PDA

View Full Version : ER bolsingiz choqum oqung!!!!!

Unregistered
22-07-07, 08:06
ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯩﻢ ﻗﺎﻗﯩﺪﯗ ؟

ﺑﯧﻠﯩﻘﯩﺰ ﺋﺎﺑﻠﯩﻜﯩﻢ
(ﺋﻪﺧﺘﻪﻡ ﺋﯚﻣﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺧﻪﺕ)

(ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺋﻪﺧﺘﻪﻡ ﺋﯚﻣﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ "ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯩﺸﭽﯩﻼﺭ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ "ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ)

ﺧﻪﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻜﯩﻤﯩﻜﯩﻦ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺗﻪﻝ -ﺗﯚﻛﯘﺱ ﺩﻩﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﺪﯨﻢ .ﺑﯩﺮﺍﻕ ،ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ ،ﭘﻪﺵ -ﭼﯧﻜﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﻤﯘ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ .........
ﺧﯧﺘﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﯩﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ .ﺋﻪمما ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﻢ ﻛﯩﺮﻩﻙ ،ﭼﯘﻧﻜﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﯩﻨﻢ ﺋﯚﺯﯗمگە ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﯞﻩ ﻣﺎﯕﺎ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻛﯧﺮﻩﻛﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯗﺭ.
ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﺧﺘﻪﻡ ﺋﺎﻛﺎ ،ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ "ﺩﻩﺭﺩ"ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ،ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺳﯚﮬﺒﻪﺕ دەپ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﻣﯘﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ .ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻳﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻤﺪﯨﻨﺪﯗﺭ. ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﯘ ﺋﯘﭼﯘﻕ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﻢ ﻣﻪڭا ﻏﻪﺷﻠﯩﻚ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻏﻪﺷﻠﯩﻚ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻻ ﺋﻮﻗﯘﭖ ،ﻗﻪﻏﻪﺯ ﻳﯜﺯﯨﺪﻩ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﻖ ،ﭘﺎﺭﺗﻼﺵ ،ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﺩﯨﻜﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﺶ ﻛﯜﺭﯨﺸﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯘﺭ . ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻣﻪﻥ ........ﻧﯩﮭﺎﻳﻪﺕ ،ﻧﯩﻤﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ .ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ،ﺑﯘﻣﯘ ﻗﯩﺰلىق ﺯﯨﻨﻨﻪﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ،ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﯸﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ،ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻜﯩﻤﯘ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﺮﺗﯩﭗ -ﺋﯧﭽﯩﭗ ،ﺋﯚﺯ ﭘﺎﻛﯩﻠﯩﻘﻰ ،ﻗﻪﺩﯨﺮ -ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ،ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺋﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﯜﺷﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ .ﺑﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﻲ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﯞﻩ ﺳﺎﭖ ﺋﺎﻟﯩﺠﺎﻧﺎﭘﻠﯩﻖ ،ﺧﺎﻻﺱ.
ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﯩﻨﯩﺲ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻴﻪﺗﻜﻪ ﻧﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ،ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﺩﯙﯕﮕﻪﺷﺘﻪﻙ ﺑﯩﺸﻪﻡ ﻛﯚﺭﯗﻧﯩﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﻪﻥ .ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﺎﻥ -ﺷﻪﺭﯨﭙﯩﻤﯩﺰﮔﻪﻟﻪﻧﻪﺕ ،ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ،ﯞﻩ ﺩﺍﻍ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﺩﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻤﻪﻥ .ﺋﻪﻣﻤﻪ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﯧﺘﯩﻴﺎﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ،"ﻧﯩﻤﻪ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻻﺭ ؟"ﻧﯩﯔ ﺋﺎﯕﻘﺎﯞ ﺋﯩﮕﺴﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺋﯚﺗﯩﯟﯦﺮﯨﺸﻨﯩﯔ تېخمۇ ﺋﺎﮬﺎﻧﺎﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻯ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺳﺘﺎ -ﺋﺎﺳﺘﺎ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ .ﻟﻮﻗﻤﺎ ﺳﺎﻟﻐﯘﻡ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﻏﯘﻡ ﻛﻪﻟﺪﻯ ،ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻟﯜﻏﻪﺕ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﻏﯘﻡ ﻛﻪﻟﺪﻯ،ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﻪﺕ قىلاﺭﺳﯩﺰ.
ﺩﺍﺩﺍ! ﻗﯩﺰﯨﯔ ﺷﯘﺗﺎﭖ ،ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ،ﺋﺎﻧﺎ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺎﺭﯨﺰﯨﮕﻪ ﭼﯜﺷﻤﻪﻛﭽﻰ ،ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﺗﯩﻜﺎﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ﺩﯨﻤﻪ ،ﺑﯘﺭﯗﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎ ﻗﻮﺳﺎﻕ ﺗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﯨﻤﻪ ،ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺑﻪﺭﮔﯩﻦ .ﻣﻪﻥ ﻧﯩﻤﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﻩﺱ ﺗﯘﺭﺩﯗﻡ .ﺋﺎﻧﺎ،ﺋﺎﻧﺎ ...،ﻣﯧﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯩﻦ ،ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻤﺪﺍ ﺳﯩﻨﯔ ﭼﺎﯞﯨﻜﯩﯔ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺳﻪﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﺎﺷﻤﺎﻟﺘﯩﻘﯩﯖﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﯩﺴﺎﯓ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ....................
..........ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺰﮔﯜ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﮬﺎﯕﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ ﺋﻮﻳﻐﺎﻗﻤﻪﻥ .ﻣﯧﻨﻰ ﻗﯩﭽﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻛﯩﻢ؟ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﻨﻰ ﮔﯜﻣﺒﯜﺭﻟﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﻗﻘﺎﻥ ﺯﺍﺩﻯ ﻛﯩﻢ؟ﻣﻪﻥ ﻧﯧﻤﯩﺸﻜﻪ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻢ ؟ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩﻡ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﻳﻐﺎﺗﺘﻰ .ﻣﻪﻥ ﻗﺎﻳﺎﻗﻘﺎ ﻣﺎﯕﯩﻤﻪﻥ ؟ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯘﯕﻐﯘﺭﺍﻕ ﭼﺎﻟﺪﻯ ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﻪنزىلىم ﻗﺎﻳﺴﻰ ؟ﺳﻪﮬﻪﺭ ﺑﻮﭘﺘﯘ ﻳﻮﻝ ﻗﺎﻳﺎﻗﻘﺎ ﺯﺍﺩﻯ ؟
ﻣﻪﻥ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ،ﻗﯘﻻﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ،ﺋﯧﻐﯩﺰ ﯞﻩ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئوخشاشلىقىنى ﺳﻪﺯﺩﯨﻢ .ﻣﻪﻥ ﻗﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺗﻮﻏﯩﺮﯗﻟﯘﻕ ،ﺑﯘﻟﯘﭘﻤﯘ ﭘﯘﺗﻜﯘﻝ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﻏﯩﺮﯗﻟﯘﻕ ﻗﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺷﺎﻛﺎﻟﺪﻩﻙ ﻳﯜﺯﻩﻛﻰ ﺑﺎﮬﺎﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﭼﯚﭼﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ،ﭼﯩﺪﯨﻤﯩﺪﯗﻕ .ﻳﺎﺭﯨﻤﯩﺰ ﺷﻪﻟﯟﻩﺭﯨﺪﻯ !
ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻱ ﺋﻮﻕ ﺋﺎﺗﻤﺎي تەﺳﻠﯩﻢ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻤﯩﺪﯗﻕ .ﺑﻪﺭﮬﻪﻕ ،ﺑﻪﺭﮬﻪﻕ ،ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ،ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﮬﺎﻧﻰ (ﺋﯚﺯﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ )ﻛﯜﻟﯜﭖ ،ﭘﻪﺭﯞﺍﺳﯩﺰ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯞﻩﺗﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ،ﭘﻪﺭﯞﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘﻗﯧﺘﻤﻘﻰ ﺑﺎﮬﺎﻏﺎ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻛﯜﻟﮕﯩﻠﯩﻼ ﯞﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺗﯜﺭﮔﯩﻠﯩﻼ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ.ﺑﯘ ﺑﺎﮬﺎ ﺟﺎﺯﺍ ﭼﺎﯞﯨﻜﻰ چېلىىشقا ﻳﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ،ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺕ ﯞﻩ ﺑﯩﮕﯩﺰ ﺗﯜﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﯕﺴﯩﻖ ﺑﺎﮬﺎ ،ﻗﯩﺮﺗﺎﻕ ،ﺗﯘسسىز ﺑﺎﮬﺎ ﺗﯘﺭﺳﺎ!!! ﺋﯚﺯﯗﻣﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﺎﮬﺎﯕﺪﺍ ﺗﻮﯞﻻﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ .ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻢ ،ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﯟﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻢ ﻳﻮﻕ ،ﻛﯩﺮﯨﻢ -ﭼﯩﻘﯩﻢ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯ ﺋﯧﭽﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ.

ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﻰ ،ﺋﯚﺯ ﻧﺎﻣﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍ ﻳﻮﻻﺗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ،ﺑﯩﺨﻪﺗﻪ ﺭ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﺸﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ ﻧﻮﭘﯘﺯ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻤﻪﻳﺪﯗ ،ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯜﻧﯘﭘﻤﯘ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﮬﻪﺭ ﻛﯩﻢ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ .ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻣﯘ ﮬﻪﻡ ﻗﯩﺰﻻﺭﻣﯘ ﺷﯘ.ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺪﯗﻕ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﮬﺎﻟﻘﯩﻠﯩﻖ ﭘﻪﻳﺘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺪﯗﻕ ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻛﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﯘﺯﺍﻟﻤﯩﺪﯗﻕ .ﺋﻪﺧﺘﻪﻡ ﺋﺎﻛﺎ ﺳﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﯞﻩﻧﻠﯩﮕﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯ ﺋﯧﭽﯩﭙﺴﯩﺰ ،ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﻤﺎﻳﻤﯩﺰ ،ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﯩﺮ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﯖﯩﺰﻣﯘ؟ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﺭﺍﻕ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﻗﯧﻠﯟﯨﺘﻪﻟﻤﯩﺪﯨﯖﯩﺰﻣﯘ؟ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ،ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻧﺎ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﺎ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺮﯨﻢ -ﭼﯩﻘﯩﻢ ،ﭘﺎﻳﺪﺍ -ﺯﯨﻴﺎﻥ ،ﺋﯧﺮﯨﺸﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ،ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺶ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺵ ﻗﻮﻟﺪﻩﻙ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﻗﺘﯩﯖﯩﺰﻣﯘ؟ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺷﺎﻥ -ﺷﻪﺭﻩﭖ .ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﻢ -ﻛﯧﭽﻪﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﺒﯘ-ﺯﯨﻨﻨﻪﺕ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻼ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ،ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﺮﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﺵ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺯ ﯞﻩ ﺗﯜﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ-ﻣﻪﺯﻟﯘﻣﻼﺭﻧﻰ ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﻳﺎﻥ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﭘﺴﯩﺰ .ﺳﯩﺰ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﯖﯩﺰﺩﻩ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ،ﻗﻪﻟﯩﻤﯩﯖﯩﺰ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺰ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﺘﺎ ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﯗﻕ ،ﺋﻪﺧﺘﻪﻡ ﺋﺎﻛﺎ!ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪ ﺩﯨﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﻣﻪﻳﻠﻰ ،ﻗﯘﻳﺎﺷﻘﺎ ،ﺋﺎﻳﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺗﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﻣﻪﻳﻠﻰ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻖ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﻪﺭﺳﯩﯖﯩﺰ .ﺑﯩﺰ ﺗﻮﯕﻠﯩﺪﯗﻕ ،ﺑﺎﭼﻜﯩﻼﺭ ،ﭼﯜﺟﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﯕﻠﯩﺪﻯ !
ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻣﯩﺌﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﻪﺭﻛﯩﺴﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ،ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﯩﺴﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ،ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻕ ﺑﯩﺰ ﮔﻪ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﻩﻙ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﭼﺎﺗﺘﯖﻼﺭ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪ-ﺗﻪ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﺍﺗﺘﯩﯖﻼﺭ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻤﯩﺰ ،ﮬﻪﻗﻠﯩﻖ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﭽﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﺪﯨﯖﻼﺭ ﺋﻪﺟﻪﺑﺎ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﺩﯗﯕﻼﺭﻣﯘ؟،ﺋﻪﺟﻪﺑﺎ ،ﺳﺎﺩﺩﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﻮﻗﺘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻤﯘ؟ﺗﯘﻳﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺳﯩﺮﻗﯩﺮﺩﻯ ﺋﻪﺧﺘﻪﻣﻜﺎﺑﯩﺰ ﺋﯘﮬﺴﯩﻨﺪﯗﻕ .ﺭﺍﻳﯩﻤﯩﺰ ﻳﺎﻧﺪﻯ !ﺋﯧﻴﺘﯩﯖﭽﯘ؟ﺑﯩﺮ ئادەﻣﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯩﺮﯨﺶ ،ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﻣﺎﺩﺩﻯ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ،ﺋﯘﭘﺮﺍﺵ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﻗﯧﻘﯩﺶ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟ﻳﻪﻧﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎخىر ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﺴﻨﯩﯔ ﭘﯩﭽﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﺋﯧﻠﭙﻼ ﺟﺎﺭﺍﮬﻪﺗﻨﻰ ﺗﯩﻠﯩﭗ -ﺗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘ ﺩﻩﭖ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﯘﻳﯘﺵ ﮬﻮﻗﻮﻗﻰ ﺑﯘﻻﻣﺪﯗ؟ﺋﯩﺘﺘﯩﻦ ﻗﻮﻗﻘﺎﻧﻐﺎ ﺳﯘ ﭘﯜﺭﻛﯜﭖ ﮬﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﺳﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ
ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺗﯩﻠﻠﯩﺴﺎ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ،ﻣﺎﺧﺘﯩﺴﺎ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﯞﺩﯨﻨﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎﺳﻘﺎﭖ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﻗﺎﻳﺴﻰ ﮊﺍﻧﯩﺮ ﺑﯘﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﻴﻨﻪﺯﻩﺭ ،
ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻻ ﺋﻮﭘﯩﺮﺍﺗﺴﻴﻪ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﯞﻩﮬﯩﻤﯩﮕﻪ ﭼﯚﻣﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.
ﮬﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﭼﻪﻙ -ﺩﺍﺋﯩﺮﺳﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﯩﻦ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ،ﮬﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ،ﺋﯘ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﺋﻮﺯﯗﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ،ﮬﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﺧﻪﯞﯨﭗ ﺧﻪﺗﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ .ﺑﺎﮬﺎﻣﯘ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ،ﺋﯧﻨﯩﻖ ،ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎ ،ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ،ﻳﯧﻘﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﯘﻻﻣﺪﯨﻜﯩﻦ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ .
ﺩﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺰ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻮﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩﻙ ﻳﯧﻠﯩﻢ ،ﺋﺎﭘﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﻮﺳﻤﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯧﻨﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺍﻟﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯩﺰ.ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯚﺭﯨﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰﻏﯘ ،ﺟﻪﻧﻮﭘﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ ،ﺗﻪﯕﺘﯜﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ ﺑﯚﺷﯜﻙ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﭼﻮﯕﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﺭﻩﻣﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﯞﺍﺗﺴﺎ ،ﺗﯘﻝ ﺧﯘﺗﯘﻥ ﻳﯧﺘﯩﻢ -ﻳﯧﺴﯩﺮﻻﺭ ﻛﯚﭘﯩﻴﯟﺍﺗﺴﺎ،ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ ،ﻣﺎﻳﻤﯘﻧﻼﺭ ﺋﺎﯞﯗﭖ ،ﮬﯧﯩﻠﻼ ﺩﻩﺭﻩﺧﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﯞﺍﺗﺴﺎ .......ﮔﺎﯕﮕﯩﺮﺍﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰ.ﺑﯩﺰ ﻳﯘﻟﯘﭖ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﯜﺩﻩﻙ ﺳﺎﭖ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻗﯧﻨﻰ ؟ﺑﯩﺰ ﮔﻪ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﺑﯘﻻﻟﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﻪﺑﯘﺩﻻﺭ ﻗﯧﻨﻰ ؟ﺑﯩﺰ ﻧﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻤﺎﻗﭽﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺧﯩﺮ ؟ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯩﺸﺘﺎﻥ -ﻛﯚﯕﻠﻪﻙ ﻛﯧﻴﯩﭗ ،ﭼﺎﭘﺎﻥ ﻛﯧﻴﯩﭗ ،ﻗﺎﺭﺍ ﻛﯚﺯﻩﻳﻨﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﺴﺎﻗﻤﯘ،ﺋﻪﺭﻩﭖ ﺗﺎﻣﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﯩﺴﻪﻛﻤﯘ ﺋﻪﺭﻩﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯧﻨﯩﻖ .ﭼﺎﭺ ﺑﯘﻳﺎﭖ ،ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻳﯜﺭﺳﻪﻛﻤﯘ ﻳﻪﮬﯘﺩﻱ ﯞﻩ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻖ ﺑﯘﻻﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ.ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩﻟﻪﻳﻤﯩﺰ .ﺷﻪﺭﺕ !ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﭘﯘﻥ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﺳﯩﺠﯩﻞ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭ ﺑﻮﻻﻟﯩﺴﯖﻼﺭ ،ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﯞﻩ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻻﻟﯩﺴﯖﻼﺭ ،ﺋﻪﺭﻩﭖ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﺑﻪﺭﺩﻩﻡ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻻﻟﯩﺴﺎﯕﻼﺭ ......................
ﻛﯘﭼﺎﻟﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ،ﻛﯘﭼﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯘﭼﺎ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻐﺎ ﺧﺎﺱ ﺋﺎﺷﯘ ﻣﯘﮬﯩﺘﻘﺎ ﺗﻪﯕﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ،ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺴﯩﺰ ! ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ،ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﺭﺗﺴﯩﺰ ،ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺗﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ. ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ،ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ،ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ،ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻼ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﯘﺷﻠﯘﻕ ﻧﺎﺗﯘﺭﺍﻝ ﺋﯩﮕﻠﯩﻚ ﮬﯩﺴﺎﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ .ﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺴﯩﺰ ﯞﻩ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻴﺪﯨﯖﯩﺰ!ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﺳﯩﺰ ﯞﻩ ﺑﯩﮭﯘﺩﻩ ﺩﯦﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ .
21-ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺳﺎﭘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﺭﯛﻟﯜﭖ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﺶ . ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻨﯩﯔ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﻮﻗﻰ ﮔﺎﺩﺍﻳﻨﯩﯔ ﺧﯘﺭﺟﯘﻧﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭ .ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ،ﻳﺎﭘﯘﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺭﻭﻟﻠﯩﺮﻧﻰ ﺋﺎﻻﻟﻤﯩﺪﯗﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﻪﺯﻩﻝ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ !ﺟﺎﯞﺍﭖ ﻧﯩﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺋﻪﺧﺘﻪﻣﻜﺎ؟ ﻳﯘﻗﯩﺮﺩﺍ ﻣﻪﻥ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﺩﯨﺪﯨﻢ.ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺰ ،ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﺴﺰ !ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻﻳﻠﻰ ،ﻳﯜﺯ ﺋﺎئىلىنىڭ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﺋﯜﭼﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺧﺎﭘﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﺗﯜﮔﯜﻧﻰ ﻧﯩﻤﻪ؟ ﻧﯩﻜﺎﮬ ﻣﺎﺟﯩﺮﺍﺳﻰ ،ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺷﻪﺧﯩﺲ ،"ﻗﯩﺰﺍﺭﻣﺎﺱ ﺗﻮﺭﻏﺎﻳﻼﺭ "ﯞﻩ "ﺋﻮﯞﭼﯩﻼﺭ"ﻧﯩﯔ ﻛﺎﺳﺎﭘﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ؟!!!ﻗﯘﺭﺑﺎ ﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﺎﻗﺎ ﭼﯩﺸﻠﯩﺪﻯ ،ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﺩﯨﻦ ﻳﺎﺵ ﺋﻪﮔﯩﺪﻯ ،ﺗﯘﻱ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻴﺘﺎﻻﻣﺴﯩﺰ ؟ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﭼﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﻗﺎﭘﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺪﻯ ،ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ ،ﺋﯘ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻏﻪﻣﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﻣﯩﮭﺮ -ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﺷﻪﻟﻤﻪﻱ ،ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺧﻪﻗﻘﻪ ﺗﺎﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ ،ﻛﯩﺘﺎﭖ ،ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﺘﻰ. ﺋﻪختەﻣﻜﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﻳﺎﺷﻐﯘﻣﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﯘﻣﯩﺰ ،ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ !