PDA

View Full Version : ئاخىرى "ئۇيغۇرىستاننىڭ بۇگۇنى ئوتتۇرا ئ&#



Unregistered
27-03-19, 00:20
ئەنگىلىيە، روسىيە ۋە بۇگۇن ئامەرىكا باشلىق ناتو ئارمىيەسىنىڭ خىتاي ئەتراپىدىكى دولەتلەردىن ئىبارەت بۇ چەمبەردە نىمە ئۇچۇن ھەربى كۇچ تۇرغۇزۇپ كەلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندە، مۇستەقىللىق كورىشىمىزنى دىنى-ئىتىقات داۋاسى، ۋاھابىلىق داۋاسى، "دۇنيا كاپىرلىرىغا قارشى غازات داۋاسى" دەپ قارىمايدىغان بولىمىز. خىتاي ۋە خىتايپەرەسلەرنىڭ قاپقىنىغا چۇشمەيدىغان، خىتايدىنئافغانىستان، سىككىم، ئىراق، سۇرىيەلەردە خىتايدىن باشقىلارغا يەنە ئۇسۇپ يۇرمەيدىغان بولىمىز. بۇ چەمبەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافغانىستان قىسىملىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يەكۇنلەشكە تىگىشلىك قانلىق ساۋاقلىرى بار ئىدى.... ئەپسۇسكى خىتاي قولىدا ئوينۇتىۋاتقان دۇق كونتىروللىقىدىكى "رفا، ئۇئائا، ۋەتىنىم.ئورگ"، "ئىستىقلال"، "مائارىپ" قاتارلىق خىتاي توربەتلىرىدىنمۇ بەتتەر توربەتلەر، ياۋروپادا تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىرىشىنى چەكلىمەكتە. ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ئىنتايىن زىيانلىق پىكىر ئىقىملىرى، خىتاي ئويۇنلىرىنى، "دىنى ئىنقىلاپ" كەڭ-كولەمدە تەشۋىق قىلىنىپ ئۇيغۇرلار يەنە ئازدۇرۇلماقتا. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ھارپىسىنى ھىس قىلدۇرىدىغان دەرىجىدە غەيرى ئالامەتلەر كوسەتمەكتە. دۇق نىڭ شۇنچە ئاشكارە ساتقۇنلۇقلىرىغا قارىتا چەتەللەردىكى ئۇيغۇرلاردا سۇكۇت ھوكۇم سۇرىۋاتىدۇ. يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرى ئۇچار-قۇشلار، ئوي-ھايۋانلىرى ئالاقزادە بولۇپ تىپىرلايمىش. بىزنىڭ سۇكۇت نىمە ئۇچۇن؟ روسىيە ھەربى ئىشلار تەتقىقات خادىملىرىنىڭ خىتاينىڭ بىر تاجاۋۇز ئۇرۇشى قوزغايدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرى نىمە ئۇچۇن ئوتتۇرىغا چىقتى؟
_____

نەزەر بايىۋغا قارشى “ئازات پارتىيەسى”نىڭ نامايىشىدا “قازاق تۇپراقلىرىنى سىتىشقا بولمايدۇ” دىگەن شۇئارلار كوتۇرۇلدى. 13-14 ياشلىق روس قىزلىرىنىڭ "كالاشنىكوپ"ئاۋتۇمات بىلەن ھەربى تەلىم ئىلىۋاتقانلىقىغا دايىر سۇرەتلىك خەۋەرنىڭ يىقىندا ئىلان قىلىنىشى"جوڭگو- روسىيە دوسلۇقى"، "شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئەزا دولەتلەر بىرلىكى"دىگەنلەرگە باشقا مەنا بەرمەكتە.

