PDA

View Full Version : خىتايلار ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن ھازىرقى&



Tarimoghli
08-07-17, 13:04
خىتايلار ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن ھازىرقىدەك ئۆچ بولۇپ كېتىدۇ؟

تارىموغلى


ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمى پەۋقۇلئاددە كۈچىيىپ كەتتى. مەن ھازىر جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان دىن جەھەتتىكى قاتتىق چەكلەش، ئىسىم قويۇش جەھەتتىكى چەكلەش، كېيىم-كېچەك جەھەتتىكى چەكلەش، ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارىسىدىكى نورمال بېرىپ-كېلىشنى چەكلەش، ھەممە يەردە ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى قېرى-ياشلىقىغا قارىماي ئوپچە ئۇسۇل ئويناشقا ۋە ج ك پ نى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىشقا سېلىش، ۋە ئۇيغۇرلارنى «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەن گۇناھ بىلەن قاتتىق جازالاشتىن تارتىپ، تېخى يېقىندا باشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك يازما ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سەھنە سەنئىتىنىڭ مەزمۇنلىرىدىكى مىللىي ھېسسىياتقا ياتىدىغان تەركىبلەرنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىغا «ئىنسانىيەت تارىخىدا ئانچە كۆپ كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىشلار»، دەپ قارايمەن.

ئادەتتە بىر مىللەتنىڭ يەنە بىر مىللەتكە ۋەھشىيلەرچە زۇلۇم سېلىشى مەلۇم مىللىي ئۆچمەنلىك سەۋەبىدىنمۇ، يەنى بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش سەۋەبىدىنمۇ يۈز بېرىدۇ. ئەمما مەن ناھايىتى كۆپ ئويلاپ، ئۇيغۇرلار تارىختا خىتاي مىللىتى ئۈستىدىن سادىر قىلغان، ئۇيغۇرلارنى ھازىرقىدەك ئېزىشكە مۇناسىپ قىلىدىغان ئىشلارنى ئويلاپ تاپالمىدىم. ئۇنداق ئىشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۆزۈمنىڭ تارىخىمىز ھەققىدىكى بىلىمىم ئاز بولغاچقا، مېنىڭ بىلىدىغانلىرىمنىڭ ئىچىدە ئاشۇنداق ئىشلار يوقمۇ، ئۇنىمۇ بىلەلمىدىم. ھازىرقى زۇلۇمنىڭ كېلىش مەنبەلىرىنى ئۆزۈم قانائەت ھاسىل قىلغىدەك بىر دەرىجىدە چۈشىنىپ يېتەلمىدىم. «خىتايلار ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن ھازىرقىدەك ئۆچمەنلىك قىلىدۇ؟» دېگەن سوئال كاللامدىن زادىلا نېرى كەتمىدى. ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىدا ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان زۇلۇم يالغۇز جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىنلا كەلگەن بولسا، ئۇنى چۈشىنىش يەنە بىر ئاز ئاسان ئىدى. ئەمما، بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىگە كۆچمەن بولۇپ كېلىپ، ھازىر ئاشۇ زېمىندا ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈلپەتلەرگە ھازىرقىدەك سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان، نورمال ئىنسانلار ھەرگىزمۇ قىلمايدىغان ئىشلارغا نىسبەتەن ئۇلار يالغۇز سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشلا ئەمەس، تېخى ئۇنى قوللاپ، ئۇ ئىشلاردا ھۆكۈمەتكە ياردەملىشىۋاتقانلىقى مېنى ئۆز-ئۆزۈمدىن يۇقىرىقىدەك سوئالنى سوراشقا مەجبۇرى قىلدى.

مەن يېقىندا بىر تونۇشۇم بىلەن بولغان پاراڭلار ئارىسىدا يۇقىرىدىكى سوئالنى ئوتتۇرىغا تاشلىسام، ئۇ بۇ ئىشتا ئىككى ئاساسلىق سەۋەب بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كەڭ كەتكەن زېمىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جۇغراپىيە جەھەتتىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى، ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي بايلىقى. ئۇنىڭ يەنە بىرى بولسا ئۇيغۇرلاردىكى ھازىرغىچە خىتايغا باش ئەگمەسلىككە سەۋەب بولغان مىللىي ئىپتىخارلىق بىلەن مىللىي روھ. ھېلىقى تونۇشۇم دېگەن يۇقىرىدىكى 2 خىل سەۋەبتىن باشقا، يەنە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىش پىلانى، ھەمدە ئۇلارنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقى قاتارلىق يەنە بىر قىسىم سەۋەبلەرنىمۇ تىلغا ئېلىش مۇمكىن. ئەمما، بۇلارمۇ ھازىر يۈز بېرىۋاتقان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان مىللىي ئۆچمەنلىكىنىڭ مەنبەسىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.

مەن يېقىندا 60-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپلا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو ۋە ھىندىستان قاتارلىق ئەللەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلگەن، بىزنىڭ ۋەتەنگىمۇ كۆپ قېتىم بېرىپ باققان بىر ئەربابنىڭ بىر خەلقئارالىق سۆھبەت مۇنبىرىدە قىلغان سۆزلىرىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە، 1884-يىلى چىن سۇلالىسى ئەسكەرلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغاندىن بۇرۇنقى 1500 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلار زېمىنى ئاساسەن خىتاينىڭ كونتروللىقى ئاستىدا بولۇپ باققان ئەمەسكەن. مەن 1884-يىلىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ھازىرقىدەك مىللىي ئۆچمەنلىكىنى پەيدا قىلغۇدەك دەرىجىدە ئېغىر زۇلۇم سېلىپ باققانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن.

قىسقىسى، «خەنزۇلار ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن ھازىرقىدەك ئۆچمەنلىك قىلىدۇ؟» دېگەن سوئالغا مەن ئۆز-ئۆزۈم قانائەتلەنگۈدەك جاۋاب تاپالمىدىم. شۇڭلاشقا مەن چەت ئەلدىكى باشقا ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى كۆز-قاراشلىرىنى ئاڭلاپ باققۇم بار. ئەگەر بىز خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھازىرقىدەك مىللىي زۇلۇم سېلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە مەنبەسىنى تولۇق ئايدىڭلاشتۇرىۋالالىساق، ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئىشلارنى قىلساق بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. شۇڭلاشقا مەن ئىمكانىيىتى بار ئۇيغۇر زىيالىي قېرىنداشلارنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە قەلەپ تەۋرىتىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ زىيالىيلارنىڭ ئۆز خەلقىنى يېتەكلەش رولىنى ئادا قىلىشى بولۇپ، مېنىڭچە خەلقىمىز مۇشۇنداق تۆھپىسى ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ناھايىتىمۇ مىننەتدار بولىدۇ. رەھمەت!

Unregistered
08-07-17, 19:12
خىتتاي لارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئامراق بۇلۇشىنى تەما قىلىدىغان بىر ئۇيغۇر بالىسى قالمىدى مېنىڭچە.
ئۇ ئەزىز تۇپراقتىنى تەرك ئەتمۈگىچە خىتتايلارغا بىلەن دوستلۇق توغرىسىدا سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇيقۇڭىزنى ئېچىڭ.
يا ئۆلۈم يا كۆرۈمنى تتىلغا ئېلىپ پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئىسلام دىنىنى دۈشمەن ئورنىدا مۇئامىلە قىلىپ تۇرۇپ بىزنىى ئاس.ىلاتسىيە قىلىشتىن ئبارەت بۇ رەزىل مەقسىدىنى پۈتۈن ئالەم بىلدى. ۋە پۈتۈن ئالەمدىكى ھەق
ئىگىسىنىڭ بىز تەرەپتە ئىكەنلىكىگە بۇ مىللەت ئىشەندى. خىتتاي بىلەن بولغان كۈرەش ئۇلغايسا ئۇلغۇيدىكى ئەمدى ئۆچمەيدۇ.

خىتتايلار بىزگە ئامراق بۇلۇپ شەرقى تۈركىستانغا كىرگەن ئەمەس.
رۇسلار بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە ئاساسەن كىرگەن.





خىتايلار ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن ھازىرقىدەك ئۆچ بولۇپ كېتىدۇ؟

تارىموغلى


ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمى پەۋقۇلئاددە كۈچىيىپ كەتتى. مەن ھازىر جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان دىن جەھەتتىكى قاتتىق چەكلەش، ئىسىم قويۇش جەھەتتىكى چەكلەش، كېيىم-كېچەك جەھەتتىكى چەكلەش، ئۇرۇق-تۇغقانلار ئارىسىدىكى نورمال بېرىپ-كېلىشنى چەكلەش، ھەممە يەردە ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى قېرى-ياشلىقىغا قارىماي ئوپچە ئۇسۇل ئويناشقا ۋە ج ك پ نى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىشقا سېلىش، ۋە ئۇيغۇرلارنى «ئىككى يۈزلىمىچى» دېگەن گۇناھ بىلەن قاتتىق جازالاشتىن تارتىپ، تېخى يېقىندا باشلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك يازما ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سەھنە سەنئىتىنىڭ مەزمۇنلىرىدىكى مىللىي ھېسسىياتقا ياتىدىغان تەركىبلەرنى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىغا «ئىنسانىيەت تارىخىدا ئانچە كۆپ كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىشلار»، دەپ قارايمەن.

خەلقىمىز مۇشۇنداق تۆھپىسى ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ناھايىتىمۇ مىننەتدار بولىدۇ. رەھمەت!

Unregistered
08-07-17, 21:19
خىتتاي مىللىتىمۇ ئەسلى كومىزىمغا ئۆچ. لېكىن ئۇلارنىڭ نە ئېتىقادى نە ئەخلاقى ھەممىسى بۇرمىلانغان. ياماندىن قوقىدۇ،يۇۋاشنى بوزەك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ياشاش پىرىنسىپى ۋە تارىخى شۇنداق.
ھاكىميەتتىن قورقىدۇ ۋە شۇنداقلا نەپ ئالغان بولغاچقا ئۇنىڭدىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ.

كومىنىستىك ھاكىميەتنىڭ بۇنىڭغا يول قويۇشتىكى مەقسەدمۇ خىتتاي خەلقىنىڭ ئۇز ھاكىميىتىگە قارشى چىقىشىدىن ئەنسىرەپ
دىققەتنى ئۇياققا بۇ ياققا بۇرايدۇ.

ئاپراسياپ
09-07-17, 10:25
ختتاي-ئۇيغۇر مەسلىسنىڭ ماھىيتى ۋە ختتاينىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلى

ئاپراسياپ
2017-7-9


ختتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئارسدىكى مەسللەرنى ئىككى نۇقتىغا يېغىنچاقلاش مۇمكىن:

1-مۇستەملىكە قىلىش ۋە مۇستەمىلىكىلىگە قارشى تۇرۇش
2-ئاسسلماتسيە قىلىش ۋە ئاسسىلماتسيەگە قارشى تۇرۇش

1-مەسلە
بۇ مەسلىنىڭ سەۋەب نەتىجە مۇناسۋىتى مۇنداق :ختتاي ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر زىمىنىنى مۇستەملىكە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى كىلىپ چىقىدۇ.خىتتاي بۇ قارشىلىقنى باستۇرىدۇ.
2-مەسلە
ئىككىنچى مەسلە بىرىنچى مەسلىنى مەنبە قىلىدۇ،ئەمما بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقى پەقەت ئۆزىنىڭ مەدەنى كىملىكىنى قوغداشتا يەنى پاسسپ ۋە ئاجىز قوغدىنىشتا بولىدۇ.
بۇنىڭ سەۋەب نەتىجە مۇناسۋىتى :ئالدى بىلەن ختتاي مۇستەملىكە قىلدى، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا قوراللىق قارشى تۇرۇشنى تاللىماي ،قوغدىنىشنى تاللىدى.ختتاي بۇنىڭ مەڭگۈلۈك تۈگىمەيدىغان زىددىيەت ئىكەنلىكىنى ھس قىلدى.ئاسسلماتسيە سياستىنى يولغا قويدى.
ختتاينىڭ مەسلە ھەل قىلىش ئۇسۇلى:
1-مەسلىنى ختتاينىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى:
ختتاينىڭ مۇستەملىكىسگە بىۋاستە قاتتىق ئۇسۇلدا قارشلىق كۆرستىشنىڭ باستۇرۇش ئۇسۇلى-يوقتىشتىن ئىبارەت.
دۆلەت ئاپپاراتى بولغان قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ۋە ختتاي پۇقرالىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى بولغان دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ختتاينىڭ دۆلەت سياسى تۈزۈلمسنىڭ تەقەززاسى
ختتاينىڭ بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشتا تايىنىدىغان ۋاستىلىرى :
ئىچكى جەھەتتە:
1-جاسۇسلۇق 2-ئارمىيە 3-ساقچى 4-مەھەللە خادىملىرى 5-تۈرمە 6-سوت 7-مېدىيا 8-مائارىپ 9-كەڭ ختتاي ئاممىسى
تاشقى جەھەتتە:
1-ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت ئىچكى سياستىغا ئارىلاشماسلىق،تىچلىقتا بىللە تۇرۇش سياستى دىپلوماتىيەسى

2-رايونلۇق تەشكىلاتلار:1-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2-بىر بەلباغ بىر يول ھەمكارلىق تەشكىلاتى 3-ئاسيا ئۇل مۇئەسسە تەرەققىيات مەبلەغ بانكىسى
بىرىنچى ئۇسۇلنىڭ ئۇنۇمى:
ختتاي دۆلەت ئىچى ۋە سرتىدا تولۇق ئۇتۇق قازاندى

2-ئىككىنچى مەسلىنى ختتاينىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلى

ئۇيغۇرلۇق-ختتاينىڭ ئۇيغۇر زېىمنىنى مەڭگۈلۈك مۇستەملىكە قىلىشى ئۈچۈن ئەڭ زورتوسالغۇ.بۇ توسالغۇنى يوقتىشنىڭ ختتاي نەزىرىدىكى ئۇسۇلى-ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ،مىللى،مەدەنى كىملىكىنى ختتاي مىللىتى بىلەن قوشۇۋىتىش.
بىرى ختتاينىڭ مۇستەملىكە سياسىتىگە قارشى تۇرىدىغان مىللى روھنى -ئۇيغۇرلۇقنى يوقتىش.
ختتاي بۇ ئۇسۇلنى يولغا قويۇش ئۇچۇن ئاسسلماتسيە سياستىنى تىز سۇرئەتتە يولغا قويۇۋاتىدۇ.
ئاسسلىماتسيەدە تايىنىدىغان ئۇسۇلى:
1-بىر قسم ئىلغارلارنى تاللاپ چېقىپ،ھوقۇق،شۆھرەت،بايلىق قاتارلىق ئىمتىيازلار بىلەن كەڭ خەلقكە ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرستىش
2-تىلنى يوقتىش:نورمال تۇرمۇشتىن باشقا بارلىق ئورۇن جۇملىدىن ھۆكۈمەت،مائارىپ ،مېىديا قاتارلىق ساھەلەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىنى قېسش
3-دىنى كىملىكنى يۇيۇش:دىنى مائارىپنى يوقتىش،ئۆسمۇرلەرنى مەسجىددىن يىراقلاشتۇرۇش،ئاممىۋى سورۇنلاردا دىنى پائالىيەتلەرنى چەكلەش،دىنىنىڭ تارقىلىش يولىنى چەكلەش.
4-خىتتايلار بىلەن توي قىلىشقا ئىلھام بىرىش ۋە مەجبۇرلاش


ئىككىنچى ئۇسۇلىنىڭ ئۇنۇمى ۋە نەتىجىسى:
1-ختتاي قسمەن ئۇتۇقلارغا ئىرشتى،ئۇيغۇرلار قارشىلىقتىن چارچىدى.
2-ۋەتەن ئۇيغۇرلىرى كەلگۇسدىن ،مۇستەقىللىقتىن تامامەن ئۇمۇتسزلىككە كەلدى.
3-ئاسسلىماتسيە تەسر كۆرسەتتى.دىنى كىملىك،مىللى تىل-يېزىقتىن ئۆزلىرى خالاپ ۋاز كىچىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاشماقتا.
4-چەتئەلدىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ خىزمىتى ئۇنۇمسز بولۇپ،كىشلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش ۋە ئاسسلماتسيە قىلىش سياستى ھەققىدە ھىچقانداق تەسر كۆرستەلمىدى.



ختتاينىڭ ئاسسلماتسيە سىياستىنىڭ مەنبەسى:

ختتاينىڭ ئۇيغۇر سياستىنىڭ ئارقسىدا ختتاي مىللىتىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنى ئامىللىرىمۇ كۆپ

ئۆچمەنلىك قىلىشنىڭ سەۋەبىنى ئۆچمەنلىك قىلىشنىڭ مەقسدى بىلەن ئويلاش كىرەك،دۈشمەن سنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە مەنپەئىتىنىڭ كۈشەندىسى دەپ بېكىتسە،سەن ئۇنىڭغا سنىڭ ئۇسۇلۇڭ بويىچە يامانلىق قىلمساڭمۇ ، ئۆزىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى،شانۇ-شەۋكىتى،مەنپەئىتىنىڭ دۇشمىنى چاغلىغان سنى بەرىبىر مەڭگۈلۈك دۈشمەن چاغلاپ،سنى يوقتىشنى باشتىن-ئاخىر نشان قىلىدۇ. بۇنچە كۆپ تەبئى بايلىق ۋە سياسى ئەۋزەلىككە ئىگە زېىمىننى ئۆزۇمنىڭ يېرى دەپ قاراۋاتقان بىر خەلقكە ئۆچمەنلىك قىلىش -ختتاينىڭ ئۇيغۇرغا ئۆچمەنلىك قىلىشى ۋە دۈشمەنلىك قىلىشنىڭ باشلىنىش سەۋەبى .
ئەمما بۇ بارلىق دۈشمەنلەرگە ئورتاق بولغان بىر ئامىل .
ئەمما دۈشمەنلىك قىلغۇچىنىڭ تاكتىكىسى ۋە ئۇسۇلى دۈشمەننىڭ كىملىكى ۋە قانداق سۈپىتى بىلەن مۇناسۋەتلىك ،شۇڭا ئالدى بىلەن دۈشمەنلىك قىلغۇچى ختتاينى چۇشىنىش كىرەك.
بۇ يەردىكى ختتاينى ئانالىز قىلساق،
ختتاي ئادىمىيلىككە قارشى تەپەككۇر ۋە ياشاش ئۇسۇلىغا ئادەتلەنگەن دۆلەت سياسىتىنى قوللىنىپ كەلگەن.نوپۇسنىڭ كۆپلۇكى سەۋەبىدىن ئادەمنىڭ ئادىمى قەدىر-قىممىتىنى يوقىتىش ئادىمىيلىككە قارشى تەپەككۇرنىڭ بىر سەۋەبىدۇر.ختتايلارنىڭ ھاياتىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك قۇلدارلىق تۈزۈم ھۆكۈم سۈرۈپ،ئادەمنى خورلايدىغان ھۆكۈمرانلىق ،ھوقۇقنى ،ئاش-نان ۋە بايلىقنى ئادەم ھاياتىدىن يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئاڭ قۇرۇلمىسى ئاساسى ئورۇندا تۇرغان.ختتايدا ئەڭ قورقۇنچلۇقى باشتىن-ئاخىرى بىردەك ھالدا بىر دىنى ئېتىقات يوق،خۇدادىن قورقمايدۇ،كىشلەرگە ئىچ ئاغرىتمايدۇ.

ئوخشىمىغان پىكىردىكى پىكىر ئىگىلىرى،دۇنيا-قاراش ،مەدەنىيەتتىكىلەرنى قوبۇل كۆرمەيدۇ،ختتاينىڭ دۆلەت سياسىتى ۋە ھۆكۈمران كۈچ بولغان كوممۇنستىك پارتىيە دىنى -ئېتىقاد،مىللى مەدەنىىيەت ،پىكىر ئەركىنلىكى دىگەندەك يادرولۇق قىممەت قاراشلارنى ئەزەلدىن خوپ كۆرمەيدۇ.ختتاينىڭ بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيتىمۇ مەدەنىيەت تارىخى ئەمەس،بەلكى جان بېقىش ئۈچۈن باشقىلارنى باش ئەگدۇرۇش،ئۆلتۈرۈش تارىخىدۇر.
ئۇزاق مۇددەتلىك سياستى :ختتاي ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ دۈشمىنى دەپ قارايدۇ،ئۇنى يوقتىشنى ئۆزىنىڭ نشانى دەپ بېكىتىپ بولغان.ئۇيغۇرنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە يوقىتىش بۇ ختتاينىڭ ئەزەلدىن يولغا قويۇۋاتقان سياسىتى،ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانى.بۇ پىلانغا ختتاي ھامان يېتىمىز دەپ قارايدۇ ھەم تۈرلۈك ۋەقە-شارائىتلارغا ئاساسەن تاكتىكا-سياسەتلىرى ۋە قەدەملىرىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ.
ختتاينىڭ قسقا مۇددەتلىك قەدەم-باسقۇچلۇق سياسەتلىرى:
ختتاي ئۇيغۇرلارنى يوقتىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ بولغان،نۆۋەتتىكى دۆلەت ئىچى ۋە سرتىدىكى خەلقئارا ۋەزىيەت دەل ختتاينىڭ ئومۇمى پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇپ،ئۇيغۇرلار ئاسسلماتسيەنىڭ تىز پويىزىدا مېڭىۋاتىدۇ.
ختتاينىڭ ئاشۇرما سياسەتلىرىنىڭ سەۋەبى بولسا،ختتاينىڭ سياسى جەھەتتىكى پۇرسەتپەرەسلىكى بىلەن ئالاقىداردۇر.
ختتاي خەلقئارالىق چوڭ ئېقتسادى تەشكىلات ۋە رايونلۇق سياسى تەشكىلات قۇرۇپ چىقتى.
ختتاي خەلقئارادىكى ئورتاق دۈشمەن ھىسابلانغان تىرورلۇق جىنايى نامى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ئالى چەكتە يالغۇز قالدۇردى ، ئۇيغۇرلارنى يۇقىرى بېسمدا باستۇرۇشنىڭ ئېقتسادى ۋە سياسى شەرتلىرى پشىپ يېتىلدى.
ئۇيغۇرلار بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇپ ختتايغا قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك بىر دۆلەت بولمىغان شارائىتتا،ختتاي ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنڭ سۈرئىتىنى كۈچەيتتى ۋە زۇلۇمنىڭ تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ ،بېسمنى ئەڭ يۇقىرى چەككە چىقاردى.

Aprasyap
09-07-17, 10:31
Xittay-Uyghur Meslisning Mahiyti we Xittayning Hel Qilish Usuli

Aprasyap
2017-7-9


Xittay hökümiti bilen Uyghur xelqi arsdiki mesllerni ikki nuqtigha yéghinchaqlash mumkin:

1-mustemlike qilish we mustemilikilige qarshi turush
2-asslmatsye qilish we assilmatsyege qarshi turush

1-mesle
bu meslining seweb netije munaswiti mundaq :xittay Uyghurlar we Uyghur ziminini mustemlike qilghanliqi üchün Uyghurlarning qarshiliq körsitishi kilip chiqidu.xittay bu qarshiliqni basturidu.

2-mesle
ikkinchi mesle birinchi meslini menbe qilidu,'emma buningda Uyghurlarning qarshiliqi peqet özining medeni kimlikini qoghdashta yeni passp we ajiz qoghdinishta bolidu.
Buning seweb netije munaswiti :aldi bilen xittay mustemlike qildi, köp sandiki Uyghurlar uninggha qoralliq qarshi turushni tallimay ,qoghdinishni tallidi.xittay buning menggülük tügimeydighan ziddiyet ikenlikini hs qildi.asslmatsye syastini yolgha qoydi.

Xittayning mesle hel qilish usuli:

1-meslini xittayning bir terep qilish usuli:

xittayning mustemlikisge biwaste qattiq usulda qarshliq körstishning basturush usuli-yoqtishtin ibaret.
Dölet apparati bolghan qanun arqiliq döletning we xittay puqralirining tüp menpeiti bolghan döletning zémin pütünlükini qoghdash xittayning dölet syasi tüzülmsning teqezzasi
xittayning bu usulni qollinishta tayinidighan wastiliri :

ichki jehette:
1-jasusluq 2-armiye 3-saqchi 4-mehelle xadimliri 5-türme 6-sot 7-médiya 8-maarip 9-keng xittay ammisi

tashqi jehette:
1-igilik hoquqluq dölet ichki syastigha arilashmasliq,tichliqta bille turush syasti diplomatiyesi

2-rayonluq teshkilatlar:1-shangxey hemkarliq teshkilati 2-bir belbagh bir yol hemkarliq teshkilati 3-asya ul muesse tereqqiyat meblegh bankisi

birinchi usulning unumi:
xittay dölet ichi we srtida toluq utuq qazandi

2-ikkinchi meslini xittayning hel qilish usuli

Uyghurluq-xittayning Uyghur zéimnini menggülük mustemlike qilishi üchün eng zortosalghu.bu tosalghuni yoqtishning xittay neziridiki usuli-Uyghurlarning dini ,milli,medeni kimlikini xittay milliti bilen qoshuwitish.