ﺋﻪمما ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯜﻟﮕﯩﻤﯩﺰ ﭼﯩﻘﻤﯩﺪﻯ .ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ ،ﺋﻪﻗﯩﻞ -ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺯ ﭼﯩﻘﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﯩﻘﻤﯩﺪﻯ ،ﺳﺎﯞﺍﺗﺴﯩﺰ "ﺳﻪﺗﻪﯓ ﻗﯘﺷﻘﺎﭺ "ﻻﺭﻧﻰ ،ﭘﻪﻳﺰﻯ ﺑﺎﺭ ﻧﺎﺯﻧﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ،ﻛﯚﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ !ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﯧﻤﯩﺘﻜﻪﻧﯩﺪﻯ ،ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺧﺎﺱ ﺋﯩﺰﻧﺎ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﭼﯩﮭﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﯘﺵ ﮔﯘﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﻪﻣﮕﻪن پەﺭﺯﻩﻧﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﻪﻳﯜﺳﻠﻪﻧﺪﯕﻼﺭ ،ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﯘﻟﯘﺷﺘﻰ .ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺟﺎﻥ ﺑﻪﺭﮔﯘﺳﻰ ،ﻗﺎﻧﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ ؟ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻛﯧﺮﻩﻛﺘﯩﯖﻼﺭﻏﯘ؟ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭ!.......ﮬﻪﺭ ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﺭﺍﺟﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﻣﯩﺰ ﻛﯩﻠﻪﺗﺘﻰ .ﺗﯧﻠﯟﯨﺰﻭﺭﻻﺭﺩﺍ ﺑﯩﻤﻪﻧﻪ،ﺗﯧﺘﯩﺴﯩﺰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺸﻠﻪﺭ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺷﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﯖﻼﺭﻧﻰ ﺧﺎﻻﻳﺘﺘﯘﻕ .ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ،ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ،ﺋﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ،ﮬﻪﺗﺘ ﺎ ﺩﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺩﻩﺯ ﻛﻪﺗﻤﯩﺴﯩﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﻳﺘﺘﯘﻕ!ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﻏﭽﯩﻐﺎ ،ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻏﺎ ،ﻳﯘرﺕ ﺳﻪﻳﻠﯩﺴﯩﮕﻪ،
ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ،ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺭﺍﮔﺎﮬﯩﻨﻰ ﺗﺎﯞﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ئىلىپ بارغان بولساڭلار ......؛ﺋﯧﺪﯨﺴﻮﻧﻨﯩﯔ ،ﻧﻪﻧﺸﯩﻨﯩﯔ (ﺋﯩﺪﯨﺴﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ )،ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﮔﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ ،ﺋﻪﺗﯩﺪﯨﻦ -ﻛﻪﭼﻜﯩﭽﻪ ﺋﯚﺗﻤﯜﺵ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﺪﻩ ﮔﻪﭖ ﺋﺎﭼﻤﺎﻱ ،ﻛﯚﺯ ﺋﺎلدىمىزﺩﯨﻜﻰ ﻧﺎﻥ ،ﻣﻮﻣﺎ ،ﺑﻮﻟﻜﯩﻼﺭ ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻗﻨﻰ ﺳﯚزﻟﻪﭖ ،ﺗﻪﺑﺌﻰ ﭘﻪﻧﮕﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ ........
ﺑﯩﺰﻧﻰ ﮔﺎﮬﯩﺪﺍ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻦ ،ﻣﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺗﯜﺷﻤﻪ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻴﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ ،ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ،ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺗﯜﺳﻰ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﭼﻪﻛﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ،ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ ،ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺯﺍﻳﻤﯩﻐﺎﻥ ،ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﺩﺍﺭ ،ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺋﺎﺯﺍﻳﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ ،ﮬﺎﻟﺒﯘﻛﻰ ،ﺑﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺋﺎﺗﯩﻼﺭ ﻳﻮﻝ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ (ﺑﺎﺷﻠﯩﻴﺎﻟﯩﻐﺎﻥ )ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﻣﺎﺱ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﮕﻪﭼﯘﺷﻠﯘﻕ ﻣﺎﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺭﺍﺩﻗﺎ ﻳﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﯞﮬﯜﻣﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯞﻩﺗﺘﯩﯖﻼﺭ .ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋ.ﻮﺕ ﺋﯜﭼﯜﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﻯ ،ﺑﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺳﻪﺭﻩﯕﮕﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭽﻨﯩﻤﻪ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺪﯗﻕ ؛ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﭼﻮﻍ ﺳﺎﻗﻼﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﻯ ،ﺑﯩﺰ ﮬﯩﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﻮﺗﻨﻰ ﺋﯚﭼﯜﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪﯗﻕ ؛ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﺯﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻛﺎﺭﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺪﻯ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﭘﯩﺴﻪﻧﯩﺖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯗﻕ ؛ﺳﯩﻠﻪﺭ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪﻡ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭسىلەردىن ﭼﯚﭼﯜﺗﯜﭖ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﻼﺭ .ﺋﯧﻴﺘﺎﻳﻠﯘﻗﻜﻰ ،ﯞﻩﮬﯩﻤﻪ ﺋﻮﺑﯩﯧﻜﺘﯩﺪﺍ ﻣﻪﮬﻠﯩﻴﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ،ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺗﭽﺎﻧﻠﻖ ،ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ،ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻖ ﺗﯘﻏﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.
