PDA

View Full Version : خىتاي ھۆكۈمىتى ئون نەچچە مىليون ئۇيغۇرلا



Elbilgin
23-09-18, 02:23
خىتاي ھۆكۈمىتى ئون نەچچە مىليون ئۇيغۇرلارنىڭ نەگە يوقالغانلىقىنىڭ ھېسابىنى بەرسۇن

مەشئەل گۇرۇپپىسى
2018-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى



بۇ يەرگە ئىمزا قويۇڭ:
https://www.change.org/p/donald-j-trump-the-chinese-government-must-account-for-the-disappearance-of-the-10-million-uyghurs


خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر نوپۇسىنى يوشۇرۇن تۇتۇشى ۋە ئاز كۆرسىتىپ ئېلان قىلىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق يوقۇتۇش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز نوپۇسىنىڭ ھەققىقى سانىنى بىلىش ھوقۇقىمۇ چەكلىنىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى خىتاينىڭ سەزگۈر مەخپىيەتلىكى قاتارىغا كىرىدىغان بولۇپ، ھازىرقى ۋاقىتتا لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلار سانىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىمۇ مۇشۇ نوپۇس مەخپىيەتلىكىگە تاقىلىدىغان زور سىرلىق رەقەم بولۇپ تۇرماقتا. خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ قويغانلىقىدەك پاكىت ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدەك ئەيىپلەشلەرنى ئىنكار قىلىپلا قالماستىن بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھەققىدە ئۆزلىرى ئېلان قىلغان سانلارنىمۇ ئىنكار قىلماقتا. خىتاينىڭ ئەمدى ئۆز ئىستاتىستىكىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىمۇ زور دەرىجىدە كىچىكلىتىپ تىلغا ئېلىشى خىتاينىڭ ئادەتكە ئايلانغان يالغانچىلىقى بولۇپلا قالماستىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق

ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ياكى شۇنداق قىلىش نىيىتىنى ئاشكارىلايدىغان بىر سىگنال بولۇپ قالماقتا.

9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيىسىنىڭ مەھدى ھەسەن ساھىپخانلىقىدىكى ئاپفرونت دېگەن پروگراممىسىدا، ئۇيغۇر پائالىيەتچى نۇرى تۇركەل بىلەن خىتاينىڭ خىتاي ۋە دۇنياۋىلىشىش ئاتلىق ئىستراتېگىيە ئورنىدىكى ۋىكتور گاۋ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە جازا لاگېرلىرىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە مۇنازىرىلەشكەن. ۋىكتور گاۋ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ بىر مىليون ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا سولىغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىپنامىسىنى رەت قىلىپلا قالماستىن ئۇيغۇرلار نوپۇسى ھەققىدىمۇ كىشىنى چۆچۈتكىدەك يېڭى يالغاندىن بىرنى ئېيتقان. ۋىكتور گاۋ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى 6-7 مىليون ئەتراپىدا دەپ تىلغا ئالغان. ( https://www.youtube.com/watch?v=srhM6G-rRB0) خىتاي گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئىزچىل چۆكۈرۈپ كۆرسىتىپ كەلگەن بولسىمۇ ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى بۇ قەدەر ئازلىتىپ ئاشكارا تىلغا ئېلىشى تۇنجى قېتىم. 6- 7 مىليون دېگەن سان ئۇيغۇرلارنىڭ 1980-يىللاردىكى خىتاي ئىستاتىستىكىسىدا تىلغا ئېلىنغان نوپۇس سانى بولۇپ، 2015-يىلىدىكى نوپۇسى 11،303300 دەپ ئېلىنغان.

