PDA

View Full Version : Hittay shehrige yutkilwatqan qizlar



Sabit-Uyghur
08-07-08, 06:46
ئىچكىردىكى ئۇيغۇر پاھىشە قىزنى�* كەچۇرمىشى

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى : بۇ يازمىنى uyush ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﺳﺎﻟﻮﻧﻰدىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى(2008-07-07)
بۇنى�*دىن تۇپتۇغرا 24يىل بۇرۇنقى بۇگۇن قەشقەر شەھەر بەشكىرەم ناھىسينى�* چىلان ماكانى دەپ نام ئالغان بويلا ، تومۇز ئىسسىق كۇنلەرنى�* بىرىدە ، دۇمچەيگەن ئىككى قات مىھىربان ئانا ئاشۇ تۇمۇز ئىسسىقتا ، تونۇر بىشىدا ئى�*ىشىپ مى�* بىر جاپادا نان يىقىۋاتاتتى . تۇيۇقسىز قورسىقى مۇجۇپ ئاغىرىپ كەتتى ۋە تونۇر بىشىدىلا ھوشىدىن كەتتى . ئەتراپتىكى قوشىنلار "ۋايجان "دەپ ئەتراپقا ئولاشتى ۋە ھوشىغا كەلتۇرۇپ ئويگە كۆتۇرۇپ ئەكىردى . قورساق تىخىمۇ تولغاپ ئاغىرىپ پەقەتلا بولمىدى ۋە ئاخىرى مى�* بىر تولغۇنۇپ ، ئولۇم بىلەن جە�* قىلىپ ، بۇ دۇنياغا بىر قىزنى ئاپىردە قىلدى ( تۇغدى ) ، قىز تۇغۇلۇپ پەقەتلا يىغلىمىدى بەلكى ئۇ كۇمۇمسىرەپ تۇراتتى ، ئۇ 9ئاي 9 كۇن قورساقتا تۇرۇپ ئاخىرى ھاياتلىققا ، دۇنياغا كوز ئاچقانلىقدىن ئۆزىنى بەختلىك ھىس قىلاتتى ، تۇغۇلۇپلا دۇنيانى�* گۇزەللىكىدىن ، ھاۋاسىنى�* ساپلىقىدىن ئۇ يىغلىمىدى ، ئۇ كۇلدى . تىلىقىپ كۇلدى . مانا ئۇ قىز دەل مەن ئىدىم !
ئاتا - ئانام مىنى كوز قارچۇقىدەك ئاۋايلاپ ، پەپىلەپ چو�* قىلدى . ئائىلىمىز دىھقان ناھايتىمۇ نامرات ئىدى . بىراق مىنى ئۇلار مى�* بىر جاپادا تاپقان تەرى بىلەن ئوقۇتتى ، تىرىشتى - تىرماشتى . مەنمۇ بۇنى ھىس قىلغاندەك ھەر يىلى مەكتەپ بويىچە ئۇچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ مۇكاپاتلىنىپ تۇردۇم ۋە مەكتەپلەردە تىرىشچان ئۇلگە قىز دىگەندەك ياخشى ناملارغا ئىرىشتىم !
كۇنلەر شۇ دەقىقىدە ئۆتىۋەردى ، مەنمۇ يىلدىن يىلغا يىشىم ياشقا قوشۇلۇپ چو�* بولۇپ قالدىم . ئاتا - ئاناممۇ يىلدىن يىلغا قىرىغىلى تۇردى .
تولۇق ئوتتۇرنى پۇتتۇرۇپ ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىپ نەتىجىسىنى كۇتتۇم . ناھىيە بويىچە ئالدىنقى ئۇچىنچى قاتاردىن ئورۇن ئىلىپ نەتىجەم ئىتىھان چەك سىزىقىدىن نۇرغۇن ئىشىپ كەتكەن بولسىمۇ ، بىراق ما�*ا ھىچقايسى مەكتەپتىن چاقىرتىش كەلمىدى . يىغلىدىم ، قاقشىدىم ، بەزىدەك سارا�*دەك كۇلدۇم . مىنى�* ساۋاقداش دوستلىرىمنى�* ھەمىمىسى ئوقۇشقا كەتتى ! مەن ئاشۇ توپا ئۇچۇپ تۇرىدىغان يىزىدا چىلانلىق باغقا كىرۋىلىپ ، چىلان دەرىخى تۇۋىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇن نەلەرگىدۇر تەلمۇرۇپ ئولتۇرۇپ قالدىم .
نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كيىن مىش مىش گەپلەر تارقىلىپ مىنى�* چاقىرتىش قەغىزىمنى ناھىيەنى�* مەلۇم بىر باشلىقىنى�* قىزىغا ئالماشتۇرۇپ تاشلاپتۇمىش .چۇنكى بىز دىھقان ، ناھايتىمۇ نامرات دىھقان ، قولىمىزدىن ھىچقانداق ئىش كەلمەيدۇ ۋە ئارقا تىرىكىمىز يوق .
جەنۇپتا باشلىق نىمە دىسە شۇ ھىساپ ، دىھقان بولغان گۇناھيىمىز ئۇچۇن چوقۇم قول قۇرۇشتۇرۇپ تۇرىشمىز كىرەك . مانا بۇ بىز جەنۇپلۇقلارنى�* سىياسىي قانۇنى ! ئەگەر بويسىنمىساق يەرلىرىمىز ، باغلىرىمىز تارتىۋىلىندۇ .
جەنۇپتا ناھىيە ، يىزا ، كەنىت باشلىقلىرىمۇ خالىغان ۋاقتىدا دىققاننى�* قىزلىرىنى ئۆزىگە ۋاقىتلىق خوتۇن قىلالايدۇ . بەزى نادان ، ۋىجدانى يوق ئەرلىرىمىز كوپرەك يەرگە ئىگە بولۇش ئۇچۇن ، يىزا - كەنىت باشلىقلىرىنى�* تەمىنلىشىگە ئىرىشىش ۋە كوزىگە ياخىشى كورۇنۇش ئۇچۇن ئۆز ئاياللىرىنىمۇ ئۇلارغا سولاپ بىرىدۇ ، چۇنكى بۇ يەرنى�* باشلىقلىرى ئۆزىنى ئۇلۇغ اللادىنمۇ ئۇستۇن كۆرىدۇ . قايسى قورۇدىكى قىز ، كىمنى�* ئايالى كوزىگە ئىسسىق كورنۇپ قالسا ھامان ئۇلارنى�* بىر ۋاقتىلىق تامىقى بولماي قالمايدۇ . مانا بۇ تەكلىماكاننى�* ئىتىكىدە ، تارىم دەرياسىنى�* بويلىرىكى نامرات ، ئۇخلاۋاتقان دىھقان ئۇيغۇرلىمىزنى�* بۇرۇندىن تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان يۇشۇرۇن يەر بولۇش قانۇنى . كىم باشلىقنى قىز ۋە ئايالى بىلەن رازى قىلسا ئۇنى�* يەر تەقسىم مەسلىسى تىز ھەل بولىدۇ . بۇنى پاش قىلدىغان بىرمۇ ئۇيغۇر چىققىنى يوق . نادان ساددا ، ئاق كو�*ۇل دىققانلارمۇ ئۇلارنى كورسە نەچچە يۇز مىتىر يىراقتا تۇرۇپ ئىگىلىپ سالام قىلىپ ئۆتۇپ كەتكەندىن كيىن ئاندىن يولىغا راۋان بولىدۇ .
