PDA

View Full Version : Uyghurstan yaki Uyghuria Uyghurni saqlap qalidighan yol.



Unregistered
20-08-18, 19:31
Uyghurstan yaki Uyghuria doliti qurush uchun kuresh qilish Uyghurni saqlap qalidighan birdin bir yol. Sherqi Turkistan atalghusini qolliniwatqan orunlar derhal bayanat elan qilip namini Uyghurstan yaki Uyghuria gha ozgertish kerek . Mushu yolla Uyghurni yer yuzide saqlap qalidighan yol. Sherqi Turkistan nami uchun koresh qilip Sherqi Turkistan dolitini qurghan teqdirdimu haman bir kuni Uyghur nami yoqaydu yaki kichik bir qebile namigha aylinip qalidu. Shunga hazirdin bashlap Uyghurstan yaki Uyghuria namini ishlitish kerek.

kollaymiz
21-08-18, 02:32
eytkanleri taman togragep bolaptu.

Unregistered
21-08-18, 02:50
Ismini keyin oylaxsakmo bolamdiki.

Unregistered
21-08-18, 19:46
Ismini keyin oylaxsakmo bolamdiki.

Eqinning beshidin pakiz bolghini yaxshi. Waqti kelgende pushaymanni alidighan qacha chiqmaydu. Sherqi Turkistan nami toxu yureklerning qoyghan nami(Uyghurstan disek qerindash milletler bizni yoq qiliwetidu dep qoqqanlighi). Qulchiliq idiyisi singip ketken "Hosh ghojam" deydighanlarning qoyghan nami. Siyit ganggungdek shengen ghojisigha oz jeninimu mertlik bilen beriwetidighan axmaqlarning birnechche qerindash milletlerning kongli uchun mertlik bilen hediye qilghan nami. Hey qerindashlar boptu shu dewirlerdighu shundaq xataliq otkuzuptuq disek, hazir qaysi dewir... mushu dewirdimu ozimizni - ozimiz aldap yurumizma? nime digen dotluk...

Unregistered
26-08-18, 02:15
ئىزاھات: بۇ بىر ئىلمى ئىسياندۇر. جىددى تەۋسىيەدۇر. قوللاشقا ياكى پۇتلاشقا جۇرئەت قىلالايدىغان ۋىجدانلىق، غۇرۇرلۇق، يۇرەكلىك، بىلىملىك ئۇيغۇر بالىسى چىقسا مەرھەمەت ...!
دوكتور ئۇيغۇرھەبىبى

(بىرىنچى پايلاشىم’’ 11خۇلاسە’’، ئىككىنچى پايلاشىم’’ 101 ئەگەر’’، ئۇچۇنچى پايلاشىم‘’ئۇيغۇر نەگە بارىدۇ؟’’ كىتاپنىڭ تولۇقPDF مەتنى)

تارىخقا نەزەەر سالسام باركەن شانلىق ئىزلىرىڭ
نىچۇن ئەندى پەرىشان پۇكۇلدى بۇ تىزلىرىڭ
ئىستىقلالغا جان پىدا بارچە ئوغۇل قىزلىرىڭ
ئۇيغان ئاتلان كورەشكە پۇتسۇن يۇرەك سىزىلىرىڭ
ئەزىز ۋەتەنداشلىرىم:

ئۇيغۇر تارىخى ۋە شەرقى تۇركىستان داۋاسىنى 10 يىل تەتقىق قىلىپ 1994 دە ‘’ئۇيغۇر نەگە بارىدۇ؟ ‘’ سەرلەۋھەدە بىر كىتاپ يازغان ئىدىم. ئەپسۇسكى بۇ كىتاپ، خىلمۇ-خىل سەۋەپلەر ۋەجىدىن نەشىر قىلىنماي قالغان ئىدى. ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، خەلقىمنىڭ ئىنتىزارى بۇ ئەسىرىمىنى قايتىدىن رەتلەپ، ئالدى بىلەن ئاساسلىق مەزمۇنلارنى ‘’ 101 ئەگەر’’ لىك سۇئال-جاۋاپ شەكلىدە ئىخچاملاپ، دىققەت - ئىتىبارىڭلارغا تەكرار ھاۋالە قىلىشقا ۋە بۇ ھەقتە شۇ 11 خۇلاسىنى چىقىرىشقا مەجبۇر قىلدى...

1. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئانا ۋەتىنى ئۇيغۇر ئىلىدۇر. ئۇيغۇر ئىلى- ئۇيغۇرىيە- ئۇيغۇرىستان دىمەكتۇر. ئۇيغۇرىستان- تارىخى ھەقىقەتلەرگە كورە، شەرقى تۇركىستان- سىياسى غايەلەرگە كورە بېرىلگەن ئىسىمدۇر. بىر مىللەتنىڭ ئانا ۋەتىنى پەقەت ئۇ مىللەتنىڭ ئوز ئىسمى بىلەن ئاتالغاندىلا ئۇ مىللەت تەبىئى تونۇلۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ .

. 2. تۇركىيە جۇمھۇرىيىتى ئاساسىقانۇنى 66. ماددىسىدە تۇرك كىملىگىنىڭ قانۇنى ئۇقۇمى "تۇرك دەۋلەتىگە ۋەتەنداشلىق رىشتىسى بىلەن باغلانغان ھەركىشى تۇركتۇر. " دەپ ئىزاھلانغان. بۇ قانۇن بويىچە تۇرك كىملىگى پەقەت تۇركىيە جۇمھىۇرىيىتى پۇخرالىرىغا قارىتىلغان. تۇركىيە جۇمھۇرىيىتى قانۇنەن پەقەت بىرلا مىللەت ياشايدىغان دولەتتۇر. مەجبۇرىيەت ۋەجىدىن خىتاي ۋەتەندىشى بولۇپ قالغان ئۇيغۇرلارنى قانۇنى جەھەتتىن تۇرك دىيىش يەنى پانتۇركىزىم ئىڭىغا دالالەت قىلىش تۇركىيە جۇمھۇرىيىتى قانۇنىغا خىلاپتۇر. نوۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلارنى بالدۇرراق ئوزلەشتۇرۇشكە (ئاسمىلاتسىيە قىلىشقا) تىرىشىۋاتقان خىتاي ھوكۇمىتى ئەگەر، "خىتاي دەۋلىتىگە ۋەتەنداشلىق رىشتىسى بىلەن باغلانغان ھەر كىشى خىتايدۇر. " دەپ بىر قانۇن چىقارسا، بۇ قېرىنداش ئۇيغۇر تۇركلىرىنى كىم قۇتقۇزالايدۇ. كىم ساھىپ چىقالايدۇ. بۇ ئەلبەتتە ئەتراپلىق ئويلىشىشقا تىگىشلىك جىددى مەسىلىدۇر.

MADDE 66. Tόrk Devletine vatandaşlı bağı ile bağlı olan herkes Tόrktόr.
T.C. ANAYASASI 89s.
3. جانابى ئاللاھ ئۇيغۇر دەپ ياراتقان، ئاتا–ئانىسى ئۇيغۇر دەپ تاپقان، ئۇزىنى ئۇيغۇر مىللىتى دەپ تونۇيدىغان ۋىجدانلىق، غۇرۇرلۇق ئۇيغۇر بالىسىنىڭ ئوز ۋەتىنىنى ئوز ئىسمى بىلەن ئاتىشى، دۇنيا سەھنىسىدە قازاق، قىرغىز، ئوزبەك، تاتار، تۇركمەن، ئازارى ۋە تۇرك قېرىنداشلىرى بىلەن ئەينى سالاھىيەتكە مۇيەسسەر بولۇشى، ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان، ھىچقانداق ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان تەبىئى ھەققىدۇر.

3


A-4 شەرقى تۇركىستان داۋاسى، بۇيۇك تۇركىستان خىيالىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. پانتۇركىزىم، پانئىسلامىزىم ئىدىئولوگىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئىنكاسىدۇر. يەنى ھورمەتكە سازاۋەر رەھپەرلىرىمىزدىن مەرھۇم ئەيسا يۇسۇپ ئالىپتەكىن ئەفەندى، مەرھۇم مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ئەفەندى، مەرھۇم مەسئوت سابرى بايقوزى ئەفەندى ۋە ئىز باسارلىرىنىڭ تۇتقان يولىدۇر.

