PDA

View Full Version : ئىسلام، ئىسلامىزم ۋە ئىسلام مىللەتچىلىك&



Elbilgin
20-04-18, 01:50
ئىسلام، ئىسلامىزم ۋە ئىسلام مىللەتچىلىكى



كۇرشاتوغلى

04/12/2018





كىرىش سۆز
ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ خەلىقارادا يېيلىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر ئوبرازىنى قانداق ئىپادىلەشتە ئوخشىمىغا كۆز قاراشلار ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىدى. 15-مارت 2018دىكى بىر ئاۋاز بىر قەدەم خانىم-قىزلار مارشىدا، بۇ پالىيەتكە ھېجاپلىنىپ ئاۋاز قوشقان خانىم-قىزلارنىڭ قارا ھىجاپلىق خىلافىتى بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ تالاش-تارتىشقا سېۋەپ بولدى. غەرىپتىكى دۆۋلەتلەردە خانىم-قىزلار، ئۇيغۇرلارنىڭ شەرىق ئەنەنىسىدىكى خىتايلاردىن ۋە شۇنىڭدەك رادىكال ئىسلامدىن پەرىقلىنىدىغان ئوبرازىنى نامايەن قىلىپ دوپپا-ئەتلەسلەر بىلەن نامايىشقا چىققان بولسا، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى خانىم قىزلارنىڭ قانداق كىيىم كىيىشنى ئىنسان ھەقلىرىنىدىن بولدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆز قارشىدىكى ئىسلامى خىلافەت كە لايىق ھالدا ھىجاپلىق نامايىش قىلىشى، ئۇيغۇر كىملىگى بىلەن ئىسلامى كىملىكنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىدىكى ئورنى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلارنى ئۈستقۇرۇلمىدىكى زىديەتكە ئېلىپ باردى. ئۇيغۇر داۋاسى مىللەت داۋاسىمۇ ياكى دىن داۋاسىمۇ دىگەن سوئال، ۋە بېرىلۋاتقان جاۋاپلار دىننىڭ مىللى داۋادىكى رولىنى قايتا نەقلەشتۈرۈش ئېھتىياجىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپتۇ.
ئىسلام ئاتالغۇسى ۋە ئۇنىڭغا ئۇلاشقان تېما ۋە ۋاريانتلارنى شەرھىلەش بۇنداق بىر كىچىك يازما ئەسلا ھۆدىسىدىن چىقىپ بولالمايدۇ. مەزكۇر يازمىدا بولسا ئۇيغۇر داۋاسى يېيلۋاتقان بۈگۈنكى خەلىقارا سەھنىنىڭ كۆرنىشىنى يورتىش بىلەن بىرگە، بۇ رىياللىقتا مۇسۇلمانلار دىننى ئېتىقادى بولغان ئىسلام بىلەن مۇسۇلمان توپلاملارنىڭ ئۆز مەنپەت-مۇددالىرىنى چىقىش قىلىپ سۈيستىمال قىلىنۋاتقان ئىسلام+ئىزم يەنى ئىسلامىزمنىڭ رىئال ھالىتىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مىللى ھېركىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۋاتقان ھەر شەخىس ۋە ھەر توپلامنىڭ، ئىتىقات ئورنىدىكى ئىسلام بىلەن ئىجدىمايى سۈيستىماللىقتىكى ئىسلامىزمنىڭ پەرقىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق، خەلىقارادا مودا بولۋاتقان، ھەر مۇسۇلمان تايىپىسى ئۆز مىللى مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن سىتراتىگىلىك ئەڭۈشتەر ئورىنىدا پايدىلنىۋاتقان ئىسلام مىللەتچىلىكى ئىديەسىنى ئىسلامىزم ئىديەسىدىن ئايرىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ دىن(ئىسلام) ئىچىدىكى ئورنى بىلەن خەلىقارا سەھنىدىكى(سىياسى كۈچلەر) ئوتتۇرسىدىكى ئۇيغۇر مىللى ھەركىتىنىڭ ئورنىنى پەرىقلەندۈرۋېلىشىغا ئۈچۈر يەتكۈزۈش مەقسەد قىلىندى.
ئىسلام بىلەن ئىسلامىزمنىڭ ھازىرقى زاماندىكى رىيال پەرقى ئۈستىدىن چۈشەنجە بېرىش ئۈچۈن مەزكۇر يازمىدا ۋەتەندىن 1960-يىلى ئافغانىستانغا [ھىجىرەت] قىلىپ چىققان ۋە 1964-يىلى ئافغانىستاندىن تۈركىيەگە قايتا [ھىجىرەت] قىلىشقا مەجبۇر بولغان بىر ئۇيغۇر توپلىمىنىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇرەككەپ سەزگۈرەشتۈرۈشلىرىنى قىستىرىپ ئۆتۈش ئارقىلىق بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ پەرقىنى شەرھىلەشكە تىرىشتۇق. ئىپادىلەشتىكى قولايلىق ئۈچۈن مەزكۇر يازمىدا بۇ بىر گۇرپا ئۇيغۇرلار [ھىجىرەتچىلەر] دەپ ئاتالدى. ھازىر تۈركىيەنىڭ قەيسىرى شەھىرىدىكى بىر مەھەللىدە ئولتۇراقلاشقان [ھىجىرەتچىلەر]نىڭ ئەينى يىللاردىكى [ھىجىرەت] سەزگۈرەشتۈرۈشلىرى ئەمىليەتتە ئۇيغۇر مىللى ھەركىتىنىڭ خەلىقارادىكى رىيال كارتىنىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ سەزگۈرەشتۈرۈشلىرىنى بۇ يەردە بايان قىلىش، بىزنىڭ بۇ يازمىدا بايان قىلماقچى بولغان ئىسلام، ئىسلائىزم، ۋە ئىسلام مىللەتچىلىكى قاتارلىق ئۈچ ئۇقۇم (ياكى كاتىگوريە)نىڭ ھازىرقى زامان ئىنسانلار جەميىتىدىكى پورتىرىتىنى نامايەن قىلىش ۋە مۇناسۋەتلىرىنى كۆرسۈتۈپ بېرىشتە ياردىمى زور دەپ ئېيتالايمىز.

بىرىنجى بۆلۈم، ئىسلام ۋە ئىسلامىزم
ئىسلام، ئۇ دىننى نۇقتىدىن قارغاندا بىر خىل ئېتىقاد شەكىلى. دۇنيادا نۇرغۇنلىغان دىن ۋە شۇنىڭغا يارشا ئېتىقاد شەكىلى بولغان بولسىمۇ، ئىنسانلار جەميىتىگە چۇڭقۇر تەسىر قىلىپ كۆلەملەشكەن دىنلاردىن 3چى بار. ئىسلام ئەنە شۇ چوڭ دىنلارنىڭ ئەڭ ئاخىردا مەيدانغا كەلگەن بىرسى. ئىسلام دىنىنىڭ ئېتىقاد شەكىلى جەھەتتىن باشقا چوڭ دىنلار، بولۇپمۇ خىرستيان ۋە كاتىلوك دىنىدىن پەرىقلىنىدىغان يېرى ئۇنىڭ مۇرتلىرى ئۆز شەخسىيىتى بىلەن ياراتقۇچىسىغا بىۋاستە ئىبادەت قىلالىشى ئىكەنلىكىدە. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى دىنلاردا مەلۇم بىر قىسىم دىننى كونتۇرۇل قىلغۇچى گۇرپا ياكى تەبىقە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بولۇپ، شۇ دىنغا ئىبادەت قىلغۇچىلار ئۆز ئىبادىتىنى بۇ ئالاھىدە تايىپىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئېلىپ بارمىسا قوبۇل قىلىنمايدىغان، شۇ سەۋەپتىن ياراتقۇچۇسىنىڭ ۋاستىچىسى بولۋالغان ئىمتىيازلىق كىشىلەر مەيدانغا كېلىپ ئېتىقاتتىكى ئېختىيارلىق ۋە ۋاستىسىزلىق توسالغۇلارغا ئۇچۇراپ كەلگەن ئىدى. ئىسلام دىنىدا بولسا نەزەريە جەھەتتىن ئېتىقاد قىلغۇچى ۋاستىسىز ھالدا ئوز ياراتقۇچىسىغا كۈندىلىك ئىبادەتلىرىنى بىۋاستە قىلالايدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىسلامغا ئىتىقات قىلغۇچى ھەر شەخىس ئالدى بىلەن ئىبادەتتە باراۋەر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرالىغان.
ئەمما ئىنسانلارنىڭ توپلام ھالەتتە ياشىشى شەخىسنىڭ ئەركىنلىكىنى توپلامنىڭ رىيال ئەھۋالىغا تەدبىقلاشنى بەلگىلەپ كەلگەن. ئىسلامنىڭ دىننى ئىتىقاد جەھەتتىن ئەمەس شۇنىڭغا ئىتىقاد قىلىپ كەلگەن ئىنسانلار توپىنىڭ ئەھۋالىنى كۈزەتكەندە، باشقا سوتسىيال توپلاملارغا ئوخشاشلا ئىسلام دىنىنىڭ مۇرتلىرى بولغان مۇسۇلمانلارغا نىسپەتەن، ھەر كىشىنىڭ شەخسى ئىشى بولغان دىننى ئېتىقادى كولىكتىپنىڭ ئارزۇسى بىلەن توختىماي مەلۇم نىشانغا توغۇرلۇنۇپ كەلگەن. يەنى كونكىرىت قىلىپ ئېيتقاندا ئىسلام بىر خىل ئىتىقاد بولۇپ، ھەر بىر ئىنسان ئاخىرەت كۈنى ئۆزىنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىدىن ئۆزى مۇستەقىل ھېساپ بېرىدىغان باشقا ھېچقانداق بىر شەخىس ياكى توپلامنىڭ ئۇنىڭ ھېساپ بېرىشىگە ياردەم قىلالمايدىغانلىقى ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى بولغان [قۇران كەرىم]دە ئىنىق يېزىلغان بولسىمۇ، شەخىسنىڭ شەخسى ئىبادىتى ھەر ۋاقىت جەميەت تەرپىدىن ئىجدىمايىلاشتۇرۇپ كېلىنگەن. بىز بۇ ئىجدىمايىلىشىشنى ئىبادەتنىڭ كوللىكتىپلىشىشى دەپ چۈشەنچە بېرىمىز. ئېتىقاتتىكى كولىكتىپلىقنى ئىسلامنىڭ دەسلەپكى بۆلۈنىش بولغان سۇنى ۋە شىئە مەژىبىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن باشلانغان دەپ ئېيتالايمىز. شەخىسنىڭ دىننى ئىتىقادى سۇنى ئىسلام ۋە شىئە ئىسلام بىلەن كولىكتىپلىشىشنى ئىشقا ئاشرۇغاندىن كېيىن كولىكتىپلىشىشتىن گۇرپىلىشىش قا قاراپ يول ئالغان. بىز بۇ يەردە سۈنى ۋە شەلەرنىڭ مەژەپ پەرىقلىرى توغرۇسىدىكى تالاش-تارتىشلارغا ئارلاشمايمىز. پەقەتلا تەكىتلەيدىغىنىمىز شەخسنىڭ ئېتىقادى بولغان ئىسلامنىڭ قانداق قىلىپ كولىكتىپلاشقانلىقى ۋە گۇرپىلاشقانلىقىدىن ئىبارەت رىيال ئەھۋالىدىن ئىبارەت.