شۇنداق قىلىپ ئاتا - ئاتامغا ياردەملىشىپ ئۆينى�* ئىشىنى ، ئىتىز - ئىرىق ئىشلىرىنى قىلىپ كۇنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۇۋەردى . يىللار يىللارنى قوغلىشىپ يىشىممۇ چو�*ىيىپ قالدى .
ئاناممۇ كوپ قىتىم يىگىتىمنى�* بار يوقلىقىنى ئاندا مۇندا سوراپ قوياتتى ، مانا بۇ مىنى نىكاھلىنىدىغان ، ياتلىق بولدىغان ۋاقتىمنى�* كىلىپ قالغانلىقىدىن دىرەك بىرەتتى .
ئاخىرى كەنىتتىكى بىر باققال بالا بىلەن تونۇشتۇم ، ئۇ مىنى سۆيدى شۇنداق مەنمۇ سۆيدۇم ۋە سۆيۇلدۇم .مۇھەببەت شۇ تەرىقىدە چو�*قۇرلاشتى . بىر - بىرىمىزنى كورمىسەك چىدىمىدۇق . ئەلۋەتتە بىز بارلىق قەدىر قىممەت ھايانى ساقلاپ كەلدۇق ، ئۇنى توي كىچىسگە ئامانەت قىلىپ ساقلاپ قويدۇق .
مانا كۇنلەر ئۆتتى ، قابەھەتلىك كۇنلەر يىقىنلىشپ كەلدى . مىنى�* بىشىمغا بۇ چۇ�* قىسمەتنى�* كىلدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن .
سىياسەت ئۆزگەردى ، ناھىيە ، يىزا باشلىقلىرىنى�* ئۆز ئالدىغا قويغان قانۇنى مەندىن قىچىپ قۇتۇلالمىدى . ئۇلار يىزدىكى نامرات ئائىلەردىن ۋەيەنە ھەر بىر ئائىلىنى�* ئىشىندى كۇچلەرنى توپلاپ ئىچكىرگە ئەۋەتىپ ئىشلىتىپ ئائىلىنى�* قىينچىقىلىقىنى يە�*گىلىتىش ، پۇل تىپىپ كىلپ ئائىلىلەرنى�* قينچىلىقىنى ھەل قىلىپ ، يىزىنى شۇنداقلا يىزىدىكى نامرات ئائىلىلەرنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۇزىمىز دىگەن شۇئارنى تولىدۇ .
شۇ شۇئارنى�* شامىلىدا مەنمۇ شۇ بىر تۇركۇم قىزلار بىلەن شەندۇ�*غا (山东)بىر تىككۇچىلىك زاۋۇتىغا ئەۋەتىلدىم . ئاتا - ئانام، سويگەن يىگىتىم مى�* زار قاقشاپ ئاشۇ توپىلىق چىلانلىق سەھرادا ما�*ا دۇئا قىلىپ ، بالدۇراق ساق -سالامەت قايتىپ كىلىشىمنى اللادىن تىلەپ قالدى .
ئەگەر بىز بۇ يەرگە ئىشەلەمچلىككە كەلمىسەك ئائىلىمىزنى�* يىزا تەرپىدىن كوردىغان كۇنى بار ئىدى . ئامال يوق ، ئائىلىمىزنى ئويلىدىم . بىرەر يىل ئىشلاپ ئاز تولا ئىقتىساد توپلاپ تويدىن كيىن ئائىلىمىزگە ئىشلىتەرمىز دىگەن گۇزەل ئارزۇ ئارمانلار بىلەن بىر تۇركۇم قىز ئىچكىرگە مى�*ىپ كەتتۇق .
ئىچكىرگە كەلگەندىن كيىن ئىشلار مەن ئويلىغاندەك ، ھىلىقى يوغان قورساق بىزنى ئەۋەتكەن مۇناپىق باشلىقلار ئيىتقاندەك ، ئاتا - ئانام ، سويگەن يىگىتىم ما�*ا تەسەللى بىرىپ ئيىتقان يىقىملىق سوزلىرىدەك بولمىدى .
بۇ يەردە بولغان ئىشلارنى مەن تەپسىلي ئيتىپ ئولتۇرالمەيمەن . بۇندىن بۇرۇن ھەر قايسى مۇنبەلەردە بۇ يەدە بولغان ئىشلار كە�* كولەملىك تارالغان ، شۇ�*ا بۇلارنى تەپسىلى ئيتىپ ئولتۇرۇشنى�* ھاجىتى يوق . ئەگەر تەپسلى ئيتىپ ئولتۇرسام ئۇخلاۋاتقان ئۇيغۇرۇم تەرپىدىن بۇ تىمامنى ئىناقلىققا ، ئىتتىپاقلىققا ، مىللىيلىككە تەسىر يىتىدىغان سوز جۇملىلەر بار ئىكەن دەپ ۋەتەنپەرەسلىكى تۇتۇپ كىتىپ تىمامنى تەسىتىقلىماسلىقى ما�*ا ئايان .
كينكى كۇنلىرىمنى داۋاملاشتۇراي :