4-Bشەرقى تۇركىستان داۋاسى، بۇيۇك تۇرك مۇتەفەككۇرى زىيا گوك ئالىپنىڭ تۇركچىلىك پىرىنسىپلىرى بويىچە ئىشقا يارايدىغىان (بازاردا ئوتۇدىغان) تۇركچىلىك - تۇركىيەچىلىكتۇر تەلىماتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئىنكاسىدۇر. يەنى مەرھۇم رىزا بەكىن پاشا جاناپلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنىڭ تۇتقان يولىدۇر.

كۇنىمىزدە تۇركىيەچىلىك، تۇركىىيەدە يېتىشكەن ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە سىياسەتچىلىرىنىڭ شەرقى تۇركىستان مەسىلىسگە بۇ نوقتى نەزەردىن مۇئامىلە قىلىىشىغا ۋە «ئۇيغۇر داۋاسى تۇركىيەنىڭ مەنپىئەتىگە ماسلاشقۇلۇق» دەيدىغان سىتىراتىگىيەلىك شۇئارنى ئورتىغا قويىشىغا سەۋەپ بولماقتا ۋە ئاساسى ئېقىم ھالىغا كەلمەكتە.

4-Cشەرقى تۇركىستان داۋاسى، ئادەتلەنگەن كوزقاراشلارنىڭ بويۇنتۇرۇغىدىن قۇتۇلالمىغان، ئۇيغۇر تارىخىدىن خەۋەرسىز مىللەتچى دوستلارنىڭ ۋە ئۇممەت مەنپىئەتىنى مىللەت مەنپىئەتىدىن ئەلا بىلىدىغان ئۇممەتچى دوستلارنىڭ ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان ئادەت مەسىلىسىدۇر.

. 5 شەرقى تۇركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتى،‘’ ئورۇس ساتتى ‘’مەسىلىسىى ئەمەس، دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، مۇستەبىت شىڭ شىسەي دەك سوۋىت ئىىتىپاقىدىن تەل-توكۇس پايدىلىنىپ مۇستەقىل دولەت قۇرۇشقا جۇرئەت قىلالىغان، توغرىسى ‘’شەرقى تۇركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى’’ ئەمەس، ‘’ئۇيغۇرىستان خەلق جۇمھۇرىيىتى’’ قۇرۇشقا قادىر بولالىغان بىر ئۇيغۇر سىياسەتچىسىنىڭ چىقمىغانلىق مەسىلىسىدۇر. چۇنكى خەلقىمىز ئۇ دەۋىرلەردە بۇ خۇسۇستا ھەرقانداق بەدەل تولەشكە، ھەرقانداق قۇربان بېرىشكە مەجبۇر ئىدى. بۇندىن باشقا ھىچقانداق چىقىش يولىمۇ يوق ئىدى. كاشكى، ھورمەتكە سازاۋەر داھىلىرىمىزدىن مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى ئەفەندى، بىرىنجى قىتىملىق شەرقى تۇركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە ئورتىغا چىققان بولسا ئىدى...

6. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللى مۇستەقىللق كورىشىنىڭ ئاساسى غايىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەۋجۈت ئىمكانيەتلىردىن ھالقىغان پانتۈركىزىم (كەڭ تۈركچىلىك)، پانئىسلامىزىم (كەڭ ئىسلامچىلىق) ئىدىئولوگىيەسىگە ئەمەس، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شەرت- شارايىتلىرى، مەۋجۇت ئىمكانلىرى ۋە مىللى مەنپىئەتىدىن چىقىش قىلىدىغان، ئۇيغۇر خەلقىنى ئومۇمىيۇزلۇك ئويغۇتالايدىغان، سەفەربەر قىلالايدىغان ئۇيغۇرىزىم ئىدىئولوگىيەسىگە يۇزلىنىشى كىرەك.

