PDA

View Full Version : مىللىي مۇستەقىللىق ئۇيغۇرلاردىن قانچىل&#



Elbilgin
21-07-18, 00:24
مىللىي مۇستەقىللىق ئۇيغۇرلاردىن قانچىلىك ئۇزاقتا؟

2.ئورتاق نىشان ئۈچۈن تەشكىللىنىشنىڭ رولى

ئاسىيە ئۇيغۇر



ماقالەمنىڭ ئالدىنقى بۆلۈكىدە بىزدە مۇستەقىللىق شەرتلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن ھازىرلانغانلىقى ۋە ب د ت نىڭ 1514-نومۇرلۇق ھۆججىتى ھەققىدە توختالغانىدىم. بۇ بۆلۈمىدە ئورتاق نىشانىمىز ئۈچۈن تەشكىللىنىشىمىزنىڭ دەۋايىمىزغا ئېلىپ كېلىدىغان ئىجابىي تەسىرى ھەققىدە توختىلىمەن.
تەشكىل دېگەن سۆز خىتاي مۇستەملىكىسىدە ياشاپ باققان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئانچە ناتونۇش سۆز بولمىسا كېرەك. چۈنكى خىتايلار ۋەتىنىمىزدە ھەممە ئىشتا تەشكىلنىڭ يول- يورىقى بويىچە ئىش قىلىش، تەشكىلگە بويسۇنۇشنى تەكىتلىشەتتى. ئىدارە ئورگانلاردىمۇ تەشكىلىي تۈزۈم ۋە تەشكىلچانلىق كۆپرەك تەكىتلىنەتتى. ئۇنداقتا تەشكىللىنىش دېگەن زادى نىمە؟ تەشكىللىنىش دېگىنىمىز كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا كۆپ خىل ئامىللارنىڭ بەلگىلىك يۆنۈلۈش بويىچە سىستېمىلىق بىرىكىشى بولۇپ، ئېنىقراق ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ مەلۇم مەقسەت ۋە نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش سەۋەب ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بىر كوللېكتىپ ياكى گۇرۇھتۇر. مەسىلەن پارتىيە گۇرۇھلىرى، ئىشچىلار گۇرۇھى، كارخانا گورۇھى، ھەربىي گورۇھلار دېگەندەك. دېمەك تەشكىللىنىشنىڭ مەقسىتى ئومۇمنىڭ مەلۇم ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن گۇرۇھلىشىش ئىكەن. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە ئورتاق ئارزۇسى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار، ئۇ بولسىمۇ ۋەتەننى خىتاي مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە مۇستەقىللىققە ئېرىشىش. ئۇنداقتا بىز مۇشۇ نىشان ئۈچۈن تەشكىللەنسەك بولامدۇ؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ. يەنى ۋەتىنىمىز خىتاي مۇستەملىكىسىگە ئۆتكەندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر خىل يوسۇندىكى تەشكىلاتلار ئارقا ئارقىدىن مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋەتەننى مۇستەقىل قىلىشتىن ئىبارەت بىرلا نىشان ئۈچۈن توپلانغانلار ئىدى. لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى ماقالەمنىڭ بىرىنجى بۆلىكىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمدەك دەۋا ئىشلىرىمىزدا كىشىنى خۇشال قىلغۇدەك چوڭ نەتىجىلەر تېخى قولغا كەلتۈرۈلگىنى يوق. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە مەن مۇنداق قارايمەن. يەنى دەۋا يولىدىكى بۇ تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئاجىز، ئادەم كۈچى چەكلىك ۋە ئىش بېشىدىكىلەر ئايرىم ئايرىم جايلاردا تارقاق ئىش ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا ھەمدە دەۋا ئىشلىرى كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ ئۆز خىزمەت ۋە تۇرمۇشىدىن ئېشىنىپ قىلىىدىغان ھەرىكەت بولغىنى سەۋەب چەكلىمىلەرگە ئۇچرىغان. گەرچە <بارىن ئىنقىلاۋى>دەك چوڭ ئىنقىلابلاردىن كېيىن چەتئەللەردە بىر قىسىم سىياسىي چولپانلار مەيدانغا كېلىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىدا بىردىنلا جانلىنىش ھالىتى شەكىللەنگەن ۋە ئىقتىسادىي ياردەملەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ئەمما مەشغۇلاتتىكى خاتالىق ياكى باشقا نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى بىر مەزگىللىك جانلىنىشتىن كېيىن چېكىنىش ياكى ئىزىدا توختاپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. 