(http://www.xjtj.gov.cn/sjcx/tjnj_3415/2016xjtjnj/rkjy/201707/t20170714_539451.html) نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىن تارىختىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا ئەڭ ئاز دېگەندە 1 مىليون ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا قامالغان( بۇ سان تۈرمىلەردە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان ۋە 2017- يىلىدىن بۇيان سوت ئېچىلماي كېسىلگەن نەچچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ). نەچچە مىليون ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا مەخپى قامىلىپ ئورگان ئەتكەسچىلىكى ۋە مەجبۇرى يوقىتىۋېتىلىشنىڭ ئەڭ زور قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ يەنىمۇ بىر باسقۇچ تۆۋەنلىتىپ كۆرسىتىلىشى تولىمۇ ئەندىشىلىك ۋە گۇمانلىق. بىز ئۇيغۇرلار نەگە يوقاپ كېتىۋاتىدۇ؟ دەپ سورىماي تۇرالمايمىز. ۋىكتور گاۋ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسى ۋە شەرقى تۇركىستاندا نېمە ئىشلار بولىۋاتقانلىقنى ياخشى بىلىدىغان بىرسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى 6-7 مىليون دەپ كۆرسىتىشى خىتاينىڭ ھەقىقەتەنمۇ نەچچە مىليون ئۇيغۇرلارنى مەخپى لاگېرلارغا قامىغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى ۋە ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە قىرغىن قىلىشىنىڭ بىر بىشارىتى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى خىتاينىڭ نوپۇس ئىستاتىستىكىسىدا 1990- يىلى 7،249500، 2000-يىلى 8،523300، 2009-يىلى 10،198000، 2015 -يىلى 11،303300 دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ھەقىقى سانىنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ يۇقۇرى ئىكەنلىكىگە ۋە ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 20 مىليون ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئۇيغۇرلار خىتاي تېرىتورىيىسى ئىچىدىكى مىللەتلەر ئارىسىدا كۆپىيىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى مىللەت بولۇپ پىلانلىق تۇغۇت چەكلىمىسى بىلەنمۇ ئەڭ ئازدا 2 -3 بالىلىق بولىدۇ. ياشلارنىڭ توي قىلىش ۋە بالىلىق بولۇش نىسبىتى يۇقىرى ( 69%، 2010) .( http://www.360doc.cn/article/15549792_574196290.html ) ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئى كۆپىيىش نىسبىتى دائىم يۇقىرى بولۇپ كەلگەن تۇرۇقلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ يىللىق كۆپىيىش نىسبىتى 1.2% ئەتراپىدا ئېلان قىلىنىپ كەلگەنلىكى تولىمۇ گۇمانلىق. جوشۇئا پروجەكتى 2011-يىلىلا دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى 12 مىليوندىن ئارتۇق دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلغان. يۇزمىڭلىغان بوۋاقلار تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ھەتتا تۇغۇلۇشقا نەچچە ھەپتە قالغاندا مەجبۇرى چۈشۈرىۋېتىلگەن. 2000-يىللاردىن باشلاپ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش نامى ئاستىدا يۈزمىڭلىغان ياش قىز يىگىتلەر ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن ۋە ئاقىۋېتى نامەلۇم. قاتتىق نوپۇس سىياسىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار خالىغان يەردە ئولتۇراقلىشالمايدىغان ۋە رۇخسەتسىز باشقا شەھەرلەرگە بارالمايدىغان بولغان. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى چۆكۈرۈش ۋە يوشۇرۇشنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى، ئۇيغۇرلار ئاساسى سالماقنى ئىگەلەيدىغان ۋە نوپۇسى مىليوندىن ئاشىدىغان يەركەند ۋە كۇچارغا ئوخشاش قەدىمى شەھەرلەرنى تا ھازىرغىچە شەھەر دەرىجىسىگە كۆتۈرمىگەن.

