PDA

View Full Version : 2017-يىلى ئۇيغۇرلارغا تاشلاپ كەتكەن بىر سۇئا&



Unregistered
21-12-17, 19:54
دېكابىر 22, 2017 No Comments otkur
2017-يىلى ئۇيغۇرلارغا تاشلاپ كەتكەن بىر سۇئال

ئۆتكەن بىر يىل ئۇيغۇر خەلقنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى بىر پاجىئەلىك يىل بولۇپ قالدى.

بۇ پاجىئە ۋە تىراگىدىيە ھىچقانداق بىر ۋاقىتتىكىگە ئوخشىمايدۇ،ئۇنىڭ دائىرىسى ،سالمىقى ۋە ئىلىپ كەلگەن بالايىئاپتى ھەرگىز ئوخشمايدۇ.

ختتاي كوممۇنست پارتىيسى ھاكىمىيتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئسلام دىنى ئېتىقادى ۋە ئۇيغۇر مىللى كىملىكىگە بۇنىڭدىن خىلى بۇرۇنلا ھۇجۇم باشلىغان،يەنى ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركستاننى بېسۋالغاندىلا ئۇيغۇر خەلقىنى ئاستا-ئاستا ئاسسىلماتسيە قىلىپ،ختتايلاشتۇرۇش پىلاننى تۇزگەن.

ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈكسەك كۇچلۇك مىللى مەدەنىيتى ختتاي مەدەنىيتىگە باش ئەگمىدى.ئۇيغۇرلار دىنى ئېتىقادىدىن تەلتۆكۇس ۋاز كەچمىدى،

ختتاينىڭ ئاخىرقى زەربە بىرىش نشانى ئۇيغۇرلۇق بولدى،چۇنكى ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيتى،تىلى،دىنى ئېتىقادى،تارىخى ،چىراي ئالاھىدىلىكى،يىېمەك-ئىچمىكى،كىيم-كىچەك،تۇرمۇش ئادەتلىرى،ئۆي -بىزەشلىرى ھەممىسى خىتتاينى قوبۇل قىلمايدۇ،

ختتاي ئاشكارا باستۇرۇشنى باشلىدى:

ختتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر مىلىيوندىن ئاشىدىغان ئۇيغۇرلارنى قانۇنسز جازا لاگىرىغا سولىدى،نەچچە يۇز مىڭ ئۇيغۇرنى ئىغىر قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلدى،بىگۇناھ ئۆلۇۋاتقانلارنىڭ خەۋەرلىرى ئۇزۇلمەي كىلىۋاتىدۇ.ختتاي قولىدىن كىلىدىغان بار ئىمكان بىلەن ئۇيغۇرغا قارشى ھەممە سەپتە جەڭ قىلىۋاتىدۇ.

ختتاي 3 مىلىيون ئەسكىرى،500مىڭ ساقچىسى، غايەت زور مەبلىغى بىلەن

ئۇيغۇرغا قارشى ھەرىكەت ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ.بىر سەپتە ،بىر نىيەتتە تۇرۇپ ئۇيغۇرغا قارشى جەڭ قىلىۋاتىدۇ ..

ختتاي ھۆكۇمىتى چەتئەللەردىكى كۇچى

ختتاي چەتئەل ھۆكۇمەتلىرى، تەشكىلاتلىرى،چوڭ شركەتلىرى،ئاقىللار ئامبارلىرى،ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ستىۋىلىپ،ئۇيغۇرلارغا قارشى كەڭ كۆلەمدە تورنى يايدى.

ختتاي قوشنا ئەللەردىن پاكستان،قىرغىزىستان،تاجىكىستان ،ئافغانستان،قازاقستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە زور سوممىدا ئېقتسادى ياردەم قىلىپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتۇش،چەكلەش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئوتتۇرا شەرقتە مسر مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلارنى تۇتتى ،ئۆتكۇزۇپ بەردى ۋە قوغلىدى.

سەئۇدى ئەرەبستان،ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى،ئىران،سۇرىيە ،ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە كۆزىتىدىغان گۇرۇپپا قاتارىغا تىزىپ،ختتاي ھەربى ئستىخباراتى بىلەن ھەمكارلىشپ،ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇتۇش تورىنى يايدى.

تۇركىيە جۇمھۇرىيتى ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قىرىنداش جۇمھۇرىيتى،ئۇيغۇرلارغا كۆپ ياردەم قىلىپ كەلگەن ئىدى،ئەمما ختتاينىڭ ھىلە-مېكىرسى،ئۇيغۇرلارنىڭ نادانلىقى،تەنتەكلىكى،خەلقئارا سياسى ئويۇننى چۇشەنمەيدىغانلىقى سەۋەبلىك،ناھايتى پايدىسز بىر ئورۇنغا چۇشتى،ھازىر تۈركىيەدە خەلق ئۇيغۇرلارنى قوللىسمۇ،ھسسداشلىق قىلسمۇ،ئەمما ھۆكۇمەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت،ھەتتا قارشى ئىلىنمايدىغان پىكىرلەرنىڭ سالمىقى ئاشماقتا،ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەنلىكى مەلۇم،قوراللىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ساندا قولغا ئىلىنغانلىقى مەلۇم،ئەمما ختتاي بىلەن زادى قايسى دەرىجىدە ھەمكارلىشپ،بىزگە قانچىلىك ئىغىر ئاقىۋىتى بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش قىين،مەخپى بولۇۋاتقان ئشلارنى پەقەت پەرەز قىلالايمىز.



