PDA

View Full Version : ئۇيغۇرىستاننىڭ بۇگۇنى ئوتتۇرا ئاسىيانى&#



Unregistered
11-11-17, 01:10
Kirish Söz


ئەنگىلىيە، روسىيە ۋە بۇگۇن ئامەرىكا باشلىق ناتو ئارمىيەسىنىڭ خىتاي ئەتراپىدىكى دولەتلەردىن ئىبارەت بۇ چەمبەردە نىمە ئۇچۇن ھەربى كۇچ تۇرغۇزۇپ كەلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندە، مۇستەقىللىق داۋايىمىزنى دىنى-ئىتىقات داۋاسى، ۋاھابىلىق داۋاسى دەپ قارىمايدىغان، خىتاي ۋە خىتايپەرەسلەرنىڭ قاپقىنىغا چۇشمەيدىغان، خىتايدىن باشقىلارغا يەنە ئۇسۇپ يۇرمەيدىغان بولىمىز. بۇ چەمبەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافغانىستان قىسىملىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يەكۇنلەشكە تىگىشلىك قانلىق ساۋاقلىرى بار ئىدى.... ئەپسۇسكى دۇق كونتىروللىقىدىكى رفا، ئۇئائا، ۋەتىنىم.ئورگ قاتارلىق خىتاي توربەتلىرىدىنمۇ ئوتە ئۇيغۇرلارنىڭ كىرىشىنى چەكلەيدىغان توربەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ئۇچۇن ئىنتايىن زىيانلىق پىكىر ئىقىملىرى، خىتاي ئويۇنلىرى كەڭ-كولەمدە تەشۋىق قىلىنىپ ئۇيغۇرلار يەنە ئازدۇرۇلماقتا. بۇ ئەھۋال خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ھارپىسىنى ھىس قىلدۇرىدىغان دەرىجىدە غەيرى ئالامەتلەر كوسەتمەكتە. دۇق نىڭ شۇنچە ئاشكارە ساتقۇنلۇقلىرىغا قارىتا چەتەللەردىكى ئۇيغۇرلاردا سۇكۇت ھوكۇم سۇرىۋاتىدۇ. يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرى ئۇچار-قۇشلار، ئوي-ھايۋانلىرى ئالاقزادە بولۇپ تىپىرلايمىش. بىزنىڭ سۇكۇت نىمە ئۇچۇن؟ روسىيە ھەربى ئىشلار تەتقىقات خادىملىرىنىڭ خىتاينىڭ بىر تاجاۋۇز ئۇرۇشى قوزغايدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرى نىمە ئۇچۇن؟

نەزەر بايىۋغا قارشى “ئازات پارتىيەسى”نىڭ نامايىشىدا “قازاق تۇپراقلىرىنى سىتىشقا بولمايدۇ” دىگەن شۇئارلار كوتۇرۇلدى. 13-14 ياشلىق روس قىزلىرىنىڭ كالاشنىكوپ-ئاۋتۇمات بىلەن ھەربى تەلىم ئىلىۋاتقانلىقىغا دايىر سۇرەتلىك خەۋەرنىڭ يىقىندا ئىلان قىلىنىشى"جوڭگو- روسىيە دوسلۇقى"، "شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئەزا دولەتلەر بىرلىكى"دىگەنلەرگە باشقا مەنا بىرىدۇ. “گەرمان ئەسكەرلىرى نىمە ئۇچۇن ھىندىقۇش تاغلىرىدا جان بىرىدۇ؟ “دىگەن سۇئالغا ياۋروپا دولەتلىرىدە ئاۋام خەلق ھوكۇمەتلىرى بىلەن پاراللىل جاۋاپ بىرەلەيدۇ. خىتاي ئەتراپىدىكى چىگرالاردا ئۇلارنىڭ ئىغىر بەدەل ئوتەپ، جان بىرىشكە رازى بولۇپ ئورتاق قارارغا كەلگىنى تۇنۇگۇنلا بولغان ئىش ئەمەس.

