PDA

View Full Version : ئانا تىل سويگۇسى ۋە ھايات



Unregistered
28-03-18, 20:09
Ana Til Soygusi

ئۇرۇمچىدىن كوزىنى ئىتىپ قويسا، ئازماي-تازماي خىزمىتىنى ئالماشتۇرۇپ، "دۇق"، "ئۇئائا" ،"دەرنەك"، "رادىئو"ۋە دىنچى موللاملارنى تىپىپ كەلگەنلەرنى كوردۇم. ھىچبىرى سايلام تونىمايدۇ.چۇنك"دۇقنىڭ رەئىسلىكىنى رابىيە قادىرغا ئاللا بەرگەن" كوپى"بوشۇن"دىكى خىتايلار بىلەن يىتىپ-قوپىدۇ، ئۇيغۇرچە بىلمەيدۇ. . بىراق بىلىدىغان ئابدۇۋەلىئايۇپ، ئەركىن سىدىق ...لارنى خىتاي تەشۋىق قىلىپ ئاتىقى چىققانلار قاتارىغا قوشقان. چەتەللەرگە چىقىپ، دۇق، ئۇئائالاردا ئۇيغۇرلارغا "يول"كورسۇتىدىغان ئىمتىيازلىق موتىۋەرلەرگە ئايلىنىدۇ. ئۇلارغا باھا بەرىدىغان بىرلا ئولچەم شۇكى: دۇق، ئۇئائا دىكى ئىسابەگچىلەرنىڭ خىيانەت، ئوغۇرلۇق، قويمۇچۇلۇق، يالغانچىلىق، ساتقۇنلۇق ۋە قاتىللىقلىرى ھەققىدە كوزىنى يۇمىۋالىدۇ. تەما ئاتلاپ، دىققەتلەرنى بۇراپ ئۇلارنى يوشۇرىدۇ. ئەركىن سىد: "خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۇگەنگەن ئۇيغۇرلار ئۇچۇن جۇڭگۇنىڭ دەرۋازىسى داغدام ئوچۇق" دىگەن ئىدى. بۇ ئىسابەگچىلەرنىڭ: "خىتاي بىرلىكى بولىمىز"دىگەن باياناتىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى. ئىچكىرىدە ئوقۇغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭدىن كوپىگە"جۇڭگۇنىڭ دەرۋازىسى"يىپىغلىق - ئىشسىز!

