PDA

View Full Version : ئافغانىستاندا ئۇيغۇرلارغا نېمە ئىش بار؟



Unregistered
30-06-19, 16:42
ئىران تۈنۈگۈن، يەنى 29 - ئىيۇن شەنبە خىتاي پاسپورتىدىن ۋىزا كەچۈرۈم قىلغان. شۇڭلاشقا، تۈركىيەدىكى ئاقساقاللار سەگەكلىكنى يۇقىرى كۆتۈرۈڭلار ! ئىران چېگرىسى ئېچىلدى دېگەنلىك تۈركىيە ۋاندىن ئېراننى كېسىپ ئۆتۈپ، ئافغانىستاننىڭ ھېراتقا بارىدىغان يول ئېچىلدى دېگەنلىكتۇر ! تولۇقسىز ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ئىران ئارقىلىق بىر قىسىم ئادەم بىدىكلىرى ئافغانىستانغا ئادەم يۆتكىگەن. ئىران ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتىن جان تالىشىۋاتىدۇ. چېگرا مۇداپىئە ئەسكەرلىرى ئازغىنا پۇلغا كۆزىنى يۇمۇپ، ئافغان چېگرىسىنى ۋاقىتلىق ئېچىۋەتمەكتە. مانا ھازىر چېگرا تولۇق ئېچىلىپ كېتىپتۇ. كىم بىلىدۇ ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيە - سۈرىيە چېگرىسىنى ئېچىۋېتىپ، بىزنى قاپقانغا دەسسەتكەن كۈچلەر بۇ قېتىم شۇ ئويۇننى قايتا بىر قېتىم ئىران - تۈركىيە - ئافغان چېگرىسىنى ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئويناۋاتامدۇ؟ قوراللىقلارنىڭ قايتىدىن ئافغانىستانغا توپلىنىشىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەش ھاجەتسىز . پەقەت نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاشكارا تالىباننى زىيارەتكە تەكلىپ قىلغانلىقى بىلەن بۇ قېتىمقى ۋىزا مەسىلىسىگە قارىساقلا، يەنىلا بىزنى ئەنجان پولۇغا گۆش قىلىپ باسماقچى بولغىنى ئېنىق. شۇڭا بىزنىڭ مېڭىسى يۇيۇلۇپ كەتكەن نادان ياشلار يەنە بىر قېتىم قانلىق دوللار بىلەن قوللىرى بويالغان ئادەم بېدىكلىرىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىشى مۇمكىن . يەنە تېرروچى قالپىقى نى قايتا كىيمەسلىك ئۈچۈن بارلىق ئۇيغۇرلار بىر كىشىلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرايلى ! كالۋالىق قىلىپ قۇشخانىغا ئۆز ئايىغىمىز بىلەن بېرىپ، ئۆزىمىزنى ئۆلۈمگە، خەلقىمىزنى بالاغا تۇتۇپ بەرمەيلى !

2019 - يىلى 6 - 30 - ئىيۇن يەكشەنبە
سايرام ئوغلانى