ئۇچ ئايدىن كيىن ، بىر كۇنى تۇيۇقسىز باشلىق مىنى چاقىرىپ ئىككى ئادەمنى�* قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. باشلىقنى�* ديىشچە مەن ئۇلارنى�* قولىغا بىرىپ ئىشلەيدىكەنمەن . ئۇلار ما�*ا بۇ زاۋۇتتىنمۇ كوپرەك ئىش ھەققى بىردىكەن ، مىنى بىرىپ كورۇپ كىلىشمنى ئيتتى ، ئۇلار مىنى ماشىنغا سىلىپ كاتتا ئالي دەرىجىلىك بىر مىھمانغانىغا ئىلىپ كەلدى ۋە بىر ئايرىم خانىغا باشلاپ كىردى . ۋە ئىككىسى ما�*ا ...........قىلدى. مەن قان يىغلىدىم . دۇنياغا ئاپىردە بولغانلىقىمدىن پۇشايمان قىلدىم . مىنى�* يىگىتىمگە ساقلاپ قويغان ئاشۇ ئە�* ئاخىرقى بۇ سوغام مانا بۇ مىھمانخانىدا باشقىلار تەرپىدىن توزىتىلدى . ئىش تۇگىگەندىن كيىن ئۇ ئىككى ئادەم مىنى بىر قىتىملىق زاۋۇت باشلىقىدىن 1000 يۋەنگە سىتىۋالغانلىقى ، بىراق مىنى�* قىزلىق پەردەمنى�* تىخى بارلىقىنى كورۇپ ، ئۇلارنى�* خوشال بولغانلىقى ۋە ما�*ا يەنە 1000 يۋەن ئوشۇق بىردىغانلىقىنى ئيتىپ كارۋات ئۇستىگە 2000 يۋەن تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى .
مەن خىلىغىچە يىغلىدىم . چاچلىريمنى يۇلدۇم ، بىراق يىغلاش بىلەن ئىچ پۇتەمدۇ ؟ ئورنۇمدىن تۇرۇپ پاكىز يۇيۇنۇپ ، زاۋۇتقا قايتتىم ! زاۋۇتقا قايتاشىمغا باشلىق مىنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ مەندىن يالغاندىن كەچۇرۇم سورىغاندەك بولۇپ ، ما�*ا " بۇ يەرگە شۇنچە يىراقتىن پۇل تاپقىلى كەلدى�* . زاۋۇتتا جابالىق ئىشلەپ ئىيىغا بىر مى�* يۋەن ئەتراپىدا ئىشلەيسەن ، ئەگەر خالىسا�* سا�*ا داۋاملىق خىرىدار تىپىپ بىرەي . بۇ ئارقىلىق تىخىمۇ كوپ پۇل تاپالايسەن ، كوپ پۇل تىپىپ يۇرىتقا قايتىسا�* ياخشى ئەمەسمۇ ، بىراق تاپقان پۇلۇ�*نى�* %40تى مىنى�* بولىدۇ . چۇنكى مەن سا�*ا خىرىدار تىپىپ بىرىمەن ئەمەسمۇ " دەپ سەت ھىجىيىپ قاراپ ئولتۇردى .
مەن ئۇنى�*غا ساقچىغا باردىغانلىقىمنى ئيتقان بولساممۇ ، ئۇ مىنى�* بارسام قۇرۇق قول ھىچنىمىگە ئىرىشەلمەي قايتىپ كىلدىغانلىقمنى ، بۇ يەردە بۇ ئىشلارنى سورايدىغان ساقچى يوقلىقىنى ئيتىپ مىنى رايىمدىن ياندۇردى .
شۇنداق قىلىپ ئىككى - ئۇچ كۇندە داۋاملىق باشلىقنى�* تونۇشتۇرشى بىلەن ما�*ا خىرىدار كىلىپ تۇردى . ئۇلار بىردىنمۇ كىلىپ باقتى ، ئىككى - ئۇچى بىرلىكتە كىلىپ مىنى ئىلىپ چىقىپ كەتكەنلەرمۇ بولدى . بىلسە�*لار ناھايتى ئازابلىق ئىدى. ئەلۋەتتە بۇنداق قىلىش مەن بىرلا قىز ئەمەس ئىدىم ، بىر مۇنچە قىزلار ھەممىسى ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا بۇ يولغا كىرىپ قالدى . بىز كۇندىزى قۇلدەك نەچچە ئون سائەت ئىشلىسەك كىچىسى خىرىدار كۇتتۇق . ( خىزمەت ئىغىر جاپالىق بولسىمۇ كەچنى�* بولماسلىقنى ئۇمىد قىلاتتىم ، چۇنكى كىچە ما�*ا ئىغىز تەن جازاسى ۋە ئازاب ئىلىپ كىلەتتى.
كۇنلەر نەچچە ئايلاپ ئۆتۇپ كەتتى . كيىن مەن دۇ�*بيىلىق (东北沈阳) بىر خىرىدا بىلەن تونۇشتۇم . ئۇ مىنى بىر نەچچە قىتىم ئۆزىگە كۇتكۇچى قىلدۇردى . ۋە كيىن مىنى دۇ�*بيغا ئىلىپ كىتىپ ئۇنى�* بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۇرشىمنى ، بۇنداق قالايمىقان ئادەملەرگە كۇتكۇچىلىك قىلماسلىقىمنى ئيىتتى .
مەن زاۋۇتنى�* ئىغىر ئىشىدىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن ( بۇ يەردە بىزنى�* زاۋۇتتا قۇل بولۇپ ئىشلەيدىغانلىقىمنى ئيتىپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز ) ئۇنى�* بىلەن دۇ�*بيغا قىچىپ كەلدىم ۋە ئۇنى�* بىلەن 3 ئاي بىللە ئۆي تۇتتۇم . ئۇ مىنى ھەر خىل جىنىسى يوللار بىلەن قينىدى . نىمە قىلغۇسى كەلسە شۇنى قىلدى . ھەتتە مىنى قيناپ كىلەچەكتە ئوماق پەرزەنتىمگە نان چايناپ بىردىغان ئىغىزلىرىمدىن تارتىپ .................. مەن بۇ قۇرلارنى يىزىۋاتقان چىغىمدا قانچلىك يىغلاۋاتقانلىقمىنى بىلىمىسە�*لار كىرەك .
كيىن قورسقىمدا ئۇنى�*دىن ھارام نارسىدە ئۇندى . بالا قورساقتا ئۇچ ئايلىق بولغاندا ئۇ مىنى باشقا شەھەرگە ئىلىپ ئوينىتىدىغانلىقىنى ئيتىپ دالىيەنگە( 大连)ئاپاردى ۋە مىنى بىر مىھمانغانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ، توۋەنگە چۇشۇپ تاماكا ئىلىپ كىلەي دەپ كەتكىنىچە يوقالدى . يىرىم سائەتلەردىن كيىن ئىشىك چىكىلىپ ئىككى يىگىت پەيدا بولدى ، مەن ئۇلارغا يەنە دەپسەندە بولدۇم . ئۇلار ئىشنى پۇتتۇرۇپ بولۇپ مىنى بىر مەيغانىغا ئىلىپ كەتتى . ۋە مىنى�* بۇندىن كيىن مۇشۇ مەيغانىدا پاھىشيە بولدىغانلىقمنى ئيىتپ ياتىدىغان يىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ چىقىپ كەتتى . دىمەك ئۇ مىنى ئۇچ ئاي خوتۇن قىلىپ ئاخىىرى ئۇلارغا سىتىۋەتكەنلىكىنى ھىس قىلىدىم .