ئىسلامنىڭ كولىكتىپلاشقاندىن كېيىنكى گۇرپىلىشىشى ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ گۇرپىلىشىشنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەپ بولۋاتقان ئامىللار دەل ئىقتىسادى مەنپەت، سىياسى مەنپەت، كۆلتۈرەل مەنپەت ۋە ئېتىنىك، مىللى مەنپەتلەردىن ئىبارەت. بۇ مەنپەتلەر بىلەن بىرلىشىپ گۇرپىلاشقان ئىسلام ئىسلامىزمدىن ئىبارەت. ئىسلامىزم ئاتالغۇسى 2001-يىلىدىكى ئامىركىدا يۈز بەرگەن 11-سەنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خەلىقارالىق مېدىيالاردا توختىماي تىلغا ئېلىنىشقا باشلىغان بولسىمۇ ئەمما بۇ ئاتالغۇ غەرىپ دۇنياسىدا 17-ئەسىردىلا مەۋجۇت . ئاممىباپ قىلىپ چۈشەنچە بەرسەك، ئىسلامنىڭ ئىسلامىزملىشىشى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر گۇرپىلارغا بۆلۈنۈپ، شۇ گۇرپا كىشىلەرنىڭ غەيرى دىننى مەنپەتىنى دىن ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان، باشقىچە قىلىپ ئېيتقساق، شەخىسنىڭ شەخسى ئىتىقادى بولغان دىننىڭ باشقا ئىديەلەر بىلەن رەڭ بېرىلىپ شۇ گۇرپا كىشىلەرنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن سۈيىستىمال قىلىنىشىدىن ئىبارەت. بولۇپمۇ خىرىستيان دۇنياسىنىڭ يېڭى پەن-تىخنىكىلار بىلەن قوراللىنىپ كۆتۈرلۈپ چىقىشى، بۇ كۆتۈرلۈشنىڭ ئىسلام جەميىتىگە ئېلىپ كەلگەن زەنجىرسىمان تەسىرلىرى، بۇ تەسىرلەرنى چۈشۈنىش ۋە چۈشەندۈرشتىكى پەرىقلەر ئەسلىدىلا كولىكتىپلىشىش ۋە گۇرپۇلۇشىشنىنى مەلۇم دەرىجىدە تاماملاپ بولۇپ ئىزىملاشقان ئىسلام جەميىتىنى تېخمۇ كۆپ گۇرپىلارغا بۆلنىشىگە ۋە كەسپى ئاتالغۇ بولغان ئىسلامىزم نىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا دەستەك بولغان.
ئىسلام جەميىتىدىكى بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ، غەرىپلىشىش دىگەن بۇ نۇقتىدىن ئانالىز قىلغىنىمىزدا، غەرىپنىڭ مودىرىنلىشىش جەريانىنىڭ مەشۇلاتى بولغان، مىللەتچىلىك، لايىقلىق(سەكۇلارىزم)، (مودىرىن)ئىلىم-پەن ۋە دىموكىراتيە قاتارلىق ئاتالغۇلار ئارقا ئارقىدىن ئىسلام جەميىتىدە سۈيىستىمال قىلىنىپ ئىسلام جەميىتىنىڭ مودىرىنلىشىشقا قاراپ ئۆزگۈرۈش ياسىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنىڭ كەينىدىنلا سوتسىيالىزىم، ئاياللار ھوھوقى(فىمىنىزم)دىن باشقا يېقىنقى يىللاردا تېرورىزمغىچە بولغان ئاتالغۇلارمۇ شۇ ئېقىمغا ئۇلىنىپ ئېقىپ كىرىپ ئىسلام جەميىتىنى جىددى قاينامغا ئايلاندۇرماقتا، ۋە ئىسلامغا ئىزمقوشۇپ ئىستىمال قىلىنىش مودا بولۇپ قالماقتا. ئىسلام مودىرنىزمنىڭ باشلىنىشىغا ئاساس سالغان جامالىدىن ئافغانىدىن باشلاپ مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان پان-ئىسلامىزم، قۇتىبىزم، سالافىزم، شىئا ئىسلامىزم قاتارلىق ئۇقۇملار؛ مودىرىن ئىسلامىزم، دىمۇكراتىك ئىسلامىزم، سوسىئال ئىسلامىزم قاتارلىق ئىدلوگيەلىك ۋاريانتلار؛ مۇسۇلمان قېرىنداشلار جېميىتى، نۇرچىلار، گۈلەنچىلەر دىگەندەك ئىجدىمايى تەشكىلاتلار؛ تالىبان، نۇسىرەت، دايىش، بوكو ھارام قاتارلىق مىللىتان كۈچلەر. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماھىيەت جەھەتتىن ئىسلامىزمدىن سىرتقا چىقالمايدۇ.
ئىسلامغا ئىزم قوشۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ خارەكتېرى نۇقۇل دىننى ئېتىقاتتىن مەلۇم توپلامنىڭ ئۆز مەقسىدىگە يېتىشتا قوللانغان، شەخسى ئىتىقاتچىلارنىڭ كۈچۈنى بىرلەشتۈرشتىكى مىتوتى بولۇپ قالغان. مەسلەن ئىسلام بىلەن سىياسى مەقسەدلەرنى ئىشقا ئاشرۇشقا ھەركەت قىلىدىغان سىياسى ئىسلامىزم(پولىتىكال ئىسلامىزم) دىگەندەك. ئەگەر ئىسلامنى دىنغا قايتۇرۇشقا توغرا كەلسە ئىزمدىن ئايرىش كېرەك ۋە ئىزمدىن ئايرىش ئۈچۈن دىننى سىياسى سۈيستىمالدىن چەتنىتىش كېرەك. ئەمما بۇ مۈمكىنمۇ دىگەندە، غەرىپچە مىللى دۆۋلەت قۇرۇش دولقۇنى ئىسلام ئەللىرىگە تەسىر قىلىپ بۇنىڭ تۈرتكىسىدە تىل ۋە ئۇرۇق-قانداشلىقنى ياكى ئەنەنۋى ياشاش تېروتوريەسىنى پاسىل قىلىپ مىللى دۆلەت قۇرۇش ئەۋىج ئالغاندا، بولۇپمۇ ئەرەپلەرنىڭ غەرىپنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىشى بىلەن ئۈممەتنىڭ ھامىسى بولۇپ تۇرغان ئوسمان تۈرك ئىمپريەسىنى پارچىلاش پالىيەتلىرى، دىننى سىياسەتتىن ئايرىپ ئىسلامنى شەخسى ئېتىقاتقا قايتۇرۇش مۈمكىن بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرىلدى. بۇ مەيلى شەرىئەتنى دۆۋلەت قانونى قىلغان سۇددى ئەرەبىستاندەك ئىسلام دولىتى بولسۇن ۋە ياكى دىن بىلەن مەمورى ھوقوقنى ئايرىپ ئىجدىمايى قانون بىلەن دۆۋلەت باشقۇرۋاتقان تۈركىيەدەك ئىسلام دۈۋلىتى بولسۇن، ئىسلامنىڭ ھەر دۆۋلەت ئۆز تېروتوريەسى ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارنى ئاساسى گەۋدە قىلىپ شۇلارنىڭ جانىجان مەنپەتىنى، ئېتىقاتتا باراۋەر بولغان چىگىرا سىرتىدىن كەلگەنمۇسۇلمانلاردىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت.
بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام جاميىتى ئاللىقاچان ئۈممەت بىلەن بىللە دۆلەت دۆلەتلەرگە پارچىلانغان، ئىسلام ھەر خىل ئىزملار بىلەن يۇغرۇلۇپ ھەر دۆلەتنىڭ چېگرىسى ئىچىدە ئۈممەتنىڭ بىر پارچىسىدىن دۆلەتنىڭ خوجايىنى ئورنىغا كۆتۈرۈلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ جانىجان مەنپەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلۋاتقان ھالەتتە. مىللى دۆلىتىنى قۇرۇپ ئۈممەتنىڭ بىر پارچىسىنى ساقلاپ قېلىشقا قادىر بولالمىغان بىچارە مۇسۇلمانلار بولسا، ئۆزلىرىنى قوغدايدىغان قورغان يوق، ياكى ئوتوپىيە بولۇپ كېتكەن ئۈممەت توپلىمىنىڭ داۋاسى ئۈچۈن ۋە ياكى ئېتىنىك جەھەتتىن پۈتۈنلەي پەرىقلىنىدىغان مۇسۇلمان توپلاملىرىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن ئۆلۈپ تىرلىپ يۈرۈپتۇ.
ئىزم يېقىنقى زامان غەرىپتىن كىرگەن ئىديولوگيەلىك قوشۇمچە بولسىمۇ، ئىپادىلەش شەكىلىگە تەدبىقلىغاندا خۇددى يۇقۇردا ئېلىپ ئەيتقاندەك، ئىسلامنى سىياسى مۇدداغا سۈيستىمال قىلىپ ئىسلامىزمغا ئۆزگۈرۈشى ماھىيەت جەھەتتىن سۇننى شىئە ئايرىلىشىدىن باشلانغان. شۇ سەۋەپتىن ئىسلام(ئېتىقاد)غا ئىزم(ئىدىلوگيە) ئارلىشىپ ئۆز-ئارا قان تۆكۈشۈپ بوغۇشىنى نۇقۇل غەرىپنىڭ، خىرىستىياننىڭ ياكى يەھۇدىنىڭ سۇيقەستلىرىدىن كۆرۈش ئىلمىلىك بولمايدۇ. مەسىلەن يەھۇدىلەر تاكى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرشى ئاخىرلىشىپ ئەنگىليەنىڭ مۇستەكەم يۆلشىنى قولغا كەلتۈرۈپ دۆۋلەت قۇرغۇچە (ئامرىكا بولسا ئىسرايىل دۆۋلتى قۇرۇشقا قارشى چىققان)، ناتسىس گىرمانيەسىنىڭ قىرغىنچىلىقىدا مىللى مەۋجۇدلۇقىنى ساقلاپ قېلىشقىمۇ ماجالى قالمىغان، ئىسلامغا سۇيقەست قىلغۇدەك ھالى تېخىمۇ يوق ئىدى.
