PDA

View Full Version : Istanbulda Orunlan'ghan Yene Bir Yuz Qizartquchu Sehne



Unregistered
11-12-17, 18:05
Uyghurlar Teripidin Istanbulda Orunlan'ghan Yene Bir Yuz Qizartquchu Sehne : "Ishekke Kuchung Yetmise Ur Toqumini"

Istanbulda 4 Uyghur yene bir Uyghurni qachurup 2 milyon TL "baj" telep qilghan.

https://www.haberler.com/cinli-is-adamini-kacirip-2-milyon-lira-fidye-10336562-haberi/

Unregistered
11-12-17, 21:51
Uyghurlar Teripidin Istanbulda Orunlan'ghan Yene Bir Yuz Qizartquchu Sehne : "Ishekke Kuchung Yetmise Ur Toqumini" Istanbulda 4 Uyghur yene bir Uyghurni qachurup 2 milyon TL "baj" telep qilghan.https://www.haberler.com/cinli-is-adamini-kacirip-2-milyon-lira-fidye-10336562-haberi/




قىزىقارلىق ۋەقە ئىكەن. تەپسىلى يازمامدىغان؟! ئۇيغۇرلار ئۇ تورت "جاسارەتلىك" ئۇيغۇرنى ۋە ئۇ "ئىش ئادامى" مىلىياردەرنى بىلسە، تونىۋالسا ياخشى ئەمەسمۇ؟. گورەگە ئەلىنغۇچىدىن ئىككى مىلىيون تۇرك لىراسى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا "ئىش ئادامى"ئۇيغۇرنىڭ ئوتتۇز-قىرىق مىلىيون تۇرك لىراسى بار دىگەن بولىدۇ. باي ئەپەندىمىزنىڭ تىخى ئايالى تۇغۇپتۇ- مۇبارەك بولسۇن!

تۇركىيەدە كوپ پۇل تاپقان ئادەمنىڭ بالا تىپىشى ئوبدان ئىش. ئەمما باي ئەپەندىمىزتورت ئۇيغۇرغا بالا تىپىپ بەرمىسۇن. ئۇلارنى كەچۇرسۇن. بەلكى ئۇلار چاقچاق قىلغاندۇر؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باي ئەپەندىنىڭ تويىدا ئوينىغان ئويلەنمىگەن يىگىتلەر ئىكەن ئەمەسمۇ؟

ئىستامبۇلدا بىر يىلدىن ئارتۇق ياشىغانلىقىم ئۇچۇن، ئۇ يەرىدىكى ھاياتنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىمدىن بۇ تورت يىگىتنىڭ چاقچىقىنىمۇ ئوبدان بىلىمەن.باي ئەپەندىمىزمۇ بىلەر؟ بولمىسا بۇنچە پۇلنى قانداق تاپىدۇ؟ ئون يىل بۇرۇن ئوتتۇز مىلىيون دوللار پۇلۇم ۋە بىر قانچە يۇرۇش ئويۇم بار"دىگەن دۇق نىڭ مەككە دىكى " يالاڭ ئاياق ئىختىيارى مۇخبىرى -ئەمەت قارىمنىڭ ھازىرقى پۇلى يۇز مىلىيون دوللارغا غا يەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما مەككىدە ئاتمىشتىن ئارتۇق ئويلەنمىگەن ياش قىرى يىگىت بارمىش.ئەمەت قارىم قىزلىرىنى ئۇلارغا بەرمەي قارا تەنلىك ئەرەپكە بەرگەنمىش.بايلار ئويلەنمىگەن يىگىتلەرنىمۇ ئويلاپ قويايلى...

باي ئەپەندىمىز ۋە بۇ تورتەيلەن ئوزلىرىنىڭ بۇگۇنكى ھالىغا قانداق چۇشۇپ قالغانلىقىنى بىلىشى كىرەك. ئەركىن ئىسا، رابىيە قادىر، مەمەت توختى، قۇربان ۋەلى، ئابلىكىم باقى، پەرھات يورۇڭقاش...قاتارلىق سىياسى مىلىياردەرلەرىمىز بۇگۇن قانداق ئەھۋالغا چۇشۇپ قالدى؟ بۇنى بىلىش ئەڭ موھىم!

DUD Teshkilati Sozchisi