PDA

View Full Version : Kimler Bizdin, Kimler Emes



Eltirish
13-01-18, 05:02
كىملەر بىزدىن، كىملەر ئەمەس


شۇڭقار تېكىن





تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا غۇلغۇلىغا سەۋەپ بولغان ، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يولغا قويۇلىۋاتقان چېكىدىن ئاشقان باستۇرۇش سىياسىسىتىگە قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن بىر مۇراجەتنامىگە ئىمزا توپلاش پائالىيىتى جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن بەزى ئىنكاسلار ۋە بەزى شەخسلەرنىڭ ئىپادىلىرى بۇ مىللەتنىڭ ئەڭ جىددى پەيتلەردىمۇ دەرھال توغرا بىر چارە - تەدبىر ئۈچۈن بىرلەشمەي ماھىيەتسىز مەسىلىلەر ئۈستىدە تالاش- تارتىش قىلىپ دۈشمەنگە ئويۇن قويۇپ بېرىدىغان ئەجەللىك ئاجىزلىقلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ بەردى.


كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ مۇراجەتنامە ئۇيغۇرلار مىللەت بويىچە يوقۇتۇش نىشانى قىلىنغان تازىلاش سىياسىتى ئاستىدا قىمىر قىلغۇدەك پۇرسەتمۇ يوق شارائىتتا ۋەتەن سىرتىدىكى بىر قىسىم ئىچىيورۇق ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقارالىق قانۇن -نىزاملاردىن پايدىنىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن زۇلۇملارنى خەلقئارا جامائەتچىلىككە بىلدۈرۈش مەقسىدىدە ئوتتۇرىغا چىققان بىر تىرىشچانلىق ئىكەن. بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەر مۇراجەتنامىنىڭ ۋەتەندىكى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى، پەقەت خەلقارادا جامائەت پىكرى پەيدا قىلىپ خىتاينى بىئارام قىلىشقا يارايدىغانلىقىنى بىلىدۇ دەپ ئىشىنىمەن. دەسلەپ 500 كىشىلىك ئىمزانى نىشانلاپ باشلانغان بۇ مۇراجەتنامىگە ئىمزا قويغانلار ئون مىڭغا قاراپ مېڭىپتۇ . شۇنىڭدىن قارىغاندا بۇ مۇراجەتنامىنىڭ تەسىرى كۈتكەندىن ئارتۇق بولغان. ھالبۇكى ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ 90% نىڭ ئۇيغۇرلار ئەمەسلىكىنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز . تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ۋەتەن، مىللەت داۋرىڭى قىلىپ كەلگەن، ئۆزلىرىنى مىللەتنىڭ، دىننىڭ تۆۋرۇكى ھېساپلايدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ مۇراجەتنامىگە قول قويۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ، مۇراجەتنامىدە ئىشلىتىلگەن ئاتالغۇلار ۋە بەزى سۆزلەرگە ئېسىلىۋېلىپ غۇلغۇلا قىلىشلىرى ، ھەتتا مۇراجەتنامىگە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەپ بايانات ئېلان قىلىشلىرى ، يۈزبىتىك( Facebook)تە ئاجايىپ ئۇلۇغ گەپلەر بىلەن تىنماي «جىھاد » قىلىپ، « ئىلىم تەھسىل » قىلىپ يۈرۈيدىغان تور مىتىلىرىنىڭ بىر خىلدا پەرۋاسىز يۈرۈشلىرى، ھەتتا نامى يوغان ، ئاۋازى ئۈنلۈك چىقىدىغان، ئەرەبچە ئىبارىلەرنى بوغۇزىغا لىق تولدۇرۇپ ئەرەبلەردەكلا ئۆلچەملىك تەلەپپۇز بىلەن چىقىرىدىغان ئۇممەتپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر بولىۋالغان جانباقتىلارنىڭ بۇ مۇراجەتنامىنىڭ كەينىدە كىملەرنىڭ بارلىقىنى جىددى سۈرۈشتۈرۈپ كېتىشلىرى ھەقىقەتەن ھەر بىر ئەقلى ۋە ئىمانى بار ئۇيغۇرنى ئۆزلىرىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەيدانى ھەققىدە جىددى ئويلىنىپ بېقىشقا چاقىرىدۇ .


