كېرەكلىكىنى ئېيىتتى. چۈنكى مارشال تۈنۈگۈنكى نۇتقى ھەققىدە ئىزاھات بېرىش ئۈچۈن 1000 كىشىلىك بىر زىياپەت ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن. بىز ئىزاھاتنى ئاڭلاپ بېقىش كېرەك دېيىشتى. ئەتىسى ئاخشام زىياپەتكە باردۇق. مارشال بىزنى ئۆزى يۇقىرىدا ئولتۇرغۇزۇپ، گويا بۇ زىياپەت بىزنىڭ شەرىپىمىزگە بېرىلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن بولدى. مارشال نۇتۇق سۆزلەپ بىزگە ئۆزرە ئېيىتتى ۋە تۈركىستانغا تەۋەججۇ (ئالاھىدە ئېتىبار) بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ زىياپەتنىڭ مەقسىتى، مېنىڭ مەجلىستىن چىقىپ كەتكەنلىكىمنىڭ ئەزالار ئارىسىدا ۋە خەلق ئىچىدىكى ئەپكار ئاممىدا ھاياجان پەيدا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى. بۇ ۋەقەدىن ئۈمىد قىلغان نەتىجە چىقمىغان بولسىمۇ، ئەپكار ئاممىدا شۇ ئىككى خىل تەسىر پەيدا قىلدى:

1. تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ چىن ئەپكار ئاممىدىكى ئەھمىيەتسىز كۆرۈنۈشى يوقىلىپ، چىن سىياسىتىدە ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ مەيدانغا چىقتى.

2. شېڭشىسەيگە قارشى نەپرەت تۇيغۇسىنىڭ كۈچىيىشىنى پەيدا قىلدى. گومىنداڭ پارتىيىسى ئىجرائىيە ۋە تەپتىش ئەزالىرىنى سايلىغاندا شېڭشىسەي پىكىر بىرلىكى بىلەن ئىجرائىيە ھەيئەت ئەزالىقىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

1945 – يىلى 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، چىن خەلق سىياسىي قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. بۇ قۇرۇلتايغا يۇرتدىشىمىز قادىر ئەپەندى ئەزا ئىدى. بۇ مەجلىس يالغۇز گومىنداڭ پارتىيىسىگە خاس يىغىن ئەمەس ئىدى. بۇ قۇرۇلتايغا پۈتۈن پارتىيلەرنىڭ ئەزالىرى قاتنىشىدىغان مۇھىم بىر قۇرۇلتاي ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن قادىر ئەپەندىگە ئىككى لايىھە تەييارلاپ قۇرۇلتايغا سۇنۇش ئۈچۈن بەردۇق. بىرسى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان لايىھە ئىدى . ئىككىنچىسى، تۈركىستاننىڭ سابىق زالىم ۋالىيسى شېڭشىسەيگە جازا بېرىشنى تەلەپ قىلغان لايىھە ئىدى. بىرىنچى لايىھە كۆپ تالاش – تارتىشقا سەۋەب بولغان بولسىمۇ يەنە يۇقىرىدا تىلغا ئالغان گومىنداڭ قۇرۇلتىيىدا ئۇچرىغان ئاقىۋەتكە ئۇچرىدى. ئىككىنچىسى، مەجلىس ئەزالىرىنىڭ قوشۇلۇشى ۋە قوللىشى بىلەن تەستىقلىنىپ قۇرۇلتاي تەرىپىدىن ھۆكۈمەتكە شېڭشىسەيگە قانۇن بويىچە جازا بېرىش تەلەپنامىسى سۇنۇلدى. ئىككى ھەپتە ئۆتمەي شېڭشىسەي زىرائەت مىنىستىرلىك ۋە باشقا پۈتۈن رەسمىي ئەمەللىرىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

5 – ئاينىڭ 16 – كۈنى گەنسۇنىڭ مەركىزى لەنجۇغا كەتتىم. مەقسىتىم، تۈركىستان ۋەزىيىتىنى يېقىندىن تەتقىق قىلىش ئىدى. بۇ كۈنلەردە ئىلى ئىنقىلابى كۈچەيمەكتە، چىن ئەسكەرلىرى چىكىنمەكتە ۋە ئىنقىلابچىلىرىمىز ئۈرۈمچىگە 136 كىلومېتىر كېلىدىغان ماناسقا كېلىپ، ئۈرۈمچىنى تەھدىد ئاستىغا ئالماقتا ئىدى. تۈركىستاندىن ھەركۈنى يۈزلەرچە چىنلىقلار قېچىپ لەنجۇغا كەلمەكتە ۋە لەنجۇدىن ئۈرۈمچىگە ئەسكەر ۋە قورال يۆتكەلمەكتە ئىدى. بىز بۇ ئىنقىلابنىڭ راۋاجلىنىشىدىن مىللىتىمىزنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقوقىنى قولغا كەلتۈرىشىدىن خوشاللانماقتا بولساقمۇ، ئارقىسىدا روسلار بولغانلىقىدىن كۆپ ئەندىشە قىلماقتا ئىدۇق.

1945 – يىلى 8 – ئاينىڭ 24 – كۈنى چىن ھۆكۈمىتى تاشقى موڭغۇلنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مارشال جاڭ كەيشىكنىڭ سۆزلىگەن نۇتقى گېزىتلەردە نەشىر قىلىندى. بۇ نۇتقىدا، موڭغۇللارنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ مۇختارىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن، موڭغۇل ۋە تىبەت مىللەتلىرىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولغانلىقلىرى ۋە بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆز يەرلىرىدە توپلىشىپ ياشاۋاتقانلىقلىرى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلمەكتە ئىدى. ئەمما، تۈركىستانغا ئوخشاش ئۆلكە ھالىغا كىرىپ قالغان يەرلەردىكى مىللەتلەرگە مۇستەقىللىق ۋە ياكى مۇختارىيەت بېرىلمەسلىك، پەقەت چىن مىللىتى بىلەن قانۇنىي ھوقوقتا باراۋەر بولۇپ، دىنىي ۋە ئىقتىسادىي ئىشلىرىدا ئەركىنلىك بېرىش بايان قىلىنماقتا ئىدى.

ئىيسا ئەپەندى بىلەن مەن مارشالنىڭ نۇتقىغا قارشى بىر نارازىلىق باياناتى يازدۇق. تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، توپلىشىپ ياشىشى، خەلق نوپوسى ئېتىبارى بىلەن موڭغۇل ۋە تىبەتلەردىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتۇق. يالغۇز جۇغراپىي ۋە ئەسكىرى جەھەتتىن موڭغۇل ۋە تىبەتكە ئوخشىمىغانلىقىمىزدىن مۇستەقىللىق ۋە مۇختارىيەتتىن مەھرۇم قىلىنىشىمىز، مانجۇ ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ئەسىرى بولۇپ، بۇ ھالەتنى داۋام قىلدۇرۇش جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ پرىنسىپلىرىغا خىلاپ بىر سىياسەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۇق ۋە ئاخىرىدا تۈركىستانغا دەرھال مۇختارىيەت بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق. بۇ نارازىلىق باياناتىنى يەتتە نۇسقا يېزىپ، مارشال باشلىق مەشھۇر دۆلەت ئەربابلىرىغا يوللىدۇق. مارشالدىن جاۋاب كەلمىدى. بىر قانچىسىدىن مەخپى جاۋاب ئالدۇق. پەقەت قانۇن تۈزۈش ئورگىنى باشلىقى دوكتۇر سۇن فۇدىن كىشىنى خوشاللاندۇرغۇچى جاۋاب ئالدۇق. دوكتۇر سۇن فۇنىڭ جاۋابى مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئۆز پېتى يازىمەن:

« مەسئۇد، مۇھەممەد ئەمىن، قادىر ۋە ئىسمائىل ئەپەندىلەر، 8 – ئاينىڭ 13 – كۈنى يازغان مەكتۇبىڭلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ تەقدىر قىلدىم. تۈركىستانغا ئالىي مۇختارىيەت بېرىلسۇن دېگەن تەلىپىڭلارغا پۈتۈنلەي قوشۇلىمەن. بۇنىڭ تېزدىن ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك».

