PDA

View Full Version : تىڭىرقاشتىن ئىلكىدە ئويلىغانلىرىم

Unregistered
02-03-18, 23:58
تىڭىرقاشتىن ئىلكىدە ئويلىغانلىرىم

ئاپتۇرى: نەشتەرى

ئۇزاقتىن بېرى، مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرى ھەققىدە كاللامنى چىرماپ، كۆڭلۈمگە ئارام بەرمەي كېلىۋاتقان سۇئاللار بار ئىدى. قانائەتلىك جاۋاپ تېپىش ئىستىگىدە بارى-يوق ئەقلىمنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا سېلىپ، تالاي قېتىم بېشىم قايغىچە ئويلاپ باقتىم. تاپقان جاۋاپلىرىمنىڭ ھېچبىرى ئۆزۈمنى قايىل قىلالمىدى. ئەمدى بىر ئۈمىدلىك جاۋاپنىڭ پېشىگە ئېسىلسام، تارىختىكى قىسمەتلەر، رىئاللىقتىكى ئالامەتلەر، تەسەۋۇرۇمدىكى كەلگۈسىي «كارامەت» لەر يۈرىكىمنى ئېچىشتۇرۇپ، توختىماي «ئۇھ» تارتىدىغان قىلىپ قويدى. ھەر قاچان، ھەر زامان ئۆزۈمنى ئۆزۈمگە بىلدۈرۈپ تۇرۇشقا تىرىشىدىغان كەمىنە پېقىر : «مۇنچە مۈشكۈل چوڭ تىمىغا باش قاتتۇرۇمەن دەيدىغان سەن كىمتىڭ؟ بولدى قىل ئەمدى، سېرىق ئېتىڭ بۆسۈلۈپ كەتمىسۇن يەنە!» دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە كايىپ قالدىم.

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۆزۈم چىڭقىلىپ ئويلاپ يۈرمەي، ئويلاپ ئويغا پىشقان، سۆزلەپ سۆزگە پىشقان، ئوقۇپ دوكتۇر ئاشقان، يەزىپ شەرەپ قۇچقان ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ، دانا-دانىشمەنلەرنىڭ، ھەر ساھە سەرخىللىرىنىڭ تەلىم-تەنبىھلىرىنى پۈتۈن زېھنىم بېلەن تىڭشاشقا باشلىدىم.

ئەلھەمدۇلىللاھ، ھېلىمۇ ياخشى ئاللاھ تائالاھ رىزقىنى چەتئەلگە قاچقان پىشانىسى ئوڭ، زۇۋۇلىسى چوڭ، ئەقلى يىتۈك، كوڭلى پۈتۈن ئۇيغۇر سەرھىللىرى، بولۇپمۇ ھاياتىنى ۋەتەن دەۋاسىغا ئاتىۋەتكەن پىداكارلارنىڭ توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بەدىلىگە بۇ دەۋا خەلقئاراغا يۈزلىنىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەردىن ئانچە-مۇنچە خەۋەر تاپتى، ھەم ئۆز نۆۋىتىدە ھالىمىزغا ئازدۇر-كۆپتۇر ئېچىندى. بۇ ھال گەرچە ئۈمىدىمىزدىن يىئارق بولسىمۇ، مۇشۇ دەۋا تارىخىدىن ئېيتقاندا دەۋىر بۆلگۈچ نەتىجە دىمەي تۇرالمايمىز، ئەلبەتتە (بۇ يولدا تىنىمسىز ھەرىكەت قىلغان ۋە قىلىۋاتقان ئېزىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چىققان دۆۋىسى ئىگىز، تۇتقان توپىسى ئالتۇن بولغاي، ئىلاھىم).

ھالبۇكى، بىز دۇچ كىلىۋاتقان رەھىمسىز رېئاللىق ئالدىدا، تۈشمۇ-تۈشتىن ئاڭلىنىۋاتقان بەزى دەبدىبىلىك نۇتۇق ۋە قۇرۇق شۇئارلار خۇددى خامانچىنىڭ «لاي-لاي» ناخشىسىدەك ئاڭلىنىدىغان بولۇپ قالدى.