ﻣﻪ ﻥ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﮬﻪﺳﺴﯩﻠﻪﭖ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﻮﺷﻤﺎﻗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ،ﻣﯘﺷﯘ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﯩﻨﯩﺲ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﭼﯩﮕﺮﺍ ﺳﯩﺰﯨﻖ ﺳﯩﺰﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯩﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ، ﻣﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻟﯩﻨﻴﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﭘﺎﻳﺪﺍ -ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﻮﻗﯘﻧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ،ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ،ﺗﻪﺑﺌﻰ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ،ﺳﯩﯖﯩﺸﺸﯩﻨﯔ ﺑﯘﻟﯩﺸﯩﻨﻰ،ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﯘﻟﯘﺷﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﻤﻪﻥ .ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﯩﻤﯩﺰ !ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﮬﺎﻣﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﭘﺎﺳﺴﭙﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺰﺍ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ .ﺋﯘ ﮬﯧﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﻰ ﺑﯘﻻﻟﯩﺸﻰ ،ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻥ ،ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ ﯞﻩ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﺑﯘﻻﻟﯩﺸﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ .ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺠﺮﯨﻢ ﺳﺎﻻﭘﻪﺕ ﺑﺎﺭ ،ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﺑﺎﺭ .ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ،ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺵ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻧﯩﻐﯩﻼ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﭗ ﻗﯘﻳﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﯘ ﺋﯚﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻧﺎ-ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺗﯘﻳﺪﯗﺭﻣﺎﻱ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺩﻩﺭﺳﻰ ﺋﯚﺗﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯩﺸﻰ ﻛﯩﺮﻩﻙ .
ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ ،ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻳﺪﯗ .ﺭﺍﺳﯩﺖ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻤﯘﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ،ﺑﯩﺰ 11-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﯞﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ .ﺑﯩﺰ ﺷﯘ ﺩﻩﯞﺭ ﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﯩﻼﻧﻤﺎ ﺋﻮﺭﺑﯧﺘﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰ.ﺑﯩﺰ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ ،ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﻪﺭ -ﮬﻪ؟ ﺋﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ،ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ،ﺑﺎﻻ ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﺩﺍ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﮔﻮﺭﻛﯩﺪﻩﻙ "ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﻰ ﺗﯘﺧﯘﻣﯘ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ،ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﺗﺎﻻﻧﯩﺖ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﻰ ﻛﻪﯓ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺸﯩﺪﯗﺭ "ﺩﯦﻴﻪﻟﯩﺴﻪ-ﮬﻪ!
ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺭﺍﺟﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ :ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ 1-ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻗﻮﺷﯘﻟﺴﺎﯕﻼﺭ1+1=11ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ ،ﺋﻮﺭﻧﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﯔ ﺳﺎﻗﻼﯕﻼﺭ ،ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻟﻘﺎﻥ ،ﻣﺎﻳﺎﻙ ﺑﯘﻟﯘﯕﻼﺭ ،ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ قەبرىستانلىقتىن ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﻠﻰ ،ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﺧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺰﺩﯨﻤﻪﻳﻠﻰ !
ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﺎﯕﻼﺭ ،ﺑﯩﺰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ،ﺳﺎﺩﯨﻘﻠﻖ ،ﺑﯩﺠﺎﻧﺪﯨﻠﻠﯩﻖ ،ﭼﯧﭽﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺳﺎﻕ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﯞﻩ ﺑﻪﺧﺘﯩﻴﺎﺭ ﻳﺎﺷﯩﻴﺎﻻﻳﻤﯩﺰ .4ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﯘﺗﯘﻥ -ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﻰ 4ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﯞﻩ ﻣﯘﺷﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ .ﺋﯘﻻﺭ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﻮﺕ ﺳﯩﻢ ﯞﻩ ﻧﯚﻝ ﺳﯩﻤﻼﺭﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﺮﺍﻕ ﻳﺎﻗﯩﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﺯﺍﺭﻻﭘﻼ ،ﻗﺎﻗﺸﺎﭘﻼ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ،ﺋﯜﻟﮕﻪ ،ﺋﯚﺭﻧﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .ﺋﻪﺑﮕﺎﻟﯩﻘﻨﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻴﻼ ﭼﯚﺭﯛﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯨﺘﯩﺪﯗ .ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ .ﺋﻪﺭ -ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﯚﺗﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﯩﺖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﭼﻮﯓ ﺋﺎﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﻳﺪﯗ .ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ "ﭘﻪﺭﺩﯨﺸﻪﭖ"ﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﻪﻙ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﮔﻪﯞﺩﻩ ﺑﯘﻟﯘﭖ "ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ "ﺩﯦﻴﺸﻜﯜﺩﻩﻙ ﺑﯘﻻﺭﻣﯩﺰ ؟
ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﻨﻪ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺳﺎﻻﻡ!
.......ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﯕﻼﺭ ﺋﺎﻛﯩﻼﺭ ،ﺩﺍﺩﺍ،ﺋﯘﻛﺎ،ﯞﻩ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ !!!ﺳﯩﻠﻪﺭﺳﯩﺰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻴﺎﺕ ،ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﭼﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭﺳﯩﺰ ﮔﯜﻟﯩﺴﺘﺎﻥ ﻧﻪﺩﻩ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ ؟ﺳﯩﻠﻪﺭﺳﯩﺰ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ،ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﺪﯗ ؟ﺳﯩﻠﻪﺭﺳﯩﺰ ﺋﺎﻧﯩﻠﻖ ﺑﯜﻳﯜﻛﻠﯜﻙ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﯩﺠﺎﻧﺎﺑﻠﯩﻖ،ﻣﻪﯞﺟﯘﺩﯨﻴﻪﺕ ،ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺵ ،ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﯧﭙﯩﺸﻼﺭ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ -ﺋﻪﺧﺘﻪﻡ ﺋﺎﻛﺎ؟
ﻣﻪﻧﺰﯨﻞ:ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﻯ

http://bbs.diyarim.com/ShowPost.asp?id=28376

Unregistered
22-07-07, 08:36
Jennet ishikini kim qaqidu ?

Béliqiz ablikim
(Extem ömerge ochuq xet)

(Bu eser extem ömerning uyghurlarda ana terbiyisi we anilarning sapasi digen esirige qarita "shinjang ishchilar herikiti "jornilida élan qilin'ghan)

Xet bolghachkimikin geplirimni tel -tökus dep bolalmidim .Biraq ,éytimen ,pesh -chékitlirimmu sözleydu .........
Xétimning qarshiliqqa uchiraydighanliqi éniq .Emma choqum sözlishim kirek ,chunki qiliwatqinm özumge nisbeten toghra we manga ,bashqilargha kérekilik bolghan ishlardur.
Hörmetlik extem aka ,bu yazghanlirimni "derd"dep qarimastin ,ashkara söhbet dep qarishingizni umut qilimen .Belkim bu bir qiz bulush süpitim bilen tayaqni ashkara qubul qilishni xalimghanliqmdindur. Belkim sizge bu uchuq xetni yézishim menga gheshlik üstige gheshlik élip kelgen eserlerni tola oqup ,qeghez yüzide narazilq ,partlash ,munazire xaraktérdiki qimmet qoghlishsh kürishi élip bérishtur . Belkim men ........Nihayet ,nimla bolmisun qarshiliqning bolghini yaxshi ish .Méningche ,bumu qizliq zinnet qatarida ,étirap qilishqa érishelmigen ,chüshinishkimu muyesser bolalmighan tereplerni yirtip -échip ,öz pakiliqi ,qedir -qimmitini qoghdap qélish ,yolluq aqlinish qatarigha kirgüzülüshi kirek .Bu yene öz nöwitide eqelly exlaq we sap alijanapliq ,xalas.
Ikki jinis otturisidiki mes'ulyetke nsbeten ,ashkara halda jawapkarliqni dönggeshtek bishem körunishlerni yasap chiqmaqchi emesmen .Buning qiz bulush salahiyitim bilen shan -sheripimizgelenet ,haqaret ,we dagh kelturdighanliqini chüshinimen .Emme menmu ziyade étiyatchanliqning ,"nime dep qalar ?"Ning angqaw igsi bulup ötiwérishning téxmu ahanatlik boldighanliqini haziri zaman uyghur jem'iytide asta -asta hés qilip qaldim .Loqma salghum söz qisturghum keldi ,chüshinelmigen mesililirimge siz bilen ortaq lüghet axturghum keldi,merhemet qilarsiz.
Dada! qizing shutap ,qizliq meydanida ,ana meydanida turup munarizige chüshmekchi ,méni atikachiliq qiliwatidu dime ,buruttiki ashqa qosaq toymaydu dime ,medet bergin manga ilham bergin .Men nimla bolmisun sining armaningdiki illiq keypiyatni yaritish üchün des turdum .Ana,ana ...,Méni qollighin ,munazire meydanimda sinng chawiking bolmisa bolmaydu ,sen manga bashmaltiqingni chiqarmisang bolmaydu ....................
..........Sherqtin izgü bir ahangni anglap oyghinip kettim oyghaqmen .Méni qichqarghan kim?Ishikini gümbürlitip qaqqan zadi kim?Men némishke oyghandim ?Mining munazirem mana mushu yerdin bashlinidu.Ular oyghatti .Men qayaqqa mangimen ?Ular qungghuraq chaldi ,méning menzilim qaysi ?Seher boptu yol qayaqqa zadi ?
Men közlirimning ,qulaqlirining ,éghiz we qollirimning bashqilar bilen oxshashliqini sezdim .Men qiz ayallar toghiruluq ,bulupmu putkul bir millet aniliri tughiruluq quyulghan shakaldek yüzeki bahani anglap chöchüp kettim,chidimiduq .Yarimiz shelweridi !
Bir pay oq atmay teslim bulidighan ishni oqughan bir ziyalining ishi dep qarimiduq .Berheq ,berheq ,her bir adem ,her bir höküm qilish qtidarigha igebolghan normal adem melum bir bahani (özi heqqidiki )külüp ,perwasiz halda ötküzwetse boliwéridu,perwa qilmisa bulidu. Emma buqétmqi bahagha achchiq külgilila we peqet qapaq türgilila bulidu.Bu baha jaza chawiki chéliishqa yaraydighan,haqaret we bigiz tüsini alghan qangsiq baha ,qirtaq ,tussiz baha tursa!!! özumge xas ahangda towlawatimen .Chunki bu méning qarishim ,oynishwatqinim yoq ,kirim -chiqim üstide söz échiwatimen.

