PDA

View Full Version : شەرقى تۈركىستانمۇ ياكى ئۇيغۇرىستانمۇ



Unregistered
15-06-19, 07:59
https://www.facebook.com/abdurehim.jan.92/posts/318756392388658

شەرقى تۈركىستان كۆپ مىللەتلىك رايون مۇ؟

ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ . سۈپەت - نەرسىلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنىشى دېمەكتۇر. كىشىلەرگە كۆرۈنىدىغان، تېز ئۇچۇر بېرىدىغان، كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئۇقۇم شەكىللەندۈرىدىغان نەرسىمۇ، ئالدى بىلەن تاشقى كۆرۈنۈش بولغاچقا، نەرسىلەرنىڭ ماھىيەتلىرى، ھەقىقەتلىرى كۆمۈلۈپ قېلىپ ، بارا، بارا تاشقى كۆرۈنۈشلەر، سۈپەتلەر ( قوشۇمچە ئىزاھاتلار ) ماھىيەتنىڭ ، ھەقىقەتنىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدۇ . بۇ خىل ئەھۋال كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، ئېڭىدا ئوخشاش نەرسىگە قارىتا ئوخشاشمىغان ئۇقۇم، كۆز - قاراش شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، قارمۇ - قارشى مۇنازىرە قوزغاشقا سەۋەب بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن نەرسە بىر ئەمما ھەقىقەت ھەرخىل بولۇپ كەلمەكتە . بىر نەرسىگە قارىتا بايان قىلىنغان پەرقلىق بىر مۇنچە ھەقىقەتلەردىن پەقەت بىرسىلا توغرا، باشقىلىرى ساختا، قايمۇقتۇرۇلغان، ياكى ھەقىقەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەن قوشۇمچە، تاشقى كۆرۈنۈشلەردۇر.

نەرسىلەرنىڭ ھەقىقىتى بۇرمىلىنىپ، سۈپەتلەرنىڭ ماھىيەت ئورنىغا دەسسەپ قېلىشىدا، كۆپىنچە تەقلىدچىلىك مۇھىم رول ئوينايدۇ . فىقھى شۇناسلىق كەسپىدە ئەل مۇقەللىد كەل ئەئما دېيىلىدىغان بىر رەددىيە بولىدىغان . يەنى : تەتقلىدچى ئەماغا ئوخشاشتۇر - دېگەن گەپ . ئەما كىشى يېتىلەككە ماڭىدۇ. لېكىن يولنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەيدۇ. بىر مەسىلىدە تەپەككۇرىنى، ئەقلىنى ئىشلىتىپ، ماھىيەتنى تېپىپ چىقىشنىڭ ئورنىدا، باشقىلارنىڭ ئاغزىغا قاراپ گەپ قىلىدىغان كىشى، باشقىلارنى دوراپ ئىش قىلىدىغان كىشى، باشقىلار بولمىسا ئۆز يولىنى تېپىپ ماڭالمايدىغان ئەماغا ئوخشاش، ئەقلى كور ئادەم دېمەكتۇر. شەيخ جالالىدىن رۇمىنىڭ مەسنەۋى خىراباتىدا، تەقلىدچىلەرگە قارىتا يازغان بىر ھەجۋى مىسراسى بار. ئۇنى مىسالغا ئېلىشتىن ئۇيۇلىمەن . چۈنكى بۇ ئۈستى ئوچۇق، ئاممىغا تارقىتىلىدىغان يازما بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىدە ئاممىۋى سورۇنلاردا سەت گەپلەرگە ئورۇن يوق . لېكىن رۇمىنىڭ ئاشۇ بەت - بەشىرە سەت گەپ بىلەن، تەقلىدچىلەرنى قامچىلىغانلىقىدا پۈتۈنلەي ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىمەن .

بىلىدىغان كىشىگە بىلمەيدىغان كىشى تەڭ بولالمايدۇ. بىر نەرسىنى بىلمەيدىغان كىشى، بىلىدىغان كىشىنىڭ ئاغزىغا قاراش كېرەك . ئەمما كەسپى بولمىغان ئىشلاردا، ئۇنىڭمۇ ئەقىل - ھوشى جايىدا بولغانكىن، ئويلاش، تەپەككۇر قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. چۈنكى بەزى بىلىدىغانلار بەزى مەسىلىدە توغرىنى بىلەلمىگەن بولىشى مۇمكىن . بەزى بىلىدىغانلار ساختىكارلىق قىلغان بولىشى مۇمكىن . شۇنىڭدەك بەزى بىلەرمەنلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان توغرا پىكرى دەۋرى خاراكتېرلىق، ماكان خاراكتېرلىق نىسبىي بولىشى مۇمكىن . شۇڭا كەسپى ساھەدە بىلىدىغانلارغا، بىلمەيدىغانلارنىڭ تەقلىد قىلىشى زۆرۈرىيەت بولسىمۇ، ئەقىل - تەپەككۇرغا مۇناسىۋەتلىك ئوبيېكتىپ بىلىملەردە، ھەر بىر ئادەم كاللىسىنى ئىشلىتىشى كېرەك.

