PDA

View Full Version : رابىيە قادىر خانىمنىڭ مېنىڭ ئۈستۇمدىن قى



Unregistered
28-07-18, 08:03
رابىيە قادىر خانىمنىڭ مېنىڭ ئۈستۇمدىن قىلغان ئاساسسىز سوزلىرىگە جاۋاپ
https://www.facebook.com/rushan.abbas/posts/10155861941232869
روشەن ئابباس

(مەن سەپەردە بولۇپ تېخى بۇگۇن ئويگە قايتىپ كەلدىم ۋە بۇندىن كېيىن ھەريەردە يەنى تور تىۋىلىرى ۋە باشقا ئىجتىمايى تاراتقۇلاردا ئۆز نام-شەرىفىمنى قوغداش ئۇچۇن ئۈستۇمدىكى ئاساسسىز سوزلەرگە جاۋاپ بەرىمەن)
رابىيە خانىمنىڭ 10-ئىيۇل فايسبوك نەقمەيداندا قىلغان سۆزلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپلىرىنى ھەيرانلىقتا ئاڭلىغان بولساممۇ، "مەن پرىزدەنت بۇش بىلەن كۆرۇشىدىغان ۋاقتىمدا، ماۋۇ ئومەر قاناتنىڭ ئىنىسى قىلىچ قاناتنى تەرجىمان قىلغان. شۇ ۋاقتىدىمۇ ماڭا ھانس ماڭا تېلفۇن قىلىپ روشەن ئابباس تەرجىمان بولسۇن دىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ماقۇل دەپ ھانسنىڭ گېپى بىلەن روشەن ئابباسقا تېلفۇن قىلدىم" دىگەن بۇ تونۇش سۆزنى 11 يىلدىن كېيىن قايتا بۇ تەرىقىدە يەنە ئاڭلاپ توۋا دېدىم ۋە توغرا ئاڭلىدىممۇ ياكى خاتامۇ دەپ كېيىن قايتا يەنە بىر قېتىم قويۇپ ئاڭلىدىم. دەرھەقىقەت. بەئەينى شۇنداق دىيىلىپتۇ. سۇبھانۇللاھ، دەپ قايتا-قايتا ئاللاھتىن رابىيە خانىمنى ئەپۇ قىلىشىنى تىلىدىم. چۇنكى بۇ يەردە قىپقىزىل بىر يالغان بار ئىدى. بۇ يالغان تۈپەيلى رابىيە خانىم قۇرئان تۇتۇپ قەسەم ئىچىپ ئۆزىنى ئاقلىغان ئىدى.
بۇندىن 11 يىل بۇرۇن بىز پىراگقا بېرىپ پرەسىدەنت بۇش بىلەن كۆرۇشۇپ قايتىپ كېلىپلا رابىيە خانىم تەرەپىدىن بۇ بىر جۇملە يالغان سۆز ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. يەنى، پراگغا مېنىڭ رابىيە خانىمغا تەرجىمان بولۇپ بېرىشىمنى ھانس تەلەپ قىلغانمىش، ئەسلىدە رابىيە خانىمنىڭ قىلىچنى ئېلىپ بارغۇسى بارمىش. بۇ مېنىڭ قۇلىغىمغا كەلگەندىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىم مېنىڭ پىراگقا تەرجىمانى بولۇپ بىرگە بېرىشىمنى ئۆزى تەكلىپ قىلغان تۇرسا ۋە "مەن تېخى تۇنۇگۇنلا گۇئانتانامودىن قايتىپ كەلدىم، بالىلىرىمنى تاشلاپ بارالمايمەن" دىگەن ۋاقتىمدا، رابىيە خانىم، "قىزىم، مېنىڭ بۇش بىلەن كۆرۇشىشىم سىزنىڭ تىرىشىشىڭىزغا باغلىق، سىز بارمىسىڭىز بولمايدۇ" دەپ، بىر تەرەپتىن ېرى سىدىق ھاجى روزى يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى ماڭا قايتا-قايتا تېلفۇن قىلغانلىقتىن مەن ماقۇل دەپ بىرگە بارغان تۇرسام، ئارقىدىنلا نىمىشكە مۇنداق بىر يالغان سۆزنى قىلىدۇ؟ دەپ رابىيە خانىمنىڭ ئۆزىدىن سورىغىنىمدا، رابىيە خانىم "مەن قەتئى مۇنداق گەپ قىلمىدىم" دەپ پۇتۇنلەي ئىنكار قىلغان ئىدى. بىراق ماڭا دىگەن كىشىمۇ خانىمنىڭ مۇتلەق شۇنداق دىگەنلىگىدە چىڭ تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن، رابىيە خانىم مېنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئومەر قانات ۋە ئېرى سىدىق ھاجى روزى ئالدىدا ئۇلۇغ قۇرئان كەرىمىنى تۇتۇپ "مەن روشەن ئابباس توغرىسىدا بۇنداق بىر سۆزنى قەتئى قىلمىدىم" دەپ قەسەم ئىچكەن ئىدى. ئەمدى، نوۋەتتىكى فايسىبوكتا قىلغان بۇ سۆزلىرىگە ئىشىنەمدۇق ياكى 11 يىل بۇرۇن، 2 ئەركەك ئەھلى مۇسۇلمان ئالدىدا قۇرئان تۇتۇپ قىلغان قەسىمىگە ئىشىنەمدۇق؟ ئۇنىڭ ئۇستىدە بۇ يەردە يەنە بىر ھەقىقەت بولمىغان ئامىل شۇكى، رابىيە خانىم 2007-يىلى 5-ئىيۇل چىخ جۇمھۇرىيىتىگە پرەسىدەنت بۇش بىلەن كورۇشكىلى بارمىغان بەلكى بۇش رابىيە خانىمنىڭ ئىسمىنى ئېغىزغا ئېلىپ سۆز قىلغاندا زالدا ئولتۇرۇپ دوكلاتىنى ئاڭلايدىغان 600 كىشى قاتارىدا يىغىنغا قاتناشقىنى ماڭغان ئىدى ئەسلىدە. رابىيە خانىمنىڭ قولىدىكى تەكلىپنامىمۇ دەل ئەنە شۇنداق تەكلىپ ئىدى، بۇش بىلەن كورىشىدىغان ئەمەس. بۇنىڭ تەپسىلاتى ئۈستىدە كېيىن ئايرىم توختىلىمەن. بۇ يەردە يەنە بىر ھېكايە بار.
2018-يىلى يانۋارنىڭ ئاخىرىدا بىر ئاۋاز بىر قەدەم ھەركىتىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، مەن رابىيە قادىر خانىمغا تېلفۇن قىلىپ ئېچىلماقچى بولغان تۇنجى يىغىنىمىزغا تەكلىپ قىلدىم ۋە خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانىسى بولۇش سۇپىتى بىلەن، مۇشۇ ھەركىتىمىزنىڭ بېشىدا ئىكەنلىگىنى ئېيتتىم. خانىم يىغىنغا قاتناشتى. بىراق ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۇپ، 6-فېۋرال تورلاردا رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىر رەپ-رەپ خوتۇنلار پەيدا بولدى ئوتتۇرىدا..ۋاھاكازالار" دىگەن بىر ئاۋاز بىر قەدەم ھەركىتىمىزدىكى ئاياللىرىمىزنىڭ ئىپپەت-نومۇسىغا ھاقارەت سۆزلەر ھەر يەرلەردە ئېقىپ يۈردى. ئاندىن 18-فېۋرال رابىيە خانىم، تۇيۇقسىزلا ماڭا ۋاتساپدا، ماڭا قاتتىق گەپ قىلىپ، پۇتۇنلەي تەھدىد ۋە ئاساسسىز تۆھمەتلەر بىلەن 15-20 قۇر سوز قالدۇردى. بۇ سۆزلەر ھېلىھەم ھەممىسى مەندە ساقلىنىغلىق. بۇ سۆزلەرنىڭ ئاخىرى "شۇ چىرايلىق بالىلىرىڭىزنىڭ يۈزى، شۇ رىشاتنىڭ يۈزى، شۇ ئاتا-ئانىڭىز ياخشى ئادەملەرنىڭ يۈزى، سىزگە يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىمەن دىدىم. قارايمەن، ئەگەر سىز مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرسىڭىز، مېنىڭمۇ قولۇمدىن كېلىدىغان، سۆز بىلەن كېلىدۇ، نۇتۇق بىلەن كېلىدۇ، ھەقىقەتنى دۇنياغا پاش قىلىمەن، مەنمۇ قولۇمدىن كەلگەنچە قىلىمەن" دىگەن تەھدىد بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى.
-5مارت ئامىرىكا كوڭىرەستە ئۇيغۇر ئامىرىكا ئۇيۇشمىسى ئۇيغۇرلار ئۇچۇن پائالىيەت ئورۇنلاشتۇردى ۋە مەن بۇ پائالىيەتكە يىقىندىن ھەمكارلاشتىم. مەن ئۇ ئا ئا نىڭ رەئىسى ئەمەس. يىغىنغا كىم تەكلىپ قىلىنىدۇ، بۇنىڭغا مەن قارار بەرمەيمەن. بىراق بۇنىمۇ خانىم مەندىن كۆردى.