Biri xittayning mustemlike syasitige qarshi turidighan milli rohni -Uyghurluqni yoqtish.
Xittay bu usulni yolgha qoyush uchun asslmatsye syastini tiz sur'ette yolgha qoyuwatidu.
Asslimatsyede tayinidighan usuli:

1-bir qsm ilgharlarni tallap chéqip,hoquq,shöhret,bayliq qatarliq imtiyazlar bilen keng xelqke özige egeshkenlerning teqdirining qandaq bolidighanliqini körstish
2-tilni yoqtish:normal turmushtin bashqa barliq orun jumlidin hökümet,maarip ,méidya qatarliq sahelerde Uyghur tilining ornini qéssh
3-dini kimlikni yuyush:dini maaripni yoqtish,'ösmurlerni mesjiddin yiraqlashturush,'ammiwi sorunlarda dini paaliyetlerni cheklesh,dinining tarqilish yolini cheklesh.
4-xittaylar bilen toy qilishqa ilham birish we mejburlash

Ikkinchi usulining unumi we netijisi:

1-xittay qsmen utuqlargha irshti,'Uyghurlar qarshiliqtin charchidi.
2-weten Uyghurliri kelgusdin ,musteqilliqtin tamamen umutszlikke keldi.
3-asslimatsye tesr körsetti.dini kimlik,milli til-yéziqtin özliri xalap waz kichiwatqan Uyghurlarning sani ashmaqta.
4-chet'eldiki xelq'araliq teshkilatlarning xizmiti unumsz bolup,kishlik hoquqqa tajawuz qilish we asslmatsye qilish syasti heqqide hichqandaq tesr körstelmidi.

Xittayning asslmatsye siyastining menbesi:

Xittayning Uyghur syastining arqsida xittay millitining tarixi we medeni amillirimu köp

Öchmenlik qilishning sewebini öchmenlik qilishning meqsdi bilen oylash kirek,düshmen sni özining mewjutluqi we menpeitining küshendisi dep békitse,sen uninggha sning usulung boyiche yamanliq qilmsangmu , özining tüp menpeiti,shanu-shewkiti,menpeitining dushmini chaghlighan sni beribir menggülük düshmen chaghlap,sni yoqtishni bashtin-axir nshan qilidu. Bunche köp teb'i bayliq we syasi ewzelikke ige zéiminni özumning yéri dep qarawatqan bir xelqke öchmenlik qilish -xittayning Uyghurgha öchmenlik qilishi we düshmenlik qilishning bashlinish sewebi .
Emma bu barliq düshmenlerge ortaq bolghan bir amil .

Emma düshmenlik qilghuchining taktikisi we usuli düshmenning kimliki we qandaq süpiti bilen munaswetlik ,shunga aldi bilen düshmenlik qilghuchi xittayni chushinish kirek.

Bu yerdiki xittayni analiz qilsaq, xittay adimiylikke qarshi tepekkur we yashash usuligha adetlen'gen dölet syasitini qollinip kelgen.nopusning köpluki sewebidin ademning adimi qedir-qimmitini yoqitish adimiylikke qarshi tepekkurning bir sewebidur.xittaylarning hayatida uzun muddetlik quldarliq tüzüm höküm sürüp,'ademni xorlaydighan hökümranliq ,hoquqni ,'ash-nan we bayliqni adem hayatidin yuqiri kötüridighan ang qurulmisi asasi orunda turghan.xittayda eng qorqunchluqi bashtin-axiri birdek halda bir dini étiqat yoq,xudadin qorqmaydu,kishlerge ich aghritmaydu.

Oxshimighan pikirdiki pikir igiliri,dunya-qarash ,medeniyettikilerni qobul körmeydu,xittayning dölet syasiti we hökümran küch bolghan kommunstik partiye dini -étiqad,milli medeniiyet ,pikir erkinliki digendek yadroluq qimmet qarashlarni ezeldin xop körmeydu.xittayning besh ming yilliq medeniytimu medeniyet tarixi emes,belki jan béqish üchün bashqilarni bash egdurush,'öltürüsh tarixidur.

Uzaq muddetlik syasti :xittay Uyghurlarni özining düshmini dep qaraydu,'uni yoqtishni özining nshani dep békitip bolghan.Uyghurni ajizlashturush we yoqitish bu xittayning ezeldin yolgha qoyuwatqan syasiti,'uzun muddetlik pilani.bu pilan'gha xittay haman yétimiz dep qaraydu hem türlük weqe-sharaitlargha asasen taktika-syasetliri we qedemlirini tengshep turidu.

Xittayning qsqa muddetlik qedem-basquchluq syasetliri:

xittay Uyghurlarni yoqtishning uzun muddetlik tedbirlirini tüzüp bolghan,nöwettiki dölet ichi we srtidiki xelq'ara weziyet del xittayning omumi pilanigha uyghun bolup,'Uyghurlar asslmatsyening tiz poyizida méngiwatidu.

Xittayning ashurma syasetlirining sewebi bolsa,xittayning syasi jehettiki pursetperesliki bilen alaqidardur.

Xittay xelq'araliq chong éqtsadi teshkilat we rayonluq syasi teshkilat qurup chiqti.
Xittay xelq'aradiki ortaq düshmen hisablan'ghan tirorluq jinayi nami bilen Uyghurlarni eng ali chekte yalghuz qaldurdi , Uyghurlarni yuqiri bésmda basturushning éqtsadi we syasi shertliri pship yétildi.

Uyghurlar bilen bir meydanda turup xittaygha qarshi turidighan küchlük bir dölet bolmighan sharaitta, xittay Uyghurlarni basturushnng sür'itini kücheytti we zulumning türlirini köpeytip ,bésmni eng yuqiri chekke chiqardi.

بۈركۈت
10-07-17, 21:22
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزىدۇ؟

بۈركۈت


1949 - يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل ھېلى مىكىر سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە تامامەن بوي سۇندۇرۇش، زېمىن داۋاسىدىن ۋاز كەچتۈرۈش، مىللىي كىملىكىنى يوق قىلىش ۋە ياكى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئوچۇق ۋە ياكى يوشۇرۇن ھالدا يۈرگۈزۈپ كەلگەن بولسىمۇ بىراق ئۇيغۇر خەلقىنى ئاساسەن مېھماندوست، ناخشا ئۇسۇلغا ماھىر خەلق دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ئىدى. 1992 - يىلى بۇرۇنقى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، ئورتا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق رېسپوبلىكىلار مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتىدە بەزى ئۆزگىرىشلەر ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن باستۇرۇشقا باشلىغان. 2001-يىلى ئامىركىدا يۈز بەرگەن 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئېقىمىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا تېررورچى دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈپ، ئەسلىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

2009 - يىلدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ، ئالدى بىلەن دىننى زاتلارغا ۋە ئوخشىمىغان قاراشتىكى كىشىلەرگە ئۈچ خىل كۈچلەر دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈپ، ئۇلارنى قاتتىق باستۇرغان بولسا، كېيىنچە باستۇرۇش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئۇيغۇر مەمۇرى رەھبەرلەرنى، كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىيلارنى ۋە يەككە تىجارەتچىلەرنى باستۇرغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قاتتىق قول سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە ساھەسىگە كېڭەيتىپ، ھەر تەرەپلىمىلىك باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزمەكتە، شۇنداقلا يالغۇز باستۇرۇش بىلەن چەكلىنىپ قالماي ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ھاياتىغا، دىننى ۋە مەدىنى ئۆرپ-ئادەتلىرىگە كۆپلىگەن قاتتىق چەكلىمىلەرنى قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانى ھەق ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرى، ۋەتەندە يۈز بەرگەن ھەر خىل ۋەقەلەرنى قانلىق باستۇرغاندىن باشقا، كونكرېت ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە.

1. قانۇنسىز دىننى پائالىيەت نامى بىلەن ھەر خىل دىننى پائالىيەتلەرنى چەكلەش، ۋە خەلقىنىڭ نورمال دىننى ئېتىقادىغا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىش;
2. 18 ياشتىن تۆۋەندىكىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى چەكلەش بىلەن بىرگە ياشلار ئارىسىدا دىننى تەربىيە ئىلىپ بېرىشنى چەكلەش;
2. رايون ئاتلاپ ناماز ئوقۇشنى چەكلەشتىن كەنت مەھەللە ئاتلاپ ناماز ئوقۇشنى چەكلەش; ھەجى قىلىشنى چەكلەش;
3. مەكتەپلەردە ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى ئارىسىدا روزا تۇتۇشنى قاتتىق چەكلەش، ھەم شۇنداقلا ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ رامزان پائالىيەتلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىش;
4. ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىنى، ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتىشىنى چەكلەش، ۋە ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك يۈرۈش تۈرۈش ئادەتلىرىگە ھەر خىل چەكلىمىلەرنى قويۇش;
5. ئاتا ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا ئىسىم قويۇش ئەركىنلىكىگە توسالغۇ بولۇش، ۋە بەزى ئىسىملارنى قاتتىق چەكلەش;
6. خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە باردى كەلدى قىلىشىغا ھەر خىل چەكلىمىلەرنى قويۇش، رايون ۋە كەنت ئاتلاپ تۇغقان يوقلاشقا قاتتىق چەكلىمە قويۇش، كىشىلەرنىڭ ئەركىن سەپەر قىلىش ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىش.
7. رادىكاللىقنى باھانە قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قىلىشىنى چەكلەش، ئۆزىمىزنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتىگە ئۇيغۇن بولمىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلاش;
8. خەلقىنىڭ چەتئەلگە چىقىشىنى ۋە تۇغقان يوقلىشىنى قاتتىق چەكلەش; باللىرىنى چەتئەلدە ئوقۇتۇشقا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىش; ئىنسانلارنى پاسپورت ئىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش;
9. خەلقىنىڭ چەتئەل بىلەن بولغان ھەر خىل ئالاقىسىگە قاتتىق چەكلىمە قويۇش، چەتئەلدە تۇغقانلىرى بارلارغا تىزىملاپ كونترول قىلىش سىياسىتىنى قوللىنىش;
10. خەلقىنىڭ قوشنا مۇسۇلمان دۆلەتلەر ۋە تۈركى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا سېتىقلىرىنى قاتتىق چەكلەش;
11. خەلقنى پارتىيىنى سۆيۈشكە، دىنىي ئېتىقادتىن ۋاز كېچىشكە زورلاش ۋە بۇ ھەقتە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرى قىلىش;
12. ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال پىكىر بايان قىلىشنى چەكلەپ، خىتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھاقارەتلىشىگە كەڭ كۆلەملىك يېشىل چىراغ ئىچىپ بېرىش; بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەشۋىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايلار ئارىسىدا ئۆچمەنلىك تەرغىب قىلىش;

ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا بۇنداق قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزىدۇ؟ ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

1. ئۇيغۇرلارنىڭ 60-70 يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان مۇستەقىللىق داۋاسى، يەنى ئۇيغۇرلار تارىختىن ياشاپ كېلىۋاتقان بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسى. بۇ ئەڭ نېگىزلىك سەۋەب بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 60-70 يىلدىن بۇيان گەرچە ھەر خىل تاكتىكىلارنى قوللىنىپ، ھەر خىل باستۇرۇشلارنى ئىلىپ بېرىپ ئۇيغۇرلارنى بۇ داۋادىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرى قىلىپ باققان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۈنۈم بەرمەسلىكى;
2. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىك ۋە دىننى ئېتىقاد جەھەتتە خىتايلاردىن ئالاھىدە پەرق بولۇشى، ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى خىتايلاردىن پەرقلىق تۇتۇشى، ھەم خىتايلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز قارشىلىق بىلدۈرۈپ كېلىشى;
3. خەلقئارا ۋەزىيەت، يەنى غەربىنىڭ مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەۋجى ئىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشقا ئەڭ ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى;
4. ئۇيغۇرلارنىڭ تاقىتىنى سىناش، يەنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزەلەيدىغانلىقىنى ئەمىلى سىناپ كۆرۈش، ۋە ئۇنىڭغا ئاساسەن كېيىنكى سىياسەتلىرىنى تۈزەپ چىقىش، ۋە ياكى شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد ۋە ئىشەنچىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىش.
5. ئۇيغۇر زېمىنىنىڭ خىتاينىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ۋە كەلگۈسى كېڭەيمىچىلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورنى، خىتاي خەلقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بولغان ئالاھىدە جىددىي قارىشى، ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھەر زامان بىر تەھدىت دەپ قارىلىشى.

مىنىڭ قارىشىمچە خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىدەك قاتتىق قول سىياسەتلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق ھاسىل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بۇنداق سىياسەتنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى بىلمىگۈدەك دۆت ئەمەس. ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن يەنە شۇنداق قاتتىق قول سىياسەت قوللىنىدۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق زادى نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟ مىنىڭ قارىشىمچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق سىياسەت قوللىنىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى ئىككى مەقسەتكە يەتمەكچى.

بىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرقى ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى تامامەن ئاۋازى چىقماس قىلىۋېتىش، يەنە بىرى بولسا ئۇيغۇرلارنى رادىكال يولغا مەجبۇرلاش، يەنى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي خەلقىنىڭ تەھدىتلىك ئورتاق دۈشمىنى قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن قۇربان قىلىش. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن خىتاي خەلقىنىڭ ئۆزىگە بولغان نارازىلىقىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىگە بۇراپ، ئۇيغۇرلارنى ۋاسىتە قىلىپ قوللىنىش ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي خەلقىنىڭ "ۋەتەنپەرۋەرلىكى" دىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىگە يېتىش.

يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بىرى خىتاينىڭ ئىقتىسادى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىدە چوڭ ئۆزگىرىشلەر دۇنياغا كەلدى. خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن باي-كەمبەغەللىك پەرقنىڭ زورىيىشى، مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشى، يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىنىڭ كۈنسايىن ناچارلىشىشى، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، چەتئەلگە ساياھەت ۋە ئوقۇش ئۈچۈن چىقىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنىڭ قېنىشى ۋە ئۇلارنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى تەلىپىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن خىتاي جەمئىيىتىدىكى زىددىيەتلەر ئۆتكۈرلەشتى ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق يىلدىن يىلغا كەسكىنلىشىپ ماڭدى. نەتىجىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان ئىشەنچى تۆۋەنلەشكە باشلىدى، ئۆز خەلقىدىن كېلىۋاتقان تەھدىتنىڭ كۈنسايىن زورىيىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتتى; شۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز ئىچىدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلارنى ھەر خىل ئىقتىسادىي جىنايەتلەر بىلەن جازالاپ، خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى تىنچلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى، بىراق ئۇنىڭ نەتىجىسى كۆزلىگەندەك ياخشى بولمىدى. ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەر خىل نارازىلىق ھەرىكەتلەر كۈنسايىن كۆپەيدى.

كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان بۇ نارازىلىق ھەرىكەتلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن بۇ تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مۇقىملىقنى قوغداشقا سالىدىغان مەبلەغنى يىلدىن يىغا ئاشۇردى، ۋە 2011-يىلدىن ئېتىبارەن دۆلەت مۇداپىئەسىگە سالىدىغان مەبلەغدىن ئېشىپ كەتكەن. كېيىنكى يىللاردا شىجىنپىڭ ھەربىي ھوقۇقنى تامامەن كونترول قىلغاندىن كىيىن ھەربىيگە سالغان مەبلەغنىمۇ ئاشۇرغان. ھازىر ئىچكى ۋە تاشقى مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن سالغان ئومۇمى مەبلەغ خىتاينىڭ يىللىق ئىشلەپ چىقىرىش ئومۇمى قىممىتىنىڭ 24% دىن ئېشىپ كەتكەن. بىر دۆلەتتە ئىچكى مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن سالغان مەبلەغ دۆلەت مۇداپىئەسىگە سالغان مەبلەغدىن ئېشىپ كەتتى دېمەك، ئۇ دۆلەتنىڭ ھاكىمىيىتى ئۆز خەلقىدىن كۈلىدىغان تەھدىتنى تاشقى دۈشمەندىن كۈلىدىغان تەھدىتتىن خەتەرلىك دەپ بىلدى دېمەك.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ھازىر خىتايدا يىلىغا ھۆكۈمەتكە قارشى ھەر خىل ھەرىكەتلەر تەخمىنەن 180000 قېتىم يۈز بېرىدىغان بولۇپ، 2016-يىلى يۈز بەرگەن ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتلەر ئالدىنقى يىلغا نىسبەتەن 20% ئاشقان. بۇ ۋەقەلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تاشقى ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىنىپ كېتىشىنى قاتتىق توسقان. ئۇيغۇر ئېلىدە ئوخشاش ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ھەر خىل ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى قوشقاندىمۇ، پۈتۈن خىتايدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ 1% گە يەتمەيدىكەن.

ئەلۋەتتە بەزىلەر خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر بىلەن ئۇيغۇر زېمىندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ماھىيەت جەھەتتە پەرقلىق دېيىشىدۇ. مەن بۇنى ئىنكار قىلمايمەن. ئەگەر بىز ۋەتەندە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى مىللىي زىددىيەت، يەنى مۇستەملىكە قىلىنغۇچى مىللەت بىلەن مۇستەملىكە قىلغۇچى مىللەت ئارىسىدىكى زىددىيەت دېسەك، خىتاي خەلقى بىلەن خىتاي ھاكىمىيەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ھۆكۈمران قىلغۇچى سىنىپ بىلەن ھۆكۈمران قىلىنغۇچى سىنىپ ئارىسىدىكى زىددىيەت دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ يەردىكى مىللىي زىددىيەت خىتاي خەلقى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئورتاق مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بىر يەرگە ئەكىلەلەيدىغان ئاساسلىق زىددىيەت ھېسابلىنىدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك 1930 - يىللاردا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئەڭ زور قىيىنچىلىق ۋە يوقىلىپ كېتىش تەھدىتىگە دۇچ كەلگەندە، ياپونىيەنىڭ خىتايغا بېسىپ كىرىشى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ناھايىتى زور بىر پايدىلىق پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ياپونىيەنىڭ بېسىپ كىرىشىدىن ئىبارەت بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى مىللىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئارىسىدىكى زىددىيەتنى ۋاقتىنچە بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، ئورتاق مىللىي دۈشمەن بولغان ياپونىيەگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشقا كۆندۈرگەن. ئەمەلىيەتتە بولسا گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە چىقىرىپ قويۇپ، ئۆزلىرى بىخەتەر يەرگە يوشۇرۇنۇپ، بىر تەرەپتىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەخىمىگە ئۇچۇرۇشىنى كۈتۈپ تۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەتۈر تەشۋىقات قىلىش ئارقىلىق، گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش نەتىجىلىرىگە ئۆزلىرى ئىگە بولۇپ، ئۆز كۈچىنى كۈچلەندۈرگەن. نەتىجىدە گومىنداڭ ھاكىمىيىتىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىۋالغان.

بۈگۈنكى كۈندە ئۆز خەلقىدىن كېلىۋاتقان ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، ئەينى ۋاقىتتا گومىنداڭنىڭ ئۆزىگە بولغان تەھدىتىنى ئورتاق دۈشمەن بولغان ياپون ئارقىلىق ۋەيران قىلغان كونا تاكتىكىسىنى قايتا قوللىنىپ، خىتاي خەلقىنىڭ ئۆزىگە بولغان تەھدىتىنى يوق قىلىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىچكى ۋە تاشقى ئورتاق دۈشمەنگە ئېھتىياجلىق بولغان.

ئۇيغۇر خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي خەلقىنى بىر يەرگە ئەكىلەلەيدىغان، ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى باشقا تەرەپكە ئۆزگەرتىش مەقسىتىگە يىتىشىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق ئورتاق ئىچكى دۈشمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە تىبەتلەرنىمۇ دۈشمەن دەپ بىلسىمۇ، بىراق تىبەتلەرنىڭ خىتاي خەلقى بىلەن بولغان بەزى دىنىي ھېسسىياتى سەۋەبىدىن، خىتاي خەلقىنى تىبەت خەلقىنىڭ زور تەھدىت ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشى ئۇيغۇرلاردەك ئاسان ئەمەس.

«تالىبان»، «ئىسلام دۆلىتى» قاتارلىق مۇسۇلمان ئارقا كۆرۈنۈشى بولغان تېررور تەشكىلاتلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ غەرب دۇنياسىدا ياراتقان قورقۇنچلۇق ۋەزىيىتى، بىر تەرەپتىن خىتاي خەلقىنى ئۇلار بىلەن دىنى ئورتاقلىقى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ زور تەھدىتلىك دۈشمەن كۈچ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشكە تۈرتكە بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى ئۆزلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كۈلىدىغان تاشقى دۈشمەن كۈچ دەپ بىلىشىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي خەلقىگە تەھدىت ئېلىپ كۈلىدىغان ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەن كۈچلەرنى بېكىتكەندىن كىيىن، خىتاي خەلقىنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھەقىقىي تەھدىت ئىلىپ كۈلىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈش زۆرۈر ئىدى. بۇنىڭلىق ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە قارشىلىق ھەرىكەتلەر ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ تۇرۇشى، ئاخباراتلاردا خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلەر توغرىسىدىكى باياناتلار ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنىپ تۇرۇشى، خىتاي خەلقى ئارىسىدا ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلىش كېرەك ئىدى. ئۇنداق بولمىسا خىتاي خەلقىنىڭ دىققىتى باشقا تەرەپكە تارتىلمايتتى، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمەيتتى.

مىنىڭ قارىشىمچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پىلانى ۋاڭلېچۈەن ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان يىللاردا باشلانغان بولۇپ، 2009 - يىلدىكى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن تېخىمۇ روشەنلەشكەن ئىدى. مىنىڭ بۇنداق قارىشىمدىكى سەۋەب، ۋاڭلېچۈەن ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان كېيىنكى يىللاردا مۇقىملىق ئۈچۈن ئەمەس مۇقىمسىزلىق ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلىقى، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ۋە ياكى ھەل قىلالايدىغان زىددىيەتلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلماي، زىددىيەتنىڭ ئۇلغىيىپ، ۋەقە پەيدا بولۇشىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى، ھەتتا ۋەقە پەيدا قىلغانلىقىنى كۆپىنچىمىز ئاڭلىغان. ئەينى ۋاقىتتا كۆپىنچىمىز ۋاڭنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئۇيغۇر ئىلىنى ئۇزۇن مۇددەت كونترول قىلىش ئۈچۈن دەپ چۈشەنگەن.

5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن ۋاڭلېچۈەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچۇرغانلىقتىن، بېيجىڭغا يۆتكەپ كېتىلگەن، ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ بىلەن پەرقلىق تاكتىكا قوللىنىدۇ دەپ قارالغان جاڭچۈنشەننى يۆتكەپ كەلگەن.

جاڭچۈنشەن ئۇيغۇر ئىلىغا كەلگەندىن كىيىن بىر تەرەپتىن 5-ئىيۇل ۋەقەسى جەريانىدا يۈز بەرگەن قانلىق كۆرۈنۈشلەرنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك كۆرگەزمە قىلىپ ئۆمرىدە ئۇيغۇر خەلقىنى كۆرۈپ باقمىغان خىتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ۋە غەزەپ نەپرىتىنى قوزغىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قاتتىق ۋە يۇمشاق ئىككى قوللۇق سىياسەتنى بىرلىكتە قوللىنىپ، كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنى سەپەرۋەر قىلىپ، قارشىلىق كۆرۈشى ئىلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قولى بىلەن جازالاش يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ يېغى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ گۆشىنى قورۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ، ھەم ئۇيغۇر ئېلىغا سېلىنغان مەبلەغلەرنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلەرنى مەلۇم دەرىجىدە ئازايتقان ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە نىسپىي مۇقىملىق بەرپا قىلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە بەرپا بولغان بۇ نىسپىي مۇقىملىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يىتىشكە زىيانلىق بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يېتىپ، جاڭچۈنشەننى ئۇشتۇمتۇت يۆتكەپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تىبەتتە قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈپ نامى چىققان چىنچۈئەنگونى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ كەلگەن.

چىنچۈئەنگو ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ كېلىنگەندىن كىيىن ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان قاتتىق سىياسەتنى يۈرگۈزۈپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرغان. مىنىڭ قارىشىمچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقىدەك بۇنداق قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزۈشىنىڭ تۈپكى سەۋەبى، ئۇيغۇرلارنىڭ تاقىتىنى يوق قىلىپ، ئۇلارنى رادىكال مېڭىشقا ۋە زوراۋانلىق قوللىنىشقا قىستاش. بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلاردىكى ئادەم سانىنى ۋە كۈچىنى كۆپەيتىپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇنى كۆپتۈرۈش ئارقىلىق، ئىچكى ۋە تاشقى مۇھىتنى خىتاي خەلقىگە تېخىمۇ تەھدىتلىك قىلىپ كۆرسىتىش، ۋە بۇ ئارقىلىق خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى باشقا تەرەپكە يۆتكەش، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خىتاي خەلقىنىڭ تىنچ-ئامان ياشىشىدا نەقەدەر مۇھىملىقنى ئىپادىلەش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قىلىش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىگە يىتىش.

بۇنىڭ تىپىك ئىسپاتى ۋە مىسالى، خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كىيىن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل پائالىيەتلىرىنى ۋە ھەرىكەتلىرىنى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بولۇپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ كۈچىنى خىتاي ئىچىدە ئالاھىدە كۆپتۈرۈپ، كۈچەيتىپ تەشۋىق قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا سېنىڭ تىنچلىق ۋە قانۇنى يوللار بىلەن ئۆز ھەق ھوقۇقۇڭنى قوغداش ئىمكانىيىتىڭ مۇتلەق يوق دېگەن سىگنالنى بېرىش ئۈچۈن ئىلھام توختىنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىش، ئۇيغۇرلار ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىيلارنى بىر بىرلەپ يوق قىلىش، جىم ياتقاننى جىم ياتقۇزماسلىق ئۈچۈن، خەلقىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھەق ھوقۇقلىرىنىمۇ چەكلەش قاتارلىقلاردۇر.