بۇتپەرەستلەرنىڭ ئەجدادلىرى ھەيكەلنى خۇدا دەپ چوقۇنماپتىكەن . ئەكسىچە ئۆزلىرىنى خۇداغا چاقىرغان، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنى تونۇتقان، ئادالەتلىك ھاياتقا يېتەكلىگەن ئەۋلىيالارنى ئەسلەش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھەيكىلىنى قاتۇرۇپ، شۇ ھەيكەلنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ خۇداغا سېغىنىپ ئادەتلەنگەن بولۇپ، زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن، كېيىنكى ئەۋلادلار ئاتا - بوۋىلىرىغا تەقلىد قىلىپ، خۇدانىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ھەيكەللەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى پەرقئەتمەي، ئاتا - بوۋىمىز چوقۇنۇپ كەلگەن خۇدا - دەپ، ھەيكەللەرگە باش ئۇرۇشقا باشلىغان . ئەجدادلىرى ئەقىدە قىلغان، ماھىيەتتىكى ئەسلى خۇدانى تونۇماي، كۆرۈنۈشتىكى ھەيكەللەرنى خۇدا - دەپ ئەقىدە قىلىشقان ئىكەن . بۇتپەرەستلەردىمۇ ئەقىل بار. ئەمما ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتمەي، ئۆتمۈشتىكى ئەجدادلىرىنىڭ قىلغان ئىشىغا تەقلىد قىلىدۇ خالاس . ئەگەر ئەقلىنى ئىشلەتسە، ئۆزلىرىنىڭ خاتا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيتتى . بىراق مۇتەئەسسىپلىك، تەقلىدكەشلىك ئۇلارنى مايمۇننىڭ نەرخىگە چۈشۈرۈپ قويغان.

تېمىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك شەرقى تۈركىستان كۆپ مىللەتلىك رايون . ئۇ يەر يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭلا ۋەتىنى ئەمەس! تۈركى خەلقلەرنىڭ ئورتاق ماكانى دېگەن شوئار بىلەن شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەتلىك رايون . ئۇ يەر يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭلا ۋەتىنى ئەمەس، بەلكى جۇڭخۋا ئائىلىسىنىڭ ئورتاق ماكانى دېگەن ئۆكتەملىكنىڭ ئارىسىدىكى پەرق نېمە؟ بىرسى تۈركى خەلقنىڭ ئورتاق ماكانى دەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى چەتكە قاقسا، يەنە بىرى جۇڭخۇا ئائىلىسىنىڭ ئورتاق ماكانى دەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى چەتكە قاقىدۇ. ئاتالمىش تۈركپەرەستلەرنىڭ تۈركى خەلقلەر دېگىنى تۈركىيەخەلقىنى، ئازەربەيجان خەلقىنى، تاتارىستانلىقنى تۈركمەنىستانلىقنى، قازاقىستانلىقنى، قىرغىزستانلىقنى، ئۆزبېكىستانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ھالدا، پەقەت ئۇيغۇرىستاندا ياشاۋاتقان - ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبېكلەرنىلا كۆرسىتىدۇ . ئەمما خىتاي جۇڭخۇا ئائىلىسى دېيىش ئارقىلىق، ئۆز تېررىتورىيىسىدىكى خەلقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بىرگە : ئۇيغۇرىستان خەلقىنى، قازاقىستاننىڭ جەنۇبى، غەربى پارچىسىدىكى خەلقنى، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان خەلقىنى، ئافغانىستاننىڭ شەرق ۋە شىمالى رايونلىرىدىكى خەلقنى قوشۇپ، ئورتاق بىر ئائىلە ئەزاسى دەپ، دەۋا قىلىۋاتىدۇ. تۈركپەرەستلەرنىڭ تۈركىستان دەۋاسى - جۇغراپىيە جەھەتتە، خىتايلارنىڭ جۇڭخۇا ئائىلىسى دەۋاسىنىڭ تۆتتىن بىرىگە تەڭ كەلمەيدۇ. تۈركپەرەستلەرنىڭ تەقلىدچىلىكىنىڭ زىيىنىنى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار تارتىپ كېلىۋاتىدۇ . لېكىن كەلگۈسىدە بۇ زىياندىن قازاقىستانلىق، قىرغىزستانلىق ۋە ئۆزبېكىستانلىقلارمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ . چۈنكى خىتايلار قازاقىستاندىن، قىرغىزستاندىن، ئۆزبېكىستاندىن نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلارنى پۇل بىلەن سېتىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ قولى بىلەن ئىلمى پاكىت ئويدۇرۇپ تەييارلاپ بولدى . خىتايلار تارىخ نەزەرىيىسىدە : بۇ بىپايان تۇپراقلاردا قۇرۇلغان دۆلەتلەر، جۇڭخۇا ئائىلىسىدىكى رەڭگا - رەڭلىك . تارىخلاردا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار قانداقتۇر ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت ئۇرۇشى بولماستىن، چوڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئۆز - ئارا ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرۈشى ئىدى . تاڭ، ھون، تۈرك، ئۇيغۇر، موڭغۇل، مانجۇرلارنىڭ نۆۋەتلىشىپ تەختكە چىققانلىقى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئۆتكۈنچى تارىخلاردىكى قىسمەن ئايرىملىق، قانداقتۇر تولۇق ئايرىلغانلىق بولماستىن، مەلۇم جايلارنىڭ مەركىزى ھاكىمىيەتتىن مەلۇم ۋاقىت يۈز ئۆرۈپ، ئۆز ئالدىغا بەگلىكلەرنى تىكلىۋالغانلىقى، ھەرگىزمۇ ئايرىم دۆلەت قۇرۇپ، مۇستەقىل دۆلەت ئىگىلىكى تىكلىگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ . ھەر بىرىمىز جۇڭخۇا ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى . - دېگەندەك سەپسەتىلەرنى توقۇپ چىقىپ، ئۆكتەملىك قىلماقتا . ھەم مۇشۇ سەپسەتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، تارىخى پاكىتلارنى ھەرقايسى ئەللەردىكى يەرلىك خەلقنىڭ تەتقىقاتچىلىرى، ئۆز تارىخلىرىنى چوڭ خىتايچىلىقنىڭ تەركىۋى قىسمى شەكلىدە، خېلە ئىلگىرىلەپ ئىلمىيلەشتۈرۈپ بولدى . خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ، بىزنىڭ شانلىق دۆلەتلىرىمىزنى كىچىكلىتىپ، چوڭ ئائىلە ئىچىدىكى كىچىك بەگلىكلەر - دەپ ئاتىشىمۇ، بىزنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرغانلىقىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقىدۇر. شۇنىڭدەك بىزنىڭ تارخىمىزنى يېزىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تارىخچىلىرى يازغان خاتىرىلەرمۇ، خىتاي تارىخىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە بايان قىلىنىپ كەلمەكتە . مىڭ يىللاپ دەۋران سۈرگەن سەلتەنەتلىرىمىز ھەققىدە خاتىرە يازىدىغان تارىخچىلىرىمىز، تەتقىقاتچىلىرىمىز سېلىشتۇرما ۋە دەۋرى قىياسلىما نۇقتىسىدا، تازا ھالقىلىق تۈگۈنلەردە، خىتاينىڭ ناھىيە دەرىجىلىك سۇلالە بەگلىكلىرىنىڭ يىلناملىرىنى قەيت قىلىپ، بىزنىڭ سىياسى، مەدەنىي، ئىقتىسادى ۋە مىللى مەۋجۇدىيەت تارىخلىرىمىزنىڭ ئومۇمى قۇرۇلمىسىنى، خىتايلارنىڭ پارچە - پۇرات سۇلالىسىگە بېقىنغان بىر ئۇقۇمنى شەكىللەندۈرۈپ كەلمەكتە . بۇ نېمە ئۈچۈن دېگەندە، تەقى - تۇرقى ئۇيغۇر ئەمما كاللىسىغا قاچىلانغان بىلىم ئەسلىدە بىلىم ئەمەس، بەلكى خىتاي فورماتلاپ قويغان باكتېرىيە بولغاچقا، ئۇلار شۇ باكتېرىيىنى تارقىتىشتىن باشقىنى قىلالمايدىغان گەپ . پۈتۈن مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى مىللى مەنپەئەتىگە، زوراۋانلىق، كېڭەيمىچىلىك مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىۋاتقان چاركارلىقلاردۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇيغۇرلار ئاللاھ بەرگەن ئەقىلنى ئېغىلغا باغلاپ قويماي، جايىدا ۋە مىللى مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن ئىشلىتىشكە تىرىشايلى . ئەقلىمىزنى ئېغىلدىن ئازات قىلساق، نۇرغۇن مەسىلىنى يېشىپ چىقالايمىز.