سۇن فۇ – جۇمھۇرىيەتنىڭ 34 – يىلى، 9 – ئاينىڭ 13- كۈنى.

9 – ئاينىڭ بېشىدا، چىن مەركىزى ھۆكۈمىتى ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بىلەن سۈلھى قىلماقچى بولدى. بۇ سۈلھىدە روس ھۆكۈمىتى تۈركىستاندىكى كونسۇلى ۋاستىسى بىلەن ئوتتۇرىدا كېلىشتۈرگۈچى بولدى. مەسىلىنىڭ ئىچكى يۈزى مۇنداق: ئىلى ئىنقىلابچىلىرىغا روسلارنىڭ قۇرال – ياراق ۋە ئەسكەر بىلەن ياردەم قىلغانلىقى ئوپئوچۇق مەيدانغا چىقىپ قالغان ئىدى. بۇ قول تىقىشتىن چىن ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نارازى بولغانلىقىنى كۆرگەن روسلار ئۆزىنى ئاقلاش مەقسىتى بىلەن ئوتتۇرىدا سۈلھى قىلىپ قويۇش پىكرىنى چىن ھۆكۈمىتىگە بىلدۈرگەن. چىن ھۆكۈمىتى مەسىلىنى تېزراق ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ پىكىرنى دەرھال قوبۇل قىلغان ئىدى. سۈلھى مۇزاكىرىلىرى ئەسناسىدا مۇشاۋىرە مۇۋازىنە (مەسلىھەت ۋە تەڭپۇڭ) ئۇنسۇرى بولۇشىمىزنى ھېسابلىغان چىن مۇزاكىرە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى گېنېرال جاڭ مەسئۇد ئەپەندى، ئىيسا ئەپەندى ۋە مېنى ئۈرۈمچىگە دەۋەت قىلدى. بۇ ۋەسىلە بىلەن يۇرتقا قايتىشىمىزدىكى توسقۇنلۇق يوقالغان بولدى ۋە بىز 1945 – يىلى ئۆكتەبىرنىڭ 17 – كۈنى ئۈرۈمچىگە كەلدۇق.



يۇرتقا قايتىش



ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئاۋۋال كۆزۈمگە كۆرۈنگەن ۋەزىيەت شۇ ئىدى:

1. مەركەز بولغان ئۈرۈمچى شەھىرىدە چىنلىقلار تۈركىستان تۈركلىرىنى ھەددىدىن زىيادە خور كۆرمەكتە ۋە ھېچبىر تۈركنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھەققىگە ئىگە بولۇشىغا چىنلىقلار رازى بولمىغان بىر ھالدا كۆرۈنمەكتە ئىدى. ئىلغار كىشىلەرنىڭ تولىسى قاماقخانىلاردا، قاماقخانىنىڭ تېشىدىكىلىرى قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئىدى. چىنلىقلار تۈرك دۇكاندارلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزلىرى خالىغان باھادا سېتىۋالماقتا ئىدى، ھارۋىلاردا پۇل بەرمەستىن ئولتۇرۇپ، بۇنىڭغا نارازىلىق قىلغانلارنى ئۇرۇپ ۋەيا يالغان تۆھمەت بىلەن قاماققا ئېلىش ھەر قانداق بىر چىنلىقنىڭ ھەققى بولماقتا ئىدى.

2. تۈركىستاننىڭ باشقا جايلىرىدىن كەلگەن خەۋەرلەر تېخىمۇ دەھشەتلىك ئىدى. مەسىلەن: يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈرۈمچىدىكىگە ئوخشاش ئىشلار باشقا جايلاردا قاتمۇ قات ئېغىر بولغاننىڭ ئۈستىگە ھەر بىر ئەمەلدار خەلقنىڭ ئۈستىگە ئۆزى خالىغان ئالۋاڭلارنى سېلىش، تىجارەت قىلىش، ھۆنەرۋەنلەرنى پۇل بەرمەي ئۆزلىرى ئۈچۈن مەجبۇرىي ئىشلىتىش قاتارلىق زۇلۇملارنى قىلماقتا ئىدى. ئەسكەرلەرنىڭ خەلقنى بۇلاش – تالاش ئىشلىرى، بىر مەھەللە ياكى بىر كەنت خەلقىنى قەتلىئام قىلىش ئىشلىرى بىر ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. بىز بۇ ئېغىر ۋەزىيەت ھەققىدە خەلق بىلەن ئەھۋاللىشىشنى زۆرۈر كۆرۈپ، 10 – ئاينىڭ 22- كۈنى ئۈرۈمچىدىكى تۈركلەرنىڭ ھەر قاتلىمىدىن 200 گە يېقىن كىشىنى چاقىرىپ ھەربىي مەكتەپنىڭ زالىدا بىر مەجلىس ئاچتۇق. مەسئۇد ئەپەندى قىسقىچە سۆز قىلغاندىن كېيىن، مەن سۆزگە چىقىپ ئىككى سائەت سۆز قىلدىم. سۆزۈمدە، تۈركىستاننىڭ سىياسىي تارىخچىسىنى، ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ مىللىي ئەركىنلىك ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقلىرىنى، ئەجنەبىيلەرنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قىلغان ۋە قىلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلىرىنى، چىن مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر مىللەتكە باراۋەر ھوقوق بەرگەن قانۇنلىرىنى سۆزلىدىم. تۈركىستاندىكى چىنلىقلارنىڭ تۈرك مىللىتىگە قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە زۇلۇملىرىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭغا قارشى كۆرەشنىڭ چىن ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىسيان دەپ ئاتالماسلىقىنى سۆزلىدىم. سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا، تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ چىن زۇلمىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇراللىق ئىنقىلابتىن زىيادە مىللىي بىر تەشكىلات ئاستىدا تىنچلىقپەرۋەر بىر كۆرەشنىڭ كۆپرەك پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئۇزۇن ئىزاھاتلىرى بىلەن ئاڭلاتتىم ۋە بىرىنچى نىشانىمىزنىڭ مىللىي مۇختارىيەت بولۇش پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.

بۇ مەجلىس، يىللاردىن بۇيان دەرتلىرىنى ئېيتىشقا ئىمكان تاپالمىغان ياشلارغا بىرىنچى پۇرسەت ئىدى. ياشلار ئارقا – ئارقىدىن سۆزگە چىقتى. بەزىلىرى پەۋقۇلئاددە دەرتلىك لەھجە بىلەن چىن زۇلۇملىرىدىن سۆز قىلدى. بەزىلىرى مىللىي بىرلىك ۋە مىللىي سىياسەت پرىنسىپلىرىنى ئاڭلاتتى. سۆز ئارىسىدا ئۆزىنى تۇتالماي يىغلىغانلار ۋە پەرياد قىلغانلار ھەتتا: «چىنلىقلارغا قارشى ئوچۇق مەيدان ئۇرۇشى كېرەك» دەپ ۋارقىرىغانلار بولدى. نەتىجىدە مېنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكرىم ئىتتىپاق بىلەن قوبۇل قىلىندى. بۇ مەجلىستىن ۋالىي ۋۇ جىڭشىن ۋە باش قوماندان جۇ شىياۋلىڭلار كۆپ نارازى بولۇپ، جاڭ جىجۇڭغا شىكايەت قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىستانلىق مەنسەپ پەرەست قازىلار ۋە چىن خىزمىتىدە يۈز – ئابروي قازانغان مەنسەپدارلار نامىدىن جاڭ جىجۇڭغا ۋە مەركىزى ھۆكۈمەتكە تېلگىرام بېرىپ بىزنى تۈركىستاندىن چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغۇزدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە شۇ ئاگاھلاندۇرۇش كەلدى، ئىككىنچى مۇنداق مەجلىس ئېچىشىمىز مەنئى قىلىندى. ياشلارنى نازارەت ئاستىغا ئېلىپ بىز بىلەن كۆرۈشتۈرمەسلىكنىڭ ئامالىنى قىلدى. بىزنىڭ ئارقىمىزدا پايلاقچىلىق پائالىيەتلىرى كۆپەيدى. بىز ئىمكان دائىرىسى ئىچىدە تەييارلىق پائالىيەتلىرىمىزنى داۋام قىلدۇق. بۇ تەييارلىقلىرىمىز شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى:

1. مىللەتنىڭ ھەر سىنىپ قاتلىمى بىلەن مۇناسىۋەت باغلاش.