-15مارت بىر ئاۋاز بىر قەدەم نامايىشى، دۇق نىڭ قوللىشى، كۆپ ساندىكى يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ ياردەمدە بولىشى، دۇنيادىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئاكتىپلىق ۋە پىداكارلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇشى، ھەركىتىمىزگە ساھىپلىنىشى ۋە جاسارەت بىلەن ھەمكارلىشىشى شۇنداقلا ئەڭ موھىمى نىيىتىمىز توغرا بولغاچقا، جانابى ئاللاھنىڭ ھەمدەمدە بولىشى بىلەن، پۇتۇن دۇنيادىكى 14 دولەت ۋە 18 شەھەردە مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا رەتلىك-تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى. نامايىشتىن كىيىن 100 گە يىقىن مەتبۇئاتلاردا جازا لاگىرلىرىگە قارشى ئاياللار سەپەرۋەرلىك قىلغان بۇ نامايىشنىڭ خەۋەرلىرى چىقتى. بىر تەرەپتىن تىرىشچانلىقلىرىمىز بىر ئاز بولسىمۇ جازا لاگىرلىرى مەسىلىسىنى كۇنتەرتىپكە ئېلىپ كېلەلىگەنلىكتىن خۇرسەن بولغان بولساق، بىر تەرەپتىن، مۇنداق بىر مۇۋەپپىقىيەتلىك ھەرىكەتتىن كىيىن بىزگە ھۇجۇم قايسى تەرەپتىن كېلەر دەپ ئويلاپ تۇرساق، ئارقىدىنلا ھۇجۇم كۇتمىگەن تاسادىپىلىق بىلەن، خۇددى قولۇمدىكى ئاۋازدا رابىيە خانىم ماڭا تەھدىد قىلغىنىدەك، "ھەقىقەتنى پاش قىلىمەن" دەپ ئوتتۇرىغا چىققان بىرى تەرىپىدىن، رىشاتكامنى خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللىق جاسۇسى دىگەن توھمەت بىلەن يېتىپ كەلدى. بۇ تۆھمەت ئوتتۇرىغا چىقىشنىڭ ئالدى-كەينىدە رابىيە خانىم بۇ توھمەتخور بىلەن تور ئىكرانلىرىدا ۋە نامايىش مەيدانلىرىدا بىرگە ئىدى. رىشاتكامغا بولغان بۇ ھۇجۇمنىڭ نەتىجە ئېتىبارىدا، شۇ بىر كىشىنىڭ قارا توھمىتى بىلەن، 200،000 دوللارغا يېقىن پۇل يىغىلىۋاتقان ئامىرىكىدىكى مەسچىتنىڭ سېلىنىشى مانا بۇگۇن سۇغا چىلاشتى. بۇنىڭ مەسئۇلىيىتى كىمنىڭ ئۇستىدە؟ بۇ تارىخقا قانداق يېزىلار؟
ئەمدى، رابىيە خانىمنىڭ نوۋەتتىكى مېنىڭ ئۇستۇمدىن مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن سۆزلىگەن سۆزلىرىدىن 3 كۇن بۇرۇن، دولقۇن ئەيساغا مۇكاپات بەرگەن كوممۇنىزىمنىڭ قۇربانلىرى خاتىرە فوندىدىكىلەر دولقۇن ئەيسانى 23-ئىيۇل ۋاشىنگوتوندا بولىدىغان پائالىيىتىگە ئاساسى سۆزچىسى سۇپىتىدە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، شۇ قارار ئېلان قىلىنىپلا خانىمنىڭ ماڭا ۋە ئائىلەمگە بۇ قەدەر ئاساسسىز سۆزلەر بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشى تاسادىپىلىقمىدۇر؟
رابىيە خانىمنىڭ سۆزىدە يەنە، 2009-يىلى ئامېرىكا كوڭگىرەسىدە ئۇيغۇرلار ئۇچۇن يېزىلغان قانۇننى بىر ئائىلە سەۋەپلىك يەنى روشەن ئابباس خانىم سەۋەپلىك بىرى باستۇرۇپ قويدى دىيىلگەن. 2009-يىلى دۇق نىڭ رەئىسى مەن ئەمەستىم. ئۇ ئا ئا نىڭ رەئىسى مەن ئەمەستىم. ئىنسان ھەقلىرى پىروگراممىسىنىڭ مۇدىرى مەن ئەمەستىم. ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى ۋە دىموكراتسىيە فوندىنىڭ رەئىسى مەن ئەمەستىم. مېنىڭ قولۇمدا ئى نى دىنىڭ مۇئاشىنى ئېلىپ ئىشلەۋاتقان، ئېلخەتلىرىمگە، تېلفۇنلىرىمغا جاۋاپ بېرىدىغان ياكى كوڭىرەس ئەزالىرىغا تىلفۇن قىلغۇزۇپ يېزىلغان قانۇن قېنى دەپ سۇرۇشتە قىلغۇزالايدىغان قولۇمدا 7-8 خىزمەتچىم يوقتى. ئامىرىكا كوڭىرەسىگە 10 مىنۇت كېلىدىغان يەردە ئىشخاناممۇ يوقتى. دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىگە بېرىپ، ئامىرىكادا قانۇن ئۆتكۇزىمەن دەپ پۇل يىغمىغانتىم. ئەمدى بۇگۇنگە كەلگەندە قانداقلارچە بۇنىڭ فاتۇراسى مېنىڭ بېشىمغا كىيلىپ قالدى؟ ئامېرىكىدەك بىر دولەتتە، قانۇن چىقىرىدىغان پارلامىنت ئىچىدە، قانۇننى بىلىدىغان بىر ئامىرىكالىق، بىر پارلامىنت ئەزاسىنىڭ خىزمەتچىسى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، قانچە بىشى بىلەن مۇنداق بىر قانۇننى تىقىۋېلىپ بىرەرسى سورىسا بەرمەسلىككە ھەددى بار ئىكەن؟ يەنە كېلىپ 9 يىل؟
مەن ۋەتەندە داۋانى 1985-يىلى 12-دىكابىر ئۇنۋىرسىتىت ئوقۇغۇچىلىرى نامايىشىنى بىلەن باشلىدىم. 1986-يىلى ستۇدىنتلار پەن-مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسىغا مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ، 1988-يىلى نامايىش ۋەجىسىدىن ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۇتتۇرسەممۇ ئۇرۇمچىدە خىزمەتسىز قالدىم ۋە ئاتۇشقا كەتتىم. 1989-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلدىم. 1990-يىلى بارىن ئىنقىلاۋى ۋە قىرغىنچىلىغىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا كوڭرەسى بىلەن ئالاقە قىلىپ، 1990-يىلى 10-ئايدا كوڭرەسسمان سىد موررىسون بىلەن كۆرۇشتۇم. ئامېرىكا كوڭرەسسىگە بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ ئېچىنىشلىق قىرغىنچىلىغىنى تونۇشتۇردۇم ۋە ئىشغالىيەتتىكى شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ۋە بىگۇناھ قىرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتتىم. 1998-يىلى ئەركىن ئاسىيە رادىيوسى قۇرۇلغاندا تۇنجى مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىدىم. شۇ جەرياندا، ئامنەستي ئىنتەرناتىئونالنىڭ باش دىرەكتورى ت. كۇمار، ئامىرىكا پارلامىنتىدىكى جوسەپھ رەئەس، ھانس ھوگرەفە، دەننىس ھالپىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىگى، مۇداپىيە مىنىستىرلىگىدىكى موھىم خىزمەتچىلەر، ئۇنھكر نىڭ ئامرىكا ئىشخانە باشلىغى ۋە ئۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن ھۇكۇمەتسىز تەشكىلارنىڭ موھىم كىشىلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ۋەتەن داۋاسىنىڭ ۋاشىنگوتوندا كۇچلىنىشىگە ھەسسە قوشتۇم. بۇلارنىڭ ئەمەلىي مىساللىرىدىن بىرنەچچىسى: 2007-يىلى سىنتەبىردە، رابىيە خانىم ياۋروپادا سەپەردە ۋاقتىدا ئامىرىكا پارلامىنتىدا ھوئۇسە رەس. #497 نى ماقۇللاتقۇزۇپ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا، "رابىيە خانىم ئامېرىكا پارلامىنتىدا قانۇن لاھىيەسىنى ماقۇللاتتى" دەپ ئېلان قىلغۇزدۇم. رابىيە خانىمنىڭ جىيەنلىرىدىن ھازىر ئامېرىكىدىكى كۇززات ئالتاي ۋە قېرىندىشى ئىككىسىنىڭ ئۇنھكر تۇركىيەدىكى ئىلتىماسى 2007-يىلنىڭ بېشىدا، رەت بولۇپ كەتكەندە، ئەشۇ مۇناسىۋەتلىرىمنى ئىشقا سېلىپ ئاكا-ئۇكا ئىككىسىنىڭ ئامىرىكىغا كېلىشىنى قولغا كەلتۇردۇم. 2010-يىلى رابىيە خانىمنى بۇش كۇتۇپخانىسىدىكى ئەركىنلىك قەھرىمانلىرىنىڭ قاتارىغا كىرگۇزدۇم. مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەن شۇ ئالاقىلىرىمدىن پايدىلىنىپ روياپقا چىقىرىشقا پايدىسى بولدى.