ئەجدادلىرىمىز شۇنداق قىلغان، بىزمۇ ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭىمىز دېگەندىن ئارتۇق تەقلىدچىلىك بولمىسا كېرەك . تۇرمۇش ئادەتلىرىدە، ئەن ئەنىۋى ئادەتلەردە، ھۈنەر - سەنئەت ۋە يىرىك كەسىپلەردە كېيىنكىلەر ئاۋۋالقىلارغا تەقلىد قىلىپ، بېيىتىش ئارقىلىق مەدەنىيەتنى تىكلەپ چىقىدۇ ھەم تەقلىدى ئاساستا ۋارىسلىق قىلىدۇ . ئەمما پۈتۈنلىشىۋاتقان، تارىيىۋاتقان، تەرەققى قىلىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتى، سىياسى تەدبىرچانلىقنى چىقىش قىلىۋاتقان چاغدا، سىياسەت ئەقىلنى ئاساس قىلىدىغان بولىشىغا پەرۋا قىلماستىن، ئۇيغۇرنىڭ بىچارە ئەقلىنى قاراڭغۇ ئېغىلغا مەھكەم باغلاپ قويۇپ، ئىككى گەپنىڭ بىرىدە ئەجدادلار شۇنداق قىلغانتى دېيىشلىرى بۇ خەقنىڭ، ئۆرگىلىپ كېتەي. شۇ چاغدىكى بىزدىن كىچىك ئەجدادلار قان كېچىپ قۇرغان مۇستەقىل ھۆكۈمەتنىڭ نامىنى شەرقى تۈركىستان دەپ ئاتىغانلىقى تارىخى پاكىتتۇر . ئۇنىڭ ئورنىغا تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىسىمۇ بولاتتى . ئەمما ئۇلار ھۆكۈمەت قۇرۇۋاتقان بۇ تۇپراقلار تۈركىستاننىڭ ھەممىسى بولمىغاچقا، يەنى تۈركىستان رايونىنىڭ شەرقىدىكى بىر پارچىسى بولغاچقا، شەرقى تۈركىستان - دەپ ئات قويدى . تۈركىستان دېمەك تۈركى قوۋملەر ياشايدىغان جايلار دېگەندىن ئارتۇق ئۇقۇمغا ئىگىدۇر . يەنى ئۇيغۇرىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، شىمالى ئافغانىستان، ئۆزبېكىستان، قازان - تاتارىستان قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ مىللى رايونلىرىنى بىر پۈتۈنلەشتۈرۈپ ئاتىغان نام بولۇپ، بۇ ئادەتتىكى ئېتنو جۇغراپىيىلىك رايونلارنىلا چۈشەندۈرۈپ قالماستىن، بەلكى چوڭ دۆلەتچىلىك نەزەرىيىسى كۈچلۈك بولغان، سىياسى ئېقىمنىمۇ بىلدۈرەتتى. شۇڭا تۈركىستانچىلىق پىكرى ئەينىچاغدا، ئېنگىلىز ۋە رۇس ئىمپېرىيىلىرىگە تۇپراق تەھدىتى ئېلىپ كەلگەن خىرس ئىدى . ئەجدادلار ئەنە شۇنداق بىر تەھدىتكە قانۇنى باشلامچىلىق قىلىپ، شۇنداق نامدا ھۆكۈمەت قۇرغان . ئۇ شۇ چاغدىكى سىياسەت ئىدى . ئەمما بۈگۈنكى تەقلىدچىلەر شۇنى بىلىشى كېرەككى، شۇ چاغدىكى ئەجدادلار شەرقى تۈركىستان كۆپ مىللەتلىك - تۈركى خەلق ياشايدىغان ئورتاق ماكان بولغانلىقى ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان دەپ ئاتىغان ئەمەس . بەلكى يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈلگەندەك، ئومۇمى تۈركىستان جۇغراپىيەسىنىڭ شەرقى پارچىسىنى قۇتقۇزدۇق، بۇنىڭ غەربىنىمۇ قۇتقۇزۇش كېرەك! - دېگەن قاراشتا شۇنداق ئاتىغان . بۇ ھەقىقەتنى زامانىمىزدىكى ئاتالمىش ئىلمى تەقلىدچىلەر تامامەن بۇرمىلاپ: بۇ تۇپراقتا ئۇيغۇردىن باشقىمۇ تۈركى قوۋملەر ياشاپ كېلىۋاتقان بولغاچقا، شەرقى تۈركىستان دەپ ئاتىغان - دېگەن سەپسەتىنى ئويدۇرۇپ چىقىشتى.

تۈركىستانچىلىق چۈشىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى رۇسىيىنىڭ يۈرىكى - قازاننىڭ بۇ خەرىتىگە كىرگەنلىكى ئىدى . ھەتتا 19. ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئەۋج ئېلىپ، شەرقتە قەشقەردىن، شىمالدا موسكۋا، غەربتە ئوسمانلىغىچە تەسىر قوزغىغان بۈيۈك تۈركىستانچىلىق مەپكۇرىسى، ئەسلىدە قازاندىن قايناپ تېشىپ، بۇ كەڭ زېمىنلەرگە يېيىلىشىنىڭ ئۆزىلا، تۈركى مىللەتلەرنىڭ سىياسى مەۋجۇدلۇقىغا ئۆز قولى بىلەن گۆر قازدۇرغان بىر شۇم پېشانىلىك ئىدى . بۈيۈك تۈركىستان تۇپرىقىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كېمىگە ئوخشاتساق، تۈركىستانچىلىق مەپكۇرىسى سۈيى قۇرۇپ كېتىۋاتقان كىچىككىنە بىر ئېرىققا ئوخشايتتى . ئۇلار شۇ يوغان كېمىنى كىچىككىنە ئېرىقتا ئاقتۇرۇش ئۈچۈن، كۆمەل تاشقا كەتمەن چاپقان بولدى . بەلكى بۇ تۈركىستانچىلىقنىڭ دائىرسى ئۇ قەدەر كېڭىيىپ كەتمەي، رۇسىيىنىڭ قازىنىنى چاقىمىز دېمەي، ھازىرقى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، قەشقەرىستان دائىرىسىنى دەۋا قىلغان بولسىمۇ، يوغان تۈركىستان قۇرىمىز دېمەي، ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا مىللى دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن رېئال يول تۇتقان بولسىمۇ، ئۇ قەدەر تېز ئۇجۇقتۇرۇلماس بولغىيتى . بۈيۈك تۈركىستانچىلىق مەپكۇرىسىنى قايناتقان قازانلىقلار ئەڭ دەسلەپتە، ئەڭ ئېغىر جازاسىنى ئۆتەپ، تۇپراقلىرى پارچە - پارچە، ئۆزلىرى سۈرگۈنگە مەھكۇم بولدى. بۇ مەپكۇرىنىڭ ئۆپكىسى كېتىپ كانىيى قالغاندا، بۇ كانايغا بىزنىڭ ئەجدادلار ئېسىلىپ قېلىپ، ئۆزلىرى نەپەس ئالالماي بوغۇلۇپ قالدى . سىياسەتتە خاتالىق ئۆتكۈزسە، نەتىجىسى مەغلۇبىيەت بولۇپ چىقىدۇ.