7. دەۋلەت – ئەنئەنە مەسىلىسىدۇر. ئۇيغۇر خەلقى پۇتۇن تۇركلەرنىڭ تارىخىدا قۇرۇلۇپ باقمىغان تۇركىستان دەۋلىتىگە ياكى قۇرۇلغان بولسىمۇ دۇنياچە ئىتراپ قىلىنمىغان 85 يىللىق شەرقى تۇركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئەنئەنىسىگە ئەمەس، دۇنيا جامائىتى ھەتتا خىتاي دائىرلىرى ۋە تارىخچىلىرى تەرىپىدىنمۇ ئىتراپ قىلىنغان 1270 يىللىق ئۇيغۇر دەۋلىتى (744 – 1335) ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشى كىرەك.

8. تۇرك دۇنياسى، ئۇيغۇر خاقانى ئوغۇزخاننىڭ فەتىخلىرىدىن (بويسۇندۇرۇشلىرىدىن) مەيدانغا كەلگەن. تۇركىيە ھوكۇمىتى ۈە ھەر ساھا تۇرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان ھىسداشلىقىنى قولغا كەلتۇرۇشنىڭ ئەڭ مەنتىقلىق يولى، پۇتۇن تۇركلەرنىڭ كىلىپ چىقىش مەسىلىسىگە كونۇپ قالغان ئەنئەنىۋى تۇركچىلىك خىيالى بويىچە ئەمەس، تارىخى رىياللىق بويىچە مۇئامىلە قىلىپ، پۇتۇن تۇركلىرىنىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرلاردىن تۇرلەنگەنلىگىنى، بىزنى ئۇيغۇرتۇركلىرى دىگەندىن تۇركلەرنى تۇرك ئۇيغۇرلىرى دىگەننىڭ تىخىمۇ مەنتىقلىق بولىدىغانلىغىنى بىلدۇرۇشتتىن ئىبارەتتۇر.

9. ئۇيغۇر تارىخىنى بىلەلمىگەن، ئۇيغۇر كىملىگىگە ساھىپ چىقالمىغان بىر ئۇيغۇر ھىچبىر زامان مىللەتچىلىك تۇيغۇسىغا ھاكىم بولالمايدۇ، ئۇيغۇر خەلقى پەقەت ئۇيغۇر كىملىگىگە، ئۇيغۇر ئوزلىگىگە ساھىپ چىققاندىلا، ئۇيغۇر دولىتى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغاندىلا، ئۇيغۇرىزىم يولىنى تۇتقاندىلا قۇتۇلۇش يولىنى تاپالايدۇ، توغرى سىياسى غايەگە يۇزلەنمىگەن بىر داۋادىن ھەرقانچە چوقان سالسىمۇ ھىچقانداق نەتىجە چىقمايدۇ.

10. ئۇيغۇرخەلقىنىڭ مىللى مۇستەقىللىق داۋاسى ئۇچۇن باش قاتۇرۇۋاتقان، جان كويدۇرۇۋاتقان بارلىق شەرقى تۇركىستان تەشكىلاتلىرى جۇملىدىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ئاكادىمىيەسى ۋە سۇرگۇندىكى قوشماق ھوكۇمەتلەر پەقەت ئۇيغۇر كىملىگى، ئۇيغۇر مىللىتى، ئۇيغۇر ئىلى، ئۇيغۇر دەۋلىتى ۋە ئۇيغۇرىزىم يولىدا بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بىرجان- بىر تەن بولۇپ بىرلەشكەندىلا، ئۇيمۇغۇرلۇققا خاتىمە بېرىپ، جىدەل–ماجرادىن ساقلانغاندىلا ئىناقلىقتىن كۇچ-قۇۋەت تاپالايدۇ.