مەن ھىچقاچان مەنسەپ، مەنپەئەت ياكى شان-شەرەپ ئۇچۇن داۋاغا كىرمىدىم. ھىچ ۋاقىت تەشكىلاتلارنىڭ بېشىدا كۆزۇم بولمىدى. ھەتتا بىرقانچە قېتىم باشقىلار مېنىڭ ئۇئائا گە رەئىس بولۇشۇمنى تەكلىپ قىلغاندىمۇ رەئىس كاندىداتلىغىغا ئۆزەمنى كورسەتمىدىم. مەن ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمىئىتىگە 2000-يىلى ۋە 2006-يىلى ئىككى قېتىم مۇئاۋىن رەئىسلىككە كاندىدات بولۇپ سايلاندىم. مەن ھەر زامان كەينىدە تۇرۇپ رەھبەرلىرىمىزنى ۋە تەشكىلاتلىرىمىزنى قوللاپ، ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىپلا كەلدىم.
گۇئانتاناموغا روشەن ئابباس پەقەتلا تەرجىمان بولۇپ بارغانتى، ئۇ 22 بالىنىڭ يولىنى ماڭغان بىز، بۇ توغرىسىدا فىلىم ئىشلىنىپتۇ دەپ رەنجىپتۇ خانىم. ئەلبەتتە، 3 تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ۋە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پىروگراممىسىنىڭ مۇدىرى بولۇش ئورنى بىلەن، پۇتۇن دۇنيادىكى ھەممە ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ بېشىدا، ئەڭ ئۇستىدە رابىيە خانىمنىڭ ئورنى بار ۋە بۇ خىزمەتلەرنى ئۆزى ئېيتقاندەك ئالىم سەيتوف ۋە ئومەر قاناتلار بىلەن خانىم قىلدى. مەن ھىچيەردە ھىچكىمگە مەن قىلدىم دىمىدىم. بىراق مېنىڭ بۇ 22 ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۇچۇن 11 يىللىق ھاياتىمنى بېرىپ، قولۇمدىن كەلگەن تىرىشچانلىقلار بىلەن نىمىلەرنى قىلالىغانلىقلىرىمنى پەقەت گۇئانتانامو توغرىلىق ئۇ يەردىن چىققان ئەشۇ 22 ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ھايات شاھىتلار ۋە بۇ تارىخنى، بۇ كىتاپنى ئەنە شۇلار يازىدۇ. بۇ توغرىسىدا مېنىڭ ئارتۇق بىر نەرسە دەپ ئولتۇرىشىمنىڭ ھىچ ھاجىتى يوق.
ئۆتكەندە ئومەر قانات ئەپەندىم ئېيتقاندەك، ۋاشىنگوتوندا تەشكىلات رەھبەرلىرى، كوڭرەسسمان بىلل دەلاھۇنت، كوڭرەسسمان دىئانە روراباكەر ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىگىدىن لورنە كرانەردەك كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ بۇ تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاتسا، ئۇلار داۋاملىق مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەندىن گۇئانتانامودىكى 22 ئۇيغۇرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋاللىرىنى سوراپ 1-قول مەلۇماتلاتغا مەندىن ئېرىشتى. مۇخبىرلارمۇ مەتبۇئات خەۋەرلىرى ئۇچۇن ھەممىسى مېنىڭ بىلەن ئالاقىلاشتى ۋە مېنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بىراق، مەن ھىچ قاچان ھىچ يەردە مەتبۇئاتلارغا چىقىشقا ئالدىرايدىغان ياكى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلسا دەرھال قوبۇل قىلىدىغان بىرى ئەمەسمەن. مەيلى ئەينى يىللاردا گۇئانتانامو خەۋىرى ئۇچۇن، ھۆرمەتلىك ئۇستاز ئابدۇجېلىل قاراقاش ئەپەندىم بولسۇن، مەيلى رفا بولسۇن ياكى غەرىپ مەتبۇئاتلىرى بولسۇن، مەيلى ت رت ياكى ئەلجەزىرە بولسۇن، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مېنى زىيارەت قىلماقچى بولۇپ مەن بىلەن ئالاقىلاشسا، مەن رەت قىلىپ كەلدىم ۋە ئۇلارغا باشقا تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ ئىسىم-تېلفۇنلىرىنى بەردىم. پەقەتلا بەزىدە، ئۇ بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىشى قولغان كەلتۇرۇشكە پايدىلىق دەپ ئويلىغان ۋاقىتلىرىمدىلا، قوبۇل قىلدىم. يېقىنقى 5-6 ئايدىن بېرىدىكى ۋاقىتلاردىمۇ، مەيلى ئۇستاز ھۇسەيىن تەجەللى ياكى ئەخمەت پىدائىيى بولسۇن، مەيلى نىدا رادىئوسى ياكى باشقا ئامېرىكادىكى مۇخبىرلار بولسۇن ھەر قېتىمدا رەت قىلدىم ۋە غەرپ مەتبۇئاتلىرىغا زىيارەت قىلىش ئۇچۇن ئامېرىكىدىكى باشقا سەپداشلارنىڭ ئىسىملىرىنى بەردىم. سەۋەبى مەن ئەمەلىي ئىش قىلاي، بەك كۆزگە كورۇنۇپ كەتمەي، بەك ئالدىغا چىقىپ كەتمەي دەپ داۋاملىق توۋەن ماقامدا ياشاشنى تاللىدىم.
ئەمدى، فىلم ئىشلەنگەنلىك مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇ فىلىم ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ئىشغال قىلىنغان يېقىنقى خىتتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتى ئاستىدىكى ۋەتەن خەلقى ئۇچرىغان زۇلۇم، غۇلجا ۋەقەسى ۋە ئۇندىن كېيىنكى تۇتقۇنچىلىقلار، ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ شۇ زۇلۇم سەۋەبىدىن ھىجرەت قىلىپ چەتئەللەردە مۇسافىر بولۇپ چىقىشى، 22 ئۇيغۇرنىڭ ئورتا ئاسىيادىن ئافغانىستانغا بېرىشى ۋە كېيىن تۇتۇلۇپ گۇئانتاناموغا ئېلىپ بېرىلىشى، ئۇندىن كېيىنكى قويۇپ بېرىلگەنگە قەدەر جەريانلارنى دۇنيا مىقياسىغا بىلدۇرۇشنى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۇچۇن پايدىلىق دەپ ئويلىغاچقا، فىلىم رىجىسسورىنىڭ تەكلىۋىنى قوبۇل قىلىپ فىلمگە چىقتىم. ئۇ فىلمگە كىملەرنىڭ چىقىش ياكى چىقماسلىغى مېنىڭ قولۇمدا ئەمەس. ئۇلار مېنى تەكلىپ قىلدى. مەن ماقۇل دىدىم.
-2010يىلى دادام ئابباس بۇرھان ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشتى. شۇ چاغدا تورلاردا دادامغا ئاتىلىپ مەرسىيەلەر، مەدىھىيەلەر يېزىلدى. ئەلنىڭ كۆزلىرى ئەللىكمىڭ ئىكەن. مەرھۇم دادامنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن بىر ئومۇر قىلغان ئەمەلىي خىزمەتلىرى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەقلىدە، يۇرىگىدە ۋە ھۆرمىتىدە ئىكەن. بىراق تىرىكلەرنى ماختىسا ئاچچىغى كېلىپ ھۇجۇمغا ئوتۇشلا ئەمەس، جەسەتلەردىنمۇ ھەسەت قىلىدىغان بىر قىسىم كىشىلەر، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دادامغا كۆرسەتكەن بۇ ھۆرمەتلىرىنىڭ مۇكاپاتىغا، مېنىڭ ئائىلەمگە ھۇجۇم قىلىشتى. تورلاردا بىرلىرى ئاكام در. رىشات ئابباسقا ۋە مەرھۇم دادامغا ھۇجۇم قىلىشتى.
