PDA

View Full Version : Wetendiki Uyghurlar Némilerni Kütidu?

Abduweli Ayup
27-08-17, 12:36
Wetendiki Uyghurlar Némilerni Kütidu?

Abduweli Ayup
2017-yili 27-Awghust

Bu sualgha bir éghiz gep bilen éniq, del, toluq jawap bérish mumkin emes. Chünki wetendiki perqliq qatlamgha tewe uyghurlarning chet'eldiki perqliq qatlamgha mensup uyghurlardin kütidighanliri oxshimaydu. Bu heqte tekshürüshke imkan yoq. Shunga buninggha jawaben hislirimni démey ilajim yoq. Mezkur sualgha baghlan'ghan kechmishlerni eslisem köz aldimgha chet'elliklerni bashlap qeshqerge barghan chaghlirim kélidu. Her qétim shu sériq chach kök közlük kishilerge hal éytip, erziyet we külpetlerni sözlep bériwatqan uyghur ziyalilargha qarap bir turup yighlighum kelse bir turup külgüm kéletti. Bu ejnebilerning beziliri hich nersidin bixewer taghchilar, beziliri aghzidin ana süti purap turidighan oqughuchilar, yene beziliri bolsa sayahet qilghili kelgen kishiler idi. Ular uyghurning derdini bilmeytti, bilsimu dertlinip échinip ketmeytti, échin'ghan teqdirdimu qoligha qelem élip ikki jümle yazidighanlardin emes idi. Mushu menzirini köz aldimgha keltürsem wetendiki uyghur serxilliri hör dunyadiki qérindashliridin köz aldida boluwatqan naheqchiliklerning dewageri, yüreklerde boghulghan sadalarning jakarchisi bolsiken deydu.

2016-yilining béshida wetende qalghan ikki oqughuchumning din oqush üchün türkiyege yaki misirgha bérishtiki ikkilinishlirige jawap bérip, kélip chiqqan aqiwet seweplik kechürüm sorashqa mejbur boldum. Shu chaghda wetendiki bir addi oqurmen tenbih bérip "misirdiki shu üch mingdin artuq bala bolmisa bizning dinimizni saqlap qalidighan adem qalmaydu" dégen idi. Manga bu söz misirdiki uyghurlar üchün emes, chet'eldiki barliq uyghurlar üchün éytilghandek tuyulup tenbihni qobul qilghan idim. Wetende dini oqush qattiq cheklendi, 2017-yili sintebirdin bashlap barliq dersler xitayche ötilidighan boldi. Démek, mezkur addi oqurmenning 2016-yilining béshida qilghan endishisi rast chiqti. Wetendiki uyghurning maaripi tehdit ichide, milliy mewjutluq yoqulush xewpide. Shunga wetendiki uyghurlar bizdin tilimiz we dinimizgha baghlan'ghan milliy mewjutluqni chet'ellerde saqlap qélishimizni kütidu.

Tereqqiyat pursiti wetende qalghan balilirimiz érishelmeywatqan bir en'güshter. Men daim qiyalmay tashlap kétishke mejbur bolghan oqughuchilirimni bash kötürüsh pursiti tegmey qan tüküriwatqan halette tesewwur qilimen. Purset bolmighanliqi seweplik altundek ini singillirimiz yéqimsiz formining, soghuq shirening, rehimsiz közneklerning quli bolup kétiwatidu. Tereqqiyat pursetliri chet'ellerde yashawatqanlarda nisbeten kengri. Shunga méningche wetendiki uyghurlar özliri érishelmigen shu pursetke érishken chet'eldiki qérindashliridin özi érishelmigen utuqlarni qazinishini, özi mehrum shereplerni quchushini, özining qoli yetmigen yükseklerge chiqip, közi yetmigen nishanlargha yétishini kütidu dep ishinimen.