11. جانابى ئاللاھ ئىنسانلارنى يالغۇر بىرلا ئىسلام ئۇممەتتىدىن ئەمەس، خىلمۇ-خىل دىنلەرگە ئىتقات قىلىدىغان سان-ساناقسىز مىللەتتىن ياراتقان، ئۇيغۇر بەندىسىنى ھەم ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر ئىڭى، ئۇيغۇر رۇھى، ئۇيغۇر كىملىگى بىلەن بىللە ياراتقان، ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئىسلام دىنىگە ئىتىقات قىلىدىغان بىر مىللەتتۇر. بىزگە ئاددى مۇسۇلمان بولۇش كۇپايە. كەڭرى، سىياسى ئىسلامچىلىقنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇنىڭ ھوددىسىدىن چىققۇچىلىگىمۇ يوق. بۇگۇنكى مەنپىئەتچىلىك دۇنياسىدا، ئۇممەت مەنپىئەتىدىن مىللەت مەنپىئەتى ئەلادۇر. ئۇممەتچىلىكتىن مىللەتچىلىك ئەلادۇر. ئىسلام ئۇممىتىدىن ئۇيغۇر مىللىتى ئەلادۇر.

12. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللى مۇستەقىللىق داۋاسىنىڭ مەنتىقلىق شۇئارى: مىللىتىم ئۇيغۇر، ۋەتىنىم ئۇيغۇرىستان، دىنىم ئىسلام، يولۇم ئۇيغۇرىزىم، غايەم مۇستەقىللىق شەكلىدە بولىشى كىرەك.

ھىندىلاردا شۇنداق بىر ماقال بارمىش: ‘’نادان، جاھىل ئىنسانلارنىڭ پىكرىنى ئوزگەرتىش– تىمساقنىڭ ئاغزىدىن مەرۋايىت ئىلىشتىنمۇ ياكى يىلاننىڭ بىشىغا گۇلدەستە قويۇشتىنمۇ تەس ئىش.’’ دەرۋەقە، ئادەتلەنگەن كوزقاراشلارنىڭ بويۇنتۇرۇغىدىن قۇتۇلالمىغان، شەرقى تۇركىستان چۇشەنچىسى قىنى-قىنىغا سىڭىپ كەتكەن ئىقىلاپچى دوستلارنى قايىل قىلىش، غەرەز ئۇختۇرۇش، فىكرىنى ئوزگەرتىش ھەقىقەتەن ۋاقىت سەرپ قىلىدىغان، بەرداشلىق تەلەپ قىلىدىغان تەس ۋە نازۇك ئشتۇر. ئەپسۇسكى، ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ...ۋەزىيەت بىر ئان ئاۋۋال توغرا يولنى تاللاشقا قىستىماقتا. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرىگە كوڭۇل بولگەن ۋىجدانلىق، غۇرۇرلۇق تۇركىستانچى قېرىنداشلىرىم مۇناسىۋەتلىك دەلىل- ئىسپاتلاردىن بىر ئان ئاۋۋال خەۋەردار بولسا ئاللاھ كوڭلىگە ئنساپ بېرىپ قايىل بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس...

شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش لازىمكى، پۇتۇن دۇنيادا تۇركى خەلىقلەرنىڭ ئىككىنجى ۋەتىنى، مەنىۋى رەھپىرى، يەگانە ئۇمىت بۇلىغى، باش پاناھى بولىۋاتقان ئەزىز تۇركىيەنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا كورسەتكەن غەمخورلىقلىرى ئەلبەتتىە ئۇنۇتۇلماستۇر. ھەرساھا ئۇيغۇر خەلقى تۇركىيەدىن مىنننەتداردۇر. ئەلبەتتە مەن تىخىمۇ بەكرەك مىننەتدارمەن. چۇنكى ئانا ۋەتىنىم ئۇيغۇر ئىلىدە يەنى ئۇيغۇرىستاندا خىتاي ئىستىلاسى ۋەجىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئۇيغۇر تارىخىمنى تۇركىيەدە ئۇگۇنۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتىم. ئۇيغۇر تارىخى ۋە شەرقى تۇركىستان داۋاسىنى تەتقىق قىلىش پۇرسىتىگە نەتىجىدە، بۇ ئىلمى ئسياننى كوتۇرۇپ چىقىش جاسارىتىگە مۇيەسسەر بولدۇم. تىببى ساھادىمۇ ئالاھىدە ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۇردۇم. ئوز كەسپىم بويىچە دۇنياچە تونۇلدۇم. ئۇيغۇر خەلقىم ئۇچۇن تەقدىم قىلالمىغان ئەسەرلىرىمىنى تۇرك خەلقى ئۇچۇن تەقدىم قىلدىم. تۇركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇخراسى بولالىغىنىمغا خۇرسەنمەن. شۇكۇرلەر بولسۇن،..