رېئاللىققا نەزەر سالساق، سۈيى بۇلغىنىپ نىمجان بولۇپ قالغان تۆت تال بېلىق، ئېگىسىدىن ئۆگەيلىنىپ كوچىدا قالغان ئەرمەك كۈچۈك ئۈچۈنمۇ چوقان كۆتىرىپ نامايىش قىلىپ توختىمايدىغان ئەركىن دۇنيا جامائەتچىلىكى، ئىنسان ھوقۇقى نىزامىنى مىزان قىلغان دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ھېلىھەم مۇستەبىت، زوراۋان، مۆتېھەم، ئاچكۆز، چىرىك، كاززاپ، يالغانچى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ زېمىنىنى پۇل، خەلقىنى قۇل قىلىش سىياسىتىگە دېگەندەك پەرۋا قىلمايۋاتىدۇ.

ۋەتەندىكى پاناسىز بىچارە قېرىنداشلىرىمىز ئىلاجىسىزلىقتىن بېشىغا كەلگەن زۇلۇم-خورلۇقلارغا قول قوغۇشتۇرۇپ تۇرىۋاتىدۇ. قۇشخانىغا سولىنىپ پوكانچىنىڭ پىچىقىنى كۈتۈپ تۇرغان مال-چارۋىلارنىڭ قىسمىتىگە دۇچ كەلسىمۇ «ئەلھۆكمىلىللاھ» دېيىشكە مەجبۇر بولىۋاتىدۇ.

چەتەلدىكى ئۇيغۇر گەۋدىسى شەيتاننىڭ شەيتانلىقى بېلەن بىر گەۋدە بولالماي، ئاران يىغقان ئازغىنا كۈچىمىز بىھۇدە خوراۋاتىدۇ.

كاللامدا يەنە شۇ سوئاللار: نېمە قىلماق كېرەك؟ نەمىلەرنى قىللايمىز؟

ناۋادا ھەممىمىز ئاللاھ تائالاھنىڭ بىر كېچىدىلا يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويۇشىنى تىلەپ ئولتۇرساق نەتىجىسىنى كۆرەلەمىزمۇ؟ (ئەلبەتتە پۈتۈن ئىخلاسىمىز بېلەن دۇئا قويدۇرىمىز.) ئۆلىمالارنىڭ تەبىرىچە، ئاللاھ تائالاھ شەرتى توشمىغان قەۋىمنىڭ تەغدىرىنى ئوڭشاپ قويمايدىكەن. بىز ئۇيغۇرلار ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغىلى 1400 يىلدىن ئاشتى، شۇنچە ئۇزاق زامان توشمىغان شەرتىمىز قاچانمۇ توشار؟

خىتاي ھۆكۈمرانلىرى ئىچىدىن گورباچوپقا ئوخشاش ۋاڭباچوپتىن بىرسى چىقىپ، ئەينى يىللىرى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا روي بەرگەن مۆجىزىنى تەكرارلارمۇ؟ ئۈمىدنى بۇنىڭغا باغلىساق ئۆزىمىزنى روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىدىن ئىزدەشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

بىرەر ئادالەتپەرۋەر دۆلەت ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىز بىچارىلەرنى قۇتۇلدۇرىۋالار، دېگەن ئۈمىدتە باشقىلارنىڭ ئىنساپىغا تەلمۈرۈپ، بويۇن قىسىپ تۇرساق، بويۇنىمىز تېلىپ، كۆزىمىز تېشىلىپ كەتمەسمۇ؟

چەت ئەلدە تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەممىمىز قولىمىزغا قۇرال ئېلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ھۇجۇم باشلىساق، ۋەتەندىكى قېرىنداشلارمۇ بىرى قالماي قوزغىلىپ قولىغا ئۇدۇل كەلگەن ئەسۋاپ-سايمانلىرىنى ئېلىپ «يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم» جېڭىگە كىرسە، تارىم دەرياسىدىن قان تېشىپ كىتىپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنى قانغا غەرق بولۇپ كەتمەسمۇ؟

