PDA

View Full Version : Ghulam Osman ependi mentiqisiz gep qilidiken.

Unregistered
03-09-18, 03:35
Jasaret ependining Ghulam Osman ependi bilen otkuzgen sohbitini anglighandin keyin shuni his qildimki Ghulam ependining dewetqan gepliri hich mentiqigha uyghun emes, pakitsiz gumanxorluq, shexsi ochmenlik bu ademde eghir iken.
Mesilen: Gulam ependi deyduki : Parlamintqa kirimen deydighan adem chiqmidi eksiche qatnishish emes kulke qildi deydu. Emma yene shundaq deyduki: Exmetjanning ekirimen deydighan bir top adimi bar, u ozini saylatquzush uchun bu bir top ademni ekirmekchi deydu.
Buni mundaq chushendim, Exmetjan ependi jan pidaliq bilen xizmet ishlesh arqiliq parlamintqa kirmekchi bolghan bir top ademlerni tapti. Lekin Ghulam Osman ependi bashliq bashqa parlamint ezaliri hich bir xizmet ishlimigenligi uchun, yaki parlamintni hazirqi mewjut yette ademning konturullighida "Sherqi Turkistan Surgundi Hokumiti" digen namni saqlap yatsaqla boldi, tarixta ismimiz qalsila boldi dep oylighanlighi uchun Parlamintqa kiridighan adem tapalmidi.
Ghulam Osman digen bu ependi gepni yoghan, qaltis sozligendek qilghan bilen, sel diqqet qilip tehlil qilip baqsingiz logikisiz gepliri bek kop iken.
Mening yene bir heyran qalghinim Parlamintqa kirmekchi bolghan ademlerni hazirqi mewjut parlamint ezaliri salahitini tekshurep bekitkendin keyin kirguzidiken. Sorap korsem: Kimning ishpiyon yaki emesligini qandaq bekitisiler? silerde shundaq bir iqtidar barmu? yaki gumangha tayinamsiler? Silerning ishpiyon yaki emesliginglarni kim tekshureydu?

https://www.youtube.com/watch?v=ZX4m9a9iUa8&t=2230s
https://www.youtube.com/watch?v=VgOCt0m04cA&t=46s

Mertmusa Oghli
04-09-18, 05:46
ئۇئائا توربەتىدە ئىسىمسىز بىر ئەبلەخ غۇلام ياغما ئەپەندىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن توھمەت ۋە ۋۇجۇم قىلغان. مەنبە:
http://forum.uyghuramerican.org/forum/sh...-qilidiken

ئۇيغۇرلۇقۇم يەنە تۇتۇپ كەتتى:

ھەر-كىمدە خاتالىق بولىدۇ. ئۇيغۇرلاردىمۇ شۇنداق. ئەمما كۇن بۇگۇنگە كەلگەندە، تىخى ئولمىگەن ھايات ئادەملىرىمىزنى ئوز-ئارا سەلىشتۇرغاندا، غۇلام ئوسمان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندىكى يەتەكچىلىرىنىڭ لىدەرى - سەركىسى ھىساپلىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا قۇللارچە دوس تارتىشىپ بىرىۋاتقانلار ياكى زەھەرخەندىلىك بىلەن ئۇنىڭ ئىناۋىتىنى يىپرىتىۋاتقانلارغا دىققەت!

ئۇ ھەر نىمە بولسۇن ئۇنىڭ ئالدىغا ئوتەلەيدىغانلاردىن قانچىمىز بار؟ سىياسى سەھنىدە ھاقارەت، توھمەتكە ئەڭ كوپ ئۇچرىغانلارنىڭ بىرى غۇلام ياغما ئەپەندىمدۇر.

ئۇيغۇر دىگەن بۇگۇنكى مىللەتنىڭ لىدەرلىرى بۇگۇن موشۇنچىلىك بولىدۇ- ئۇ بىزگە بۇگۇن يەتىدۇ، يەتمىگەن يەرلىرىنى ئاشكارە، سەمىمى، قەرىنداشلارچە ئاغرىتىپ ، كورسۇتۇپ تولۇقلاش، ئۇلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەنقىت، رەددىيەسىگە ھەر-زامان ئوچۇق بولغاندا ھەر ئىش نورمال بولغان ھىساپلىنىدۇ. ئەگەر تۇنۇگۇن چىققان لىدەرلەر بۇگۇن ئوزگۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلماس بولىۋالسا، كۇدە-كورپىسىنى يىغىشتۇرۇپ شەھەرنى بىكار قىلسۇن-كەتسۇن، ئىشىكىنى باقسۇن!