يولدا مۇخبىرلارنىڭ :“گەرمان ئەسكەرلىرى نىمە ئۇچۇن ھىندىقۇش تاغلىرىدا جان بىرىدۇ؟ “دىگەن سۇئالىغا گىرمانلاردىن باشقا ياۋروپا دولەتلىرىدىكىئاۋام خەلقمۇ ھوكۇمەتلىرى بىلەن پاراللىل جاۋاپ بىرەلەيدۇ. كورىيە، ئافغانىستان، ۋېتنام قاتارلىق خىتاي ئەتراپىدىكى چەمبەردەئۇلارنىڭ ئىغىر بەدەل ئوتەپ، جان بىرىشكە رازى بولۇپ ئورتاق قارارغا كىلىشى تۇنۇگۇنلا بولغان ئىش ئەمەس - خىتاينىڭ كىڭەيمىچىلىك تاجاۋۇزى بىلەن تەڭ باشلانغان ئىش.بۇ جازا يۇرۇشلىرى ئىسلام "غازاتى"نامىدا خىتايغىچە داۋام قىلدى. خىتاينىڭ بۇتۇن شەھەر، ناھىيەلىرىدىكى مەسچىت ۋە تۇڭگان ئاشخانىلىرى نەدىن پەيدا بولدى؟خىرىستىيان ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ جازا يۇرۇشلىرى ئالىكساندىر ماكىدونىيەدىنمۇ بۇرۇن باشلانغان ...

بۇگۇن ئاسىيا قىتەسىنىڭ شەرقىدىن باش كوتورۇپ چىققان يەجۇجى-مەجۇجىلەر دۇنيانىڭ كىيىنكى بىر ئەسىر ئىچىدە غەرپنىڭ ئۇزاق شەرقتىكى خىتايغا قىلغان جازا يۇرۇشلىرى سىستىمىلىق، ئوخشاش رىتىم بىلەن ئورۇنلىنىۋاتقان ئوركىستىرغا ئوخشايدۇ. ياپونىيە، روسىيەلەرنىمۇ ئوز ئىچىگە ئالغان “8دولەت بىرلەشمە ئارمىيەسى”نىڭ خىتايغا قىلغان جازا يۇرۇشى خىتاي كىڭەيمىچىلىك بىلەن يۇتۇۋالغان بىر-مۇنچە ئولجىلىرىنى قۇستۇرۇپ، خىتايلارغا بۇ دۇنياداباشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن، جۇڭگونىڭ “دۇنيا مەركىزى” ئەمەسلىكىنى ئۇگەتگەن ياۋروپالىقلار شاڭگاڭ، ئاۋمىنلارنى گورەگە بەرگۇزۇپ، خىتاي ئەركەكلىرىنىڭ ئۇزۇن ئويمە چىچىنى كەستۇرۇپ، ئاياللىرىنىڭ پۇتىنى بوغۇشنى چەكلىگەن ئىدى. 8دولەت خىتاينىڭ 8چوڭ شەھرىنى زامانىۋى تۇسكە كىرگۇزدى. خىتاينىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالى مەكتەپكىچە بولغان بۇتۇن مائارىپ سىسىتىمى، دەرسلىك كىتاپلىرى بۇتۇنلەي سوۋەتلەر ئىتتپاقىدىنكوچۇرۇلوپ خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. ۋىلىسىپىت، كىيىم تىكىش ماشىنىسى، ئاۋتۇمبىل، تىراكتور قاتارلىق سانائەت بويۇملىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلارنىڭ ھەممىسنى "كومۇنىزىم ئىتتىپاقى"-سوۋىتلەر ئىتتىپاقى قۇرۇپ بەردى. ھەتتا ئاتوم تىخنىكىسىنىمۇ روسلاردىن ئىلىپ بولۇپ، مەخسەتكە يەتكەن خىتايلار نەچچە ئونمىڭ روس ئالىم، تىخنىكلىرىنى قوغلاپ چىقاردى. .

