PDA

View Full Version : Uyghurlarni tillash bilen mesle hel bolmaydu.



bir uyghur
06-12-17, 13:58
Uyghurlarni tillash bilen mesle hel bolmaydu.

Ichki kirzis tedbirliri

Aptori:syason

Yéqindin biri ijtima'i taratqularda uyghurlarning syasi heriket rehberliri, ziyaliyliri,dini ölimaliri heqqide haqaret xaraktirlik sözler,hujumlar ighir derijide ewj alghanliqi közge chiliqmaqta. Yaxshi sh qiliwatqan uyghurlargha ijtima'i taratqularda til uzatqanlarning köp qsmi idiydisde mesle bar nsanlar bolup, mesle hel qilishning minglighan usulliri turghan yerde söhbetlishsh, ilmi munazirlishsh ornigha qarshi terepning shexsytige tigish, haqaret qilish, töhmet qilish usulini talliwalghan.bu uyghur xelqning mewjutluqi uchun ighir tehdit,uyghur dewasning tereqqiyati uchun zor meniwi tosalghudur.buni choqum yoqatmighanda ,uyghurlar arsida hurmet,muhebbet,shench,hemkarliq yoqilidu,chong shlarni wujutqa chiqirshtin ighiz achqili bolmayla qalmastin,ichnishliq halda öz-özini weyran qilishqa ilip baridu.

Biz töwende buning sewepliri we keltürüp chiqiridighan aqiwiti heqqide toxtilimiz:

Uyghurlarning erbablirigha til tekkuzushning sewepliri :

1-Shexsi menpe'et üchün haqaret qilishidighanlar

2-Xttay kommunstik partiysning menpe'itige sétilghanlarning gherezlik haqaretliri

3-Köz-qarishi oxshimighanlarni dushmen hsablashtin kilip chiqqan haqaret

4-Bilimszlik we egeshme xaraktirdiki haqaret.

Shexsi menpe'et üchün haqaret qilishidighanlar :

Bu yerdiki shexsi menpe'et millet we wetenni qayrip qoyup shexslerning öz-ara hoquq,shöhret talishsh ,menpe'et we hesetxorluqtin ibaret merezler arqiliq dawa spé'idiki ytekchiler,ustazlar,ziyaliylar,dini ölimalar arqisda mexsus haqaret qilish,tillash,pitne-ighwa tarqitish arqiliq ularni umutszlendurush,xelqni yiraqlashturush,hichkimni rehbiri orungha layiq emes haletke kelturup,eng axirida uyghurni rehbersz qaldurushtin ibaret.

Birinchi xildiki haqaret qilghuchilar özini weten-millet üchün köresh qilghuchilar qatarida sanaydu,emma bashqilarning shexsi hoquqi,shöhriti,érishken orni özidin éshp ketken haman qobul qilalmaydu,ularning neziriche,peqet ular özila rehber bolushqa,eng ali ataqqa,eng ali mensep we menpe'etke irishshke heqliq.

Shöhret talishsh we hesetxorluq hemkarliq sipimizni buzidighan ötkur zeherlik dora,hazir talishidighan emes,xizmet körstidighan dewrimizdur.

Buning ziyni:

Ular shexsi menpe'et uchun milli menpe'etni qurban qilghuchilar bolup,eng axirida uyghur xelqining eng asasi duch kelgen meslisni qayrip qoyup,shexsi adawet we ziddiyetke meptun bolidu,ziyan tartidighini uyghur xelqi bolidu.

2-Xttay kommunts partiyesge sétilghanlar;

Xttay kompartiye jasuslirining uyghurlar heqqide uchur igelleshtin bashqa eng muhim wezipiliridin biri, uyghurlar arisgha adawet,zididiyet ,pitne-ighwa tirish ikenliki dewa spidiki xelqke yillardin biri ashkara ,ular öz-ara qirghin qilishsa,bölunse,herikiti meghlub bolsa ,xttay payda alidu,shunga ular nurghun adem kuchi yallap,intirnit we ijtima'i taratqularda uyghurlarni bir-birige öch körstishning koyida bolidu.