2015-يىلى شىنجاڭ يىلنامىسىدە كۆرسىتىلگەن سانلارغا ئاساسلانغاندا قەشقەر شەھرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى 7.7%، قاغىلىقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى 8.5% تىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن خىتاي زىيالىلىرىنىڭ ئەندىشىسىگە سەۋەپ بولغان. (http://www.xjtj.gov.cn/sjcx/tjnj_3415/2016xjtjnj/rkjy/201707/t20170714_539450.html) مانا بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار تۈرلۈك چەكلىمىلەر بىلەنمۇ ئۆز ۋەتىنىدە ئاز سانلىققا ئايلاندۇرالمىغان خىتاي 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىلەرگە سولاش ۋە جازا لاگېرلىرىغا قاماش ھەرىكىتىنى باشلىغان. ھازىرقى ۋاقىتتا شەرقى تۇركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئۈچ مىليوندىن ئاشقانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ( https://www.rfa.org/english/news/uyghur/millions-08032018142025.html) شەرقى تۇركىستان تاشقى دۇنيادىن ئايرىۋېتىلگەن ۋە خىتاي لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى ئىزچىل قاچۇرىۋاتقان مۇشۇنداق چاغدا شەرقى تۇركىستاننىڭ ھەممە يېرىدە جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشى ۋە لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پويىزلار بىلەن ئىچكىرى خىتايغا توشۇپ كېتىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ يەھۇدىلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇچرىغان قىسمەتكە دۇچار بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ بوپۇسى ۋىكتور گاۋ دېگەندەك 6-7 مىليون بولسا قالغان 10 نەچچە مىليون ئۇيغۇر نەگە كېتىدۇ؟ خىتاي چوقۇم بۇنىڭ ھېسابىنى بېرىشى كېرەك.

خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ قۇربانلىرى بولۇپ قالغان ئۇيغۇرلار ئۆز نوپۇسىنىڭ ھەقىقى سانىنى بىلىشتىنمۇ مەھرۇم قالماقتا. ئەگەر بىر خىتاي تەمىنلىگەن ئاشۇ سانلارنى بىز ئېرىشكەن بەزى مەلۇماتلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلساقمۇ بەزى ئوخشىمىغان نەتىجىلەر چىقىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ 1990-يىلىدىكى نوپۇس سانى بولغان 7،249500 نى قاغىلىقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى بولغان 8.5% بويىچە ھېساپلىساق 2000-يىلى ئۇيغۇر نوپۇسى 13،411،575 بولغان بولىدۇ. 2010-يىلىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسى 24،811،413 ۋە 2015-يىلى 35،356،242 بولىدۇ. ئۇيغۇرلار يىللاردىن بۇيان قىرغىنچىلىق ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ يىلىغا 300،000 ئۇيغۇر قىرىۋېتىلدى، دەپ پەرەز قىلساقمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى يەنىلا 25 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ چىقىدۇ.

بىز چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ھازىر ۋەتىنىمىزگىمۇ بارالمايدىغان، ۋەتەندىكى ئۇرۇق- تۇققانلىرىمىزنىڭ ئ*ۆلۈك -تىرىكلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان، ۋەتىنىمىز بىلەن ئالاقىمىز پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا تۇرىۋاتىمىز. بىز ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە ھەددىدىن ئېشىۋاتقان زوراۋان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەپقەتسىز زۇلۇملىرىغا ئۇچراپ ياردەمسىز قالدۇق. بىزگە پۈتۈن دۇنيادىكى ئادالەتسۆيەر ئىنسانلارنىڭ ياردىمى كېرەك. ئەگەر بۇ مۇراجەتنامىگە ئىمزا قويۇپ بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى دۇنياغا ئاڭلاتسىڭىز ئۇيغۇرلارغا زور ياردىمى بولىدۇ.

بىزگە قوشۇلۇڭ، بىزنىڭ ئاۋازىمىز بولۇڭ. پۈتۈن دۇنيا خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلسۇن. ئەركىنلىكى بوغۇلغانلارنىڭ ئاۋازى بولۇش ئەركىنلىكنى سۆيۈشتۇر. سىزگە رەھمەت!

مەشئەل گۇرۇپپىسىنىڭ بۇرۇنقى مۇراجىئەتنامىلىرى:
https://www.change.org/search?q=Torchlight%20Uyghur%20Group