PDA

View Full Version : Weten Uyghurlirining Chet'eldiki Uyghur Qérindashliridin Yette Türlük Ümidi



Afrasyap
04-09-17, 00:52
Weten Uyghurlirining Chet'eldiki Uyghur Qérindashliridin Yette Türlük Ümidi

Afrasyap


1-wetendiki uyghurlar weten srtidiki qirindashlirining imkanqeder erkin , xushal we bextiyar yashshni umid qilidu .

2-wetendiki xelqimiz chet'eldiki uyghurlarning her qaysi ellerning ilghar we barawer maaripidin behriman bolup ,kesplerde ali melumatliq bolushini ,pen -téxnika saheside yéngiliq yaritalaydighan ,'ilmi netijisi bilen tonulup wetendashlirigha shench béghishlishni ümid qilidu .

3-éqtsadi -soda jehette tereqqi qilishni umid qilidu .Öz qirindashlirining yaxshi ,parawan we bextiyar yashshni shundaqla musteqil igilik tiklep , uyghurlarning milli karxana qoshuni we milli kapitalini berpa qilishni umid qilidu .

4-uyghurlarning öz -ara shench ,méhri -muhebbetlik , ttpaq bolushni umid qilidu .
Normal shexsi hayatta bir -birige köyunidighan we yardem biridighan bolushini ,hemkarlishshni umid qilidu .

Milli dawa <ghaye >yolida bir -birini qollaydighan bolushni ,'ichki jehette bölunmeslikini , dushmenning suyqesti bilen bir -birini qalaymiqan kapir yaki munapiq, bay yaki namrat ,turkiyelik yaki yawropaliq ,xain yaki jasus dep pitne tarqatmasliqni ,kuchni teng tereqqi qildurushini umid qilidu .

5-dini étqad we milli kimlikni saqlap qilishni umid qilidu .
Slam étiqadi uyghur xelqining eng köp sanliq nopusi semimi we ottura yolda étiqad qilidighan dini itqadi bolup ,xelqimiz itiqadszliqni qobul qilmaydu .bizge musulmanliq tamghisi urulghan , bizbiz nerdila bolayli uyghur musulmanlirimiz ,bu bizning kimlikimiz .uningdin waz kichelmeymiz .

Uyghur tili ,'uyghur milli medeniyti ,'uyghur kimlikining yadroluq terkiwi qsmi .ata -bowilirimiz ,'animizning tili we medeniyti .uningdin qet'i waz kichelmeymiz .

Wetendiki uyghurlar bizning bashqa bir xelq bashqa bir qewmge özgergen halitimizni qobul qilalmaydu .shunga özimiz we perzentlirimizning til ,'itiqat ,turmush medeniytini saqlishni umid qilidu .

6-uyghurlarning xelq'araliq obraz elchisi bolushni umid qilidu .

Yashawatqan her bir dölette chet'ellikler bilen yaxshi ötüshimizni ,yaxshi tesr qaldurushimizni ümid qilidu .

Uyghur xelqining tirshchan ,'eqilliq ,'nsanperwer we dostane xaraktirini namayen qilip , uyghurlarning milli obraz.

7-uyghur xelqining milli ghayisni shqa ashurushni umid qilidu .
Wetende köp shlar imkansz ,xelqimizning meniwi we maddi jehettiki teqdiri shen'gusz derijide mushkul .

Weten srtidiki uyghurlar shu japakesh uyghur xelqining qirindashliri ,turluk imkan we sewebler bilen xelqimiz duch kiliwatqan qéynchiliqlardin aman qalghan bolsaqmu ,'emma yenila shularning azabining bedilige kelgen erkinlik we muamilidin behrimen boluwatimiz .xelqimizning köruwatqan kunliridin qutulush uchun eng zor umidi awal alla andin qalsa wetende yashap baqqan ,'uyghur xelqi köruwatqan ighir kunlerni chushinidighan mushu weten srtidiki uyghurlarning özliri duch kiliwatqan azap oqubetlirini azaytish we yoqtish uchun emeli netijilik sh qilishdur .bu xelqimizning eng muhim umididur !

2017-yili 9-ayning 3-küni , Washin'gton .

ئافراسياپ
04-09-17, 00:53
ۋەتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىدىن يەتتە تۈرلۈك ئۈمىدى