قىزىتمام ئۆرلەپ قالدىمۇ نىمە، دەپ، دەرھال دورىغا قول ئۇزاتتىم،

ئۆزۇمگە باقسام، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن، مىللەتنى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئېزىز جېنى، ئىسسىق قېنىدىن باشقا دەسمايىسى يوق، ئەمما يۈرىكىنىڭ چۇڭقۇر قېتىدا ئانا ماكانىغا چەكسىز سۆيۈم، ئۆز قەۋمىگە ئوتلۇق كۆيۈم ساقلاپ كەلگەن ئۇيغۇرمەن. بىرسى كېلىپ گېلىمنى بوغمىغاندىكىن مەنمۇ تىڭىرقاش ئىلكىدە ئويلىغانلىرىمنى قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقسام يامىنى بولماس، دېگەن ئويدا بۇ تېمىغا تەۋەككۈل قىلىپ قالدىم. ئەيىپكە بۇيرۇماڭلار.

ئۇيغۇرنى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇخ يولىدا ئىزدەنگەن ئىزچى ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىزگە جېنىنى قەغەز، قېنىنى سىياھ قىلىپ يېزىپ قالدۇرغان ۋەسىيەت-نەسىھەتلىرىدىن بىلىپ يېتەلەيمىزكى، بۇنداق ئۇلۇغۋار ئىشنى باشقا ئېلىپ چقىش ئۈچۈن، چوقۇم ئۇيۇلتاشدەك بىرلىك، شەخسىيەتسىز يەكدىللىق، زامانغا يارىشا ئەقىل-پاراسەت، ئېگىلمەس-سۇنماس روھ بولماي ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئېغىزى ئاشقا تېككۈچە بۇرۇنى تاشقا تېگىپ كەلگان شور پىشانە مىللىتىمىزنى، بولۇپمۇ ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر گەۋدىسىنى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر مىسلىسىز دەرىجىدە ئويغاتتى ۋە ئىتتىپاقلاشتۇردى. پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، مۇستەقىللىق داۋاسىنىڭ ھۇلىغا بىر قۇر كېسەك بولسىمۇ قويىۋالايلى، دېسەك، گەپنى، ئىشنى يەنىلا بۈيۈك بىرلىكتىن باشلىماي مۇمكىن ئەمەس.

بۇ يەردە دەۋاتقان بۈيۈك بىرلىك قانداقتۇ ئابىستراكىت ئۇقۇملا ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىسمىغا ماس جىسىمىمۇ بار، يەنى بىر قاتار كونكرىت مەزمۇنغا ئىگە بىرلىكتۇر.

ئۇنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇدىغىنى، جۈملىدىن ئۇمۇرتقىسى تەشكىلى بىرلىكتۇر. بۈگۈنكى دۇنيادا ۋەتەن دەۋاسىنىڭ بىردىن-بىر نامى يوللۇق، گېپى تولۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدۇر. ئۇ ھەرگىزمۇ بىرەر شەخىسنىڭ نامىغا باغلىنىپ ئۇيان-بۇيان بولىدىغان شەخسى شىركەت ئەمەس. دۇق نى قوللاپ گىگانتلاشتۇرۇش ھەر بىر مەسئۇلىيەتچان ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مىللىي بۇرچى. ئۇنى قوللاپ، يۆلەپ كۈچەيتىشكىلا بولىدۇكى، پارچىلاشقا، ئاجىزلاشتۇرۇشقا زادى بولمايدۇ. دېموكراتىيە مۇھىتىدا ياشۋاتقان چەتئەل ئۇيغۇر گەۋدىسى كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى دېموكراتىك يول بىلەن ھەل سقىلىشقا تامامەن قادىر. ئېغىزىدا ۋەتەننى زۇلمەتتىن، مىللەتنى قۇللۇقتىن قۇتقۇزىمىز، دەپ قويۇپ، ئەمەلىيىتىدە شۇ نىشانغا يوللۇق يېتەكلەيدىغان بىردن-بىر تەشكىلاتىنى ۋەيران قىلىش ۋەتەن دەۋاسىغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھىيانەت ھەم كەچۈرگىسىز جىنايەت!