ئىسلام دۆلىتى ۋە سۈرىيە كرىزىسى دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار سانىنى ئالدىنقى بىر ئىككى يىلدا 300 ئەتراپىدا دەپ ئېلان قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئالدى بىلەن 3000 دىن 5000 ئەتراپىدا دەپ ئېلان قىلىپ، ئارقىدىنلا 20000 بىلەن 50000 ئارىلىقىدا ئۇيغۇر بار دەپ ئېلان قىلدى.ب ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھەرگىزمۇ تاسادىپىي ئىش ئەمەس.

ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىش قىيىن بولغان، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىچىدە ھەتتا ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىمۇ بىر يۇرتتىن بىر يۇرتقا بېرىشى قىيىن بولغان ئەھۋال ئاستىدا، شۇنچە كوپ ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبى ئاسىيا يوللىرى ئارقىلىق، ئاۋۋال تۈركىيەگە، ئاندىن سۈرىيەگە بېرىپ يەرلىشىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن يېشىل چىراغ ئىچىپ بەرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ۋەتەننى تاشلاپ قېچىپ چىقىشقا مەجبۇرلىدى. سۈرىيە ھۆكۈمىتى يۈزلەن'گېن قىيىن ئەھۋالدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر مەنپەەتىگە زىيانلىق بولغان ئاخباراتلارنى ئېلان قىلدۇردى. بۇ ئارقىلىق خىتاي خەلقىگە كېلىۋاتقان تەھدىتنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇندى.

ھازىر خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارايدىغان بولساق، سۈرىيەدىكى پاجىئەلەرنى ئۆرنەك قىلىپ، "دۆلىتىڭ بولمىسا، سەن ھېچنېمە ئەمەس" دېيىش ئارقىلىق، ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەس.

ئۇندىن باشقا مىنىڭ قارىشىمچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا ئىلىپ بېرىلغان ياپونىيە ۋە كورىيەگە قارشى نامايىشلارغا كەڭ كۆلەمدە يېشىل چىراغ ئىچىپ بېرىشى، ئۇلاردىن كەلگەن تەھدىتنى چوڭ كۆرسىتىش، جەنۇبى جۇڭگو دېڭىزىدىكى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى كۆتۈرۈپ چىقىش، چېگرا رايونلاردىكى تارىختا قېلىپ قالغان زېمىن مەسىلىسىنى قايتىدىن كۆتۈرۈپ چىقىش، بىر بەلۋاغ، بىر يول تاكتىكىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق خىتاي خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنى كۈچەيتىش ۋە غۇرۇر تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىش قاتارلىقلارمۇ خەلقتىن ئۆزىگە كېلىۋاتقان تەھدىتنى ئازايتىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

Bürküt
10-07-17, 21:24
Xitay hökümiti uyghurlargha néme üchün pewqul'adde qattiq siyaset yürgüzidu?

Bürküt


1949 - yili xitay xelq jumhuriyiti qurulghandin buyan xitay hökümiti uyghurlargha her xil héli mikir siyasetlerni yürgüzüp, uyghurlarni özige tamamen boy sundurush, zémin dawasidin waz kechtürüsh, milliy kimlikini yoq qilish we yaki assimilyatsiye qilish qatarliq siyasetlerni ochuq we yaki yoshurun halda yürgüzüp kelgen bolsimu biraq uyghur xelqini asasen méhmandost, naxsha usulgha mahir xelq dep teshwiq qilip kelgen idi. 1992 - yili burunqi sowét ittipaqi parchilinip, orta asiyadiki türkiy jumhuriyetlerni öz ichige alghan barliq réspoblikilar musteqil bolghandin kiyin xitay hökümitining uyghurlargha tutqan siyasitide bezi özgirishler otturigha chiqqan we uyghurlarni bölgünchilik bilen basturushqa bashlighan. 2001-yili amirkida yüz bergen 11 - séntebir weqesidin kiyin xitay hökümiti derhal xelq'ara térrorluqqa qarshi turush éqimidin paydilinip, uyghurlargha térrorchi dégen qalpaqni kiydürüp, eslidin yürgüzüp kéliwatqan basturush siyasitini téximu kücheytken.

2009 - yilda ürümchide yüz bergen 5 - iyul weqesidin kiyin uyghurlargha qaritilghan qattiq basturush siyasiti téximu ewjige chiqip, aldi bilen dinni zatlargha we oxshimighan qarashtiki kishilerge üch xil küchler dégen qalpaqni kiydürüp, ularni qattiq basturghan bolsa, kéyinche basturush dairisini üzlüksiz kéngeytip, uyghur memuri rehberlerni, közge körün'gen ziyaliylarni we yekke tijaretchilerni basturghan. Bügünki kün'ge kelgende xitay hökümiti özining qattiq qol siyasitini uyghurlarning hemme sahesige kéngeytip, her tereplimilik basturush siyasitini yürgüzmekte, shundaqla yalghuz basturush bilen cheklinip qalmay uyghurlarning normal hayatigha, dinni we medini örp-adetlirige köpligen qattiq cheklimilerni qoyup, uyghurlarning insani heq hoquqini éghir derijide depsende qilmaqta.

Xitay hökümitining uyghurlargha yürgüzüwatqan qattiq qolluq siyasetliri, wetende yüz bergen her xil weqelerni qanliq basturghandin bashqa, konkrét ehwali töwendikiche.

1. Qanunsiz dinni paaliyet nami bilen her xil dinni paaliyetlerni cheklesh, we xelqining normal dinni étiqadigha éghir derijide tosqunluq qilish;
2. 18 yashtin töwendikilerning meschitke kirishini cheklesh bilen birge yashlar arisida dinni terbiye ilip bérishni cheklesh;
2. Rayon atlap namaz oqushni chekleshtin kent mehelle atlap namaz oqushni cheklesh; heji qilishni cheklesh;
3. Mekteplerde we hökümet xadimliri arisida roza tutushni qattiq cheklesh, hem shundaqla adettiki puqralarning ramzan paaliyetlirige éghir derijide tosqunluq qilish;
4. Erlerning saqal qoyushini, ayallarning yaghliq artishini cheklesh, we en'eniwi kiyim-kéchek yürüsh türüsh adetlirige her xil cheklimilerni qoyush;
5. Ata anilarning balilirigha isim qoyush erkinlikige tosalghu bolush, we bezi isimlarni qattiq cheklesh;
6. Xelqining ijtimaiy alaqe we bardi keldi qilishigha her xil cheklimilerni qoyush, rayon we kent atlap tughqan yoqlashqa qattiq cheklime qoyush, kishilerning erkin seper qilish hoquqigha éghir derijide tosqunluq qilish.
7. Radikalliqni bahane qilip, kishilerning en'eniwi örp-adetlirini saqlap qilishini cheklesh, özimizning exlaqi pezilitige uyghun bolmighan ishlarni qilishqa mejburlash;
8. Xelqining chet'elge chiqishini we tughqan yoqlishini qattiq cheklesh; ballirini chet'elde oqutushqa éghir derijide tosqunluq qilish; insanlarni pasport ilish hoquqidin mehrum qilish;
9. Xelqining chet'el bilen bolghan her xil alaqisige qattiq cheklime qoyush, chet'elde tughqanliri barlargha tizimlap kontrol qilish siyasitini qollinish;
10. Xelqining qoshna musulman döletler we türki döletler bilen bolghan soda sétiqlirini qattiq cheklesh;
11. Xelqni partiyini söyüshke, diniy étiqadtin waz kéchishke zorlash we bu heqte éniq ipade bildürüshke mejburi qilish;
12. Uyghurlarning normal pikir bayan qilishni cheklep, xitay xelqining uyghurlarni haqaretlishige keng kölemlik yéshil chiragh ichip bérish; bir tereptin uyghurlar arisida milletler ittipaqliqini teshwiq qilsa, yene bir tereptin xitaylar arisida öchmenlik terghib qilish;

Undaqta xitay hökümiti néme üchün uyghurlargha bundaq qattiq siyaset yürgüzidu? Uning seweblirini töwendiki bir nechche tereplerge yighinchaqlashqa bolidu.

1. Uyghurlarning 60-70 yildin buyan üzlüksiz dawam qilip kéliwatqan musteqilliq dawasi, yeni uyghurlar tarixtin yashap kéliwatqan bu zéminning igilik hoquq dawasi. Bu eng négizlik seweb bolup, xitay hökümiti 60-70 yildin buyan gerche her xil taktikilarni qollinip, her xil basturushlarni ilip bérip uyghurlarni bu dawadin waz kéchishke mejburi qilip baqqan bolsimu, biraq uning ünüm bermesliki;
2. Uyghurlarning milliy kimlik we dinni étiqad jehette xitaylardin alahide perq bolushi, we uyghurlarning özlirini xitaylardin perqliq tutushi, hem xitaylarning özlirini assimilyatsiye qilishigha üzlüksiz qarshiliq bildürüp kélishi;
3. Xelq'ara weziyet, yeni gherbining musulmanlargha yürgüzgen siyasetliri we térrorluqqa qarshi turush heriketlirining ewji ilishi, xitay hökümitige islam dinigha étiqad qilidighan uyghurlarni yoq qilishqa eng yaxshi purset yaritip bérishi;
4. Uyghurlarning taqitini sinash, yeni özlirining uyghurlargha qanchilik qattiq qolluq siyaset yürgüzeleydighanliqini emili sinap körüsh, we uninggha asasen kéyinki siyasetlirini tüzep chiqish, we yaki shu arqiliq uyghurlarning kelgüsige bolghan ümid we ishenchini pütünley weyran qilish.
5. Uyghur zéminining xitayning hazirqi tereqqiyati we kelgüsi kéngeymichilikini ishqa ashurushidiki istratégiyilik orni, xitay xelqi we xitay hökümitining döletning zémin pütünlükige bolghan alahide jiddiy qarishi, uyghurlarni xitayning zémin pütünlükige her zaman bir tehdit dep qarilishi.

Mining qarishimche xitay hökümiti yuqiridek qattiq qol siyasetlerni qollinip, uyghurlar arisida uzun muddetlik muqimliq hasil qilishning mumkin emeslikini, bundaq siyasetning eksiche ünüm béridighanliqini bilmigüdek döt emes. Undaqta xitay hökümiti uni bilip turup néme üchün yene shundaq qattiq qol siyaset qollinidu? Xitay hökümiti bu arqiliq zadi néme meqsetke yetmekchi? Mining qarishimche xitay hökümiti bundaq siyaset qollinish arqiliq töwendiki ikki meqsetke yetmekchi.

Biri xitay hökümiti hazirqi weziyettin paydilinip uyghurlarni tamamen awazi chiqmas qiliwétish, yene biri bolsa uyghurlarni radikal yolgha mejburlash, yeni uyghurlarni xitay hökümiti bilen xitay xelqining tehditlik ortaq düshmini qilish arqiliq öz hakimiyitini qoghdap qilish üchün qurban qilish. Yeni xitay hökümiti özining hakimiyitini saqlap qilish üchün xitay xelqining özige bolghan naraziliqini uyghurlar üstige burap, uyghurlarni wasite qilip qollinish we bu arqiliq xitay xelqining "wetenperwerliki" din paydilinip uyghurlarni basturush arqiliq öz hakimiyitini mustehkemlesh meqsitige yétish.

Yéqinqi 10 nechche yildin biri xitayning iqtisadi yüksek derijide tereqqiy qilip, kishilerning turmush sewiyiside chong özgirishler dunyagha keldi. Xitay iqtisadining tereqqiy qilishigha egiship barliqqa kelgen bay-kembeghellik perqning zoriyishi, muhitning éghir derijide bulghinishi, yémek-ichmek bixeterlikining künsayin nacharlishishi, uchur wasitilirining tereqqiy qilishi, chet'elge sayahet we oqush üchün chiqidighanlarning köpiyishi, bir qisim kishilerning maddiy éhtiyajining qénishi we ularning meniwi jehettiki telipining éship bérishigha egiship, pütün xitay jem'iyitidiki ziddiyetler ötkürleshti we hökümetke bolghan naraziliq yildin yilgha keskinliship mangdi. Netijide xitay hökümitining öz hökümranliqigha bolghan ishenchi töwenleshke bashlidi, öz xelqidin kéliwatqan tehditning künsayin zoriyiwatqanliqini tonup yetti; shuning bilen xitay hökümiti öz hökümranliqini qoghdash we uni mustehkemlesh üchün, bir tereptin öktichilerni basturush usulini qollan'ghan bolsa, yene bir tereptin öz ichidiki bir qisim emeldarlarni her xil iqtisadiy jinayetler bilen jazalap, xelqining naraziliqini tinchlandurushqa urundi, biraq uning netijisi közligendek yaxshi bolmidi. Hökümetke qarshi élip bérilghan her xil naraziliq heriketler künsayin köpeydi.

Künsayin köpiyiwatqan bu naraziliq heriketlerdin endishe qiliwatqan xitay hökümiti dölet ichidin kelgen bu tehditke taqabil turush üchün muqimliqni qoghdashqa salidighan mebleghni yildin yigha ashurdi, we 2011-yildin étibaren dölet mudapiesige salidighan mebleghdin éship ketken. Kéyinki yillarda shijinping herbiy hoquqni tamamen kontrol qilghandin kiyin herbiyge salghan mebleghnimu ashurghan. Hazir ichki we tashqi muqimliqni qoghdash üchün salghan omumi meblegh xitayning yilliq ishlep chiqirish omumi qimmitining 24% din éship ketken. Bir dölette ichki muqimliqni qoghdash üchün salghan meblegh dölet mudapiesige salghan mebleghdin éship ketti démek, u döletning hakimiyiti öz xelqidin külidighan tehditni tashqi düshmendin külidighan tehdittin xeterlik dep bildi démek.

Xewerlerge asaslan'ghanda hazir xitayda yiligha hökümetke qarshi her xil heriketler texminen 180000 qétim yüz béridighan bolup, 2016-yili yüz bergen hökümetke qarshi heriketler aldinqi yilgha nisbeten 20% ashqan. Bu weqelerning köp qismining tashqi axbaratlarda élan qilinip kétishini qattiq tosqan. Uyghur élide oxshash waqitta yüz bergen her xil weqelerning hemmisini qoshqandimu, pütün xitayda yüz bergen weqelerning 1% ge yetmeydiken.

Elwette beziler xitay ölkiliride yüz bériwatqan weqeler bilen uyghur zéminda yüz bériwatqan weqeler mahiyet jehette perqliq déyishidu. Men buni inkar qilmaymen. Eger biz wetende yüz bériwatqan weqelerni milliy ziddiyet, yeni mustemlike qilin'ghuchi millet bilen mustemlike qilghuchi millet arisidiki ziddiyet dések, xitay xelqi bilen xitay hakimiyet otturisidiki ziddiyetni hökümran qilghuchi sinip bilen hökümran qilin'ghuchi sinip arisidiki ziddiyet dep qarashqa bolidu. Bu yerdiki milliy ziddiyet xitay xelqi bilen xitay hökümitini ortaq menpeetliri üchün bir yerge ekileleydighan asasliq ziddiyet hésablinidu.

Hemmimizge melum bolghinidek 1930 - yillarda xitay kommunistik partiyisi eng zor qiyinchiliq we yoqilip kétish tehditige duch kelgende, yaponiyening xitaygha bésip kirishi xitay kommunistik partiyisige nahayiti zor bir paydiliq purset yaritip bergen. Xitay kommunistik partiyisi yaponiyening bésip kirishidin ibaret bu pursetni gheniymet bilip, gomindang hökümitini milliy menpeet üchün arisidiki ziddiyetni waqtinche bir terepke qayrip qoyup, ortaq milliy düshmen bolghan yaponiyege birlikte qarshi turushqa köndürgen. Emeliyette bolsa gomindang eskerlirini urushning aldinqi sépige chiqirip qoyup, özliri bixeter yerge yoshurunup, bir tereptin gomindang hökümitining küchining éghir derijide zeximige uchurushini kütüp tursa, yene bir tereptin tetür teshwiqat qilish arqiliq, gomindang eskerlirining urush netijilirige özliri ige bolup, öz küchini küchlendürgen. Netijide gomindang hakimiyitini meghlup qilip, öz hakimiyitini tikliwalghan.

Bügünki künde öz xelqidin kéliwatqan éghir tehditke duch kelgen xitay hökümiti, eyni waqitta gomindangning özige bolghan tehditini ortaq düshmen bolghan yapon arqiliq weyran qilghan kona taktikisini qayta qollinip, xitay xelqining özige bolghan tehditini yoq qilip, öz hakimiyitini saqlap qilish üchün ichki we tashqi ortaq düshmen'ge éhtiyajliq bolghan.

Uyghur xelqi xitay hökümiti bilen xitay xelqini bir yerge ekileleydighan, we xitay hökümitining xitay xelqining naraziliqini bashqa terepke özgertish meqsitige yitishidiki eng muwapiq ortaq ichki düshmen. Xitay hökümiti gerche tibetlernimu düshmen dep bilsimu, biraq tibetlerning xitay xelqi bilen bolghan bezi diniy héssiyati sewebidin, xitay xelqini tibet xelqining zor tehdit ikenlikige ishendürüshi uyghurlardek asan emes.

"taliban", "islam döliti" qatarliq musulman arqa körünüshi bolghan térror teshkilatlirining mewjut bolushi we ularning gherb dunyasida yaratqan qorqunchluq weziyiti, bir tereptin xitay xelqini ular bilen dini ortaqliqi bolghan uyghurlarning zor tehditlik düshmen küch ikenlikige ishinishke türtke bolsa, yene bir tereptin ularni özlirige tehdit élip külidighan tashqi düshmen küch dep bilishini téximu asanlashturghan.

Xitay hökümiti xitay xelqige tehdit élip külidighan ichki we tashqi düshmen küchlerni békitkendin kiyin, xitay xelqini ularning özlirige heqiqiy tehdit ilip külidighanliqigha ishendürüsh zörür idi. Buningliq üchün uyghur élide qarshiliq heriketler üzlüksiz yüz bérip turushi, axbaratlarda xitaygha qarshi élip bérilidighan térrorluq we zorawanliq heriketler toghrisidiki bayanatlar üzlüksiz élan qilinip turushi, xitay xelqi arisida éghir wehime peyda qilish kérek idi. Undaq bolmisa xitay xelqining diqqiti bashqa terepke tartilmaytti, xitay hökümitimu közligen meqsetke yételmeytti.

Mining qarishimche xitay hökümitining bu pilani wangléchüen hökümranliq qiliwatqan yillarda bashlan'ghan bolup, 2009 - yildiki 5 - iyul weqesidin kiyin téximu roshenleshken idi. Mining bundaq qarishimdiki seweb, wangléchüen hökümranliq qiliwatqan kéyinki yillarda muqimliq üchün emes muqimsizliq üchün heriket qilghanliqi, hel qilishqa tégishlik bolghan we yaki hel qilalaydighan ziddiyetlerni waqtida hel qilmay, ziddiyetning ulghiyip, weqe peyda bolushini kütüp turghanliqini, hetta weqe peyda qilghanliqini köpinchimiz anglighan. Eyni waqitta köpinchimiz wangning bu qilmishini uyghur ilini uzun muddet kontrol qilish üchün dep chüshen'gen.

5 - iyul weqesidin kiyin wangléchüen uyghur élidiki xitay xelqining qattiq naraziliqigha uchurghanliqtin, béyjinggha yötkep kétilgen, we uning ornigha uning bilen perqliq taktika qollinidu dep qaralghan jangchünshenni yötkep kelgen.

Jangchünshen uyghur iligha kelgendin kiyin bir tereptin 5-iyul weqesi jeryanida yüz bergen qanliq körünüshlerni xitayning ichkiri ölkilirining her qaysi jaylirida keng kölemlik körgezme qilip ömride uyghur xelqini körüp baqmighan xitay xelqining uyghurlargha bolghan öchmenlikini we ghezep nepritini qozghighan bolsa, yene bir tereptin uyghurlargha nisbeten qattiq we yumshaq ikki qolluq siyasetni birlikte qollinip, keng uyghur xelqini seperwer qilip, qarshiliq körüshi ilip bériwatqan bir qisim uyghurlarni keng uyghur xelqining qoli bilen jazalash yeni uyghurlarning yéghi bilen uyghurlarning göshini qorush siyasitini qollinip, hem uyghur éligha sélin'ghan mebleghlerni ashurush arqiliq uyghur élidiki qarshiliq heriketlerni melum derijide azaytqan we uyghur élide nispiy muqimliq berpa qilghan.

Uyghur élide berpa bolghan bu nispiy muqimliq xitay hökümitining közligen meqsitige yitishke ziyanliq bolghachqa, xitay hökümiti uyghur élide yürgüzüwatqan siyasetni özgertishning zörürlükini tonup yétip, jangchünshenni ushtumtut yötkep kétip, uning ornigha tibette qattiq qol siyaset yürgüzüp nami chiqqan chinchüen'goni uyghur élige yötkep kelgen.

Chinchüen'go uyghur élige yötkep kélin'gendin kiyin uyghurlargha nisbeten tarixta körülüp baqmighan qattiq siyasetni yürgüzüp, pütün uyghur élini üsti ochuq türmige aylandurghan. Mining qarishimche xitay hökümitining hazirqidek bundaq qattiq qol siyaset yürgüzüshining tüpki sewebi, uyghurlarning taqitini yoq qilip, ularni radikal méngishqa we zorawanliq qollinishqa qistash. Bir tereptin uyghurlarning térrorluq teshkilatlardiki adem sanini we küchini köpeytip teshwiq qilip, uni köptürüsh arqiliq, ichki we tashqi muhitni xitay xelqige téximu tehditlik qilip körsitish, we bu arqiliq xelqining hökümetke bolghan naraziliqini bashqa terepke yötkesh, xitay hakimiyitining xitay xelqining tinch-aman yashishida neqeder muhimliqni ipadilesh we shu arqiliq öz hakimiyitini saqlap qilish we uni mustehkemlesh meqsitige yitish.

Buning tipik ispati we misali, xitay hökümiti 5-iyul weqesidin kiyin weten ichi we sirtidiki uyghurlarning her xil paaliyetlirini we heriketlirini, chet'eldiki uyghur teshkilatlirining bolup dunya uyghur qurultiyining küchini xitay ichide alahide köptürüp, kücheytip teshwiq qilip, uyghurlargha séning tinchliq we qanuni yollar bilen öz heq hoququngni qoghdash imkaniyiting mutleq yoq dégen signalni bérish üchün ilham toxtini ürümchige apirip muddetsiz qamaq jazasi bérish, uyghurlar ichide közge körün'gen ziyaliylarni bir birlep yoq qilish, jim yatqanni jim yatquzmasliq üchün, xelqining eng töwen heq hoquqlirinimu cheklesh qatarliqlardur.

Islam döliti we süriye krizisi dunyagha kelgendin buyan, xitay hökümiti süriyediki uyghurlar sanini aldinqi bir ikki yilda 300 etrapida dep élan qilip kelgen bolsimu, biraq yéqinqi bir nechche ay ichide aldi bilen 3000 din 5000 etrapida dep élan qilip, arqidinla 20000 bilen 50000 ariliqida uyghur bar dep élan qildi.b ularning hemmisi hergizmu tasadipiy ish emes.

Uyghurlarning pasport élish qiyin bolghan, uyghurlarning xitay ichide hetta uyghur éli ichidimu bir yurttin bir yurtqa bérishi qiyin bolghan ehwal astida, shunche kop uyghurlarning jenubi asiya yolliri arqiliq, awwal türkiyege, andin süriyege bérip yerlishishige xitay hökümiti bir tereptin yéshil chiragh ichip bergen bolsa, yene bir tereptin uyghurlarni qanunsiz yollar arqiliq wetenni tashlap qéchip chiqishqa mejburlidi. Süriye hökümiti yüzlen'gén qiyin ehwaldin paydilinip, ularni uyghur menpeetige ziyanliq bolghan axbaratlarni élan qildurdi. Bu arqiliq xitay xelqige kéliwatqan tehditning neqeder küchlük ikenlikini körsitishke urundi.

Hazir xitay metbuatliridiki xewerlerge qaraydighan bolsaq, süriyediki pajielerni örnek qilip, "döliting bolmisa, sen héchnéme emes" déyish arqiliq, öz hakimiyitining qanchilik muhim ikenlikini bildürmekchi bolghanliqini körüwélish qiyin emes.

Undin bashqa mining qarishimche xitay hökümitining xitayda ilip bérilghan yaponiye we koriyege qarshi namayishlargha keng kölemde yéshil chiragh ichip bérishi, ulardin kelgen tehditni chong körsitish, jenubi junggo déngizidiki kéngeymichilik siyasitini kötürüp chiqish, chégra rayonlardiki tarixta qélip qalghan zémin mesilisini qaytidin kötürüp chiqish, bir belwagh, bir yol taktikisi qatarliqlar arqiliq xitay xelqining wetenperwerlik we milletchilik idiyisini kücheytish we ghurur tuyghusini peyda qilish qatarliqlarmu xelqtin özige kéliwatqan tehditni azaytish we bu arqiliq öz hakimiyitini saqlap qélish we uni mustehkemlesh üchün körsitiwatqan tirishchanliqning bir qismi dep qarashqa bolidu.