-2011يىلى دادام يېزىپ قالدۇرغان ئۆزى شاھىت بولغان ئىشلاردىن بىر تارىخىي ئەسلىمىنى ئەينى ۋاقىتتا دۇق تا خىزمەت ئۆتىگەن بىر سەپدىشىمىز رەتلەپ بەرگەن ئىدى. بۇنى ئاڭلىغان بىرلىرى، ئاۋىستىرالىيەدىكى دۇق نىڭ ئىجرائىيە يىغىنىدا "دۇق تېخى مېنى تەرىپلەپ بىر كىتاپ باستۇرغىنى يوق، خىتايدا ئەمەل تۇتقان ئابباس بۇرھاننى ئەسلەپ كىتاپ يازامدىكەن" دەپ رەنجىپ، ئارىدىن ئازراق ئوتۇپلا، خانىمنىڭ ئېرى سىدىق ھاجى روزى ئۆز ئىسمى بىلەن ماقالە يېزىپ مەرھۇم دادامغا، رىشاتكامغا ۋە ماڭا ھۇجۇم قىلدى. ئارقا-ئارقىدىن ماڭا كەلگەن فىتنە-فاسات ۋە ھۇجۇملارغا پىسەنت قىلماي، سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلگەن ئىدىم. بىراق ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلىگى ئۈچۈن ئۆز شەرىپىنى ۋە نامىنى قوغداش ئىمكانىيىتى بولمىغان دادام ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىپ، سىدىق ھاجى روزىغا رەددىيە دىگەن يازمام بىلەن جاۋاپ بەردىم.
مېنىڭ ئاكام رىشات ئابباس، 2000-يىلى رابىيە خانىم تۇرمىدىكى ۋاقتىدا، ئالاھىدە نېۋ يوركتىن ۋاشىنگوتونغا كېلىپ، ئوكلاخاما شىتاتىدىن كەلگەن رابىيە خانىمنىڭ يولدىشى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنى ۋە ئىككى پەرزەنتىنى، ئامىرىكا پارلامىنت ئەزالىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىگى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتۇرۇپ رابىيە خانىمنى ھەم ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئۇلارغا تونۇشتۇرۇپ رابىيە خانىمنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي تۇرمىسىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىشىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يوللىرىنى ئاچقان ئىدى. 2005-يىلى رابىيە خانىمنى ئامىرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تۇرمىسىدىن چىقىرىپ ئامېرىكىغا ئەكەلگەندىن كېيىن، رابىيە خانىمنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن، رابىيە خانىم ۋە بىر قىسىم ئاكتىپ داۋا پائالىيەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە "خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىئېموگراتىيە فوندى" جەمىيىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، بىر يىللىق تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە، 2006-يىلى ئامىرىكا دۆلەتلىك دېموگراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىدىن ئىقتىساد ھەل قىلىپ، رابىيە خانىم قاتارلىق بىر نەچچە كىشىنىڭ تولۇق مۇئاشىنى ھەل قىلىپ بەرگەن شۇنىڭ بىلەن، رابىيە خانىمنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا پۈتۈن زىھنى بىلەن رەھبەرلىك قىلىشىغا شارائىت ياراتتى. ئەڭ قىزىقارلىقى، مېنىڭ ئاكام رىشات ئابباس، بىر يىللىق ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ تىرىشىپ ھەل قىلغان بۇ پۇلنى، 2013-يىلى پۇل بەرگەن فوندى كەسكەن ۋاقتىدا، (رابىيە خانىمنى نەدىن پۇل بېرىۋاتقان 3 تەشكىلاتنىڭ تەڭلا رەئىسى بولسا بولمايدۇ دەپ كېسىپتىكەن. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئومەر قانات ۋە نۇرىي تۇركەل ئېنىق بىلىدۇ) رابىيە خانىم پۇتۇن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا روشەن ئابباس مېنى ئامېرىكىلىقلارغا چېقىپ پۇلۇمنى توختاتقۇزىۋەتتى دەپ يۇردى. بۇ ئاساسسىز سۆز-چۆچەك توختىمىغاچقا، ئاخىرى 2015-يىلى خۇجىنتاۋ ئامېرىكىغا كەلگەن ۋاقتىدىكى ئاق ساراي ئالدىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان نامايىشتا، خانىمدىن "مەن سىزنى زادى كىمگە چاقتىم، پۇلىڭىزنى مەن قانداق قىلىپ توختاتقۇزىۋەتتىم؟ ماڭا شۇ كىشىنى دەپ بېرىڭ. مېنى شۇ ئادەمنىڭ يېنىغا باشلاپ بېرىڭ، ئىككىمىز شۇ كىشى ئالدىدا يۈزلىشەيلى" دىسەم، خانىم دەرھاللا، "مەن سىزنى دىمىدىم، بەزىلەر شۇنداق قىلدى دىدىم، سىز ئەمەس باشقىلار مېنى چېقىپتىكەن" دەپ گېپىدىن يېنىۋالدى.
ھەر قېتىم رىشاتكام ئۆز كەسپىدە بىرەر ئۇتۇق ياراتسا، ياكى مەن ۋەتەن مىللەت ئۇچۇن بىرەر ئىش قىلسام، ياكى بىرەر مەتبۇئاتتا چىقىپ قالساملا، جامائەت ئارىسىدا يوق بىرلىرىنىڭ ئائىلەمگە، رىشاتكامغا توھمەت يازمىسى تورلارنى قاپلاپ كەلدى. مەن 2000-يىلى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن ئىستىپا بېرىپ كالىفورنىيەگە كۆچۇپ كەتكەنتىم. ئارىدىن ئون نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ تارىخىمنىمۇ ئۆزگەرتىپ باشقىدىن يېزىپ، مېنى ئەينى ۋاقىتتا رادىئودىن چىقىرىۋەتكەن دىگەن سۆزلەرنىمۇ تارقاتتى. بىز كۆزىگە مىق بولۇپ قادالغان، ۋە بىردىن بىر دۇشمىنىمىز بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى بىر چەتتە قېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ بېشىمىزدىكى رەھبىرىمىزدىن ئاڭلىغان ئاھانەت، ئۇچرىغان ھۇجۇم ۋە تەھدىدلىرىمىز ھەددى ھىساپسىز.
مەرھۇم دادام ئابباس بۇرھاننى، مۇھەممەد تۇرسۇن ئۇيغۇرنىڭ يېقىندا تۇركىيەدە نەشىردىن چىققان "100 مەشھۇر ئۇيغۇر" دىگەن كىتاپقا كىرگۇزگەن ئىكەن. بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن سۈيۇندۇق. بىراق، مەيلى دادام ھايات ۋاقتىدا بولسۇن، مەيلى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا كەتكەندىن كېيىنمۇ دادامغا بولغان ھەسەت ئوتى كۆيدۇرۇپ تۇرىۋاتقان بىرلىرى بىزگە ئائىلىچە ھۇجۇم قىلىپ پات ئارىدا دادامنىمۇ سورەپ چىقماقچى بولىۋاتقانلىقى دىققىتىمىزگە ئەسكەرتىلمەكتە.
بىزنىڭ ۋەتەن-مىللەت دەۋاسى يولىدا قىلىۋاتقانلىرىمىز ۋە قىلماقچى بولغانلىرىمىز ئەسلىدە خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەر بولۇپ، بۇلار پەقەت خىتاينى راھەتسىز قىلىشى ۋە بۇ ھۇجۇم بىزگە خىتايدىن كېلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ھۇجۇم بىزگە باشقا تەرەپتىن كېلىۋاتىدۇ. بۇنى قانداق چۇشىنىشىمىز لازىم؟
دىنىمىزدا، ئىمانىمىزدا ئىنسان ئۆز نامى ۋە شەرىپىگە قىلىنغان تۆھمەتلەر ئۈچۈن قارشى ھەرىكەت قىلىش پەرىزدۇر. مەن شۇنچە يىللاردىن بېرى رابىيە خانىمنىڭ ئابرويى ۋە داۋا مەنپەئەتى ئۈچۈن سۈكۈت قىلىپ كەلدىم. قېرىنداشلىرىمىز جازا لاگىرلىرىدا خارلىنىۋاتقان، ۋەتىنىمىزنى ئېغىر كۈلپەت بورانلىرى ئۇرۇۋاتقان، پۇتۇن دىققىتىمىزنى تاجاۋۇزچى خىتاي دۇشمەنلىرىگە قارىتىش ئەڭ موھىم بولغان بۇگۇنكى كۇنلەردە، بىز ۋەتەن، مىللەت مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەر تۈرلۇك تەھدىد ۋە ئاساسسىز ھۇجۇملارغا يەنىلا لام-جىم دىمەي سۈكۈتتە تۇردۇق. بىزنىڭ سۈكۈتىمىزنىڭمۇ، سەبرىمىزنىڭمۇ چېكى بار.