مانا مەن ئەمدى ئۆزۇمنى�* يالغۇزلۇق ھاياتىنى باشلىدىم . قۇرساقتىكى بالىنىمۇ چۇشۇرۋەتتىم ، تۇپتىن بۇرۇنقى مەنگە ، ئۇيغۇر قىزىغا ئوخشمايدىغان ، كۇندىن كۇنگە قىلىنلىشىپ ، پۇلنى كورسە خىلجى�*شىيدىغان ، ئۇسسۇل ئويناپ بىردىغان خالىغان چاغدا كيمىنى يىشىپ بىردىغان بىر پاھىشەگە ئايلاندىم .مەن بۇ ئىچكىردىكى يالغۇزلۇق ھاياتىمغا ، تەغدىرگە تەن بىرىپ بۇ يولنى تاللىدىم .
بىراق بۇ يەردە تاپقان پۇلنى�* يىرىم قىسىمنى مەيغانە خوجايىنى ئىلىپ كىتەتتى ۋە خوجايىن قاچان ئىش پۇشۇقىنى چىقارماقچى بولسا ھەقسىز ئۆز خالىغىنىنى قىلاتتى ، دىمەك بىز قىزلار تىنىمىزنى سىتىپ مەيخانا ئاچقان خوجايىنلارنى باي قىلاتتۇق .
كيىن دالىيەندىنمۇ (大连) قىچىپ چىقىپ ئۆز ئالدىمغا ئۆزۇم خالىغان شەھەرلەرگە ، مەيغانىلارغا بىرىپ ئۆز ئالدىمغا خىرىدار ئىزدىدىم . توردا مەخسۇس پاھىشەلەرنى�* خىرىدار ئىزدەيدىغان سوھبەت چايغانىلىرى بولۇپ ، تور ئارقىلىق سوھبەتتە بولۇپ ئۇلارغا ھەمرا بولدۇم . شەھەردىن شەھەر ئاتلاپ مەيخانا ، مىھمانخانا ئالماشتۇرۇپ تۇردۇم .
مىنى 20 نەچچە يىل بىقىپ چو�* قىلغان ئاتا - ئانامنى�* ھازىر ھايات تىرىكلىكىنى بىلمەيمەن ، ئۇلارمۇ ھەم مىنى�* ھايات تىرىكلىكىمنى بىلمەيدۇ . مەن ئالاقلىشقا يۇزۇم چىدىمايدۇ ، ئەزىز شىنجا�*غا قايتىشقا يۇزۇم چىدىمايدۇ . مەن بىلىمەن مىنى ئالدىغان بىرمۇ ئۇيغۇر بالىسى چىقمايدۇ ، چىققان تەغدىرىدىمۇ مەن ئۇنى�*غا قانداق يۇز كىلەلەيمەن. نەچچە ئون ، نەچچە يۇز خەنزۇنى�* قوينىغا يىتىپ چىققان بىر پاھىشە قىز ، ئۇيغۇر بالىسغايەنە نىمىمۇ بىرەلىسۇن ، پەقەت بىردىغىنى ئۇنى�*غا ئازاپ ياكى ئۇنى�* مۇھەببىتىنى ئالداش بىلەن بىرگە خورلاش.
مۇبادا مەن يۇرتۇمغا قايتىسام ، قايسى بىر ساددا نادان دىھقان ئۇيغۇردىن بىرنى ئالداپ تىگەرمەن ، ئۇنى�*دىن بالىلىقمۇ بولارمەن، ئاشۇ نارسىدە بالامغا قايسى ئىغىزىم بىلەن نان چايناپ بىرىمەن ، قايسى ئىغىزىم بىلەن ، چۇنكى مىنى�* پۇتۇن بەدىنىم بۇلغانغان ،.
مەن ئاتا - ئانامغا ، ئۇيغۇرۇمغا ، سويگەن ۋە سويۇلگەن ئاشۇ ئۇيغۇر يىگىتىمگە يۇز كىلەلمەيمەن .
بۇگۇن مىنى�* تۇغۇلغان كۇنۇم ! يالغۇز يىگانە نامالۇم شەھەردە سەرگاندار بولۇپ يۇرۇيمەن
ئاخىردا مىنى�* شىنجا�*دىكى بارلىق ئۇيغۇر قىزلىرىغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن ، ھەرگىز ئىچكىرگە ئىش ئىزلەپ كەلمە�* ، ئىچكىرگە يىگىتى�*ىز ياكى دوستى�*ىز ئاپىرىپ ئوينىپ كىلەي دىسىمۇ كەلمە�* . ئەگەر سىز شىنجا�*دىمۇ بىر پاھىشە بولسى�*ىز ، پەقەت شىنجا�*دىلا قىلى�*. ھەرگىز ئىچكىرگە كىلىپ قالما�* ، بۇ يەردىكى خىرىدارلار پاھىشە قىزلارنى ئادەم قاتارىدا كورمەيدۇ ، ئۇلار ھەر خىل ھەر خىل ئۇسسۇلاردا سىزنى قينايدۇ . ھەرگىز ئىچكىرگە قاراپ قالما�* . مەن بارلىق ئۇيغۇر قىزلىرىغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەن . مەيلى قانداق سەۋەب بىلەن بولسۇن ،ھەرگىز ئىچكىرگە كىلىپ قالما�* .
شۇنداق قىلىپ مەن ھازىر بىر پاھىشە ، جەمىئەتنى�* تاشلاندۇق داشقىلى . مىنى بەلكىم نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر تىللىشى مۇمكىن . بىراق مەن ئۇچۇن بەرىبىر . مەن ئاللا قاچان ئولگەن بەندە . ئۆز قەبرەمنى باش سۇرئىتىمگە چىقىرىپ قويدۇم !
بىراق مىنى�* ھەممىدىن قورقىدىغىنىم بۇ ئىچكىردە كۇنلەرنى�* بىرىدە ئولۇپ كەتسەم ، نامىزىمنى چۇشۇردىغان (ناماز چۇشۇرۇشكە شەرتىم توشمايدۇ ) ياكى يەرلىكىمگە قويدىغان ئادەمنى�* چىقماي قىلىشى..
مەن سىلەرگە بەخىت سالامەتلىك تىلەيمەن ! مەن بارلىق ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولۇپمۇ جەنۇپتىكى نادان ، ساددا خەلىقىمنى�* بالدۇراق ئۇيغۇنىششىنى ، قانۇن بىلەن ئۆزىنى قوغداپ ئاتالمىش ھىلىقى پوق قورساق باشلىقلارغا بوزەك بولماسلىقىنى ئۇمىد قىلىمەن.