Wetende qalghan yürek baghrilirimizning bizdin kütidighanliri bizning oylap yételeydighanlirimizdin köp, bizge yükligen mes'uliyet özimiz tesewwur qilip bolalmas derijide éghir, bizge béghishlighan ümit biz his qilip baqmighan tüste küchlük. Biz naheq xarlan'ghan uyghurgha dewa qilghuchi bolalisaq, ular giriptar bolghan dertlerge dawa izdiyelisek, ularning téshigha tinalmas peryadining sadasi bolalisaq, uyghurning öz wetinide qirqilghan mewjutluq köchetlirini köklitelisek, ularning közi yetmigen choqilarni boysundurup, "ensirimenglar mana biz bar!" déyelisek, shularning kütken yéridin chiqqan, mes'uliyetni ada qilghan, ümidini aqlighan bolimiz.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ
27-08-17, 12:38
ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار نېمىنى كۈتىدۇ

ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017-يىلى 27-ئاۋغۇست

بۇ سۇئالغا بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېنىق، دەل، تولۇق جاۋاپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ۋەتەندىكى پەرقلىق قاتلامغا تەۋە ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى پەرقلىق قاتلامغا مەنسۇپ ئۇيغۇرلاردىن كۈتىدىغانلىرى ئوخشىمايدۇ. بۇ ھەقتە تەكشۈرۈشكە ئىمكان يوق. شۇڭا بۇنىڭغا جاۋابەن ھىسلىرىمنى دېمەي ئىلاجىم يوق. مەزكۇر سۇئالغا باغلانغان كەچمىشلەرنى ئەسلىسەم كۆز ئالدىمغا چەتئەللىكلەرنى باشلاپ قەشقەرگە بارغان چاغلىرىم كېلىدۇ. ھەر قېتىم شۇ سېرىق چاچ كۆك كۆزلۈك كىشىلەرگە ھال ئېيتىپ، ئەرزىيەت ۋە كۈلپەتلەرنى سۆزلەپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىلارغا قاراپ بىر تۇرۇپ يىغلىغۇم كەلسە بىر تۇرۇپ كۈلگۈم كېلەتتى. بۇ ئەجنەبىلەرنىڭ بەزىلىرى ھىچ نەرسىدىن بىخەۋەر تاغچىلار، بەزىلىرى ئاغزىدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلار، يەنە بەزىلىرى بولسا ساياھەت قىلغىلى كەلگەن كىشىلەر ئىدى. ئۇلار ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى بىلمەيتتى، بىلسىمۇ دەرتلىنىپ ئېچىنىپ كەتمەيتتى، ئېچىنغان تەقدىردىمۇ قولىغا قەلەم ئېلىپ ئىككى جۈملە يازىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. مۇشۇ مەنزىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم ۋەتەندىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى ھۆر دۇنيادىكى قېرىنداشلىرىدىن كۆز ئالدىدا بولۇۋاتقان ناھەقچىلىكلەرنىڭ دەۋاگەرى، يۈرەكلەردە بوغۇلغان سادالارنىڭ جاكارچىسى بولسىكەن دەيدۇ.
2016-يىلىنىڭ بېشىدا ۋەتەندە قالغان ئىككى ئوقۇغۇچۇمنىڭ دىن ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە ياكى مىسىرغا بېرىشتىكى ئىككىلىنىشلىرىگە جاۋاپ بېرىپ، كېلىپ چىققان ئاقىۋەت سەۋەپلىك كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر بولدۇم. شۇ چاغدا ۋەتەندىكى بىر ئاددى ئوقۇرمەن تەنبىھ بېرىپ «مىسىردىكى شۇ ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق بالا بولمىسا بىزنىڭ دىنىمىزنى ساقلاپ قالىدىغان ئادەم قالمايدۇ» دېگەن ئىدى. ماڭا بۇ سۆز مىسىردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمەس، چەتئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتىلغاندەك تۇيۇلۇپ تەنبىھنى قوبۇل قىلغان ئىدىم. ۋەتەندە دىنى ئوقۇش قاتتىق چەكلەندى، 2017-يىلى سىنتەبىردىن باشلاپ بارلىق دەرسلەر خىتايچە ئۆتىلىدىغان بولدى. دېمەك، مەزكۇر ئاددى ئوقۇرمەننىڭ 2016-يىلىنىڭ بېشىدا قىلغان ئەندىشىسى راست چىقتى. ۋەتەندىكى ئۇيغۇرنىڭ مائارىپى تەھدىت ئىچىدە، مىللىي مەۋجۇتلۇق يوقۇلۇش خەۋپىدە. شۇڭا ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار بىزدىن تىلىمىز ۋە دىنىمىزغا باغلانغان مىللىي مەۋجۇتلۇقنى چەتئەللەردە ساقلاپ قېلىشىمىزنى كۈتىدۇ.
تەرەققىيات پۇرسىتى ۋەتەندە قالغان بالىلىرىمىز ئېرىشەلمەيۋاتقان بىر ئەنگۈشتەر. مەن دائىم قىيالماي تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئوقۇغۇچىلىرىمنى باش كۆتۈرۈش پۇرسىتى تەگمەي قان تۈكۈرىۋاتقان ھالەتتە تەسەۋۋۇر قىلىمەن. پۇرسەت بولمىغانلىقى سەۋەپلىك ئالتۇندەك ئىنى سىڭىللىرىمىز يېقىمسىز فورمىنىڭ، سوغۇق شىرەنىڭ، رەھىمسىز كۆزنەكلەرنىڭ قۇلى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. تەرەققىيات پۇرسەتلىرى چەتئەللەردە ياشاۋاتقانلاردا نىسبەتەن كەڭرى. شۇڭا مېنىڭچە ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئېرىشەلمىگەن شۇ پۇرسەتكە ئېرىشكەن چەتئەلدىكى قېرىنداشلىرىدىن ئۆزى ئېرىشەلمىگەن ئۇتۇقلارنى قازىنىشىنى، ئۆزى مەھرۇم شەرەپلەرنى قۇچۇشىنى، ئۆزىنىڭ قولى يەتمىگەن يۈكسەكلەرگە چىقىپ، كۆزى يەتمىگەن نىشانلارغا يېتىشىنى كۈتىدۇ دەپ ئىشىنىمەن.
ۋەتەندە قالغان يۈرەك باغرىلىرىمىزنىڭ بىزدىن كۈتىدىغانلىرى بىزنىڭ ئويلاپ يېتەلەيدىغانلىرىمىزدىن كۆپ، بىزگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ئۆزىمىز تەسەۋۋۇر قىلىپ بولالماس دەرىجىدە ئېغىر، بىزگە بېغىشلىغان ئۈمىت بىز ھىس قىلىپ باقمىغان تۈستە كۈچلۈك. بىز ناھەق خارلانغان ئۇيغۇرغا دەۋا قىلغۇچى بولالىساق، ئۇلار گىرىپتار بولغان دەرتلەرگە داۋا ئىزدىيەلىسەك، ئۇلارنىڭ تېشىغا تىنالماس پەريادىنىڭ ساداسى بولالىساق، ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە قىرقىلغان مەۋجۇتلۇق كۆچەتلىرىنى كۆكلىتەلىسەك، ئۇلارنىڭ كۆزى يەتمىگەن چوقىلارنى بويسۇندۇرۇپ، «ئەنسىرىمەڭلار مانا بىز بار!» دېيەلىسەك، شۇلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىققان، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغان، ئۈمىدىنى ئاقلىغان بولىمىز.