Unregistered
28-07-18, 22:46
رابىيە قادىر
مەن روشەن ئابباسنىڭ ئەمەليەتتىن يىراقلاشقان پاكىتلار بىلەن ماڭا بەرگەن جاۋابىنى تېخى تۇنۇگۇن تەپسىلىي ئاڭلىدىم. خىزمەت ۋە نامايىش بىلەن ئالدىراش بولغانلىغىم ئۇچۇن، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى مىللىتىمنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۆۋەندىكىدەك قىسقا جاۋاب بىلەن بۇ تېمىنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرمەن. قالغان ھەقىقەتنى ئۇن ئالغۇ، ۋدىئو ئارقىلىق خەلقىمگە بىر كۇنى تاپشۇرمەن. مەن بۇ ئائىلە بىلەن ھەقىقەتەن ياخشى ئوتەلمىدىم. مەن ئامېركىغا كەلگەندە، مىنى ئەڭ ياخشى قارشى ئالغان كىشى روشەن ئابباسنىڭ ئاكىسى ئىدى، لىكىن ئۇلارنىڭ ھەر يىلى خىتايغا ئەركىن ئازادە بىرىپ، سەيلە -ساياھەت قىلىشى، قايتىپ كىلىپلا مىنىڭ ئىشلىرىمغا توسقۇنلۇق قىلىشى ھەم نۇرغۇن ئىشلىرىمغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى قوبۇل قىلالمىدىم. بۇ توغۇرلۇق كىيىن تەپسىلىي توختۇلىمەن. مەن تۆۋەندە پەقەت روشەن ئابباسنىڭ سۆزىدىكى بىر نەچە نۇقتىغا جاۋاپ بىرىمەن .
(1)مىنىڭ ئىنىمنىڭ ئىككى ئوغلى كۇززات بىلەن فەروقنى ئامېركىغا ئەكىلىش جەريانىم ئۇزۇن بىر ھىكايە، ئۇ ھىكايە ئىچىدە روشەن ئابباس ھىچقانداق رول ئوينىمىغان ھەم ئالاقىسى يوق. مەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېركىدىكى مەلۇم بىر چىركاۋنىڭ ياردىمى بىلەن ئالىم سەيىتوفنىڭ ھەمكارلىغىدا ئۇلارنى ئامېركىغا ئەكەلدىم.
(2 )مىنىڭ تۇرمىدىن چىقىشىمدا ئەڭ ئاساسلىق تۆھپىكارلار مىنىڭ يولدۇشىم سىدىق ھاجى روزى ھەم بالىلىرىم ئەقىدە، قەقىنۇس، راھىلە، مۇستاپالار شۇنداقلا، ئامېركا پالاتا ئەزاسى توم لانتوس، فرانكلوت، كاندالىزا رايس، نانسى پەلوسى قاتارلىق دۆلەت ئەرباپلىرىنىڭ ،ئنسانى ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ،خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن تۇرمىدىن قويۇپ بىرىلدىم ھەم ئامېركىغا كەلدىم. يەنى مىنىڭ سالمىقىم ئامېركا سىياسىتىگە ماس كەلگەنلىگى ئۇچۇن ئامېركىغا كىلەلىدىم ھەم ئامېرىكا ھۇكۇمىتىنىڭ ئالاھىدە ئىتىبارىغا ئىرشتىم.
(3)-2007-يىلى ئامېركا پارلامنت ئاۋام پالاتاسىنىڭ 497-نومۇرلۇق قانۇن لاھىيىسى ماقۇللاندى،بۇ قانۇن قانداقتۇر روشەن ئابباس تەرىپىدىن تەييارلانغان ياكى سۇنۇلغان ئەمەس،بەلكى ئەينى چاغدىكى د ئۇ ق ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يىللاردىن بىرىقى ئىشلىگەن خىزمەتلىرنىڭ نەتىجىسى بىلەن ماقۇللانغان قانۇن لايىھىسدۇر. ئۇنى كىملەردۇر مىنىڭ قىلىۋالسا بولىۋەرىدىغان ،يالغاندىن پاكىت پەيدا قىلغىلى بولىدىغان ئش ئەمەس.بۇلار ھەممىسى پارلامنىتنىڭ مۇناسۋەتلىك ئارخىپ بۆلۇملىرىدە ساقلانغان. ئەگەر روشەن ئابباسنىڭ شۇنداق قانۇنلارنى ماقۇللاتقۇزغۇدەك ئىقتىدارى بولسا قېنى مەرھەمەت يىڭى قانۇنلارنى لاھىلىتىپ باقسۇن
(4)2010-يىلى ئامېرىكا پىرزدىنتى بۇش ھەم ئۇنىڭ ھانىمى لائۇرا ھانىم بىلەن كورۇشتۇم ھەم ئۇلارنىڭ تەكلىۋى بىلەن ، بوش ئەركىنلىك قەھرىمانلىرنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۇزۇلدۇم. بۇ روشەن ئابباسنىڭ قولىدىن كىلىدىغان ناھايىتى ئاددى ئىش بولسا، قېنى ئاكىسى رىشات ئابباسنى بوش ئەركىنلىك قەھرىمانلار تىزىملىكىگە كىرگۇزۇپ باقمامدۇ؟ يالغان ۋەقە، يالغان پاكىتلارغا جاۋاب بىرىپ ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. بىراق مىنىڭ قوللۇغۇچىلىرىمنىڭ تەكلىۋى بىلەن جاۋاب بىرىشنى توغرا كۆردۇم. ئاخىردا ئاللاھدىن مىللىتىمگە ئاسانلىق بىرىشىنى ئۇمىد قىلىمەن.
.2018-يىلى 18-ئىيۇن.ۋاشنگىتون.رابىيە قادىر