بۇ مۇراجەتنامە ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بەزى «چوڭ »لارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆكۈشلىرى ۋە نېمە ئۈچۈن ئىمزا قويمىغانلىقلىرى ھەققىدىكى سەۋەپلىرىنى ئاڭلىغان، كۆرگەندىن كېيىن مەن بەك ئالدىراپ ئىمزا قويۇۋەتكەندەك ھېس قىلىپ مۇراجەتنامىنى قايتا كۆرۈپ چىقتىم . مۇراجەتنامە بۇلار ئېيتقاندەك قانداقتۇر خىتايغا يېلىنماپتۇ، ئاپتونومىيە ياكى باشقا نەرسە تەلەپ قىلماپتۇ، پەقەت ئادالەت تەلەپ قىپتۇ، ئەقەللى ياشاش ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىغا بولغان كەسكىن ئەيىپلەشلىرىنى ئىپادىلەپتۇ، دۇنيا جامائىتىگە ۋەتىنىمىزدە بولىۋاتقان پاجىئەلەرنى ئاڭلىتىپتۇ. ئۆزىنى سىياسەتچى ،يەنە بىرنېمىچى دەپ يۈرگەن ئادەملەر دىپلوماتىيە، خەلقارالىق قائىدىلەر ھەققىدە ئاشۇنچىلىك بىرنەرسە بىلمەسمۇ. بۇ بىلمىگەنلىكنىڭ ئىشى ئەمەس بەلكى ئۆزىنى بەك بىلىدىغان چاغلاپ كەتكەننىڭ ئىشى. بىر ئادەمنىڭ قانچىلىك بىلىمى بولغانلىقى بىر گەپ، ئۇنى نىمە ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكى، قانچىلىك قىممەت ياراتقانلىقى بولسا باشقا بىر گەپ .بىر ئادەمنىڭ بەك ئىقتىدارلىق بولغانلىقى ئەمەس، بەلكى بىر ئادەمنىڭ ئۆزىدە بار ئىقتىدارنى قانچىلىك دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىكى مۇھىمدۇر. مۇراجەتنامىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈپ مەزمۇننى بىر يەرگە قايرىپ قويۇپ ئۇنىڭدا ئىشلىتىلگەن بىرەر سۆز ياكى ئىسىمغا ئېسىلىۋېلىپ بۇ ئىش ئۈستىدە غۇلغۇلا قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى پەقەت ئەقىلسىز كىشىلەردۇر.


ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاھۇ-زارى قولىقىغا ئاڭلىنىپ تۇرغان، ۋەتەن، مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن قايغۇرۇپ باش قاتۇرىۋاتقان ئەقىل ئىگىلىرى، مىللەتنىڭ بىرلىكىنى، ئىتتىپاقلىقىنى دەپ جاھىللىق بىلەن مۇرەسسە قىلماڭلار. ئۇيغۇرنىڭ ۋىجدانلىق كىشىلىرى چوقۇم ئويلىشىپ بېقىشى كېرەككى، مىللەتنىڭ ھايات-ماماتىغا تاقىشىدىغان ، توغرا- خاتالىقى كۈندۈزدەك روشەن مۇشۇنداق ئىشتىمۇ بۇنى قوللاش ئۇياقتا تۇرسۇن پائالىيەت ئۈچۈن كۈچەۋاتقانلارغا قارا سۈركەشكە، ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلار سىلەر تەرەپتە بولامدۇ ياكى ئۇنداقلار ئۆزلىرىمۇ بىلمەي خىتايغا، زۇلۇمغا، جاھالەتكە ،ئەقىلسىزلىككە يانتاياق بولىۋاتامدۇ؟


بىر مىللەتنىڭ ئۇتۇقلۇق قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۈچ خىل نەرسە لازىم ; توغرا نىشان، توغرا يول-ئىستراتېگىيە، توغرا ئادەملەر. بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىل ئىگىلىرى ئۆزلىرى بىلەن ئۆزگىلەرنى تونۇش زۆرۈرىيىتىدە قالدى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ۋىجدانلىق ئادەملىرى ئېغىر ۋە جىددى بىر سۇئالغا دۇچ كەلدى: كىملەر بىزدىن، كىملەر بىزدىن ئەمەس .


شۇنى قەتئى تونۇش كېرەككى، مىللەتنىڭ تەقدىرى قىل ئۈستىدە تۇرغان مۇشۇنداق چاغدىمۇ سىياسى كۆز قارىشىنى پەش قىلىپ بۇ مۇراجەتنامە ھەققىدە پىتنە -پاسات تېرىپ يۈرگەنلەر، ئۆزىنىڭ كىبىرىنى يۈتىۋېتەلمەي توغرا ئىشنى خاتاغا بۇراپ سەپسەتە سۆزلەپ يۇرىۋاتقان ئاتالمىش زىيالىلار بىزدىن ئەمەس.


سىياسى قارىشى، دىنى چۈشەنچىلىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر مىللى مەنپەئەتىمىزنى ئۆز كۆڭۈل خاھىشىدىن ئۈستۈن قويغان ھالدا ئەڭ ئەشەددى دۈشمەنگە قارشى بۇ مۇقەددەس كۈرەش ئۈچۈن بىرلىككە كېلەلەيدىغانلار ۋە بۇ يولدا ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن جېنى ۋە مېلى بىلەن كۈرەش قىلالايدىغانلار بىزدىن.


پۈتۈن نىيەت- ئىقبالىمىز بىلەن بىر تەن، بىر جان بولۇپ ئىتتىپاقلىشىپ كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى قولىمىزدىن كەلگەن ھەرقانداق بىر ئىشنى قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ئىمانىنى ئۆلچەپ، باھالاپ ، كاپىرغا چىقىرىپ ئولتۇرىدىغان ئاق تاغلىق،قارا تاغلىق زېھنىيىتىدىكى جاھىللار بىزدىن ئەمەس.