Xttay kompartiyesi hichkimge wapa qilghan emes,uning uchun nechche ewlat shligen xttay kommunstliri waqti kelgende eng yaman we xar kunlerni xttay kompartiyesdin körüwatidu.ijtma'i taratqularda qutratquluq qiliwatqan xttay kommuntslirining ghalchiliri asanla bayqilip kiliwatidu.her bir shning hsab-soriqi bolidu,ashkarilanmaydighan mexpiyet bolmaydu,shunga waqtida toghra yolgha qaytish,nsanlargha qarshi jnayet yürguziwatqan kommuntslargha hemtayaq bolmasliq kirek,hem köpchlik qara nyet xttay kommuntslarning qutratquliqigha aldanmay,ularning qilghan herikitini unumsz qaldurush kirek.

3-Köz qarshi oxshimighanlarni haqaretlesh:

Dini mesllerde,syasi nuqti'inezerde köz qarshi oxshimighanlarni haqaretlesh nahayti qalaqliq bolup,aldi bilen nsanning özini özi chushurushtin bashqa nerse emes.

Köz qarshi szge oxshimighanlarni dushmen körsngiz,xttay kommuntsliri bilen nime perqingiz ?

Hemme kishning köz-qarishi,ididiysi oxshmaydu,körgen ma'arip terbiysi oxshimaydu,her bir adem oxshimighan sheher,oxshimighan a'ile,oxshimighan mijezdiki muhitta chong bolidu,medeni nsanlar aldi bilen bashqilarning özige oxshimaydighan pikir qilalaydighan özgiche ikenlikidin söyunushi,ularning ögnidighan yerliridin öginishni bilishi kirek.

Ular bilen pikri oxshimisa ,yoli oxshimisa ularni haqaret qilish yoli bilen hujum qilish yawayiliqtur,özning köz-qarishigha oxshimaydighan kishlerni dushmen körush- ziyade özini kemtstsh,özige shenmeslik,qarshi tereptin qorqushtin ibarettur.

Dushmen bilen köz qarshi peqliq nsanlarni perq qilishni öginish intayin muhimdur.dushmenning meqsdi szning itqadingiz, smingiz, millitingiz, diningiz,tilingiz ,zé'iminingiz ,ewladingizni yoq qilmaqchi bolghan kishdur,köz qarshi oxshimighan kishi ,szning köz qarshingizni ,tutqan yolingizni yaqturmasliqi mumkin,emma szge szning wujudingizni yoqitish yolida mu'amile qilidighanlardin asman -zimin perq qilidu,eger sz bu kishnimu özingizge dushmen qilsngiz,özingizni yoq qilmaqchi bolghan kishlerni téximu kuchluk we köp qilghan bolsz.

4-Bilimszlik we egeshme xaraktirdiki haqaret

Nurghun kishler özliri bilmigenliki uchun bashqilarning köz-qarshi,meydanigha egishpla bashqilarni haqaret qilidu,özining musteqil meydani bolmaydu,chunki u özi qoligha kitap ilip izdenmeydu,ögenmeydu,horunluq qilidu.netijide bashqilarning ididye quli bolup qalidu.bashqilar bashlighan qarangghu-yoruq,aq-qara,heq-naheq ,toghra-xata yollarni ayrishta qiynilidu.bundaq kshler bezide semimi we sadda,aq köngul körunushi mumkin,likin bashqilarni özi biwaste alaqe arqiliq toluq chushenmey turup,uninggha haqaret qilish semimi we aqköngul kishlerning peziliti emes.

Xttayning axirqi meqsdi:uyghurlar arsda shenchni teltöküs yoqtishtin ibarettur.
menbesi :siyasion.com

bir uyghur
06-12-17, 14:02
ئۇيغۇرلارنى تىللاش بىلەن مەسلە ھەل بولمايدۇ.

