PDA

View Full Version : چېن چۇەنگو شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانى&



Unregistered
23-02-18, 23:35
چېن چۇەنگو شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى توختاتسۇن!

مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى

https://www.change.org/p/stop-chinese-communist-dictator-chen-quanguo-s-crimes-against-humanity-in-east-turkestan

بىز مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى change.org دا ئېلان قىلغان ئالدىنقى ئۈچ قېتىملىق مۇراجىئەتنامىمىزدە (http://chn.ge/2CAIJFR، http://chn.ge/2Dw8YAU،http://chn.ge/2Eh6k2c)، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان چېكىدىن ئاشقان سىياسەتلىرىنى توختىتىشىنى، لاگېرلارغا سولانغان 1 مىليون ئۇيغۇرنى قويۇۋېتىشىنى، تەسىر مەھبۇسلىرىنى قويۇۋېتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدۇق. بىز بۇ مۇراجىئەتنامىدە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شەرقىي تۈركىستان)نىڭ سېكرېتارى چېن چۇەنگونىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلىرىنى قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقان سىياسەتلىرىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز!

چېن چۇەنگو خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2016-يىلى ئاۋغۇستتا تىبەتتىن شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەپ ۋەزىپىگە قويۇلغاندىن بېرى، ئۆزىنىڭ تىبەت رايونىنى باشقۇرغان سىياسەتلىرىنى ئەينى پېتى ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇشنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى.

ئىگىلىنىشىچە، چېن چۇەنگو باشچىلىقىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى يەرلىكتىكى مەھەللە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ، ئاۋىئاتسىيە باشقۇرغۇچىلىرى ۋە خىزمەتچى خادىملىرىغا قولغا ئېلىش جەدۋىلى تارقىتىپ بەرگەن، شۇنداقلا ئۇلارغا ھۆكۈمنامە قەغىزىنى بېسىپ تەييارلاپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا قولغا ئېلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىنى ۋە ئارتىشقا تېگىشلىك جىنايەت تۈرلىرىنى بەلگىلەپ بەرگەن. چېن چۇەنگو بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا 1 مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا سولىغان بولۇپ، بۇ گۇناھسىز مەھبۇسلار چېن چۇەنگونىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەبىھ زۇلۇمى ئاستىدا تىركىشىۋاتىدۇ.

چېن چۇەنگونىڭ يېقىندىلا ئويدۇرۇپ چىقارغىنى بولسا ئىككى يۈزلىمىچى دېگەن يېڭى جىنايەت بولۇپ، ئۇ 2017-يىلدىن باشلاپ بۇ جىنايەتنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىشقا باشلىغان. چېن چۇەنگو تەرىپىدىن ئىككى يۈزلىمىچى دېيىلىپ سولىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز بىر قىسمى ئۆزىگە سادىق بولۇپ ئىشلىگەن، ئەمما ھازىر كېرىكى قالمىغان ئۇيغۇرلاردىن بولسا، زور كۆپچىلىكى، بىز مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى ئۈچىنچى مۇراجىئەتنامىدە نۇقتىلىق تىلغا ئالغان، تەسىر مەھبۇسلىرى دىن ئىبارەت. تەسىر مەھبۇسلىرى بولسا، ئۆز ساھەلىرىدە ئۇتۇققا ئېرىشىپ مەلۇم تەسىر كۈچىگە ئېگە بولغان، ۋىجدان مەھبۇسلىرىدىن پەرقلىق ھالدا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە سۈكۈت قىلىپ كەلگەن شەخسلەردىن ئىبارەت بولۇپ، پەقەت جەمئىيەتتە تەسىرى بار ئۇيغۇر بولغانلىقى سەۋەبلىك ئىككى يۈزلىمىچى دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنماقتا.

چېن چۇەنگو تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىچىدە 18 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر ئەرلىرى مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلىگەن. نەتىجىدە، نۇرغۇن ئاياللار ئەرلىرىدىن ئايرىلىپ تۇل خوتۇنلارغا ئايلانغان بولسا، بالىلار دادىلىرىدىن ئايرىلىپ تىرىك يېتىمگە ئايلانغان. دېھقانچىلىق ئاساسى ئىگىلىك بولغان شەرقىي تۈركىستاندا تېرىلغۇ يەرلەر ئەر ئەمگەك كۈچلىرىدىن ئايرىلغان. شۇ سەۋەبتىن ھازىر شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە بېرىپ قالغان ھەرقانداق كىشى ئەرسىز مەھەللە ۋە ئۇيغۇرسىز كوچىلارنى كۆرەلەيدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن.