Mertmusa Oghli
31-07-18, 08:30
سەن تىخى خىزمەت ۋە نامايىش بىلەن ئالدىراشمۇ؟ قىلغان جىنايەتلىرىىڭ بىلەن نامايىشنى پوق قىلىۋاتىسەن.قىلغان گەپلىرىڭ ئوقۇمىغان كوچا خوتۇنلىرىنىڭ بىر ئىككى سىياسەتچىدىن ئۇگىنىۋالغان ئولۇك كەلىمىلەر، ئوتاندەك سوزلەر.داڭقان پۇتى گەپلىرىڭنى قوي. لوگىكاسىزۋە سەۋىيەسىز پاخال، ياغاچ پۇتلۇق ماز گەپلىرىڭنى قوي. سەن خىتايغا قەسەم بىرىپ تۇرمىدىن چىققاندىن كىيىن مىنىڭ ھاياتىمنى زەھەر قىلدىڭ. ئولىۋالىدىكەن دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. تىخى "خىزمەت ۋە نامايىش" بىلەن ئالدىراشمشىىسەن. يىڭى چىققان قەھرىمان سىڭىللىرىمىزغا مىكرۇفۇننى بەرىپ يوقال...


4. 30-07-18, 02:42 #4
Mertmusa Oghli

خىتايغا يىزىلغان خەتتىكى ئىمزانىڭ رابىيە قادىرغا ئائىت ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى

نىڭ 3- قۇرۇلتايىغا لەنەتDUQ

"دۇق"نىڭ ئۇچۇنجى قۇرۇلتايى"دىن، ئەركىن ئىسا، بابۇر، پەرھات يورۇڭقاش، رابىيە قادىرلارغا بىر نەزەر!

ئۇيغۇرلارنىڭ دۇشمەنلىرى...

خىتايغا يەزىلغان "سۆھبەتنى قۇبۇل قىلىش جاۋاپ خەتى" راست ئىش بۇلۇپ، رابىيە قادىر تەرىپىدىن يازدۇرۇلۇپ ئوزى ئىمزا قويغان. خەتتىكى ئىمزانى شىۋىتسىيە دولەتلىك سوت-مەھكىمىسىنىڭ ئىمزا- پۇجىركا تەكشۈرۈش كومىسىيەسى تەكشرۇپ رابىيە قادىرغا ئائىت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئەينى ۋاقىتتا سىدىق ھاجى روزىمۇ بۇنى ئىتىراپ قىلغان ئىدى ! ئەمما ئۇ: "بۇ سۆھبەتنى دۇق نىڭ بەزى كادىرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ قارار قىلغان" دىگەننى قۇشۇپ قويغان. لەكىن بۈگۈڭىچە بۇ سىرلىق سۆھبەتتىن خەۋىرىم دەيدىغان بىرمۇ دۇق كادىرى ئوتتۇرىغا چىقمىدى. خەۋىرى بارلار ئوزىنى يوشۇرۇپ كەلدى خەتنى كۆرمىگەنلەر بولسا تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۈرۈپ باقسا بولىدۇ:(*) . ۋەتىنىم.ئورگ نىمە ئۇچۇن چوككەنلىكىنى ئىزھار قىلىشقا ئۇلگۇرمەي تاقالدى. (*) - http://www.wetinim.org/forum/wie...&extra=page%3d1
http://www.wetinim.org/forum/wie...&extra=page%3d1

دئۇق ساتقۇنلىرى قەھرىمان ۋەكىللەر تەرىپىدىن بۇ قەتىم تەل-توكۇس مەغلۇپ قەلىندى.
_________

مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمىگەن كاززاپلارنىڭ ئوزىنى ئاقلاشتىكى ئەقىلگە سىغماس رەزىل شۇملۇقلىرىغا بىر نەزەر سەلىڭ:

٭ "بىز مۇستەققىللىقتە چىڭ تۇرىۋالساق ۋەتەن ئازات بولۇپ بولغۇچە خەلقىمىز قىرىلىپ تۈگەپ كەتىدۇ".

٭ "تونۇردىكى ناننى قول بىلەن ئالساق قولىمىز كۈيۈپ قالىدۇ، كۆسەي بىلەن ئالساق قولىمىزمۇ ساق ۋە ئۆزىمىزمۇ ساق قالىمىز. ئاپتونۇميە - ھازىرچە كۆسەي. ئامما مەقسەت مۇستەقىللىق.

٭ "ياۋرۇپا بىرلىگى پارلامەنتى ئەزالىرى بىلەن كۈرۈشتۇق. ئۇلار تىبەت توغرىسىدا بىر قارارنامە چىقارماقچى ئىكەن. ئۇيغۇرلار توغرىسىدىمۇ قارارنامە چىقارساڭلا دىسەك: سىلەر نىزامناماڭلارنى ئاپتونۇميەگە ئۆزگەرتسەڭلا ئاندىن چىقىرىمىز، بولمىسا خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتىمىزگە خىلاپ بولۇپ قالىدىكەن دىدى.
_____

مەن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن خىتاي بىلەن قوشۇلۇپ كەتىش(خىتاي بىرلىكى)نى قوبۇل قىلىمەن- ئەركىن ئىسا.
بىز ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايمىز- رابىيە قادىر.،
بىز خىتاي خەلقىنىڭ ئەركىنلىك(دىموكراتىيسى) ئۇچۇن كورەش قىلىدىغان يولنى تاللىۋالدۇق- رابىيە قادىر،
5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن ئۇرۇمچىدە بىرلىن تەمى پەيدا بولدى - پەرھات مەمەت،
شىنجاڭدا خەنزۇلارنىڭ سايلام ھوقۇقى بار-ئالىم سەيت
______