Elbilgin
12-07-17, 13:47
شى جىنپىڭ نېمە قىلماقچى

كۇرشات ئوغۇلى
2017-7-2

كىرىش سوز

ۋاڭ لېچۇئەننىڭ مەركەزگە يۆتكەپ كېتىلىشى بىلەن ئورنىغا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بىرىنچى قول باشلىقى جىياڭ چۈنشەن، 2016-يىلى ئاۋغۇستتا تۇيۇقسىز ھەممە خىزمەتلىرىدىن قالدۇرۇلۇپ ئورنىغا شۇ مەزگىلدە ئوخشاش دەرىجىدە تىبەتتە خىزمەت ئۆتەۋاتقان چېن چۇئەنگو يۆتكەپ كېلىنگەن. يېرىم يىل ئىچىدە 15 يىلدىن بېرى ھەل بولماي كېلىۋاتقان ئۈرۈمچىدىكى قىش مەزگىلىدە كۆك ئاسمان كۆرۈنمەسلىككە خاتىمە بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىغا قۇلايلىق يارىتىش ۋە خىتايدا تۇنجى شەخسى بلوگ ئاچقان نازىر دەرىجىدىكى خىتاي ئەمەلدارى بولۇشى بىلەن "يېڭىلىقپەرۋەر" دەپ خەلقىنىڭ قوللىشىغا سازاۋەر بولۇۋاتقان جىياڭ چۈنشەننىڭ سەۋەنلىكى نېمە؟ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 16 يىل ئۇيغۇر دىيارىدا پادىشاھ كەبى ھۆكۈم سۈرگەن ۋە قاتتىق قوللۇقى بىلەن نام چىقارغان ۋاڭ لېچۇئەننى ھوقۇقىدىن قانداق ئايرىغان بولسا، يۇمشاق سىياسەت تۇتقان جىياڭ چۈنشەننىمۇ خۇددى شۇنداق ھوقۇقىدىن ئايرىدى . شى جىنپىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى زادى قانداق تىپتىكى ئەمەلدار ئارقىلىق باشقۇرماقچى؟ ئۇنىڭ قانداق "ئۇلۇغۋار" مەقسەتلىرى بار؟ مەزكۇر يازمىدا بىز شى جىنپىڭنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە كرىزىسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى كۆرسىتىپ ئوتىمىز.


1. شى جىنپىڭ كىم (تەرجىمىھالىدىن)

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە كرىزىسىنى كۆپ ساندىكى ئانالىزچىلار كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ بيۇروكرات رېجىمىدىن كەلگەن سىياسىي كرىزىسنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلى، خىتاينىڭ دېموكراتىيىگە ئۆتۈشى بىلەن بۇ كرىزىس تۈگەيدۇ دەپ قارىشىدۇ. بۇ خىل كۆز قاراش مەلۇم ئاساسقا ئەگە بولسىمۇ، ئەمما بىرىنچىدىن، خىتاي قاچان غەرب تۈسىدىكى ئىنسانلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان دېموكراتىيىگە ئۇلىشىدۇ بىز بىلمەيمىز؛ ئىككىنچىدىن، خىتاي دېموكراتىيىگە ئاتلىغان شۇ مەزگىلگە ئۇيغۇرلار ھازىرقىدەك بىر مۇستەقىل كىملىككە ئەگە توپلام سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ ئۇلىشالامدۇ؟ بىز ئوخشاشلا بۇنىڭغا كەسىپ بىرنېمە دېيەلمەيمىز. چۈنكى ئاپتورنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە نوقۇل ھالدا كۇلتۇر ياكى سىياسىي ئاسسىمىلياتسىيە بولماستىن بەلكى بىئولوگىيىلىك ئاسسىمىلياتسىيەدۇر . تۆۋەندە بىز بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيىنىڭ ماھىيىتىنى بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيىنى بىزگە تېڭىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتى، ۋە شۇ ھاكىمىيەتنى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانلارنىڭ كىملىكى ۋە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ ئوتمىز.

ئالدى بىلەن بىز خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كىملىكىنى تەھلىل قىلغان چېغىمىزدا ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئالاقىدار بۇنداق بىر قانچە كىملىكىنى كونكرېت تەھلىل قىلىشىمىز كېرەك.

(1) شىنىڭ قىزىل ئەۋلاد كىملىكى

شى جىنپىڭنىڭ دادىسى شى زھوڭشۇن ناھايىتى ياش ۋاقتىدىلا جكپ غا ئەزا بولۇپ (ئۇ 13 يېشىدا خىتاي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان ۋە 15 يېشىدا جكپ غا ئەزا بولغان) كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت تۇتۇشىغا بىۋاسىتە كۈچ قوشقان ۋە شۇنىڭدىن كېيىن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى باشلىنىشتىن بۇرۇنلا سىياسىي كۈرەشتە خىزمىتىدىن ئايرىلىپ تۆۋەنگە چۈشۈرۈۋېتىلگەن. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا بولسا كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كېيىن ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي باش مىنىستىرى زھوئۇ ئەنلاينىڭ پەردە كەينىدە تۇرۇپ ياردەم قىلىشى بىلەن ھايات قالغان. شى زھوڭشۇن مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن سالاھىيىتى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە كېيىنكى خىتاي ھاكىمىيىتىدە ئىسلاھاتچى ئاتالغان دەڭ شىئائوپىڭ نىڭ يېنىدا ئىشلىگەن. ئۇنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى چوڭ تۆھپىسى بولسا خىتاي مەركىزى كومىتېتىغا گۇئاڭدوڭ ئۆلكىسىگە كۆپ ئىمتىياز بېرىش ۋە چەتئەلنى تەقلىد قىلىپ ئالاھىدە رايون قۇرۇپ سىرتقا ئېچىۋېتىش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنۇشى بولۇپ، خىتاينىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش قەدىمىنى دېڭىز بويلىرىدا باشلىنىشىغا تۈرتكە بولغان. شى جىڭ پىڭنىڭ خىتايدا چوڭ ھوقۇق تۇتالىشىدا ئۇنىڭ "قىزىل ئىككىنچى ئەۋلاد" كىملىكى ھالقىلىق رول ئوينىغان.

(2) شى جىنپىڭنىڭ خىتاي زىيالىيسى كىملىكى

خىتاي كۇلتۇرىدا زىيالىيلار تائىپىسى دۇنيادىكى باشقا ھەرقانداق بىر مەدەنىيەت ۋە كۇلتۇر توپلىمىدا كۆرۈلمەيدىغان بىر تائىپە. ئادەتتە زىيالىي ئۇقۇمى مەلۇم جەمئىيەتتە بىلىم قۇرۇلمىسى يۇقىرى، ئەركىن تەپەككۇر ۋە مۇستەقىل خاراكتېرگە ئەگە ئىنسانلارنى كۆرسىتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشنىڭ بىرى، ئۆز كۇلتۇر ۋە توپلىمىغا بولغان تەنقىدىي پوزىتسىيىسى بولۇپ، بۇ خىل تەنقىدىي پوزىتسىيە خۇددى ئاغرىقنى داۋالايدىغان دوختۇرغا ئوخشايدۇ. ئەمما خىتايدا خىتاي زىيالىيلىرى مۇستەقىل خاراكتېرگە ئىگە ئەمەس. ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىشى پەقەت ئىمتىھان بېرىپ ئەمەلدارلىققا تاللىنىش ۋە ھۆكۈمرانغا سادىق بولۇش ئارقىلىق ئۆز نوپۇزى ۋە بايلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ۋە پۇرسىتى كېلىپ قۇدرەت تاپسا ئۆزى ھۆكۈمران بولۇش. بۇ خىتايدا ئەمەلدار تاللاش ئىمتىھانى يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ 1400 يىل ئۆتۈپ تا ھازىرغىچە خىتاي جەمئىيىتىدە داۋاملىشىۋاتقان بىلىم ئىگىلەشنىڭ تۈپ ماھىيىتى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. خىتايدا ئاۋام پۇقرا ئارىسىدا مۇنداق گەپ بار، خىتايدا ئىككىلا تۈرلۈك ئادەم مەۋجۇت بولۇپ، بىرى تەختىراۋاندا ئولتۇرغۇچىلار قالغىنى بولسا تەختىراۋان كۆتۈرگۈچىلەردۇر. شۇ سەۋەبتىن خىتاي خەلقى ئىمتىھان ئۈچۈن تىرىشمىغان بالىسىغا بېرىدىغان تەربىيىسى بولسا، تىرىشىپ ئوقۇمىساڭ تەختىراۋان كۆتۈرگۈچى بولىسەن دېيىش.

ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئەمەلدار بولۇش پەقەت ئىشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، بىر ئەمەلدار بولغان خىتاي زىيالىيسى بىر ھاكىمىيەت ئاستىدىكى ئوخشىمىغان مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرىگە ئارىلاشمىسا يۇقىرى ئۆرلەش ئەمەس، بار بولغان مەنسىپىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئەمەلدار سورۇنىدىكى كۈرەشكە ئىشلىتىش خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ كەسپى بولۇپ قالغان. ئۇلار ئۆزى كۈچەپ ھوقۇق مەنسەپ ئۈچۈن كۈرەش قىلغاندىن سىرت، ئەتراپىغا ئىشەنچلىك ۋە ئىقتىدارلىق ئادەملەرنى يىغىپ گۇرۇھ شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق بىر بىرى بىلەن تىركەشكەن. ئۆزى ئېلىشقا كۆزى يەتمىگەن ئورۇنغا بولسا ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن "ئىقتىدارلىق" دەپ قارىغان زىيالىيلارنى ئەڭ توۋەن قاتلامدا بولسىمۇ ئىزدەپ تېپىپ، شۇلارغا دەسمايە سېلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئۇستىدىكى مەنسەپكە يۆلەپ چىقىرىش ئارقىلىق ئۆز مەنپەئىتىنى ساقلىغان. سوڭ پىڭنىڭ خۇ جىنتائونى يۆلەپ ئاخىرى باش رەئىسلىك ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇشى بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ .

خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ تارىختىن بۇيان ئەمەل سورۇنىدىكى ھىيلە-مىكىرلىرى ۋە "ئەقىل-پاراسەتلىرىنى" ئەڭ ئەينەن ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغىنى تەخمىنەن بۇندىن 100 يىل بۇرۇن خىتاي زىيالىيسى لى زوڭۋۇ تەرىپىدىن يېزىلغان "قارا قېلىن پەلسەپىسى[厚黑学]" ھېسابلىنىدۇ. ئاپتور بىر خىتاي زىيالىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي تارىخىنى يەكۈنلەپ، خىتاينىڭ 24 تارىخىدىكى مەيلى "خەلقپەرۋەر ھۆكۈمران" بولسۇن ۋە ياكى "ۋەتەن سۆيەر قەھرىمان" بولسۇن ھەممىسىنىڭ ياكى كۆڭلى قارا ياكى يۈزى قېلىن كېلىدىغانلىقىنى، خىتاي كۇلتۇر دائىرىسىدە چوڭ بولغان ھەر قانداق شەخسنىڭ كۆڭلىگە پۇتكەن مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ قارا، يۈزىنىڭ قېلىن بولۇشى شەرت ئىكەنلىكىنى يازغان. ئۇ ئۆز كىتابىدا يەكۈنلەپ خىتاي تارىخىدا بارلىق داڭلىق شەخسلەرنىڭ قارىلىق ۋە قېلىنلىقنىڭ دەرىجىسىگە قارتا ئۆز ئۇتۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى، قارا ۋە قېلىنلىقتا پەللە بولۇپ ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى "قارىلىقتا رەڭسىز، قېلىنلىقتا سۈزۈك[黑而无色,厚而透明]" بولۇش كېرەكلىكىنى، يەنى يۈرىكى قارا بولسىمۇ ئۇنى باشقىلارغا ھەرگىز بىلدۈرمەسلىك ۋە قارا يۈرگىنى ياخشى ئىشلار بىلەن يوشۇرۇپ ھەرقانداق بىر ئىنساننى ئالدىيالايدىغان بولۇشى كېرەكلىكىنى، يۈزى قېلىن بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە، باشقىلارغا ئۇنى بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن ئۆزنى ئاق كۆڭۈل، كۆڭلى يۇمشاق پەرىشتە قىلىپ كۆرسىتەلەيدىغان بولۇش كېرەكلىكىنى يەكۈنلىگەن. كېيىنكىلەر بۇ كىتابنى قايتا نەشرگە تەييارلىغاندا ماۋ زېدۇڭنى "قارا - قېلىن" پەلسەپىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقالىغان دەپ باھا بەرگەن. بىر قىسىم خىتاي پۇقرالىرىمۇ بۇ كىتاب ئەمەلىيەتتە خىتايلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىكى ئىش قىلىش پىرىنسىپىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرگەن دەپ قارايدۇ. بىز خىتاينىڭ دۇنياغا داڭلىق "36 تەدبىر" نى ئانالىز قىلىپ كۆرسەكلا، باشقا ئىنسانلار توپلىمى ئۆز مەدەنىيىتى ۋە كۇلتۇرىدا ئىنسانىيلىقنى ئاساس دەپ ئەتراپ قىلىدىغان، ئادىمىيلىكنى ھۆرمەتلەش، ياخشىلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، ئېتىقاد قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ، خىتايدا پەقەت ئەمەلدار سورۇنىدىكى زىيالىيلارنىڭ بىر-بىرىنى پۇتلاش ۋە يىقىتىش ئۈچۈن، ۋە ئۆز يۈرىكىدىكى قارا - كۆڭۈل پەلسەپىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدىغان ۋاسىتە ۋە ياكى قورال ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. شى جىڭپىڭ دەل "قارا كۆڭۈل پەلسەپىسى" نى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكۈزگەن ۋە ئەمەلىيىتىدە شۇ ئارقىلىق ئۇتۇق قازانغان بىر خىتاي زىيالىيسى.
خىتاي تارىخىدا ئۆگىتىلىۋاتقان ئاخىرقى سۇلالە چىڭ خانىدانلىقىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن خىتايدا فېئوداللىق سۇلالىنىڭ داۋاملىشىشىغا خاتىمە بېرىلگەن دېگەنگە، بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيە ھۆكمىتىنى تەتقىق قىلغۇچىلار ئىشەنمەيدۇ. چۈنكى ماۋ زېدۇڭ قۇرغان "يېڭى جۇڭگو" ماھىيەتتىن يەنىلا بىر فېئودال خانلىققا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ پادىشاھ كەبى رەئىسى بار، ئەمەلدارلار ئەمەلدار تاللاش ئىمتىھانلىرىدا تاللىنىلغان، خانغا سادىق بولۇش ھېسابىغا ھوقۇق ۋە بايلىق كويدا يۈرگەن زىيالىيلاردۇر. بۇ زىيالىيلارنىڭ ئارىسىدا خاننىڭ ئەڭ ئىشەنچىگە ئېرىشەلەيدىغان زىيالىي يەنىلا ئۇنىڭ ئۆز ئەۋلادىدىن يېتىشىپ چىققانلار. شى جىنپىڭ بولسا دەل "يىلتىزىدىن قىزىل" بىر زىيالىي.

شى جىنپىڭ دادىسىنىڭ يىقىلىشى بىلەن بىللە ھەممە نېمىسى تەل تۇرمۇشتىن موللاق ئەتىپ ئەڭ تۆۋەنگە "چېنىقىشقا" چۈشۈرۈۋېتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ توۋەن قاتلامدا يېزا ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسخىرە ۋە بوزەك قىلىشلىرىغا ئۇچرىغان. ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە سېلىپ يۈرگەن. باشقا قىزىل ئەۋلادلاردىن پەرقلىقى، ئۇ تۇرمۇشتا ئاددىي ئوتكەن، ئوقۇشتا تىرىشقان. بايلىققا ۋە قىز-چوكانلارغا ئىنتىلمىگەن، ھەر ئىشتا ئېغىر بېسىق بولغان. شى بۇ مىجەز-خۇلقى بىلەن كىچىكىدىن ئارىلىشىپ بىللە ئۆسكەن، دىڭ شاۋپىڭنىڭ قىزى، لى خىئاننىئاننىڭ ئوغلى دېگەندەك قىزىل ئىككىنچى ئەۋلادلارنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئىشەنچىگە ئېرىشكەن. جىئاڭ زەمىن ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن دىڭ شاۋپىڭ بېكىتكەن ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولدىن چەتنىشى، ئەمەلدار سورۇنىدىن ئايرىلغان دىڭنىڭ قاتتىق غەزۋىنى قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن دىڭ شاۋپىڭ 1992-يىلى جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرۈش نامى بىلەن ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەسلىك بىلەن جىئاڭنى ئاگاھلاندۇرغان. دىڭ شاۋپىڭ ھەتتا جىئاڭ زەمىننىڭ ئۆزىگە ئىزباسار تەيىنلىشىنى چەكلەپ، خۇ جىنتائونى باش رەئىس ئورۇنباسارى قىلىپ تەيىنلىگەن. جىئاڭ زەمىن بولسا ھەربىي ۋە مەمۇرى ئورۇنلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىگە، ئۆزىگە سادىق ئادەملەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خۇ جىنتائو رەئىس بولغاندا ھېچ ئىش تەۋرىتەلمەيدىغان قورچاق رەئىس قىلىپ قويغان. بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولسا 2009-يىلى سىچۈئەن ئۆلكىسىدىكى "ۋەنچۇئان چوڭ يەر تەۋرەش" تە، خۇ جىنتائو نەق مەيدانغا ياردەم بېرىشكە ھەربىي دائىرىلەرگە يوليورۇق بەرگەن بولسىمۇ بىرمۇ ئەسكەرنى يۆتكىيەلمىگەن. ئەينى چاغدا خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋىرىدە سابىق باش مىنىستىر ۋەن جىئابائونىڭ ھەربىي قىسىمغا گەپ ئۆتكۈزەلمەي تېلېفوننى پىرقىرىتىپ تاشلىۋېتىشىدەك غەلىتە خەۋەرمۇ بېرىلگەن. خۇ جىنتائو ئۆزىگە ئىز باسار تىكلەش ئىشىدا پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ ئۆز ئادىمىنى ئىزباسار قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىئاڭ زەمىن بىلەن تىركىشىپ قالغان. شۇنداق بىر ۋەزىيەتتە قىزىل ئەۋلادلار ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتى قوغدىيالايدۇ دەپ ھېسابلاپ شى جىنپىڭنى مەركىزىي بيۇروغا دائىمىي ھەيئەت بولۇشى ۋە ئاخىردا باش رەئىس بولۇشىغىچە يۆلىگەن.

(3) شى جىنپىڭنىڭ كۇلتۇر كىملىكى

بۇ يەردە خىتاي زىيالىيلىرىنى شۇنداق قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىرىۋاتقان شۇ كۇلتۇر ھادىسىسىنى ئانالىز قىلىش تولىمۇ مۇھىم. ئادەتتە خىتاي كۇلتۇرى ئۆزىنىڭ سۈمۈرگۈچىلىك ۋە ئاسسىمىلياتسىيە كۈچىنىڭ زورلۇقى بىلەن كۆپلىگەن خىتاي تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. بولۇپمۇ قايسى دۆلەتتە بولسۇن "تاڭلىقلار كوچىسى" دېگەن يەرگە بارسىلا ئۇ يەردىكى مەينەتچىلىك ۋە قالايمىقانچىلىق ئادەمنى خۇددى خىتاينىڭ بىر شەھىرىدە تۇرغاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ. خىتاي خەلقىنىڭ دۇنيانىڭ نەرىگە كۆچسۇن ئاسان ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، ئەكسىچە يەرلىك جەمئىيەت ۋە كۇلتۇرغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئاڭلايمىز ۋە كورىمىز. بىر تىپىك مىسال شۇكى، ھېلى يىللار بۇرۇن ئامېرىكىدا كىشىلەر تاللا بازىرىدا مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلارنى ئالغاندا قولغا چىققاننى ئالدىغانلىقىنى، تاللاپ- ئىلغاپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى، ئەمما كېيىن خىتايلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ شۇلارنى دوراپ ھەممە نەرسىنى تۇتۇپ تاللاپ ئالدىغان يەرلىكلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى دەل خىتايلارنىڭ چەت-ئەلدىكى تور بەتلىرىدىكى يازمىلىرىدىن، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋايساشلىرىدىن ئاڭلاپ، كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. خىتايدىكى مىللەتلەر مۇستەقىل تىل ۋە ئېتنىك كىملىكى بىلەن 56 گە ئايرىلغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە مۇستەقىل كىملىكى بار خىتايدىن باشقا چوڭ مىللەتلەردىن ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرلا قالدى.

خىتاي كۇلتۇرىدىكى بۇنداق سۈمۈرگۈچى كۈچنىڭ يادروسى زادى نېمە دېگەن مەسىلىدە ئوخشىمىغان كۆزقاراشلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما نوپۇزلۇق خىتاي تەتقىقاتچىلىرى بۇنى خىتاي يېزىقىغا باغلايدۇ. خىتاي يېزىقى ھازىرقى دۇنيادا بىردىن-بىر ئىستېمالدىن قالمىغان مورفېما يېزىقى(شەكلى ئۆزگەرگەن ئېروگلىف يېزىقى دېيىش تەخمۇ مۇۋاپىق) بولۇپ، بۇ خىل يېزىق شەكلى ئىنسان تەپەككۇرىنى مەلۇم بىر كاتېگورىيە ئىچىدە قۇلۇپلاپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرچە ۋە ياكى ئىنگلىزچە تىللاردا مەلۇم ساندىكى ھەرپنى ئۆگىنىپ بولۇپ گرامماتىكا قائىدىسى بويىچە ھەرپلەر قوشۇلۇپ سۆز، سۆز قوشۇلۇپ جۈملە بولىدۇ. يەنى، ھېرىپ يېزىقى ئىشلىتىدىغان ئىنسانلار ھېرىپ ئۆگىنىپ بولۇپلا ئابستراكت سۆزلۈكلەرنى يازالايدىغان ۋە ئىشلىتەلەيدىغان ھالغا كېلىدۇ. ئەمما خىتاي تىلىدا ھېرىپ مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت ھەر بىر تاق سۆزلۈكنى ئىپادىلەيدىغان خەت بار، خىتايلار بۇ خەتلەرنى (سۆزلۈكلەرنى) بىردىن-بىردىن تەقلىد قىلىپ يېزىشنى (توغرىسى سىزىشنى ياكى ياساشنى) ئۆگىنىشى كېرەك. بۇ يەردىكى ئۆگىنىشتە تەقلىدچىلىك ئاساس ئورۇندا تۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ يېزىق ئارقىلىق تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرگەن ئىنسان ئابستراكت تەپەككۇرغا ئىنتايىن ئاجىز كېلىدۇ. بۇ يەنە بىر تەرەپتىن ‘ئىشچان خىتاي خەلقىنىڭ باشقىلار ئىجادىيىتىنى ئەينەن تەقلىد قىلىپ ياسىيالايدىغان" ئەمما ئۆز ئىختىراسى ئىنتايىن ئاز بولۇش سەۋەبىنى بىزگە يورۇتۇپ بېرەلەيدۇ. بۇ خىل يېزىقنى ئاساس قىلىپ شەكىللەنگەن كۇلتۇر ئىنساننىڭ ئىنسانىي ھۆرلۈك ۋە ئەركىن تەپەككۇر قىلىشىنى زىيانلىق دەپ تەرغىب قىلىدۇ ۋە بۇ جەھەتتىن ئىنسانغا "مەنىلا تەقلىد قىل، يېڭىلىق ياراتما" دەيدىغان تەلىماتنى تاڭىدۇ.

ئادەتتە كۇلتۇر ۋە ئىدېئولوگىيە شۇ ئىنسان توپىنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغاندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك. تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ خىل كۇلتۇر ۋە ئىدېئولوگىيە داۋاملىق ئۆز ئىچىدىن ياكى سىرتتىن باشقا كۇلتۇرلاردىن ئوزۇق ئېلىپ تولۇقلىنىپ تۇرۇشى، ئەكسىچە شۇ ئىنسان توپلامنىڭ تەرەققىياتىنى بوغقاندا بولسا جىددىي ئىسلاھات قىلىنىشى ياكى ئىستېمالدىن قېلىشى كېرەك. بۇ يەردە بىز كېسىپ ئېيتالايدىغان بىر يەكۈن شۇكى، كۇلتۇر ئەزەلدىن ئىنسان تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى ئۇ ئىنسان (توپلىمى) غا بويسۇنۇشى كېرەك. بۇ ئىنسانىيەت تەرەققىيات داۋامىدىكى كۇلتۇر بىلەن ئىنساننىڭ مۇناسىۋىتى.

ئەمما خىتاي جەمئىيىتىدە بولسا ئىنسان توپلىمى بۇ كۇلتۇر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، يەنى كۇلتۇرنىڭ قۇلى بولۇش ھېسابىغا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى داۋام ئېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن خىتاي جەمئىيىتىدە ئەزەلدىن دىن، يەنى ئىنساننى ياراتقان بىر تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچنى تەرغىب قىلىدىغان ئېتىقاد ياكى ئىدېئولوگىيە مەۋجۇت بولمىغان ھەم مەۋجۇت بولۇشىغىمۇ يول قويۇلمىغان. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى، دەل خىتاي كۇلتۇرى ئەنە شۇ ئورۇننى ئىگىلەپ كەلگەنلىكىدە. ئۇ مەيلى ئۆز ئىچىدىن چىققان بولسۇن ۋە ياكى چەتتىن كىرگەن بولسۇن، ئەزەلدىن دىنىي ئېتىقادنىڭ يىلتىز تارتىشىغا ۋە تارقىلىشىغا ئىمكان بەرمىگەن. خىتاي كۇلتۇرىدىكى ئۆز ئىچىدىن يارىتىلغان تاۋىسم تەلىماتىنىڭ بوغۇلۇشى ۋە تاڭ دەۋردىكى كۇڭزى تەلىماتىنىڭ كېڭىيىپ ھۆكۈمران ئىدېئولوگىيە بولۇپ قېلىشى شۇنىڭ تىپىك مىسالى. كوڭ زى تەلىماتنىڭ كېڭىيىشىدىكى تۈپ سەۋەب بولسا، دەل بۇ ئىدىيە بىلىمى بار كىشىلەرنى ھۆكۈمران ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تەرغىب قىلىپ، ھۆكۈمران تەبىقىسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن بولغان. شۇ سەۋەبتىن خىتاي كۇلتۇر چەمبىرىكى ئىچىدە خىتاي خەلقىنى" تەختىراۋانغا ئولتۇرغۇچى ۋە ياكى تەختىراۋان كۆتۈرگۈچى" دېگەن ئىككىلا تائىپىگە ئايرىپ، بىر-بىرىگە بېقىنىپ ياشايدىغان مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرگەن. ھوقۇق تۇتقان خىتاي زىيالىيلىرى بولسا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى "پەلسەپىۋى ئاساس" لار بىلەن قوللايدىغان بۇ كۇلتۇرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تەرغىب قىلىپ ئۇنى قوللاپ كەلگەن.