2. يېراق ۋىلايەتلەردىكى مۇنەۋۋەرلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىش.

3. تۈرلۈك ۋاستىلەر بىلەن مۇختارىيەت مەپكۇرىسىنى خەلق ئىچىگە تارقىتىش.

قىسقا بىر ۋاقىت ئىچىدە بۇ پائالىيەتلىرىمىزنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. چۈنكى، مىللەتنىڭ ھەرقايسى قاتلىمىنىڭ كۆپچىلىكى بىزنىڭ سىياسىتىمىزگە تەرەپتار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشتە كېچىكمىدى. چىن ھۆكۈمەت ئادەملىرى بۇ ۋەزىيەتتىن ھېس قىلغان ئەندىشىلىرىنى يوشۇرمايدىغان بولدى. ھەتتا بىزنى تۈركىستاندىن يېراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن چارە ئىزدەۋاتقانلىقلىرىنى ھېس قىلىپ قالدۇق. لېكىن، چىن ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى، تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ ئىنچىكىلىكىنى كۈزەتكەن كىشىلەر بىزگە قاتتىق مۇئامىلە قىلىش تەرپدارى ئەمەس ئىدى. چۈنكى ئارقىسىدا روس كۈچى بولغان ئىلى ئىنقىلابچىلىرى بىلەن تېخى سۈلھى بولمىغان بىر پەيىتتە بىزگە قاتتىق مۇئامىلە قىلىنسا، تۈركىستاندا ھۆكۈمەتكە قارشى ئومۇمىي نەپرەتنىڭ بىردىن كۆپىيىشى ئېنىق ئىدى. بىز ۋە بىز بىلەن ئوخشاش پىكىردە بولغان كۆپچىلىك خەلقنىڭ روس نوپۇزىغا قارشى ئىكەنلىكىمىز چىن مەنپەئەتىگە ماس كېلەتتى. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، كوممۇنىزم ئىستىلاسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ توسالغۇ مىللىي مەپكۇرەدۇر. بىزنىڭ تۈركىستاندا باشلىغان مىللىي ھەرىكىتىمىزدىن روسلار پەۋقۇلئاددە بىئارام بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى روس باش كونسۇلى بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزگە قارشى گېنېرال جاڭ جىجۇڭغا نارازىلىق بىلدۈردى ۋە بىزنى تۈركىستاندىن باشقا بىر يەرگە چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ نارازىلىق بىز ئۈچۈن پايدىلىق بولدى. چۈنكى، بۇ نارازىلىق بىزنىڭ روسلارغا قارشى جىددىي ئونسۇر بولغانلىقىمىزنى ئىسپاتلايدىغان سىياسىي ۋەسقە ئىدى. بۇ سەۋەبتىن، چىن ھۆكۈمەت ئادەملىرى بىزنى ۋاقىتلىق ھىمايە قىلىش ۋە بىر تەرەپتىن ھەرىكىتىمىزگە مۇمكىن قەدەر شارائىت يارىتىپ بەرگەندەك قىلىپ بىزنى ئالداپ، ھەرىكىتىمىزنى نەتىجىسىز قىلىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى چۈشەندۇق.

گېنېرال جاڭ بىر كۈنى مەن، مەسئۇد ئەپەندى ۋە ئىيسا ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن شەخسىي بىر سۆھبىتىدە روس كونسۇلنىڭ بىزنىڭ مىللىي ھەرىكىتىمىزدىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىدىن بىزگە خەۋەر بەردى ۋە چىن ھۆكۈمىتىنىڭ بىزنىڭ مىللىي ھەرىكىتىمىزگە قارشى ئەمەسلىكىنى، تۈركىستاندىن روس تەھدىدى يىراقلاشمىغىچە بىزنىڭ چىندىن ئايرىلماسلىق پرىنسىپىمىزغا جىددى تەرەپدارلىقىنى بايان قىلدى. بىزمۇ بۇ پرىنسىپىمىزدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق. بىراق خەلق ئۈستىدىكى ئېغىرچىلىقلارنى تۈگىتىش ۋە ئەسكەرلەرنىڭ سىياسىي ئىشلارغا ئارلاشماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق. شۇنداقلا، ناچار ئەسكىرىي ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى تېزدىن ئىشتىن چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدۇق. بۇنىڭغا گېنېرال ۋەدە بەردى.



ئىلى ئىنقىلابى رەھبەرلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىم



بۇ ماۋزۇدا يەنە ئۈرۈمچىگە يېڭى كەلگەن كۆنلىرىمگە قايتىمەن.

بىز ئۈرۈمچىگە كېلىشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئىلىدىن ئۈچ كىشىلىك بىر سۈلھى مۇزاكىرە ھەيئىتى (ۋەكىللىرى) ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئىكەن. بىز ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن، 10 – ئاينىڭ 20 – كۈنى بۇ ھەيئەت بىلەن بىرىنچى قېتىم كۆرۈشتۇق. ھەيئەت رەھىمجان، ئۇبۇلخەير تۆرە ۋە ئەخمەتجانلاردىن ئىبارەت ئىدى. بۇ ھەيئەتنىڭ مۇزاكىرە ماددىلىرىدا مۇستەقىللىق ياكى ئالىي مۇختارىيەتتەك تۈركىستانغا بىر سىياسىي ئورۇن تەمىن قىلدۇرىدىغان سۆزلەر يوق ئىدى. پەقەت تۈركىستاندا ئومۇمىي ۋالىي ۋە ھاكىملارنى خەلق سايلىمى بىلەن بەلگىلەش، مائارىپ تىلى ۋە رەسمىي تۈركچە ۋە چىنچە بولۇش؛ ئومۇمىي كەچۈرۈم ئېلان قىلىش ۋە بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك تەلەپلەردىن ئىبارەت ئىدى. بىز بۇ ھەيئەت بىلەن بىرىنچى قېتىم كۆرۈشكىنىمىزدە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشنى ۋە ھېچ بولمىغاندا ئالىي مۇختارىيەت تەلەپ قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدۇق. ئۇلار بۇ تەۋسىيەلىرىمىزنى ناھايىتى توغرا تاپقانلىقلىرىنى بىلدۈردى ئەمما بۇ ئەمەلىيەتتە كۆرۈلمىدى.