Adem méningche pütkül tirishchanliq bilen özini qoghdishi ,öz namigha qilche qara yolatmaydighan derijide ,bixete r orun birish üchün tiriship béqishi kirek nopuz asmandin chüshmeydu ,yerdin ünupmu qalmaydu .Her kim uni özi yaritidu .Biz ayallarmu hem qizlarmu shu.Emma biz shundaq qilalmiduq hemishe halqiliq peytlerde shundaq qilalmiduq biz özimizni ilgirkige oxshashla étirap qilghuzalmiduq .Extem aka siz uyghur qiz ayallirning sapasining tüwenligi heqqide söz échipsiz ,köz yummaymiz ,pakitlar qedemde bir ,emma shuni oylap körmidingizmu?Azraq chongqurraq tepekkür qélwitelmidingizmu?Bizning muhitimiz ,bizning pütkül shinjangdin ibaret bir ana séstima ichidiki kirim -chiqim ,payda -ziyan ,érishsh bilen yoqitish ,güllinish bilen chékinish ottursidiki besh qoldek ashkara tengpungsiz sharaitni oyliship baqtingizmu?Yene kilip shan -sherep .Hörmet dégenlerni kiyim -kéchek bilen zibu-zinnet arisidila izdep ,yenimu chongraq nersilerni oylash imkaniyiti nahayiti az we tüwen bolghan ashu yérim dunyani-mezlumlarni qelimingiz astida xalighanche uyan buyan qilip sapsiz .Siz esiringizde yighlighan bolsingiz ,qelimingiz yighlighan bolsa biz réalliqta yighliduq ,extem aka!perishte dimisingizmu meyli ,quyashqa ,aygha oxshatmisingizmu meyli,emma yürikingizning isq bétidin muwapiq orun bersingiz .Biz tongliduq ,bachkilar ,chüjiler tonglidi !
Her qandaq bir jemiyetning serkisi bulidu .Hemme milletning bayraqdarliri ,serkerdiisi bulidu ,sizge éytsaq biz ge esli silerdek erler yol achattnglar ,siler bizni te-te étip mangdurattinglar ,siler bizning oqutquchimiz ,heqliq yosundiki terbiyichimiz idinglar ejeba buni untudunglarmu?,Ejeba ,sadda dunya qarash del mushu noqtigha ishlinip qaldimu?Tuyiqimiz sirqirdi extemkabiz uhsinduq .Rayimiz yandi !éytingchu?Bir ademning pütkül bir millet anisigha baha birish ,bashqa körgenliri qatarida maddi jehettin ,uprash haliti we sirtqi tereqqiyat jehettin sélishturup ularning rohini qéqish salahiyiti bolamdu?Yenekilip bashtin axir qelem bilen shughullinip ötken bir shexsning pichaqni aldirap élpla jarahetni tilip -tilip quyup bizning halimiz shu dep tashlap quyush hoqoqi bulamdu?Ittin qoqqan'gha su pürküp hushigha kelturse bulidu ,emma
Bu ishta bolmaydu .Bir ademni tillisa bulidu ,maxtisa bulidu ,emma pütkül bir gewdini edebiyatqa tayinip tasqap chiqsa bolmaydu ,qaysi janir bulishidin qet'ynezer ,
Bundaq chala opiratsye kishini wehimige chömduridu.
Herqandaq nersining mueyyen chek -dairsi bulidu .Oksigin eslide hayatliq élip kilidighan nerse ,halbuki ,u chektin éship ozun bulup qalsa ,hayatqa xewip xeter élip kilidu .Bahamu biwaste ,éniq ,chongqur tehlil obyéktini menbe qilsa ,muwapiq ,yéqishliq bulamdikin deymen .
Démisimu biz kéyinkiler üchün momilirimizdek yélim ,apilirimizdek osma bilen xéne qalduralighandimiz.Emma köriwatimizghu ,jenopqa qarisaq ,tengtüshlirimiz tapqan puligha böshük toy qilip ,chonglirimiz heremini yoqlawatsa ,tul xutun yétim -yésirlar köpiywatsa,shimalgha qarisaq ,maymunlar awup ,héilla derextin chüshkendek iptidaiy körünüshlerni yasawatsa .......Ganggirawatimiz.Biz yulup ögen'güdek sap nerse qéni ?Biz ge ölchem bulalighudek güzel mebudlar qéni ?Biz nimige aylanmaqchimiz axir ?Bizning uzun ishtan -könglek kéyip ,chapan kéyip ,qara közeyneklerni tartsaqmu,erep tamiqini yisekmu erep bolalmaydighanliqimiz éniq .Chach buyap ,beden échip yürsekmu yehudy we yawropaliq bulalmaymiz.Emma qurban bireleymiz .Shert !siler yapun erliridek sijil pidakar bolalisnglar ,yehudiy erliridek wetenperwer we tedbirlik bolalisnglar ,erep yigitliridek berdem we imanliq bolalisanglar ......................
Kuchaliqimiz ,kucha ayallirida kucha muhitigha xas ashu muhitqa tengdash bolghan qurban bérishler bar ,tapalaysiz ! xotenlikimiz ,xoten ayallirida xoten sharaitidiki shertsiz ,raziliq tipidiki büyük qurban birishler bar. Ghulja ayallirida ,ürümchi ayallirida ,qeshqer ,aqsu ayallirida ,hemmisidila özige tushluq natural iglik hisabidiki qurban birishler bar .Köreleysiz we his qilghan bolghiydingiz!héchkim bularni qedirsiz we bihude déyelmeydu .
21-Esirge sapan bilen sörülüp kirip balilarni oqutushning özi qurban birish . Padishahning xeziniside yoqi gadayning xurjunida bar .Yehudiy ayalliri ,yapun ayallirning ésil rollirni alalmiduq emes ,bizde ezeldin ezel bulup kelgen !jawap nime boldi extemka? Yuqirda men tengpungsiz sharait didim.Éniq bilisiz ,choqum yaxshi bilisz !tereqqiy qilghan sheher ürümchini alayli ,yüz ailining texminen üchtin biride aile xapiliqi bar tügüni nime? Nikah majirasi ,üchinchi shexis ,"qizarmas torghaylar "we "owchilar"ning kasapitidin bolmamdu?!!!Qurba n bergen anilar qurbanliqigha qarap yaqa chishlidi ,közlirdin yash egidi ,tuy qilghinigha pushayman qilghini yoq dep éytalamsiz ?Uning kirimi chiqimni qapliyalmidi ,özini tashliwetti ,u közligen ghemxorluq we mihr -muhebbetke érshelmey ,barliqini hetta ailisini xeqqe tatquzup qoydi ,kitap ,öginishlerdin waz kechti. Extemka bizning xushal yashghumiz bar idi inaq bir ailining igisi bolghumiz ,bir ailidin birdin alim chiqirish nishanimiz bar idi !emma bizning ülgimiz chiqmidi .Bilimlik anilarni ,eqil -parasetni yoqlaydighanlar az chiqti yaki chiqmidi ,sawatsiz "seteng qushqach "larni ,peyzi bar naznilarni yoqlaydighanlar nahaytimu köp ,köp chiqti !anilar balilrini ikki yashqiche émitkenidi ,chiraylirida ikki yashliq balining anisigha xas izna qaldi chihridiki xush guzellikning bir qismi özning ikki yashqiche emgen perzentige ötüp ketti .Siler buninggha qarap meyüslendnglar ,hetta balilirigha yéngi ana tapqanlarmu bulushti .Kimning jan bergusi ,qanitini tartquzup quyghusi kilidu ?Siler kérektinglarghu?Perwerdigar!.......Her minut silerge murajet qilghumiz kiletti .Télwizorlarda bimene,tétisiz körünishler chiqsa shularni öchürüshni bilishnglarni xalayttuq .Balilirimizgha,atilirimiz,inilirimizgha,hetta dadilirimizgha dez ketmisidi dep ensireyttuq!siler bizni baghchigha ,kitapxanilargha ,yurt seylisige,