تۇركىيەنىڭ غەمخورلىغى ۋە ھىسداشلىغىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۇچۇن زادى تۇركچىلىك قىلىش، ئوزىنى زادى ‘’تۇرك’’، يۇرتىنى زادى ‘’تۇركىستان’’ دىيىش پەرىز ئەمەس. خۇسۇسەن پانتۇركىست، پانئىسلامىست بولۇشنى شەرەپ بىلىش ئەسلا پەرز ئەمەس. مەشھۇر تۇرك مۇتەفەككۇرى زىيا گوك ئالىپنىڭ تۇركچىلىك پىرىنسىپلىرى بويىچە، ئۇيغۇرچىلىق (ئوغۇزچىلىق) مۇ تۇركچىلىكتۇر. تۇرك-ئۇيغۇر قېرىنداشلىغى ئارىسىدىكى نازۇك رىشتىلەر پۇتۇن تۇركىيە خەلقى تەرىپىدىن ئومۇمىيۇزلۇك ئىدراك قىلىنغىنىدا بۇ خىل غەمخورلۇق ۋە ھىسداشلىقىنىڭ تىخىمۇ رىۋاجلىنىشىغا، راۋانلىشىشىغا ئىشەنچىم كامىل.

بۇ داۋا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ داۋاسىدۇر. ئەلبەتتە مەسىلىگە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللى مەنپىئەتىدىن، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ مەۈجۇت ئىمكانلىرىدىن ھەركەت قىلغان تۇزۇك. بۇگۇنكى كۇندە نىسىدىن بىتەلەي خەلقىمىزگە زىيانلىق كەڭ مىللەتچىلىكتىن پايدىلىق ‘’ تارمىللەتچىلىك’’ ئەلادۇر. پانتۇركىزىم، پانئىسلامىزىم كەيپىياتى يارىتىپ دۇنيا جامائەتىنى ئۇركۇتۇشنىڭ، دوستلارنى قاچۇرۇپ قويۇشنىڭ ھىچبىر ئەھمىيىتى يوقتۇر.

بىز ئۇيغۇرلاردا يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقماس دەيدىغان بىرماقال بار. ئامما تارىخى تەجرىبىلەردىن مەلۇمكى، ھەقىقەت كوپ ھاللاردا كوزگە ئىلمىغان شۇ يالغۇز ئىنسانلارنىڭ توغرا تەفەككۇرىدىن ئورتىغا چىقىدۇ. بۇ تەتقىقاتلىرىمنى تۇركىيەدە يېتىشكەن ئۇيغۇر زىيالىلىرىغا شۇنچە تىرىشىپمۇ ھىچبىرسىگە غەرەز ئۇختۇرالمىدىم... كاشكى باشقىلارمۇ بۇ پۇرسەتنىڭ قەدرىنى بىلىپ، كونا دەسمىگە ئىسىلىۋالماي، يېڭىلىق يارىتىپ، فىكىر ئىشلىتىپ ئويغۇر داۋاسىنى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىشقا، تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۇنلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن بولسا، يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقىپ خەلقىمىزنى ئاللا بۇرۇن توغرا يولغا باشلىۋالغان بولاتتۇق. داۋا مۇساپىمىزمۇ قىسقارغان بولاتتى، نەتىجىسىمۇ پەرىقلىق بولاتتى...