ھەيئەتنىڭ گېنېرال جاڭ بىلەن كۈنلۈك مۇزاكىرە قىلىشتىن بۇرۇن ۋە مۇزاكىرىدىن كېيىن، روس كونسۇلخانىسىغا بېرىشى، تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئەندىشە قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە ئىدى. چۈنكى، بۇلارنىڭ سۈلھى مۇزاكىرىسى روسلارنىڭ يوليورۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. بىز تۈركىستان سۈلھى مەسىلىسىدە روس كونسۇلى بىلەن مۇزاكىرە قىلدۇق ۋە: «ھېچ بولمىغاندا ئالىي مۇختارىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن، ئىلى ۋەكىللىرىنىڭ مۇزاكىرە پروگراممىسىدا بۇ تەلەپلەرنىڭ يوقلىقى بىزنى قاتتىق قايغۇغا سالماقتا» دېدۇق. كونسۇل بىزنىڭ بۇ پىكرىمىزنى ئىلى ۋەكىللىرىگە يەتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالمىدى. بەلكى ئىلى ھەيئىتىگە بۇ پىكرىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ بېرىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بۇنىڭدىن شۇنى چۈشەندۇقكى، روس ھۆكۈمىتى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ياكى چىنغا تەۋە بىر مۇختارىيەت دەرىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالىمايدىكەن. روس ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى تۈركىستان خەلقىنىڭ چىن بىلەن داۋاملىق كۈرەش ئىچىدە بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ ئۆزى ئۈچۈن ھەر دائىم تۈركىستان ئىشلىرىغا ئارىلىشىش يولىنى ئېچىپ قويۇش يەنى تۈركىستاننى كوزىر قىلىپ چىن ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىش ئىكەن.

سەكسەن كۈن داۋام قىلغان سۈلھى مۇزاكىرە داۋامىدا ئىلى ۋەكىللىرىگە يۇقىرىقى تەۋسىيىمىزنى بېرىشنى داۋام قىلدۇق ھەمدە يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمدەك، ئالىي مۇختارىيەت داۋاسى ۋە مىللىي تەشكىلات ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇردۇق. بۇنىڭدىن روسلارنىڭ چۆچۈپ كەتكەنلىكلىرىنى يۇقىرىدا بايان قىلدىم. ئىلى ھەيئىتىمۇ بىز بىلەن كۆرۈشكەندە بەك ئىھتىياتچانلىق بىلەن سۆز قىلىدىغان بولۇپ قالدى. 1946 – يىلى 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنى سۈلھى كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى ئىمزالىنىپ، بىر قىسمىدا كېلىشەلمەي مۇزاكىرە ئۈزۈلۈپ، ئىلى ھەيئىتى قايتىپ كەتتى.

گېنېرال جاڭ چۇڭچىڭغا قايتىدىغان بولدى. بىزنىمۇ چۇڭچىڭغا بىرگە قايتىشقا دەۋەت قىلدى. مەسئۇد ۋە ئىيسا ئەپەندىلەر كەتمەكچى بولدى. ئەمما مەن تۈركىستاندا قېلىشتا چىڭ تۇردۇم. گېنېرال جاڭ بەك ئوچۇق ۋە قەتئىي ھەرىكەتلەردە بولماسلىقىم شەرتى بىلەن قېلىشىمغا قوشۇلدى. گېنېرال قايتىشتىن بۇرۇن تۈركىستاندا كەلگۈسىدە قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىلىي ۋە ئىدارىي سىستېمىسى ئۈچۈن بىر قانۇن لايىھەسى تەييارلىشىمنى تەلەپ قىلدى. 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنى پۈتۈن ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىكتە چۇڭچىڭغا كەتتى.

مەن ئۈرۈمچىدە يالغۇز قالغان مەزگىلىمدە مېنى كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ ئاز – تولا ھىمايە قىلىدىغان ھۆكۈمەت ئادەملىرىدىن ھېچكىم قالمىغان ئىدى. ۋالىي ۋۇ جۇڭشىن باشلىق پۈتۈن ھۆكۈمەت خادىملىرى ماڭا دۈشمەن كۆزى بىلەن قاراپ، پۈتۈن ھەرىكەتلىرىمنى جاسۇسلار ماراپ تۇراتتى. مۇنداق بولۇش بىلەن بىرلىكتە ئۆيۈم ئىلغار كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي بىر يىغىلىش ئورنىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. بۇ ئەھۋالدىن مەن ياشلارنىڭ مىللىي ۋە سىياسىي ئىدىيىسىنى تەربىيلەش ئۈچۈن خېلى كەڭ پايدىلىنالىدىم. كۆڭلۈمدە ئويلىغان مىللىي بىر تەشكىلاتقا ئەزا بولىدىغان ياشلارنىڭ بىر تىزىملىكىنى تەييارلىدىم ۋە بۇلارغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئىشلارنى شەپە چىقارماي بېجىردۇق. بۇ مەزگىلدە ۋۇ جۇڭشىن ۋالىيلىقتىن ئېلىنىپ چۇڭچىڭغا كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ماڭا ھەرىكەت قىلىش ئىمكانى بىر ئاز چوڭايدى.

5 – ئاينىڭ 3 – كۈنى گېنېرال جاڭ تۈركىستانغا ۋالىي ھەم غەربىي شىمال ئۆلكىلىرىنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي باشلىقى بولۇپ كەلدى. مەسئۇد ئەپەندى ۋە ئىيسا ئەپەندىلەرمۇ بىرگە كەلدى. گېنېرال جاڭ تەلەپ قىلغان قانۇن لايىھەسىنى 96 ماددىلىق قىلىپ تەييارلىغان ئىدىم. ئۇنى تاپشۇردۇم (1946 – يىلى 7 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چىقىرىلغان «تۈركىستان سىياسىي ئىشلىرى قوللانمىسى» دەپ مەشھۇر بولغان قانۇننىڭ ئاساسىي ماددىلىرى بۇ لايىھەدىن ئۆز پىتى ئېلىنغان ماددىلار ئىدى).

يولداشلىرىم چۇڭچىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىر مىللىي تەشكىلات قۇرۇشنىڭ پەيتى يېتىپ كەلگەن ئىدى. مەقسىتىمىز، تۈركىستان مىللەتچى پارتىيسىنى قۇرۇش ئىدى. لېكىن، چىن ھۆكۈمىتى ۋە روسلار بۇنىڭغا قاتتىق قارشىلىق قىلغانلىقتىن بىرىنچى قەدەمدە پارتىيە قۇرماسلىق ۋە باشقا بىر ئىسىم بىلەن بىر تەشكىلات قۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇق. بۇ يېڭى تەشكىلاتقا «ئالتاي نەشرىياتى» دېگەن ئىسىمنى بېرىپ، ئالتاي مەجمۇئەسى (ژۇرنىلى) چىقىرىشقا باشلىدۇق. بۇ ئىدارە ئاستىدا «ئەرك» گېزىتى چىقاردۇق. ھەر سىنىپتىكى كۆپچىلىك خەلققە سىياسىي ۋە مىللىي بىلىملەرنى بېرىشتە بۇ نەشرىياتىمىز بىر مىللەتچى پارتىينىڭ تەشۋىقات ئورگىنى رولىنى ئويناۋاتقانلىقى ئۈچۈن چىن، روس ۋە ئىلى تەرەپ بۇنى ئۇزۇنغا قالماي سىزىۋالدى. ئەمما كۆپچىلىك خەلق بىز تەرەپتە بولغانلىقتىن ھەرىكىتىمىز ۋە سىياسىي پرىنسىپلىرىمىزنىڭ تىنچلىقپەرۋەرلىك مەيدانى بولۇشى نەتىجىسىدە قارشى تەرەپ ئاشكارا بىر توسالغۇ چىقىرالمايتتى .