«ۋەتەن ئۈچۈن ئەمەس، ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىش يولىدا جىھاد قىلىمىز » دەيدىغان دىندار قىياپەتتىكى، ئۆز نەپسىگە چوقۇنۇپ تۇرۇپ مۆمىنلىك داۋاسى قىلىدىغان مۇناپىقلار، ئۆز پىكرىگە قېتىلمىغان ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرنى خىتايدىنمۇ بەكرەك ئۆچ كۆرىدىغان دىلى قاراڭغۇ جاھىللار بىزدىن ئەمەس.
ۋەتەن، مىللەت تۇيغۇسى ۋە سۆيگۈسى بولمىغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ، ئۇ مەيلى قانداق دىندار قىياپەتتە بولسۇن، ئىمانىدىن گۇمانلىنىشقا يۈزدە يۈز ھەققىمىز بار. ئۆگەنمەي، كۈچلەنمەي، تەرەققى قىلماي تۇرۇپ ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلغىلى بولمايدۇ.


ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلىرىمىز دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، مۇقەددەس دىنىمىز ھاقارەتلىنىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتلەردە، دۇنيادىكى قانۇن- قائىدىلەرگە ، خەلقارا مۇناسىۋەت بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن يوللار بىلەن ئىنسانى ھەق ھوقۇقلىرمىزنى داۋا قىلساق “ مۇستەقىللىق دېمەي كىشىلىك ھوقۇق دېدى، ئاپتونومىيىچى، خائىن “ دەپ ھۇجۇم قىلىپ ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان قەغەز يۈزىدىكى «ئىنقىلاپچىلار » ، دىتىغا ياقمايدىغان بىرەر ئىش مەيدانغا كەلسىلا كونا-يېڭىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىسابەگچى، قۇرۇلتايچى دەپ ھەممىنى تىللايدىغان دىلى بۇزۇق مۇناپىقلار بىزدىن ئەمەس .


پەقەت ناماز ئۆتىگەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىم ئاللاھ دېگەنلىكى ئۈچۈنلا دىنغا ئۇيغۇن ياشايدىغان قېرىنداشلىرىمىزنى قالاق، جاھىل بىلىپ ئۆچ كۆرىدىغان ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان دىنسىزلار، ۋەتەندىكى دىنى تۈس ئالغان قارشىلىقلارنى پەقەت «ئەرەبنىڭ قارا كىيىمى »گە باغلاپلا چۈشىنىدىغان ،خىتاينىڭ ھەقىقى مەقسىدىنى كۆرەلمەي تۇرۇپ ئۆزىنى ئىلغار پىكىرلىك چاغلايدىغان ئوقۇغان «زامانىۋى» جاھىللار بىزدىن ئەمەس.


پەرۋەردىگارىمىز « ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا، قورقۇپ قالىسىلەر، كۈچ قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ;»(قۇرئان، 8:46) دەپ ئېنىق ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرسىمۇ مۇسۇلمانلىق، كاپىرلىق ھەققىدە گەپ سېتىپ پىنتە -پاسات تېرىيدىغان، نەپسى خاھىشى ئەقلىدىن ،ئىمانىدىن ئۈستۈن بولغان جاھىللار بىزدىن ئەمەس.


ئاللاھ بەلگىلىگەن مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ھېسابىنى ئالىدىغان قانداقتۇر بىرەرسىڭلار ئەمەس. « ناماز ئوقۇدۇڭمۇ يوق، نىمىشقا روزا تۇتمىدىڭ … » دېگەندەك سۇئاللارنى سوراش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئەمەس. «ۋەتەن ئۈچۈن قانچىلىك ئىش قىلالايسەن، مىللەت ئۈچۈن نېمە قىلدىڭ، قىزلىرىمىز ، بالىلىرىمىز خارلىقتا قالدى، قانداق چارە قىلىمىز، بۇ زۇلۇمدىن قانداق قۇتۇلىمىز …» دەپ سوراش ۋە ئۇنىڭ يولىدا ئىزدىنىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز .


ئانا ۋەتەن ئۈچۈن، مەزلۇم خەلقىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئاللاھ بىزنى بۇيرۇغان جىھاد، يەنى بىزنىڭ كۈرىشىمىزدۇر. قەلەم بىلەن، قورال بىلەن، جان ۋە مېلىمىز بىلەن، بىزدە نېمە بولسا شۇنىڭ بىلەن. بىزنىڭ كۈرىشىمىز ۋە بىزنىڭ يولىمىز ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشتىكى، ئىككى دۇنيالىق بەخت -سائادەتكە يېتىشتىكى ئەڭ توغرا يولدۇر. بۇ يولدا ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن بولسۇن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ تۇرىدىغانلار بىزدىن.


ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى، نەپسى خاھىشى ئۈچۈن دۈشمىنىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ، كىم بىلەن ئۇرۇشۋاتقانلىقىنى بىلمەي «ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلدىم» دەيدىغان جاھىللار بىزدىن ئەمەس. ئۆزى ھېچنىمە قىلماي، جىھاد ، ھىجرەت داۋرىڭى قىلىپ نۇرغۇن ئادەمنى بالالارغا مۇپتىلا قىلىپ قويۇپ ئارىدىن پايدا ئالىدىغان دىن سودىگەرلىرى، ئۆزى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەرگە كاپىر، مۇرتەد دەپ ھۆكۈم كېسىدىغان ئازغۇنلار بىزدىن ئەمەس.