مەنبەسى: خىسلەت مۇنبىرى
[ Dostingiz تەرپىدىن 2008-07-07 15:15 قايتا تەھرىرلە ]
http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=26039

Unregistered
08-07-08, 08:36
Ichkirdiki uyghur pahishe qizning kechurmishi

( 2008-07-07 )


Buningdin tuptughra 24yil burunqi bugun qeshqer sheher beshkirem nahisyning chilan makani dep nam alghan boyla , tomuz issiq kunlerning biride , dumcheygen ikki qat mihirban ana ashu tumuz issiqta , tonur bishida ingiship ming bir japada nan yiqiwatatti . Tuyuqsiz qorsiqi mujup aghirip ketti we tonur bishidila hoshidin ketti . Etraptiki qoshinlar "wayjan "dep etrapqa olashti we hoshigha kelturup oyge köturup ekirdi . Qorsaq tiximu tolghap aghirip peqetla bolmidi we axiri ming bir tolghunup , olum bilen jeng qilip , bu dunyagha bir qizni apirde qildi ( tughdi ) , qiz tughulup peqetla yighlimidi belki u kumumsirep turatti , u 9ay 9 kun qorsaqta turup axiri hayatliqqa , dunyagha koz achqanliqdin özini bextlik his qilatti , tughulupla dunyaning guzellikidin , hawasining sapliqidin u yighlimidi , u kuldi . Tiliqip kuldi . Mana u qiz del men idim !
Ata - anam mini koz qarchuqidek awaylap , pepilep chong qildi . Ailimiz dihqan nahaytimu namrat idi . Biraq mini ular ming bir japada tapqan teri bilen oqutti , tirishti - tirmashti . Menmu buni his qilghandek her yili mektep boyiche uchte yaxshi oqughuchi bolup mukapatlinip turdum we mekteplerde tirishchan ulge qiz digendek yaxshi namlargha irishtim !
Kunler shu deqiqide ötiwerdi , menmu yildin yilgha yishim yashqa qoshulup chong bolup qaldim . Ata - anammu yildin yilgha qirighili turdi .
Toluq otturni putturup ali mektepke imtihan birip netijisini kuttum . Nahiye boyiche aldinqi uchinchi qatardin orun ilip netijem itihan chek siziqidin nurghun iship ketken bolsimu , biraq manga hichqaysi mekteptin chaqirtish kelmidi . Yighlidim , qaqshidim , bezidek sarangdek kuldum . Mining sawaqdash dostlirimning hemimisi oqushqa ketti ! men ashu topa uchup turidighan yizida chilanliq baghqa kirwilip , chilan derixi tuwide uzundin uzun nelergidur telmurup olturup qaldim .
Nechche ay ötkendin kyin mish mish gepler tarqilip mining chaqirtish qeghizimni nahiyening melum bir bashliqining qizigha almashturup tashlaptumish .Chunki biz dihqan , nahaytimu namrat dihqan , qolimizdin hichqandaq ish kelmeydu we arqa tirikimiz yoq .
Jenupta bashliq nime dise shu hisap , dihqan bolghan gunahyimiz uchun choqum qol qurushturup turishmiz kirek . Mana bu biz jenupluqlarning siyasiy qanuni ! eger boysinmisaq yerlirimiz , baghlirimiz tartiwilindu .
Jenupta nahiye , yiza , kenit bashliqlirimu xalighan waqtida diqqanning qizlirini özige waqitliq xotun qilalaydu . Bezi nadan , wijdani yoq erlirimiz koprek yerge ige bolush uchun , yiza - kenit bashliqlirining teminlishige irishish we kozige yaxishi korunush uchun öz ayallirinimu ulargha solap biridu , chunki bu yerning bashliqliri özini ulugh alladinmu ustun köridu . Qaysi qorudiki qiz , kimning ayali kozige issiq kornup qalsa haman ularning bir waqtiliq tamiqi bolmay qalmaydu . Mana bu teklimakanning itikide , tarim deryasining boyliriki namrat , uxlawatqan dihqan uyghurlimizning burundin ta hazirghiche dawamliship kiliwatqan yushurun yer bolush qanuni . Kim bashliqni qiz we ayali bilen razi qilsa uning yer teqsim meslisi tiz hel bolidu . Buni pash qildighan birmu uyghur chiqqini yoq . Nadan sadda , aq kongul diqqanlarmu ularni korse nechche yuz mitir yiraqta turup igilip salam qilip ötup ketkendin kyin andin yoligha rawan bolidu .
Shundaq qilip ata - atamgha yardemliship öyning ishini , itiz - iriq ishlirini qilip kunler shu teriqide ötuwerdi . Yillar yillarni qoghliship yishimmu chongiyip qaldi .
Anammu kop qitim yigitimning bar yoqliqini anda munda sorap qoyatti , mana bu mini nikahlinidighan , yatliq boldighan waqtimning kilip qalghanliqidin direk biretti .
Axiri kenittiki bir baqqal bala bilen tonushtum , u mini söydi shundaq menmu söydum we söyuldum .Muhebbet shu teriqide chongqurlashti . Bir - birimizni kormisek chidimiduq . Elwette biz barliq qedir qimmet hayani saqlap kelduq , uni toy kichisge amanet qilip saqlap qoyduq .
Mana kunler ötti , qabehetlik kunler yiqinlishp keldi . Mining bishimgha bu chung qismetning kildighanliqini oylimaptimen .
