PDA

View Full Version : دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن 20 نەپەر جىنايەتچىگە ئوچۇق سوت ئېچىلدى



Unregistered
10-07-08, 20:26
دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن 20 نەپەر جىنايەتچىگە ئوچۇق سوت ئېچىلدى
2008- يىلى 7- ئاينى* 9- كۈنى سەھەردە قەشقەر يې*ىشەھەر ناھىيسىدە قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 10 مى* كىشى قاتناشقان ئوچۇق ئاشكارا سوتلاش يېغىنى چاقىردى. يىغىنغا «ئۈن - سىن ، رەسىم ئېلىش ئاپپىراتى » ، تېلىفۇن ، چاقماق ، سەرە*گە ، پىچاق قاتارلىقلارنى ئېلىپ كىرىش چەكلەندى.
يېغىندا ئابدۇۋىلى ئېمىن ، مۇختەر سېتىۋالدى قاتارلىق دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان 20 نەپەر جىنايەتچىگە ھۆكۈم ئېلان قىلندى.

بۇ جىنايەتچىلەر 2000- يىلدىن باشلاپ ، تىرورلۇق مەشق بازىسى قۇرۇپ ، تىرورلۇق مانىۋى ئۆتكۈزگەن . پارتلاتقۇچ بويۇملارنى ساقلىغان ، توشىغان . ئوغرۇلۇق ، بۇلا*چىلىق ، تەبلىغ قىلىش ، ئا*لاش ، قانۇنسىز ئۈن - سىن بويۇملىرىنى ئا*لاش كۆرۈش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغان. ھەمدە ش ت ئىسلام پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ ، بۆلگۈنچىلىك ، مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.

ھۆكۈم ئېلان قىلىش يېغىنىدا ئابدۇۋېلى ئېمىن ، مۇختەر سېتىۋالدىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ، دەرھال ئىجرا قىلىش ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىندى. ئۈچ نەپىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ، 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرلۈك مەھرۇم قىلىش جازاسى ھۆكۈم قىلىندى. قالغانلىرىغا 10 يىلدىن مۇددەتسىزگىچە قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى. ئۆلۈم جازاسى شۇكۈنى مىلتىق بىلەن ئېتىپ ئىجرا قىلىندى.

باشقىلارنى* يۇقارقىلارنى* قىلمىشىدىن ئىبرەت ئېلىپ ، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە بىرلىكىنى قوغداش ئې*ىنى كۆچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . </div>