دۈشمەنلىرىمىز بىزنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئات چاپتۇرىۋاتسا يېڭى يىل ھارام، نورۇز ھارام، يەنە بىر نېمە ھارام دەپ پەتىۋا تارقىتىپ يۈرۈيدىغان قارغۇ تۆگىلەر بىزدىن ئەمەس. بىر بىرىڭلارنى خىتاينى ئۆچ كۆرگەندىنمۇ ئۆچ كۆرىسىلەر ، يەنە مىللەت ، ۋەتەن، ئىماندىن ئېغىز ئاچىسىلەر، سىلەردىكى بۇ قانداق ئىمان؟!


ۋەتەن سىرتىدا، ئامېرىكا، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ياشاپ، تور دۇنياسىدا ئىنقىلاپچى، مۇجاھىد بولماق، سىياسەتچى ، داھى بولماق ئۇنچە تەس ئەمەس. ئەمما خىتايغا تەگكۈدەك يۇقۇرى سەۋىيىلىك قارشىلىقلارنى قىلماق خېلى تەس. ھازىر بىزنىڭ ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەڭ زور بايلىقىمىز، كۈچ-قۇۋۋىتىمىز، ۋە قورالىمىز- ئەقلىمىز ۋە ئىمانىمىزدۇر. خىتايغا قارشى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئەقلىمىزدىن قورال -ياراق توپلاپ خىتاينى دۇنيادا شەرمەندە قىلىمىز. دۈشمىنىمىزنىڭ ئۆتىدىغان يوللىرىنى كۈزىتىپ تۇرىمىز. ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا ئىلكىمىزدە بار ھەرقانداق نەرسىنى سەرپ قىلىمىز.


ئاللاھ كۆڭلىمىزنى بىرلەشتۈرگەن چاغدا ئارىمىزدىكى ئەڭ تەقۋادار ئۇيغۇر بىلەن كۈندە ئىچىپ يۈرۈيدىغان ھاراقكەش ئۇيغۇر مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ ئورتاق دۈشمەنگە قارشى بىرلىشەلەيدۇ. ئۆتكۈر ئەپەندى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى چاغلىرىدا ياشلارنىڭ « بىز قاچان مۇستەقىل بولىمىز؟» دېگەن سۇئالىغا جاۋاپ بەرگەندە شۇنداق دېگەن ئىدى: « قاچان مۇستەقىل بولىمىز بىلمەيمەن، ئەمما چوقۇم مۇستەقىل بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىمەن. بىر كۈنى ئاللاھ كۆڭۈللىرىمىزنى بىرلەشتۈرىدۇ، ئۇ چاغدا بىزنى تانكا، ئايرۇپىلان، ھەتتا ئاتوم بومبىسىمۇ توسۇپ قالالمايدۇ.» شۇنداق بىرلىك ئۈچۈن ئۆز نەپسى ۋە كىبىرىنى يېڭەلەيدىغانلار بىزدىن.


ۋەتەن، مىللەتنىڭ تەقدىرى قىل ئۈستىدە تۇرغان مۇشۇنداق پەيتلەردىمۇ بىر چەتتە قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرغانلارنىڭ ئازاد بولغاندىن كېيىنكى ۋەتەندە ياشاش سالاھىيىتى يوق .




2018.يىلى 1.ئاينىڭ 11. كۈنى ۋاساۋ، ۋىسكانسېن




















Kimler Bizdin, Kimler Emes


Shungqar Tékin




Téxi nechche künning aldidila ijtima’i taratqularda ghulghuligha sewep bolghan , Uyghur wetinide yolgha qoyuliwatqan chékidin ashqan basturush siyasisitige qarshi naraziliqini bildürgen bir murajetnamige imza toplash pa’aliyiti jeryanida meydan’gha kelgen bezi inkaslar we bezi shexslerning ipadiliri bu milletning eng jiddi peytlerdimu derhal toghra bir chare - tedbir üchün birleshmey mahiyetsiz mesililer üstide talash- tartish qilip düshmen’ge oyun qoyup béridighan ejellik ajizliqlirini yene bir qétim ashkarilap berdi.