„سوغۇق ئۇرۇش“ دەۋرى ئاخىرلىشىپ ئامەرىكا ئىمپىرىيالىزىمىنىڭ چوكۇشى بىلەن ئاسىيا قىتەسىنىڭ شەرقىدىن قايتا باش كوتورۇپ چىققان خىتاي ئىمپىرىيالىزىمى دۇنيانىڭ كوزى تىكىلىدىغان ئەڭ موھىم تەھدىت بولۇپ قالدى.كىيىنكى بىر ئەسىر ئىچىدە غەرپنىڭ ئۇزاق شەرق – ئاسىياغا يەنى بىۋاستە خىتايغا قىلغان جازا يۇرۇشلىرى سىستىمىلىق بىر ئوخشاش رىتىمغا ئىگە ئوركىستىرنىڭ ئورۇنلىشىغا ئوخشايدۇ. ياپونىيە، روسىيەلەرنىمۇ ئوز ئىچىگە ئالغان “8 دولەت بىرلەشمە ئارمىيەسى”نىڭ خىتايغا قىلغان جازا يۇرۇشى، خىتاي كىڭەيمىچىلىك بىلەن يۇتۇۋالغان بىر-مۇنچە ئولجىلىرىنى قۇستۇپ چىقارغان ئىدى. بۇ دۇنيادا خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن، جۇڭگونىڭ “دۇنيا مەركىزى” ئەمەسلىكىنى
ئۇگەتگەن ياۋروپالىقلارخىتاي ئەركەكلىرىنىڭ ئۇزۇن ئويمە چىچىنى كەستۇرۇپ، ئاياللىرىنىڭ پۇتىنى بوغۇشنى چەكلىگەن ئىدى.

بۇجازا ئۇرۇشى شاڭ گاڭ - ئاۋمىننى گورەگە بەرگۇزدى. تەيۋەنگە ئامەرىكىنىڭ ھەربى بازا قۇرۇشى، تۇركىيەنىمۇ ئوزئىچىگە ئالغان ئۇرۇشتىن كىيىن جەنۇبى كورىيەگە ئامەرىكىنىڭ ھەربى بازا قۇرۇشى، ئۇسسۇرى دەريا چىگراسىدا سوۋىتلەر ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىغىر توقۇنۇش، چاغانتوقاي سۇركۇلۇشى، مىكىماخۇن سىزىقىدىكى ھىندىستان-خىتاي ئۇرۇشىدىن تارتىپ ۋىتنام - خىتاي ئارىسىدىكى ئىغىر ئۇرۇشلار، سوغۇق ئۇرۇشتىن كىيىن ئوتتۇرا ئاسىيا دولەتلىرىدە ئامەرىكا ھەربى بازىلىرىنىڭ يىڭىدىن پەيدا بولۇشى… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دەل خىتاي ئەتراپىدىكى چەمبەر ئۇستىدە سادىر بولغان ھادىسەلەردۇر. ئالىكساندەر ماكادونىيە-ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغىچە داۋام قىلىپ توختاپ قالغان يۇرۇشلىرىنىڭ داۋامىدۇر!

بۇ يۇرۇشلەر ساياھەت ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىنى قوغداش ئۇچۇن ئىلىپ بىرىلغان جازا يۇرۇشى ئىكەنلىكىنى تارىخى پاكىتلار ۋە بۇگۇنكى دۇنيا ئىتىراپ قىلىپلا قالماستىن 5-ئىيۇل خىتاينىڭ ۋەھشى قىرغىنچىلىقى بۇنداق بىر يۇرۇشنىڭ دۇنيا ئۇچۇن جىددى زورۇرىيىتىنى بىلدۇرمەكتە. خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، بولۇپمۇ روسىيەگە قارشى تاجاۋۇز ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى روسىيە ھەربى ئىشلار تەتقىقات ئىنىستىتۇتى مەسۇل خادىملىرى ئوچۇق ئىلان قىلىۋاتىدۇ.