سۇنى، شىئەدىن باشلانغان ئىسلامنىڭ سىياسىلىشىشىدىن (ئىزىملىشىشىدىن)بىز ئۇيغۇرلار قېچىپ قۇتۇلالمايدىكەنمىز، ئۇنداقتا مىللى مەۋجۇتلۇقۇمىزنى ساقلاشقا، مىللى داۋارىمىزنى غەلبىلىك ئېلىپ بېرىشتا قانداق ئىسلامىزم بىزنىڭ مىللى كۈرەشلىرىمىزنى تېخىمۇ غەلبىلىك قوللىيالايدۇ؟

ئىككىنجى بۆلۈم، ئىسلامىزم ۋە ئىسلام مىللەتچىلىكى
يۇقۇردا بىز ئىسلامىزم بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق. بۇ يەردە ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە شۇكى، ئىسلام مەزمۇنى ئارلاشتۇرۇلغان بارلىق ئىدلىلوگىيەلىك ئېقىملار ئىسلامىزم بولشى كېرەكمۇ دىگەندىن ئىبارەت. مەسىلەن تۈركچىلىك ئېقىمى بولغان <<تۈرك ئىسلام سېنتىزى>> نى تىلغا ئالساق، ئىسلام دىنىنى مىللى كۆلتۈرنىڭ تەركىبى قىلىپ تۈرك مىللەتچىلىكىنى گەۋدۈلەندۈرگەن بۇ ئىدلوگيە ئىسلامىزم كاتىگوريەسىگە قويلۇشى كېرەكمۇ؟ ئەمىليەتتە بۇنىڭغا جاۋاپ بېرەلەيدىغىنى يەنىلا بۇ ئىدولوگىيەدە ئىسلامنىڭ سالمىغىغا قاراپ ئىسلامىزممۇ ياكى ئىسلام مىللەتچىلىكىمۇ دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. مەسىلەن ئىسلامىزملا بولىدىكەن بۇ ئىدولوگيە ياكى پىكېر ئېقىمىنىڭ غولى ئىسلام ۋە مەقسىدىمۇ ئىسلام ئۈچۈن بولىدۇ، باشقا قوشۇلۇپ يۇغۇرۇلغان مەزمۇنلار بولسا پەقەت ۋاقىتلىق شۇ نىشانغا يەتمەك ئۈچۈن ئېھتىياجغا قاراپ سۈيستىمال قىلغان ۋاستە بولىدۇ. ئەمما ئىسلامنى كۆلتۈر ھادىسىسى قاتارىدا ئېتىنىك گۇرپىنىڭ تەركىبى قىسىمى دەپ قارالسا، ئۇ چاغدا بۇ ئىسلام مىللەتچىلىكى بولىدۇ. شۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا كۆلتۈر ئىسلامىزم بىلەن ئىسلام مىللەتچىلىكى ناھايتى يېقىن تۇرۇدۇ.
ئىسلام مىللەتچىلىكى (ئىسلامىc ناتىئونالىسم) بۇمۇ كونا بىر ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ دىننى مىللەتچىلىك (رەلىگىئوئۇس ناتىئونالىسم) ئىقىمىگە كىرىدۇ. دىننى مىلەتچىلىك بۇ ھەممە دىنلاردا بار بولۇپ، مەسلەن يەھۇدى مىللەتچىلىكى (جەۋىش ناتىئونالىسم)، خىرستيان مىللەتچىلىكى (چرىستىئان ناتىئونالىسم)، بۇدىست مىللەتچىلىكى (بۇددھىست ناتىئونالىسم) قاتارلىق. ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى بار ئىسلام مىللەتچىلىكى ھەققىدە تۆۋەندە تەپسىلى توختىلىمىز.
بارلىق دىننى مىللەتچىلىك ئىديەلىرىگە ئوخشاش، ئىسلام مىللەتچىلىكىمۇ دىننىڭ ئۇيۇشتۇرۇش كۈچۈنى مىللى بىرلىك قۇرۇش، يەنى دىننىڭ ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىدىن پايدىلنىپ ئوخشاش دىن، ئوخشاش تىل، ئوخشاش كۆلتۈر ئەن-ئەنىسىگە ئىگە ئىنسانلار توپىنىڭ بىرلىشىپ غەيرى دىننى مەقسەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىدلوگيەدىن ئىبارەت. مەسلەن پاكىستاننى قۇرغۇچىلار ھىندىستاندىن ئايرىلىپ چىقىپ ئۆز ئالدىغا مىللى دۆۋلەت قۇرغان ۋاقتىدا ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى دەستەك قىلغان بولماستىن، ئۆزلىرىنىڭ ھىندىستاننى بۈيۈك دۆۋلەتكە ئايلاندۇرغان موغال ئىمپىريەسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى پەش قىلىپ ئوردۇ مىللىتى بولۇپ ھىندىستاندىن بۆلۈنۈپ چىققان. ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىق كىملىگى بولسا ھازىر مۇقۇم ئۇقۇم بولۇپ قالغان پاكىستان مىللەتچىلىكى (پاكىستانى ناتىئونالىسم)نىڭ ھۇلى بولۇپ قالغان.
مىللەتچىلىك مودىرنىزمنىڭ مەھسۇلاتى بولغانلىقى ئۈچۈن دىننى مىللەتچىلىكمۇ مودىرنىزمنىڭ ھەرقايسى رايونلاردىكى يەرلىك ۋاريانتى دىيىشكە بولىدۇ. ئىسلام جەميىتىنى ئېلىپ ئېيتساق، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ئاتالمىش غەرىپنىڭ ئىختىراسى دەپ نام بېرلىپ كېلىنۋاتقان بارلىق ئاتالغۇلارنىڭ ئارسىدا، ئىسلام جەميىتىگە ئەجەللىك تەسىر بەرگىنى مىللەتچىلك بىلەن لايىقلىق ئىديەسى بولغان. ياپونيەلىك تۈركىشۇناس ئارائى ماسامى(新井正美)ئوسمان ئىمپىريەسىنىڭ ئاخىردا لايىقلىق پەن-تېخنىكىنى گۈللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ ئىمپورت قىلىنىپ، ھەمدە ئىسلامنىڭ ئىدولوگيەسىگە يۇغۇرۇلۇپ سۈيىستىمال قىلىنغان. ئەمما ئۈممەتچىلىك يىمىرلىپ [مىللى دۆۋلەت(ناتىئون ستاتە)]نىڭ ئاساسى گەۋدىسى بولمىش [تۈرك]لەرنىڭ قانونى ئورنىنى قوغداش يولدا مىللەتچىلىك بىلەن بىرلىشىپ، دىن بىلەن ھۆكۈمەت ئايرىلغان دۆۋلەت تۈزۈلمىسى بولۇپ ئۆزگەرگەن دەپ كۆرسىتىدۇ(新井 2001:212).
لايىقلىق بولسا خىرىستىيان-كاتولىك جەميىتىدە دىن بىلەن ھۆكۈكمەتنى ئايرىش ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن دېمۇكىراتيە تۈزۈلمىسىنى قوغدايدىغان ئاساس سۈپتىدە يۇقرى ئاۋازدا تەكىتلىنىپ كەلگەن ئىدولوگىيەدۇر. لايىقلىق ئىدلوگىيەسى غەرىپ جەمىيىتىگە شۇنچىلىك موھىمكى، ۋاتىكاننى مەركەز قىلغان چوڭ كىچىك دىننى جەميەتلەر، مەھكىمىلەرنىڭ ئاۋام پۇقرالار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن 1000 يىللىق زىيانكەشلىككە تولغان دىننى مونوپوللىقلىرىنىڭ قايتا سادىر بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساسى ئىدولوگيە ھېساپلىنىدۇ. ئەمما لايىقلىق قوشۇلغان دەمۇكىراتيە دەپ قاراپ كەلگەن غەرىپ (خىرىستيان دىنى) جەميىتى بىلەن پەرىقلىق بولغان يېرى شۇكى، ئىسلام دىنىدا بولسا خىرىستيان دىندەك شەخىسنىڭ دىننى ئېتىقاتىنى مونوپول قىلىش ئارقىلىق دۆۋلەت ھوقوقىغا چاڭگال سالدىغان دىنني جەميەت(تەرىقەت يولىدىكى دىننى گۇرپىلارنىڭ تەسىرى بار دۆۋلەتلەردە يەنە باشقىچە ئەھۋال مەۋجۇت) مەۋجۇت بولمىغانلىق سەۋەبىدىن، لايىقلىق ئەڭ باشتىلا دەموكىراتيەنى ئەمەس بەلكى مىللەتچىلىكنى قوغدايدىغان قالقان سۈپتىدە سىياسى سەھنىدە پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىسلام جەميىتىگە ئەكىرىلگەن.
ئىسلام جەميىتى ئۈممەت بىلەن تەڭ پارچىلىنىپ ھەر خىل نامدىكى ئىسلام دۆۋلەتلىرىنىڭ چېگرىسى ئىچىدە بارلىق مۇسۇلمانلار ئەمەس، بەلكى شۇ دۆۋلەتلەرنىڭ ئېگىسى بولغان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى، ئىسلامنىڭ مىللەتلىشىشى نى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىسلامنىڭ مىللەتلىشىشىنى يەنى ئىسلام مىللەتچىلىكىنى، ئۆز مىللى دۆۋلىتى بولمىغان، ئىسمى بار جىسمى يوق ۋەتىنى شەرقى تۈرىستاننىڭ ئىچى سىرتىدا تەڭ سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇر بولۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ توغرا تونۇشى بەك موھىم. بۇ ھەرگىزمۇ بىر قىسىم ئىنسانلارنىڭ ئۈممەتنى پارچىلاشتىكى سۈيقەستى بولماستىن، پۈتۈنلىككە ئىگە ئەن-ئەنىۋى ئۈممەت جەميىتىنى مۇسۇلمانلار ئاللىقاچان ئۆز ئالدىغا مىللى دۆۋلەت(ناتىئون ستاتە) قۇرۇش ئارقىلىق پارچىلاپ بۆلىشىۋالغانلىقى، شۇ ئارقىلىق ئىسلام مىللەتچىلىك دەۋرىگە كىرگەن رىياللىقنى ئېتىراپ قىلىش خالاس. بۇ رىياللىقنى بىز بۇ يېردە كىرىش سۆزدە تىلغا ئېلىنغان [ھىجىرەتچىلەر] نىڭ سەزگۈرەشتۈرىشلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ ئىنىق يورتۇپ بېرىشكە تىرشىمىز.
بۇ [ھىجىرەت]نىڭ مەيدانغا كېلشى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرشى ئاخىرلاشقان، يەر شارىدىكى بار زىمىنلارغا ئىنسانلار مىللەت بىرلىكى بىلەن مىللى دۆۋلەت قۇرۇپ ئىگەللەپ بولغان، ۋە شۇنىڭدەك كومىنىزم لاگىردىكى سوۋىت-خىتاي مۇناسۋەتلىرى يىرىكلىشىپ 1955-يىلىدىكى سوۋەت كومىنىستىك پارتيەسى 20-قېتىملىق قۇرۇلتايىدا دەز كەتكەن (中嶋 1978:235) خەلىقارالىق ئارقا كۆرنۈشكە ئىگە. سوۋىت ئىتپاقى بىلەن مۇناسۋەتىنىڭ يىرىكلىشىگە ئەگشىپ، خىتاي ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھالدا خەلقارالىشىشقا يۈزلەنگەن. شۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن 1954-يىلدىن باشلاپ خىتاي كومىنىست ھۆكۈمىتى [5اساسى پىرىنسىپ] نى تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسى قىلىپ بولۇمپۇ ئۈچۈنچى دۇنيا ئەللىرىگە ئېكىسپورت قىلىشقا باشلىغان. شۇنىڭدەك ئاسيا-ئافرىقا قۇرۇلتايىدىكى ئاكتىپ ھەركەتلىرى ئارقىلىق 1971-يىلى جوڭ خۇئا مىن گۇئو (تەيۋەن) نى سىقىپ چىقىرىپ ئورنىغا بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتىغا دايىمى ئەزا بولغان.
بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىش ئۈچۈن خىتاينىڭ باش مىنىستىرى جۇ ئىنلەي ئاكتىپلىق بىلەن بىر قاتار تاشقى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزىپ، ئاسيا-ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆۋلەتلەردە زىيارەتتە بولۇش بىلەن بىرگە، ھەرقايسى دۆۋلەتلەر باشلىقلىرىنى خىتايغا زىيارەتكە تەكلىپ قىلغان. شۇ مەزگىلدە ئافغانىستان كارولى خىتاي باش مىنىستىرىغا شەرقى تۈركىستاندا تۇرۇپ قالغان ئافغان پۇقرالىرىنىڭ ئۆز دۆۋلتىگە قايتىشىغا يول قويشىنى بىر قېتىملىق ئۇچۇرۇشۇشتا ئوتتۇرغا قويغان .