ئىچكى كىرزىس تەدبىرلىرى

ئاپتورى:سياسئون

يېقىندىن بىرى ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ سياسى ھەرىكەت رەھبەرلىرى، زىيالىيلىرى،دىنى ئۆلىمالىرى ھەققىدە ھاقارەت خاراكتىرلىك سۆزلەر،ھۇجۇملار ئىغىر دەرىجىدە ئەۋج ئالغانلىقى كۆزگە چىلىقماقتا. ياخشى ئش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا تىل ئۇزاتقانلارنىڭ كۆپ قسمى ئىدىيدىسدە مەسلە بار ئنسانلار بولۇپ، مەسلە ھەل قىلىشنىڭ مىڭلىغان ئۇسۇللىرى تۇرغان يەردە سۆھبەتلىشش، ئىلمى مۇنازىرلىشش ئورنىغا قارشى تەرەپنىڭ شەخسيتىگە تىگىش، ھاقارەت قىلىش، تۆھمەت قىلىش ئۇسۇلىنى تاللىۋالغان.بۇ ئۇيغۇر خەلقنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇچۇن ئىغىر تەھدىت،ئۇيغۇر دەۋاسنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن زور مەنىۋى توسالغۇدۇر.بۇنى چوقۇم يوقاتمىغاندا ،ئۇيغۇرلار ئارسىدا ھۇرمەت،مۇھەببەت،ئشەنچ،ھەمكارلىق يوقىلىدۇ،چوڭ ئشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرشتىن ئىغىز ئاچقىلى بولمايلا قالماستىن،ئىچنىشلىق ھالدا ئۆز-ئۆزىنى ۋەيران قىلىشقا ئىلىپ بارىدۇ.

بىز تۆۋەندە بۇنىڭ سەۋەپلىرى ۋە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋىتى ھەققىدە توختىلىمىز:

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەربابلىرىغا تىل تەككۇزۇشنىڭ سەۋەپلىرى :

1-شەخسى مەنپەئەت ئۈچۈن ھاقارەت قىلىشىدىغانلار

2-ختتاي كوممۇنستىك پارتىيسنىڭ مەنپەئىتىگە سېتىلغانلارنىڭ غەرەزلىك ھاقارەتلىرى

3-كۆز-قارىشى ئوخشىمىغانلارنى دۇشمەن ھسابلاشتىن كىلىپ چىققان ھاقارەت

4-بىلىمسزلىك ۋە ئەگەشمە خاراكتىردىكى ھاقارەت.

شەخسى مەنپەئەت ئۈچۈن ھاقارەت قىلىشىدىغانلار :

بۇ يەردىكى شەخسى مەنپەئەت مىللەت ۋە ۋەتەننى قايرىپ قويۇپ شەخسلەرنىڭ ئۆز-ئارا ھوقۇق،شۆھرەت تالىشش ،مەنپەئەت ۋە ھەسەتخورلۇقتىن ئىبارەت مەرەزلەر ئارقىلىق داۋا سپېىدىكى يتەكچىلەر،ئۇستازلار،زىيالىيلار،دىنى ئۆلىمالار ئارقىسدا مەخسۇس ھاقارەت قىلىش،تىللاش،پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۇمۇتسزلەندۇرۇش،خەلقنى يىراقلاشتۇرۇش،ھىچكىمنى رەھبىرى ئورۇنغا لايىق ئەمەس ھالەتكە كەلتۇرۇپ،ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرنى رەھبەرسز قالدۇرۇشتىن ئىبارەت.

بىرىنچى خىلدىكى ھاقارەت قىلغۇچىلار ئۆزىنى ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن كۆرەش قىلغۇچىلار قاتارىدا سانايدۇ،ئەمما باشقىلارنىڭ شەخسى ھوقۇقى،شۆھرىتى،ئېرىشكەن ئورنى ئۆزىدىن ئېشپ كەتكەن ھامان قوبۇل قىلالمايدۇ،ئۇلارنىڭ نەزىرىچە،پەقەت ئۇلار ئۆزىلا رەھبەر بولۇشقا،ئەڭ ئالى ئاتاققا،ئەڭ ئالى مەنسەپ ۋە مەنپەئەتكە ئىرىششكە ھەقلىق.