رابىيە قادىر:"
مەن روشەن ئابباسنىڭ ئەمەليەتتىن يىراقلاشقان پاكىتلار بىلەن ماڭا بەرگەن جاۋابىنى تېخى تۇنۇگۇن تەپسىلىي ئاڭلىدىم. خىزمەت ۋە نامايىش بىلەن ئالدىراش بولغانلىغىم ئۇچۇن، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى مىللىتىمنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۆۋەندىكىدەك قىسقا جاۋاب بىلەن بۇ تېمىنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرمەن. قالغان ھەقىقەتنى ئۇن ئالغۇ، ۋدىئو ئارقىلىق خەلقىمگە بىر كۇنى تاپشۇرمەن. مەن بۇ ئائىلە بىلەن ھەقىقەتەن ياخشى ئوتەلمىدىم. مەن ئامېركىغا كەلگەندە، مىنى ئەڭ ياخشى قارشى ئالغان كىشى روشەن ئابباسنىڭ ئاكىسى ئىدى، لىكىن ئۇلارنىڭ ھەر يىلى خىتايغا ئەركىن ئازادە بىرىپ، سەيلە -ساياھەت قىلىشى، قايتىپ كىلىپلا مىنىڭ ئىشلىرىمغا توسقۇنلۇق قىلىشى ھەم نۇرغۇن ئىشلىرىمغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى قوبۇل قىلالمىدىم. بۇ توغۇرلۇق كىيىن تەپسىلىي توختۇلىمەن. "
______

يۇقۇرقىلاردىن باشقا يەنە قانداق "ھەقىقەت"بار؟
سىنىڭ ئامىرىكىغا قانداق چىققانلىقىڭنى ئۇيغۇرلار سەندىن ياخشى بىلىدۇ. سەن بىلەن كىم ياخشى ئوتتى؟
رۇشەن ۋە رابىيە ئىككىڭلارنىڭ قىلىۋاتقىنى جىنايەتنى, ھەقىقەتنى يىپىىش ئۇچۇن قىلىنىۋاتقان زىرىكەرلىك، تىتىقسىز ئادەمنى ھو قىلدۇرىدىغان كوچا خوتۇنلىرىنىڭ گىپى.
ھورمەتلىك رۇشەن ، بۇ ساتقۇن مومايغۇ نۇمۇس قىلمىسۇن، يا سىز؟ "دۇق نىڭ 3-قۇرۇلتايى"بۇ ۋەھشى ساتقۇنلۇقتا سىزنىڭ ئالاقىڭىز بولمىسا، سىز بۇ پاكىتتىن نىمە ئۇچۇن قاچىسىز؟ - رابىيەنى قۇرۇق گەپكە تۇتۇپ ئۇيغۇرلارنى ئاخماق قىلىسىز؟ "دۇق نىڭ 3-قۇرۇلتايى"- بۇ ھەقتە دەيدىغان گىپىڭىز يوقمۇ؟!
مەن ئۇچرىغان ھاقارەت، توھمەتلەر ھەققىدە نىمە ئۇچۇن بىر ئىغىز گەپ قىلالمايسىز?.
_______

بىز موشۇ ساتقۇنلارنى "لىدەرىمىز"، "ئاكىمىز"، "مەنىۋى ئانىمىز"، "مەخسۇس تەكلىپ قىلغان ئوبزورچىمىز دەپ ئۇيغۇر خەلقىنى ئالداپ بۇگۇڭە كەلدۇق.

ئىنسانلىق بىزدە ئۆلدىمۇ؟
ئۇيغۇرلۇقىمىز تۇگىدىمۇ؟
بۇيۇك ئاشقلار ھەش-پەش دىگۇچە يوقالدىمۇ؟

Mertmusa Oghli

malik-@web.de

Mertmusa Oghli
03-08-18, 02:37
ھورمەتلىك ئابلىكىم ئىدرىس خانىمى رۇشەن ئابباسقا سوئال.

مەن موھىم بولمىغان بىر گەپنى كوپ تەكرارلاشنى ياخشى كورمەيمەن! بۇ ئولگۇر موماي رابىيە "ساراي"سالغاندىن تارتىپ- ئامەرىكىغا كەلگىچە بىچارە ئۇيغۇرلارنى قويۇپ ، قەرز ئەلىپ، قىز-چوكانلىرىمىزنى خىتاي سودىگەرلىرىگە سولاپ بەرىپ ، ئالدامچىلىق بىلەن جان باقتى. ئاقمىدى- ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرىگە سەلىنغان ساراينى خىتاي ئوتكۇزۇۋەلىش ئۇچۇن، قەرز ئىگىلىرىدىن قاچۇرۇپ ئۇنى ئۇنى تۇرمىگە سولاپ قويدى. ئالدامچىلىق ئاقمىدى. "ياغاچ قازاندا بىر قەتىم ئاش پىشتى". "ياغان پۇت" سۇندى. قاچتى.... ھىچكىم ئۇنى تۇرمىدىن چىقىرىپ قەرزىمنى بەر دەيىشكە كۇچى يەتمىدى. خىتايغا بارغان ئەركىن ئىسانىڭ كۇچى يەتتى. ئۇنى ئىككى خىتاي ئەمەلدارى بىكىندىن ئامەرىكىغىچە قوغداپ ئەكەلدى.ئايرىپورتتا ئەركىن ئىسا، م.ھەزرەت، ئا. باقىلار كۇتىۋالدى. ئەمما ھاردۇق ئەلىش ئۇچۇن ئەنۋەر يۇسۇپنىڭ ئويىگە چۇشتىلەر.

بۇ تارىخ تۇنۇگۇنلەرگە ئائىت، رۇشەن ئابباس خانىم! بۇ ئالدامچى مومايغا ھەر-تەرەپتىن ياردەم قىلغانلىقىڭىزنى سوزلەۋاتىسىز. ۋە ئۇنى قارىلاپ، يىپ بازىرى ئەچىپ ئۇيغۇرلارنى تىتىقسىز ماجرالار بىلەن ئاۋارە قىلىۋاتىسىز. 25 يىلدىن بىرى بۇ ئويۇنلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى مەشغۇل قىلىۋاتىسىزلار. يازغانلىرىمنى ئالدۇرۇپ تاشلىدىڭىز.
مەن بىر گەپنى كوپ تەكرارلاشنى ياخشى كورمەيمەن! "مۇستەقىللىق تەلپ قىلمايمىز"دەپ ئىلان قىلغان ساتقۇن موماينى گەپكە تۇتماي سوئاللىرىمغا جاۋاپ بەرىڭ.

Hormetlik Ablikim Idris Xanimi Rushen Abbasqa Soal.

Men Mohim bolmighan bir Gepni Kop Tekrarlashni yaxshi Kormeymen!

Bu Olgur Momay Rabiye "Saray"salghandin ta- Ameruikigha Kelgiche Bichare Uyghurlarni qoyup , Qerz elip, Qiz-chokanlirimizni Xitay Sodigerlirige Solap berip , Aldamchiliq bilen Jan baqti. Aqmidi- Uyghurlarning Qan-terige selinghan Sarayni Xitay Otkuzuwelish uchun, Qerz igiliridin Qachurup uni Uni Turmige solap qoydi. aldamchiliq Aqmidi. "Yaghach Qazanda bir qetim ash Pishti". "yaghan put" Sundi. Qachti.... hichkim uni turmidin chiqirip qerzimni ber deyishke Kuchi yetmidi. Xitaygha barghan Erkin isaning kuchi yetti. Uni Ikki Xitay Emeldari Bikindin Amerikighiche qoghdap ekeldi.
Ayriportta erkin isa, M.hezret, A. baqilar Kutiwaldi. emma Haduq elish uchun Enwer yusupning Oyige chushtiler.