ئەمما بۈگۈنكى كۈندە، ھەشقى پىچەكنىڭ بارىڭىدەك ئاينىپ كېتىۋاتقان تەقلىدچىلەر، ئەجدادلارنىڭ قايسى مەقسەتتە، قانداق سىياسەت قوللانغانلىقىغا قاراپ ئەمەس، تارىخنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە، مەسىلىنىڭ ھەقىقىتىگە قاراپ ئەمەس، ئەكسىچە تاشقى كۆرۈنۈشىگە، ھەتتا پۈتۈنلەي مەغلۇب بولغان تراگدېيىسىگە ۋارىسلىق قىلىۋېلىشلىرى : بۇ تۇپراق يالغۇز ئۇيغۇرنىڭلا ۋەتىنى بولماي، بەلكى قازاق، قىرغىز، ئۆزبېكلەرنىڭمۇ ئورتاق ۋەتىنى بولغاچقا، ئەجدادلىرىمىز شەرقى تۈركىستان دەپ ئاتىغان دېيىشلىرى، ھېچ نېمىنى بىلمەس بولىۋېلىپ، يوغان دەرۋازىنىڭ بىر قانىتىدەك كېنىشكىلىرىنى قالقان قىلىشىپ، بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ، سۇنى لېيىتىپ بېرىشلىرى ئەسلىدە بىر نومۇسسىزلىقتۇر. ئۇلار خىتاينىڭ شىنجاڭ كۆپ مىللەتلىك رايون دېگەن زەھەرخەندىلىك سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارغا تېڭىش ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان كۆپ مىللەتلىك رايون دەپ، تەرجىمە قىلىپ كەلدى . خۇددى بىر تۇپراقتا بىرلا مىللەت ياشىسا، ئاندىن ئۇ تۇپراق شۇ مىللەتنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىشى يوللۇق، ئۇنداق بولمىغان ھالدا، بىر مىللەتنىڭ نامى بىلەن ئاتالسا بولمايدۇ دەيدىغان، بىرەر مىللى ئۆلچەم بارمىشتەك . كىچىككىنە ئالقانچىلىك قىرغىزستان دا بىر يۈز سەككىز خىل قەبىيلە ۋە مىللەتلەر ياشايدۇ . قىرغىزىستان قىرغىزلارنىڭ ۋەتىنى بولغاندەك، شۇ يەردە ياشايدىغان باشقا بارلىق مىللەتلەرنىڭمۇ ئورتاق ۋەتىنىغۇ! قىرغىزىستان دۆلىتى شۇ يەردە ياشايدىغان بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىغۇ! قىرغىز تۇپرىقى قىرغىزىستان دەپ ئاتالغانلىقى سەۋەپلىك، قىرغىزستاندا قايسى مىللەت ۋەتەنسىز قاپتۇ!