بۇ خىل ئەھۋال بۇ خىل كۇلتۇرنىڭ قوللىشى بىلەن ھۆكۈمران ئورنىغا ئوتكەن خىتاي زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئېنىق بولۇپ بۇ كۇلتۇرغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغان ھەرقانداق شەيئى مەۋجۇت بولماسلىقى، يەنە ئوچۇقراق ئېيتقاندا "ئەركىن پىكىر ۋە مۇستەقىل خاراكتېر" مەۋجۇت بولماسلىقى، بولۇپمۇ" ياتلار" بۇ كۇلتۇر ئىچىدە مەۋجۇت بولماسلىقى كېرەك. بۇ بىزگە نېمە ئۈچۈن خىتايلار تارىختىن بېرى ئۆز ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا كەلگەن ئۆزگىچە ئىنسان توپلىمى ياكى كۇلتۇرنى "ياتتىن" "ئۆزىگە" ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئالدىرايدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. يەنە خىتاي زىيالىيلىرى تارىختىن بېرى تەكىتلەپ تۇرىدىغان "ئۆزى ياتنىڭ كۆڭلى يات[非我族类,其心必异]" دەيدىغان چۈشەنچىسىدىن بۇ كۇلتۇرنىڭ "ياتلار" دىن قورقىدىغان، "ياتلار" نى پاتۇرمايدىغان ماھىيىتىنى تولۇق چۈشىنەلەيمىز.

خىتاي كۇلتۇرىنىڭ ئۆز يېزىقىدىكى بۇ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىدىن ئوزۇق ئالغان تەپەككۇرى بويىچە، ئۆزگە ئۇلاشقان ياكى ئۆزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەرقانداق مىللەت ۋە ياكى كۇلتۇرنى ئۆزىگە سۈمۈرۈپ ئاخىردا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ كەلدى. بۇ قانداقتۇر خىتاي كۇلتۇرى باشقا كۇلتۇرلاردىن ئەۋزەل ۋە ئالىي بولغانلىقىدىن ئەمەس، ئەڭ مۇھىم سەۋەب، خىتاي كۇلتۇر جەمئىيىتىگە ھۆكۈمران بولغان يات تائىپە ۋاقتى كەلگەندە ئۆز ئىچىدىكى ھۆكۈمرانلىق تالىشىش كۈرەشلىرىدە كىم خىتاي كۇلتۇرىدىكى ھىيلە-مىكىر رەزىللىكنى قانچە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگەنسە ۋە ئىشلىتەلىسە، شۇ تەخت تالىشىش كۈرىشىدە يېڭىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان. ئۇلار شۇنداق بىر ئىچكى سەۋەبتىن خىتاي كۇلتۇرغا ئەگىشىپ، ئۆزلىرىمۇ بۇ كۇلتۇرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان ۋە ئاخىردا پۈتۈنلەي يوقاپ كەتكەن. بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى موڭغۇللار ۋە مانجۇلاردۇر. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ھۆكۈمران بولغان موڭغۇللار ۋە مانجۇلارنىڭ بۆلىكى شۇ پېتى ھۆكۈمران قاتلىمىنىڭ باشلامچىلىقى بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتكەن بولسا، ئۇلارنىڭ ئەسلى ماكانى بولغان موڭغۇلىيە (خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىكى ئىچكى موڭغۇل) ۋە مانجۇرىيە خىتاينىڭ ئاھالە كۆچۈرۈش تاكتىكىسى بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتتى. مانجۇرىيەنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلغان شەخس بولسا 1911-يىلدىكى شىن ھائى ئىنقىلابىدىن كېيىن شەرقىي-شىمالنى قولغا كىرگۈزۈپ يەرلىك پادىشاھ بولغان چوڭ مىلىتارىست زھاڭ زۇئو لىن بولۇپ، ئۇ شەرقى-شىمالغا ئىچكىرىدىن زور تۈركۈمدە خىتاي ئاھالىسىنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ مانجۇلارنى ئاز سانلىققا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرىدا شەرقىي-شىمالنىڭ پۈتۈنلەي خاتالىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. بۇنىڭدىن بىز خىتاي كۇلتۇرىدا قايسى زامان، قانداق خىلدىكى ھۆكۈمران بولسۇن، خىتاي زىيالىيسىلا بولىدىكەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ ياتلارنى يوقىتىش ئۇلارنىڭ ماھىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

خىتاي كۇلتۇرى ئىنسان پسىخىكىسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ دىننى ئىنكار قىلىدىغان بۇ كۇلتۇر تەربىيىلەپ چىققان خىتايلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن ئانالىز قىلساق، بۇ كۇلتۇردا يۇيۇنۇپ چىققان ئىنسان يۈكسەلگەندە ئۆزنى ياراتقۇچى ئورنىغا قويۇپ خۇدنى بىلمەي قالسا، گۇمرانلىققا يۈزلەنگەندە بولسا ئىتتەك خارلىنىپ قۇلدەك ياشاپ ئۆتۈشكە تەييار. بىز ئۇيغۇرلارغا ئەڭ تونۇش بولغان خىتاي كلاسسىك ئەسەرلىرىدىكى "مەرد-ئەزىمەتلەر"، "جاھانكەزدى-قەھىرمانلار" نىڭ مەرد-باتۇر ئاتىلىش تارىخىنى يېشىپ كۆرسەك، بىزنىڭ كۇلتۇر قاراشلىرىمىزدا مۇناپىقلىق، قورقۇنچاقلىق ھېسابلىنىدىغان ئۆلچەملەر خىتاي كۇلتۇرىدا ئۇنىڭ ئەكسىنى(تەتۈرىنى) بىلدۈرىدۇ. مىسالغا بىز جىن ياڭ گاڭ داۋىنىدا يولۋاسنى مۇشتلاپ ئۆلتۈرگەن ۋۇ سوڭ نىڭ ئەمەلىيەتتە ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قېلىپ خۇدىنى بىلمەي يولۋاسنى مۇشتلاپ قويغانلىقىنى، مەستلىكتىن يېشىلىپ ئويغىنىپ يېنىدا ياتقان يولۋاسنى كۆرۈپ قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكىنى "سۇ بويدا" رومانىدا ئوقۇغان ئىدۇق. يەنە ئەينى كىتابتا شۇ باتۇرلار چوقۇنۇپ ئۆزلىرىگە ئاتامان سايلىغان "شىپالىق يامغۇر" سۈپەتلىك سوڭ جىئاڭنى ئېلىپ ئېيتساق، شۇنداق كۆپ باتۇر چوقۇنىدىغان بۇ قەھرىمان يامۇلدىن تۇتۇش ئۈچۈن كەلگەنلەردىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن ساراڭ بولۇۋېلىپ ئازگالدا نىجاسەت يېگەن. "ئۇچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسە" رومانىدا بولسا كائو سائو ئۆيگە كەلگەن ئەزىز مېھماننى كۈتۈشكە ئۆز خوتۇنىنى ئولتۇرۇپ غىزا ئەتكەن. بىز بىلىدىغان باشقا كۇلتۇر بۇنى شەرەپسىزلىك، نومۇسسىزلىق دەپ بىلگەن بىلەن، خىتاي كۇلتۇردا بۇ ۋاسىتە تاللىماسلىق بىلەن مۇددىئاغا يەتكەن ھەقىقىي قەھرىمان ھېسابلىنىدۇ.
بەزىلەر بۇ دەۋردىكى خىتايلار غەربىنىڭ مودېرنىزمنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆزگەردى دەپ ئويلىشى تەبىئىي. ھازىرقى خىتاي زىيالىيلىرى ئۆزگەردىمۇ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمران تەبىقىسىدىكى زىيالىيلىرىچۇ؟ بىز بۇنى كېيىنكى مەزمۇنلاردا يەنىلا شى جىنپىڭنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بىلەلەيمىز.

Elbilgin
12-07-17, 13:48
(Dawami)


2. شى جىنپىڭ نېمە قىلماقچى

(1) شى تەختكە چىقىشنىڭ ئالدىدىكى كۇلتۇر ھادىسەلەر

2002-يىلى خىتايدىكى داڭلىق رېزھىسسور زھاڭ يى موئۇ خىتاينىڭ كىنو چولپانلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ "قەھرىمان[英雄]" فىلىمىنى ئىشلەپ تارقاتقان. بۇ فىلىم خىتاي دۆلىتى ئىچىدە زور ئالقىشقا ئېرىشىپ تاپاۋىتى 100 مىليون يۈئەندىن ئاشقان تۇنجى فىلىم بولۇپ قالغان. خىتاي رېزھىسسورى زھاڭ يى موئۇنىڭ "قەھرىمان" فىلىمى ئەكس ئەتتۈرگەن قەھرىمان ئوبرازى كىم؟ فىلىمدا زۇلۇم سالغۇچىلارنىڭ ئەدىبنى بېرىپ خەلقنى يۆلەيدىغان بىر نەچچە چامباشچى، قانخورلۇق ۋە خەلققە زۇلۇم سېلىش بىلەن نام چىقارغان چىن شى خۇئاڭنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. ئەمما ئۇلار ھەمكارلىشىپ ئارىسىدىكى بىرىنى قاتتىق مۇھاپىزەت ئاستىدىكى چىن شى خۇئاڭغا يېقىنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگەندە ئۇ ئەكسىچە چەن شى خۇئاڭنى ھەقىقىي قەھرىمان ھېسابلاپ ئۆلتۈرمەيدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى خىتاي رېزھىسسورى زھاڭ يى موئۇ يورۇتقان خىتاي كۇلتۇرى مەدھىيىلەيدىغان قەھرىمان قارا نىيەت بولسۇن، زوراۋان قانخور بولسۇن، ياتلارنى يوقىتىپ خىتاي دۆلەتنىڭ تېررىتورىيىسىنى كېڭەيتكەن بولسىلا شۇ ھەقىقىي قەھرىمان ھېسابلىنىدۇ. 2002-يىلى بۇ فىلىم قويۇلغاندا خىتايدا جىئاڭ زەمىن دۆلەت رەئىسى ئورنىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ خۇ جىنتائوغا ھەربىي ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن. ۋە شۇنىڭدەك ئۆزى تەختتىن چۈشۈشتىن بۇرۇن، خىتاي زىيالىيلىرى خىتاي زېمىنى دەپ تالىشىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقى شىمال چېگراسىدىكى بىر قىسىم زېمىنلارنى، چىگرىنى ئېنىقلاش ئارقىلىق رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئەتراپ قىلىدىغان چېگرا شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان ئىدى. جىئاڭ يى موئۇدەك بىر سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىتاي زىيالىيسىنىڭ بۇ فىلىمنى شۇ ۋاقىتتا ئىشلىشىنىڭ كۈچلۈك سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار بولۇپ، ئۇ بۇ فىلىم ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمران سىنىپىغا خىتاي كۇلتۇرىدا قانداق كىشىنىڭ ھەقىقىي مىللىي قەھرىمان بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

2007 -يىلى خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كۆپ قىسىملىق تارىخىي تىياتىر "مەقسەتلەر ئۈچۈن ئاچچىق يۇتۇش卧薪尝胆 (بۇ ئىدىئومنى شاھ-شۇمبا ئۈستىدە يېتىپ ئوت يالىماق دەپ تەرجىمە قىلغانلارمۇ بار)" نى كەڭ تەشۋىقاتلار بىلەن قويدى. بۇ فىلىم خىتاينىڭ ئەمەنىيە دەۋرى (春秋战国时期) دىكى ۋۇ دۆلىتى بىلەن يۇئە دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشىدىغان يۇئە دۆلىتىنىڭ پادىشاھى گوئۇ جىئان نىڭ تارىخى كەچۈرمىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. گوئۇ جىئان دۈشمىنىنى سەل چاغلاپ ئۇرۇشتا يېڭىلىپ ۋۇ پادىشاھىغا ئەسىر چۈشىدۇ. ئۇ پادىشاھ تۇرۇپمۇ ۋۇ پادىشاھىغا ئەسىر چۈشكەندە جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قۇل بولۇپ ئۇنىڭ ئاتلىرىنى باقىدۇ. ئۇ ھەر خىل پۇرسەتلەرنى يارىتىپ كۈندۈزى ۋۇ پادىشاھىنىڭ كۆڭلىنى ئالسا كەچتە ئېغىلغا قايتىپ، ئۇخلاش ئالدىدا تورۇسقا ئېسىپ قويغان مالنىڭ ئاچچىق ئوتۇنى ئېغزىغا سېلىپ شوراپ قىساسنى ئېسىگە ئېلىپ تۇرىدۇ. ئۇ ھەتتا بىر قېتىم ۋۇ پادىشاھى ئاغرىپ قالغاندا ئۆزىنىڭ ئانا مىراس بىر دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ۋۇ پادىشاھىنىڭ تەرەت قاچىسىدىكى تەرىتىنى ئېغزىغا سېلىپ تېتىپ، پادىشاھنىڭ ساقىيىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. كېيىن ۋۇ پادىشاھى ساقىيىپ كېتىدۇ ۋە گوئۇ جىئانگە تەخمۇ ئىشىنىپ ئاخىرى ئۇنى ئازاد قىلىدۇ. گوئۇ جىئان بولسا قايتىدىن ئۆز كۈچىنى تولۇقلاپ 20 يىلدىن كېيىن ۋۇ پادىشاھىنى مەغلۇپ قىلىپ قىساسىنى ئالىدۇ.

2007-يىلى بۇ فىلىم قويۇلۇشقا باشلىغاندا شۇ جىن پىڭ نەدە نېمىلەرنى قىلىۋاتاتتى؟ بۇ ۋاقىتتا شى خىتايدا زور تەسىر قوزغىغان شاڭخەي شەھىرىنىڭ رەھبىرى چەن لىئاڭيۇ ۋەقەسىنى بېسىقتۇرغان ۋە خىتاينىڭ مەركىزى سىياسىي بيۇروسىنىڭ قارار بېرەلەيدىغان ئەڭ ھوقۇقلۇق 9 كىشىلىك ھەيئەتنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولسىمۇ تېخى ئەڭ ئالىي ھوقۇقدار ئەمەس ئىدى. يۇقىرىدىكى فىلىمنىڭ شى جىنپىڭ تەختكە رەسمىي چىقىشنىڭ ئالدىدا سۈرەتكە ئېلىنىپ قويۇلۇشى ھەرگىز تاسادىپىي ۋەقە ئەمەس. چۈنكى شۇ چاغدا سابىق خىتاي باش رەئىسى جىئاڭ زەمىن پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ دۆلەت ئىچىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتائونىڭ خىزمەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان، "فا لۇن گوڭ" چىلار نامىدا ئۆزگە نارازى خىتاي زىيالىيلىرىنى داۋاملىق ئۆز ئادەملىرى ئارقىلىق باستۇرۇۋاتقان؛ سىرتقا بولسا ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ دۆلەت چېگراسىنى ئايرىپ توختام تۈزۈپ "ۋەتەن ساتقۇچ خائىن" نامىدا خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ تۇرغان مەزگىللەر ئىدى. شۇ چاغدا جىئاڭ زەمىن ھوقۇقتىن چۈشكەن بولسىمۇ ئەمەلىي ھوقۇقدار، خۇ جىنتائو باش رەئىس بولسىمۇ قورچاق ھالەتتە ئىدى. خىتاي زىيالىيلىرى بۇ ئىككىسىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە خىتاي ئۈچۈن ھەقىقىي ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغان "قەھرىمان" ئىزدەپ ئاخىرى دىققىتى شى جىنپىڭغا مەركەزلەشكەن ئىدى. شۇ چاغلاردا بۇ خىل "قەھرىمان" بولۇش ئۈچۈن مەيدانغا چۈشكەن باشقا بىر قانچە نامزات بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوخشاشلا قىزىل ئەۋلادتىن بولغان تېخى قىزىل بولغاندىمۇ شى جىنپىڭدىن قېلىشمايدىغان بۆ شىلەي بار ئىدى. ئەمما بۆ شىلەي ئۆزىنىڭ قارىلىقىنى يېڭى خوتۇن ئۈچۈن سابىق خوتۇنىنى ئولتۇرۇش بىلەن ئاشكارىلاپ قويسا، قېلىنلىقىنى باشقا بالىسى بىلەن كېيىنكى خوتنى ئارقىلىق ئاشكارىلاپ قىزىل ئەۋلادلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى. شى جىنپىڭ بولسا ئۈن-تىنسىز ئۇستىدىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ خىزمىتىدە بولدى. ئۇلار ئۆزىدەك قىزىل ئەۋلاد بولمىغان ۋە ئۆزىدەك جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرمىگەن" تېگى پەس" لەردىن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قول ئاستىدا گەدىنىنى ئەگىپ يۈردى. چۈنكى ئۇ 2007-يىلدىكى فىلىمنى ئۇنىڭدىن ھېلى يىللار بۇرۇن سەھرالاردا يېزا باشلىقلىرىنىڭ مەسخىرىلىرىنى ئاڭلىغاچ كىتابلاردىن ئوقۇپ بىلگەن ئىدى.

خىتاي زىيالىيلىرى بىر-بىرىنى ئەڭ ياخشى چۈشەنگۈچىلەر. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ئۆمۈچۈك تورىدىنمۇ بەتتەر مۇرەككەپ بولۇپ ئوخشاش قازاندا قايناپ چىققانلىقى ئۈچۈن بىر–بىرىنى ئىنتايىن ئېنىق بىلىشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن تەختىراۋان كۆتۈرگۈچى زىيالىيلار بولسىمۇ كەلگۈسىدە كىمنىڭ تەختىراۋاندا ئولتۇرالايدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلالايدۇ.
خۇددى سىنگاپورنىڭ سابىق پرېزىدېنتى لى گۇئاڭيائو دېگەندەك شى جىنپىڭ باشقىلار ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان گەپ قىلسىمۇ يەنىلا كۈلۈمسىرەپ تۇرالايدىغان بىر شەخس، يەنە ئۆز ئىچىدە ئويلىغانلىرىنى باشقىلارغا بىلدۈرمەيدىغان بىرى ئىدى.

شى جىنپىڭ ئۆز نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ھەر قانداق خورلۇقلارغا خۇددى يۇئە مەملىكىتىنىڭ پادىشاھى گوئۇ جىئانداك ئىچىگە سېلىپ بىلىندۈرمىگەن. شۇ سەۋەبتىن تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى قىزىل بولمىغان ئەكسىچە دادىسى ياپون ئۇرۇشىدا خائىن سانالغان جىئاڭ زەمىننىڭ خىزمىتىنى ئۈن-تىنسىز ئىشلىگەن بولسا، ئوخشاشلا قىزىل ئەۋلاد بولمىغان، ۋە ھوقۇقىدىن ئايرىلغۇچە جىئاڭ زەمىننىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلالمىغان قورقۇنچاق خۇ جىنتائونىڭ خىزمىتىنىمۇ چىرايىنى ئۆزگەرتمەي قىلغان. "قارلىقتا رەڭسىز، قېلىنلىقتا سۈزۈك" پەللىسىگە يەتكەن خىتاي زىيالىيسى شى جىنپىڭ ئاخىرى ئەڭ ئالىي ھوقۇقدار بولدى.

(2) شى جىنپىڭنىڭ پىلانلىرىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى

2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ "جۇڭگو چۈشى" نى تۇنجى قېتىم سىرتقا ئاشكارىلىغان. شۇ چاغدا ئۇنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغىنىغا ئەمدى ئىككى ھەپتە بولغان ئىدى. شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو چۈشى "جۇڭخۇئا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشى" بولۇپ شى جىنپىڭ بۇنى سابىق پرېزىدېنت باراك ئوباماغا بولغان چۈشەندۈرۈشى "ئىچىگە قارتا دۆلەت قۇدرەتلىك، مىللەت روھلۇق، خەلق باي. سىرتقا قارتا بولسا ھەمكارلىق، تەرەققىيات، تىنچلىق، تەڭ يېڭىش" بولغان. ئەمما شىنىڭ "جۇڭگو چۈشى" دېموكراتىيە چۈشىمۇ؟ دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. خىتايدا دېموكراتىيە ئاۋانگارتى ھېسابلىنىدىغان جەنۇبى جۇڭگو ھەپتىلىك گېزىتى[南方周末] شىنىڭ "جۇڭگو چۈشى، ئاساسىي قانۇن چۈشى" دەپ ئىزاھات بەرگىنىدە ئېغزى دەرھال تۇۋاقلانغان.

شى جىنپىڭ تەختكە چىقىپلا باشلىغان ئىش-پائالىيەتلىرى خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆزەتكۈچىلەرنى خېلىلا گاڭگىراتتى. ئۇ تەختكە چىقىپلا ئۆزىگە يېڭى-يېڭى ناملارنى بېرىپ مەمۇرى، ھەربىي ۋە ئىدېئولوگىيە تەرەپتىكى ھوقۇقلارنى يۇقىرى دەرىجىدە ئۆز قولىغا يىغدى. خىتاي سىرتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، بىر پارتىيە تۈزۈمىگە قارشى دېموكراتچى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ شىنى تەختكە چىقىشتىن بۇرۇنلا "سىياسىي ئىسلاھاتچى" دەپ تەرىپلىشىنىڭ ئەكسىچە، شى ئاساسىي قانۇن ئاساسىدا دۆلەت باشقۇرۇشنى ياقلايدىغان بىر قىسىم ئىلغار ئىدىيىلىك خىتاي زىيالىيلىرىنى سوتلىدى ۋە تۈرمىگە تاشلىدى. ئەمما شىنى مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ يەنە بىر ۋەكىلى دېگۈچىلەرگە قارتا شىنىڭ ئېلىپ بارغان سىياسىي ھەرىكەتلىرى تەخمۇ جىددىي بولدى. ماۋ زېدۇڭنى تەرىپلەپ قىزىل سىياسەتنى ئالقىشلايدىغان بىر قىسىم ئەمەلدارلارنى قانچىلىك چۇڭقۇر ئارقا كۆرۈنۈشى بولۇشتىن قەتئىي نەزەر ئۇلارنى جازالىدى. ئۇنىڭ پارىخورلۇققا قارشى ھەرىكىتى ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا، ۋە "يولۋاس بىلەن چىۋىنى تەڭ ئۇرۇش" سىياسىتى، ۋە خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق قىلىپ چەتكە قاچقان ئەمەلدارلارنى قايتۇرۇپ ئەكېلىپ سوتلاۋاتقان "تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى" خىتاي خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. شىنىڭ بۇنداق ئىككىلا تەرەپنى باسىدىغان سىياسىتىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئۇ بىر ئىسلاھاتچىمۇ ياكى بيۇروكراتمۇ؟

بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئوتكەن خىتاي كۇلتۇرى ۋە ئۇنىڭ جەۋھىرى بولغان "قارا كۆڭۈل پەلسەپىسى" نى ئېنىق چۈشەنگىنىمىزدە شى جىنپىڭنى چۈشىنىش ئۇنچە قىيىن ئەمەس. بولۇپمۇ مال-دۇنياغا ۋە پاھىشىۋازلىققا ئىنتىلمەيدىغان شىنىڭ پىلانى بولسا خىتاي كۇلتۇرى ئۇنىڭغا ئۆگەتكەن "ھەقىقىي قەھرىمان" بولۇپ نام قالدۇرۇش. ئۇنىڭ پىلانى تۆۋەندىكىچە؛
شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتقان ئالدىنقى بەش يىل ئىچىدە ئۆزنىڭ سىياسىي ئورنىنى مۇتلەقلەشتۈرۈش، ئۇنىڭ پىلانىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرقانداق قارشى كۈچلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويماسلىق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كېيىنكى بەش يىلدا ئېلىپ بارىدىغان پىلانلىرى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈش. بۇ تەييارلىقلار، 1، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنى تەخمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنى ئازايتىش، ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكنىڭ تەخمۇ كۆپ ساھەلەرگە كىرىشىگە يول ئېچىش. شۇ ئارقىلىق خەلققە تەخمۇ كۆپ ئىقتىسادىي مەنپەئەت بېرىش؛ 2، سىياسىي پىلانلار. قاتتىق تەدبىرلەر بىلەن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى دۇچ كېلىۋاتقان پارىخورلۇق ۋە ئىشەنچسىزلىك كرىزىسىنى يوقىتىش. سىياسىي ھوقۇقنى چىڭ تۇتۇپ خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە تويۇنۇشىنى كۈتۈش. 3، ھەربىي تەييارلىقلار. خىتاي ئارمىيىسىنى تەلتۆكۈس ئىسلاھات قىلىپ، ئارمىيىنىڭ قورال-ياراق سەپلىمىسىنى دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيىگە يەتكۈزۈش، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ سەۋىيە-ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۇرۇشقا كىرەلەيدىغان قىلىش. بۇ پىلانلار شى جىنپىڭ تەختكە چىققان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى ۋە ھازىرمۇ جىددىي ئېلىپ بارماقتا.