2017- يىلىدىن باشلاپ ۋەتەن بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۈزۈپ تاشلىنىشى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زور تۈركۈمدە لاگىرلارغا قامىلىشى قاتارلىق پەۋقۇللاددە ئېغىر ۋەزىيەتنىڭ تەسىرىدىن دەۋا ئىشلىرى قايتىدىن جانلىنىشقا يۈزلەندى. ئەمما ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئومۇمىي خەلق دەۋاغا ئاۋاز قوشۇۋاتقان بۇ كۈنلەردە تەشكىلاتلاردىكى ئىناقسىزلىق ۋە دۈشمەنلىشىش ئەھۋالى خەلقنىڭ دەۋاغا بولغان قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىش بىلەن بىرگە ئەسلىدىمۇ پسىخىكىسىدا ئومۇميۈزلۈك مەسىلە كۆرۈلۈشكە باشلىغان بىرخەلقنىڭ روھىيىتىنى سۇندۇرىدىغان ۋە كەلگۈسىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان پاسسىپ ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولدى. بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. خاتالىق زادى كىمدە؟ تەشكىلاتتىمۇ؟ شەخسلەردىمۇ؟ خەلقلەردىمۇ؟ ياكى دەۋايىمىزنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەردىمۇ؟
بۇ ھەقتە مېنىڭ قاراشلىرىم مۇنداق، يەنى سەۋەب ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدە. بىز خاتالىققا يولۇققىنىمىزدا ئالدى بىلەن مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەپ بېقىشىمىز كېرەك. تەشكىلات رەھبەرلىرى بولسۇن ياكى ئەزالىرى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى بولسۇن، دەۋايىمىزدا مەسىلە كۆرۈلگەندە ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى تەكشۈرۈپ بېقىشىمىز كېرەك. بىز زادى نېمىنى خاتا قىلدۇق؟
مەسىلىلەرگە بولغان قارىشىمىزدا، تەپەككۇر ئۇسۇلىمىزدا چاتاق كۆرۈلدىمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەردىنمۇ؟
مەن بۇ خىلدىكى ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئامىلنىڭ سەۋەبىدىن دەپ ئويلايمەن. يەنى ،
1) ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ مۇستەقىل بىر گەۋدە شەكلىدە ئۆز ئالدىغا گۇرۇھ تەشكىللەپ، ئايرىم ئىش پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى. يەنى ئەڭ مۇھىمى ئىقتىسادىي بىرلىك، ئىش بىرلىكى بولماسلىقى؛
2) مەۋجۇت تەشكىلاتلارنىڭ بوسۇغىسى پەس، كىرمەك ئاسان بولۇشى سەۋەبلىك ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەزا بولۇش ئىمكانىنىڭ يۇقىرىلىقى
تەشكىلاتلارنىڭ مۇستەقىل بىر بىرىدىن مۇستەسنا ھالدا ئايرىم ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى ئەسلىدىمۇ ئادەم كۈچى ئانچە زور بولمىغان ئۇيغۇر دەۋاسىدا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش دەۋا قىلىشقا قارىغاندا ئۈنۈمى ئانچە يۇقىرى بولمايدىغانلىقى ئېنىق. ئەگەر بۇ ئوخشىمىغان تەشكىلاتلار ئۆز دائىرىسىدە ئوخشىمىغان ئىش پائالىيەتلەرنى قىلسىمۇ ئەمما ئورتاق بىر گەۋدىگە جەملىنىپ، زەنجىرسىمان ئىشلەش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولسا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمى بولاتتى .