بىزنىڭ ئۇيغۇرىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا كەلسەك، ۋەتىنىمىزگە بېسىپ كىرگەنلەردىن : سۇغدىيلارنىڭ تاجىك قەبىلىسى يەرلەشتى؛ موڭغۇللارنىڭ جۇڭغار قەبىلىسى يەرلەشتى؛ مانجۇرلارنىڭ شىۋە قەبىلىسى يەرلەشتى؛ تۇڭگانلارنىڭ شوپاڭ قەبىلىسى يەرلەشتى. بۇلار ئەينىۋاقىتتا ۋەتىنىمىزگە تاجاۋۇز قىلىپ، بېسىپ كىرگەن دۈشمەنلەر بولۇپ، كېيىنچە پۇقراغا ئايلىنىپ كەتكەنلەردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا قازاقلار، قىرغىزلار، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەر پاناھلىق تىلەپ كۆچۈپ كەلدى ۋە يەرلەشتى. ئەمدى تاجاۋۇزچى خىتايلار بېسىپ كېلىپ يەرلىشىۋاتىدۇ. ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرستان دەپ ئاتالسا، قايسى مىللەت ۋەتەنسىز قالغۇدەك؟ - ۋەتىنىمىزنى ئۇيغۇرىستان دەپ ئاتىغاندىن كېيىن، ئەگەر بىرەر يات مىللەت، ياكى بىرەر قېرىنداش مىللەت ۋەتەنسىز قالدۇق - دەپ داتلىسا، ئۇيغۇرلاردىن بۇ ۋەتەننى تولۇق تارتىۋېلىپ ئۇلارغا بەرگۈچە، ( ئۆزىنىڭ خوتۇن - بالىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىۋېتىپ) ۋەتەنسىز تالادا قالغان شۇ مىللەتنى شەخسى ئۆيىگە ئەكىرىۋالسا، ئىش تۈگىمەمدۇ! (ھەي تۇخۇمدىن ئۆلۈك چىققان باچكىلار!) . باشقىلار ۋەتەنسىز قالغۇدەك - دەپ، بىزنىمۇ ۋەتەنسىز قىلىۋەتكىلى، بۇ مەلئۇن ئاپپاق غوجىلارنىڭ ۋەتىنىمىزدە نېمە بىر ھەققى بار !

ئۇيغۇرچە سۆزلەپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنىگە خىيانەت قىلىدىغان زىيالىيلار، ئۆلىما - قارىملار، ئۇيغۇرچە سۆزلەپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى يىغلاپ تۇرۇپ ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنىگە خىيانەت قىلىدىغان دەۋاگەرلەر، يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارنى مەڭگۈلۈك ۋەتەنسىز قىلىش ئۈچۈن كەتمەن چېپىۋاتقان گۆركەشلەردۇر . خىتاي بىزنىڭ بايرىقىمىزنى، شوئارىمىزنى، ئەركىنلىك ھوقۇقىمىزنى، دىنى ھوقۇقىمىزنى، مەدەنىيەت ھوقۇقىمىزنى چەكلەپ تۇرۇپ، بىزنى قانلىق باستۇرۇپ تۇرۇپ، ھەم جىسمانى ھەم ئىلمى ئۇسۇل بىلەن بىزنى تۈپتىن يوقۇتۇشنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ . خۇددى شۇنىڭدەك، زىيالىيلار بىلىم دەۋايىمىزنى قىلىپ تۇرۇپ، ئۆلىما - قارىملار دىن دەۋايىمىزنى قىلىپ تۇرۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر مەدەنىيەت دەۋايىمىزنى قىلىپ تۇرۇپ، دەۋاگەرلەر بايرىقىمىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شوئارىمىزنى توۋلاپ تۇرۇپ، خىتاي بىلەن پاراللېل بىر ھالەتتە ئۇيغۇرلارنى ۋەتەنسىزلەشتۈرۈشكە كۈچەۋاتىدۇ.

ئۇيغۇرىستان - دېسە يۈرىكى ئېچىشىپ كېتىدىغانلار، تۈركىستان دەمدۇ، شەرقى تۈركىستان دەمدۇ ياكى موغۇلىستان دەمدۇ ( بۇرۇنقى ئەجدادلىرىدەك)، خالىغىنىنى دەۋالسۇن ! لېكىن ئۇ يەر يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭلا ۋەتىنى ئەمەس . بەلكى كۆپ مىللەتلىك رايون . شۇڭا شەرقى تۈركىستان دەيمىز - دېگەن خىيانىتىنى تەكرارلىغۇچى بولمىسۇن ! بىزمۇ ئۇ يەرنى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭلا ۋەتىنى دەۋالمىدۇق . شۇنى بىلىشى كېرەككى : دۇنيادا قەبىلىسى يوق ، ئۇيۇل سۆڭەككە ئوخشاش قېتىشقان بىرلا مىللەت بار. ئۇ - ئۇيغۇردۇر . شۇنىڭدەك دۇنيادىكى مىللەت تۈرى ئەڭ ئاز بولغان بىرلا ۋەتەن - ئۇيغۇرىستاندۇر! ئۇيغۇرىستاندىكى مىللەتلەرنىڭ تۈرى ئوندىن ئاشمايدۇ . ئۇيغۇرىستان مىللەتلىرىنىڭ بىرى يەرلىك، توققۇزى كۆچمەن . ئەمما ئۆزىنى مەن ئۇيغۇرىستانلىق - دېگەن ھەرقانداق ئىنساننىڭ، ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئۆز بەگ، ئۆزخان ياشاش ھەققى بار.
12. 06. 2019
ئابدۇرەھىمجان

Unregistered
15-06-19, 08:11
بىزنىڭ ئۇيغۇرىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا كەلسەك، ۋەتىنىمىزگە بېسىپ كىرگەنلەردىن : سۇغدىيلارنىڭ تاجىك قەبىلىسى يەرلەشتى؛ موڭغۇللارنىڭ جۇڭغار قەبىلىسى يەرلەشتى؛ مانجۇرلارنىڭ شىۋە قەبىلىسى يەرلەشتى؛ تۇڭگانلارنىڭ شوپاڭ قەبىلىسى يەرلەشتى. بۇلار ئەينىۋاقىتتا ۋەتىنىمىزگە تاجاۋۇز قىلىپ، بېسىپ كىرگەن دۈشمەنلەر بولۇپ، كېيىنچە پۇقراغا ئايلىنىپ كەتكەنلەردۇر.