Körünüp turuptiki, bu murajetname Uyghurlar millet boyiche yoqutush nishani qilin’ghan tazilash siyasiti astida qimir qilghudek pursetmu yoq shara’itta weten sirtidiki bir qisim ichiyoruq Uyghurlarning xelqaraliq qanun -nizamlardin paydinilip turup Uyghurlar duch kelgen zulumlarni xelqara jama’etchilikke bildürüsh meqsidide otturigha chiqqan bir tirishchan liq iken.Bu pa’aliyetni teshkilligüchiler murajetnamining wetendiki weziyetni özgertelmeydighanliqini, peqet xelqarada jama’et pikri peyda qilip Xitayni bi’aram qilishqa yaraydighanliqini bilidu dep ishinimen. Deslep 500 kishilik imzani nishanlap bashlan’ghan bu murajetnamige imza qoyghanlar on ming’gha qarap méngiptu. Shuningdin qarighanda bu murajetnamining tesiri kütkendin artuq bolghan. Halbuki imza qoyghuchilarning 90% ning Uyghurlar emeslikini epsusluq ichide körüp turuptimiz. Téximu échinishliq bolghini nechche waqittin béri weten, millet dawringi qilip kelgen, özlirini milletning, dinning töwruki hésaplaydighan kishilerning bu murajetnamige qol qoyush uyaqta tursun , murajetnamide ishlitilgen atalghular we bezi sözlerge ésiliwélip ghulghula qilishliri , hetta murajetnamige qarshi meydanini ipadilep bayanat élan qilishliri , Yüzbitik( Facebook)’te ajayip ulugh gepler bilen tinmay “jihad” qilip, “ilim tehsil” qilip yürüydighan tor mitilirining bir xilda perwasiz yürüshliri, hetta nami yoghan , awazi ünlük chiqidighan, Erebche ibarilerni boghuzigha liq toldurup Ereblerdekla ölchemlik teleppuz bilen chiqiridighan ummetperwer, milletperwer boliwalghan janbaqtilarning bu murajetnamining keynide kimlerning barliqini jiddi sürüshtürüp kétishliri heqiqeten her bir eqli we imani bar Uyghurni özlirining mewqesi we meydani heqqide jiddi oylinip béqishqa chaqiridu.


Bu murajetname élan qilinip uzun ötmeyla bezi “chong” larning bu heqtiki söküshliri we néme üchün imza qoymighanliqliri heqqidiki seweplirini anglighan, körgendin kéyin men bek aldirap imza qoyuwetkendek hés qilip murajetnamini qayta körüp chiqtim. Murajetname bular éytqandek qandaqtur Xitaygha yélinmaptu, aptonomiye yaki bashqa nerse telep qilmaptu, peqet adalet telep qiptu, eqelli yashash hoquqlirining depsende qilin’ghanliqigha bolghan keskin eyipleshlirini ipadileptu, dunya jama’etige wetinimizde boliwatqan paji’elerni anglitiptu. Özini siyasetchi ,yene birnémichi dep yürgen ademler diplomatiye, xelqaraliq qa’idiler heqqide ashunchilik birnerse bilmesmu. Bu bilmigenlikning ishi emes belki özini bek bilidighan chaghlap ketkenning ishi. Bir ademning qanchilik bilimi bolghanliqi bir gep, uni nime üchün ishletkenliki, qanchilik qimmet yaratqanliqi bolsa bashqa bir gep. Bir ademning bek iqtidarliq bolghanliqi emes, belki bir ademning özide bar iqtidarni qanchilik derijide jari qildurup pidakarliq körsetkenliki muhimdur. Murajetnamide otturigha qoyulghan tüp mezmunni bir yerge qayrip qoyup uningda ishlitilgen birer söz yaki isimgha ésiliwélip bu ish üstide ghulghula qiliwatqanlarning köpinchisi peqet eqilsiz kishilerdur.


Wetendiki qérindashlirimizning ahu-zari qoliqigha anglinip turghan, weten, milletning teqdiri üchün qayghurup bash qaturiwatqan eqil igiliri, milletning birlikini, ittipaqliqini dep jahilliq bilen muresse qilmanglar. Uyghurning wijdanliq kishiliri choqum oyliship béqishi kérekki, milletning hayat-mamatigha taqishidighan , toghra- xataliqi kündüzdek roshen mushundaq ishtimu buni qollash uyaqta tursun pa’aliyet üchün küchewatqanlargha qara sürkeshke, hujum qilishqa uruniwatqanlar siler terepte bolamdu yaki undaqlar özlirimu bilmey Xitaygha, zulumgha, jahaletke ,eqilsizlikke yantayaq boliwatamdu?


Bir milletning utuqluq qed kötürüshi üchün töwendiki üch xil nerse lazim; Toghra nishan, Toghra yol-istratégiye, Toghra ademler. Bügün Uyghurlarning eqil igiliri özliri bilen özgelerni tonush zörüriyitide qaldi. Uyghur millitining wijdanliq ademliri éghir we jiddi bir su’algha duch keldi: Kimler bizdin, Kimler bizdin emes.


Shuni qet’i tonush kérekki, milletning teqdiri qil üstide turghan mushundaq chaghdimu siyasi köz qarishini pesh qilip bu murajetname heqqide pitne -pasat térip yürgenler, özining kibirini yütiwételmey toghra ishni xatagha burap sepsete sözlep yuriwatqan atalmish ziyalilar bizdin emes.


Siyasi qarishi, dini chüshenchilirinig qandaq bolushidin qet’inezer milli menpe’etimizni öz köngül xahishidin üstün qoyghan halda eng esheddi düshmen’ge qarshi bu muqeddes küresh üchün birlikke kéleleydighanlar we bu yolda Allah rizasi üchün jéni we méli bilen küresh qilalaydighanlar bizdin.