شۆھرەت تالىشش ۋە ھەسەتخورلۇق ھەمكارلىق سىپىمىزنى بۇزىدىغان ئۆتكۇر زەھەرلىك دورا،ھازىر تالىشىدىغان ئەمەس،خىزمەت كۆرستىدىغان دەۋرىمىزدۇر.

بۇنىڭ زىينى:

ئۇلار شەخسى مەنپەئەت ئۇچۇن مىللى مەنپەئەتنى قۇربان قىلغۇچىلار بولۇپ،ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ ئاساسى دۇچ كەلگەن مەسلىسنى قايرىپ قويۇپ،شەخسى ئاداۋەت ۋە زىددىيەتكە مەپتۇن بولىدۇ،زىيان تارتىدىغىنى ئۇيغۇر خەلقى بولىدۇ.

2-ختتاي كوممۇنتس پارتىيەسگە سېتىلغانلار؛

ختتاي كومپارتىيە جاسۇسلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇر ئىگەللەشتىن باشقا ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇرلار ئارىسغا ئاداۋەت،زىدىدىيەت ،پىتنە-ئىغۋا تىرىش ئىكەنلىكى دەۋا سپىدىكى خەلقكە يىللاردىن بىرى ئاشكارا ،ئۇلار ئۆز-ئارا قىرغىن قىلىشسا،بۆلۇنسە،ھەرىكىتى مەغلۇب بولسا ،ختتاي پايدا ئالىدۇ،شۇڭا ئۇلار نۇرغۇن ئادەم كۇچى ياللاپ،ئىنتىرنىت ۋە ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلارنى بىر-بىرىگە ئۆچ كۆرستىشنىڭ كويىدا بولىدۇ.

ختتاي كومپارتىيەسى ھىچكىمگە ۋاپا قىلغان ئەمەس،ئۇنىڭ ئۇچۇن نەچچە ئەۋلات ئشلىگەن ختتاي كوممۇنستلىرى ۋاقتى كەلگەندە ئەڭ يامان ۋە خار كۇنلەرنى ختتاي كومپارتىيەسدىن كۆرۈۋاتىدۇ.ئىجتمائى تاراتقۇلاردا قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتقان ختتاي كوممۇنتسلىرىنىڭ غالچىلىرى ئاسانلا بايقىلىپ كىلىۋاتىدۇ.ھەر بىر ئشنىڭ ھساب-سورىقى بولىدۇ،ئاشكارىلانمايدىغان مەخپىيەت بولمايدۇ،شۇڭا ۋاقتىدا توغرا يولغا قايتىش،ئنسانلارغا قارشى جنايەت يۈرگۇزىۋاتقان كوممۇنتسلارغا ھەمتاياق بولماسلىق كىرەك،ھەم كۆپچلىك قارا نيەت ختتاي كوممۇنتسلارنىڭ قۇتراتقۇلىقىغا ئالدانماي،ئۇلارنىڭ قىلغان ھەرىكىتىنى ئۇنۇمسز قالدۇرۇش كىرەك.

3-كۆز قارشى ئوخشىمىغانلارنى ھاقارەتلەش:

دىنى مەسللەردە،سياسى نۇقتىئىنەزەردە كۆز قارشى ئوخشىمىغانلارنى ھاقارەتلەش ناھايتى قالاقلىق بولۇپ،ئالدى بىلەن ئنساننىڭ ئۆزىنى ئۆزى چۇشۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

كۆز قارشى سزگە ئوخشىمىغانلارنى دۇشمەن كۆرسڭىز،ختتاي كوممۇنتسلىرى بىلەن نىمە پەرقىڭىز ؟

ھەممە كىشنىڭ كۆز-قارىشى،ئىدىدىيسى ئوخشمايدۇ،كۆرگەن مائارىپ تەربىيسى ئوخشىمايدۇ،ھەر بىر ئادەم ئوخشىمىغان شەھەر،ئوخشىمىغان ئائىلە،ئوخشىمىغان مىجەزدىكى مۇھىتتا چوڭ بولىدۇ،مەدەنى ئنسانلار ئالدى بىلەن باشقىلارنىڭ ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان پىكىر قىلالايدىغان ئۆزگىچە ئىكەنلىكىدىن سۆيۇنۇشى،ئۇلارنىڭ ئۆگنىدىغان يەرلىرىدىن ئۆگىنىشنى بىلىشى كىرەك.