Siyaset özgerdi , nahiye , yiza bashliqlirining öz aldigha qoyghan qanuni mendin qichip qutulalmidi . Ular yizdiki namrat ailerdin weyene her bir ailining ishindi kuchlerni toplap ichkirge ewetip ishlitip ailining qiynchiqiliqini yenggilitish , pul tipip kilp aililerning qynchiliqini hel qilip , yizini shundaqla yizidiki namrat aililerni halliq sewiyege yetkuzimiz digen shuarni tolidu .
Shu shuarning shamilida menmu shu bir turkum qizlar bilen shendunggha (山东)bir tikkuchilik zawutigha ewetildim . Ata - anam, soygen yigitim ming zar qaqshap ashu topiliq chilanliq sehrada manga dua qilip , balduraq saq -salamet qaytip kilishimni alladin tilep qaldi .
Eger biz bu yerge ishelemchlikke kelmisek ailimizning yiza terpidin kordighan kuni bar idi . Amal yoq , ailimizni oylidim . Birer yil ishlap az tola iqtisad toplap toydin kyin ailimizge ishlitermiz digen guzel arzu armanlar bilen bir turkum qiz ichkirge mingip kettuq .
Ichkirge kelgendin kyin ishlar men oylighandek , hiliqi yoghan qorsaq bizni ewetken munapiq bashliqlar yitqandek , ata - anam , soygen yigitim manga teselli birip yitqan yiqimliq sozliridek bolmidi .
Bu yerde bolghan ishlarni men tepsily ytip olturalmeymen . Bundin burun her qaysi munbelerde bu yede bolghan ishlar keng kolemlik taralghan , shunga bularni tepsili ytip olturushning hajiti yoq . Eger tepsli ytip oltursam uxlawatqan uyghurum terpidin bu timamni inaqliqqa , ittipaqliqqa , milliylikke tesir yitidighan soz jumliler bar iken dep wetenperesliki tutup kitip timamni tesitiqlimasliqi manga ayan .
Kynki kunlirimni dawamlashturay :
Uch aydin kyin , bir kuni tuyuqsiz bashliq mini chaqirip ikki ademning qoligha tapshurup berdi. Bashliqning dyishche men ularning qoligha birip ishleydikenmen . Ular manga bu zawuttinmu koprek ish heqqi birdiken , mini birip korup kilishmni ytti , ular mini mashin'gha silip katta aly derijilik bir mihman'ghanigha ilip keldi we bir ayrim xanigha bashlap kirdi . We ikkisi manga ...........Qildi. Men qan yighlidim . Dunyagha apirde bolghanliqimdin pushayman qildim . Mining yigitimge saqlap qoyghan ashu eng axirqi bu sogham mana bu mihmanxanida bashqilar terpidin tozitildi . Ish tugigendin kyin u ikki adem mini bir qitimliq zawut bashliqidin 1000 ywen'ge sitiwalghanliqi , biraq mining qizliq perdemning tixi barliqini korup , ularning xoshal bolghanliqi we manga yene 1000 ywen oshuq birdighanliqini ytip karwat ustige 2000 ywen tashlap qoyup chiqip ketti .
Men xilighiche yighlidim . Chachlirymni yuldum , biraq yighlash bilen ich putemdu ? Ornumdin turup pakiz yuyunup , zawutqa qayttim ! zawutqa qaytashimgha bashliq mini ishxanisigha chaqirip mendin yalghandin kechurum sorighandek bolup , manga " bu yerge shunche yiraqtin pul tapqili kelding . Zawutta jabaliq ishlep iyigha bir ming ywen etrapida ishleysen , eger xalisang sanga dawamliq xiridar tipip birey . Bu arqiliq tiximu kop pul tapalaysen , kop pul tipip yuritqa qaytisang yaxshi emesmu , biraq tapqan pulungning %40ti mining bolidu . Chunki men sanga xiridar tipip birimen emesmu " dep set hijiyip qarap olturdi .
Men uninggha saqchigha bardighanliqimni ytqan bolsammu , u mining barsam quruq qol hichnimige irishelmey qaytip kildighanliqmni , bu yerde bu ishlarni soraydighan saqchi yoqliqini ytip mini rayimdin yandurdi .
Shundaq qilip ikki - uch kunde dawamliq bashliqning tonushturshi bilen manga xiridar kilip turdi . Ular birdinmu kilip baqti , ikki - uchi birlikte kilip mini ilip chiqip ketkenlermu boldi . Bilsenglar nahayti azabliq idi. Elwette bundaq qilish men birla qiz emes idim , bir munche qizlar hemmisi özimu bilmigen halda bu yolgha kirip qaldi . Biz kundizi quldek nechche on saet ishlisek kichisi xiridar kuttuq . ( Xizmet ighir japaliq bolsimu kechning bolmasliqni umid qilattim , chunki kiche manga ighiz ten jazasi we azab ilip kiletti.
Kunler nechche aylap ötup ketti . Kyin men dungbyiliq (东北沈阳) bir xirida bilen tonushtum . U mini bir nechche qitim özige kutkuchi qildurdi . We kyin mini dungbygha ilip kitip uning bilen bille turmush kechurshimni , bundaq qalaymiqan ademlerge kutkuchilik qilmasliqimni yitti .
