PDA

View Full Version : okutkuqilarning nidasi



Unregistered
27-02-08, 08:21
ئوقۇتقۇچىلارنى* نىداسى!
مائارىپ نازارىتىگە بۇ تەكلىپنىمۇ قوشۇپ يوللايلى !!!
ھەريىلى قىشلق يازلق تەتىلدە جەنۇبى شىنجا*نى* ھەرقايسى جايلىرىدىن كىلىپ ئورلەپ ئوقىۋاتقان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا دەرس ئوتۇش جەريانىدا ،دەرستىن سرتقى ۋاقىتلاردا ئۇلار بىلەن ئوزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرمەن، ھەرقىتىم ئۇلارنى* ھارغىنلىق ئىچىدە سوزلىگەنلىرىنى ئا*لىغىنىمدا شۇنداق بىئارام بولىمەن ،بۇگۇن تورداشلارنى* قوش تىللق مائارىپ توغرىسىدا مائارىپ نازارىتىگە تەكلىپ سۇنماقچى بولغىنىنى كورۇپ ناھەيىتى خوش بولدۇم ،شۇ*ا بۇ خىيالىمنى تورداشلارغا بايان قىلغىم كەپقالدى ، سىلەرمۇ ئۆز پىكرى*ىلارنى قالدۇرۇپ باقسا*لار .....
بىزنى* مائارىپىمىزدا ئوزگەرتىشكە تىگىشلىك يالغۇز <<قوش تىل مائارپى>>ئەمەس، ھازىرقى پەيىتتە مائارىپىمىزغا تولىمۇ زۆرۇر بولغىنى ئوقۇتقۇچىلارغا دەم ئىلىش پۇرسىتى بىرىش،ھەمدە ئۇلارنى* پۇتۇن زىھنىنى ئوقۇتىشقا قارىتىش لازىم . ھازىر جەنۇبى شىنجا*دىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارنى* دەم ئىلىش ئاساسەن يوق دىيەرلىك ، ئۇلارنى* قىلىدىغان ئاساسلىق ئىشى ئوقۇتۇش ئەمەس بەلكى <<2 ئاساسەن خىزمىتى>>نى ئشلەش،كۇندە ئويمۇ ئوي كىرىپ ،قايسى ئائلىدە نەچچە جان بار،ئۇلارنى* يىشى ،جىنسى ، خىزمىتى،ئادرىسى قاتارلىقلارنى خاتىرلەش،ئەگەر بۇ جەرياندا تىزىملىكتىكى بىرەسىنى* ئۇچۇرى خاتا بوپ قالسا، بىرەسى ئولۇپ كەتسە ياكى بىرەر بوۋاق تۇغۇلسا بولدى ،كىچىچە ئويىگىمۇ كەتمەي بۇنى قايتا ئىشلەش كىرەك ،ھاتتا توك كەتسە شام ئەكىرىپ ئىشلەيدۇ،ھازىر ئۇلارنى ئوقۇتقۇچىدىگەندىن كۆرە ئارخىپ خادىمى دىگەن تۈزۈك.
ئۇندىن سىرت بۇ ئوقۇتقۇچىلارنى* يازىدىغان بىمەنە <<خاتىرلىرى>> ئۇلارنى* قىلىدىغان 2-مۇھىم خىزمىتى ھىسابلىنىدۇ ،ھازىرچە ئۇلار يىزىۋاتقان <<خاتىرىلەر>>دىن ئىسىمدە قالغانلىرى مۇنۇلار: 1-سىياسى ئۇگۇنۇش خاتىرىسى ، 2-مەدەنىيەت ئۇگۇنىش خاتىرىسى،3-ئىككى باشتىن(ئەخلاقى ناچار ئوقۇغۇچى بىلەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنى) يىتەكلەش ،4-تاپشۇرۇق بىرىش-تەكشۇرۇش خاتىرىسى،5-<<2-دەرىسخانا>>پائالىيەت خاتىرىسى،6-ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەش خاتىرىسى،7-ئەخلاق تەربىيە خاتىرىسى،8-يۇقىرى ئورلەش خىزمەت پىلان خاتىرىسى ،9-كۆزقاراشنى ئوزگەرتىپ ،سۇپەتنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش پىلان خاتىرىسى،10-نۇقتىلار بويىنچەيىتەكلەش پىلان خاتىرىسى، 11-ئوقۇغۇچىلار سۆھبەت خاتىرىسى،12-ئاتا-ئانىلار سۆھبەت خاتىرىسى،13-سىنىپ ھەيئەتلەر سۆھبەت خاتىرىسى،14-ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن سۆھبەت خاتىرىسى،15-كەسپى ئۈگۈنىش خاتىرىسى ....... قاتارلىق جەمى 27 خىل خاتىرە .ھەربىر خاتىرىگە بىردىن خاتىرە دەپتەر تۇتۇش كىرەك ،بۇخاتىرلەرنى ھەر ھەپتىدە بىر گۇرۇپپا باشلىغى تەكشۈردىكەن ، 2ھەپتىدە بىر ئىلمى مۇدىر تەكشۈردىكەن ، ھەرئايدا بىر قىتىم ھەر قايسى گۇرۇپپا باشلىقلىرىنى ئوز-ئارا ئالماشتۇرۇپ ئوقۇتقۇچىلارنى* بۇ خاتىرلىرىنى تەكشۇرتىدىكەن،ھەر ئايدا بۇ خاتىرلەردىن خۇلاسە چىقىرىپ ،بەزى مەكتەپلەردە دەرىجىسى تۆۋەن بولغانلارغا ئىختىسادى جەرىمانە قويۇپ بۇنى << ئلغارلار>>غا مۇكاپات بىرىدىكەن،يەنە بەزى مەكتەپلەر بولسا باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق جازالايدىكەن ،ئىشقىلىپ بۇ خاتىر لەرنى چوقۇم يىزىش ،يازغاندىمۇ تولۇق،ۋاختىدا ،ياخشى يىزىش كىرەك ئىكەن .
مىنى*چە بولغاندا مائارىپ نازارىتىگە ئە* ئاۋۋال سۇنىدىغان تەكلىپنامە << دۆلىتىمىز بىكىتكەن ئەمگەك قانۇنىنى* مەكتەپلەردە يۇرگۇزۇلمەسلىكى>>توغرىسىدىكى تەكلىپنامە بولۇش كىرەك. ئەگەر ئو قۇتقۇچىلىرىمىز يەنە داۋاملىق مۇشۇنداق ئىشلەۋىردىغان بولسا مائارىپىمىزنى* كەلگۇسىدىن ئۈمۈت كۈتمىسەكمۇ بولدۇ.مەيلى قانداق ئىلغار مائارىپنى* يولغا قويىلىشىدىن قەتئىنەزەر بىز نى* مائارىپىمىز گۇللىنىش ئەمەس بەلكى كۇندىن كۇنگە خارابلىشىپ ئاخىرى يوقىلىدۇ ھەم يوقىلىمىز .
شۇ*امائارىپ نازارىتىگە بۇ تەكلىپنىمۇ قوشۇپ يوللايلى ! ئالدى بىلەن بۇمەسىلىنى يوللايلى !!!