تەيۋەنگە ئامەرىكىنىڭ ھەربى بازا قۇرۇشى، تۇركىيەنىمۇ ئوزئىچىگە ئالغان ئۇرۇشتىن كىيىن جەنۇبى كورىيەگە ئامەرىكىنىڭ ھەربى بازا قۇرۇشى، ئۇسسۇرى دەريا چىگراسىدا سوۋىتلەر ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىغىر توقۇنۇش، چاغانتوقاي سۇركۇلۇشى، مىكىماخۇن سىزىقىدىكى ھىندىستان-خىتاي ئۇرۇشىدىن تارتىپ ۋىتنام - خىتاي ئارىسىدىكى ئىغىر ئۇرۇشلار، سوغۇق ئۇرۇشتىن كىيىن ئوتتۇرا ئاسىيا دولەتلىرىدە ئامەرىكا ھەربى بازىلىرىنىڭ يىڭىدىن پەيدا بولۇشى… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دەل خىتاي ئەتراپىدىكى چەمبەر ئۇستىدە سادىر بولغان ھادىسەلەردۇر. ئالىكساندەر ماكادونىيە-ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغىچە داۋام قىلىپ توختاپ قالغان يۇرۇشلىرىنىڭ داۋامىدۇر!

بۇ يۇرۇشلەر ساياھەت ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىنى قوغداش ئۇچۇن ئىلىپ بىرىلغان جازا يۇرۇشى ئىكەنلىكىنى تارىخى پاكىتلار ۋە بۇگۇنكى دۇنيا ئىتىراپ قىلىپلا قالماستىن 5-ئىيۇل خىتاينىڭ ۋەھشى قىرغىنچىلىقى بۇنداق بىر يۇرۇشنىڭ دۇنيا ئۇچۇن جىددى زورۇرىيىتىنى بىلدۇرمەكتە. خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، بولۇپمۇ روسىيەگە قارشى تاجاۋۇز ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى روسىيە ھەربى ئىشلار تەتقىقات ئىنىستىتۇتى مەسۇل خادىملىرى ئوچۇق ئىلان قىلىۋاتىدۇ.

ئۇرۇشنى، توقۇنۇشنى يالغۇز ماددى بايلىق، نىفىت، يەر-تۇپراق ئۇچۇن دەپ قارىماسلىق كىرەك. ئۇرۇشنى ۋەتىنىم ئۇچۇن، مىلىم ئۇچۇن، جىنىم ئۇچۇن دىمەيدىغان ۋاھابىچىلارمۇ قىلىدۇ. ئۇرۇش پىسخولوگىيەلىك ئامىلغىمۇ باغلىق. خىتاي ، ۋىتنام، كورىيە، ئافغانىستان قاتارلىق بۇ دولەتلەرنىڭ ھىچ-بىرىدىن نىفىت چىقمايدۇ. بۇ يۇرۇشلەرنىڭ تۇپ سەۋەبى خىتايدۇر. بۇ يۇرۇشلەرنى خىتاينىڭ دۇنياغا بولغان زوراۋانلىق- كىڭەيمىچىلىك، تاجاۋۇزچىلىق ئەنەنىسى بەلگىلىگەن. "جۇڭگو ۋە زوراۋانلىقنىڭ شەكىللىنىشى" ناملىق ماقالەمگە قاراڭ.بۇ ھەقتىكى قارشلىرىمنى داۋاملاشتۇرىمەن.
______

ئۇيغۇرلارنى ئۇنۇتقان دۇنيانى ئامىرىكا بىلەن بىرگە قوشۇپ، خىتايلار قورشاۋغا ئىلىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە. 1992-يىلى ئىستامبۇلدا ئىلان قىلىنغان "ئۇيغۇرىستاننىڭ بۇگۇنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەتىسى" ناملىق ماقالەم روسيە ۋە ياۋروپانى خىتاي تەھدىتى بىلەن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. چەكتىن ئاشقان كەمتەرلىكىمنى بۇزماقچىمەن. بۇ ماقالەمنىڭ ماۋزۇسى بۇگۇن قازاقلارنىڭ ۋەتەن قۇتقۇزۇش شۇئارىغا ئايلاندى. بۇگۇن قازاقلارخىتاينىڭ كىڭەيمىچىلىك ، ئىقتىساتى بۇلاڭ-تالاڭچىلىقىغا قارشىئوتكۇزۇلگەن نامايىشلاردا "قازاقىستان ئۇيغۇرىستاننىڭ ئەتىسى بولمايمىز"دەپ شۇئار تولىماقتا. شۇئارئەتە ياۋروپانىڭ شۇئارى بولۇپ قالغۇسى.