ئۇنىڭدىن قالسا بۇ ئۇلۇغۋار ئىشنىڭ ئاداققى نىشانى، نىشانغا يېتىشنىڭ قەدەم باسقۇچى، ھەر باسقۇچنىڭ سىياسەت-تەدبىرلىرى، ھەرىكەت پىلانلىرىغا ئوخشاش ھالقىلىق مەسىلەلەردە چوقۇم بىرلىك بولۇشى شەرت (ماقالىنىڭ ئۇزۇراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇ جەھەتلەردىكى كونكىرىت ئوي-پىكىرلىرىمنى كىيىنگە كويدۇم).

ئەگەر باشقىچە غەرەز ياكى غەيرى ھېسسىيات بىلەن يېقىن تۇرغۇسى كەلمەيدىغانلار بولسا، يىراققا بېرىپ ئىشىڭنى قىل. ئەمما ئاگاھ شۇكى، زىيانلىق زۇۋانىڭنى ئۆچەر! پايدىسىز ھەرىكەتلىرىڭنى توختات!

ۋادەرىھا، مۇبادا خىتايغا «قۇلاق» بولۇپ ۋىجدان ساتقان، ھەممە ئىشتا «مەن» نى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئەلنىڭ ئېشىغا توپا چاچقان، پىتنە تېرىپ راھەت تاپقان، پايدا-مەنپەئەتنى دەپ ۋەتەن دەۋاسىنىڭ سىرتىدا ئۇخلاپ ياتقان كۈيەندى-كۆيدۈرگىلەرنى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ لەنەت تۈرۈكىگە مىقلاپ، ھەر كىم كۆرسە نەپرەت بىلەن تۈكۈرۈپ ئۆتىدىغان بىرەر ئىچكىي مىخانىزىم بەرپا قىلغىلى بولسا نېمە دېگەن ياخشى ئىش بولار ئىدى-ھە!

= ========================================== =

Tingirqashtin Ilkide Oylighanlirim

Apturi: Neshteri

Uzaqtin béri, millitimizning teqdiri heqqide kallamni chirmap, könglümge aram bermey kéliwatqan suallar bar idi. Qanaetlik jawap tépish istigide bari-yoq eqlimning hemmisini ishqa sélip, talay qétim béshim qayghiche oylap baqtim. Tapqan jawaplirimning héchbiri özümni qayil qilalmidi. Emdi bir ümidlik jawapning péshige ésilsam, tarixtiki qismetler, rialliqtiki alametler, tesewurumdiki kelgüsiy «karamet» ler yürikimni échishturup, toxtimay «uh» tartidighan qilip qoydi. Her qachan, her zaman özümni özümge bildürüp turushqa tirishidighan kemine péqir : «munche müshkül chong timigha bash qatturumen deydighan sen kimting? boldi qil emdi, sériq éting bösülüp ketmisun yene!» dep öz-özümge kayip qaldim.

Shuningdin étibaren, özüm chingqilip oylap yürmey, oylap oygha pishqan, sözlep sözge pishqan, oqup doktur ashqan, yezip sherep quchqan alim-ölimalarning, dana-danishmenlerning, her sahe serxillirining telim-tenbihlirini pütün zéhnim bélen tingshashqa bashlidim.

Elhemdulillah, hélimu yaxshi allah taalah rizqini chet’elge qachqan pishanisi ong, zuwulisi chong, eqli yitük, kongli pütün Uyghur serhilliri, bolupmu hayatini weten dewasigha atiwetken pidakarlarning toxtimay tirishchanliq körsitishi bedilige bu dewa xelq’aragha yüzlinip, dunya jamaetchiliki millitimizning béshigha kelgen külpetlerdin anche-munche xewer tapti, hem öz nöwitide halimizgha azdur-köptur échindi. Bu hal gerche ümidimizdin yiarq bolsimu, mushu dewa tarixidin éytqanda dewir bölgüch netije dimey turalmaymiz, elbette (Bu yolda tinimsiz heriket qilghan we qiliwatqan éziz qérindashlirimizning chiqqan döwisi igiz, tutqan topisi altun bolghay, ilahim).

Halbuki, biz duch kiliwatqan rehimsiz réalliq aldida, tüshmu-tüshtin angliniwatqan bezi debdibilik nutuq we quruq shu’arlar xuddi xamanchining «lay-lay» naxshisidek anglinidighan bolup qaldi.