شۇ سەۋەپتىن 1959-يىلى، خىتاي ھۆكمىتى بىلەن ئافغانىستان ھۆكمىتى ئارسىدا كۆچمەنلەرگە ئالاقىدار كېلشىم تۈزۈلگەن. كېلىشىمنىڭ ئاساسلىق مەزمونى شەرقى تۇركىستاندا ئۆزىنىڭ ئافغان ئىكەنلىگىنى، ۋە ياكى ئافغان پۇقرالىرى بىلەن ئېتىنىك باغلىنىشى بارلىقىنى ئىسپاتلىيالايدىغانلار بولسا، ئافغانىستانغا كۆچۈشكە رۇخسەت قىلىنىدىغان بولغان. بۇ كېلشىم شەرقى تۇركىستاندا بىر قىسىم كىشلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئافغان نەسلىدىن دەپ ئافغانىستانغا كۆچىشىگە سەۋەپ بولغان، ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ كۆچۈشىنى [ھىجىرەت]دەپ ئاتىغان.
[ھىجىرەتچىلەر] لەر ئافغانىستانغا ۋەتنىگە قايتقان شەكىلدە ھىجىرەت قىلغان. ئافغانىستان دۆۋلتى پۇقراسىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئېتىنىك ئۆزلىگى بولمىغان [ھىجىرەتچىلەر]نى، ئافغانىستان ھۆكۈمەت ۋە خەلقى ئوخشاش مۇسۇلمان دىگەن ئۈمەتتچىلىك نۇقتىسىدىن تۇرۇپ قېلشىنى قوبۇل قىلىپ، ئافغائىستانغا قانونسىز كىرگەن ھەركىتىگە كەڭ-قورساق مۇئامىلىدە بولغان. ئەمما، ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىشلارغا چەك قويۇپ، [ھىجىرەتچىلەر] نىڭ ئىش-پالىيەتلىرى تەشكىلات قۇرۇش، خىتاينىڭ زۇلۇمىنى پاش قىلىش قاتارلىق ئېتىنىك كىملىكىنى نامايەن قىلىدىغان سىياسى ساھەلەرگە چېتىلىشكە باشلىغاندا، ئافغان پارلانمىتىدىن قارار ماقۇللاپ ئۇلارنى خىتاي دۆلىتىگە قايتۇرۇشنى قارار قىلغان.
[ھىجىرەتچىلەر] بۇ قايتۇرلۇشتىن بۇرۇن بارغۇدەك ئۈچۈنجى بىر دۈۋلەتنى ئىزدىگەن. كابۇلدىكى خەلىقارا تەشكىلاتلار ۋە تۈركىيە ئەلچىخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئۇلارغا ياردەمدە بولغان، ۋە ئاخىرى ئۇلار بىرلىكتە تۈركىيەگە بېرىشنى قارار قىلغان. ئەمما تۇركىيەگە بېرىش ئىشىدا بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ، بۆلۈنۈپ ئايرۇپلاندا يولغا چىقىش ئالدىدا ئارسىدا پارچىلىنىش كۆرۈلگەن.
بۇ پارچىلىنىش بىزگە ئەينى زاماندىكى(ۋە ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان) ئۇيغۇر جەميىتى دۇچ كەلگەن مۇرەككەپ خەلقارالىق ۋەزيەتنى كۆرسۈتىپ بېرىدۇ. [ھىجىرەتچىلەر] نىڭ سىياسى پالىيىتىدىن ئەندىشە قىلغان خىتاي ھۆكمىتىنىڭ كابۇلدا ئېلىپ بارغان پالىيىتى بىلەن بىرگە، خىتاي بىلەن دۈشمەنلىشىپ كېلىۋاتقان سوۋىت ئىتپاقى ۋە تەيۋەن ھۆكمىتىمۇ [ھىجىرەتچىلەر] ئارسىدا ئاكتىپ پالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. سوۋىت ئىتپاقى [ھىجىرەتچىلەر] نى سوۋەت بۆلگىسىدىكى تۈركىستان رايونغا كۆچۈشنى تەشۇببۇس قىلغان بولسا، تەيۋەن ھۆكۈمىتى، ئۇلارنى خالىسا تەيۋەنگە خالىمىسا تەيۋەن پاسپورتى ئىشلىتىپ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس شەھىرى مەككە مۇكەرەم بار سۇددى ئەرەبىستانغا كۆچۈشنى تەكلىپ قىلغان(جانتۈرك 1995:18).
بۇ يەردە سوۋىت ئىتپاقىنىڭ پوزىتسىيەسىنى ياپونيەلىك تەتقىقاتچى كاگامى كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك سوۋىت ئىتپاقى خىتاي بىلەن بۇزۇلغان مۇناسۋەتىگە ئۇيغۇرلارنى سۆرەپ كىرىپ سىياسى جەھەتتىن پايدىلنىشنى مەقسەت قىلغان(加々美 1992). ئەنگىليەلىك تەتقىقاتچى تايلىر بولسا ئەينى زاماندا تۇركىيەدە سىياسى پاليەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىيونى ئەيسا ئالىپتېككىننى سوۋىت ئىتپاقى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق پاليەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئورتا ئاسياغا تەكلىپ قىلغانلىغىنى قەيىت قىلىدۇ(تايلىر 2003:225). سوۋىت ئەلچىخانىسى ھەتتا [ھىجىرەتچىلەر]گە تۈركىيەنىڭ دىن ۋە مەمورى ھوقوق ئايرىلغان بىر دۆۋلەت ئىكەنلىكىنى ئۇ يەردە ئاياللارنى مەجبۇرلاپ ناشايان ئىشلارغا سالىدىغانلىقىنى، دىن چەكلەنگەنلىكىنى، ئۇ يەرگە كۆچسە مۇسۇلمانلىقتىن ۋاز كېچىشكە توغرا كېلىدىغانلىقى قاتارلىق ئۆسەك سۆزلەرنى تارقاتقان. تەيۋەننىڭمۇ خۇددى سوۋەت ئىتپاقىدەك ئۇيغۇرلارنى ئىككى پارتىيەنىڭ ئۇرۇشىغا سورەپ كىرىشنى مەقسەت قىلدىغانلىغىنى بىلەلەيمىز. تەيۋەن ھوكمىتى [ھىجىرەتچىلەر]نى تەيۋەنگە بېرىشىنى خالمىغان ئەھۋالدا، تەيۋەن پۇقراسى سۈپتىدە ئوتتۇرا شەرىققە ئولتۇراقلاشتۇرۇپ، [ھىجىرەتچىلەر]نىڭ مۇسۇلمانلىق سالاھىتىدىن پايدىلنىپ، خىتاي كومىنىست ھۆكمىتى بىلەن قارشىلىشىۋاتقان تاشقى سىياسىتىنى كۈچلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. بىرقانچە مىللى دۆۋلەتلەرنىڭ بۇ خىلدىكى سىياسى ئويۇنلىرى بىلەن [ھىجىرەتچىلەر] ئوتتۇرسىدا پارچىلىنىش يۈز بېرىپ، 70 ئايىلە تۈركىيەگە، 88 ئايىلە سۇددى ئەرەبىستانغا، 15 ئايىلە سوۋىت تەۋەلىكىدىكى ئورتا ئاسىياغا يۆتكلەگەن. ھىچ يەرگە يۆتكۈلۈشنى خالىماي كابۇلدا قېلىپ قالغان نەچچە ئايلىلىك كېيىنكى تالىبان-ئامرىكا توقۇنۇشىدا ئىزلىرى ئۆچكەن بولسا، سۇددى ئەرەبىستانغا يۆتكەلگەنلەر ئەرەپلىشىپ، ئورتا ئاسىياغا كۆچكەنلەر بولسا ئىقتىسادى قەھەتچىلىككە ئۇچۇراپ، پەقەت تۈركىيەگە يۆتكەلگەن [ھىجىرەتچىلەر]لا قەيسىرى شەھىرىدە ئۇيغۇر مەھەللىس شەكىللەندۈرۈپ ئۇيغۇرلۇق يىلتىزىنى ساقلاپ قېلىشقا قادىر بولالىغان.
خۇلاسە شۇكى، [ھىجىرەتچىلەر] ئىككىنجى قېتىم [ھىجىرەت] قىلىشنى تاللىشى يەنىلا زىيانكەشلىكتىن ئۆزنى چەتكە ئېلىشنى مەقسەت قىلغان. ئىسلام دۆۋلىتى بولغان ئافغانىستان ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىق كىملىكىگە ھامى بولۇپ ئۆز تېروتوريەسىدە ياشاشقا رۇخسەت قىلسىمۇ، ئۇيغۇر بولمىش [ھىجىرەتچىلەر] نىڭ مىللى كىملىكىگە ئېگە چىقسا ئۆز دۆۋلىتىنىڭ (ۋە شۇنداقلا مىللىتىنىڭ) مەنپەتىگە تاقاشقانلىق سەۋەبىدىن، ئۈممەتنىڭ مەنپەتى ئەمەس مىللەتنىڭ مەنپەتىدىن چىقىش قىلىپ [ھىجىرەتچىلەر] گە ھامىلىق قىلىشتىن ۋاز كەچكەن. يەنى، ھىجىرەت قىلىش ئۈممەتچىلىك ئىديولوگيەسىدىكى جەميەتتە چۈشۈنۈشكە ئېرشەلەيدىغان ھەركەت بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئېتىنىك كىملىك تەلپىنى مەزمۇن قىلغان سىياسى پالىيەتلەرنى ئېتىراپ قىلىمىغان. بۇنىڭدىن يەكۈنلەشكە بولدىكى، ئۈمەمتچىلىك ئالىقاچان مىللى دۆۋلەتلەردە ئوتوپىيە نەزەريەسىگە ئايلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئىسلام مىللەتچىلىكى ئىگەللەپ بولغان. مۇسۇلمان ئۇيغۇر [ھىجىرەتچلەر]گە قارتىلغان بۇنداق ئىككى بىسلىق ئۆلچەم، ئافغانىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۈممەت گەۋدىسىدىن ئاجىراپ مىللى دۆۋلتىگە ئۆزگەرگەن بارلىق ئىسلام دۆۋلەتلىرى دۇچ كەلۋاتقان ئىسلامدىن ئىسلام مىللەتچىلىكىگە پارچىلنىشنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.