ئۇلار بىلەن پىكرى ئوخشىمىسا ،يولى ئوخشىمىسا ئۇلارنى ھاقارەت قىلىش يولى بىلەن ھۇجۇم قىلىش ياۋايىلىقتۇر،ئۆزنىڭ كۆز-قارىشىغا ئوخشىمايدىغان كىشلەرنى دۇشمەن كۆرۇش- زىيادە ئۆزىنى كەمتستش،ئۆزىگە ئشەنمەسلىك،قارشى تەرەپتىن قورقۇشتىن ئىبارەتتۇر.

دۇشمەن بىلەن كۆز قارشى پەقلىق ئنسانلارنى پەرق قىلىشنى ئۆگىنىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.دۇشمەننىڭ مەقسدى سزنىڭ ئىتقادىڭىز، ئسمىڭىز، مىللىتىڭىز، دىنىڭىز،تىلىڭىز ،زېىمىنىڭىز ،ئەۋلادىڭىزنى يوق قىلماقچى بولغان كىشدۇر،كۆز قارشى ئوخشىمىغان كىشى ،سزنىڭ كۆز قارشىڭىزنى ،تۇتقان يولىڭىزنى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن،ئەمما سزگە سزنىڭ ۋۇجۇدىڭىزنى يوقىتىش يولىدا مۇئامىلە قىلىدىغانلاردىن ئاسمان -زىمىن پەرق قىلىدۇ،ئەگەر سز بۇ كىشنىمۇ ئۆزىڭىزگە دۇشمەن قىلسڭىز،ئۆزىڭىزنى يوق قىلماقچى بولغان كىشلەرنى تېخىمۇ كۇچلۇك ۋە كۆپ قىلغان بولسز.

4-بىلىمسزلىك ۋە ئەگەشمە خاراكتىردىكى ھاقارەت

نۇرغۇن كىشلەر ئۆزلىرى بىلمىگەنلىكى ئۇچۇن باشقىلارنىڭ كۆز-قارشى،مەيدانىغا ئەگىشپلا باشقىلارنى ھاقارەت قىلىدۇ،ئۆزىنىڭ مۇستەقىل مەيدانى بولمايدۇ،چۇنكى ئۇ ئۆزى قولىغا كىتاپ ئىلىپ ئىزدەنمەيدۇ،ئۆگەنمەيدۇ،ھورۇنلۇق قىلىدۇ.نەتىجىدە باشقىلارنىڭ ئىدىديە قۇلى بولۇپ قالىدۇ.باشقىلار باشلىغان قاراڭغۇ-يورۇق،ئاق-قارا،ھەق-ناھەق ،توغرا-خاتا يوللارنى ئايرىشتا قىينىلىدۇ.بۇنداق كشلەر بەزىدە سەمىمى ۋە ساددا،ئاق كۆڭۇل كۆرۇنۇشى مۇمكىن،لىكىن باشقىلارنى ئۆزى بىۋاستە ئالاقە ئارقىلىق تولۇق چۇشەنمەي تۇرۇپ،ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلىش سەمىمى ۋە ئاقكۆڭۇل كىشلەرنىڭ پەزىلىتى ئەمەس.

ختتاينىڭ ئاخىرقى مەقسدى:ئۇيغۇرلار ئارسدا ئشەنچنى تەلتۆكۈس يوقتىشتىن ئىبارەتتۇر.

Unregistered
07-12-17, 10:12
بەكمۇ ئېسىل بىر تەھلىل بولۇپتۇ. بولۇپمۇ 1-تۈردىكى ئەھۋال بەكمۇ كۈچلۈك. ئامىرىكادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ بەكلا كۆپ.

Shexsi menpe'et üchün haqaret qilishidighanlar