Bu Tarix tunugunlerge Ait, Rushen Abbas Xanim! bu aldamchi Momaygha Her-tereptin Yardem qilghanliqingizni Sozlewatisiz. we Uni qarilap, Yip Baziri echip Uyghurlarni Titiqsiz Majralar bilen Aware qiliwatisiz. 25 yildin biri bu Oyunlar bilen Uyghurlarni Mesgghul qiliwatisiz. yazghanlirimni aldurup tashlidingiz.


Men bir Gepni Anche Kop Tekrarlashni yaxshi Kormeymen! "Musteqilliq telp qilmaymiz"dep ilan qilghan satqun Momayni Gepke tutmay Soallirimgha Jawap Bering.

Mertmusa Oghli
03-08-18, 09:46
مۇھەببەت ۋە چىۋىن

"ۋىيەي ماۋۇ خوتۇننى"- دەپ ۋاقىرىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ، مۇنچىدىن مىھمانخانە ئويگە چىقىپ ئەتراپقا قارىدىم. كىلەر يىلى توي قىلىمىز دەپ، تورت يىلدىن بىرى دىنى نىكا بىلەن يۇرىۋاتقان يېرىمىم ساچلىرىنى تۇزەپ سافادا ئولتۇراتتى. بىر نەرسە دىدىڭىزمۇ جېنىم دەپ سورۇدۇم.
- جىنىم دەۋاتامسىز، ئەمدى مەن جىن بولۇپ قالدىمما؟، چىچىمنى ئوزىڭىز بۇزىۋىتىپ بولۇپ "جىن" دەۋەتامسىز مىنى ؟ جىننى كورسۇتۇپ قويسۇن دەۋاتامسىز يەنە؟- دەپ ئەكىلەپ بىسىلمايلا قالدى. مەنمۇ ئۇنى ئەكىلىتىپ تۇرۇپ : خاپا بولماڭ، "جىنىم"دىكى "ئى" ئىيىقتىكى "ئې" يەنى خانىمنى - خېنىم؛ جانىمنى-جېنىم دەيمىز- يا؟ دىدىم. جېنىمنىڭ كوڭلى بۇگۇنمۇ بەك خۇشال ئىدى-تەرسالىقىنى داۋام قىلدى. چىرايىنى مۇنچىدىن چىققان مەندىن قورققاندەك قىلىپ كورسۇتۇپ: -" ئوزىڭىز ئىيىق..."دىدى.

"ۋىيەي ماۋۇ خوتۇننى"دىگىنىڭىزنى ئاڭلاپ، قايسى "خوتۇن"نى دەۋاتقاندۇر-دەپ چىققان ئىدىم...دىدىم. ئۇ، كومپۇتەر ئىكرانىنى كورسۇتۇپ: "رابىيە قادىرنى دىمەمدىمەن. ئەرەنچە كوينەك بىلەن، دوپپىنى قىشىغىچە چوكۇرۇپ كىيىپ يەنە شۇ قۇرۇلتايدا چىققانئىدى، ھازىرلا ئوتۇپ كەتتى... بۇ خوتۇننىڭ كىيىنىشلىرىنى كورسەم ھۆ قىلغىم كىلىدۇ-جۇمۇ، بىرەيلەننىڭ: "ئويىگە بارغان ئىدىم، س. روزىنى ئوينىڭ ئىچىدە ھىلىقىدەك قىلىمەن ھىجىقىز-دەپ قوغلاپ يۇردى ..."دەپ يازغانلىرىنى توردا ئوقۇغان ئىدىم. ھىلىمۇ ياخشى -بۇ خوتۇنغا ئەگەشمەپتىكەنمەن. بولمىسا مەنمۇ سىزنى ھازىر قوغلاپ يۇرەتتىم-غۇ دەيمەن تاتلىقىم؟ توختىڭە راس، بى قوغلاپ باقاي جۇمۇ سىزنى-دەپ قاقاخلاپ كۇلۇپ ئورنىدىن تۇردى.

مەن، ھاي-ھاي ، ئوزىڭىزنى بىسىۋىلىڭ دەپ قۇچاقلاپ ئولتۇرغۇزۇپ قويدۇم. شىرىن پاراڭغا چۇشتۇق. ئۇ :"مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى"بولامدۇ؟ جېنىم دەپ سورىدى.
... مۇھەببەتكە شەرت كەتمەيدۇ. شەرتسىز مۇھەببەت بولىدۇ. سەۋەپسىزمۇ ئاشق بولىدۇ-دىدىم . ماقۇل ، ئۇنداق بولسا قۇلۇقىڭىزغا دەيدىغان گىپىم بار دەپ مىنى ئوزىگە تارتتى...

(ھىكايىنىڭ ئەڭ قىزىق يىرى داۋامىدا)

Unregistered
04-08-18, 20:36
Gerche mekke ishigi jimip qalghan bolsimu. "Munar layiliguchi" ning til ahanetke tolghan yazmilliri bu torbitini 10 yildin biri bir exletleshturup keldi.


Talantliq Realist Yazghuchi, Siyasi Obzorchi Mertmusa Oghlining "Muhebbet we Chiwin" Hikayisini Demlengen chaygha Hesel qoshup echiwitip, oquwatsam bir chiwin Gijjide qilip chaygha ozini atti. Hikayida chiwin chiqmighan idi. Mana chiwin chiqti:



Awtor Hikayisigha bekmu Layiq mawzu qoyghan iken...

Unregistered
09-08-18, 06:55
Bu del 80-yiliri Uyghurlarni aldap qoymichiliqni kesip qeliwalghan Pakistanliq heliqining del ozi.

Unregistered
09-09-18, 16:51
Bu del 80-yiliri Uyghurlarni aldap qoymichiliqni kesip qeliwalghan Pakistanliq heliqining del ozi.


پاكىستانلىق ھىلىقى كىم ئۇ؟ بۇ يازماڭنىڭ باش تىما بىلەن نەمە مۇناسىۋىئەتى بار؟ كاللاڭ جايىدا ئەمەس، پەرھات مەمەتتەك نەشە چىكىدىغان بەڭۋاش ئىكەنسەن. نورمال بىر ئادەم ئەمەس سەن؟ نۇمۇس يوقمۇ سەندە؟ موشۇنداق ياشاپ ، قىممەتسىز ھايات كەچۇرۇپ ئولەمسەن ؟ ھەي بەتبەھت؟

Pakistanliq hiliqi kim u? bu yazmangning Bash tima bilen neme munasiwieti bar? kallang Jayida emes, perhat memettek neshe chikidighan bengwash ikensen. normal bir Adem emes sen? numus yoqmu sende? moshundaq yashap , qimmetsiz hayat kechurup olemsen ? hey betbeHt?

Unregistered
17-11-18, 20:25
Tarix yorutulup chiqmighicha haqiqat asliga kalmaydu, haqiqat asliga kalmisa qalghan hammsi yalghan koz boyamchiliq bolidu, undaqta buxil yalghanchiliqqa yol qoyghan Insanlar nima bolidu? Javap barsanglar.

Unregistered
18-11-18, 03:23
Buxildiki Insanlaning hammisi Ab bedi Dowzak bolarmish Jawapdin kanahat heskilgansiz Buyader .

Unregistered
19-11-18, 09:30
Buxildiki Insanlaning hammisi Ab bedi Dowzak bolarmish Jawapdin kanahat heskilgansiz Buyader .

insanlarning hemmisi emes sendin bashqisi dozaqqa barmaymish , yaxshi gep qildimma qandaq` r ni , y deydighan buyadey?
yaxshi degenni Rosche - Xarashu " degen bolidu.moshunimu dep beqinglar emise buyader? Buraderni buyader dehendin kiyin, Xarashu ni Xayashu dememsiler?

Unregistered
20-11-18, 12:39
ABLIKIM ihres we Rushen abbaslar . Silerdin jawap kutimen.