غەرپ دۆلەتلىرىدە،ئاخبارات ،مېدىيا،ئاقىللار ئامبارلىرىنى ستىۋىلىپ ئۇيغۇرلارغا قارشى تەشۋىقات ۋە تەكلىپ-لايىھىلەرنى ھۆكۇمەت ۋە ئامما ئارسىغا تارقاتماقتا.ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيتى،سەنئەت،زامانىۋىيلىق بىلەن بولغان ئارلىقىنى يىراقلىتىپ،ئۇلارنى خۇراپى،قالاق،زوراۋان،ياۋايى،ساۋاتسز شەكلىدە تەشۋىق قىلىپ،ئوبرازىمىزنى خۇنۇكلەشتۇرمەكتە ۋە بۇنىڭغا نادان ئۇيغۇرلىرىمىز ماسلاشماقتا.

ختتاي ھۆكۇمىتى ئۇيغۇرلارغا نسبەتەن:

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن ئۇيغۇرلارنى ئۆچ كۆرىدىغان،ئۇيغۇرلارنى يوقتىشنى مەقسەت قىلىدىغان بىر تۇركۇم ئادەملەرنى تەربىيلەپ چىقتى،ئۇلار ئۇيغۇرلارنى كاپ،مۇناپىق دەيدۇ.

ختتاي مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى تۇتىدىغان ساقچى تەربىيلەپ چىقتى.

ختتاي مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ كويىغا چۇشكەن جاسۇسلارنى تەربىيلەپ چىقتى.

ختتاي ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇرغا قارشى سەپتە كۆرەش قىلىدىغان جىھادچى تەربىيلەپ چىقتى .

ختتاي مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى ئازدۇرىدىغان دىنى موللىلارنى تەربىيلەپ چىقتى.

ختتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى چۇشۇرۇشنى،ئۇيغۇرلارنى جىنايەتچى،رادىكال،قالاق كۆرستپ،دۇنيادا يېتىم قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر تۇركۇم قارا كۆڭۇل ئنسانلارنى تەربىيلەپ چىقتى،ئۇلار خالىغاندا مۇجاھىت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ،خالىغاندا تەبلىغچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.



دۇنيا جامائەتچىلىكى

دۇنيا جامائەتچىلىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيتىنى بەك يۇزەكى چۇشىنىدۇ،ئىغىرلىق دەرىجسنى بىلمەيدۇ،ھەم بۇگۇنكى دەۋردە ئۇنداق ئىغىر ۋە ۋەھشيانە ئشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلالمايدۇ.

دۇنيا جامائەتچىلىكى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ زادى قانچىلىك دەرىجىدە ئۆلتۇرلۇۋاتقانلىقى،خورلىنىۋاتقانلىقى يتەرلىك بىلمەيدۇ،چۇنكى سز قانچە ئادەمنىڭ تۇرمىدە ئىكەنلىكىنى بىلىسز؟ قانچە ئادەمنىڭ ئ*سمى،ئادېرسى ۋە كىملىك نۇمۇرى بىلەن ئسپاتلىيالايسز؟ قانچە ئادەمنىڭ ئارخىۋىنى كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا تاپشۇرۇپ بەردىڭىز؟ سز بىلمىگەن يەردە دۇنيا قانچىلىك بىلەتتى؟سزنىڭ قولىڭىزدا پاكىت يوق،دۇنيا مەتبۇئاتىدىمۇ پاكىت يوق،ئۇلار ۋەتەنگە بىرىپلا زىيارەت قىلىپ،ئومۇمى ئەھۋالنى يورۇتۇپ بەردى،ئەمما كونكىرىت كىملەر ئۆلۇۋاتىدۇ،كىملەر تۇتۇۋالىدۇ،بۇ ھەقتە سانلىق مەلۇمات ياكى ئسپات يوق،ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قاتنىششنى كۇتۇۋاتقان مۇھىم ئش مۇشۇ.