يىڭى كىلىپ بىر سىگان پىروفىسۇر بىلەن تونۇشۇپ، ئالمانچەم ياخشى بولمىغاچ ئوزلىكىمدىن ئۇگۇنىۋالغان روسچەم بىلەن پات-پات سوھبەتلىشەتتۇق. ئۇنىڭغا قەشقەرنىڭ ياندۇما ئەتراپلىرىدا ئايرىم تىلى بار، سىگانلارغا ئوخشاش بىر مىللەت بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ بورا بىلەن يىپىغلىق ئىشەك ھارۋىسىدا توپ بولۇپ، شەھەرمۇ-شەھەر كىزىپ يۇرۇيدىغانلىقىنى دەپ بەرسەم، قىزىقىپ كەتتى.ئۇمۇ ماڭا سىگانلارنىڭ ھاياتىدا بىر يەردە تۇرمايدىغانلىقىنى، يىڭى بىر يەرگە بىرىش ئۇچۇن ، بۇرۇن تۇرغان يىرىدىن ئوتۇشكە توغرا كەلسىمۇ، ئۇنداق قىلماستىن ئايلىنىپ ئوتۇپ كىتىدىغانلىقىنى، ياتلارنىڭ فىرمىسىدا ئىشلىمەيدىغانلىقىنى، پەقەتلا تىلەمچىلىك قىلىدىغانلىقىنى، تاپقانلىرىنىڭ بىر قىسمىنى رۇمىنىيە؟دە تۇرىدىغان "پادىشاسى"غا ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى، ھەر يىلى دۇنيا سىگانلىرىنىڭ قۇرۇلتايى ئىچىلىدىغانلىقىنى دىدى. يەنە بالىلىرىنىئوقۇشقا ئىۋەتمەيدىغانلىقىنى دەپ بەردى. بۇنىڭ سەۋەبىنى سورۇدۇم، ئۇ ماڭا : مىللەتنىڭ مەكتىۋىدە تەربىيە كورسە ئەۋلاتلىرىمىز ئانا تىلىنى يوقۇتۇپ، سىگانلىقىنى يوقۇتۇدۇ-دەيدىغان قاراش بار دىدى.مەن، ماڭا بۇ ئاز ئىپتىدايى قاراش بولۇپ تۇيۇلدى، ئەمما سىز ئوقۇپسىزغۇ-دەپ سورىسام، - مەن ئارىلاش، ساپ سىگان ئەمەس دىگەن ئىدى. گىرمانىيەنىڭ سابىق پىرىزدىنتى كوھلمۇ ئىگىلىزچە ئۇگۇنۇشنى رەت قىلغان ئادەم. ئىنگىلىسچە بىلمەيدۇ. ياۋروپالىقلار بىلەن تەرجىمان ئارقىلىق سوزلىشىدۇ-دىدى. بۇلار مەنىڭچە ئانا تىلىنى ساقلاشنىڭ قەدىمى چارىلىرى بولسىمۇ، مەلۇم جەھەتتىن ئەجەللىك نوقتىلارنى كورسۇتۇپ بىرەلەيدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئۇيغۇر مەكتەپتە ئوقۇدۇم. خىتايچە ئالى مەكتەپتە يىرىم يىل قىينالدىم. ئۇچۇنجى يىلى يەڭگىللەپ قالدىم. تىرىشىپ ئوقۇغانلىقىمنى بىلمەيمەن. بىر قىتىملىق كەسپى دەرستە بىر سوئالنى 3-4 خىتاي ئوقۇغۇچىدىن سوراپ جاۋاپ ئالالمىغان ئوقۇتقۇچى كىم جاۋاپ بىرىدۇ-دەپ سورىدى. بۇ بىر چىرتىيوژدەرسىدىكى گىئومىتىرىك جىسىملارنىڭ بوشلۇقتىكى شەكلىنى ئابىستىراكىت قىياس قىلىش ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سوئال ئىدى. ھىچكىم مەن دەپ قول كوتەرمىدى. جىم-جىتلىق سۇرگەن بۇ پەيتتە خىيالىم ئوزلىكىدىن ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمغا كىتىپ قاپتۇ.

چۇشلۇك دەم ئىلىش ۋاقتى ئىدى. بىر قەۋەتلىك ياتاق بىناسىنىڭ يىنىغا قۇرۇلۇش ئۇچۇن دوۋىلەپقويۇلغان قۇم ئۇسىتىدە سىنىپىمىزدىكى بىر نەچچە قىزلار ئولتۇرۇشاتتى. جىم تۇرماس يەنە بىر ساۋاقدىشىم ئىككىمىز ئۇلارنىڭ يىنىغا كىلىپ ئولتۇرغان ئىدۇق. " قىزبالىمۇ غوجام سەن، بىزنىڭ ئارىمىزدا نىمە بار؟"دەپ قۇم چىچىپ بىزنى ھەيدىۋەتتى. ئىككىمىز مەسلىھەت قىلىپ ئارقا تەرەپتىن ياتاق بىناسىنىڭ ئوگزىسىگە چىقتۇق، ئۇلارنىڭ دەل يىنىغا سەكرەپ چۇشكەنلىكىمىز ئىسىمگە كىلىپ ئىختىيارسىز كۇلۇپ تاشلىشىم بىلەن تەڭ مۇئەللىم ماڭا قاراپ، ئىسمىمنى چاقىردى ۋە سوئالغا جاۋاپ بىرىشىمنى سورىدى. ئىسىمنى يىغىپ توغرا جاۋاپ بەردىم. ئۇ مىنى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ماختاشقا باشلىدى. "ئۇنىڭ 3 سائەت چۇشلۇك ئۇخلاش ۋاقتىدا تالادا ئويناپ يۇرۇيدىغانلىقىنى كورىمەن.ئۇ خەنزۇ ئەمەس، بىر ئازسانلىق مىللەت باشقا تىلنى ئۇگۇنۇپ توغرا جاۋاپ بىرىۋاتىدۇ، سىلەر نىمە ئۇچۇن ياخشى ئۇگەنمەيسىلەر، جۇڭگو قانداق تەرەققى قىلىدۇ؟"دەپ خاپا بولۇپ كەتكەن ئىدى. مەن خىتايلارغا دۇشمەن بولۇپ بولغان ياشتا ئىدىم. - ۋاي ئاناڭنى خىتاي، جۇڭگورۇڭ تەرەققى قىلسا، ئۇيغۇرلارغا نىمە پايدىسى بولاتتى" دىدىم ئىچىمدە. خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاغزىدا." ۋەتەن ئۇچۇن، جۇڭگو ئۇچۇن، جۇڭخا مىللىتى ئۇچۇن" تىرىشىپ ئوقۇيمىز دەيدىغان سوزلەر چۇشمەيتى. بۇ سوزلەرنىڭ ھىچبىرى ماڭا ئوتمەيتى.