- ئاخىرى "ئۇيغۇرىستاننىڭ بۇگۇنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەتىسى" ناملىق ماقالەبىلەن داۋاملىشىدۇ.

دۇد تەشكىلاتى رەئىسى سىدىقھاجى مەرتمۇسا ئوغلى

En'giliye, rosiye we bugun amerika bashliq nato armiyesining xitay etrapidiki doletlerdin ibaret bu chemberde nime uchun herbi kuch turghuzup keliwatqanliqini bilgende, musteqilliq korishimizni dini-itiqat dawasi, wahabiliq dawasi, "dunya kapirlirigha qarshi ghazat dawasi" dep qarimaydighan bolimiz. Xitay we xitaypereslerning qapqinigha chushmeydighan, xitaydin'afghanistan, sikkim, iraq, suriyelerde xitaydin bashqilargha yene usup yurmeydighan bolimiz. Bu chemberning ottura asiya we afghanistan qisimlirida Uyghurlarning yekunleshke tigishlik qanliq sawaqliri bar idi.... Epsuski xitay qolida oynutiwatqan duq kontirolliqidiki "rfa, uaa, wetinim.Org", "istiqlal", "maarip" qatarliq xitay torbetliridinmu better torbetler, yawropada turup Uyghurlarning kirishini cheklimekte. Uyghurlar uchun intayin ziyanliq pikir iqimliri, xitay oyunlirini, "dini inqilap" keng-kolemde teshwiq qilinip Uyghurlar yene azdurulmaqta. Bu ehwal xitayning tajawuzchiliq urushi harpisini his qilduridighan derijide gheyri alametler kosetmekte. Duq ning shunche ashkare satqunluqlirigha qarita chetellerdiki Uyghurlarda sukut hokum suriwatidu. Yer tewreshtin ilgiri uchar-qushlar, oy-haywanliri alaqzade bolup tipirlaymish. Bizning sukut nime uchun? Rosiye herbi ishlar tetqiqat xadimlirining xitayning bir tajawuz urushi qozghaydighanliqi heqqidiki qarashliri nime uchun otturigha chiqti?
_____

Nezer bayiwgha qarshi “azat partiyesi”ning namayishida “qazaq tupraqlirini sitishqa bolmaydu” digen shuarlar koturuldi. 13-14 Yashliq ros qizlirining "kalashnikop"awtumat bilen herbi telim iliwatqanliqigha dayir suretlik xewerning yiqinda ilan qilinishi"jonggo- rosiye dosluqi", "shangxey hemkarliqigha eza doletler birliki"digenlerge bashqa mena bermekte.

Yolda muxbirlarning :“german eskerliri nime uchun hindiqush taghlirida jan biridu? “Digen sualigha girmanlardin bashqa yawropa doletliridikiawam xelqmu hokumetliri bilen parallil jawap bireleydu. Koriye, afghanistan, wétnam qatarliq xitay etrapidiki chemberdeularning ighir bedel otep, jan birishke razi bolup ortaq qarargha kilishi tunugunla bolghan ish emes - xitayning kingeymichilik tajawuzi bilen teng bashlan'ghan ish.Bu jaza yurushliri islam "ghazati"namida xitayghiche dawam qildi. Xitayning butun sheher, nahiyeliridiki meschit we tunggan ashxaniliri nedin peyda boldi?Xiristiyan we islam dunyasining bu jaza yurushliri aliksandir makidoniyedinmu burun bashlan'ghan ...