ھىلىھەم كەچ ئەمەس. زىياننى قاچان بىلسەك پايدا شۇ ئاندۇر. ھىچ بولمىغاندا، 99. يىلى گېرمانىيەنىڭ مۇنخىن شەھرىدە ئوتكۇزۇلگەن II شەرقى تۇركىستان مىللى قۇرۇلتىيىدا ئىلىنغان قارارنىڭ رۇھى بويىچە، ۋاختىنچە بولسىمۇ شەرقى تۇركىستان ۋە ئۇيغۇرىستان ئاتالغۇلىرىنى بىللە قوللۇنۇپ گاڭگىرىغان ۋە تەمتىرىگەن خەلقىمىزگە تەسەللى بەرسەكمۇ، بىھودە جىدەل- ماجرا، تالاش-تارتىشتىن ساقلانساقمۇ مىللەتكە خىزمەت قىلغانلىق، توغرا يولنىڭ قەدىمىنى ئاتقانلىق بولىىدۇ. خۇسۇسەن دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇتلەق كوپچىلىگىنى ئىگەللىگەن ئورتا ئازىيە جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەبىئى ھىسداشلىق تۇيغۇسىنى قازانغىلى بولىدۇ...

شۇ خۇسۇسنى قەتئى مۇئەييەنلەشتۇرۇش مۇمكىنكى: بۇگۇنكى كۇندە ئوزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتكەن بىر ئۇيغۇرنىڭ تارىخى ئۇيغۇر ئىلىنى- ئۇيغۇر ۋەتىنىنى- ئۇيغۇرىستاننى ئىنكار قىلىىشى ھەتتا مەسخىرە قىلىشى ھەرھالدا كىشىنى ۋىجدان ئازابى چەكتۇرىدىغان بىر جىددى مەسىلىدۇر.

قازاق، قىرغىز، ئوزبەكتىن ئىلھام ئالغىن ئۇيغۇرۇم...ئىمكانسىز ھەۋەسلەرگە يۇگەن سالغىن ئۇيغۇرۇم...
جاھان رايىغا بېقىپ تەڭكەش چالغىن ئۇيغۇرۇم،..دۇشمەنلەرنىڭ قەستىدىن ئامان قالغىن ئۇيغۇرۇم...

Unregistered
26-08-18, 14:03
Uyghurstan, Uyghurstan, Uyghurstan, Uyghurstan, Uyghurstan, Uyghurstan, Uyghurstan, Uyghurstan, Uyghurstan, Uyghurstan, Uyghurstan, Uyghurstan, Uyghurstan, Uyghurstan, Uyghurstan, Uyghurstan, Uyghurstan, Uyghurstan, Uyghurstan, Uyghurstan,

Unregistered
15-09-18, 02:36
ئۇيغۇرلار ئۆز دۆلىتىنىڭ نامىنى ئۇيغۇرىستان دەپ ئاتاشتىن نىمە ئۈچۈن شۇ قەدەر قورقىدۇ؟
شەرقى تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمىنىنى تېخىمۇ كۆپەيتىدۇ. قازاقىستان، ئۆزبەكىستان، قىرغىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ھەرگىزمۇ بىرلىشىپ غەربى تۈركىستان دولىتىنى قۇرمايدۇ.
سىلەرنىڭ چۈشۈڭلاردا كۆرۈۋاتقان شەرقى تۈركىستان دولىتى بىلەن بىرلىشىپ ھەرگىزمۇ تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرمايدۇ، بۇ پەقەت بىرنەچچە ياخشى نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ چۈشى. خالاس! شەرقى تۈركىستان دۆلىتى قۇرساڭ غەربى تۈركىستان دۆلىتى بولۇشنى خالىمايدىغان قازاقىستان، ئۆزبەكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەر تەبىئىلا سېنىڭ دۈشمىنىڭ بولۇپ قالىدۇ.

Unregistered
15-09-18, 04:16
Aghzidin poq aqidighan "Osuruq Inqilapchilar" quruq sozler bilen sansizlighan helqning tarixtiki eng eshedi zulumgha uchrishigha sewep boldi. Texi "Musteqilliq" ishish. Tillash bilen weten azat qilamsen?

https://www.facebook.com/tursun.zumret/videos/vb.100026833022028/159601598277607/?type=2&video_source=user_video_tab

Unregistered
16-09-18, 02:39
Bu xotun paqisigha qanamay aljip qalghan xotunken. Eri bamu bu xotunning? ikki gepning birsi bolsila paqisigha qanamidi dep, nime digen set gep qilidighan, qalaymiqan tola gep qilidighan xotun bu?