بۇ قانداق مەنتىقە؟ بۇ ماقالىنى يازغان ئادەم سوغدىلارنى تاجاۋۇزچى ۋە دۈشمەن قاتارىغا چىقىرىپتۇ. موڭغۇللارنىمۇ شۇ...ئەگەر بۇ ئادەمنىڭ ئۆزى بەلكىم دەل شۇ موڭغۇلنىڭ ئەۋلادى بولۇپ چىقسا بۇ ئادەم قانداق يازىدۇ تارىخنى؟ سوغدىلارنىڭ مەدەنىيىتى بولمىسا سەن كېيىدىغان ئەتلەس، ئۆيەڭگە سالىدىغان گىلەملەر يەۋاتقان پولو لەغمەنلەر نەدىن كېلىدۇ؟ ئەگەر مۇشۇ خىل تەپەككۇردا ماڭىدىغان بولساڭلار ھېچكىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەستىن باشقا ھەممە ئادەمنىڭ ئۆچلىكىنى قوزغايسىلەر. تارىخ بىلمىسەڭلار بىلگەندەك بولىۋالماڭلار. يازدىم دەپ يېزىۋەرمەڭلار. كۆپ ئادەم جىق نەرسىلەرنى بىلمەي سىلەرگە قارغۇلارچە ئەگىشىدۇ. سىلەرنىڭ بالارىڭلارغا ھەممە ئۇيغۇرلار تەڭ قالىدۇ.

Unregistered
15-06-19, 19:56
بۇ قانداق مەنتىقە؟ بۇ ماقالىنى يازغان ئادەم سوغدىلارنى تاجاۋۇزچى ۋە دۈشمەن قاتارىغا چىقىرىپتۇ. موڭغۇللارنىمۇ شۇ...ئەگەر بۇ ئادەمنىڭ ئۆزى بەلكىم دەل شۇ موڭغۇلنىڭ ئەۋلادى بولۇپ چىقسا بۇ ئادەم قانداق يازىدۇ تارىخنى؟ سوغدىلارنىڭ مەدەنىيىتى بولمىسا سەن كېيىدىغان ئەتلەس، ئۆيەڭگە سالىدىغان گىلەملەر يەۋاتقان پولو لەغمەنلەر نەدىن كېلىدۇ؟ ئەگەر مۇشۇ خىل تەپەككۇردا ماڭىدىغان بولساڭلار ھېچكىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەستىن باشقا ھەممە ئادەمنىڭ ئۆچلىكىنى قوزغايسىلەر. تارىخ بىلمىسەڭلار بىلگەندەك بولىۋالماڭلار. يازدىم دەپ يېزىۋەرمەڭلار. كۆپ ئادەم جىق نەرسىلەرنى بىلمەي سىلەرگە قارغۇلارچە ئەگىشىدۇ. سىلەرنىڭ بالارىڭلارغا ھەممە ئۇيغۇرلار تەڭ قالىدۇ.

دېگەندەكلا كۆرىدىغىنىمىز باردەك قىلىدۇ ئۆلمىسەك. ئەمدى يەنە بىر مەتموسا چىقىپتۇ شىنجاڭ دۆلىتى قۇرىمىز دەپ.

https://twitter.com/intypython/status/1139751320183689222?s=12&fbclid=IwAR2GlMnHNRt_YLwbKKYOhYMOGzvuqgwOn7KpS_a_R 5EtdL1f3eGOlTlZC4E

Unregistered
15-06-19, 20:34
دېگەندەكلا كۆرىدىغىنىمىز باردەك قىلىدۇ ئۆلمىسەك. ئەمدى يەنە بىر مەتموسا چىقىپتۇ شىنجاڭ دۆلىتى قۇرىمىز دەپ.

https://twitter.com/intypython/status/1139751320183689222?s=12&fbclid=IwAR2GlMnHNRt_YLwbKKYOhYMOGzvuqgwOn7KpS_a_R 5EtdL1f3eGOlTlZC4E

ئىسلامنى تەلتۆكۈس يوقاتمىغۇچە مەن قوللىمايمەن دەپ يېزىپتۇ بەزىلەر
يەنە بەزى ھىلىگەر خىتايلار ئاۋال شى جىنپىڭنى ئۆرۈيلى ئاندىن دېيىشىلى دەپتۇ.
يەنە بەزىلەر شىنجاڭدا دۆلەت قۇرىمىز دەپ خىيال قىلىشما دەپتۇ
يەنە بەزىلەر فىدىراتسىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولساق بولىدۇ ئەمما شىنجاڭ ئايرىم دۆلەت بولسا بولمايدۇ دەپتۇ