يەنە بىر جەھەتتىن، ئىككىنجى قېتىملىق ھىجىرەتكە مەجبۇر قىلىنىغان زىيانكەشلىك دىننىي كىملىكىگە قارتىلغان بولماستىن بەلكى ئېتىنىك كىملىگىگە قىلىنغان زىيانكەشلىك بولغان. شۇ سەۋەبىتىن، ئۈممەت جەميىتى دىننى زىيانكەشلىكتىن ساقلاپ قالالىسىمۇ، [ئافغانىستانلىق]بولمىش مىللى (ئېتىنىك) كىملىگى بولمىغان ئۇيغۇرلارنى قوغدىيالمايلا قالماستىن، قايتىدىن[ھىجىرەت]قىلىشقا مەجبۇرلىغان. يەنى، [ھىجىرەتچىلار] دىننى جەھەتتىن ۋە ئېتىنىك جەھەتتىن تەڭ قوغدىنىشقا مۇھتاج بولغاندا، ئېتىنىك-كۆلتۈر جەھەتتىن ئۆزلىرىگە تېخمۇ يېقىن بولغان مىللى دۆۋلەت(ناتىئون ستاتە)تە تۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولغان. [ھىجىرەت]نىڭ يەكۈنىمۇ بىزگە ئۇيغۇرلار ئېھتىياجلىق بولغان مىللى دۆۋلەت ئۇلارنىڭ دىننى ۋە ئېتىنىك كىملىگىنى تەڭ قوغدىيالايدىغان بولشى كېرەكلىگىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دەل ئۇلار كېيىن ئىككىنجى قېتىم ھىجىرەت قىلغاندا پەقەت تۈركىيەگە كۆچكەن قىسىمىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىككى خىل كىملىگى بىلەن توپلام ھالىتىدە ساقلىنىپ قېلىشى، تۈركىيە دۆۋلىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئېھتىياجلىق مىللى دۆۋلەتنىڭ مودىلى بولالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.
ئەمدىن بۇ يەردە مىللى دۆۋلەت ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمىز. غەرىپچە مىللى دۆۋلەت ئۇقۇمى بولسا ئېنگىلىسچە ناشيۇن-ستىت(ناتىئون ستاتە) ۋە ياكى فرانسوسچە ئەتات-ناتىئون(ئەتات-ناتىئون)نىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، بۇ ئۇقۇمنىڭ مەنىسى تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ ئەمما مەزمۇنى ھەر دۆۋلەت قۇرغان ئىنسان توپلۇمىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىژات بېرىلىپ كېلىنگەن. ياۋرۇپادا مەيدانغا كەلگەن بۇ ئۇقۇمدىكى (ناتىئون) بولسا ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقۇدىكى سىياسى جۇغراپىيە ئەن-ئەنە بويچە ھەر مىللەتنىڭ ئۆز تەغدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان دۆۋلىتى بولۇش ئەن-ئەنىسىنى، يەنى ئەزەلدىن ھەر مىللەت مەلۇم تېروتوريەنى پاسىل قىلىپ ياشاپ كەلگەن ياۋرۇپادا تىنىچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر مىللەت بىر دۆۋلەت (ناتىئون)ئاتالغۇسۇنىڭ ئەسلى يەشمىسى بولغان بولسا، ياۋرۇپادىن باشقا زىمىنلاردا ياۋرۇپادىن ئۈگنۈپ مىللى دۆۋەت قۇرغانلار، ئۆز تەۋەسىدىكى ئىنسانلارنىڭ تاق مىللەت ياكى كۆپ مىللەت بولۇش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ (ناتىئون) ئۇقۇمۇغا ئوخشىمىغان شەكىلدە ئىژات بەرگەن. مەسلەن كۆپ مىللەت كۆپ كۆلتۈرلۈك دۆۋلەت بولمىش ئامرىكا ياكى خىتاي بولسا (ناتىئون) نى دۆۋلەت دەپ ئىستىمال قىلىپ كەلسە، ياپونيە ۋە تۈركيەگە ئوخشاش سىياسى جەھەتتىن تاق مىللەت تاق كۆلتۈرنى تەرغىپ قىلىدىغان دۆۋلەت مىللەتچىلىك نۇقتۇسىدىن (ناتىئون) ئۇقۇمىنى بىر مىللەت بىر دۆۋلەت شەكىلىدە قوبۇل قىلغان. شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇرلار خىتايچىدىن قوبۇل قىلغان بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتى تۈركچىدە بولسا ئەكسىنچە بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلات دەپ ئىشلىتىلىپ كېلىنمەكتە. بۇ ئىككى تەرجىمىنىڭ ئەسلىسى بولسا ئەمىليەتتە ئېنگىلىسچىدىكى (ناتىئون ستاتە) دىگەن بىر ئاتالغۇدىكى ناشون ئۇقۇمىغا بولغان ئىككى خىل يەشمىنىڭ ئىپادىسى ھېساپلىنىدۇ. بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبى بولسا، ئەسلى ياۋرۇپادىن كىرگەن تۇركچىدىكى لايىق(دىننى ھوقوق بىلەن سىياسى ھوقوق ئايرىلغان تۈزۈلمە) ئىديەسى ياۋروپادا لايىق قوشۇلغان دىمۇكىراتيە ھالىتىدىكى سىياسى سېستىمىنى دۆۋلەت تۈزۈلمىسى قىلغان بولسا، ئۆز مىللى دۆۋلىتىنى قۇرغان ئىسلام دۆۋلەتلىرىدە لايىق قوشۇلغان مىللەتچىلىك دىگەن سىياسى تۈزۈلمە شەكىلىگە ئۆزگەرتىلىپ سۈيستىمال قىلىنغان. مەيلى ناشىئون ئاتالغۇسىنى بىر مىللەت بىر دۆۋلەت شەكىلىدە سۈيستىمال قىلغان ياۋرۇپا دۈۋلەتلىرى بولسۇن، ۋە ياكى ناشىئون دىگەننى دوۋلەت ئاتالغۇسى ئورنىدا ئىشلىتىپ كەلگەن ئامرىكا دۆۋلىتى بولسۇن، ئىجدىمايى سىياسى ھوقوقنىڭ مۇكەممەلىشىشى بىلەن تەڭ قانون تۈزۈلمىلەرنىڭ مەلۇم تايىپىدىن پۈتۈن پۇقرالارنىڭ قولىغا ئۆتۈشىنى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى سەۋەبىدىن، ھازىر بۇ دۆۋلەتلەردە ناشىئون ستىيتكە بولغان ئىژات پۇقرا دۆۋلىتى (Cىۋىc ستاتە) دىگەن دىمۇكىراتىك مەزمۇنغا مەركەزلەشمەكتە. دىمۇكراتيەنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغان بۇ دۆۋلەتلەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دىننى سىياسەتكە سۈيستىمال قىلىشتىن ئازات قىلىپ، ئۇنى نۇقۇل شەخىسنىڭ دىننى ئىتىقاتىغا قايتۇرۇش ئىشىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالىغان. مەيلى خىرستىيان- كاتىلوك ئارقا كرنۈشىگە ئېگە ياۋرۇپا دۆۋلەتلىرى (ئامرىكا-كانادا-ئاۋستۇراليە قاتارلىق جۇغراپىيە جەھەتتىن ياۋرۇپا بولمىسىمۇ بۇنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ) بولسۇن، ۋە ياكى خىرىستىيانلىق ئەن-ئەنىسىدىن كۆپ يىراق ياپونيە بولسۇن، قانونى ھوقوقتىكى باراۋەرلىكنى ھەر بىر پۇقراغا قەدەر ئەمىللەشتۈرەلىگەن بۇ دۆۋلەتلەردە ئەمىليەتتە مۇسۇلمانلار ئۈمۈت قىلغان، دىننىڭ سىياسەتتىن خالى بولۇشنى ناشىئون ستىيتنىڭ مىللى دۈۋلەتتىن پۇقرا دۆۋلىتىگە ئۆتىشىنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان. دىمۇكىراتيەنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرالمىغان، يەنى ناشىئون ستىيت تىكى ناشىئون ئاتالغۇسۇنى مىللەت ياكى دوۋلەت ئۇقۇمىدىن پۇقرا ئۇقۇمىغا كېڭەيتەلمىگەن دۆۋلەتلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ مىللى مەنپەتى ئۈچۈن دىننى داۋاملىق مىللى مەنپەتى ئۈچۈن سۈيستىمال قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. سايلام ھوقۇقى بار قانونى تۈزۈلمىلىرىدىكى ئىسلام دۆۋلىتى پاكىستاننى مىسالغا ئالساق، ئىسلام مىللەتچىلىكىنىڭ تارمىقى بولغان پاكىستان مىللەتچىلىكى (پاكىستانى ناتىئونالىسم)نىڭ تەسىرى بۇ دۆۋلەتنىڭ سىياسىتىگە چۇڭقۇر تەسىر قىلىپ كەلمەكتە ۋە شۇ سەۋەپتىن ئەسلى دىمۇكراتىك دۆۋلەتلەردە ئەمەلگە ئېشىشقا تېگىشلىك ئاياللار ھوقوقى، خىلاپەت ئەركىنلىكى ۋە دىننى ئەركىنلىكلەر تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغىنى يوق.

ئۈچۈنچى بۆلۈم، ئىسلام مىللەتچىلىكى ۋە ئۇيغۇر مىللى ھەركىتى
ئىسلام ئىسلامىزم بولۇپ بولغان، بارچە مۇسۇلمان مەلۇم كۈچ ئاستىغا مەلۇم ئىسلامىزم ھالىتىدە ئۇيشۇپ ئۆزگە بىر باش-پانا بولىدىغان مىللى دۆۋلەتكە ئەزا بولۋالغان ياكى بولۇشقا تىرشىۋاتقان بۇ رىيال دۇنيادا، ئۇيغۇر مىللىتى مىللى داۋا ئۈچۈن ئىسلامى توننى نەدىن پىچىشى كېرەك؟ ئەرەپ ئىديولوگيەسىدىكى ئىسلامىسممۇ( شەرىيە دۆۋلىتى، ۋاھابىلىق، خەلفىلىك دىگەندەك)، ئىران ئىدولوگيەسىدىكى شيا ئىسلامىزممۇ(ماھىدى، 12 ئىمام)، ۋە ياكى تۈرك ئىدولوگيەسىدىكى ئىسلامىزممۇ( دىننى مىللى كۆلتۈرنىڭ تەركىبىگە كىرگۈزۈش، ۋە ئېتىنىك كىملىكنى قوغداشنى ئالدىنقى شەرت قىلىش)؟
ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار بولسا غەرىپتىن ئالغان مىللى كىملىگى بىلەن ئىسلامدىن ئالغان دىننى كىملىكى ئارسىدا قايسىنىڭغا ئالدىدا ئېگە چىقىش؛ قايسىسى قايسىسىنى قوغداش ۋە ياكى قايسى بىرسىنى يەنە بىرسىگە خىزمەت قىلدۇرۇش دىگەندەك تاللاشلار ئىچىدە قايمۇقماقتا، ۋە قايمۇقتۇرۇلماقتا.