ئافراسياپ



1-ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەن سرتىدىكى قىرىنداشلىرىنىڭ ئىمكانقەدەر ئەركىن ،خۇشال ۋە بەختىيار ياششنى ئۇمىد قىلىدۇ .
2-ۋەتەندىكى خەلقىمىز چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئىلغار ۋە باراۋەر مائارىپىدىن بەھرىمان بولۇپ ،كەسپلەردە ئالى مەلۇماتلىق بولۇشىنى ،پەن -تېخنىكا ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتالايدىغان ،ئىلمى نەتىجىسى بىلەن تونۇلۇپ ۋەتەنداشلىرىغا ئشەنچ بېغىشلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ .
3-ئېقتسادى -سودا جەھەتتە تەرەققى قىلىشنى ئۇمىد قىلىدۇ .ئۆز قىرىنداشلىرىنىڭ ياخشى ،پاراۋان ۋە بەختىيار ياششنى شۇنداقلا مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى كارخانا قوشۇنى ۋە مىللى كاپىتالىنى بەرپا قىلىشنى ئۇمىد قىلىدۇ .
4-ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز -ئارا ئشەنچ ،مېھرى -مۇھەببەتلىك ، ئتتپاق بولۇشنى ئۇمىد قىلىدۇ .
نورمال شەخسى ھاياتتا بىر -بىرىگە كۆيۇنىدىغان ۋە ياردەم بىرىدىغان بولۇشىنى ،ھەمكارلىششنى ئۇمىد قىلىدۇ .
مىللى داۋا <غايە >يولىدا بىر -بىرىنى قوللايدىغان بولۇشنى ،ئىچكى جەھەتتە بۆلۇنمەسلىكىنى ، دۇشمەننىڭ سۇيقەستى بىلەن بىر -بىرىنى قالايمىقان كاپىر ياكى مۇناپىق، باي ياكى نامرات ،تۇركىيەلىك ياكى ياۋروپالىق ،خائىن ياكى جاسۇس دەپ پىتنە تارقاتماسلىقنى ،كۇچنى تەڭ تەرەققى قىلدۇرۇشىنى ئۇمىد قىلىدۇ .
5-دىنى ئېتقاد ۋە مىللى كىملىكنى ساقلاپ قىلىشنى ئۇمىد قىلىدۇ .
ئسلام ئېتىقادى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ كۆپ سانلىق نوپۇسى سەمىمى ۋە ئوتتۇرا يولدا ئېتىقاد قىلىدىغان دىنى ئىتقادى بولۇپ ،خەلقىمىز ئىتىقادسزلىقنى قوبۇل قىلمايدۇ .بىزگە مۇسۇلمانلىق تامغىسى ئۇرۇلغان ، بىزبىز نەردىلا بولايلى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمىز ،بۇ بىزنىڭ كىملىكىمىز .ئۇنىڭدىن ۋاز كىچەلمەيمىز .
ئۇيغۇر تىلى ،ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيتى ،ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ يادرولۇق تەركىۋى قسمى .ئاتا -بوۋىلىرىمىز ،ئانىمىزنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيتى .ئۇنىڭدىن قەتئى ۋاز كىچەلمەيمىز .
ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار بىزنىڭ باشقا بىر خەلق باشقا بىر قەۋمگە ئۆزگەرگەن ھالىتىمىزنى قوبۇل قىلالمايدۇ .شۇڭا ئۆزىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تىل ،ئىتىقات ،تۇرمۇش مەدەنىيتىنى ساقلىشنى ئۇمىد قىلىدۇ .
6-ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارالىق ئوبراز ئەلچىسى بولۇشنى
ئۇمىد قىلىدۇ .
ياشاۋاتقان ھەر بىر دۆلەتتە چەتئەللىكلەر بىلەن ياخشى ئۆتۈشىمىزنى ،ياخشى تەسر قالدۇرۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ .
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىرشچان ،ئەقىللىق ،ئنسانپەرۋەر ۋە دوستانە خاراكتىرىنى نامايەن قىلىپ ،ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ئوبراز
7-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللى غايىسنى ئشقا ئاشۇرۇشنى ئۇمىد قىلىدۇ .
ۋەتەندە كۆپ ئشلار ئىمكانسز ،خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ۋە ماددى جەھەتتىكى تەقدىرى ئشەنگۇسز دەرىجىدە مۇشكۇل .
ۋەتەن سرتىدىكى ئۇيغۇرلار شۇ جاپاكەش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىرىنداشلىرى ،تۇرلۇك ئىمكان ۋە سەۋەبلەر بىلەن خەلقىمىز دۇچ كىلىۋاتقان قېينچىلىقلاردىن ئامان قالغان بولساقمۇ ،ئەمما يەنىلا شۇلارنىڭ ئازابىنىڭ بەدىلىگە كەلگەن ئەركىنلىك ۋە مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىمىز .خەلقىمىزنىڭ كۆرۇۋاتقان كۇنلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن ئەڭ زور ئۇمىدى ئاۋال ئاللا ئاندىن قالسا ۋەتەندە ياشاپ باققان ،ئۇيغۇر خەلقى كۆرۇۋاتقان ئىغىر كۇنلەرنى چۇشىنىدىغان مۇشۇ ۋەتەن سرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى دۇچ كىلىۋاتقان ئازاپ ئوقۇبەتلىرىنى ئازايتىش ۋە يوقتىش ئۇچۇن ئەمەلى نەتىجىلىك ئش قىلىشدۇر .بۇ خەلقىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇمىدىدۇر !
2017-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ،ۋاشىنگتون .