تەشكىلاتلارنىڭ بوسۇغىسىنىڭ پەس بولۇشى بۇ تەشكىلاتلارغا ھەرقانداق قاتلامدىكى ھەرقانداق ئىدىيىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەتتا خىتاي جاسوسلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ھازىرلىغان. يەنى بۇنداق ئەھۋالدا خىتاينىڭ جاسوسلىرىمۇ خالىغان ۋاقىتتا خالىغان ئۇسۇلدا دەۋا سېپىغا سۇقۇنۇپ كىرەلىشى ۋە كىچىككىنە ئىختىلاپلارنى چوڭايتىپ، ئىناقسىزلىق پەيدا قىلىش ۋە ھەتتا تەشكىلاتنى پالەچ ھالەتكە ئەكېلىپ قويۇشتەك رولنىمۇ ئويناپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى شۇنچە قۇدرەتلىك ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قىسمىغىمۇ ئىشپىيۇنلىرىنى سېلىپ، جەمىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلالىغان خىتاي چەتئەلدىكى ئازغىنە ئۇيغۇرنىڭ ئارىسىدا پىتنە سېلىش ۋە دەۋا سېپىنى قالايمىقان قىلىش ھەتتا دەۋانى سۇغا چىلاشتۇرۇشنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ. ئۇنداقتا ئەھۋالىمىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغاندەك تەرتىپسىز، بوسۇغىسى تۆۋەن ۋە دۈشمەننىڭ پايدىلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئەھۋالدا ئىكەن، بۇنداق ئەھۋالنى قانداق قىلغاندا ئۆزگەرتەلەيمىز؟ مەن بۇ ھەقتە بەك كۆپ ئىزدەندىم . دەۋاسىدا ئۇتۇق قازانغان ۋە قازىنىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق يولىدا ئېلىپ بارغان كۆرەشلىرى، قازانغان ئۇتۇقلىرى ھەققىدە كۆپ ماتېرىياللارنى كۆردۈم. شۇنى ھېس قىلدىمكى، سىياسىي دەۋادا ئۇتۇق قازانغانلاردىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىك بولسا تەشكىللىنىپ ھەرىكەت قىلىش، ئورتاق نىشان تىكلەش ۋە ھەممىباپ يول تۇتۇش ئىكەن. بۇ ھەقتە مەن ئالدىنقى ماقالەمدە تىلغا ئالغان ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ. يەنى ئامېرىكا دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇشتىن ئاۋۋال ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى 13 ئۆلكە بولۇپ، چەكتىن ئاشقان باج ۋە سېلىقلارنىڭ سەۋەبى ئۇلار مۇستەقىللىق ئۇرۇشى يولىنى تاللىغان ۋە ئاقىۋەت ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان. غەلىبەدىن كېيىن بۇ 13 ئۆلكىنىڭ كىشىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا يەنىلا بىر ھۆكۈمەتكە ئېھتىياجى بارلىقىنى ھېس قىلىشقان ۋە بۇ ھەقتە قاتتىق ئىزدەنگەن. ئاقىۋەتتە مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئامېرىكا دۆلىتىنى قۇرغان. ئۇلارنىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا تۈرتكە بولغىنى مۇستەملىكىلىكتىن قۇتۇلۇش بولغان بولسا، قۇدرەتلىك ئامېرىكا دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقالىشىدىكى سەۋەب تەشكىللىنىپ ئىش بىرلىكى ئېلىپ بېرىش ۋە ئىتتىپاقلىشىشنىڭ نەتىجىسىدىن ئېرىشكەن غەلىبىسى سەۋەبلىك بولغان. دېمەك بىرلىكنىڭ ئۆزى كۈچ دېمەكتۇر. ھەممەيلەن <ئۇيغۇر خەلقى ئويغاندى> دېگەن سۆزلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرۈشمەيدۇ. توغرا ئويغاندۇق. ئەمما ئويغانغاندىن كېيىنكى بۇ كۈچنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان بىر سىستېما بولمىسا قايتا ئۇخلاپ قېلىش ھادىدىسى كۆرۈلۈشىمۇ ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس.