ئسلام دۇنياسى

خۇيزۇلار مۇسۇلمان (ختتايلار بىلەن بىرىكىپ جۇڭگوچە ئسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان،ئۇيغۇرلارغا قارشى خەلقئارادا جۇڭگونىڭ ئسلام دىنى سياسىتىنى ئاقلاۋاتىدۇ)،قوشنىسى پاكستان مۇسۇلمان (ئۇيغۇرلارنى ئەڭ كۆپ تۇتۇپ بىرىۋاتىدۇ)،يادرو ئتتپاقدىشى ئىران مۇسۇلمان (خەلقئارالىق مەسللەردە، ختتاي تەرەپنى ھىمايە قىلىۋاتىدۇ)،ئوتتۇرا شەرقتىكى ئېقتسادى ئېتتپاقداشلىرى ئەرەبلەر- مۇسۇلمان،قۇددۇس دەپ شۇئار كۆتۇرگەن تۇركىيە بۇلار ھەممىسى مۇسۇلمان،بىزنىڭ دۇشمىنمىز خيتتاي ھازىر مۇشۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قولى ئارقىلىق بىزگە ئوتتۇرا شەرقتە غايەت زور قىلتاقلارنى قۇردى،تۇتتى،ئۇلار خىتتاينى مۇسۇلمانلارغا،ئسلام دۇنياسىغا دوستانە دۆلەت دەپ تونۇدى ،ئامېرىكىغا قارشى مەنپەئەتتە بىردەكلىككە كەلدى،بۇلار بىلەن ختتاي ياخشى ئتتىپاقداش،چۇنكى قۇددۇسچى مۇسۇلمانلارنىڭ مەڭگۇ ئۇيغۇر بىلەن ئىشى يوق ،ئۇلارنى ئۇيغۇرنى تونۇمايدۇ،بىلمەيدۇ،بىلسمۇ قوللىمايدۇ،ئەكسچە تۇتۇپ بىرىۋاتىدۇ،شۇڭا ختتاي ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرنى تۇتۇپ بىرش بەدىلىگە قۇددۇسچى بولۇۋالىدۇ.



ئۇيغۇرلار نىمە قىلىۋاتىمىز ؟



مانا ئۇيغۇرلارنىڭ بەشتىن بىر قسمى ختتايغا قارشىلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆلمەكتە ۋە ئىغىر قاماق جازاسغا ھۆكۇم قىلىنماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ بەشتىن بىر قسمى ختتايلىششقا مەجبۇرلانماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ بەشتىن بىر قسمى ختتاي ئۇچۇن ئۇيغۇرلارغا قارشى ساقچى،جاسۇس،مەمۇرى خادىم بولۇپ ئشلىمەكتە (ئەگەر سز نەدە بولۇپ،ختتايغا قارشى ئوق چىقارمىغانلا بولسڭىز،ئاخىرىدا ئۇيغۇر بولغىنىڭىز ئۇچۇن ئاتقان ئوقىڭىز ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرىكىگە،ھاياتىغا،خەۋپسزلىكىگە ئېتىلغان ئوق بولۇۋاتىدۇ.. )

ئۇيغۇرلارنىڭ بەشتىن بىر قسمى قازاق،ئەرەب-تۈرك-ئامېرىكان،گىرمان دۆلەتلىرىگە سېڭىپ ئۆزىنى ئۇنۇتماقتا.(سز چەتئەلدە ياشاپ،ئۆزىڭىزنىلا ئويلاپ،ئۇيغۇرنىڭ ھايات-ماماتى خەۋپكە دۇچ كەلگەن بۇگۇنكى كۇندىمۇ داۋاغا ئارىلاشمىغان بولسڭىز،شۇ دۆلەتكە سىڭىپ كەتكەن ئادەمسز..ھەرگىز ئۇيغۇر ئەمەس )

ئۇيغۇرلارنىڭ قالغان بەشتىن بىر قسمى ئىنتىرنىت ئارقىلىق ئۆز-ئارا تالىشش،تاپا-تەنە،ھاقارەت ،زىدىديەت بىلەن بىر-بىرىنى ۋەيران قىلماقتا.(سز داۋاغا ئارلىشپ تۇرۇپ،باشقا داۋاگەرلەر بىلەن سوقۇشۇپ،خەلقىڭىزگە زىددىيەت تىرىغان بولسڭىز،ئوخشاشلا ختتاينىڭ بىر پىشكىلىق رولىنى ئويناۋاتىسز،سز ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ئەمەس. )

مۇشۇ پىتى يەنە ئوتتۇز يىل ماڭساق ۋەتەندە ختتايلىشپ تۇگەيمىز،

چەتئەلدە چەتئەللىشپ تۇگەيمىز..

ئۇنداقتا بىزگە سۇئال:

بىز زادى مۇشۇنداق ئۆلۇپ تۇگەمدۇق ؟بىز زادى نىمە ئش قىلىشمىز كىرەك؟

مىنىڭ جاۋابىم:

پۇتۇن دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلار بىرلىكتە ھەرىكەت قوزغاش

ھەممە ئۇيغۇر ئوخشاش كۇندە قوزغىلىپ ،ختتايغا قارشى زور كۆلەمدە ئاخبارات بىرىش،پاكىت توپلاش،ئاچلىق نامايشى بىرىش،

ھەممىمىز ئۆزىمىز،ئائىلىمىز،تۇققانلىرىمىز ۋە دوسلىرىمىزنىڭ بېشدىن ئۆتكەنلەرنى پاكىت قىلىپ ھۆكۇمەتلەرگە،مۇخبىرلارغا،تەشكىلاتلارغا تاپشۇرۇپ بىرىش.

مەن ھازىرچە ئويلىيالىغانلىرىم شۇ ،سزنىڭچۇ؟

سزنىڭ جاۋابىڭىز نىمە؟