شى جىنپىڭنىڭ پىلانى ئۇنىڭ "جۇڭگو چۈشى" دىمۇ ئېنىق يەكۈنلەنگەن. دۆلەت قۇدرەتلىك، خەلق روھلۇق ۋە باي بولۇش. ئەمما شىنىڭ چۈشى دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقىنىڭ باي بولۇشىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ. خىتاي كۇلتۇرىدىكى "قەھرىمان" دۆلەت قۇدرەت تاپقاندا چوقۇم "تارىختىن بۇيانقى" زېمىنلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىشى كېرەك. خىتاي دۆلىتى تارىختا قۇدرەت تاپقاندىكى تېررىتورىيىسى خىتاي تارىخچى زىيالىيلىرى تەرىپىدىن بۇرۇنلا خاتىرىلەنگەن. تارىختا بۇنداق ئۇلۇغ چوڭ تېررىتورىيىلىك دۆلەتلەرنى قۇرغانلار خىتاي مىللىتى بولمىسىمۇ ئۇ مەسىلە ئەمەس، ياتلار قۇرغان دۆلەت خىتاي كۇلتۇر جەمئىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلا دۆلەت بولسا، بۇ دۆلەت خىتايلارنىڭ، بۇ دۆلەت ئىگىلىگەن زېمىن خىتاي زېمىن تېررىتورىيىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن موڭغۇللارنىڭ ئەسلى ماكانى بولغان موڭغۇلىيە، خىتاي تارىخىدا يۇئان سۇلالىسى ئاتالغان قۇبلايخان دۆلىتى سەۋەبلىك خىتاي تېررىتورىيىسى بولۇپ قالغان، ئۇيغۇر زېمىنى مانجۇلارنىڭ قولغا ئۆتكەنلىك سەۋەبلىك ئۇمۇ خىتاي تېررىتورىيىسى بولۇپ قالغان. ئەڭ قىسقىسى ھىندىستان تەۋەسىدىكى كەشمىر(ئاقساي) زېمىنى يەكەن سەئىدىخان دەۋرىدە يەكەن سەئىدىھاننىڭ تېررىتورىيىسىدە بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇمۇ خىتايلار تالىشىدىغان زېمىن بولۇپ قالغان. مانا بۇ زېمىنلارنى قايتۇرۇپ ئېلىش "مىللىي قەھرىمان" شى جىنپىڭنىڭ "جۇڭخۇئا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشى ئۈچۈن" باسىدىغان كېيىنكى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ پىلانلارنى شى جىنپىڭ ئىشقا ئاشۇرالامدۇ؟ بىز ئالدىدا ئۇنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى قانچىلىك باستى كۆرۈپ ئۆتەيلى.

2017-يىلدىكى فوربەسنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، خىتاي بىليونىرلار ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلانغان. 40 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات خىتايدىكى كەمبەغەللىك سانىنى 728 مىليون ئازايتىپ، 1981-يىلدىكىدىن 80% ئازايتقان. بۇنىڭغا ئوخشاش سانلىق مەلۇماتلار شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى جكپ نى ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى داۋاملىق ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك دەستەك بولالايدۇ. شۇنى ئېنىق چۈشىنىپ يېتىشىمىز كېرەككى ئىقتىسادىي تەرەققىيات خىتاينى بۇرۇنقى ئادەم سانى زور قالاق دۆلەتتىن، تېخنىكا تەرەققىيات ۋە كاپىتال تەرەققىيات ئىككى تەرەپتىن زور دەرىجىدە كېڭەيگەن دۆلەت ئورنىغا كۆتۈرۈپ، يۈز-ئابرۇيغا بەكلا ئەھمىيەت بېرىدىغان خىتاي كۇلتۇر چەمبىرىكىدىكى ئاۋام خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. بۇ خىل قوللاش بۇ خىل ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولىدا بىليونىر بولغانلاردا تەخمۇ ئېنىق ئىپادىلەنمەكتە. شۇ سەۋەبتىن ئىقتىسادىي تەرەققىيات باسقۇچىدا شى جىنپىڭ "خەلق باي" قەدىمىنى ئاساسەن تاماملاپ بولدى.

ھەربىي كۈچ جەھەتتە خىتاي ئاللىقاچان دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ بولدى. ئۇ تېخنىكا ئوغرىلىسۇن، سېتىۋالسۇن، ياكى تەقلىد قىلسۇن 40 يىلغا يېقىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي سانائەت تەرەققىياتى، خىتاينى مىلتىقتىن ئاۋىئاماتكىغىچە ھەممە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەش سەۋىيىسىدىن ئېشىپ خەلقئارادىكى ئەڭ چوڭ قورال-ياراق سودىگىرىگە ئايلاندۇردى. شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت قۇدرەتلىك قەدىمىمۇ تاماملىنىپ بولدى. ئەمدى تۇنجى نىشان قەيەر؟

خىتاينىڭ ئەڭ يېڭى ئاۋىئاماتكىسى تەيۋەن نامە بىلەن ئاتالغان، ۋە ھازىر خىتاي ئۈچىنچى ئاۋىئاماتكىسىنى جىددىي ياسىماقتا. كۆزەتكۈچىلەر خىتاينى دەسلەپكى قەدەمدە 6 ئاۋىئاماتكا ياساش پىلانى بار دەپ پەرەز قىلماقتا. ئاپتورنىڭ قارىشىچە خىتاي ھۆكمىتى ئاۋىئاماتكا ياساشنى كارخانىلاشتۇرۇپ ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس ۋاقتى كەلگەندە سىرتقا ئاۋىئاماتكا ئېكسپورت قىلىدىغان پىلانى بار. شى جىنپىڭ جەنۇبى جۇڭگو دېڭىزى ئارىسىدىكى مارجان ئاراللارنى تىندۇرۇپ سۈننىي ئارال پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئۈستىگە ھەربىي بازا قۇرۇپ، بىرىنچىدىن ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىسىنى كىرمەس قىلىپ قويدى؛ ئىككىنچىدىن ئەتراپتىكى شۇ زېمىننى تالىشىۋاتقان دۆلەتلەرنى پۈتۈنلەي سىقىپ چىقاردى؛ ئۈچىنچىدىن جەنۇب تەرەپتىن تەيۋەننى قىسماققا ئالالىدى. شى جىنپىڭنىڭ خىتاي زېمىنىنى "بىرلىككە كەلتۈرۈش" ھەرىكىتى تەيۋەندىن باشلىنىشىدا شەك يوق.

بۇنىڭ سەۋەبى بىرىنچىدىن تەيۋەن ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ئايرىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىنىڭ سىرتىدا قالغان. شى جىنپىڭ خەلقئاراغىمۇ تەيۋەننىڭ زېمىن دەۋاسىنى قىلالايدۇ. تەيۋەننى "قايتۇرۇۋېلىش" ئىستراتېگىيىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى 1956-يىلدىن كېيىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن كۈندىن باشلاپ پىلانلاپ قەدەممۇ-قەدەم ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلدى. مەسىلەن، ئاسىيا-ئافرىقا ئەللىرى ئارىسىدا دىپلوماتىيە ئويۇنى ئويناپ، ئالدى بىلەن تەيۋەننى بدت دا يېتىم قالدۇرۇپ كەينىدىنلا ئۇنى بدت دىن قوغلاپ چىقاردى. شۇندىن باشلاپ ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي بېسىم ۋە ئىقتىسادىي قىزىقتۇرۇشلار ئارقىلىق تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى بار دۆلەت ۋە رايونلارنى ئۆزىگە قارىتىپ، تەيۋەننى خەلقئارا سەھنىدە يېتىم قالدۇرۇشقا تىرىشتى. يېقىنقى بىر يىلدا خىتاي بۇ قەدىمىنى تەخمۇ تېزلەتتى، يالغۇز دىپلوماتىيەدىلا يالغۇز قالدۇرۇشلا ئەمەس، تېخى ھەر-خىل خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغىمۇ تەيۋەننى ئەزالىقتىن چىقىرىۋېتىشنى بېسىم قىلىپ بۇ مەقسىتىگە يېتىپ بولدى.

ئىككىنچىدىن، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىش خىتايغا ئىنتايىن پايدىلىق ۋەزىيەتنى يارىتىپ بەردى. تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ھەربىي كېلىشىم بار بولۇپ ئەگەر تەيۋەن ھەربىي ھۇجۇمغا ئۇچۇرسا ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر چىقىرىپ قوغداش مەجبۇرىيىتى بار. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكمىتى بۇ ئىشتا ئامال بار ھەربىي توقۇنۇشتىن ساقلانغان ئاساستا تەيۋەننى قايتۇرۇۋېلىش ئىستراتېگىيىسىدە. ئەگەر ۋاقتى كەلگەندە تەيۋەن خەلقى "ئۆزلۈكىدىن" چوڭ قۇرۇقلۇققا قوشۇلۇشنى خالىسا، "خەلق رايى" بىلەن بولغان بۇ قوشۇلۇشقا ئامېرىكا قول تىقالمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكمىتى پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ تەيۋەندە خەلق مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭ كونكرېت تەدبىرى، تەيۋەندىكى سودىگەرلەرگە بولۇپمۇ چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە خەلقئارادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەيۋەن خەلقىنىڭ تەيۋەن پۇقراسى سالاھىيىتى بىلەن پائالىيەت قىلىشنى قىيىنلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى دېگەن سالاھىيەت بىلەن يۈرۈشكە قىستاۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ھازىر تەيۋەن پۇقرالىرى چەتئەلدە تەيۋەن پاسپورتىدىن باشقا خىتاي ھۆكۈمىتى تارقاتقان "تەيۋەنلىك قېرىنداشلىق ئىسپاتى[台胞证]" نى كۆرسىتىپ ئىش بېجىرىشكە مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكمىتى تەيۋەندىكى جاسۇسلۇق پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇققا مايىل كىشىلەرنى جىقايتىپ، ئۇلار ئارقىلىق ئىچكى تەرەپتىن ماسلىشىدىغان كىشىلەرنى كۆپەيتىۋاتىدۇ.

ئاخىردا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قانچىلىك قوغدىيالىشىغا كەلسەك، بولۇپمۇ ترۇمپنىڭ ئۇس پرېزىدېنتى بولۇشى ۋە ئۇنىڭ" دۇنيانىڭ پرېزىدېنتى ئەمەس ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتى" بولۇش سىياسىتى خىتاينىڭ زېمىن تەقەززاسىغا ئوڭ تاناسىپ بولدى. سودىگەرنىڭ سىياسىي ھوقۇق تۇتسا ھەممە نىمنى سودا ئۈچۈن دو تىكىدىغانلىقىنى بىز ئۇيغۇرلار ئوبدان بىلىمىز. بۇنى خىتايلار تەخمۇ ئوبدان بىلىشىدۇ. ترۇمپ ھوقۇق تۇتماي تۇرۇپلا تەيۋەن پرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈش ئارقىلىق خىتايغا تېرە تاراقلىتىپ بېسىم قىلماقچى بولدى. ئەمما شى جىنپىڭ كېلىپ ئۇنىڭ ئۆيدە ئىككى-ئۇچ كۈن مېھمان بولۇۋېدى، ئۇ دەرھال شەرقى خىتاي دېڭىزغا ئەۋەتكەن دېڭىز فلوتىنىڭ بەشىنى ياپون دېڭىز تەرەپكە بۇراپ ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دىققىتىنى خىتايدىن شىمالى كوريەگە بۇرىدى. شى جىنپىڭنىڭ ترۇمپقا نېمىلەرنى ۋەدە قىلغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئەمما سودا ئىقتىسادىي مەنپەئەت ۋەدە قىلىپ ئورنىغا سىياسىي مەنپەئەت تەلەپ قىلغانلىقى ئېنىق.

شى جىنپىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئۆز بېشىمچى ۋە دائىم ئۆزگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىدىغان قوشنىسىنى شىمالىي كوريەنى ئامېرىكىغا تاشلاپ بېرىش ھېسابىغا جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى ۋە تەيۋەننى پۈتۈنلەي ئۆز تېررىتورىيىسىگە كىرگۈزۈشى تامامەن مۇمكىن. نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شىمالىي كوريەنى قوللاپ كېلىشى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا بىر بوش يەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىسى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ، بۇنى خىتاينىڭ شىمالىي كوريەنى يۆلەپ تۇرۇشىنىڭ تۈپ سەۋەبى دەپ قارايدۇ. ئەمما خىتاينىڭ شىمالىي كوريەنى قوللاپ كېلىشى ھەربىي ئىستراتېگىيە جەھەتتىنلا ئەمەس تەخمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ كوممۇنىستىك دۆلەت بولمىش ئىدلوگيىلىك بىرلىكىدە ئىدى. ئەمما ھازىر بولسا خىتاي ئۆزىنىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى بىلەن ئىقتىسادى جەھەتتىن دەرىجىدىن تاشقىرى بىر دۆلەتكە ئايلىنىپ بولدى. خىتاي دۆلىتىنىڭ ھوقۇقىنى قولدا تۇتۇپ تۇرغان قىزىل ئىككىنچى ئەۋلاد ئاللىقاچان كوممۇنىزمدىن ئايرىلغان. ئۇلارنىڭ پىلانى بولسا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق خەلققىمۇ بىر قىسىم پايدىنى تەقسىملەپ بېرىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقنى داۋاملىق ساقلاش بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ تامامەن خىتاينىڭ سىياسىي ئەنئەنىسىگە ئۇيغۇن بولۇپ، خىتايدا خەلقنى ئۆلۈشكە قىستىمىسىلا خىتاي خەلقى ئۈچۈن كىمنىڭ قانداق ھۆكۈمران بولۇشى مۇھىم ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن خىتاي دۇنياغا "مەۋجۇتلۇق خىتايدا ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق" دەپ قورقماي جار سالالىغان. ئەمما شىمالىي كورېيە خىتاينى دوراپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئەمەس تېخىمۇ بېكىنمە بىر ھالەتنى ساقلاپ قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى مەقسىتى 6 دۆلەت يىغىنى ئارقىلىق شىمالىي كورىيەنى ئامېرىكا بىلەن سودىلىشىدىغان ۋە ئوينىتىپ تۇرىدىغان كوزىرى قىلماقچى ئىدى. ئەمما شىمالىي كورېيە خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئويۇنچۇق بولۇشنى خالىمىدى، ئەكسىچە يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بېسىم قىلىپ ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پايدا ئالدى. خىتاينىڭ شىمالىي كورىيەنى ئۆز دېپىغا ئۇسۇل ئوينىتىپ كوزىر قىلىش قەستى ئىشقا ئاشمايلا قالماستىن ئەكسىچە، بۇ كىچىك قوشنىسىنىڭ بالا تېرىشىدىن قورقمايدىغان مۇتتەھەم ھۆكمىتى بىلەن ئاچ قالغان خەلقى ئۆزىگە قوشلاپ بېسىم ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى. بۇ ئىشتا ئەگەر شىمالىي كوريەنى ئامېرىكىغا تاشلاپ بەرسە مەمەدان شىمالىي كورېيەدىن قۇتۇلىدۇ ۋە ئۇ دۆلەتنىڭ ئاچ قالغان خەلقى ئۇنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان جەنۇبىي كورېيەنىڭ زىممىسىگە چۈشىدۇ.

ئەمدى شىمالىي كورېيەنىڭ يەنە بىر قوللىغۇچىسى رۇسىيەگە كەلسەك، خىتاي شىمالىي كوريەنى ئامېرىكىغا تاشلاپ بېرىش ئارقىلىق رۇسىيەنى جەنۇب تەرەپتىن ئامېرىكا بىلەن توقۇنۇشۇش ھالىتىگە ئەكېلىپ ئۆزى ئوتتۇرىدىن پايدا ئالالايدۇ. ئەگەر رۇسىيە بىتەرەپ تۇرغان ھالەتتە شىمالىي كورېيەدىن قۇتۇلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن سىبىريە رايونىغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى بولسىمۇ رۇسىيەنىڭ قاتتىق قول پوزىتسىيىسىدىن ئۇ يەردە يەرلىشىۋاتقان خىتايلار ناھايىتى ئاز. خىتاي بۇ ئىمىنلارغا خۇددى ئۇيغۇر دىيارىغا ئاھالە يۆتكىگەندەك دەرىجىدە ئۆز پۇقرالىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش غەرىزى بار. ئەگەر خىتاي رۇسىيە - ئامېرىكا زىددىيىتىنى شىمالىي كورېيە رايونىدا ئىشقا ئاشۇرالىسا، ئامېرىكىغا تەڭ تاقابۇل تۇرۇشتا رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ شەرتى سۈپىتىدە، رۇسىيەنىڭ كونتروللىقىدىكى يىراق شەرىق (سىبىريە) رايونىغا ئېچىش نامى بىلەن پۇقرا كۆچۈرۈش پىلانىغا يول ئاچالايدۇ.

(3) شى جىنپىڭنىڭ پىلانىدىكى ئۇيغۇرلار

2014-يىلدىكى ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدا شى جىنپىڭ "جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى" دەپ ئېنىق كۆرسەتمە بەرگەن.

ئۇنىڭ بۇ كۆرسەتمىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ۋە تارىختىن بېرى خىتاي زىيالىيلىرى تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ قۇلاقنى تىنچىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن شى جىنپىڭنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانلىرىدا ئۇيغۇرلار يوق. ئۇنىڭ پىلانىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىرلا جۈملە سۆز بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىكى بىئولوگىيىلىك ئاسسىمىلياتسىيە قەدىمىنى تېزلىتىش.

بۇنى بىز ئۇنىڭ ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيىسىدىن كۆرۈۋالالايمىز. شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قول بېسىشى بىلەن يامان ئاتىقى كۈچلۈك بولغان ۋاڭ لېچۇئەننىڭ ئورنىغا كەلگەن جىياڭ چۈنشەننى يۆتكەپ كېتىپ، شۇ ۋاقىتتا تىبەتتە قاتتىق قول سىياسىتى بىلەن نام چىقارغان چېن چۇئەنگونى ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

چېن چۇئەنگو مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن تۇنجى قارارلىق ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەردىن بولۇپ، زھەڭ زھوئۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1980-يىللاردا خىتاي كومپارتىيىسى كادىرلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش سىياسىتىنى قايتا يولغا قويغاندىن كېيىن ئۇ تۇنجى قاتاردا تاللاپ خىزمەتكە قويۇلغان كادىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەتنى ئاساسى قاتلامدىن باشلىغان بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈشى شى جىنپىڭگە ئوخشىسا، تىبەتنى ئىدارە قىلىشتىكى قاتتىق قول سىياسىتى شىنىڭ كۆڭلىگە ياققان.

چەننىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەندىن كېيىنكى قوللانغان تەدبىرلىرى جىياڭ چۈنشەندىن پەرىقلىقمۇ دېگەن مەسىلىدە بىز يەنىلا خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بۇ ئىككى ئەمەلدارىغا بەرگەن باھاسىدىن كۆرۈپ بىلەلەيمىز. توردا بىر خىتاي ئادۋوكاتىنىڭ چېن چۇئەنگوغا يازغا ئوچۇق خېتى ئېلان قىلىنغان. بۇ خەتنى يازغۇچى ئاقسۇ تەۋەسىدە ياشىغان ۋە ھازىر ئۈرۈمچىدە ئادۋوكاتلىق قىلىۋاتقان خىتاي زىيالىيسى بولۇپ، بۇ يازما چەن كېلىپ ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇپ 2 ئايدىن كېيىن يېزىلغان . بۇ يازمىدا چەننىڭ كېلىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن خىتاينىڭ ئەزەلدىن ئۇيغۇر دىيارىدا تەكىتلەپ كېلىۋاتقان "تېررورلۇققا قارشى" سىياسىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى پۈتۈنلەي شۇنىڭغا قۇربان قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، شۇ يەردىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ ئارامچىلىقى بۇزۇلۇپ، نارازىلىق كەيپىياتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
ئۇنداقتا خىتاينىڭ سىياسىتىگە زىيان سېلىۋاتقان بۇ ئەمەلدار نېمە ئۈچۈن يەنە ئۆز ئورنىدا تۇرالايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ سالاھىيىتى چېگرا تىنچلاندۇرغۇچى ئەمەلدار بولغانلىقى ئۈچۈن.

خىتاي ھاكىمىيىتىدە چېگرا رايونلاردىكى ئۆزىگە يات قوۋملارنى (ئاز سانلىق مىللەت كاتېگورىيەسىدىكىلەر) ئازلىتىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە يوقىتىشتا يېڭى ھىيلىلەرنى پىلانلاپ چىققان ئەمەلدارلار ئىشەنچكە ئاسان ئېرىشىپ ئۆسۈشى تېزلىشىدۇ. بۇ خىتايدا تارىخى ئەنئەنە بولۇپ مىسالىغا گوئۇ مىن داڭ ۋاقتىدىكى شەڭ شى كائىنى ئالساق، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ زىيالىي ۋە بايلىرىنى ئولتۇرۇپ خەلقنى شىلىپ زار-زار يىغلاتقان بولسىمۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئۇيغۇر دىيارىنى رۇسىيەگە تارتتۇرۇپ قويماي "ساقلىغان تۆھپىسى ئۈچۈن 50 يۈك ماشىنىسىغا بېسىپ ئەكەتكەن مال-دۇنياسى بىلەن تەيۋەندە خاتىرجەم ياشاپ ئۆلدى. يەنە ۋاڭ لېچۇئەننىڭ ئۆز مەركىزى ھۆكۈمىتىگە كۆرسەتكەن تۆھپىسى، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خەلقئارادىكى تېررور توقۇنۇشىغا ئۇيغۇرلارنى قوشۇش بولدى. ۋاڭ لەچۇئان بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن زھوئۇ يوڭكاڭ ۋەقەسىدە، ئۇ زھوئۇ يوڭكاڭنىڭ مۇئاۋىنى بولۇپ تۇرۇپمۇ ھېچقانداق جازالاشقا ئۇچۇرمىدى. ھەممە سىياسىي ۋەزىپىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ خىتاي قانۇن ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى نامە بىلەن ئوبدان ياشاپ يۈرۈپتۇ.

بۇ خىل تۆھپىلەرنى يارىتىش، بولۇپمۇ چېگرا رايوندا خىزمەت ئۆتەۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرى، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرىدە قۇربان بولماسلىقنىڭ تۇمارى قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك خىزمىتى بولۇپ قالغان. جىياڭ چۈنشەنمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. پەقەت جىياڭ چۈنشەن ۋاڭ لەچۇئان سەۋەبىدىن يامانلىشىپ كەتكەن ئۇيغۇر خىتاي مۇناسىۋىتىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىن قىلىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى ئاستىلاتقانلىقىنى ئۈچۈن، شى جىنپىڭنىڭ سىرتقا كېڭىيىش پىلانىغا تەسىر يېتىش خەۋپى تۇغۇلغان. چۈنكى شى جىنپىڭنىڭ كېيىنكى قەدىمى چوقۇم بىر مۇتلەق تىنچ ۋە مۇقىم بولغان دۆلەت ئىچى مۇھىتىغا ئېھتىياجلىق. چېن چۇئەنگونىڭ ھەددىدىن ئېشىپ سىياسەت يۈرگۈزۈشى شى جىنپىڭ ئۆزنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىنى پۈتۈنلەي مەركەزدىن ئايرىپ چېن چۇئەنگوغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىدىن بولغان دەپ ئىشىنىمىز. بۇنى بىز ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئىش قىلىش شەكىللىنىڭ قوپاللىقىدىن ۋە بېرىۋاتقان بېسىمدىكى يەرلىك سىياسەتنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىدىن بىلەلەيمىز. يەنە بىر تەرەپتىن جىياڭ چۈنشەننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى ئۇنىڭ ھەرگىز شى جىنپىڭنىڭ نەزىرىدىن قالغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ئېغىر-بېسىق بۇ ئەمەلدارنى مەركەزگە يۆتكەپ ئاپىرىپ شىنجاڭ ئىشلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىنى قىلىپ قويۇشى، ئۇنىڭ ئەمىلى ئىشلارغا ئارىلاشماي، ئەمما چوڭ ۋەقە چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىنى كۆزىتىپ تۇرۇشقا قويغان.

ئاخىرقى سوز

مەزكۇر يازمىدا بىز مەركەزلىك ھالدا خىتاي دۆلىتى رەئىسى شى جىنپىڭنى نۇقتىلىق ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەھلىل قىلىپ ئۆتتۇق. ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەددىدىن ئاشقان سىياسەت "خىتايلار راستلا ئۇيغۇرلارغا بۇنداق ئۆچمۇ" دېگەن سوئالنى قويسىمۇ، بۇ يەردە ئۆچلۈك مەسىلىسىدىن ئەمەس بەلكى تەبىئىتى شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئۇيغۇر مىللىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ئۇ ھايات –ماماتلىق مەسىلىسى بولۇپ، بۇ ئاسسىمىلياتسىيىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ سۈنئىي سىياسىتىدىن ئەمەس بەلكى خىتاي كۇلتۇرىدىن كېلىۋاتقان تەبىئىي ئاسسىمىلياتسىيە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. ئۇيغۇرلار خىتاي دۆلىتى تەۋەسىدىلا بولىدىكەن، كىم ۋە قايسى پارتىيە ھوقۇق تۇتسۇن ئۇيغۇرلارغا كېلىدىغىنى يەنىلا بىئولوگىيىلىك ئاسسىمىلياتسىيە. يەنى، يىلتىزىدىن قۇرۇپ ئىنسانلار تارىخىدىن ئۆچۈش، ۋە ياكى پۈتۈنلەي ئۆز كىملىكىنى قۇربان قىلىپ خىتاي كۇلتۇرغا قوشۇلۇپ كېتىشتىن ئىبارەت.