Pütün niyet- iqbalimiz bilen bir ten, bir jan bolup ittipaqliship küchlük düshmen’ge qarshi qolimizdin kelgen herqandaq bir ishni qilishning ornigha öz qérindashlirining imanini ölchep, bahalap , kapirgha chiqirip olturidighan aq taghliq,qara taghliq zéhniyitidiki jahillar bizdin emes.


“Weten üchün emes, Allah’ning dinini üstün qilish yolida jihad qilimiz” deydighan dindar qiyapettiki, öz nepsige choqunup turup möminlik dawasi qilidighan munapiqlar, öz pikrige qétilmighan ilghar pikirlik kishilerni Xitaydinmu bekrek öch köridighan dili qarangghu jahillar bizdin emes.

Weten, millet tuyghusi we söygüsi bolmighan herqandaq ademning, u meyli qandaq dindar qiyapette bolsun, imanidin gumanlinishqa yüzde yüz heqqimiz bar. Ögenmey, küchlenmey, tereqqi qilmay turup Allah’ning dinini üstün qilghili bolmaydu.


Insani heq-hoquqlirimiz depsende qiliniwatqan, muqeddes dinimiz haqaretliniwatqan mushundaq peytlerde, dunyadiki qanun- qa’idilerge , xelqara munasiwet belgilimilirige uyghun yollar bilen insani heq hoquqlirmizni dawa qilsaq “ musteqilliq démey kishilik hoquq dédi, aptonomiyichi, xa’in “ dep hujum qilip öz könglini xosh qilidighan qeghez yüzidiki ‘inqilapchilar’, ditigha yaqmaydighan birer ish meydan’gha kelsila kona-yéngini arilashturup Isabegchi, qurultaychi dep hemmini tillaydighan dili buzuq munapiqlar bizdin emes.


Peqet namaz ötigenliki üchün, perwerdigarim Allah dégenliki üchünla din’gha uyghun yashaydighan qérindashlirimizni qalaq, jahil bilip öch köridighan öz ichimizdin chiqqan dinsizlar, wetendiki dini tüs alghan qarshiliqlarni peqet ‘Erebning qara kiyimi’ge baghlapla chüshinidighan ,Xitayning heqiqi meqsidini körelmey turup özini ilghar pikirlik chaghlaydighan oqughan ‘zamaniwi’ jahillar bizdin emes.


Perwerdigarimiz “ Ixtilap qilishmanglar, bolmisa, qorqup qalisiler, küch quwwitinglar kétip qalidu;”(Qur’an, 8:46) dep éniq agahlandurup tursimu Musulmanliq, kapirliq heqqide gep sétip pinte -pasat tériydighan, nepsi xahishi eqlidin ,imanidin üstün bolghan jahillar bizdin emes.


Allah belgiligen mejburiyetlerning hésabini alidighan qandaqtur birersinglar emes. Namaz oqudungmu yoq, nimishqa Roza tutmiding … dégendek su’allarni sorash bizning wezipimiz emes. Weten üchün qanchilik ish qilalaysen, millet üchün néme qilding, qizlirimiz , balilirimiz xarliqta qaldi, qandaq chare qilimiz, bu zulumdin qandaq qutulimiz dep sorash we uning yolida izdinish bizning wezipimiz.


Ana weten üchün, mezlum xelqimiz üchün küresh qilish Allah bizni buyrughan jihad, yeni bizning kürishimizdur. Qelem bilen, qoral bilen, jan we mélimiz bilen, bizde néme bolsa shuning bilen. Bizning kürishimiz we bizning yolimiz Allah’ning raziliqigha érishishtiki, ikki dunyaliq bext -sa’adetke yétishtiki eng toghra yoldur. Bu yolda ashkara yaki yoshurun bolsun mejburiyitni ada qilip turidighanlar bizdin.


Özining menpe’eti, nefsi xahishi üchün düshminining kim ikenlikini , kim bilen urushwatqanliqini bilmey Allah yolida jihad qildim deydighan jahillar bizdin emes. Özi héchnime qilmay, jihad , hijret dawringi qilip nurghun ademni balalargha muptila qilip qoyup aridin payda alidighan din sodigerliri, özi yaqturmaydighan kishilerge kapir, murted dep höküm késidighan azghunlar bizdin emes.


Düshmenlirimiz bizni yoqutush üchün at chapturiwatsa yéngi yil haram, Noruz haram, yene bir néme haram dep petiwa tarqitip yürüydighan qarghu tögiler bizdin emes. Bir biringlarni Xitayni öch körgendinmu öch körisiler , yene millet , weten, imandin éghiz achisiler, silerdiki bu qandaq iman?!


Weten sirtida, Amérika, Yawrupa döletliride yashap, tor dunyasida inqilapchi, mujahid bolmaq, siyasetchi , dahi bolmaq unche tes emes. Emma Xitaygha tegküdek yuquri sewiyilik qarshiliqlarni qilmaq xéli tes. Hazir bizning Allah ata qilghan eng zor bayliqimiz, küch-quwwetimiz, we qoralimiz eqlimiz we imanimizdur. Xitaygha qarshi pütün küchimiz bilen eqlimizdin qoral -yaraq toplap Xitayni dunyada shermende qilimiz. Düshminimizning ötidighan yollirini küzitip turimiz. Eziz millitimizning azadliqi üchün Allah yolida ilkimizde bar herqandaq nersini serp qilimiz.