Men zawutning ighir ishidin qutulush uchun ( bu yerde bizning zawutta qul bolup ishleydighanliqimni ytip olturush hajetsiz ) uning bilen dungbygha qichip keldim we uning bilen 3 ay bille öy tuttum . U mini her xil jinisi yollar bilen qynidi . Nime qilghusi kelse shuni qildi . Hette mini qynap kilechekte omaq perzentimge nan chaynap birdighan ighizlirimdin tartip .................. Men bu qurlarni yiziwatqan chighimda qanchlik yighlawatqanliqmini bilimisenglar kirek .
Kyin qorsqimda uningdin haram narside undi . Bala qorsaqta uch ayliq bolghanda u mini bashqa sheherge ilip oynitidighanliqini ytip daliyen'ge( 大连)apardi we mini bir mihman'ghanigha orunlashturup qoyup , towen'ge chushup tamaka ilip kiley dep ketkiniche yoqaldi . Yirim saetlerdin kyin ishik chikilip ikki yigit peyda boldi , men ulargha yene depsende boldum . Ular ishni putturup bolup mini bir meyghanigha ilip ketti . We mining bundin kyin mushu meyghanida pahishye boldighanliqmni yitp yatidighan yirimni orunlashturup chiqip ketti . Dimek u mini uch ay xotun qilip axiiri ulargha sitiwetkenlikini his qilidim .
Mana men emdi özumning yalghuzluq hayatini bashlidim . Qursaqtiki balinimu chushurwettim , tuptin burunqi men'ge , uyghur qizigha oxshmaydighan , kundin kun'ge qilinliship , pulni korse xiljingshiydighan , ussul oynap birdighan xalighan chaghda kymini yiship birdighan bir pahishege aylandim .Men bu ichkirdiki yalghuzluq hayatimgha , teghdirge ten birip bu yolni tallidim .
Biraq bu yerde tapqan pulning yirim qisimni meyghane xojayini ilip kitetti we xojayin qachan ish pushuqini chiqarmaqchi bolsa heqsiz öz xalighinini qilatti , dimek biz qizlar tinimizni sitip meyxana achqan xojayinlarni bay qilattuq .
Kyin daliyendinmu (大连) qichip chiqip öz aldimgha özum xalighan sheherlerge , meyghanilargha birip öz aldimgha xiridar izdidim . Torda mexsus pahishelerning xiridar izdeydighan sohbet chayghaniliri bolup , tor arqiliq sohbette bolup ulargha hemra boldum . Sheherdin sheher atlap meyxana , mihmanxana almashturup turdum .
Mini 20 nechche yil biqip chong qilghan ata - anamning hazir hayat tiriklikini bilmeymen , ularmu hem mining hayat tiriklikimni bilmeydu . Men alaqlishqa yuzum chidimaydu , eziz shinjanggha qaytishqa yuzum chidimaydu . Men bilimen mini aldighan birmu uyghur balisi chiqmaydu , chiqqan teghdiridimu men uninggha qandaq yuz kileleymen. Nechche on , nechche yuz xenzuning qoynigha yitip chiqqan bir pahishe qiz , uyghur balisghayene nimimu birelisun , peqet birdighini uninggha azap yaki uning muhebbitini aldash bilen birge xorlash.
Mubada men yurtumgha qaytisam , qaysi bir sadda nadan dihqan uyghurdin birni aldap tigermen , uningdin baliliqmu bolarmen, ashu narside balamgha qaysi ighizim bilen nan chaynap birimen , qaysi ighizim bilen , chunki mining putun bedinim bulghan'ghan ,.
Men ata - anamgha , uyghurumgha , soygen we soyulgen ashu uyghur yigitimge yuz kilelmeymen .
Bugun mining tughulghan kunum ! yalghuz yigane namalum sheherde sergandar bolup yuruymen
Axirda mining shinjangdiki barliq uyghur qizlirigha shuni tewsiye qilimen , hergiz ichkirge ish izlep kelmeng , ichkirge yigitingiz yaki dostingiz apirip oynip kiley disimu kelmeng . Eger siz shinjangdimu bir pahishe bolsingiz , peqet shinjangdila qiling. Hergiz ichkirge kilip qalmang , bu yerdiki xiridarlar pahishe qizlarni adem qatarida kormeydu , ular her xil her xil ussularda sizni qynaydu . Hergiz ichkirge qarap qalmang . Men barliq uyghur qizlirigha shuni tewsiye qilimen . Meyli qandaq seweb bilen bolsun ,hergiz ichkirge kilip qalmang .
Shundaq qilip men hazir bir pahishe , jemietning tashlanduq dashqili . Mini belkim nurghun oqurmenler tillishi mumkin . Biraq men uchun beribir . Men alla qachan olgen bende . Öz qebremni bash suritimge chiqirip qoydum !
Biraq mining hemmidin qorqidighinim bu ichkirde kunlerning biride olup ketsem , namizimni chushurdighan (namaz chushurushke shertim toshmaydu ) yaki yerlikimge qoydighan ademning chiqmay qilishi..
Men silerge bexit salametlik tileymen ! men barliq uyghur millitidin bolupmu jenuptiki nadan , sadda xeliqimning balduraq uyghunishshini , qanun bilen özini qoghdap atalmish hiliqi poq qorsaq bashliqlargha bozek bolmasliqini umid qilimen.