باتۇر بولۇش ياكى خائىن بولۇش بۇ مەسىلىدە مىللەت ئايرىلمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن بىز مەلۇم تائىپىدىكى ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى يامان دەپ قارىلىساق، ئۇ ئىنسان ھوقۇقى ۋە ئاددىيسى ئىنسانچىلىققا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئەمما بىز مەلۇم كۇلتۇرنى، ئىدلوگيەلىك ھادىسىلەرنىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى تەنقىد قىلالايمىز. بىز بارلىق گېرمان خەلقى فاشىست دېسەك ئۇ توغرا ئەمەس، ئەمما گىتلېرنىڭ فاشىست ئىدىيىسىنى تەنقىد قىلىش ئۇ توغرا. مۇتلەق كۆپچىلىك خىتاي ئاممىسىنىڭ ئىنسانچىلىقنى، غەربچە كىشىلىك ھوقۇقنى چۈشەنمەسلىكى ئۇلارنىڭ خاتالىقى ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتنى ئۆگىتىشكە چامىسى يەتمەيدىغان خىتاي كۇلتۇرنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ يېتىشكەنلىكىدە. بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە بۇ كۇلتۇرنى تەنقىدلەپ ئۇنىڭ ماھىيىتىنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن باشقىلارغا ئېچىپ كۆرسىتىپ بېرىشىمىز تامامەن يوللۇق. خىتاي كۇلتۇرىدىكى پرىنسىپسىز ئىش قىلىش ئۇسۇلى(مۇددىئاغا يېتىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماسلىق) يامان ئوسمىدەك خەلقئاراغا تاراۋاتىدۇ. بۇنىڭ تىپىك مىسالى ھازىر [36 تەدبىر]نى ئۆگىنىش "گۇگىل" ۋە "ئالما" دەك دۆلەت ئاتلىغان كارخانىلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى قىزغىن ئۆگىنىدىغان دەستۇر بولۇپ قالدى. يەنە تېررورىزم ۋە سىياسىي مۇتەئەسسىپلىك سەۋەبىدىن ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرىدە بېكىنمىچىلىك خاھىشىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن تەڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بېرى خەلقئاراغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇقىنى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى بېرىش-كېلىشنىڭ(ئاساسلىقى مەبلەغ سېلىشنىڭ) ئۆلچىمى قىلىش سىياسىتىدە چېكىنىش يۈز بېرىپ، خىتاينىڭ "ئۆزگە دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق" پىرىنسىپى ئۇستىدىكى "تەڭ يېڭىش(ئىككىلا تەرەپ تەڭ نەپ ئېلىش)" سىياسىتى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى كرىزىسقا پاتقان، ھۆكۈمىتى پارىخور ئۆزى پۇلغا تەشنا دۆلەتلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىشقا باشلىدى. پاكىستاندا ھۆكۈمەتتىن تارتىپ ئاۋام خەلقكىچە خىتاي مەستانىسى بولۇپ خىتاينىڭ "بىر بەلۋاغ بىر يول" ئىقتىسادى ھەمكارلىق قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى بۇنىڭ يەنە بىر تىپىك مىسالى.

ئۇيغۇرلار ئاز-كەم ئىككى مىڭ يىلدىن بېرى خىتاي كۇلتۇر چەمبىرىكىگە قوشنا بولۇپ ياشاپ كەلدى، ئۇيغۇر ۋە تۈركلەرنىڭ نۇرغۇن قەبىلىسى بۇ كۇلتۇر تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتتى. ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا قالغان ئۇيغۇرلار بولسا خىتاي كۇلتۇرنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنگەن ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئە قىلىپ ئۆز كىملىكىنى ساقلىيالايدىغان ئىممۇنىتېت كۈچى ئەڭ كۈچلۈك قالدۇق خەلق ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن خىتايلارنىڭ تارىختىن بېرى ئىشلىتىپ كۆپ ئۈنۈم كۆرسەتكەن تاكتىكىلىرى ھازىرغا كەلگەندە، بۇ قالغان ئۇيغۇر توپلىمىغا ئىشلىمەي، غالجىرلىشىۋاتىدۇ. بۇ غالجىرلىشىشنىڭ سەۋەبى شۇكى، خىتاي ھۆكمىتى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ مەنسەپ ئەمەس ئىقتىسادىي پائالىيىتى ئارقىلىق خىتايدا بارلىققا كېلىۋاتقان ئوتتۇرا تەبىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ھامان بىر كۈنى سىياسىي جەھەتتىن خەلققە تەخمۇ كۆپ ھوقۇقنى بېرىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە ئۇيغۇرلارمۇ خىتاينىڭ ئۆزى تۈزگەن سىياسىي ۋە قانۇنىي ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ تەخمۇ كۆپ ئەركىنلىك ياكى بولۇنۇش تەلىپىنى قويالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن شۇنداق بىر كۈن يېتىپ كەلگۈچە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرسا، ئۇيغۇر دىيارى يەنىلا خىتاينىڭ بىر پارچىسى بولۇپ قالىدۇ. ۋە بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن خىتاي خەلقى ۋە كېيىنكى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغانلار دېموكرات بولسۇن بولمىسۇن، كوممۇنىست ئەۋلادىنى "ۋەتەن بىرلىكىنى ساقلىيالىغىنى ئۈچۈن"، خۇددى زھاڭ جىئە شى شەڭ شى كائىنى، شى جىنپىڭ ۋاڭ لېچۇئەننى ساقلاپ قالغاندەك ئۇلارنى كەچۈرىدۇ ۋە ساقلاپ قالالايدۇ. بۇ يەنە بىر تەرەپتىن چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ھەرىكىتىنى قوللىماسلىق، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە بولغان قارشىلىقى كۈچلۈك بولماسلىقنىڭ سەۋەبىنى بىزگە چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ئۇلارمۇ خىتاي زىيالىيسى بولۇشى بىلەن شۇنى بىلىدۇكى، ئەگەر ھازىرقىدەك بىر ۋاقىتتا ئۇلار ھوقۇقنى قولغا ئالسا، خىتاينىڭ بۆلىنىپ كېتىش خەۋپى بارلىقىنى ئەگەر شۇنداق بولسا، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئەمەس ئۆزلىرىنىڭ ئۆز ۋەتىنى ۋە خەلقى ئالدىدا " ۋەتەن ساتقۇچ خائىن" ئاتىقىغا قالىدىغانلىقىنى بىلىشىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئەمەلىيەتتە ئۇلار كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ خىتاي تېررىتورىيە ئىچىدىكى "ياتلارنى" تەل-توكۇس "ئۆزلەشتۈرۈشنى" ساقلاۋاتىدۇ خالاس.

قىزىل ئەۋلادتىن بولغان شى جىنپىڭ كوممۇنىزمىنىڭ ئاچچىقىنىمۇ تاتلىقىنىمۇ تېتىغان بىر خىتاي زىيالىيسى بولۇپ، ئۇ كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ھامان بىر كۈنى تارىخ بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. خىتاينىڭ كېيىنكى قەدەمدە دېموكراتىيىگە ئۆتسۇن ئۆتمىسۇن، ئىچكى جەھەتتىن ئۇيغۇرلار(تىبەتلەرمۇ ھەم) نى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، خىتايدا سىياسىي ھوقۇقنى قەدەممۇ-قەدەم خەلققە بېرىش ؛ تاشقى جەھەتتىن "زېمىن پۈتۈنلەش" ئۇلۇغۋار ئىشىنى پۈتتۈرۈپ، ھەقىقىي "مىللىي قەھرىمان" ئوبرازى بىلەن تارىختا نام قالدۇرۇش، بۇ شى جىڭ پىڭ قىلماقچى بولغان ئىشلاردۇر.


ئىزاھاتلار

2010-يىلى ۋاڭ لەچۇئان ئۇيغۇر رايوندىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ مەركەزگە يۆتكەپ كېتىلگەندە شى جىنپىڭ مۇئاۋىن رەئىس ئورنىدا بولۇپ خۇ جىنتائو باش رەئىس ئىدى. سابىق رەئىس جىئاڭ زەمىننىڭ سادىق ئادىمى بولغان مەركىزى سىياسىي قانۇن بيۇروسىنىڭ سېكرېتارى زھوئۇ يوڭكاڭ(كېيىن قولغا ئېلىنىپ مۇددەتسىز كېسىلگەن.) ۋاڭ لەچۇئاننى ئۆزىگە مۇئاۋىن قىلىپ ساقلاپ قالغان. شى جىنپىڭ 2012-يىلى رەسمىي باش رەئىس بولغاندىن كېيىن ۋاڭ لەچۇئاننى بارلىق مەمۇرى ھوقۇقىدىن ئايرىپ خىتاي قانۇن جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قىلىپ قويغان.

[2] ئاسسىمىلياتسىيە ئۇقۇمى ئەسلىدە بىئولوگىيە ئىلمىدىكى كەسپىي ئاتالغۇ بولۇپ، مەلۇم تۇردىكى جانلىقلارنىڭ نوقۇل بىئولوگىيىلىك مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن باشقا بىر تۇردىكى جانلىققا شەرتسىز قوشۇلۇپ كېتىشىنى يەنە ئۆزگىرىپ كېتىشىنى كۆرسىتەتتى. بۇنى كېيىن جەمئىيەتشۇناسلار كۆچمەنلەر ۋە دىئاسپورا بىلەن ساھىبخانا جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشتا مېتود قىلىپ قوللانغان.

[3] خىتاينىڭ سابىق رەئىسى ھۇ جىنتائو ئاينى يىللاردا گەنسۇ ئۆلكىسىدە مەلۇم ئورگاننىڭ كاتىپ خىزمىتىنى ئۆتەۋاتقىنىغا شۇ مەزگىلدە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ باش سېكرېتارى بولغان دۆلەت قۇرغۇچىلار قاتارىدىكى سوڭ پىڭنىڭ كۆزىگە كۆرۈنگەن. شۇندىن كېيىن سوڭ پىڭ ئۇنى قوللاپ مەركەزگە كىرىشىگە، جىئاڭ زەمىن دىڭ شىئائوپىڭنىڭ ئىشەنچىدىن قالغاندا ھۇ جىنتائو مۇددەتتىن بۇرۇن باش رەئىسلىك نامزاتى بولۇپ سوڭ پىڭنىڭ قوللىشى بىلەن دىڭ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن.

[4] بۇ يازمىنى تۆۋەندىكى تور بەتتىن كۆرەلەيسىز.
https://bowenpress.com/news/bowen_137952.html

[5] ئاپتورنىڭ قارشىچە، شى جىن پىڭ كەيىنكى قەدەمدە ئەلىپ باردىغان سىياسىي ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشى ھەرگىز غەرب ئەللىرىدەك دېموكراتىيە بولماستىن يەنىلا "جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە" سىياسىي تۈزۈلمە بولۇشى ئېنىق. ئۇ بىر پارتىيىلىك تۇزۇمنى ساقلىغان ئاساستا، سىياسىي كېڭەش بىلەن خەلق قۇرۇلتىيىنى ئىسلاھات قىلىپ بۇ ئىككى ئورگاننى بىر پارتىيىنى نازارەت قىلىدىغان ھوقۇقلۇق ئورگان قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار.

Elbilgin
12-07-17, 13:49
Shi Jinping Néme Qilmaqchi

Kurshat Oghuli


Kirish soz

Wang Léchuenning merkezge yötkep kétilishi bilen ornigha wezipige olturghan Uyghur diyaridiki Xitay Kommunistik Partiyisining birinchi qol bashliqi Jiyang Chünshen, 2016-yili awghustta tuyuqsiz hemme xizmetliridin qaldurulup ornigha shu mezgilde oxshash derijide Tibette xizmet ötewatqan Chén Chuen’go yötkep kélin’gen. Yérim yil ichide 15 yildin béri hel bolmay kéliwatqan Ürümchidiki qish mezgilide kök asman körünmeslikke xatime bérip, xelq turmushigha qulayliq yaritish we xitayda tunji shexsi blog achqan nazir derijidiki xitay emeldari bolushi bilen “yéngiliqperwer” dep xelqining qollishigha sazawer boluwatqan Jiyang Chünshenning sewenliki néme? Xitay re’isi Shi Jinping 16 yil Uyghur diyarida padishah kebi höküm sürgen we qattiq qolluqi bilen nam chiqarghan Wang Léchuenni hoquqidin qandaq ayrighan bolsa, yumshaq siyaset tutqan Jiyang Chünshennimu xuddi shundaq hoquqidin ayridi . Shi Jinping Uyghur diyarini zadi qandaq tiptiki emeldar arqiliq bashqurmaqchi? Uning qandaq “ulughwar” meqsetliri bar? Mezkur yazmida biz Shi Jinpingni analiz qilish arqiliq, Uyghurlar duch kéliwatqan assimilyatsiye krizisning kélish menbesini körsitip otimiz.


1. Shi Jinping kim (terjimihalidin)

Uyghurlar duch kéliwatqan assimilyatsiye krizisini köp sandiki analizchilar kommunistik partiyining byurokrat réjimidin kelgen siyasiy krizisning qoshumche mehsuli, xitayning démokratiyige ötüshi bilen bu krizis tügeydu dep qarishidu. Bu xil köz qarash melum asasqa ege bolsimu, emma birinchidin, xitay qachan gherb tüsidiki insanliqni birinchi orungha qoyidighan démokratiyige ulishidu biz bilmeymiz; ikkinchidin, xitay démokratiyige atlighan shu mezgilge Uyghurlar hazirqidek bir musteqil kimlikke ege toplam süpitide mewjut bolup ulishalamdu? biz oxshashla buninggha kesip birnéme déyelmeymiz. Chünki aptorning qarishiche Uyghurlar duch kéliwatqan assimilyatsiye noqul halda kultur yaki siyasiy assimilyatsiye bolmastin belki bi’ologiyilik assimilyatsiyedur . Töwende biz bu xil assimilyatsiyining mahiyitini bu xil assimilyatsiyini bizge téngiwatqan Xitay hakimiyiti, we shu hakimiyetni yürgüzüwatqan insanlarning kimliki we yürgüzüwatqan siyasetliri arqiliq yorutup otmiz.

Aldi bilen Biz Xitay re’isi Shi Jinpingning kimlikini tehlil qilghan chéghimizda uning kélip chiqishigha alaqidar bundaq bir qanche kimlikini konkrét tehlil qilishimiz kérek.

(1) Shining qizil ewlad kimliki

Shi Jinpingning dadisi Shi Zhongshun nahayiti yash waqtidila JKP gha eza bolup (u 13 yéshida Xitay Kommunistik Yashlar Ittipaqigha eza bolghan we 15 yéshida JKP gha eza bolghan) kommunistik partiyining hakimiyet tutushigha biwasite küch qoshqan we shuningdin kéyin medeniyet zor inqilabi bashlinishtin burunla siyasiy küreshte xizmitidin ayrilip töwen’ge chüshürüwétilgen. Medeniyet inqilabida bolsa köp ziyankeshlikke uchrap kéyin eyni waqittiki xitay bash ministiri Zhou Enlayning perde keynide turup yardem qilishi bilen hayat qalghan. Shi Zhongshun medeniyet inqilabidin kéyin salahiyiti asta-asta eslige keltürülgen we kéyinki xitay hakimiyitide islahatchi atalghan Deng Shiaoping ning yénida ishligen. Uning shuningdin kéyinki chong töhpisi bolsa xitay merkizi komitétigha Guangdong ölkisige köp imtiyaz bérish we chet’elni teqlid qilip alahide rayon qurup sirtqa échiwétish toghrisida teklip sunushi bolup, xitayning islahat échiwétish qedimini déngiz boylirida bashlinishigha türtke bolghan. Shi Jing Pingning xitayda chong hoquq tutalishida uning “qizil ikkinchi ewlad” kimliki halqiliq rol oynighan.

(2) Shi Jinpingning xitay ziyaliysi kimliki

Xitay kulturida ziyaliylar ta’ipisi dunyadiki bashqa herqandaq bir medeniyet we kultur toplimida körülmeydighan bir ta’ipe. Adette ziyaliy uqumi melum jem’iyette bilim qurulmisi yuqiri, erkin tepekkur we musteqil xaraktérge ege insanlarni körsitidu. Bolupmu ularning qilidighan eng muhim ishning biri, öz kultur we toplimigha bolghan tenqidiy pozitsiyisi bolup, bu xil tenqidiy pozitsiye xuddi aghriqni dawalaydighan doxturgha oxshaydu. Emma xitayda xitay ziyaliyliri musteqil xaraktérge ige emes. Ularning bilim élishi peqet imtihan bérip emeldarliqqa tallinish we hökümran’gha sadiq bolush arqiliq öz nopuzi we bayliqi üchün xizmet qilish, we pursiti kélip qudret tapsa özi hökümran bolush. Bu xitayda emeldar tallash imtihani yolgha qoyulghandin bashlap 1400 yil ötüp ta hazirghiche xitay jem’iyitide dawamlishiwatqan bilim igileshning tüp mahiyiti bolup kéliwatidu. Xitayda awam puqra arisida mundaq gep bar, xitayda ikkila türlük adem mewjut bolup, biri textirawanda olturghuchilar qalghini bolsa textirawan kötürgüchilerdur. Shu sewebtin xitay xelqi imtihan üchün tirishmighan balisigha béridighan terbiyisi bolsa, tiriship oqumisang textirawan kötürgüchi bolisen déyish.

Emeldarliq imtihanidin ötüp emeldar bolush peqet ishning bashlinishi bolup, bir emeldar bolghan xitay ziyaliysi bir hakimiyet astidiki oxshimighan menpe’et guruhlirining ichki ziddiyetlirige arilashmisa yuqiri örlesh emes, bar bolghan mensipidinmu ayrilip qalidighanliqi üchün, ögen’gen bilimlirini emeldar sorunidiki küreshke ishlitish xitay ziyaliylirining kespi bolup qalghan. Ular özi küchep hoquq mensep üchün küresh qilghandin sirt, etrapigha ishenchlik we iqtidarliq ademlerni yighip guruh shekillendürüsh arqiliq bir biri bilen tirkeshken. Özi élishqa közi yetmigen orungha bolsa aldin körerlik bilen “iqtidarliq” dep qarighan ziyaliylarni eng towen qatlamda bolsimu izdep tépip, shulargha desmaye sélip, ularni özining ustidiki mensepke yölep chiqirish arqiliq öz menpe’itini saqlighan. Song Pingning Xu Jintaoni yölep axiri bash re’islik ornigha olturghuzushi buning eng tipik misali bolalaydu .

Xitay ziyaliylirining tarixtin buyan emel sorunidiki hiyle-mikirliri we “eqil-parasetlirini” eng eynen eks ettüreleydighini texminen bundin 100 yil burun xitay ziyaliysi Li Zongwu teripidin yézilghan “qara qélin pelsepisi[厚黑学]” hésablinidu. Aptor bir xitay ziyaliysi bolush süpiti bilen xitay tarixini yekünlep, xitayning 24 tarixidiki meyli “xelqperwer hökümran” bolsun we yaki “weten söyer qehriman” bolsun hemmisining yaki köngli qara yaki yüzi qélin kélidighanliqini, xitay kultur da’iriside chong bolghan her qandaq shexsning könglige putken meqsetlirini ishqa ashurush üchün, uning könglining qara, yüzining qélin bolushi shert ikenlikini yazghan. U öz kitabida yekünlep xitay tarixida barliq dangliq shexslerning qariliq we qélinliqning derijisige qarta öz utuqlirini qolgha keltüridighanliqini, qara we qélinliqta pelle bolup uning eng yuqiri pellisi “qariliqta rengsiz, qélinliqta süzük[黑而无色,厚而透明]” bolush kéreklikini, yeni yüriki qara bolsimu uni bashqilargha hergiz bildürmeslik we qara yürgini yaxshi ishlar bilen yoshurup herqandaq bir insanni aldiyalaydighan bolushi kéreklikini, yüzi qélin bolsimu emeliyette, bashqilargha uni bilindürmeslik üchün özni aq köngül, köngli yumshaq perishte qilip körsiteleydighan bolush kéreklikini yekünligen. Kéyinkiler bu kitabni qayta neshrge teyyarlighanda Maw Zédungni “qara - qélin” pelsepisining yuqiri pellisige chiqalighan dep baha bergen. Bir qisim xitay puqralirimu bu kitab emeliyette xitaylarning ijtima’iy munasiwettiki ish qilish pirinsipini eynen eks ettürgen dep qaraydu. Biz xitayning dunyagha dangliq “36 tedbir” ni analiz qilip körsekla, bashqa insanlar toplimi öz medeniyiti we kulturida insaniyliqni asas dep etrap qilidighan, adimiylikni hörmetlesh, yaxshiliq, aq köngüllük, étiqad qatarliqlarning hemmisining, xitayda peqet emeldar sorunidiki ziyaliylarning bir-birini putlash we yiqitish üchün, we öz yürikidiki qara - köngül pelsepisi üchün xizmet qilduridighan wasite we yaki qoral ikenlikini biliwalalaymiz. Shi Jingping del “qara köngül pelsepisi” ni wayigha yetküzüp eng yuqiri pellisige yetküzgen we emeliyitide shu arqiliq utuq qazanghan bir xitay ziyaliysi.
Xitay tarixida ögitiliwatqan axirqi sulale Ching xanidanliqining aghdurulushi bilen xitayda fé’odalliq sulalining dawamlishishigha xatime bérilgen dégen’ge, bolupmu xitay kompartiye hökmitini tetqiq qilghuchilar ishenmeydu. Chünki Maw Zédung qurghan “Yéngi Junggo” mahiyettin yenila bir fé’odal xanliqqa oxshaydu. Uning padishah kebi re’isi bar, emeldarlar emeldar tallash imtihanlirida tallinilghan, xan’gha sadiq bolush hésabigha hoquq we bayliq koyda yürgen ziyaliylardur. Bu ziyaliylarning arisida xanning eng ishenchige érisheleydighan ziyaliy yenila uning öz ewladidin yétiship chiqqanlar. Shi Jinping bolsa del “yiltizidin qizil” bir ziyaliy.

Shi Jinping dadisining yiqilishi bilen bille hemme némisi tel turmushtin mollaq etip eng töwen’ge “chéniqishqa” chüshürüwétilgen. Shuning bilen bille u towen qatlamda yéza emeldarlirining mesxire we bozek qilishlirigha uchrighan. U bularning hemmisini öz ichige sélip yürgen. Bashqa qizil ewladlardin perqliqi, u turmushta addiy otken, oqushta tirishqan. Bayliqqa we qiz-chokanlargha intilmigen, her ishta éghir bésiq bolghan. Shi bu mijez-xulqi bilen kichikidin ariliship bille ösken, Ding Shawpingning qizi, Li Xiannianning oghli dégendek qizil ikkinchi ewladlarning hörmitige we ishenchige érishken. Jiang Zemin hoquq tutqandin kéyin Ding Shawping békitken islahat échiwétish yoldin chetnishi, emeldar sorunidin ayrilghan Dingning qattiq ghezwini qozghighan. Shuning bilen Ding Shawping 1992-yili jenubni közdin kechürüsh nami bilen islahat ishikni échiwétish yolida qet’iy tewrenmeslik bilen Jiangni agahlandurghan. Ding Shawping hetta Jiang Zeminning özige izbasar teyinlishini cheklep, Xu Jintaoni bash re’is orunbasari qilip teyinligen. Jiang Zemin bolsa herbiy we memuri orunlarning muhim wezipilirige, özige sadiq ademlerni orunlashturup, Xu Jintao re’is bolghanda héch ish tewritelmeydighan qorchaq re’is qilip qoyghan. Buning tipik misali bolsa 2009-yili Sichüen ölkisidiki “Wenchuan chong yer tewresh” te, Xu Jintao neq meydan’gha yardem bérishke herbiy da’irilerge yolyoruq bergen bolsimu birmu eskerni yötkiyelmigen. Eyni chaghda xitay merkizi téléwiziye istansining xewiride sabiq Bash ministir Wen Jiabaoning herbiy qisimgha gep ötküzelmey téléfonni pirqiritip tashliwétishidek ghelite xewermu bérilgen. Xu Jintao özige iz basar tiklesh ishida perde arqisida turup öz adimini izbasar qilish üchün heriket qiliwatqan Jiang Zemin bilen tirkiship qalghan. Shundaq bir weziyette qizil ewladlar özlirining menpe’iti qoghdiyalaydu dep hésablap Shi Jinpingni merkiziy byurogha da’imiy hey’et bolushi we axirda bash re’is bolushighiche yöligen.

(3) Shi Jinpingning kultur kimliki

Bu yerde xitay ziyaliylirini shundaq qilip terbiyilep chiqiriwatqan shu kultur hadisisini analiz qilish tolimu muhim. Adette xitay kulturi özining sümürgüchilik we assimilyatsiye küchining zorluqi bilen köpligen xitay tetqiqatchilirining qiziqishini qozghaydu. Bolupmu qaysi dölette bolsun “Tangliqlar kochisi” dégen yerge barsila u yerdiki meynetchilik we qalaymiqanchiliq ademni xuddi xitayning bir shehiride turghandek hés qilduridu. Xitay xelqining dunyaning nerige köchsun asan özgermeydighanliqi, eksiche yerlik jem’iyet we kulturgha chong tesir körsitidighanliqini anglaymiz we korimiz. Bir tipik misal shuki, héli yillar burun Amérikida kishiler talla bazirida méwe-chéwe we köktatlarni alghanda qolgha chiqqanni aldighanliqini, tallap- ilghap olturmaydighanliqini, emma kéyin xitaylarning köpiyishige egiship shularni dorap hemme nersini tutup tallap aldighan yerliklerning köpeygenlikini del xitaylarning chet-eldiki tor betliridiki yazmiliridin, ularning özlirining waysashliridin anglap, körüp turuptimiz. Xitaydiki milletler musteqil til we étnik kimliki bilen 56 ge ayrilghan bolsimu, bügünki künde musteqil kimliki bar xitaydin bashqa chong milletlerdin Uyghurlar bilen Tibetlerla qaldi.