ئۇيغۇرلاردا لىدەر سايلايدىغان ئىمكان ۋە ھوقۇق يوق-چۇنكى سايلامنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدىغان ئەسكەر يوق، دولەت يوق. ئەركىن ئىسا، قۇربان ۋەلى، رابىيە قادىر باشلىق ساتقۇنلارنىڭ ئۇۋىسى" دۇق "دىكى خىيانەتچى، ئوغرى، قويمۇچى، يالغانچى، قاتىل ۋە دىنچى موللاملارغا قارشى كورەش قىلالايدىغان، ئۇلاردىن ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ھىساپ ئالالايدىغان، ئادەم ئوزلىكىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ لىدەرى بولۇپ غۇلامغا ئوخشاش ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇرىۋالالايدۇ.

مەن موشۇ پىرىنسىپتا تۇرۇپ كەلدىم ۋە "غۇلام ئەپەندى ۋە نامايىشچىلارغا سالام"ناملىق ماقالەم بىلەن غۇلامنى جىددى تەنقىت قىلدىم. "فايسبووك" تىمۇئۇنىڭغا يەنە تەكرار تەگدىم، قىنى ئوقۇپ بىقىڭلار:

"سالى خۇدايارلارنىڭ باشلىغان نامايىشىغا ئىلشات ھەسەن، ئومەر قانات، تۇدى غوجىلار دەرھال قارشى چىقىپ ھاقارەتلەر ياغدۇردى. بۇلار يالغۇز ئۇچ كىشىئەمەس. ئوتتۇز ئۇچ كىشى-بۇلار. غۇلام ئەپەندى قەھرىمانلارنىڭ بۇيۇك ھەرىكەتلىرىنى يەنە خىتاي يولىغا سىلىپ"توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاش"قا ئاتلانغان ساتقۇنلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئاچچىغىدا ئىشەكلەر دەپ تۇگەتكەن. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى، قىلمىشلىرى زادى ئۇيغۇرلارغا مەلۇم . يۇز-خاتىرە قىلىپ، ئۇنىمۇ ئاشكارە قىلماسلىق، تەگى-تەكتىنى ئالغاندا ئۇلارنى بىلىپ-بىلمەي قوغدىغانلىق ئەمەسمۇ؟ غۇلام ئوزىنى غەزەپلىنىشكە، "ئۇمۇتسىزلەندىم"دىيىشكە ، "ھەسرەت"، "نادامەت" قىلىشقا مەجبۇر قىلغان ساتقۇن ئەبلەخلەرگە يەنە نىمە يۇز-خاتىرە قىلىدۇ؟! بۇتۇن ئۇيغۇرلار بۇ مەجبۇرلۇقتا نىمەلەرنى كورىۋاتىدۇ؟ئۇلارنى ئىشەكلەر دەپ ھورمەتلەش ھايۋانلارنىڭ ھەققىنى قوغدىغانلىق، يۇمشاق كوڭۇللۇكتۇر. غۇلام ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرىدۇر، شەرىپىنىڭ سىمۋۇلىدۇر. مەن بۇلارنى غۇلام ئەپەندىمنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچۇن لىدەرلىك سالاھىيىتىنى ئۇزۇندىن بىرى قوبۇل قىلىپ، قەھرىمانلارغا ساھىپ چىقىشىنى قوللاۋاتقانبىر تەشكىلات مەسۇلى سۇپىتىم بىلەن سوزلەۋاتىمەن. مىڭ نەچچە ئۇيغۇر بار يەردە نەمە ئۇچۇن نامايىشقا ئاران بىر نەچچە ئادەم چىقىدۇ؟ بۇنىڭ چەتەللەردىكى يەرىم ئەسىرلىك تارىخى سەۋەپلىرىنى يۇقۇردا ناھايىتى قىسقىلا ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئازغان جامائەتنى قولغا كەلتۇرۇش، پەقەت ئازدۇرغان جىنايەتچىلەرنى پاكىتلىرى بىلەن پاش قىلىپ، جازالاش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ.

غۇلام كەبى مىڭلارچە ئۇيغۇر يولباشچىلىرىنى يىرىم ئەسىردىن بىرى غەزەپلىنىشكە،"ھەسرەت"، "نادامەت"چىكىشكە مەجبۇر قىلغان ساتقۇن ئەبلەخلەردىن ھىساپ ئالماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇۋىسى "دۇق"نى تارقاتماي تۇرۇپ، بىر يىڭى تەشكىلات قۇرماي تۇرۇپ، ھەر قانچە نامايىش قىلغان بىلەن، نۇتۇقلار سوزلىگەن بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئوزگۇرەمدۇ؟ ئازغۇن جامائەتكە يالۋۇرۇپ يىغلاش بىزگە ياراشمايدۇ.ئوزىدىن باشقا ئۇيغۇر قالمىغاندەك يالغۇزلۇق ھىس قىلدۇرۇش ئۇمۇتسىزلىك پەيدا قىلىدۇ. چەتەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 95٪ ئوتتۇرا ئاسىيادا. ئالما -ئاتادىكى بۇ نامايىش(1)مىنىڭ پىكرىمنى تولۇقلايدۇ. غۇلام "ھەسرەت"، "نادامەت"، "ئۇمۇتسىزلەندىم"دىسە باشقىلار نىمە دەيدۇ؟ غۇلامغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سالامى، ئۇمۇدى زوردۇر! ئۇنىڭغا قورقۇمسىز جاسارەت، ياۋۇزلۇق تىلەيمەن.