ئۇرۇشنى، توقۇنۇشنى يالغۇز ماددى بايلىق، نىفىت ئۇچۇن دەپ قارىماسلىق كىرەك. ئۇرۇشنى ۋەتىنىم ئۇچۇن، مىلىم ئۇچۇن، جىنىم ئۇچۇن دىمەيدىغان ۋاھابىلىق دەپمۇ قارىماسلىق كىرەك. ئۇرۇش پىسخولوگىيەلىك ئامىلغىمۇ باغلىق. ۋىتنام، كورىيە، ئافغانىستان قاتارلىق بۇ چەمبەردىكى دولەتلەرنىڭ ھىچ-بىرىدىن نىفىت چىقمايدۇ. بۇ يۇرۇشلەرنىڭ تۇپ سەۋەبى خىتايدۇر. بۇ ئۇرۇشلەرنى خىتاينىڭ دۇنياغا بولغان زوراۋانلىق- كىڭەيمىچىلىك، تاجاۋۇزچىلىق ئەنەنىسى بەلگىلىگەن. 20 يىل بۇرۇن ئىستامبۇلدا ئىلان قىلغان بىر پارچە ماقالەمنىڭ تەمىسى: „ئۇيغۇرىستاننىڭ بۇگۇنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەتىسى“ئىدى. قازاق تۋ سىدىن بەرىلگەن ھوججەتلىك فىلىم ئارقىلىق قازاقىستاننىڭ بۇگۇنىگە نەزەر سەلىپ بەقىڭ:
______

ئۇيغۇرىستاننىڭ بۇگۇنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەتىسى
ئاۋتور: سىدىقھاجى. مەرتمۇسا
(دىپلۇم ئارخىتىكتۇر). 1992. 4-دىكابىر

ئىنسان ھەقلىرى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئوز تەقدىرىنى ئوزى بەلگىلەش مۇقەددەس ھىساپلىنىۋاتقان؛ نەچچە - ئونلىغان مىللەتلەر ۋە رايۇنلار مۇستەقىللىق ئىلان قىلغان بۇگۇنكى كۇندە، خىتاي ھوكۇمىتى ئۇيغۇرىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلىيەلەرگە مۇستەقىللىق بىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن - ئەكسىنچە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلىپ، ھورلۇك ئازاتلىق ئۇچۇن ئىلىپ بىرىۋاتقان كورەشلىرىنى قانلىق باستۇرماقتا.

ھىندىستان، ۋىتنام ۋە دامانىسكىلاردىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇنۇشلىرىدىن كىيىن ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇرىستان ئارقىلىق پۇتۇن ئوتتۇرا ئاسىيانى بىرلەشتۇرۇشنى پىلانلاپ كەلگەن ئىدى. مانا بۇگۇن ئوزىگە ئىشىكى كەڭ ئىچىۋىتىلگەن قازاقىستان، ئۇزبەكىستان ۋە قىرغىزىستان تەۋەلىرىدە سودا – ئالاقە، بىرىش- كىلىشنى نىقاپ قىلىپ، سوغات بىرىش، يول قويۇش، توختام تۇزۇشتەك ھىلە- نەيرەڭلەر ئارقىلىق بۇ رايۇنلاردا كەڭ-كولەمدە جاسۇسلۇق ۋە ئىقتىسادى تالان-تاراج ئەلىپ بارماقتا.

مۇستەقىللىق تويىنىڭ شىرىن ئايلىرىنى ئوتكۇزىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سابىق رىسپوبلىكىلارنىڭ دىغانچىلىق مەيدانلىرىغا چاقىرىپ كىلىنگەن خىتايلارنىڭ كوپلىگى 1950-يىللاردا ئۇيغۇر ۋەتىنىگە ئىقىپ چىققان خىتاي “ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى”نى ئەسلىتىدۇ. خىتاينىڭ سىتراتىگىيەلىك كوچمەنلەر سىياسىتى يىڭى كولونىيە –(شىن جاڭ) ئىزلىگۇچى خىتاي كوچمەنلىرىنى پۇتۇن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقى ياۋرۇپاغىچە قاراپ ئاققۇزماقتا.