ئۇنداقتا قانداق تەشكىللىنىمىز؟
تەشكىللىنىشتىكى مەقسەت ئىتتىپاقلىشىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى غايەت زور كۈچ پەيدا قىلىش. ئۇنداقتا بۇنداق بىر كۈچنى قانداق شەكىللەندۈرىمىز؟
1) سىياسىي تەشكىللىنىش : بۇ دەل بۈگۈنكى تېمىنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى بولۇپ، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق بولغان بولغان يولدۇر! تەشكىللىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بارلىق تەشكىلاتلار ۋە تەشكىلات ئەزالىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا ۋەكىل بولۇپ خىتاي بىلەن ۋەتەن دەۋاسىنى دۇنيا سەھنىسىدە ئېلىپ بارالايدىغان بىر ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. بەلكىم بۇ سۆزۈمدىن نۇرغۇن كىشىلەر نۆۋەتتىكى مەۋجۇت تەشكىلاتلىرىمىزدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ۋە سۈرگۈندى ھۆكۈمەت........لەر بار تۇرسا يەنە ھۆكۈمەت قۇرامدۇ؟ دەپ ئويلاپ قېلىشىڭلار مۇمكىن. ئەمما نۆۋەتتىكى ئەھۋالىمىزدا خەلقنى قايىل قىلىش ۋە پۈتۈن خەلقنىڭ دەۋا ئىشلىرىغا بىردەك ئاۋاز قوشۇشى، شۇنداقلا ئادىل ۋە كۈچلۈك بولغان ، خەلقنى ئىشەندۈرەلەيدىغان بۈيۈك بىر دەۋا قوشۇنى بولۇپ شەكىلىلنىش ئۈچۈن يېڭى بىر ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. يەنى خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپقا ئېرىشىش، ئىقتىسادىي ياردەملەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ ھۆكۈمەت خەلقئارانىڭ ۋە ئۇيغۇر خەلقنىڭ بىردەك قوللىشغا ئېرىشكەن بولۇشى شەرت. ھۆكۈمەت بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن بىز ئاندىن خەلقئارادا خىتايغا قارشى بىر كۈچ سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىمىز ۋە باشقا دۆلەت ۋە شەخسلەرنىڭ ھەمكارلىشىش، ياردەم بېرىش، قوللاش ئوبيېكتىغا ئايلىنالايمىز.
2) ھۆكۈمەت قۇرۇش تەرتىپى: ئىشلارنىڭ ئادىل بولۇشى ئۈچۈن ھۆكۈمەت قۇرۇش خىزمىتىگە بىزنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىمىز ئاتالغان د ۇ ق بارچە تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى بىر يەرگە چاقىرىپ سايلام ئېلىپ بېرىشى كېرەك. (بۇ يەردە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنى بۇ ئىشقا باشلامچى بولۇش تەكلىپىنى بېرىشىم پەقەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى خەلقئارا ئېتىراپ قىلىدىغان ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى نوپۇزلۇق بىر ئورگان بولغانلىقى سەۋەبتىندۇر.)يەنى مۇھاجىرەتتىكى <ئۇيغۇر دەۋاسىغا يېتەكچىلىق قىلىش ئىقتىدارىمىز بار> دەپ قارايدىغان بارلىق تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ ھەممىسى بۇ سايلامغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنىشى، بىرمۇ تەشكىلات ئايرىپ قويولماسلىقى، بىرمۇ شەخس سايلامنىڭ سىرتىدا قالماسلىقى كېرەك.
3) سايلامغا تەييارلىق قىلىش تەرتىپى: سايلامغا قاتناشماقچى بولغان بارلىق تەشكىلاتلار بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قارشى پىلان لايىھەلىرىنى يازما ھالەتتە تۈزۈپ چىقىشى ۋە ئەركىن مېدىيالار ئارقىلىق خەلققە ئۆز پىلانلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشى ۋە لايىق قوللاشلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەك.