چېن چۇەنگو تۈرمە ۋە جازا لاگېرى سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ھالىغا قويۇۋەتمىگەن. ئۇ قوشماق تۇغقان بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، خىتاي تۇغقانلارنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ چوڭ-كىچىك يېزا-شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە مەجبۇرىي ئورۇنلاشتۇرغان، ۋە ئۇلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان نازارەتنى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرگەن. ھەتتا ئائىلىسىدە ئەرلىرى يوق بولغان تۇل خوتۇن، يېتىم بالىلارمۇ بۇ خىتاي تۇغقانلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. بىز ھەتتا بەزى ئەر تۇغقانلارنىڭ تۇل خوتۇن، يېتىم قىزلارغا زوراۋانلىق قىلغانلىقىدەك جىنايى قىلمىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئىگىلىدۇق. زوراۋانلىققا ئۇچرىغان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى يەرلىك ھۆكۈمەتكە ئەرز قىلغاندا مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزگەن دېگەندەك بوھتانلار بىلەن قولغا ئېلىنغان. بۇ خىل مەجبۇرىي تۇغقاندارچىلىق سىياسىتى تۇغقانلىققا ئورۇنلاشتۇرۇلغان خىتاي پۇقرالارغىمۇ بېسىم ئېلىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارغا ئىشەنچ قىلالمىغان خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە ئورۇنلاشتۇرغان خىتاي تۇغقانلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتكەن. ئاتالمىش خىتاي تۇغقانلار بولسا ئۇيغۇر تۇغقىنىدىن شۈبھىلىنىپ، كېچىچە نۆۋەتلىشىپ كۆزەتتە تۇرغان.

چەن چۇەنگو بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر گۇناھسىز مەھبۇس لىرىنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپلا توختاپ قالماي، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قايتا تەربىيەلەش مەركىزى نامىدىكى جازا لاگېرلىرىنى ئۈزلۈكسىز قۇرماقتا. بۇنىڭ بىر مىسالى ھازىر ئۈرۈمچىدىلا 7000 كىشىلىك 4-جازا لاگېرى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلماقتا. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، بۇ بىر مىليون گۇناھسىز مەھبۇس لارنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىلەرگە دۇچار بولۇشىدۇر.

بىز يېقىندا ئەمدىلا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن، ئۇ يېڭىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندا قائىدە-تۈزۈملەرنى بىلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن قاتتىق ئۇرۇلغانلىقىنى، مەن تېررورچى!دېمىگىچە تاياقنىڭ توختىمايدىغانلىقىنى، ھاجەتخانىغا كىرمەكچى بولسىمۇ مەن بىر تېررورچى، مەن ھاجەتخانىغا كىرەتتىم دەپ رۇخسەت سورىمىسا تاياققا بېسىلىدىغانلىقىنى، ئوڭ قولى سول پۇتىغا زەنجىر كىشەن بىلەن چېتىپ قويۇلغانلىق سەۋەبىدىن بەدەن شەكلىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى، بىر يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگىنىدە، پەقەت ئۆمىلەپلا ماڭىدىغان، تۈز تۇرۇپ ماڭالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلىدۇق.

شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلغان ۋە 12 يىلنىڭ ئالدىدا قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئۆمۈربەك ئېلى خىزمەت سەۋەبى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا كەلگىنىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، ھەر خىل لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىلىپ، 8 ئايدىن كېيىن قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگە بولۇشى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن. ئۆمۈربەك ئېلى شۇ 8 ئايلىق مەھبۇسلۇق ھاياتىدا نۇرغۇن قېتىم تەن جازاسىغا ئۇچرىغان، جىسمانىي ۋە روھى ئازابلاردىن ئۇ 40كگ ئورۇقلاپ ھەر-خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان (https://www.rfa.org/english/news/uyghur/kazakh-01302018161655.html).

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قەشقەرلىك تىجارەتچى ئابدۇراخمان ھەسەن ئەپەندىم ئۆزىنىڭ چەتئەلدە ياشاۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ جازا لاگېرىدا تەن جازاسىغا ئۇچراپ جانلىرى قىينىلىۋاتقان ئانىسى ۋە ئايالى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئانام بىلەن ئايالىمنى ئېتىپ بېرىڭلار، ئوق پۇلىنى مەن بېرەي! دەپ چاقىرىق قىلغان (http://freedomsherald.org/ET/unb/). مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا تىرىك كىرىپ ئۆلۈك چىقىۋاتقان ئۇيغۇر گۇناھسىز مەھبۇسلىرىنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بىز مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى چېن چۇەنگو ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمىز.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقى ئاجىز ۋە ياردەمسىز قالدى. شۇ سەۋەبتىن، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەھشىيلىكلىرى ئالدىدا ئۆزىمىزنى قوغداشقا ئامالسىزمىز ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز ئۈچۈن بولۇۋاتقان بۇ كۈرەشنى يالغۇز قىلالمايمىز. بىز دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قوللىشىغا موھتاج! ئەگەر دۇنيادىكى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ھەقسۆيەر كىشىلەر بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بەلكىم بىزگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە بۇ قىلمىشلارنى توختىتىش ھەققىدە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە ۋە چەن چۇەنگوغا بېسىم ئىشلىتىپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش سىياسەتلىرىنى توختىتىشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىن.

بىزنىڭ سېپىمىزگە قوشۇلۇڭ، بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويۇڭ ۋە تارقىتىپ قويۇڭ. شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئادەمنى چۆچۈتىدىغان زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا ياردەم قىلىڭ! رەھمەت سىزگە!