دىگەنلىرىم بۇگۇن توغرا چىقتى- تەرەققى قىلغان خىتايلار ۋەتىنىمىزنى باستى، ئۇيغۇرلارنى قىرىپ ئولتۇرۇشكە باشلىدى. خىتايلار تەرەققى قىلسا نەگە بارىدىغانلىقىنى شۇ چاغلاردا بىلىپ يەتكەن ئىدىم.ئۇ خىتاي شەھرىدە ئوقۇغان ئوننەچچە ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى دىگىدەك مەندەك كۇندۇزدە ئۇخلىمايدىغان ئەقىللىقلارئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە "شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاۋتۇنۇم رايۇنى"نىڭ سابىق رەئىسى ئامانھاجى ۋە ھازىرقى رەئىسى، بىر مەكتەپ ساۋاقدىشىم ئەركىن بار ئىدى. ئەركىن ۋە يەكلەنلىك تۇرسۇن پىراكتىكا ئۇچۇن تاڭسەنگە بىرىپ يەر تەۋرىگەندە تۇرسۇن ئولۇپ، ئەركىن كىچىدە ئۇخلىماي سەيلە قىلغانلىقتىن ساققىلىپ مەكتەپكە قايتىپ كەلگەن ئىدى. تۇرسۇن بەك ئوڭلۇق بالا ئىدى. ياقۇپ داموللامنىڭ ئوغلى تۇرسۇنمۇ بار ئىدى. ئۇرۇمچىگە قايتىپ كىلىپ، ئەنگىلىيەگە ئوقۇشقا ماڭدى. ئەنگىلىيەدىن قايتاشىدا بىجىڭدە ئۇشتۇمتۇت ئولۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم.تۇرپانلىق بىر ساۋاقدىشىم قايتىپ كىلىپ توي قىلغان كىچىسى كومۇرنىڭ تۇتۇنىدىن زەھەرلىنىپ تۇگەپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ بەك ئىچىنغان ئىدىم.