خىتاي ئۇيغۇرىستان زىمىنىدا دۇنيا ئاھالىسىنى توپلاپ قىرىدىغان ئاتوم، خىمىيەۋى ۋە بىئولوگىك قۇراللىرىنى سىناق كىلىپ ياساشنى توختاتماي ئىلىپ بەرىۋاتىدۇ. تارىختا مىلىيونلىغان جانلىرىنى قۇربان بەرىپ خىتاي ئىمپىرىيەسىنڭ دۇنياغا كىڭەيمىچىلىك تاجاۋۇزلىرىنى چەكلىگەن، خىتايغا ئوز چىگىرىسى سەددىچىننى سالدۇرۇپ، دۇنيانى خىتاي ئاپىتىدىن ساقلاپ كەلگەن ئۇيغۇر ۋەتىنى بۇگۇن خىتاينىڭ ئەسكەر توپلاپ ئوتتۇرا ئاسىياغا خوجا بولوشتىكى ئالدىنقى ئىستىكامى ۋە سەكرەش تاختىسىغا ئايلانماقتا.

شەرقتە خىتايغىچە سوزۇلغان ئۇيغۇرىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ زىمىنى خىرىستىيان دۇنياسى ئۇچۇن ئارتۇقلۇق ھىس قىلىنىپ، جىمى دولەتلەر ئىمزا قويغان خىلسىنكى قارارلىرى ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستانغا كەلگەندە ئىشلىتىلمەيۋاتىدۇ. كىشىلىك ھوقوق، ھورلۇكتىن مەھرۇم قىلىنغان ئىرق، تىل، دىن ۋە ئورپ ئادەتلەردە خىتاي بىلەن ھىچقانداق ئورتاقلىقى يوق، جىددى بۇرۇلۇش باسقۇچىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى تارىختىكىگە ئوخشاشلا خىتاي ۋە خىتايپەرەسلەرنىڭ ھىلە-نەيرەڭلىرى ئاستىدا، خەلقارا گوروھلار بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى غەيرى ئىنسانى مەنپەئەتلىرى ئارىسىدا رەسۋالارچە ئوينالماقتا.

ئامىرىكا باشلىق غەرپ دۇنياسىنىڭ كومۇنىزىمغا قارشى بۇيۇك سىياسىتىمۇ موسكىۋا بىلەن چەكلىنىدىغان ئادىل ئەمەس تاللاشقا دۇچار بولماقتا. دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە تارقىلىۋاتقان خىتاينىڭ جەنۇبى ئولكىلىرىدىكى زەھەرلىك چىكىملىكلەر "3-دۇنيا ئەپىيۇن ئۇرۇشى"دىن چۇچىمەيۋاتقان بىخوت دۇنيانىڭ خىتايغا نىسبەتەن رىياللىقتىن ھالقىغان ئەپسانىۋى چۇشەنچىلىرىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىم، “جۇڭ گوچە سوتسىيالىزىم”، “چىن (خىتاي) تۇركىستان ”، “خىتاي بىرلىكى - جۇڭخا فەدراتسىيونى“قاتارلىق يامان ھىلىلىرى ئارقىلىق خەلقارا قانۇن جازالىرىدىن ئوزىنى قاچۇرۇشىغا ئىمكان بەرمەكتە. خىتاينىڭ ئۇيغۇرىستانغا قارىتا شىددەت بىلەن يۇرگۇزىۋاتقان قانلىق قىرغىنچىلىغى، مىللي ئاسلىملاتسىيەسى ۋە ئىقتىسادى بۇلاڭچىلىقلىرىغا ئۇڭۇشلۇق يارىتىپ بەرمەكتە.