ئەمدى باشتىكى قۇرلاردا بۇ يازمىنى يېزىشقا تۈرۈتكە بولغان دوپپا بىلەن ھېجاپنىڭ جېدىلىگە قايتىپ كېلسەك، ئىسلامنىڭ ئىسلامىزملىق رىياللىقىنى چۈشنۈپ يەتمىگەن دىنغا مايىل ئۇيغۇرلۇرىمىز بولسا، دىننى شەكىل بىلەن مىللى داۋانى ئېلەپ بېرىشنى، مىسالەن دىننى ئېتىقاد ۋە كىيىم كېچەك خىلافىتىنىڭ شەخىسنىڭ دىمۇكىرات تاللىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئارقىلىق، ئۇنىڭ مىللى داۋاغا تەسىر بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. ئەمما ئىسلامنىڭ ئىسلامىزملىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىسلامى كۆز-قاراش ۋە ئىسلامى خىلافەتلەرنىڭ مىللى داۋانىڭ جانىجان مەنپەتىگە لايىق تون قىلىپ پىچىلىشى كېرەكلىگىنى، ئۇنداق بولمىغاندا دىننى ئېھتىياج ئالدىغا سۈرۈلۈپ، مىللى ئېھتىياج بولغان مىللى دۆۋلەت قۇرۇش نىشانى چەتكە سۈرۈلۈپ قالىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشنۈپ يېتەلمەسلىكتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت بولماقتا. ئوخشاش ئىسلام ئۆممەت گەۋدىسىدىن ئاجىراپ مىللى دۆۋلەت قۇرغان تۈركىيە بولسا، دىننى ئېھتىياجنى مىللى ئېھتىياجنىڭ ئالدىغا قويغاندا مىللى دۆۋلەتنىڭ ئاجىزلىشىپ ئاخىردا مۇنقەرىز بولۇش خەۋىپنى سەزگەنلىكى ئۈچۈن نەچچە قېتىملىق مىللەتچىلىكە قايتىشنى مەقسەت قىلغان ھەربى ئۆزگۈرۈشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئوتتۇرا شەرىقتىكى ئەرەپ دۆۋلەتلىرىدەك دىننى ئۇرۇشلارنىڭ پاتقىقىغا پاتماي كېلىۋاتىدۇ. تۈركىيەنىڭ داۋاملىق مىللى دۆۋلەت بولۇپ تۇرالىشىغا ئىسلام بىلەن مىللەتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاشتا لايىقلىقنى ئۆزىگە خاس بىر ئۇسلۇپتا ئۆزلەشتۈرگەنلىكىدىن بولغان. بۇنى تۈرك خانىم قىزلارنىڭ ھىجاپلانمايدىغان ئەمما ئوچۇق يۈرمەيدىغان خاس كىيىنىشلىرىدىن كۆرۋالغىلى بولىدۇ. ئىسلامنىڭ نۇقتىسىدىن بۇنى ئىسلامنىڭ مەھەللىۋىلىشىشى(يەرلىكلىشىشى) دەپ قارساق، ئېتىنىك گۇرپىنىڭ نۇقتىسىدىن بۇنى ئۆزلۈكنىڭ ئىسلاملىشىشى ھېساپلىنىدۇ. مىللەت ياكى تايىپە ئاتالغۇسىغا قارتا خېلى بىر قىسىم دىننى زىيالىلىرىمىزدا قارشىلىق مەۋجۇت. ئۇلارچە بولغاندا ئۈممەتچىلىك تەغرىپ قىلىنىدىغان ئىسلام بىلەن ئايرىمچىلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان مىللەتچىلىك بىر يەرگە ئەكلىش خاتامىش. ئەمما ئىسلامدىكى مىللەتچىلىككە، ئۇرۇقۋازلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ سەۋەبى بولسا مىللەتچىلىك قىلىشقا قارشى بولماستىن، مىللەت بولۇپ ئايرىلىپ كۈچ بولۇپ ئۇيۇشۇپ ئاجىزنى بوزەك قىلىدىغان ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتقان. بۇ خۇددى بىر ئىنسان مۇشتلىشىشنى مەشىق قىلىپ ئوزىنى قوغداشقا ئىشلىتىشى بىلەن باشقىلارنى بوزەك قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەندەك پەرىقتى ئىبارەت. كىريە ئاياللىرىنىڭ كىچىك تۇماق بىلەن رومال، قەشقەر ئاياللىرنىڭ دوپپا بىلەن رومال قىياپىتى، دەل ئىسلامى ئەخلاقنىڭ مىللى ئەن-ئەنە بىلەن ئوڭۇشلۇق بىرىكىشى بولۇپ، دەل تۈرك خانىم قىزلىرىننىڭ كىينىش خىلافىتىگە ئوخشاش ئۇيغۇر خانىم قىزلارنىڭ ئىسلامى ۋە مىللى قىياپىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ كەلگەن.
ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن مەۋجۇتلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش تەس ئەمەس. تاللاشلارنىڭ بىرىنجىسى بولسا جىسمانى (بىيولوگيەلىك) مەۋجۇتلۇقلا نەزەرگە ئېلىنسا، خىتاي دۆۋلىتىنىڭ قويغان شەرتىنى قوبۇل قىلىپ، مىللى كىملىك ۋە دىننى كىملىكنى تەڭ تاشلاپ خىتاي كۆلتۈرنىڭ ئاسمىلاتسىيە قىلىشىنى قوبۇل قىلسا ئۇيغۇرلار جىسمانى مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قالالايدۇ. ئەمما بۇ مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۇيغۇر ئاتلىق بىر مۇسۇلمان توپلامنىڭ يوقۇشى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدىغانلىقى، ئاخىرقى نەتىجىنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئەمەس خىتاي كۆلتۈر چەمبىركىنىڭ كېڭىيىشىگە ھەسسە قوشۇش ئىكەنلىگى ھەممىگە ئايان.
ئىككىنجى خىل مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش ئۇسۇلى بولسا، ھەرقايسى ئىسلام دۆۋلەتلىرى چىگرىسى ئىچىدە ھۆكۈمران مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلۋاتقان ئىسلام موھىتىدا، مىللى كىملىكنى يوشۇرۇپ (ياكى تاشلاپ) دىننى كىملىكنى ساقلىغان ئاساستا مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش دىيىشكە بولىدۇ. ئەمما بۇ ئىككىنجى خىل تاللاشقا شۇ دۆۋلەتلەرنىڭ سىياسى ئېھتىياجىنىڭ قۇربانى بولۇش خەۋپىمۇ قوشۇلغان. يۇقۇردا تىلغا ئالغان [ھىجىرەتچىلەر] مۇسۇلمان دۆۋلىتى بولغان ئافغانىستاندىن قايتا ھىجىرەتكە ئاتلىنىشى مىللى دۆۋلەت قۇرۇلمىسىنى ئاساس قىلغان خەلقارا مۇناسىۋەتلەردە ئۇلارنىڭ دىننى كىملىكىنىڭ بۇنداق تاللاشتا دالدا بولالمىغان رىيال قىسمىتىنى ئىنىق دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. ئۇيغۇر ئاتلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كېلۋاتقان بۇ ئېچىنىشلىق قىسمەت ھازىرمۇ داۋام قىلۋاتقان بولۇپ، ئورتا ئاسىيا دۆۋلەتلىرى بولسۇن، پاكىستان، ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا جىنايەتچى قاتارىدا ئۆتكۈزۈپ بېرلىشى بولسۇن، ۋە ياكى 2017-يىلىدىكى مىسىرنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرشى بولسۇن، مىللى كىملىكىنى قوغدايدىغان ئۆز دۆۋلىتى بولمىغان ئۇيغۇرلارغا مۇسۇلمانلىقىنىڭ سىياسى جەھەتتىن ھەچ نەرسىگە دالدا بولالمايدىغانلىقى، كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغان ئېچىنىشلىق رىياللىق ئىكەنلىگىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپتۇ. بۇنى بىز كېڭەيتىپ باشقا ئوخشاش تەقدىردىكى ئىسلام دىنىدىكى مىللى توپلۇملارغا قارايدىغان بولساق، مەسلەن مىيانماردىكى مۇسۇلمان روھىنىلارنىڭ بۇددىست (مەيلى پۇقرا بولسۇن ۋە ياكى ھۆكۈمەت قوراللىق قىسىمى بولسۇن)لار تەرپىدىن قىرغىن قىلىنىشى، يالغۇز ئىسلام دىنىنىڭلا دۆلەت سىياسىتىگە سىياسى سۈيستىمال قىلىنمىغانلىقى، ئىنسان ئەمەس، ھەرقانداق ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان بۇددا دىنىنىڭمۇ ۋاقتى كېلگەندە دۆۋلەت ئىچىدە ھوقوقتار بولغان مىللەتنىڭ مىللى مەنپەتى ئۈچۈن سۈيستىمال قىلىنۋاتقانلىقىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپتۇ. قىسقىسى مىللى كىملىكىنى قوغداپ تۇرۇدىغان دۆۋلەت بولمايدىكەن، دىننى كىملىكىمۇ ئاخىرقى ھېساپتا ھېچقانداق قوغداشقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقتەك ئاچچىق رىيالىقنى ھازىرقى زاماندىكى مىللى دۆۋلەت ئاساسىسىدىكى خەلىقارا مۇناسۋەت بىزگە كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. شۇ سەۋەپتىن نۇقۇل دىننى مەۋجۇتلۇقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتەك مەۋجۇتلۇق ئۈستىدىكى ئىككىنجى خىل تاللاشنىڭمۇ رىيال ئەمەسلىكى دەلىللىنىپ تۇرۇپتۇ.
مەۋجۇتلۇق ئۈستىدىكى ئۈچۈنجى خىل تاللاش، يەنە مىللى مەۋجۇتلۇقنى يادرولۇق ئورۇنغا قويۇپ دىننى مەۋجۇتلۇقنى ئۇنىڭغا يانداشقان ھالدا ئېلىپ بېرىش(دىننى مىللەتچىلىك)، تېخىمۇ ئوچۇقۇنى ئېيتقاندا باشقا دۆۋلىتى بار مۇسۇلمان توپلۇملىرىدەك، مىللى دۆۋلىتى بولۇشنى ئالدىدا ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ (مۇسۇلمان)دىننى كىملىكىنى قوغداشنى قولغا كەلتۈرۈش، داۋىنى ئېگىز، مۇساپىسى ئۇزۇن، ئەمما دىننى ۋە مىللى كىملىكىنى تەڭ ساقلىغىلى بولىدىغان بىردىن بىر تاللاش ھېساپلىنىدۇ. بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋەتەننى ئاللاغا تاپشۇرۇش، [ھىجىرەت]تىكى ھەر ئۇيغۇر توپلىمى ئۆزلىرى يەرلەشكەن دۆۋلەت ۋە رايونلاردا يىلتىز تارتىشنى، كۈچ توپلاپ شۇ يەردە تەسىر قىلالايدىغان ھالەتكە يېتىپ، شۇ ئارقىلىق مىللى ۋە دىننى كىملىكىنى تەڭ ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىشىدۇ. بۇ خىل تەشەببۇس ئايلىنىپ كەلگەندە (غەرىپ ۋە ئامىركىدەك پۇقرا دۆۋلىتىدە مۈمكىن بولسىمۇ) يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان ئىككىنجى خىل تەشەببۇس بىلەن تەغدىرداش بولۇپ، بۇ خىل يەرلىشىشنىڭ ئاخىرقى نىشانى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل مىللى دۆۋلىتىنى بەرپا قىلىش بولمىغان ھالەتتە يەنىلا مىللى دۆۋلەتلەر ئوتتۇرۇسىدىكى سىياسى سودىلارنىڭ قۇربانى بولۇش خەۋپىدىن خالى بولالمايدۇ. بۇنى ئۆتمۇشتە ئىككىمىڭ يىل سەرسانلىق ئىچىدە خارلانغان يەھۇدىلارنىڭ قىسمىتىمۇ، نەچچە دۆۋلەتنىڭ ئوتتۇرسىدا ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ دۆۋلىتىنى قۇرالماي يۈرگەن كۇرتلارنىڭ قىسمىتىمۇ ئىبرەتلىك مىسال بولالايدۇ.
مىللى دۆۋلەت قۇرۇش، ھازىرقى زاماندا بۇ دۇنيادىكى مىللى دۆۋلەتلەرنى ئاساسلىق ھۈجەيرە قىلغان خەلىقارا مۇناسۋەتلەردىن قانداق پايدىلنىشنى ئىلمى جەھەتتىن بىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. مىللى كىملىكىنى قوغداپ تۇردىغان مۇستەقىل دۆۋلىتى بولمىغان ئەھۋالدا دىننى كىملىكىنىمۇ ساقلاش قىيىنغا چۈشۈشنىڭ سەۋەبى بىزنى مىللى دۆۋلەتنىڭ ماھيىتىنى چۈشنۈشكە دەۋەت قىلىدۇ.