Réalliqqa nezer salsaq, süyi bulghinip nimjan bolup qalghan töt tal béliq, égisidin ögeylinip kochida qalghan ermek küchük üchünmu choqan kötirip namayish qilip toxtimaydighan erkin dunya jamaetchiliki, insan hoquqi nizamini mizan qilghan démokratik döletlerning hökümetliri hélihem mustebit, zorawan, mötéhem, achköz, chirik, kazzap, yalghanchi xitay kommunist hakimiyitining sherqiy türkistanning zéminini pul, xelqini qul qilish siyasitige dégendek perwa qilmaywatidu.

Wetendiki panasiz bichare qérindashlirimiz ilajisizliqtin béshigha kelgen zulum-xorluqlargha qol qoghushturup turiwatidu. qushxanigha solinip pokanchining pichiqini kütüp turghan mal-charwilarning qismitige duch kelsimu «elhökmilillah» déyishke mejbur boliwatidu.

cheteldiki Uyghur gewdisi sheytanning sheytanliqi bélen bir gewde bolalmay, aran yighqan azghina küchimiz bihude xorawatidu.

Kallamda yene shu soallar: néme qilmaq kérek? Nemilerni qillaymiz?

Nawada hemmimiz allah taalahning bir kéchidila yölep turghuzup qoyushini tilep oltursaq netijisini körelemizmu? (elbette pütün ixlasimiz bélen dua qoydurimiz.) Ölimalarning tebiriche, allah taalah sherti toshmighan qewimning teghdirini ongshap qoymaydiken. Biz Uyghurlar iman éytip Musulman bolghili 1400 yildin ashti, shunche uzaq zaman toshmighan shertimiz qachanmu toshar?

Xitay hökümranliri ichidin Gorbachopqa oxshash Wangbachoptin birsi chiqip, eyni yilliri Sowétler ittipaqida roy bergen möjizini tekrarlarmu? ümidni buninggha baghlisaq özimizni rohiy késeller doxturxanisidin izdeshimizge toghra kélidu.

Birer adaletperwer dölet otturigha chiqip, biz bicharilerni qutulduriwalar, dégen ümidte bashqilarning insapigha telmürüp, boyun qisip tursaq, boyunimiz télip, közimiz téshilip ketmesmu?

Chet elde turiwatqan Uyghurlar hemmimiz qolimizgha qural élip, xitay tajawuzchilirigha qarshi hujum bashlisaq, wetendiki qérindashlarmu biri qalmay qozghilip qoligha udul kelgen eswap-saymanlirini élip «ya ölüm, ya körüm» jéngige kirse, Tarim deryasidin qan téship kitip, sherqiy türkistan zémini qan’gha gherq bolup ketmesmu?

Qizitmam örlep qaldimu nime, dep, derhal dorigha qol uzattim,

Özumge baqsam, wetenni munqerzliktin, milletni qulluqtin qutuldurushqa éziz jéni, issiq qénidin bashqa desmayisi yoq, emma yürikining chungqur qétida ana makanigha cheksiz söyüm, öz qewmige otluq köyüm saqlap kelgen Uyghurmen. Birsi kélip gélimni boghmighandikin menmu tingirqash ilkide oylighanlirimni qérindashlar bilen ortaqliship baqsam yamini bolmas, dégen oyda bu témigha tewekkül qilip qaldim. Eyipke buyrumanglar.

Uyghurni qulluqtin qutquzux yolida izden’gen izchi ejdatlirimizning bizge jénini qeghez, qénini siyah qilip yézip qaldurghan wesiyet-nesihetliridin bilip yételeymizki, bundaq ulughwar ishni bashqa élip chqish üchün, choqum uyultashdek birlik, shexsiyetsiz yekdilliq, zaman’gha yarisha eqil-paraset, égilmes-sunmas roh bolmay esla mumkin emes. Éghizi ashqa tékküche buruni tashqa tégip kelgan shor pishane millitimizni, bolupmu erkin dunyada yashawatqan Uyghur gewdisini qérindashlirimizning béshigha kelgen külpetler mislisiz derijide oyghatti we ittipaqlashturdi. Pursetni qoldin bermey, musteqilliq dawasining huligha bir qur kések bolsimu qoyiwalayli, dések, gepni, ishni yenila büyük birliktin bashlimay mumkin emes.