6 – ئاينىڭ 6 – كۈنى، چىن ھۆكۈمىتى بىلەن ئىلى ھەيئىتى ئارىسىدا سۈلھى (بىتىم) نىڭ پۈتۈن ماددىلىرى ئىمزالاندى. بۇ سۈلھى كېلىشىمىگە مۇۋاپىق تۈركىستان قانۇنىي بىر سىياسىي ئورۇنغا (باشقا ئۆلكىلەرگە كۆرە ئالاھىدە ئىمتىيازغا) ئىگە بولالمىدى. بۇ كېلىشىمنىڭ مۇھىم ماددىلىرى مۇنداق ئىدى: تۈركىستان ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى 52 ئەزادىن تەشكىل قىلىنىپ، 10 ئەزا (رەئىس، باش كاتىپ، مالىيە، ئىچ ئىشلار، ئىجتىمائىي نازارەتلەر بۇنىڭ ئىچىدە) چىنلىقلاردىن، قالغان 15 ئەزا (ئىككى مۇئاۋىن رەئىس، مائارىپ، تەمىرات ۋە سەھىيە نازارەتلىرى بۇنىڭ ئىچىدە) تۈركىستان ئاھالىسىدىن بولىدۇ. تاشقى ۋە ھەربىي ئىشلار بىۋاستە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئىشلار بىلەن ھېچ ئالاقىسى بولمايدۇ. ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنىڭ 12 مىڭ ئەسكىرى دۆلەت ئەسكىرى بولۇپ، ئىلى، چۆچەك ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىدە تۇرىدۇ. ناھىيىنىڭ ھاكىملىرىنى خەلق سايلايدۇ. ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە خەلق تەرىپىدىن سايلىنىدىغان بىر مەجلىس نازارەت قىلىدۇ.

مەن بۇ ھەيئەتكە، بۇ كېلىشىمدىن رازى ئەمەس ئىكەنلىكىمنى ئېيىتتىم. ئىلغار پىكىرلىك ياشلارغىمۇ بۇ كېلىشىمنىڭ تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقىغا توغرا بىر كاپالەت ۋە تىنچلىققا بىر زامانەت (زاكالەت) بېرەلمەيدىغان ئەھمىيەتسىز بىر نەرسە بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئىلى ئىنقىلاب رەھبەرلىرى بىلەن ئارىمىز بۇزۇلدى. ئۇلار خەلقنىڭ كۆزىنى بوياش ۋە بىزنىڭ سىياسىي پرىنسىپلىرىمىزنى خەلققە يامان كۆرسىتىش ئۈچۈن، روس ئۇسۇلىدا بىر يالغان داۋا، قارىلاش (بۆھتان) ئويدۇرۇپ چىقىپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. ئۆزلىرىنى «مۇستەقىلچى» دەب ئىزنى «خىتايچى» دېيىشتى.

بۇ كۈلكىلىك داۋا ۋە قارىلاشنى تۈركىستاندىكى روس بەشىنجى قوللىرى بار كۈچى بىلەن تارقىتىشقا باشلىدى. مەن ۋە ئىيسا ئەپەندى ۋە بىزگە ئەگەشكەن مىللەتچى ياشلار ئۇلارغا قارشى قاتتىق مۇداپىئە ھالىتىدە ئىدۇق.

1946 – يىلى 7 – ئايدا تەشكىل قىلىنغان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتە مەن تەمىرات نازىرى بولدۇم. ئىلى تەرەپ بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ مۇۋەپپىقەيەت قازىنالمىدى. ئىلى رەھبەرلىرى بىزگە قىلغان قارشىلىقلىرىدا مۇۋەپپىقەيەت قازىنالمايدىغانلىقىنى كۆردى. كۆزى ئېچىلغان مىللەت ئۇلارنىڭ روس تەرەپتارلىرى ئىكەنلىكىنى ئوڭايلا بىلىۋېلىپ ئۇلارغا يېقىنلاشمىغانلىقى كۆرۈلىدۈ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىلى رەھبەرلىرى بىز بىلەن كېلىشىش (ئىتتىپاقلىشىش)قا مايىل بولۇشقا باشلىدى. ئىلى ئىنقىلابچىلىرىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان (مۇئاۋىن رەئىس) بىز بىلەن كېلىشىش ئۈچۈن مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلدى. 3 سائەتلىك بىر مۇزاكىرىدىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپ بىر – بىرىمىزنىڭ سىياسىي پرىنسىپلىرىمىزگە قارشى تەشۋىق قىلماسلىق، خەلق ئۈستىدىكى چىن زۇلمىنى يوقىتىش ۋە تۈركىستاننىڭ مەدەنىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئائىت مەسىلىلىرىدە ھەمكارلىشىشقا قارار قىلدۇق.

مەجلىسلەردە ۋە ئەمەلىي ئىشلاردا بۇ ھەمكارلىق ئوچۇق ئىپادىسىنى تاپماقتا ئىدى. ئەمما، سىياسىي مەسلەك (پرىنسىپ) جەھەتتە پەرقلىرىمىزنى ھەر ئىككى تەرەپ قەتئىي ساقلاپ كەلمەكتە ئىدۇق. خەلق ئۈستىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ قانۇنسىز زۇلمى، چىن ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىشى، چىنلىقلارنىڭ يەرلىك ئەسكى كىشىلەرنى ئىش بېشىغا چىقىرىش تەشەببۇسلىرى، تۈركىستاننىڭ مالىي، مەدەنىي ۋە ئىقتىسادىي ئىشلىرىدا چىنلىقلارنىڭ توسقۇنلۇقلىرى قاتارلىق ئىشلاردا ئىلى ئىنقىلاب رەھبەرلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ چىنلىقلارغا قارشى كۈرەش قىلماقتا ئىدۇق. خەلققە مىللىي تەربىيە بېرىش، مۇختارىيەت يولى بىلەن ئاستا – ئاستا بىخەتەر مۇستەقىللىق يولىغا قاراپ ھەرىكەت قىلىش ئىشلىرىدا ھەم ئىلى ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ھەم چىنلىقلارغا قارشى ئىدىم. روس ئىستىلاسىغا قارشى ھەرىكەتتە چىنلىقلار بىلەن بىرلىشەتتۇق.

چىنلىقلار مېنىڭ ئىلى رەھبەرلىرى بىلەن يۇقىرىقىدەك ھەمكارلىقىمغا قاتتىق نارازى بولۇپ، تەھدىت يولىنى تۇتتى. پۈتۈن تۈركىستان بويىچە مېنىڭ نازارىتىمدىكى يۈزلەرچە كىشىنى تۈرلۈك بۆھتانلار بىلەن تۇتۇپ، قاماققا ئالدى. بىر قانچىسىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى. مەن چىنلىقلارغا شۇ تەلەپنى قويدۇم: «مەن ئىلى رەھبەرلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان مەسلىلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلسۇن ۋە قاماقتىكىلەر قويۇپ بېرىلسۇن. بۇ شەرتلەر ئورۇنلانغاندا مەن ئىلى رەھبەرلىرى بىلەن ھەمكارلاشمايمەن.» لېكىن، چىنلىقلار بۇنىڭغا يېقىن كەلمىدى. مەنمۇ ئۆز يولۇمغا داۋام قىلدىم.