بىز ھەر قايسى دولەت ۋە خەلىقارا تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن، دۇنيادىكى بارلىق تىنچلىقپەرۋەر ۋە ئازاتىلىقسويەر جامائەتتىن “يەر شارىنى نۇپۇسقا قاراپ قايتا تەخسىم قىلىش“ ھەۋىسىدە مۇستەملىكە سىياسىتىدىن تىخىچە ۋازكەچمەيۋاتقان خىتاي ھوكۇمۇتىنى ئەيىپلىشىنى، ئۇنىڭغا ئۇنۇملۇك جازا تەدبىرى قوللۇنۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. 1949-يىلى خىتاي كومىنىست ئارمىيەسى تەرىپىدىن زورلۇق بىلەن بىسىۋىلىنغان ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۇچۇن مەدەت ۋە ياردەم بىرىشلىرىنى سورايمىز.

ياشىسۇن ئۇيغۇرلار!

(بۇ ماقالە “ئۇيغۇرىستان ۋاقىتلىق ھوكۇمىتى پروگرامىسى”رەت قىلىنىپ ئورنىغا ئىچىلغان “ئىستامبۇل 2-قۇرۇلتايى” مەئىزگىلىدە ئىلان قىلىنىپ تارقىتىلغان).


2010. 11-ماي فرانكفۇرت م
_______

قازاقىستاننىڭ بۇگۇنىگە نەزەر سەلىڭ:

www.youtube.com/watch?v=QrtcDNEyxow

_______

ئاۋتور: سىدىقھاجى. مەرتمۇسا
(دىپلوم ئارخىتەكتۇر)

http://www.imagebam.com/image/b0dc3a540393158

Unregistered
11-11-17, 01:15
Bu Yerde Mertmusa Oghlining Resimi Bar Iken:

سىدىقھاجى. مەرتمۇسا
دىپلوم ئارخىتەكتۇ

http://www.imagebam.com/image/b0dc3a540393158

www.youtube.com/watch?v=QrtcDNEyxow

http://www.imagebam.com/image/b0dc3a540393158

Unregistered
11-11-17, 01:30
Alla sizdin Razi boptu. Omrunguz uzun bolsun desem-Hazir Bikarliq yashawatimen degen idingiz.Aptaptek Kulup, Ichimizni yoritiwettingiz. Sizge Ya Dushmenning Oqi otmidi. Ya Haqaret-Tohmiti kar qilmidi. buningha Guwa bolduq.

"Ey Xuda Yamanlargha Rexmet qil. yaxshilargha Rexmitingni qilip bolghansen, Chnki ularni yaxshi qilip yaratqansen".

"Yaxshilarning beshigha kelgen qiyinchiliq Bext terepke yuzlengendur. Yamanlarning Doleti beshini towenge qaratqandur"

Bu Yerde Mertmusa Oghlining Resimi Bar Iken:


ئاللا سىزدىن رازى بوپتۇ. ئومرۇڭىز ئۇزۇن بولسۇن دەسەم-ھازىر بىكارلىق ياشاۋاتىمەن دەگەن ئىدىڭىز. بۇنى چۇشىنەلمىگەن ئىدىم. ئاپتاپتەك كۇلۇپ، ئىچىمىزنى يورىتىۋەتتىڭىز. سىزگە يا دۇشمەننىڭ ئوقى ئوتمىدى. يا ھاقارەت-توھمىتى كار قىلمىدى. بۇنىنغا گۇۋا بولدۇق.

"ئەي خۇدا يامانلارغا رەخمەت قىل. ياخشىلارغا رەخمىتىڭنى قىلىپ بولغانسەن، چنكى ئۇلارنى ياخشى قىلىپ ياراتقانسەن".

"ياخشىلارنىڭ بەشىغا كەلگەن قىيىنچىلىق بەخت تەرەپكە يۇزلەڭەندۇر. يامانلارنىڭ دولىتى بەشىنى توۋەڭە قاراتقاندۇر"

بۇ يەردە مەرتمۇسا ئوغلىنىڭ رەسىمى بار ئىكەن:


www.youtube.com/watch?v=QrtcDNEyxow
http://www.imagebam.com/image/b0dc3a540393158