4) سايلام ئۆتكۈزۈش تەرتىپى: ھەرقايسى تەشكىلاتلار ئۆز پىلانلىرى بويىچە سوشىيال مېدىيالاردا نۇتۇق سۆزلەش ۋە قوللاشقا ئېرىشىش باسقۇچىنى تاماملىغاندىن كېيىن سايلام دۇق نىڭ يېتەكچىلىكىدە چاقىرىلىشى كېرەك.

5) سايلام نازارىتى: سايلامغا نازارەتچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى سايلامغا قاتنىشىدىغان ھەربىر تەشكىلاتنىڭ قوللىغۇچىلىرى بولغان خەلق ئىچىدىن ئىككى نەپەردىن سايلام نازارەتچىسى سايلاپ چىقىش، ئاندىن سايلاپ چىقىلغان بۇ نازارەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن سايلامغا نازارەتچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇش.

6) سايلام نەتىجىسى: بىر نەپەر خەلق سايلىغان پرېزدېنت، مەتبۇئات باياناتچىسى، تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى دېگەنگە ئوخشاش رەھبەرلىك قاتلىمى سايلاپ چىقىلىشى كېرەك. بۇلاردىن باشقا ئىچكى كابېنت ۋە كابېنت ئەزالىرى سايلىنىشى ۋە كاتىپ بۆلۈمى، ھېساۋات بۆلۈمى تەسىس قىلىنىشى كېرەك. سايلام تەرتىپى،سايلام ئۆتكۈزۈش مۇددىتى ، شەرتلىرى، قاتناشقۇچىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ نىزامنامىسى......ۋەھاكازالار ئېلان قىلىنىشى لازىم.

7) يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسى: مەيلى قايسى تەشكىلات بۇ سايلامدا ئۇتۇپ چىقسۇن باشقا تەشكىلاتلار ۋە بارچە خەلق سايلامدا ئۇتۇپ چىققان تەشكىلات ئاساسىدا شەكىللەنگەن يېڭى ھۆكۈمەتكە ئەگىشىشى كېرەك. يېڭى ھۆكۈمەتمۇ ئەگەر ۋەتەن مۇستەقىللىقى قولغا كېلىش پۇرسىتى يېتىلسە دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان قانۇنلۇق ھۆكۈمەت سۈپىتىدە دۆلىتىمىزنى ئۆتكۈزىۋېلىشقا ھوقۇلۇق بىر ھۆكۈمەت بولۇش شەرتىنى ھازىرلىشى كېرەك. يېڭى ھۆكۈمەت ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى سۈپىتىدە بارلىق دۆلەتلەر بىلەن دېپلوماتىك ئالاقە باغلىشى ھەمدە يېڭى ھۆكۈمىتىمىزنى خەلقئارادا بىردەك قوللاشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.