Unregistered
28-08-17, 09:15
Emiliyette chet'eldikilerning ehwali wetendikilerningkidin kop bichare. Yoqulup kitish ihtimali yuquri. Bu yerde waysap yurgen bilen wetendiki kopunche helq besim astida tehimu baturliship ozimizning orup adetlirini til we dinimizni saqlap kelmekte. Ereplerning orup adetlirini din bilen arlashturup qoymasliq kirek. Yuz minglighan Uyghur aldinip we tozaqqa chushushke sewep boliwatqan Erepning islamdin burundin dawamlashturup kiyiwatqan putun qara yogenchisi we aq kongligi Uyghur orup aditi emes we jan birishkimu erzimeydu. Weten sirtida Uyghurlighimizni dawamlashturalisaq wetendikiler uchrawatqan zulmning eghirlishigha sewep bolup qalmisaqla ular bizdin hapa bolmaydu. Istiqlal TV da anglitilghan Turkiyedini qara yogenchliklerning alahuekber namaishi wetendiku Uyghurgha yahshiliq ekelmeydu we wetendiki mutleq kop uyghur uni umut qilmaydi. Turkiyediki bir qisim kisherning aqmas "inqilapliri" tupeyli turmilerde yetiwatqanlar azmidu? Bu wetendilerning arzusimidu? Chet'eldiki her qandaq heriket wetendikilerni azapqa qoymaslighi kirek.
UOTE=ئابدۇۋەلى ئايۇپ;170179]

[/QUOTE]