Bugun asiya qitesining sherqidin bash kotorup chiqqan yejuji-mejujiler dunyaning kiyinki bir esir ichide gherpning uzaq sherqtiki xitaygha qilghan jaza yurushliri sistimiliq, oxshash ritim bilen orunliniwatqan orkistirgha oxshaydu. Yaponiye, rosiyelernimu oz ichige alghan “8dolet birleshme armiyesi”ning xitaygha qilghan jaza yurushi xitay kingeymichilik bilen yutuwalghan bir-munche oljilirini qusturup, xitaylargha bu dunyadabashqa milletlerningmu yashaydighanliqini bildurgen, junggoning “dunya merkizi” emeslikini ugetgen yawropaliqlar shanggang, awminlarni gorege berguzup, xitay erkeklirining uzun oyme chichini kesturup, ayallirining putini boghushni chekligen idi. 8Dolet xitayning 8chong shehrini zamaniwi tuske kirguzdi. Xitayning bashlan'ghuch mekteptin ali mektepkiche bolghan butun maarip sisitimi, derslik kitapliri butunley sowetler ittpaqidinkochurulop xitay tiligha terjime qilindi. Wilisipit, kiyim tikish mashinisi, awtumbil, tiraktor qatarliq sanaet boyumliri ishlepchiqiridighan zawutlarning hemmisni "komunizim ittipaqi"-sowitler ittipaqi qurup berdi. Hetta atom tixnikisinimu roslardin ilip bolup, mexsetke yetken xitaylar nechche onming ros alim, tixniklirini qoghlap chiqardi. .

Teywen'ge amerikining herbi baza qurushi, turkiyenimu oz'ichige alghan urushtin kiyin jenubi koriyege amerikining herbi baza qurushi, ussuri derya chigrasida sowitler ittipaqi bilen xitay arisidiki ighir toqunush, chaghantoqay surkulushi, mikimaxun siziqidiki hindistan-xitay urushidin tartip witnam - xitay arisidiki ighir urushlar, soghuq urushtin kiyin ottura asiya doletliride amerika herbi bazilirining yingidin peyda bolushi… qatarliqlarning hemmisi del xitay etrapidiki chember ustide sadir bolghan hadiselerdur. Aliksander makadoniye-iskender zulqerneynning ottura asiyaghiche dawam qilip toxtap qalghan yurushlirining dawamidur!

Bu yurushler sayahet emes, belki insaniyet mediniyitini qoghdash uchun ilip birilghan jaza yurushi ikenlikini tarixi pakitlar we bugunki dunya itirap qilipla qalmastin 5-iyul xitayning wehshi qirghinchiliqi bundaq bir yurushning dunya uchun jiddi zoruriyitini bildurmekte. Xitayning ottura asiya, bolupmu rosiyege qarshi tajawuz urushigha teyyarliq qiliwatqanliqini rosiye herbi ishlar tetqiqat inistituti mesul xadimliri ochuq ilan qiliwatidu.

Urushni, toqunushni yalghuz maddi bayliq, nifit, yer-tupraq uchun dep qarimasliq kirek. Urushni wetinim uchun, milim uchun, jinim uchun dimeydighan wahabichilarmu qilidu. Urush pisxologiyelik amilghimu baghliq. Xitay , witnam, koriye, afghanistan qatarliq bu doletlerning hich-biridin nifit chiqmaydu. Bu yurushlerning tup sewebi xitaydur. Bu yurushlerni xitayning dunyagha bolghan zorawanliq- kingeymichilik, tajawuzchiliq enenisi belgiligen. "Junggo we zorawanliqning shekillinishi" namliq maqalemge qarang.Bu heqtiki qarshlirimni dawamlashturimen.
______

Uyghurlarni unutqan dunyani amirika bilen birge qoshup, xitaylar qorshawgha iliwatqanliqi bilinmekte. 1992-Yili istambulda ilan qilin'ghan "Uyghuristanning buguni ottura asiyaning etisi" namliq maqalem rosye we yawropani xitay tehditi bilen agahlandurghan idi. Chektin ashqan kemterlikimni buzmaqchimen. Bu maqalemning mawzusi bugun qazaqlarning weten qutquzush shuarigha aylandi. Bugun qazaqlarxitayning kingeymichilik , iqtisati bulang-talangchiliqigha qarshiotkuzulgen namayishlarda "qazaqistan Uyghuristanning etisi bolmaymiz"dep shuar tolimaqta. Shuar'ete yawropaning shuari bolup qalghusi.

- Axiri "Uyghuristanning buguni ottura asiyaning etisi" namliq maqalebilen dawamlishidu.

DUD teshkilati Reisi sidiqhaji Mertmusa oghli