Aghzidin poq aqidighan "Osuruq Inqilapchilar" quruq sozler bilen sansizlighan helqning tarixtiki eng eshedi zulumgha uchrishigha sewep boldi. Texi "Musteqilliq" ishish. Tillash bilen weten azat qilamsen?

https://www.facebook.com/tursun.zumret/videos/vb.100026833022028/159601598277607/?type=2&video_source=user_video_tab

Unregistered
22-09-18, 17:13
Uyghurstan namini qollinishning ornigha Sherqi Turkistan namini qollinishning muhimlighi toghrisida ilmi asasta awam xelqqe chushenche beridighanlar yoqmu? men bir addi Uyghur bolush supitim bilen dolet namimning Uyghurstan bolishini toghridek his qiliwatimen.

Unregistered
28-11-18, 13:52
Uyghurstan yaki Uyghuria doliti qurush uchun kuresh qilish Uyghurni saqlap qalidighan birdin bir yol. Sherqi Turkistan atalghusini qolliniwatqan orunlar derhal bayanat elan qilip namini Uyghurstan yaki Uyghuria gha ozgertish kerek . Mushu yolla Uyghurni yer yuzide saqlap qalidighan yol. Sherqi Turkistan nami uchun koresh qilip Sherqi Turkistan dolitini qurghan teqdirdimu haman bir kuni Uyghur nami yoqaydu yaki kichik bir qebile namigha aylinip qalidu. Shunga hazirdin bashlap Uyghurstan yaki Uyghuria namini ishlitish kerek.

Uyghurlar, tashki monggoliyadin bir yar setiwelip , ashu yarda wakitlik dolitini kurushi kerak.
Hazir , monggullarning ihtisadi yahshi amas, ham ihtisas hadimliri intayin az. Agar , Uyghurlardiki barlik ziyalilar ashu yarga kochup berip, monggullarning ihtisadiga yardam kilgach, ashu dolatta wakitlik dolitini kursa , ang yahshi bolatti. Hammimiz oyimiz setip, mushu ishning bashka chikishiga, kuchisak bolatti.

Unregistered
28-11-18, 17:48
Uyghurlar, tashki monggoliyadin bir yar setiwelip , ashu yarda wakitlik dolitini kurushi kerak.
Hazir , monggullarning ihtisadi yahshi amas, ham ihtisas hadimliri intayin az. Agar , Uyghurlardiki barlik ziyalilar ashu yarga kochup berip, monggullarning ihtisadiga yardam kilgach, ashu dolatta wakitlik dolitini , ang yahshi bolatti. Hammimiz oyimiz setip, mushu ishning bashka chikishiga, kuchisak bolatti.
Amιrika diki 3 yurush uyghur oyini satayili. Shungha pulgha chingizxan chidiridin yuz dane, isabegchi satqunlargha egeshken Kala Mijez aqsuluqtin, qoydek yowash , ochkidek mereydighan ghuljuluq7tin , gepide turidighan jahil xotenliktin, kotermchi atushluq , yalaqchi isabegchi aqsuluqtin mingni tallap , duq diki barliq satqunlar bilen birge mungghuliyege uzutup qoyayli . Moshular kozimidin yoqalsa 30 yildin biri sesip -churigen duq tarqalsa, dolet -jumhuriyet we bashqilar derhal
Derhal quruludu.... ishning lar.

Unregistered
29-11-18, 05:19
Eger biri sorisa:

💓💖UYGHURISTAN💖💓
dep jawap bersingiz sizni hichkim tosup qalalmaydu ! We mushu arqiliq bashqilar sizning Kim ikenligingizni toghra biliwalalaydu.

Unregistered
30-11-18, 20:16
Toghra gep, mushu arqiliq bashqa kishiler Uyghur digeni peydin-pey bilidighan bolidu.




Eger biri sorisa:

💓💖UYGHURISTAN💖💓
dep jawap bersingiz sizni hichkim tosup qalalmaydu ! We mushu arqiliq bashqilar sizning Kim ikenligingizni toghra biliwalalaydu.