PDA

View Full Version : RFA ge



Unregistered
04-03-08, 08:05
ئوبۇل ئوغلى قەلەمى
ئارتۇق ئەمگەك كۈچى بولۇپ سانالدى،
ئىچكىرلەرگە پۇل تېپىشقا ھەيدەلدى ،
توي قىلمىغان قىزلار نىشان بوپقالدى،...........
جەنۇپلاردا قىز بالا باقماق تەس بولدى .

سىياسەتنى* ئىلغارلىقىمىش ئا*لىساق،
بېيىتىشنى* بورانىمىش زارلىساق،
گەپ ئا*لىغان بولارمىشمىز ياقلىساق..........
جەنۇپلاردا قىز بالا باقماق تەس بولدى .

ئوغۇل كېرەك ئەمەس ئاھ! بىر قىز كېرەك،
توي قىلمىغان يېشىغا يەتكەن گۈل كېرەك.
قوشۇلساق بىز تۇرمۇشىمىز كۈلگىدەك...............
جەنۇپلاردا قىز بالا باقماق تەس بولدى ..

قوشۇلمىساق توي خېتىنى بەرمەسمىش،
قىزلىرىمىز توي قىلالماي يۈرەرمىش،
تەشكىل قوغداپ ئەچقىپ-ئەكىلىپ قويارمىش............
جەنۇپلاردا قىز بالا باقماق تەس بولدى .

ئەۋەتمىگەن بىر نەچچە كۈن سولىنارمىش،
سوراقخانىدا پەندى نەسھەت ئا*لارمىش،
قۇبۇل ئەتسە ئەتمىدى مەجبۇر ئاپىرارمىش.........
جەنۇپلاردا قىز بالا باقماق تەس بولدى ..

قاراپ تۇرۇپ قىزلىرىنى ئەپكەتسە،
ئۇنۇمىسا تەستەكلىرىنى يەپ كەتسە،
ئويلاپ كەلسە دەردلەر دەريا بوپ كەتسە.........
جەنۇپلاردا قىز بالا باقماق تەس بولدى .

قىزلىرىمىز ئېچىلماستىن يۈزلىرى ،
چۈشمىگەندۇر ئۆيدىن سىرىت ئىزلىرى.
پۇل تاپمىغان باققان ئاتا -ئانىلىرى............
جەنۇپلاردا قىز بالا باقماق تەس بولدى .

دىمىسىكەن توي قىلمىغان قىزكېرەك،
دىسىكەن بىزگە توي قىلغان جۈپ ياش كېرەك،
شۇنداق قىلسا بىزدە غەملەر نە كېرەك .......
جەنۇپلاردا قىز بالا باقماق تەس بولدى .