Allah könglimizni birleshtürgen chaghda arimizdiki eng teqwadar Uyghur bilen künde ichip yürüydighan haraqkesh Uyghur mörini mörige tirep ortaq düshmen’ge qarshi birlisheleydu. Ötkür ependi hayatining axirqi chaghlirida yashlarning “ biz qachan musteqil bolimiz?’ dégen su’aligha jawap bergende shundaq dégen idi: “ qachan musteqil bolimiz bilmeymen, emma choqum musteqil bolidighanliqimizni bilimen. Bir küni Allah köngüllirimizni birleshtüridu, u chaghda bizni tanka, ayrupilan, hetta atom bombisimu tosup qalalmaydu.” Shundaq birlik üchün öz nepsi we kibirini yéngeleydighanlar bizdin.


Weten, milletning teqdiri qil üstide turghan mushundaq peytlerdimu bir chette qol qoshturup qarap turghanlarning azad bolghandin kéyinki wetende yashash salahiyiti yoq.




2018.Yili 1.Ayning 11.Küni Wausau, Wisconsin

Unregistered
13-01-18, 09:43
' Allah könglimizni birleshtürgen chaghda arimizdiki eng teqwadar Uyghur bilen künde ichip yürüydighan haraqkesh Uyghur mörini mörige tirep ortaq düshmen’ge qarshi birlisheleydu. Ötkür ependi hayatining axirqi chaghlirida yashlarning “ biz qachan musteqil bolimiz?’ dégen su’aligha jawap bergende shundaq dégen idi: “ qachan musteqil bolimiz bilmeymen, emma choqum musteqil bolidighanliqimizni bilimen. Bir küni Allah köngüllirimizni birleshtüridu, u chaghda bizni tanka, ayrupilan, hetta atom bombisimu tosup qalalmaydu.” Shundaq birlik üchün öz nepsi we kibirini yéngeleydighanlar bizdin".

Unregistered
13-01-18, 19:04
Roh, birlishish, itipaqliq, oyushush, koresh, ortaq nishan, momin, teqwa,amin, molla, namaish, tillash....bular bi Uyghurlar ozimizni saqlap qelishimiz uchun intayin mohim biraq wetenni qutulduralmaydu. Quruq gep bilen aldap we aldinip yuriwermeyli. Bizning weten ahwali bashqilarning ehwaligha ohshimaydu.
Wetenni qutuldurushning deslepki qedimini bahmiduq - pen, technika, tenterbiye, sen'et, ihtisat, sanaet, ...hemmiside dunyada eng ilghar kuchke ige bolush, Hitayningkidin kuchluk zamaniwi armiye bolush wetenni qutquzidu.


' Allah könglimizni birleshtürgen chaghda arimizdiki eng teqwadar Uyghur bilen künde ichip yürüydighan haraqkesh Uyghur mörini mörige tirep ortaq düshmen’ge qarshi birlisheleydu. Ötkür ependi hayatining axirqi chaghlirida yashlarning “ biz qachan musteqil bolimiz?’ dégen su’aligha jawap bergende shundaq dégen idi: “ qachan musteqil bolimiz bilmeymen, emma choqum musteqil bolidighanliqimizni bilimen. Bir küni Allah köngüllirimizni birleshtüridu, u chaghda bizni tanka, ayrupilan, hetta atom bombisimu tosup qalalmaydu.” Shundaq birlik üchün öz nepsi we kibirini yéngeleydighanlar bizdin".

Unregistered
27-01-18, 21:08
Chet'eldiki sersanlinliq, musapir hayat bizge özining hör, musteqil wetini bolmighan milletning negila barsa boyun qisip, qeqilip-soqulup kün ötküzidighanlighini, hichqachan, hichyerde heqiqi hatirjem, izzet we ghurur bilen yashiyalmaydighanlighini her kün, her deqiqide bizge bildürup turiwatidu.
Ehwal shundaq turup, yene kelip özi yat yurtlarda wetensizliklining derdini yetkuche tartqan we hazir tartiwatqan, özlirini qari quran, ehli musulman, ustaz, ..palan ataydighan bezi insanlarning "weten dimeysen, millett dimeysen, ummet deysen, allah yolida deysen...." dep wez eytishlirige nime diguluk?
Xitaymu oxshashla "weten dimeysen, millet dimeysen" deydu, digenlerni tutup olturup, solap keldi. yuqarqi atalmish diniy "ustaz"larning weten we millet mesilisidiki meydani Xitayningki bilen oxshap qalmamdu?!

Biz wetenning qedrini bilmiduq, uni yaxshi qoghdap, soyup, asrap tutalmiduq, shunga bu kunlerni koriwatimiz. Yene eqlimizni tapmay "weten, millet dimeysen" dep aljisaq, wetendin tansaq, wetenmu bizdin tanidu, yawning qolida ebediy qalidu. Biz wetensiz, sersa-sergandan, haru-zar bolup tugeymiz!