ئاخىرقى سۆز
ئىنسان ھەقىقى تۈردە ھۆرلىككە ئېرىشكەندە، ۋە بۇ ھۆرلىكنى قانونى جەھەتتىن، تۇغۇلغاندىن ئۆلگىچە ئىزچىل قوغداشقا كاپالەت بېرەلەيدىڭان دۆۋلەت ئاپاراتى مەۋجۇت بولغاندا، دىن ئاندىن ئىنسان بىلەن ياراتقۇچى ئوتترۇسىدىكى تۈز سىزىق مۇناسىۋىتى يەنى، شەخسى ئىتىقاتقا ئايلىنىدۇ(ياكى قايتىدۇ).
ئىسلامنى ھېچقانداق ئىزم ۋە پىكەر ئېقىمىگە سۈيستىمال قىلماي نۇقۇل شەخسى ئىتىقات بولشىغا مىللى دۆۋلەتمۇ، ئىسلام دۆۋلىتىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ. خۇددى ۋاھابىلارنىڭ كۈچى بىلەن دۆۋلەت قۇرغان سۇددى خان جەمەتى، بۇنىڭغا يارشا ۋاھابىزمنى سۇددى ئەرەبىستان دۆۋلىتىنىڭ ئىسلام+ئىزم قىلىپ خان جەمەتىنىڭ سىياسى ھوقوقلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغاندەك؛ ۋە ياكى 1979-يىلدا ھۇمەينى ئىران خان ئايلىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ئىران ئىسلام دۆۋلىتىنى قۇرغاندا شىئە ئىسلامنى قانداق سۈيسىتىمال قىلىپ شىيە ئىسلامىزم دەرىجىسىگە كۆتەرگەندەك؛ مالاي مىللىتىگە ئالاھىدە ئىمتىيازلارنى قانونلاشتۇرۇپ ئۇلارنى ئورمانلاردىن ھېيدەپ چىقىپ شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن ئىسلام دۆۋلىتى مالايسىيا بولسۇن؛ ۋە ياكى ئەڭ يېقىنقى ھۆكۈمەتكە قارشى ھەركەتلىرىنى ئېلىپ بېرۋاتقان تالىبان، نۇسرەت، دائىشلار ئۆز ھەركەت قىلمىشلىرىنى ئىسلامنىڭ قانداقتۇر ئەھكاملىرى بىلەن كۈچەپ چۇشەندۈپ، ماھىيەتتە بولسا ئىسلامنى مىلىتانت ئىسلامىزم ئۈچۈن دەستەك قىلىۋاتقاندەك ئىزم ۋە ئىدولوگيەلەرگە يۇغۇرۇلمىغان نۇقۇل ئىسلام ھازىر مەۋجۇت ئەمەس. 90 يىللىق لايىق دۆۋلەت ئەن-ئەنىسىگە ئېگە تۈركىيەنى ئېلىپ ئېيتساق، خەلى مۈكەممەل ئىجدىمايى قانونى بولىشىغا قارماي، سىياسى پارتىيەلەر ئۆز سىياسەتلىرىدە ھەر خىل ئىزملارغا لايىقلاشتۇرۇلۇپ سۈيستىمال قىلىنىۋاتقان ئىسلامنىڭ سىماسىنى ھەم كۆرەلەيمىز. مەيلى ئىسلامنىڭ ئوتتۇرا يولنى تاللىغان ھاكىميەت بېشىدىكى ئاك پارتىيە بولسۇن، ياكى مىللەتچى پارتىيە م ھ پ، ياكى ج ھ پ بولسۇن، ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ سىياسى مەقسەت ۋە مەنپەتلىرى ئۈچۈن ئىسلام دىنىنى ئازدۇر-كۆپتۇر ئۆز سىياسەتلىرىگە سۈيستىمال قىلىپ كەلدى ۋە كېلۋاتىدۇ.
بارلىق ناشىئون گەۋدىسى بىلەن قۇرۇلغان ئىسلام دۆۋلەتلىرى ئېرقى ۋە دىننى قالايمىقانچىلىقتىن نىمە ئۈچۈن خالى بولالمايدۇ دىگەندە، دۆۋلەت بولۇپ ئۇيشۇپ بولغاندىن كېيىن پۇقرانىڭ ھوقوقى ئىجدىمايى قانون بىلەن قوغدالماي دىن يەنىلا ئىسلامىزم تەرىقىسەدە سۈيۈستىمال قىلىنىپ كەلگەنلىكىدىن بولغان دەپ كېسىپ ئېيتالايمىز. ئىسلام دۆۋلەتلىرى ئىچىدە ناشىئون دۆۋلىتى بولۇپ ئىجدىمايى قانون بىلەن دۆۋلەت باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغان تۈركىيەنىڭ ئەھۋالىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. مەسىلەن فەتھۇللاچىلار ئاۋام خەلىقنىڭ دىننى ئىتىقادىغا قانداق ئىزىملار بىلەن تەسىر قىلىپ دۆۋلەت ھوقوقىغا تەسىر قىلىپ كەلگەن بولسا، فەتھۇللاچىلارنىڭ سىياسى تەسىرىدىن چۆچىگەن ئوتتۇرا يولدىكى رەجەپ تايىپ ئەردۇغانمۇ يەنە شۇ ئىسلامنى سۇيستىمال قىلىپ ئاۋام خەلىقنىڭ ھەركەتكە كەلتۈرۈپ ھەربى ئۆزگۈرۈشنى مەغلۇپ قىلىپ، فەتھۇللاچىلارنى ئۇجۇقتۇرۇپ تازلاۋاتىدۇ.بۇ ئىككىلا تەرەپ، ئاۋام خەلىقنىڭ دىننى ئىتىقاتىدىن ئۈنۈملىك پايدىلنىپ ھەر ئىككىلىسى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن، ئەمما ئوخشاش ماھىيەتتىن يەنە ئىسلامنى سىياسى ئىسلامىزم نۇقتىسىدىن پايدىلنىپ كەلمەكتە.
ئەمدى بىز تېخىچە ئىسلام جەميىتى دەپ ئاتاۋاتقان ئەمما چېگرا چېگىرا ئىچىگە پارچىلانغان كەڭ مۇسۇلمانلار بولسا ھەر خىل ئىزملار بىلەن نىقاپلانغان، بويالغان ئىسلام جەميىتىدە گاڭىراپ نىمىنىڭ ۋە كىم تەرغىپ قىلۋاتقان ئىسلامنىڭ ھەقىقى نۇقۇل دىننى ئىتىقات نۇقتىسىدىكى ئىسلام ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي ئۆز ھېسياتلىرىدىن چىقىش قىلىپ ئۆزلىرى توغرا كۆرگەن ئىسلامىزم يوللىرىغا ئەگەشمەكتە. مۇسۇلمان بولمىش ئۇيغۇرلارمۇ بۇنداق گاڭىراشتىن مۇستەسنا ئەمەس. شۇ ۋەجىدىن ياغلىقنى قايسى يەرگىچە چىگسە مەھرەم بولمايدىغان، نامايىشقا قانداق كىيىنىپ چىقسا ھەم دىننى ھەم مىللى كىملىكنى ئىپادىلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار يۈز بەرمەكتە. ئەمما نۇرغۇن ساددا ئۇيغۇرلۇرىمىز چۈشەنمەيدۇكى، ئىسلام شىئە بىلەن سۈنىگە ئايرىلغان چاغدىلا نۇقۇل دىننى ئىتىقاد بولغان ئىسلام ئاللىقاچان سىياسى مەنپەتلەر ئۈچۈن پايدىلنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن، ئىسلام دۇنياسى چۈشكۈنلىشىپ غەرىپ باش كۆتۈپ ھەر خىل ئىديولوگيەلەرنى كۆتۈرۈپ چىققاندا بولسا، ئىسلام دۇنياسى تېخىمۇ كۆپ ئىسلامىزملارنىڭ ۋاريانتلىرىغا غەرىق بولغان ئىدى.
ئىنسانلار جېميىتىدە دىننى شەخسى ئىتىقات بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالىغان دۆۋلەت شەكىلىدىن ھازىرغا قەدەر پەقەت پۇقرا دۆۋلىتى (Cىۋىc ستاتە ) لا مەۋجۇت. پۇقرا دۆۋلىتى مىللەت ياكى دىننى باراۋەرلىكنى ئەمەس ھەر ئىنساننىڭ يەر يۈزىدىكى قانونى باراۋەرلىكىنى ئاساس قىلغانلىقى ئۈچۈن، دىن ۋە مىللەت كۈچ ئۇيۇشتۇرۇش خىزمىتىدىن چېكىنىپ شەخىسكە قايتقان، يەنى دىننى ئېتىقاد، ۋە تەبىئى ياشاش ئۇسۇلى (مىللەت كۆلتۈر) شۇ قانون ئاستىدىكى ھەر پۇقرانىڭ شەخسى ئىش بولۇشى ئەمەلگە ئاشقان. پۇقرا دۆۋلىتىنىڭ يەنە بىر ئىدولوگيەلىك ئاساسى پۇقرا مىللەتچىلىكى (Cىۋىc ناتىئونالىسم) دىن ئىبارەت. پۇقرا مىللەتچىلىكى پۇقرا دۆۋلىتىدە ئەمىلىلەشكەن ئىدلولوگيەلىك كۆز-قاراش بولۇپ، بۇ ئۇقۇمدا مىللەتچىلىك ئاتالغۇسى ھەرگىزمۇ تەبىئى، يەنى تىل، كۆلتۈر، ئۆرۈپ-ئادەت قاتارلىقلارنى بىرلىك قىلغان مىللەتنى كۆزدە تۇتقان بولماستىن، ئەركىنلىك(لىبەرال) قىممەت قارشى بولغان ھۆرلۈك(فرەئەدوئوم)، ھۆرمەت (تولەرانcە)، باراۋەرلىك(ئەقۇئالىتي)، ۋە شەخسى ھوقوق (ئىندىۋىدۇئال رىغت) قاتارلىقلارنى قانونى ئاساس قىلىش ئارقىلىق ھەر بىر پۇقرانى بۇ قانون ئالدىدا ئوخشاشلىققا ئىگە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. جىسمانى ۋە روھى ھۆرلىك ئىجدىمائى قانونلار بىلەن ھەممە پۇقراغا باراۋەر بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىنغانلىق سەۋەبىدىن، ئوخشاش جەميەتتە ئوخشىمىغان ئىديە ئوخشىمىغان دىننى ئېتىقاتتىكى ئىنسانلار توقۇنۇشماي ئۆچمەنلەشمەي بىرگە ياشىيالىشى ئەمەلگە ئاشقان. ئوتتۇرا شەرىقتىكى مۇسۇلمان دۆۋلەتلەردىكى ئۇرۇش قاينىمىدىن قاچقان مۇسۇلمانلار توپ-توپى بىلەن ياۋرۇپادىكى پۇقرا دۆۋلەتلەرگە ئېقىپ كىرىشى، ئىقتىسادى مەنپەتلەردىن بەكەرەك ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىنى دىننى ۋە مىللى كىملىكىنى ساقلىغان ھالدا خاتىرجەم ياشىيالايدىغان بىر جەمىيەتكە تاپشۇرۇشنى مەقسەد قىلىدىغانلىقىنىڭ دەلىلى.