Menbesi: xislet munbiri

http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=26039

Unregistered
08-07-08, 18:01
ALLA -TAALA ashu ichkirdiki qizlarni öz panahingizda saqlighaysiz.

dimisimu jenuptiki uyghur diqqanlirimiz bek nadan. qachanmu nadanliqtin oyghinar.

Unregistered
10-07-08, 08:25
üstide tursun körmigenler körüp, xittaylarning qizlirimizni ( Kelgüsi anilirimizni) qanchilik derijide depsende qiliwatqanlighini bilsun.

her bir wijdani bar uyghur erkeklirimiz yaxshiraq oqusun.

Jihad
10-07-08, 08:58
Ya Rebim! mushu qizlirimiz,anilirimiz uchun bizdek erkeklerge shehitlik yolini ata qilghaysen!

Unregistered
10-07-08, 12:19
Depsende qilindi erlik, erkinlik
(wetendiki melum bir tor bettin ilindi)


Tinich idi, shunche güzel yurtimiz,
Shirin tatliq miwilermu baghlarda.
Sekrishetti qoy charwilar , uchar qush,
Étizlarda, ériqlarda, taghlarda.

Suyi elwek, yiri munbet güzelti,
Bes-bes bilen sayrishatti shox qushlar.
Barche ghemdin xalas idi shu xelqim,
Bulaq kebi aqar idi nifétlar.

Ayrilsa aridin waqitsiz biraw,
Yighlishatti hemme birdek aq chigip.
Hala bügün shu qametlik oghlanlar,
Parishan qildi bu yürekni aq chikip.

Ijil inaq teng yashaytti zéminda,
Meripette köyer idi eslide.
Depsende qilindi exlaq we ghurur,
Qan yash töküp yaqa tuttuq hesrette.

Toqquzi tel baghri idi bek séxi,
Bulghidi qénini, eqlini zeher.
Shu guzel qizlarning suldi chirayi,
Zeherge qul bolup pichaq asqan er.

Sergerdan bolushti biteley bala,
Bichare dadilar boldi ming pare.
Tashlandi armanlar yetmey nishan'gha,
Dowzaqqa aylandi illiq aile.

Tomurlar yérildi bésiqmay xumar,
Hayasiz benggiler yurer yalingach.
Eydizmu yamridi, kéreksiz qanlar,
Yitimlar omleydu kochilarda ach.

Depsende qilindi erlik, erkinlik,
Mushukke aylandi shir yurek ezimet.
Tashlandi kitaplar sebi qollardin,
Kem eqil epkeldi bizlerge apet.

Kelmiseng bolmamdu iplas nijaset,
Bilgensen sen bolghach buzuldi jennet.
Mihriban anilar qan- yash tokti,
Ziminmu seskendi siningdin dehshet.

Emdi men xush deymen ketkina néri,
Oyghunup shu xelqim élan qildi jeng.
Kuyersen axri nepret utida,
Xelqimiz oyghandi wéjdan bilen teng.

Unregistered
10-07-08, 13:04
yenimizdiki qizlimirizgha ige chiqayli, hich bolmisa yenbimizdiki qizlimiz bizge qarisun, yene bashqa heqler bilen toy qilip yurmisun..
yeqinda yene birsi bashqa birsi bilen toy qildi. boytaqlar heli kop idi bu yerde bolmisa

ALLA -TAALA ashu ichkirdiki qizlarni öz panahingizda saqlighaysiz.

dimisimu jenuptiki uyghur diqqanlirimiz bek nadan. qachanmu nadanliqtin oyghinar.

Unregistered
11-07-08, 06:26
yenimizdiki qizlimirizgha ige chiqayli, hich bolmisa yenbimizdiki qizlimiz bizge qarisun, yene bashqa heqler bilen toy qilip yurmisun..
yeqinda yene birsi bashqa birsi bilen toy qildi. boytaqlar heli kop idi bu yerde bolmisa

ALLA igem her kimni öz panahida saqlighay!