ئىلى ئىنقىلاب رەھبەرلىرى تۈركىستاندا ئۆز پايدىلىرىغا تەشۋىقات يۈرگۈزۈش ئىشلىرىغا جىددىي كىرىشمەكتە ۋە چىنلىقلار بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئالماقتا ئىدى. پەقەت تەشۋىقات يولى بىلەن بىر نەتىجە چىقمايدىغانلىقىنى كۆرگەن ئىلى رەھبەرلىرى 1947 – يىلىدىن باشلاپ، روس ئۇسۇلى بويىچە ھەر يەردە قالايمىقانچىلىق چىقىرىش ۋە زىيان يەتكۈزۈش ھەرىكەتلىرى باشلاتتى. چىنلىقلار بۇنىڭ بىلەن ھەربىي تەدبىر ئالدى. مىڭلارچە تۈركىستانلىق ئۆلتۈرۈلدى ۋە قامالدى. يەنە بىر تەرەپتىن چىن ھۆكۈمىتى ئىلى رەھبەرلىرىگە ۋە بۇ ۋاستە بىلەن روسلارغا قارشى بىر سىياسىي سەپ ئېلىش ئۈچۈن مىللەتچى تەرەپتىن بولغان مەسئۇد سەبرىنى 1947- يىلى 5 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمىي ۋالىي ۋە ئىيسا ئالىپتېكىننى باش كاتىب ئېلان قىلدى. ئىلى رەھبەرلىرى بۇنىڭغا نارازىلىق كۆرسەتتى. مەن، مەسئۇد ئەپەندى بىلەن ئىلى رەھبەرلىرىنى كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ بىر ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا ھەرىكەت قىلدىم. ھەر ئىككى تەرەپ پىكرىمنى قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ ئىتتىپاقلىشىشقا باشلىغاندا روس ۋە چىنلىقلار بۇنى قوبۇل قىلمىغانلىقتىن يېڭى باشلانغان ئىتتىپاق بۇزۇلدى. ئىلى تەرەپنىڭ دەھشەت سېلىشلىرى ۋە قارشى تەشۋىقاتلىرى كۈچىيىشكە باشلىدى. چىنلىقلار پۈتۈن يۇرتتا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلدى. نەتىجىدە 8 – ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئىلى رەھبەرلىرى بىر قىسىم تەۋەلىكلىرى بىلەن روس ئايروپىلانلىرىغا ئولتۇرۇپ ئىلىغا كەتتى. چىن ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، شىمالدا قولئاستىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىلى، ئالتاي ۋە چۆچەكتە ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلىدى.

مەن بۇ كۈنلەردىن ئېتىبارەن رەسمىي ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىن باشقا مىللىي ئىشلارغا جىددىي كۆڭۈل بۆلمەكتە ئىدىم. مەسئۇد ئەپەندى بىلەن ھەمكارلىقىم يوق دېيەرلىك ئىدى. چۈنكى ئۇ، ئومۇمىي ۋالىي بولغاندىن كېيىن، نېمە سەۋەاتىن بولسا بولسۇن مىللەت پايدىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. ئىيسا ئەپەندى جىددىي بىر سەپدىشىم ۋە ھارماس ئىش يولدىشىم ئىدى. ئىلى ئىنقىلاب رەھبەرلىرى كەتكتەندىن كېيىن، بىز مىللەتچى گورۇپپىغا بىر قەدەر ئىش مەيدانى كېڭەيگە بولدى. لېكىن، بىر تەرەپتىن گېنېرال جاڭ مەسئۇد سەبرىنىڭ مىللەتچىلىكتىن مەنسەپكە بەكرەك بېرىلگەنلىكىدىن پايدىلىنىش ۋە ئىلى تەرەپ بار چاغدا قىلالمىغان بەزى ئىشلىرىنى مەسئۇد سەبرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن قاتتىق بىر كۈرەشكە كىرىشىشكە مەجبۇر بولدۇق. بىر ھۆكۈمەت مەجلىسىدە گېنېرال جاڭنىڭ قانۇن لايىھىسىگە مەن قاتتىق قارشىلىق بىلدۈردۈم. ئۈچ سائەت قاتتىق تالاش – تارتىش بولدى. يالغۇز ئىيسا ئەپەندى مېنىڭ پىكرىمنى قوللىماقتا ئىدى. گېنېرال جاڭ مېنى ۋە ئىيسا ئەپەندىنى چاقىرىپ يەتتە سائەت داۋام قىلغان بىر شەخسىي سۆھبەتتە، ھەر خىل قورقۇتۇشلار بىلەن پائالىيىتىمىزنى توختىتىشقا ئۇرۇندى. بىز ئېنىق پوزىتسىيىمىز بىلەن جاۋابىمىزنى بىلدۈرۈپ چىقىپ كەتتۇق. شۇ كۈنى ھەرىكىتىمىزنى تېخىمۇ داۋاملاشتۇرۇشقا قەتئىي قارار قىلدۇق.

ئەتىسى گېنېرال جاڭ ئۆيۈمگە كېلىپ ماڭا تەسەللىي بەردى. بىر قانچە كۈندىن كېيىن، گېنېرال باش كاتىبى لىيۇ ئارقىلىق مېنى نەنجىڭغا بېرىشقا دەۋەت قىلدى. بېرىشىمغا كۆرسەتكەن سەۋەبى شۇ ئىدى: «تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مالىيەسى يەتمەيدۇ. بۇنىڭغا مەركىزى ھۆكۈمەت ياردەم قىلماقچى. ئەلۋەتتە بۇ مالىي ياردەمنى مەركەزدىن تەلەپ قىلىش تەمىرات نازارىتىنىڭ ۋەزىپىسى. شۇنىڭ ئۈچۈن نەنجىڭغا بېرىپ، مەركىزى ھۆكۈمەت كىشىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ كەلسىڭىز ياخشى بولىدۇ» دېدى. مەن بۇ دەۋەتنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم. 9 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ئايروپىلان بىلەن يولغا چىقىپ ئەتىسى نەنجىڭغا باردىم. مارشال جاڭ كەيشىك بىلەن ئىككى قېتىم كۆرۈشتۈم. ھەر ئىككى قېتىمدا مارشال جاڭ كەيشىك: «تۈركىستاننى خەلقنىڭ ئىرادىسىگە بېرىمىز. ھازىر بىر مۇنچە سىياسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىز لازىم. بۇ مەسلىلەر ھەل بولغاندىن كېيىن، تۈركىستان پۈتۈنلەي ئۆز ئاھالىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ» دېدى.

مەركەزدە باشقا پۈتۈن دۆلەت ئەربەبلىرى بىلەن بىر قانچە قېتىمدىن كۆرۈشتۈم. تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىنىڭ بەك ئارقىدا قالغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردۈم، مالىي ۋە تېخنىك ياردەم تەلەپ قىلدىم. كۆرۈنۈشتە قوبۇل قىلدى. لېكىن، ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى بەش ئاي كۈتتۈم. نەتىجىدە قولۇمغا ھېچنەرسە كەلمىدى. ئاخىرىدا چۈشەندىمكى، مېنى نەنجىڭغا دەۋەت قىلىشتىكى ئەسلىي مەقسەت، تۈركىستاندىكى پائالىيەتلىرىمنى توختىتىشتىن ئىبارەت ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈنلەي مەيۈس بىر ھالدا 1948 – يىلى 3- ئاينىڭ 22 – كۈنى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىم. پەقەت، نەنجىڭدىكى ۋاقتىمدا بەزى مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىدىن كۆپ مىقداردا كىتاپ ئەكەلدۈرۈۋالغانلىقىم بىر پايدىلىق ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مەن قايتىشتىن بۇرۇن ئىيسا ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۈرۈمچىدە «بىلىم جەمئىيتى» نامىدا بىر مۇئەسسىسە قۇرۇلغان ئىكەن. مەن كەلگەندىن كېيىن، بۇ جەمئىيەت بىر تەرەپتىن ئىلمىي خىزمەتكە، يەنە بىر تەرەپتىن مىللەتچىلىك سىياسىتىمىزنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىمىزغا چوڭ خىزمەت كۆرسەتتى. ئاز كۈندە بىر قانچە ۋىلايەت ۋە ناھىيىلەردە مۇنداق جەمئىيەت ۋە ئۇيۇشمىلار قۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈركىستان «تۈرك مىللەتچى پارتىيسى» قۇرۇلغان بولدى. تۈركىستان مىللىي پارتىيسىنىڭ سىياسىي پرىنسىپى ھازىرچە تۈركىستاننىڭ تاشقىي سىياسىتى ۋە ئومۇمىي مۇداپىئەسى مەركىزى ھۆكۈمىتى (گومىنداڭ)نىڭ ئىدارىسىدە بولۇپ، باشقا ئىشلىرىنىڭ پۈتۈنلەي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز ئىدارىسىغا ئېلىنىش مەنىسىگە كېلىدىغان ئالىي مۇختارىيەت ئېلىش. بۇ مۇختارىيەت سايىسىدە تۈركىستان خەلقىنىڭ مەدەنىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سەۋيىسىنى مۇستەقىللىققا لايىق بىر دەرىجىگە كۆتۈرۈش. ئىككىنچى قەدەمدە، مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. چىن ھۆكۈمىتى پارتىيىمىزنى رەسمىي ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، «مىللەتچى گورۇپپا» ئىسمى بىلەن بىلمەكتە ئىدى ۋە بۇ پارتىيە ياكى گورۇپپىنى تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەقىقىي ۋەكىلى دەپ بىلمەكتە ئىدى. بۇ پارتىينىڭ تەبىئىي باشلىقى مەن ئىدىم ۋە ئىيسا ئەپەندى ئىككىنچى رەئىس ئورنىدا ئىدى. گېنېرال جاڭ ۋە بەزى دوستلار مېنى «تۈركىستاننىڭ گەندىسى» دەيتتى. بۇ خىتابتىن پەۋقۇلئاددە خۇرسەن ئىدىم. گەندىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدىكى پائالىيەتلىرى ۋە ئاخىرىقى مۇۋەپپەقىيىتى كۆز ئالدىمدا گەۋدىلىنەتتى ۋە ئۈمىدلىرىم كۈچلىنەتتى.