ئەمدى ئۇيغۇرلارغا قايتىپ كەلسەك، ئىسلامنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن ئەمەس ھازىرقى رىيال ھالىتىدىن چىقىش قىلغاندا، ئۇيغۇر داۋاسىنى ئىزملار دۇنياسىغا غەرىق قىلمىغان ئاساستا قانداق ئىزمبىلەن قوراللاندۇرغان ئىسلامنىڭ ئاستىغا ئۇيۇشتۇرۇش، بۇ ئۇيغۇر مىللى داۋاسى قىلغۇچىلار ئارسىدىكى ئۆزلىرىمۇ بىلمەي تالاش تارتىش قىلىۋاتقان مەسىلە ھەساپلىنىدۇ. سىياسى ئىسلامىزممۇ، ۋە ياكى مىلىتانت ئىسلامىزممۇ؟ ۋە ياكى كۆلتۈر ئىسلامىزممۇ؟ تالاش-تارتىشقا ئارلاشقان ھەر ئۇيغۇر ئۆز چۈشەنچىلىرىنى ئەقىلى تەپەككۈر بىلەن ئەمەس ھېسسى بىلىشلىرى بىلەن چۈشەندۈرۈپ كەلمەكتە. دوپىلىقلار نامايىشتىكى ھىجاپلىلارنى رادىكال ئىسلامىزم كۆرنىشىگە باغلىسا، قارا ھىجاپلىقلار بۇ خىلاپەتلىرىنىڭ دىنغىمۇ دىمۇكىراتيەگىمۇ ئۇيغۇن بولغانلىقىغا چىن پۈتۈپ كەلمەكتە. ئەمما ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل مىللى دۆۋلىتى بولمىغان ئۇيغۇرلارغا دىمۇكىراتيەنى بۇ خىلدا ئىپادىلەشنىڭ مەنپەت ئېلىپ كەلمەيلا قالماي، تارقاتقۇلاردا ئۆزلىرى قۇربان بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مىللى ھەركىتىگە خاتا ماركا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بولسا ئۇلار چۈشەنمەي يۈرمەكتە.
دىننى ئەقىلى تەپەككۈر بىلەن چۈشۈنىش (ئاپتورنىڭ <<دىننى قانداق چۈشنىش كېرەك>> دىگەن يازمىسىغا قارالسۇن)، ئىلمى شەرھىلەش، دىننى كىملىك بىلەن مىللى كىملىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەيدىغان ئاچقۇچلۇق مىتوت بولۇپ قالدى. مەسلەن ھېجاپ دىننى كىملىك بەلگىسى دەپ ئۇنى كىينىشنى دىمۇكراتسىيە بەرگەن شەخسى ئەركىنلىك دىگەن قاراشتىكى ھىجاپلىق خانىم-قىزلارغا، دىننى ئالىملىرىمىز بۇ ئەھۋالنى قۇران ھەدىستىن باشقا ئىسلام تارخى ۋە فولكلورە ۋە ياكى ئېسنولوگيە نۇقتىلىرىدىن ئىلمى ئىزدىنىپ، ھېجاپ ئەزەلدىن ئىسلامغىلا خاس خىلافەت ئەمەسلىگىنى، ئەرەپىلەرنىڭ ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن ئۇنى ئەزەلدىن قىز-ئاياللىرىنى يۆگەپ يۈردىغان، زىنا قىلغان ئاياللارنى يېرىم كۆمۈپ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتىرىدىغان يەھۇدىلاردىن قوبۇل قىلىنغان ئەن-ئەنە ئىكەنلىكىنى يازما ياكى تەبلىق بىلەن چۈشەندۇرسە، قىز-ئايالىرىمىزمۇ نىمىنىڭ ھەقىقى رەۋىشتىكى دىننى خىلافەت ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن بولاتتى. ۋە شۇنىڭدەك دىننى زىيالىلىرىمىزمۇ ئىسلامنى تەرغىپ قىلىشتا مىللى مەۋجۇتلۇقىمىز، مىللى داۋارىمىز بىلەن بىر يۆلىنىشتە بولغان بولاتتى.
 دىننى مۇتلەقلەشتۈرۈش (دىننىڭ نوپوزىنى ياراتقۇچىنىڭ نوپوزى ئورنىغا قويۇش)، دىننى ئىنسانلىقتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش، ۋە شۇنىڭدەك دىننى زىيالىلىرىمىزدا ئاللا ياراتقان (تەبىئى قانونيەتلەرنى چۈشەندۈرىدىغان) تەبى پەن بىلىملىرىنىڭ كەم بولۇشى، ۋە ئىنسانلارنىڭ توپلام ھالىتىدىكى رىيال كارتىنىسىنى يېشىپ بېرىدىغان جەميەتشۇناسلىق، خەلىقارا مۇناسىۋەت قاتارلىق ئىجدىمايى بىلىملەرنى دىننى خىزمىتىدە مىتوت قىلىپ ئىشلەتمەسلىك قاتارلىق سەۋەپلەردىن، ئاۋام پۇقرالارغا دىننى مەسىلىلەرنى ھازىرقى رىيال دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە چۈشەندۈرۈشتە قىينالماقتا، ۋە دىننىڭ يۆلۈنىشىنى مىللى مەۋجۇتلۇقۇمىز بىلەن ئوخشاش يۆلۈنۈشتە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، باشقا مىللەتلەردىكى ئىسلام مىللەتچىلىرىنىڭ خېلىلا ئارقىسىدا قالماقتا. خۇلاسە شۇكى، ئىسلامنى ئىسلام جەميىتىدىكى رىيالىقى بىلەن چۈشنىش ۋە چۈشەندۈرۈش، دىننى كىملىكنى ساقلاش ئۈچۈن ئالدىدا مىللى كىملىكنى ساقلاشقا كاپالەت قىلىدىغان مىللى دۆۋلەت بولۇشى كېرەكلىگىنى، ۋە مىللى دۆۋلەت بولۇپ ئۇيشۇش ئۈچۈن دىننى مىلەتچىلىككە مەنسۇپ ئىسلام مىللەتچىلىك مەيدانىدا ئۇيۇشۇش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمايدىكەن دىننى كىملىكنى ساقلاشنىڭمۇ قىيىن بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشى ۋە شۇنى دىننى نۇقتىلاردىن چۈشەندۈرەلەيدىغان بولۇشى، ھازىرقى دىننى زىيالىلىرمىزنىڭ زىممىسىدىكى تارىخى ۋەزىپە بولۇپ قالدى.

ئىزھاتلار

<<قۇران-كەرىم>> ئۇيغۇرچىسى سۈرە نەجىم 38،39-ئايەت؛ سۈرە فاتىر 18-ئايەت؛ سۈرە فۇسلەت 46-ئايەت.
ھتتپس://ئەن.ۋىكىپەدىئا.ئورگ/ۋىكى/ئىسلامىسم
تۈرك ئىسلام سېنتزى بولسا تۈركىيەدىكى مىللەتچكى زىيالىلار ئەينى دەۋىرلەردىكى ئىجدىمايى كىرزىسلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئايدىنلار ئوچىقى نامىدىكى زىيالىلار گۇرپىسى تەرپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان 1980-يىللاردىكى ھەربى ئۆزگۈرشتە ھەربى ھۆكۈمەت تەرپىدىن قوبۇل قىلىنغان تۈركچىلىك ئېقىمىدىن ئىبارەت.
5 ئاساسى پىرىنسىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 1954-يىلدىن بېرى ھازىرغا قەدەر ئۆزگى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسۋەتلەردە ئوتتۇرغا قويۇپ كېلگەن تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ موھىم دەپ ئۆزگى دۆۋلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارلاشماسلىق دىگەن پىرىنسىپنى تەرغىپ قىلىپ كەلگەن. بۇ پىرىنسىپنى دەستەك قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىمۇ ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قاراپ، خەلىقارا جەميەتنىڭ ئارلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە.
2003-يىلى ياپونيەنىڭ دۆۋلەتلىك تارقاتقۇسى ياۋرۇئاسيا ھەققىدە بىر قىسىملىق فىلىم ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ فىلىمدە [ھىجىرەتچىلەر] گە ئايىت قىسىم كىرگۈزۈلگەن. مەزكۇر فىلمدە ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىدا ئامان قالغان [ھىجىرەتچىلەر]نىڭ بىر ئەزاسىنى كابۇلدىن تېپىپ زىيارەت قىلغان. ئافغانغا ھىجىرەت قىلغانلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ ئۇلارنىڭ ھىجىرەت قىلىش سەۋەبلىرىنى فىلىمگە ئالماقچى بولغان ياپونيەلىك رىجىسور خاتا ۋە ئۇنىڭ بىرنەچچە ھەمرالىرى ئافغانىستاندا ماشىنا ۋەقەسىدە قازاغا دۇچار بولۇدۇ.
كومۇنىستىك پارتىيە بىلەن مىللەتچى پارتىيە (گۇئو مىن داڭ)نى كۆرسىتىدۇ.
خىتاي كومپارتىيەسىنى ئاكتىپ تاشقى سىياسىتى سەۋەبىدىن بولۇپمۇ ئۈچۈنچى دۇنيا ئەللىرى تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ چوڭ قۇرۇقلۇقتا ھۆكۈمەت قۇرغان كومىنىست پارتىيە ھۆكۈمىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا باشلاپ،تەيۋەننىڭ خەلىقارادىكى نوپوزى ئاجىزلىشىشقا قاراپ ماڭىدۇ. شۇ سەۋەپتىن تەيۋەن تاشقى دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا بولغان دىپلوماتىيەسىنى كۈچەيتىپ،شۇ قارقىلىق خۇددى سوۋىت ئىتپاقىدەك، خىتاينىڭ ئارقا ھويلىسى ھېساپلانغان شەرقى تۈرىستاندا ئۇيغۇرلارنى ھەركەتكە كەلتۈرشنى مەقسەت قىلغان.
ھتتپس://ئەن.ۋىكىپەدىئا.ئورگ/ۋىكى/Cىۋىc_ناتىئونالىسم

پايدىلنىش ماتىرياللىرى


1. ئىسلامىسمۋھات ئىت مەئانس فور تھە مىددلە ئەئاست ئاند تھە ۋورلد، تارەك ئوسمان 2016 يالە ئۇنىۋەرسىتي پرەسس، نەۋ ھاۋەن ئاند لوندون.

2. 『トルコのウイグル.ディアスポラ集団に関する文化人類学的研究』 2012 ھتتپ://جائىرو.نىئى.ئاc.جپ/0156/00004359
3. 『知られざる祈りーー中国の民族問題』加々美光行 1992 新評論
4. تۈركىستان 1953 (6 سان)، دوغۇ تۈرىستان كۆچمەنلەر دەرنەگى
5. گۆك بايراق، سايى1-87، 1994-2009 دوغۇ تۈرىستان كۈلتۈر ۋە دايانىشما دەرنەگى
6. 『トルコ近現代史――イスラームから国民国家へ』،新井政美、2001、みすず書房
7.『中ソ対立と現代――戦後アジアの再考査』中嶋嶺雄 1978 中央公論社
8. ۋىلد ۋەست چىنا-تھە تامىڭ ئوف خىنجىئاڭ، چرىستىئان تايلەر، 2003، رۇتگەرس ئۇنىۋەرسىتي پرەسس