ئايدا بىر-ئىككى قىتىم ئۇچرۇشۇپ ئولۇپ كىتىمىزجۇما دەپ چاقچاقلىشىپ ئولتۇراتتۇق. خۇدايىم ساقلاپ، ئىچكىردىن ساق چىقىپ ئۇرۇمچىدە تەۋەككۇلچىلىكىم ۋە قۇربان ۋەلىنىڭ ئەنچەنتىڭغا چىقىشى بىلەن پالاكەتلەر باستى مىنى. ئەنچەنتىڭدىن ساقچى كىيىمىدا خىتاي كىلىپ، ئىشلەۋاتقان يىرىم خەلق ھوكۇمەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشخانىسىدىن تۇتۇپ چىقىپ، "مۇھاجىرلار مىھمانخانىسى"نىڭ ئۇستۇنكى قەۋىتىگە ئىلىپ چىقتى. سەككىز خىتاينىڭ سوتلىشىغا ئۇچرۇدۇم. "جىنايەتىم" چەتەللىككە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دەۋرىگە ئائىت مىتال پۇللىرىنى ساتقانلىقىم ئىدى. پالاكەتلەر ئارقا-ئارقىدىن كەلدى. بىر پۇرسەت تىپىپ جاننى ئىلىپ قاچتىم. فرانكفۇرتتا ياشاشقا نىسىپ بولدى. ئەللىككە كىرسەم مەيلى ئىدى دەپ ئۇمۇت قىلغان يىشىمدىن ئىشىپ كەتتىم، قالغىنىنى بىكارلىق ياشاۋاتىمەن. رازۋىتكا كىنولىرىنى كوردۇم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىگىدەك فانتازىيە ئارىلاش ئويدۇرۇلغان. مىنىڭ ھاياتىم خەتەرلىك، سۇيىقەست، ئولۇم بىلەن تەھدىت ، ھاقارەت ۋە توھمەتلەر بىلەن كورەش قىلغان، رومانتىك ھەم مەنىلىك ھايات بولغانلىقىنى چۇشۇنۇشكە باشلىدىم.
_____

ئۇيغۇرلار خىتايلارغا قارىغاندا بەدەن تۇزۇلۇشى، ۋۇجۇدى، ئەقلى، خاراكتىرى، چىرايى جەھەتلەردە كوپ ئۇستۇن مىللەت. بۇ ئۇستۇنلۇكنى يىپرىتىۋاتقان نەرسە خىتايلارنىڭ كورەلمەسلىك، ھەسەتخۇرلىقى، قۇرال كۇچىگە تايىنىپ، ئولتۇرۇپ، زالىملىق قىلىۋاتقانلىقىدۇر.خىتايلار ئالى مەكتەپكىچە ئانا تىلىدا ئوقۇيدۇ-يۇ، بىزگە نىمە ئۇچۇن يات تىل - خىتايچىنى يەسلىدىن باشلىماقچى بولىدۇ؟!
چەتەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىلاتلىرى ، خەلقارا ۋەكىللىرى، سىياسىيۇنلىرى، باياناتچىلىرى، شائىر-يازغۇچىلىرى پەقەت ۋە پەقەت ئۇيغۇر ئانا تىلى قوللۇنۇشى، چەتەللىكلەرگە تەرجىمان ئىشلىتىشى، ئۇيغۇرلار ئانا تىلىنى ساقلاپ قىلىش ئۇچۇن ئەڭ ئاز بولغاندا ئوتتۇرا مەكتەپكىچە چوقۇم ئوزئانا تىلىدا قىلىشى شەرت. نىمە ئۇچۇن بىز ئەركىن ئىسا، رىزا بەكىن ، ئىلشات، دىلشات، ئەنۋەر توختى، ئوركەش دولەت، قۇربان ۋەلى، ئابلىكىم باقى...قاتارلىق خىتاي ۋە خىتاي قان ئارىلاشقانلارنىڭقول ئاستىدا قالدۇق؟. ئۇلارنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمەيمىز. "دۇق"نىڭ 3-قۇرۇلتايى" ۋە "دۇق"دىكى خىتاي ۋەكىلى بابۇرنىڭ قولغا ئىلىنىشى ھەممىنى چۇشەندۇرىدۇ.دولقۇن قەمبەر، دولقۇن ئىسا، پەرھات يورۇڭقاش، مەۋلان ياسىن، نەبى تۇرسۇن، قاھار بارات، مەمەت توختى، مەمەتىمىن ئەلا، مەمىتىمىن ھەزرەت، ئابدۇرىيىمجان ...قاتارلىقلارنىڭمۇ ئىچىدە باشقا تىلى بار. ئوز دۇشمىنى خىتاي تىلىدىن ئۇزاقتا تۇرمىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بىشىغا پالاكەتلەر ياغىدۇ. شۇڭا بىز بىشىمىزنى كوتۇرەلمەيدىغان بولۇپ قالدۇق. نىمە قىلىش كىرەك؟ بۇلاردىن قۇتۇلۇش كىرەك-ئەلبەتتە.

Mert musa Oghli

Dawami Bar