مۇشۇ ھىلىگەر خىتاي زايونىستلارنى دوست تۇتۇپ مۇشۇ خىتايلارغا ئىشەنگەن ھەتتا مۇشۇلارغا ئىشلىگەن ئۇيغۇر ئىشەكلەر شى جىنپىڭنى ئۆرۈپ بولۇپ ئەگەر ئۆلمىسەڭلار بۇخىتاي زايونىستلار سىلەرنىمۇ دەريا بويىغا ئاپىرىپ سۇغارماي ئەكىتىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ھەي ئېسىت بۇ خىتايغا ئىشەنگەندىن سىيىپ كىرىپ ئۇخلىغان بولسام خەلقىمگىمۇ بۇنچە زۇلۇم كېلىشتىن ساقلىنالايتۇم دەيسىلەر.

Unregistered
17-06-19, 19:32
ئىسلامنى تەلتۆكۈس يوقاتمىغۇچە مەن قوللىمايمەن دەپ يېزىپتۇ بەزىلەر
يەنە بەزى ھىلىگەر خىتايلار ئاۋال شى جىنپىڭنى ئۆرۈيلى ئاندىن دېيىشىلى دەپتۇ.
يەنە بەزىلەر شىنجاڭدا دۆلەت قۇرىمىز دەپ خىيال قىلىشما دەپتۇ
يەنە بەزىلەر فىدىراتسىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولساق بولىدۇ ئەمما شىنجاڭ ئايرىم دۆلەت بولسا بولمايدۇ دەپتۇ

مۇشۇ ھىلىگەر خىتاي زايونىستلارنى دوست تۇتۇپ مۇشۇ خىتايلارغا ئىشەنگەن ھەتتا مۇشۇلارغا ئىشلىگەن ئۇيغۇر ئىشەكلەر شى جىنپىڭنى ئۆرۈپ بولۇپ ئەگەر ئۆلمىسەڭلار بۇخىتاي زايونىستلار سىلەرنىمۇ دەريا بويىغا ئاپىرىپ سۇغارماي ئەكىتىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ھەي ئېسىت بۇ خىتايغا ئىشەنگەندىن سىيىپ كىرىپ ئۇخلىغان بولسام خەلقىمگىمۇ بۇنچە زۇلۇم كېلىشتىن ساقلىنالايتۇم دەيسىلەر.

ھورمەتلىك ئەكرەم ھىزىم ئەپەندىم، "مەتمۇسا"دىگەن كىم؟

ئۇ دادىڭىز ھىزىم ئىسلام باشلىق بولغان قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى باشقارما سىياسى بولۇم باشلىقى ھىزىم ئىسلامنىڭ بولۇمىدە ئىشلىگەن ۋە 20يىل بۇرۇن ۋاپات بولغان مەرتمۇسا سىدىق ئەمەسمۇ؟ ئۇ،ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كورىشىنى ئۇجۇقتۇرىۋاتقان ئىسا يۇسۇپ ۋە ئۇنىڭ لەنجۇلۇق خىتاي خوتۇنى يۇتەتەي(پاتما خىنىم ) نىڭ تىزىملىكىنى ئىلان قىلغان دۇد تەشكىلاتى رەئىسى، ئارخىتىكتۇر سىدىقھاجى ئەپەندىنىڭ دادىسىغۇ؟سەنمۇ شۇ تىزىملىكتىكى بىرى تۇرۇپ، نىمە ئۇچۇن دادا ۋە ئوغۇلنىڭ ئىسمىنى قەستەنلىلىبىلەن ئارىلاشۇرىسەن؟

Unregistered
23-06-19, 21:58
[QUOTE=Unregistered;177294]دېگەندەكلا كۆرىدىغىنىمىز باردەك قىلىدۇ ئۆلمىسەك. ئەمدى يەنە بىر مەتموسا چىقىپتۇ شىنجاڭ دۆلىتى قۇرىمىز دەپ.

خوتۇنۇڭنى سىككەننىمۇ كورىسەن .
"مەتمۇسا"دىگەن ئاناڭنى سىكىپ سىنى ھارامدىن تاپقان ۋە جالاپ ئاناڭ سىنى يامغۇر ياققان كۇنى تولىتقا تاشلاپ قويسا ئىككى كۇن يىغلىماي پوق يەپ چوڭ بولغان شورۋىچى رەسۋا سەنمۇ؟ ھاقارەت قىلغاندا ئوز ئىسمىڭنى، ئاتا-ئاناڭنىڭ ئىسىملىرىنى يوشۇرغان سەن جالاپنىڭ بالىسى -ئۇئائا نىڭ يىڭى باشلىقى -ھەزىلەك ياكى پەزىۋەك سەنمۇ؟