چىن ھۆكۈمەت ئادەملىرىنىڭ پائالىيەتلىرىمىزگە قىلغان قارشى سىياسىي پائالىيەتلىرى خەلقنى جەلپ قىلىدىغان ماھىيەتتىن يىراق، ئالداش ۋە بىر تەرەپتىن قورقۇتۇش سىياسىتى ئىدى. بۇ سىياسەتنى گېنېرال جاڭنىڭ چىنلىق ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا سىياسەت پايدىلىنىش ماتېرىيالى شەكلىدە مەخپىي تارقاتقان «بۈگۈنكى شىنجاڭ مەسلىسى ۋە بىزنىڭ پوزىتسىيەمىز» ناملىق كىتاپتا بەك ئوچۇق كۆرسىتىدۇ. پۇرسەت تاپسام، بۇ كىتاپنى تەرجىمە قىلىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تەقدىم قىلىمەن. ھەقىقەتەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مارشال جاڭكەيشىك باشلىق چىننىڭ مەسئۇل ۋە ئىلغار دۆلەت ئادەملىرىنىڭ تۈركىستانغا مۇختارىيەت بېرىش ۋەدىسى قۇرۇق ۋەدە ئىكەنلىكى ياكى ۋاقىتلىق بىر ئالدامچىلىق ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ۋەدىگە خىلاپ ئىشلىرى بىلەن ئىسپاتلىنىپ كەلمەكتە ئىدى. چىن ئەمەلدارلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىمگە قارشى ئېلىپ بارغان قانۇنسىز قارشىلىقلىرىنىڭ بىر قانچە مىسالى:

1. 1946 – يىلى 10 - ئاينىڭ 4 – كۈنىدىن 1947 – يىلى 2 – ئاينىڭ 2 – كۈنلىرى ئارىسىدا قەشقەر، يەركەن ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىگە قىلغان ساياھىتىم جەريانىدا قايسى شەھەرگە بارسام تولۇق ياكى يېرىم ھەربىي ھالەت ئىجرا قىلىنىپ، ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنى ئىشقا سېلىپ خەلقنىڭ مەن بىلەن ئالاقە قىلىشىنى توستى. مەزكۇر ساياھىتىمدە كېرىيىگە باردىم ۋە ئۇ يەردە بىر خەلق يېغىنى ئېچىلدى. 10 مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشقان بۇ يېغىندا مەن نۇتۇق سۆزلەپ تۇرغان ھالەتتە كېرىيىنىڭ ھەربىي قۇماندانى يۈز بېشى سۇڭ مەجلىسكە قارىتىپ ئوق چىقىرىپ يەتتە كىشى ئۆلدى.

2. لوپتا مەن بىلەن ئالاقىلاشقان ۋە سىياسىتىمنى تەشۋىق قىلغان ياشلاردىن بىرىنى تاياق بىلەن، يەنە بىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. خوتەندە شەخسىي كاتىبىم ئابدۇلمىجىدنى ھەربىي قۇرال – ياراق ئامبىرىغا قامىدى.

3. قاراقاشتا مەۋلىۋىي مۇھەممەد نىياز باشلىق 200 دىن ئارتۇق تەرەپتارلىرىمنى بىر يېرىم يىل قامىدى. 4 ـ ئايغىچە قاراقاشتىكى تەرەپتارلىرىم ئۆيدىن تاشقىرىغا چىقسا ئۇرۇپ يارىدار قىلىش ئەھۋاللىرى داۋام قىلدى.

4. خوتەن ۋە گۇمىدا تۆت يۈزگە يېقىن تەرەپتارلىرىمنى ئىككى يېرىم يىلدىن ئالتە ئايغىچە قامىدى.

5. خوتەندە قوماندان لىيۇ ۋە ۋالىي خادۇڭباڭنىڭ بىر ساقچى ۋە بىر چىنلىق ئەسكەرنى مېنى سۈيقەست قىلىپ ئۆلتۈرۈشكە تەيىنلىگەنلىكى پاش بولدى.

6. ئۈرۈمچىدە باش قوماندان سۇڭ شىلىياڭنىڭ ماڭا قىلغان تەھدىت ۋە ھاقارەتلىرى بەك ئېغىر ئىدى.

1948 – يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە مىللىي ھەرىكىتىمىز كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، بۇرۇنلاردا چىن ھۆكۈمەت ئادەملىرىدىن قورقۇپ بىزدىن چىكىنگەن نوپۇزلۇق كىشىلەر بىز بىلەن بىرلىشىشكە باشلىدى. چىن ھۆكۈمەت ئادەملىرىنىڭ مۇئامىلىسىمۇ كۈچلۈك بىر ئۆكتىچى پارتىيىگە قىلىدىغان ھالغا كېلىپ، كۈندىن – كۈنگە نورمال بىر مۇناسىۋەت پەيدا بولۇشقا باشلىغان ئىدى.



يەنە ھىجرەت



1949 – يىلىنىڭ باشلىرىدا چىن كوممۇنىستلىرى قەتئىي غالىپ ۋەزىيەتكە يېتىپ كەلگەندە چىن ھۆكۈمىتى تۈركىستاندا سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىش قارارىغا كېلىپ، روس دۈشمىنى مەسئۇد سەبرىنى ئومۇمىي ۋالىيلىقتىن چۈشۈردى. ئۇنىڭ ئورنىغا بۇرھاننى ئومۇمىي ۋالىي قىلىپ بەلگىلىدى. بۇرھان بولسا مۇندىن 35 يىل بۇرۇن روسىيەنىڭ تاتارىستان ئۆلكىسىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ يەرلەشكەن بىر روس پۇقراسى. مەسلەكسىز ۋە ۋىجدانسىز بىر ئادەم بولۇپ، 30 يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەت ئىدارىلىرىدا خىزمەت قىلىپ كەلگەن ۋە خەلقنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغان بىر سېتىلمىدۇر. ئۇزۇن زاماندىن تارتىپ روس كونسۇلخانىسىغا جاسۇسلۇق بىلەن خىزمەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىم چىن ھۆكۈمىتى روسلارنى خۇش قىلىش ئۈچۈن بۇرھاننى ئومۇمىي ۋالىي قىلدى. بۇ ئۆزگىرىشتىن خەلقىنىڭ قورقۇپ كېتىشىدىن ۋە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئازايتىشقا مەجبۇر بولغان چىن ھۆكۈمىتى مېنى مۇئاۋىن ئومۇمىي ۋالىيلىققا تەيىنلىدى.