خاتىمە:
زۇلۇم چەكتىن ئاشقان ئەمما بىزدە زۇلۇمغا قارشى بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىنمىغان بۇ پەيتتە، ھۆكۈمەت قۇرۇش ۋە دېمۇكراتىك ئۇسۇلدا سايلام ئېلىپ بېرىش نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىدۇر. ۋەتەننى ئازاد قىلىش ۋە ئەركىنلىك، مۇستەقىللىققە ئېرىشىش، شۇنداقلا دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش نورمال بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ۋە خەلقىمىزنى ئۆز زېمىنىدا ئۆزى خالىغان شەكىلدە ئەركىن ۋە باراۋەر، باياشات ۋە بەختلىك ھاياتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن مۇقەررەر ھالدا دۇنيادىكى زور كۆپ سانلىق دۆلەتلەر تۇتقان يولدا شۇلار بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە مېڭىشىمىز كېرەك. يەنى دىن بىلەن سىياسەتنى پۈتۈنلەي ئايرىشىمىز كېرەك. بۇ دېگەنلىك دىنىي ئېتىقادىمىزدىن ۋاز كېچىش دېگەنلىك ئەمەس بەلكى دېمۇكراتىك دۆلەت قۇرۇش ئاساسىدا دىنىي ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىش دېگەنلىكتۇر. چۈنكى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھۆرلۈككە چىققان ھالەتتە ئۇ زېمىندا نەچچە ئەۋلات ياشاپ كەلگەن خىتاي پۇقرالىرىنى قوغلاپ چىقىرىش ياكى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. بۇ مەيلى بىز قوبۇل قىلايلى ياكى قىلمايلى ھامان بىز يۈزلەنمىسەك بولمايدىغان ئاچچىق رېئاللىق. چۈنكى ھەر ئىككى ئۇسۇل خەلقئارا نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشتۇر. ناۋادا تەليىمىز ئوڭدىن كېلىپ خىتايلار ۋەتىنىمىزنى تاشلاپ بېرىپ ھەممىسى چىقىپ كەتكەندىمۇ خىتايدىن ئۆيلەنگەن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار ۋە بىز بىلەن شۇ زېمىننىڭ تارىخىغا ئورتاق شاھىد بولۇپ ياشاپ كەلگەن باشقا قېرىنداش مىللەتلەرمۇ شۇ زېمىندا داۋاملىق ياشىشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىمۇ قوغدىلىشى، ئۇلارنىڭ قاراشلىرىغىمۇ ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك. سىياسىي تۈزۈلمىمىز دۆلەت ئەھۋالىمىزغا ئۇيغۇن بولۇشى بىلەن بىرگە ھەممە ئورتاق قوبۇل قىلىشى كېرەك. يېڭى قۇرۇلغان دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىزدە قوشنا ئەللەر بىلەن دوستانە ئۆتەلەيدىغان، باشقىلارغا خەتەر تەھدىتى پەيدا قىلمايدىغان، ئۆزىمىزگىمۇ ۋە باشقىلارغىمۇ خاتىرجەملىك بېرەلەيدىغان تۈزۈم يەنىلا دۇنيا ئېتىراپ قىلغان دېمۇكراتىك تۈزۈمدۇر. دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇش بىزنىڭلا رايىمىز بىلەن روياپقا چىقمايدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. مۇستەقىل دۆلىتىمىزنى قايتۇرۇپ ئېلىش دەۋاسىنى قىلىۋاتقىنىمىزدا بىزنىڭ دەۋايىمىزنى قوللايدىغان ۋە بىزنى ئېتىراپ قىلىدىغان دۆلەتلەرمۇ بولۇشى كېرەك. ئەگەر قوللاشقا ۋە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمەيدىكەنمىز دۆلەت قۇرۇش بىر چۈش بولۇپ قېلىشى ئېھتىمال ئەلۋەتتە.
ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق دۆلەت قۇرۇش تەجرىبىمىزدىن مەلۇم بولدىكى دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئۆز خەلقىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغان بىر دۆلەت قۇرۇش بىلەنلا قالماي، بەلكى دۇنيا قوبۇل قىلىدىغان ۋە باشقىلارغا قورقۇنچ، ئەندىشە ئېلىپ كەلمەيدىغان، ھەممىباپ بىر تۈزۈمدىكى دۆلەت بولىشىمىز كېرەك. يەنە كونا سەنەم بويىچە ياكى پانئىسلام ياكى پانتۈركىزىمنى مىللىي مەنپەئەتىمىزنىڭ ئۈستىگە قويىدىكەنمىز تارىخ يەنە تەكرارلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى ھېچكىم دۇنياغا تەھدىت بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان بىر دۆلەتنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى خالىمايدۇ!