Unregistered
28-01-18, 05:17
Chet'eldiki sersanlinliq, musapir hayat bizge özining hör, musteqil wetini bolmighan milletning negila barsa boyun qisip, qeqilip-soqulup kün ötküzidighanlighini, hichqachan, hichyerde heqiqi hatirjem, izzet we ghurur bilen yashiyalmaydighanlighini her kün, her deqiqide bizge bildürup turiwatidu.
Ehwal shundaq turup, yene kelip özi yat yurtlarda wetensizliklining derdini yetkuche tartqan we hazir tartiwatqan, özlirini qari quran, ehli musulman, ustaz, ..palan ataydighan bezi insanlarning "weten dimeysen, millett dimeysen, ummet deysen, allah yolida deysen...." dep wez eytishlirige nime diguluk?
Xitaymu oxshashla "weten dimeysen, millet dimeysen" deydu, digenlerni tutup olturup, solap keldi. yuqarqi atalmish diniy "ustaz"larning weten we millet mesilisidiki meydani Xitayningki bilen oxshap qalmamdu?!

Biz wetenning qedrini bilmiduq, uni yaxshi qoghdap, soyup, asrap tutalmiduq, shunga bu kunlerni koriwatimiz. Yene eqlimizni tapmay "weten, millet dimeysen" dep aljisaq, wetendin tansaq, wetenmu bizdin tanidu, yawning qolida ebediy qalidu. Biz wetensiz, sersa-sergandan, haru-zar bolup tugeymiz!

Hemme digenliringlar toghra. Biraq kim bizdin, kim bizdin emes dep addi ayrisingiz, nurghun ademni dushmen'ge chiqirip qoyimiz. Hazir weziyet bek murekkep. Radical Ongchi Radical Solchi oyini bar. Ularning mexsidini yaxshi chushuning. Medinyet Inqilap jeryanida ta 1979 yillighiche mushundagh oyan bollap, hetta Qeshqer de Uyghurlar Mao chi, yana bir nimi chi dep deryaning ikki teripide urushuptikenmish.

Uningdin bashqa Radical her xil diinchiler bar.

Ademning 5 barmiqi oxshimaydu, roli oxshimaydu, lekin birsi bolmisa bizning turmushimizgha nurghun qolaysizliq ekkelidu. Shunga ademni sirtigha qarap ayrimastin, niyette bir qilip, her xil yollar arqiliq ish bijirish kerek, awazni her xil yol arqiliq anglitish kerek. Qarisam imza toplashta xeli kop adem imza qoyaptu. Bumu bir netije. Yana tirishsaq, kopiyidu. Xexler bekirek chushinip, bir niyetke kelidu, qollaydu.

Bashqilar 20 yil burun nurghun ishlarni chushenmeyti. Emdi aziraq chushendi, ozimu temini tetidi.

Unregistered
06-02-18, 01:34
Her kimning oz pikir qarashliri bolidu, intayin normal hadise.

lekin, Allah'ningmu oz plani, buyrighini bolidu.

Unregistered
06-02-18, 02:47
“Allah'ningmu oz plani, buyrighini bolidu” .......
Allah’ning oz planini qandaq bilgensiz, eytingchu bu qandaq plandu ?
Yene mechche yil saqlarmiz ? Mana emdilikte beshimizdiki sellanimu
xitaylar chekliwati, tilimiz texi checkliniwatidu, kelgüsi ewlatlirimiz
öz tili bolmisa Allah’ning kitaplirinimu uquyalmay qalidu. Tiz-tiz eytingchu
siz digen Allah’ning shu plani zadi qaydaq bir plan ?



Her kimning oz pikir qarashliri bolidu, intayin normal hadise.

lekin, Allah'ningmu oz plani, buyrighini bolidu.

Unregistered
06-02-18, 08:01
Her kimning oz pikir qarashliri bolidu, intayin normal hadise.

lekin, Allah'ningmu oz plani, buyrighini bolidu.

Siz Allahning planini, buyruqini qandagh bulisiz? Mesilen?

Bu diginingiz Xudaning namida bashqilargha buyruq chushurish, bashqilarning turmushini planlashmu?

Mesilen nurghun bigunah ademler turmigha tashlansa qarapturush, bigunah kishiler olturulse uninggha qarapturush dek ishlar, Xudaning buyruqimu yaki planimu? Bir kishining balisini bakardin tutup ketse, yana bashqa kichik balining dadisi tutup ketilse uninggha qarapturush Xudaning buyruqimu yaki pilanimu?

Unregistered
06-02-18, 09:16
Siz Allahning planini, buyruqini qandagh bulisiz? Mesilen?

Bu diginingiz Xudaning namida bashqilargha buyruq chushurish, bashqilarning turmushini planlashmu?

Mesilen nurghun bigunah ademler turmigha tashlansa qarapturush, bigunah kishiler olturulse uninggha qarapturush dek ishlar, Xudaning buyruqimu yaki planimu? Bir kishining balisini bakardin tutup ketse, yana bashqa kichik balining dadisi tutup ketilse uninggha qarapturush Xudaning buyruqimu yaki pilanimu?

hey sarang. allah ning pilani bar dise digendu. sening neringge taqashti. akiliringning pilanigha ishinip ketme lalma! qelbi kor ishek!