ئامىرىكىدا داۋام قىلغان نامايشنىڭ ئاخىرى تارىخىمىزدىكى مەغلۇپ بولغان بۇيۇك ھەرىكەتلىرىمىزگە ئايلىنىپ قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يەردە بىر كاملىق بارلىقىنى ھىس قىلدىم. "چالا تەككەن ئوق"ناملىق شىئىر ئىسىمگە كەلدى

چالا تەككەن ئوق

ۋاھ-دەرىخا، ئوقنى تەككۈزدۇق چالا،
شۇ تۇپەيلى باغرىمىز قانلىق يارا.
قامچە كالتەك ئاستىدا قالدۇق يەنە،
قوش بىلەن سورەمگە مەھكۇم يەنىلا.
قەھرىمىزدىن ئوت چىچىلدى قانچە رەت،
قىپ -قىزىل يانغىنغا چۇمدى تاغ-دالا.

كويمىدى يانغىندا سىرتماق نە ئۇچۇن
نە ئۇچۇن بىز بۇ بالاغا مۇپتالا؟
ئەمدى بىلسەك ئوقنى تەككۇزدۇق چالا،
ھەممىدىن بەتتەر ئىكەن سۇلىھ - سالا
ۋاھ - دەرىخا، ئوقنى تەككۈزدۇق چال
ھەممىدىن يامان ئىكەن سۇلھى - سالا.

____

ئەسلى تىمىغا قايتىپ كىلەي: ئۇيغۇرلارنى "دۇق" ساتقۇنلىرىنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتقۇزماقچى بولغان، سالى نامايىشىنى، ئۇنى پىلانلىغان ياخشى نىيەتلىكغۇلام ئوسماننى تەقدىرلەش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، سەن ئۇ نامايىشقا باشتىلا قارشى چىققان خۇمسىلارنىڭ باشلىقى سەن! ئۇنىڭ نۇتۇقلىرىنى "مەنتىقىسىز"دەپ غۇلامغا ۋۇجۇم قىلىۋاتىسەن. غۇلامغىلا ئەمەس- ئۇيغۇرلارغا يامان نىيەت بىلەن ۋۇجۇم قىلىۋاتىسەن. قىنى مەنتىقىسىز يىرىنى كورسەت! غۇلامنىڭ ئىسمى-ئاتىسىنى ئاتايسەنۇ، ئوز ئىسمىڭنى يوشۇرىسەن. سىنى تاپقان داداڭنىڭ ئىسمىنى ئاتاش سەن ئۇچۇن ئائىلەڭدىكى ھارام ۋەقەنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن. مەنمۇ سىنى ئۇھالغا ھەرگىز زورلىمايمەن-كىشىلىك ھەققىڭنى قوغدا. ئەمما ئوزەڭنىڭ ئىسمىنى نەمە ئۇچۇن يوشۇرىسەن؟! قىنى سەندىكى ئىنسانلىق؟ قىنى سەندىكى ئادىللىق؟ يىللاردىن بىرى موشۇ پەسكەشلىك بىلەن ئوت-قۇيرۇقلۇق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىنى ئىچىپ كەلدىڭ- ئۇيغۇرلاردىن لىدەر چىقمىدى.سەن ئىسىمسىز ئەبلەخ چىقتىڭ؟ سەن توغرۇلۇق بىرپاتمان پاكىت بار...
_____

بۇ ماقالەم ھەرگىز غۇلام ئوسمانغا قارشى ئىلان قىلغان تەنقىت، رەددىيەلىرىمدىن ۋاز كەچكەنلىكىم ئەمەس، ئەمما سەن ئىسىمسىز ئەبلەخنىڭ غۇلامغا قارشى پاكىتسىز قىلىۋاتقان توھمەتلىرىڭگە قارشى غۇلام ياغما ئەپەندىمنى غەرەزسىز ، پىرىنسىپلىق قوغدىغانلىقىمدۇر. سىنىڭ ۋە ئەخمەقجان ئوسمان قاتارلىق خۇمسە ساتقۇنلارنىڭ رەزىل ئويۇنلىرىغا بۇ يەردە ئەسلا دەسمى يوق!
"تارىخ ھاقارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ غەلبىسىنى تەخىرچانلىق بىلەن كۇتىۋالىدۇ". بۇ غەلبە يىقىنلاشقانسىرى ئەبلەخ ساتقۇنلار قۇترايدۇ-خالاس!

غۇلامغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سالامى، ئۇمۇدى زوردۇر! ئۇنىڭغا قورقۇمسىز جاسارەت، ياۋۇزلۇق تىلەيمەن

"دۇد"تەشكىلاتى سوزچى
مەرتمۇسا ئوغلى سىدىقھاك
فرانكفۇرت گىرمانىيە