Saxawet ishliri sorunlirigha ,ejdatlarning qararagahini tawap qilishqa ilip barghan bolsanglar ......;Édisonning ,nenshining (idisonning apisi ),jahanning ishlirini biz ge sözlep bergen bolsanglar ,etidin -kechkiche ötmüsh heqiqide gep achmay ,köz aldimizdiki nan ,moma ,bolkilar utturisidiki perqni sözlep ,teb'i pen'ge qiziqturghan we silermu shundaq qilalighan bolsanglar ........
Bizni gahida zamandin ,makandin halqip turup ötüshme tepekkür yoligha bashliyalighan bolsanglar ,qisqisi ,ayallarning nurghun paaliyetlirige mejburiy exlaq tüsi bérimen dep cheklep qoymay ,belki ulargha yol échip béreligen bolsanglar ,paaliyitimiz azaymighan ,güzellikni köridighan madar ,quwwet azaymighan bulatti ,halbuki ,bu zémindin tughulghan atilar az boldi ,atilar yol quyup bashlighan (bashliyalighan )yolda mangghan anilar az boldi ,mas halda perzentlerde bolsa intilgen nersgechushluq madar bolmidi. Siler qelem bilen muradqa yitishni mewhümleshtürwettinglar .Bashqilar .Ot üchüp qalsa eqil ishlitishni bildi ,biz bashqilar yasighan teyyar serengge ishlitishtin bashqa héchnime qilalmiduq ;Bashqilar chogh saqlashni bildi ,biz hich bolmisa otni öchürmeslikni bilmiduq ;Özimizning qazini bilenla karimiz boldi ,bashqilargha pisenit qilmiduq ;Siler hemishem bizni aliqandaq nersilerdin chöchütüp keldinglar .Éytayluqki ,wehime obiéktida mehliya qilishtin eser bolmaydu ,u kishige éhtiyatchanlq ,öchmenlik ,we iqtidarsizliq tughduridu.
Me n shikayetke yene hessilep shikayet qoshmaqchi emes ,mushu tüpeyli ikki jinis otturisida keskin chigra siziq sizilip qalmisidi dep oylaymen, men ikki linye otturisida payda -ziyan toqunshidin xaliy ,erkin ,teb'i hemkarliq ,singishshinng bulishini,tereqqiyatning bulushni xalaymen .Shundaq démekchimiz !ayallar hamaqetlik we passpiliq bilen érining bashqurushini qubul qilsa bu iza tartishqa tigishlik .U héch bolmighanda érining yérimi bulalishi ,mes'uliyetchan ,mulayim we qeyser bulalishi kirek .Erlerde bijrim salapet bar ,sharait bar .Ular mushu salahiyetni arqisigha tashliwétip ,balilarni terbiylesh mes'ulyitini anighila ittirip quysa bolmaydu .U öz nöwitide ana-baligha tuydurmay janliq exlaq dersi öteleydighan bulishi kirek .
Jeryan ,musapiler közge körünmeydu .Rasit ,bashqilarning köridighinimunetije ,biz 11-esirdin yiraqlap ketkili bir dewr boldi .Biz shu dewr ning qaytilanma orbétisida turuwatimiz.Biz her birimiz özimizge mes'ul bolsaq ,qanchilik netijiler körüler -he? Er ayalgha ,ayal balisigha ,bala ata -anisigha jawapkar bolsa , her bir dada xuddi gorkidek "balini yaxshi körüshni tuxumu bilidu,balilarni terbiyleshni bilish bolsa bu talanit telep qilidighan we turmushni keng chüshinidighan büyük dölet ishidur "déyelise-he!
Shundaq murajet qilimiz :erler siler bizning 1-wetinimiz ,siler qoshulsanglar1+1=11bolimiz ,orninglarni ching saqlanglar ,bizge qalqan ,mayak bulunglar ,silerni qebristanliqtin körmeyli ,silerni muxlar arisidin izdimeyli !
Siler tirishsanglar ,biz iqtisatchanliq ,sadiqlq ,bijandilliq ,chéchenlik bilen turmushni orunlashtursaq ajayip köngüllük we bextiyar yashiyalaymiz .4Milyon uyghur xutun -qizlirining bexti 4milyon uyghur erlirining qolida we mushu zéminda .Ular xuddi ot sim we nöl simlardek birliship qarangghu öngkürlerge chiraq yaqidu .Ular zarlapla ,qaqshapla ötmey ,ülge ,örneklerni özliri yaritidighan bulidu .Ebgaliqni tebiyla chörüp tashliwitidu .Özgirish digenler öz ichidin bulidu .Er -ayalidinmu öte yéqin dosit bolmaydu .Ular ottursida ziyade chong arliqning bulushi kishini aldaydu .Biz atalmish "perdishep"ni qandaq chüshensek ,andin bir gewde bulup "biz bir ademning ishni qiliwatimiz "déyshküdek bularmiz ?
Kichikkne yürikim bilen pütkül erkeklerge addi salam!
.......Eynekke qarap baqsanglar akilar ,dada,uka,we yigitler !!!silersiz bizge tereqqyat ,siler achmighan boz yersiz gülistan nede turuptu ?Silersiz tatliq we güllen'gen dunya ,eqilliq perzent néme qildu ?Silersiz anilq büyüklük we alijanabliq,mewjudiyet

Unregistered
22-07-07, 13:00

Bek yaxshi yiziliptu, rehmet sizge.

Unregistered
22-07-07, 16:00
Bizning uighur qizlirimiz, bolghuchi anilar, wetenimizning Kelgusini saxlap qalghuchi. Köz aldinglardin ilip kitilwatqan Qizlirimiz, siler buninggha qandaq ruxset birisiler? qini bizning uighur Oghlanlirimiz? merdan, wijdanliq Yigitlirimiz?uighur Xanim-Qizlar bashqa milletlerge ketmisun, yiltizimiz qurup ketmisun,yuqurdiki qirindishimiz yazghandek.... siler bizning yol bashlighuchimiz, qoghdighuchimiz..... oyghininglar bu ishlargha közinglarni jumup oltarmanglar, xitay ichkirge ilip kitiwatqan qizlirimizni qutquziwilinglar.

Hörmet bilen uighur anidin.