بۇرھان ۋالىي بولار – بولماس تۈركىستان مىللىتىنىڭ مەنپەئىتىنى چىنلىقلارغا ۋە يەنە بىر تەرەپتىن روسلارغا سېتىش ھەرىكىتىگە كېرىشتى. مەن مىللەتچى پارتىيىمىز بىلەن بىرلىكتە قارشى سەپ ئېلىپ 8 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە بۇرھاننىڭ خىيانەتلىرىنى نەتىجىسىز قىلماقتا ئىدۇق. بۇ يىل ئىچىدە تۈركىستان سىياسىتىدە ئەڭ مۇھىم رولۇم، تۈركىستان – سوۋېت تىجارەت ۋە ئىقتىسادىي كېلىشىمى مۇزاكىرىسىدە كۆرۈلدى.

8 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا چىن كوممۇنىستلىرى تۈركىستان بىلەن تۇتاش بولغان گەنسۇ ۋە چىڭخەي ئۆلكىلىرىنى ئېلىپ، تۈركىستان چېگرىسىغا يېقىنلاشتى. بۇ ھالدا بىر يېرىم يىلدىن بۇيان بىر – بىرلەپ ھەرىكەتتىن قالغان روس تەرەپتارلىرى پائالىيەتكە كىرىشتى. ئۇلار بىزگە قارشى دۈشمەنلىك، سۈيقەست ۋە ھاقارەتتىن ئىبارەت بولغان كوممۇنىست بۇزغۇنچىلىرىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن مەيدانغا چىقتى. مىللەتچى ياشلارنى ئۇرۇش – تىللاش ئىشلىرى كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىشكە باشلىدى. چىن ھەربىي قوماندانى گېنېرال تاۋ بىلەن بۇرھان كوممۇنىستلارغا تەسلىم بولىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكە ئالدىرىغىلى تۇردى.

ئۇزۇندىن بۇيان بىز بىلەن دوست بولۇپ كەلگەن ئاتلىق دېۋىزىيە قۇماندانى گېنېرال ما جىڭشاڭ ۋە يەنە بىر قوماندان گېنېرال يېچىڭ كوممۇنىستلارغا تەسلىم بولۇشقا قارشى چىقتى ۋە بىز بىلەن بىرلەشتى. ئۈرۈمچىدە پۈتۈن ئۆكتىچى كۈچلەردىن كۆپ ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچكە ئىگە بولدۇق. دۈشمەنلىرىمىز جىمجىت بولۇشۇپ قورقۇ ئىچىگە چۈشتى. بۇ ئىككى گېنېرال بىلەن بىرلىشىپ تۈركىستاننىڭ جەنۇپ قىسمىدا مۇستەقىل ھالدا تۇرۇپ، كوممۇنىستلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مۇزاكىرە قىلدۇق. لېكىن، بىر تەرەپتىن چىن كوممۇنىست ئەسكەرلىرى يەنە بىر تەرەپتىن روس ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇزۇن مۇددەت قارشى تۇرالماسلىقىمىز ئېنىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇ ھەقتە بىر قارارغا كېلىش مۇمكىن بولمىدى. بۇ ئىككى گېنېرال ئەسكەرلىرىنى تۈركىستان باش قوماندانىغا تاپشۇرۇپ بېرىپ ئۆزلىرى پاكىستان ياكى ھىندىستان يولى بىلەن تەيۋەنگە كېتىشكە قارار قىلىشتى.

ئۈرۈمچىگە يېقىن تاغلاردا مەشھۇر قازاق رەھبىرى ئوسمان باتۇر ۋە قالىبېكلارنىڭ تۆت مىڭغا يېقىن قۇراللىق كۈچى بار ئىدى. كوممۇنىستلارغا قارشى ئۇلار بىز بىلەن تولۇق بىرلىكتە ئىدى. ئوسمان باتۇر ۋە قالىبېكلار مېنى تۈركىستاننىڭ بىر ئىنقىلاب رەھبىرى دەپ تونۇيتتى. بۇلار بىزنى تاغقا چىقىشقا ۋە بىرلىكتە كوممۇنىستلارغا قارشى ئاخىرقى نەپەسكە قەدەر ئۇرۇش قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

بىزگە يالغۇز شۇ ئىككى يول بار ئىدى. بىرىنچىسى، ئوسمان باتۇر بىلەن بىرلىشىپ كوممۇنىستلارغا قارشى بىر قۇراللىق سەپ تۇتۇش؛ ئىككىنچىسى، ۋاقىتلىق يۇرتتىن چەتئەلگە چىقىپ، مۇمكىن قەدەر سىياسىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئىدى. بىرىنچى يولنىڭ بىر ئىنقىلابچى ئۈچۈن ئەڭ شەرەپلىك يول ئىكەنلىكىنى تەقدىرلەش بىلەن بىرگە، ئاقىۋىتىنىڭ ۋەتىنىمىز ئۈچۈن پايدىلىق بىر نەتىجە ئېلىپ كېلەلمەيدۇ دەپ قارايتتىم. چۈنكى بەش – ئون مىڭ كىشلىك قۇراللىق پارتىزانلارنىڭ ھەددى ـ ھېساپسىز چىن ۋە روس ماشىنىلاشقان كۈچلىرىگە قارشى ئۇزۇن مۇددەت ئۇرۇش قىلالىشىغا تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيلىك ۋەزىيىتى ئىمكان بەرمەيدۇ. چۈنكى، چوڭ دۈشمەنگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، بىردىنبىر شەرت چەتئەلدىن قورال ئېلىش ئىدى. تۈركىستاننىڭ جۇغراپىي ۋەزىيىتى بىرىنچى قاراشتىلا بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىنچى يول بىزنى ئېغىر ۋىجدان ئازابى ئاستىدا قالدۇرىدىغان بىر تەدبىردىن ئىبارەت ئىدى. چۈنكى، بىر ئىنقىلابچىنىڭ نىشانى يا ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ياكى بۇ يولدا جان بېرىش. لېكىن، ئىنساننىڭ پائالىيىتى ئۆلۈش بىلەن ئۆلىدۇ. ھايات ئىنسان دائىما پائالىيەت قابىلىيىتىگە ئىگە. 20 يىللىق ئىنقىلاب ۋە سىياسىي ھاياتىمدىكى تەجرىبىلىرىم ۋە ئەسرىمىزدىكى دۇنيانىڭ چوڭ ئۆزگىرىش ھەرىكەتلىرىدىن ماڭا كەلگەن ئىلھام ۋەتىنىمنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن، چوڭ پۇرسەتلەر كېلىدىغانلىقىغا قەتئىي بىر ئىمان ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ھېس قىلماقتىمەن. بىر شەرەپ قۇربانى بولۇپ ئۆلمەك قانچىلىك ئۇلۇغ بىر ۋىجدان ۋەزىپىسى بولسا، بىر چوڭ ئۈمىد يولىدا ئەمەلىي خىزمەت قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك شەخسلەرنىڭ ھاياتتا قېلىشىمۇ ئۇنىڭدىن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى مەلۇمدۇر.

مانا بۇ چۈشەنچە بىلەن ئىككىنچى يولنى تاللاپ، ئالدىمىزدا ئوچۇق بولغان بىردىنبىر ھىندىستان يولىنى تۇتۇش قارارىنى بەردۇق. 1949 – يىلى 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنىدە ئۈرۈمچىدىن ئائىلەم ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن يولغا چىقتىم. ئىيسا ئەپەندى ئەڭ كەينىدە قالغان كىشىلەر بىلەن يولغا چىقىپ، 9 – ئاينىڭ 20 – كۈنى كېچىسى بۈگۈردە ماڭا يېتىشتى. تەۋەلىرىمىز جەمئى 80 گە يېقىن كىشى ئىدى. يولدا مۇھىم بىر ھادىسىگە ئۇچرىماي، 9 – ئاينىڭ 28 – كۈنى قەشقەرگە كەلدۇق .

تۈگىدى