Bu yerde dewatqan büyük birlik qandaqtu abistrakit uqumla emes, belki özining ismigha mas jisimimu bar, yeni bir qatar konkrit mezmun’gha ige birliktur.

Uning aldinqi orunda turudighini, jümlidin umurtqisi teshkili birliktur. Bügünki dunyada weten dewasining birdin-bir nami yolluq, gépi toluq Uyghur teshkilati Dunya Uyghur Qurultiyidur. U hergizmu birer shexisning namigha baghlinip uyan-buyan bolidighan shexsi shirket emes. DUQ ni qollap gigantlashturush her bir mes’uliyetchan Uyghurning bash tartip bolmaydighan milliy burchi. Uni qollap, yölep kücheytishkila boliduki, parchilashqa, ajizlashturushqa zadi bolmaydu. Démokratiye muhitida yashwatqan chet’el Uyghur gewdisi körülgen mesililerni démokratik yol bilen hel sqilishqa tamamen qadir. Éghizida wetenni zulmettin, milletni qulluqtin qutquzimiz, dep qoyup, emeliyitide shu nishan’gha yolluq yétekleydighan birdn-bir teshkilatini weyran qilish weten dewasigha qilin’ghan eng chong hiyanet hem kechürgisiz jinayet!

Uningdin qalsa bu ulughwar ishning adaqqi nishani, nishan’gha yétishning qedem basquchi, her basquchning siyaset-tedbirliri, heriket pilanlirigha oxshash halqiliq mesilelerde choqum birlik bolushi shert (maqalining uzurap kétishidin ensirep, bu jehetlerdiki konkirit oy-pikirlirimni kiyin’ge koydum).

Eger bashqiche gherez yaki gheyri héssiyat bilen yéqin turghusi kelmeydighanlar bolsa, yiraqqa bérip ishingni qil. Emma agah shuki, ziyanliq zuwaningni öcher! Paydisiz heriketliringni toxtat!

Waderiha, mubada xitaygha «qulaq» bolup wijdan satqan, hemme ishta «men» ni kötürüp chiqip elning éshigha topa chachqan, pitne térip rahet tapqan, payda-menpe’etni dep weten dewasining sirtida uxlap yatqan küyendi-köydürgilerni Uyghur jama’itining lenet türükige miqlap, her kim körse nepret bilen tükürüp ötidighan birer ichkiy mixanizim berpa qilghili bolsa néme dégen yaxshi ish bolar idi-he!

Unregistered
03-03-18, 12:02
Tariqtin qalghan quruq xiyal.

05-03-18, 14:11
Tariqtin qalghan quruq xiyal.

toghra dewatisiz. bular ashkare shayatun usuligha chushti:

"چەت ئەلدە تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەممىمىز قولىمىزغا قۇرال ئېلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ھۇجۇم باشلىساق، ۋەتەندىكى قېرىنداشلارمۇ بىرى قالماي قوزغىلىپ قولىغا ئۇدۇل كەلگەن ئەسۋاپ-سايمانلىرىنى ئېلىپ «يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم» جېڭىگە كىرسە، تارىم دەرياسىدىن قان تېشىپ كىتىپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنى قانغا غەرق بولۇپ كەتمەسمۇ؟
قىزىتمام ئۆرلەپ قالدىمۇ نىمە، دەپ، دەرھال دورىغا قول ئۇزاتتى،
"
Mexmut mohiti, Exmetjan qasimi, Semen yolidiki qehrimanlar, Etigenlik bazirida Xitaylarning ustige basturghan oghlanlar bu haywanlar teripidin eyiplenmekte. ularning bizge echip bergen Musteqilliq yoli inkar qilinmaqta.

Qeni bu sehnide yillardin biri chirayliq gepler bilen uyghurlarni yetilep keliwatqan Nutuqchilar, Sohbetchiler, Edibiyatchilar?