Xitay kulturidiki bundaq sümürgüchi küchning yadrosi zadi néme dégen mesilide oxshimighan közqarashlar mewjut bolsimu, emma nopuzluq xitay tetqiqatchiliri buni xitay yéziqigha baghlaydu. Xitay yéziqi hazirqi dunyada birdin-bir istémaldin qalmighan morféma yéziqi(shekli özgergen éroglif yéziqi déyish texmu muwapiq) bolup, bu xil yéziq shekli insan tepekkurini melum bir katégoriye ichide quluplap turidu. Chünki Uyghurche we yaki In’glizche tillarda melum sandiki herpni öginip bolup grammatika qa’idisi boyiche herpler qoshulup söz, söz qoshulup jümle bolidu. Yeni, Hérip yéziqi ishlitidighan insanlar hérip öginip bolupla abstrakt sözlüklerni yazalaydighan we ishliteleydighan halgha kélidu. Emma xitay tilida hérip mewjut emes, peqet her bir taq sözlükni ipadileydighan xet bar, xitaylar bu xetlerni (sözlüklerni) birdin-birdin teqlid qilip yézishni (toghrisi sizishni yaki yasashni) öginishi kérek. Bu yerdiki öginishte Teqlidchilik asas orunda turidighan bolghachqa, bu yéziq arqiliq tepekkurini yétildürgen insan abstrakt tepekkurgha intayin ajiz kélidu. Bu yene bir tereptin ‘ishchan xitay xelqining bashqilar ijadiyitini eynen teqlid qilip yasiyalaydighan” emma öz ixtirasi intayin az bolush sewebini bizge yorutup béreleydu. Bu xil yéziqni asas qilip shekillen’gen kultur insanning insaniy hörlük we erkin tepekkur qilishini ziyanliq dep terghib qilidu we bu jehettin insangha “menila teqlid qil, yéngiliq yaratma” deydighan telimatni tangidu.

Adette kultur we idé’ologiye shu insan topining öz mewjutluqini saqlap qalghandin kéyinki tereqqiyati üchün xizmet qilishi kérek. Tereqqiyat éhtiyajini qandurush üchün bu xil kultur we idé’ologiye dawamliq öz ichidin yaki sirttin bashqa kulturlardin ozuq élip toluqlinip turushi, eksiche shu insan toplamning tereqqiyatini boghqanda bolsa jiddiy islahat qilinishi yaki istémaldin qélishi kérek. Bu yerde biz késip éytalaydighan bir yekün shuki, kultur ezeldin insan tereqqiyati üchün xizmet qilishi u insan (toplimi) gha boysunushi kérek. Bu insaniyet tereqqiyat dawamidiki kultur bilen insanning munasiwiti.

Emma xitay jem’iyitide bolsa insan toplimi bu kultur üchün xizmet qilidu, yeni kulturning quli bolush hésabigha öz mewjutluqini dawam étidu. Shu sewebtin xitay jem’iyitide ezeldin din, yeni insanni yaratqan bir tebi’ettin halqighan küchni terghib qilidighan étiqad yaki idé’ologiye mewjut bolmighan hem mewjut bolushighimu yol qoyulmighan. Buning tüp sewebi, del xitay kulturi ene shu orunni igilep kelgenlikide. U meyli öz ichidin chiqqan bolsun we yaki chettin kirgen bolsun, ezeldin diniy étiqadning yiltiz tartishigha we tarqilishigha imkan bermigen. Xitay kulturidiki öz ichidin yaritilghan Tawism telimatining boghulushi we Tang dewrdiki Kungzi telimatining kéngiyip hökümran idé’ologiye bolup qélishi shuning tipik misali. Kong Zi telimatning kéngiyishidiki tüp seweb bolsa, del bu idiye bilimi bar kishilerni hökümran üchün xizmet qilishqa terghib qilip, hökümran tebiqisining qollishini qolgha keltürgenlikidin bolghan. Shu sewebtin xitay kultur chembiriki ichide xitay xelqini” textirawangha olturghuchi we yaki textirawan kötürgüchi” dégen ikkila ta’ipige ayrip, bir-birige béqinip yashaydighan munasiwetni shekillendürgen. Hoquq tutqan xitay ziyaliyliri bolsa öz hökümranliqini “pelsepiwi asas” lar bilen qollaydighan bu kulturni pütün küchi bilen terghib qilip uni qollap kelgen.

Bu xil ehwal bu xil kulturning qollishi bilen hökümran ornigha otken xitay ziyaliyliri arisida éniq bolup bu kulturgha özgirish élip kélidighan herqandaq shey’i mewjut bolmasliqi, yene ochuqraq éytqanda “erkin pikir we musteqil xaraktér” mewjut bolmasliqi, bolupmu” yatlar” bu kultur ichide mewjut bolmasliqi kérek. Bu bizge néme üchün xitaylar tarixtin béri öz hökümranliq astigha kelgen özgiche insan toplimi yaki kulturni “yattin” “özige” assimilyatsiye qilishqa aldiraydighanliqini chüshinish imkaniyitige ige qilidu. Yene xitay ziyaliyliri tarixtin béri tekitlep turidighan “özi yatning köngli yat[非我族类,其心必异]” deydighan chüshenchisidin bu kulturning “yatlar” din qorqidighan, “yatlar” ni paturmaydighan mahiyitini toluq chüshineleymiz.

Xitay kulturining öz yéziqidiki bu mahiyetlik alahidilikidin ozuq alghan tepekkuri boyiche, özge ulashqan yaki özige hökümranliq qilghan herqandaq millet we yaki kulturni özige sümürüp axirda assimilyatsiye qilip keldi. Bu qandaqtur xitay kulturi bashqa kulturlardin ewzel we aliy bolghanliqidin emes, eng muhim seweb, xitay kultur jem’iyitige hökümran bolghan yat ta’ipe waqti kelgende öz ichidiki hökümranliq talishish küreshliride kim xitay kulturidiki hiyle-mikir rezillikni qanche wayigha yetküzüp ögense we ishlitelise, shu text talishish kürishide yéngish nisbiti yuqiri bolghan. Ular shundaq bir ichki sewebtin xitay kulturgha egiship, özlirimu bu kulturning quli bolup qalghan we axirda pütünley yoqap ketken. Buning bir tipik misali mongghullar we manjulardur. Ottura tüzlenglikke hökümran bolghan mongghullar we manjularning böliki shu péti hökümran qatlimining bashlamchiliqi bilen assimilyatsiye bolup ketken bolsa, ularning esli makani bolghan Mongghuliye (xitayning kontrolluqidiki ichki mongghul) we Manjuriye xitayning ahale köchürüsh taktikisi bilen assimilyatsiye bolup ketti. Manjuriyeni assimilyatsiye qilghan shexs bolsa 1911-yildiki Shin Hai inqilabidin kéyin sherqiy-shimalni qolgha kirgüzüp yerlik padishah bolghan chong militarist Zhang Zuo Lin bolup, u sherqi-shimalgha ichkiridin zor türkümde xitay ahalisini köchürüp orunlashturup manjularni az sanliqqa aylandurush arqiliq axirida sherqiy-shimalning pütünley xatalishishni emelge ashurghan. Buningdin biz xitay kulturida qaysi zaman, qandaq xildiki hökümran bolsun, xitay ziyaliysila bolidiken assimilyatsiye qilip yatlarni yoqitish ularning mahiyiti ikenlikini bileleymiz.

Xitay kulturi insan psixikisigha qandaq tesir körsitidu? Dinni inkar qilidighan bu kultur terbiyilep chiqqan xitaylarning ichki dunyasini ularning emeliyiti bilen analiz qilsaq, bu kulturda yuyunup chiqqan insan yükselgende özni yaratquchi ornigha qoyup xudni bilmey qalsa, gumranliqqa yüzlen’gende bolsa ittek xarlinip quldek yashap ötüshke teyyar. Biz Uyghurlargha eng tonush bolghan xitay klassik eserliridiki “merd-ezimetler”, “jahankezdi-qehirmanlar” ning merd-batur atilish tarixini yéship körsek, bizning kultur qarashlirimizda munapiqliq, qorqunchaqliq hésablinidighan ölchemler xitay kulturida uning eksini(tetürini) bildüridu. Misalgha biz Jin Yang Gang dawinida yolwasni mushtlap öltürgen Wu Song ning emeliyette haraq ichip mest bolup qélip xudini bilmey yolwasni mushtlap qoyghanliqini, mestliktin yéshilip oyghinip yénida yatqan yolwasni körüp qattiq qorqup ketkenlikini “su boyda” romanida oqughan iduq. Yene eyni kitabta shu baturlar choqunup özlirige ataman saylighan “shipaliq yamghur” süpetlik Song Jiangni élip éytsaq, shundaq köp batur choqunidighan bu qehriman yamuldin tutush üchün kelgenlerdin qutulup qélish üchün sarang boluwélip azgalda nijaset yégen. “Uch padishahliq heqqide qise” romanida bolsa Cao Sao öyge kelgen eziz méhmanni kütüshke öz xotunini olturup ghiza etken. Biz bilidighan bashqa kultur buni sherepsizlik, nomussizliq dep bilgen bilen, xitay kulturda bu wasite tallimasliq bilen muddi’agha yetken heqiqiy qehriman hésablinidu.
Beziler bu dewrdiki xitaylar gherbining modérnizmning tesiri bilen özgerdi dep oylishi tebi’iy. Hazirqi xitay ziyaliyliri özgerdimu, ularning hökümran tebiqisidiki ziyaliylirichu? Biz buni kéyinki mezmunlarda yenila Shi Jinpingni analiz qilish arqiliq bileleymiz.

2. Shi Jinping néme qilmaqchi

(1) Shi textke chiqishning aldidiki kultur hadiseler

2002-yili xitaydiki dangliq rézhissor Zhang Yi Mou xitayning kino cholpanlirini bir yerge yighip “Qehriman[英雄]” filimini ishlep tarqatqan. Bu filim xitay döliti ichide zor alqishqa ériship tapawiti 100 milyon yüendin ashqan tunji filim bolup qalghan. Xitay rézhissori Zhang Yi Mouning “qehriman” filimi eks ettürgen qehriman obrazi kim? Filimda zulum salghuchilarning edibni bérip xelqni yöleydighan bir nechche chambashchi, qanxorluq we xelqqe zulum sélish bilen nam chiqarghan Chin Shi Xuangni öltürmekchi bolidu. Emma ular hemkarliship arisidiki birini qattiq muhapizet astidiki Chin Shi Xuanggha yéqinlishish pursitige érishtürgende u eksiche Chen Shi Xuangni heqiqiy qehriman hésablap öltürmeydu. Néme üchün? Chünki xitay rézhissori Zhang Yi Mou yorutqan xitay kulturi medhiyileydighan qehriman qara niyet bolsun, zorawan qanxor bolsun, yatlarni yoqitip xitay döletning térritoriyisini kéngeytken bolsila shu heqiqiy qehriman hésablinidu. 2002-yili bu filim qoyulghanda xitayda Jiang Zemin dölet re’isi ornidin ayrilghan bolsimu Xu Jintaogha herbiy hoquqni ötküzüp bermigen. We shuningdek özi texttin chüshüshtin burun, xitay ziyaliyliri xitay zémini dep talishidighan ottura asiya we sherqi shimal chégrasidiki bir qisim zéminlarni, chigrini éniqlash arqiliq Rusiye we ottura asiya döletlirige tewe ikenlikini etrap qilidighan chégra shertnamisini imzalighan idi. Jiang Yi Moudek bir sen’et bilen shughullinidighan xitay ziyaliysining bu filimni shu waqitta ishlishining küchlük siyasiy arqa körünüshi bar bolup, u bu filim arqiliq emeliyette xitay hökümran sinipigha xitay kulturida qandaq kishining heqiqiy milliy qehriman bolidighanliqini eskertken.

2007 -yili xitay merkiziy téléwiziye istansisi köp qisimliq tarixiy tiyatir “meqsetler üchün achchiq yutush卧薪尝胆 (bu idi’omni shah-shumba üstide yétip ot yalimaq dep terjime qilghanlarmu bar)” ni keng teshwiqatlar bilen qoydi. Bu filim xitayning emeniye dewri (春秋战国时期) diki Wu döliti bilen Yue döliti otturisidiki urushta meghlup bolup esirge chüshidighan Yue dölitining padishahi Gou Jian ning tarixi kechürmishi eks ettürülgen. Gou Jian düshminini sel chaghlap urushta yéngilip Wu padishahigha esir chüshidu. U Padishah turupmu Wu padishahigha esir chüshkende jénini saqlap qélish üchün qul bolup uning atlirini baqidu. U her xil pursetlerni yaritip kündüzi Wu padishahining könglini alsa kechte éghilgha qaytip, uxlash aldida torusqa ésip qoyghan malning achchiq otuni éghzigha sélip shorap qisasni ésige élip turidu. U hetta bir qétim Wu padishahi aghrip qalghanda özining ana miras bir di’agnoz qoyush usulini bilidighanliqini éytip, Wu padishahining teret qachisidiki teritini éghzigha sélip tétip, padishahning saqiyip kétidighanliqini éytidu. Kéyin Wu padishahi saqiyip kétidu we Gou Jian’ge texmu ishinip axiri uni azad qilidu. Gou Jian bolsa qaytidin öz küchini toluqlap 20 yildin kéyin Wu padishahini meghlup qilip qisasini alidu.

2007-yili bu filim qoyulushqa bashlighanda Shu Jin Ping nede némilerni qiliwatatti? Bu waqitta Shi Xitayda zor tesir qozghighan Shangxey shehirining rehbiri Chen Liangyu weqesini bésiqturghan we xitayning merkizi siyasiy byurosining qarar béreleydighan eng hoquqluq 9 kishilik hey’etning birige aylanghan bolsimu téxi eng aliy hoquqdar emes idi. Yuqiridiki filimning Shi Jinping textke resmiy chiqishning aldida süretke élinip qoyulushi hergiz tasadipiy weqe emes. Chünki shu chaghda sabiq Xitay bash re’isi Jiang Zemin perde arqisida turup dölet ichide xitay dölet re’isi Xu Jintaoning xizmetlirige tosqunluq qiliwatqan, “Fa lun gong” chilar namida özge narazi xitay ziyaliylirini dawamliq öz ademliri arqiliq basturuwatqan; sirtqa bolsa etraptiki döletler bilen kélishim tüzüp dölet chégrasini ayrip toxtam tüzüp “weten satquch xa’in” namida xitay ziyaliylirining qattiq naraziliqini qozghap turghan mezgiller idi. Shu chaghda Jiang Zemin hoquqtin chüshken bolsimu emeliy hoquqdar, Xu Jintao bash re’is bolsimu qorchaq halette idi. Xitay ziyaliyliri bu ikkisidin qattiq ümidsizlen’gen we xitay üchün heqiqiy ish qilip béreleydighan “qehriman” izdep axiri diqqiti Shi Jinpinggha merkezleshken idi. Shu chaghlarda bu xil “qehriman” bolush üchün meydangha chüshken bashqa bir qanche namzat bar idi. Ularning arisida oxshashla qizil ewladtin bolghan téxi qizil bolghandimu Shi Jinpingdin qélishmaydighan Bö Shiley bar idi. Emma Bö Shiley özining qariliqini yéngi xotun üchün sabiq xotunini olturush bilen ashkarilap qoysa, qélinliqini bashqa balisi bilen kéyinki xotni arqiliq ashkarilap qizil ewladlarning qollishidin ayrilip qalghan idi. Shi Jinping bolsa ün-tinsiz ustidiki hökümranlarning xizmitide boldi. Ular özidek qizil ewlad bolmighan we özidek japaliq turmush kechürmigen” tégi pes” lerdin bolsimu, ularning qol astida gedinini egip yürdi. Chünki u 2007-yildiki filimni uningdin héli yillar burun sehralarda yéza bashliqlirining mesxirilirini anglighach kitablardin oqup bilgen idi.

Xitay ziyaliyliri bir-birini eng yaxshi chüshen’güchiler. Ularning munasiwetliri ömüchük toridinmu better murekkep bolup oxshash qazanda qaynap chiqqanliqi üchün bir–birini intayin éniq bilishidu. Shu sewebtin textirawan kötürgüchi ziyaliylar bolsimu kelgüside kimning textirawanda olturalaydighanliqini aldin perez qilalaydu.
Xuddi Sin’gaporning sabiq prézidénti Li Guangyao dégendek Shi Jinping bashqilar achchiqini keltüridighan gep qilsimu yenila külümsirep turalaydighan bir shexs, yene öz ichide oylighanlirini bashqilargha bildürmeydighan biri idi.

Shi Jinping öz nishanigha yétish üchün her qandaq xorluqlargha xuddi Yue memlikitining padishahi Gou Jiandak ichige sélip bilindürmigen. Shu sewebtin Tarixi arqa körünüshi qizil bolmighan eksiche dadisi yapon urushida xa’in sanalghan Jiang Zeminning xizmitini ün-tinsiz ishligen bolsa, oxshashla qizil ewlad bolmighan, we Hoquqidin ayrilghuche Jiang Zeminning boyunturuqidin qutulalmighan qorqunchaq Xu Jintaoning xizmitinimu chirayini özgertmey qilghan. “qarliqta rengsiz, qélinliqta süzük” pellisige yetken xitay ziyaliysi Shi Jinping axiri eng aliy hoquqdar boldi.

(2) Shi Jinpingning pilanlirining qedem basquchliri

2012-yili 2-ayning 29-küni Shi Jinping özining “Junggo chüshi” ni tunji qétim sirtqa ashkarilighan. Shu chaghda uning xitay dölitining re’isi bolup saylan’ghinigha emdi ikki hepte bolghan idi. Shi Jinpingning Junggo chüshi “Jungxua millitining ulughwar güllinishi” bolup Shi Jinping buni sabiq prézidént Barak Obamagha bolghan chüshendürüshi “ichige qarta dölet qudretlik, millet rohluq, xelq bay. sirtqa qarta bolsa hemkarliq, tereqqiyat, tinchliq, teng yéngish” bolghan. Emma Shining “Junggo chüshi” démokratiye chüshimu? dégen so’al tughulidu. Xitayda démokratiye awan’garti hésablinidighan Jenubi Junggo Heptilik Géziti[南方周末] Shining “Junggo chüshi, asasiy qanun chüshi” dep izahat berginide éghzi derhal tuwaqlan’ghan.

Shi Jinping textke chiqipla bashlighan ish-pa’aliyetliri Xitay ichi we sirtidiki közetküchilerni xélila ganggiratti. U textke chiqipla özige yéngi-yéngi namlarni bérip memuri, herbiy we idé’ologiye tereptiki hoquqlarni yuqiri derijide öz qoligha yighdi. Xitay sirtida pa’aliyet élip bériwatqan, bir partiye tüzümige qarshi démokratchi xitay ziyaliylirining Shini textke chiqishtin burunla “siyasiy islahatchi” dep teriplishining eksiche, shi asasiy qanun asasida dölet bashqurushni yaqlaydighan bir qisim ilghar idiyilik xitay ziyaliylirini sotlidi we türmige tashlidi. Emma Shini Mute’essip küchlerning yene bir wekili dégüchilerge qarta Shining élip barghan siyasiy heriketliri texmu jiddiy boldi. Maw Zédungni teriplep Qizil siyasetni alqishlaydighan bir qisim emeldarlarni qanchilik chungqur arqa körünüshi bolushtin qet’iy nezer ularni jazalidi. Uning parixorluqqa qarshi herikiti hazirmu dawam qilmaqta, we “yolwas bilen chiwini teng urush” siyasiti, we xiyanetchilik, parixorluq qilip chetke qachqan emeldarlarni qayturup ekélip sotlawatqan “tülke owlash herikiti” xitay xelqining qizghin alqishigha ériship kelmekte. Shining bundaq ikkila terepni basidighan siyasitini qandaq chüshinish kérek? U bir islahatchimu yaki byurokratmu?

Biz yuqirida tilgha élip otken xitay kulturi we uning jewhiri bolghan “qara köngül pelsepisi” ni éniq chüshen’ginimizde Shi Jinpingni chüshinish unche qiyin emes. Bolupmu mal-dunyagha we pahishiwazliqqa intilmeydighan Shining pilani bolsa xitay kulturi uninggha ögetken “heqiqiy qehriman” bolup nam qaldurush. Uning pilani töwendikiche;
Shi Jinping hoquq tutqan aldinqi besh yil ichide özning siyasiy ornini mutleqleshtürüsh, uning pilanigha tosqunluq qilidighan herqandaq qarshi küchlerning mewjut bolushigha yol qoymasliq. Shuning bilen bir waqitta kéyinki besh yilda élip baridighan pilanliri üchün teyyarliq körüsh. Bu teyyarliqlar, 1, iqtisadiy islahatni texmu chongqurlashturush. Dölet igilikidiki karxanilarni azaytish, we xususiy igilikning texmu köp sahelerge kirishige yol échish. Shu arqiliq xelqqe texmu köp iqtisadiy menpe’et bérish; 2, siyasiy pilanlar. Qattiq tedbirler bilen xitay kommunistik partiyisi duch kéliwatqan parixorluq we ishenchsizlik krizisini yoqitish. Siyasiy hoquqni ching tutup xelqining iqtisadiy menpe’etke toyunushini kütüsh. 3, herbiy teyyarliqlar. Xitay armiyisini teltöküs islahat qilip, armiyining qoral-yaraq seplimisini dunyawi ilghar sewiyige yetküzüsh, ofitsér-eskerlerning sewiye-sapasini östürüp herqandaq waqitta urushqa kireleydighan qilish. Bu pilanlar Shi Jinping textke chiqqan kündin bashlap ijra qilinishqa bashlidi we hazirmu jiddiy élip barmaqta.

Shi Jinpingning pilani uning “Junggo chüshi” dimu éniq yekünlen’gen. Dölet qudretlik, xelq rohluq we bay bolush. Emma Shining chüshi döletning qudret tépishi we xelqining bay bolushining ré’alliqqa aylinishi bilenla toxtap qalmaydu. Xitay kulturidiki “qehriman” dölet qudret tapqanda choqum “tarixtin buyanqi” zéminlirini qayturup élishi kérek. Xitay döliti tarixta qudret tapqandiki térritoriyisi xitay tarixchi ziyaliyliri teripidin burunla xatirilen’gen. Tarixta bundaq ulugh chong térritoriyilik döletlerni qurghanlar xitay milliti bolmisimu u mesile emes, yatlar qurghan dölet xitay kultur jem’iyitini öz ichige alghanla dölet bolsa, bu dölet xitaylarning, bu dölet igiligen zémin xitay zémin térritoriyisi hésablinidu. Shu sewebtin mongghullarning esli makani bolghan mongghuliye, xitay tarixida Yuan sulalisi atalghan qublayxan döliti seweblik xitay térritoriyisi bolup qalghan, Uyghur zémini manjularning qolgha ötkenlik seweblik umu xitay térritoriyisi bolup qalghan. Eng qisqisi Hindistan tewesidiki Keshmir(Aqsay) zémini Yeken Se’idixan dewride Yeken Se’idihanning térritoriyiside bolghanliqi üchünla umu xitaylar talishidighan zémin bolup qalghan. Mana bu zéminlarni qayturup élish “milliy qehriman” Shi Jinpingning “Jungxua millitining ulughwar güllinishi üchün” basidighan kéyinki qedimi hésablinidu. Bu pilanlarni Shi Jinping ishqa ashuralamdu? Biz aldida uning birinchi qedimini qanchilik basti körüp öteyli.

2017-yildiki Forbesning sanliq melumatidin qarighanda, Xitay bilyonirlar eng köp döletke aylan’ghan. 40 yilgha yéqin waqitta élip bérilghan iqtisadiy tereqqiyat xitaydiki kembeghellik sanini 728 milyon azaytip, 1981-yildikidin 80% azaytqan. Buninggha oxshash sanliq melumatlar Shi Jinping bashchiliqidiki JKP ni özining qanunluq ornini dawamliq étirap qildurush üchün yéterlik destek bolalaydu. Shuni éniq chüshinip yétishimiz kérekki iqtisadiy tereqqiyat xitayni burunqi adem sani zor qalaq dölettin, téxnika tereqqiyat we kapital tereqqiyat ikki tereptin zor derijide kéngeygen dölet ornigha kötürüp, yüz-abruygha bekla ehmiyet béridighan xitay kultur chembirikidiki awam xelqining qollishigha ériship kelmekte. Bu xil qollash bu xil iqtisadiy tereqqiyat yolida bilyonir bolghanlarda texmu éniq ipadilenmekte. Shu sewebtin iqtisadiy tereqqiyat basquchida Shi Jinping “xelq bay” qedimini asasen tamamlap boldi.

Herbiy küch jehette xitay alliqachan derijidin tashqiri dölet qatardin orun élip boldi. U téxnika oghrilisun, sétiwalsun, yaki teqlid qilsun 40 yilgha yéqin iqtisadiy tereqqiyati bilen teng élip bérilghan herbiy sana’et tereqqiyati, Xitayni miltiqtin awi’amatkighiche hemme herbiy lazimetliklerni öz-özini teminlesh sewiyisidin éship xelq’aradiki eng chong qoral-yaraq sodigirige aylandurdi. Shi Jinpingning dölet qudretlik qedimimu tamamlinip boldi. Emdi tunji nishan qeyer?

Xitayning eng yéngi awi’amatkisi Teywen name bilen atalghan, we hazir xitay üchinchi awi’amatkisini jiddiy yasimaqta. Közetküchiler xitayni deslepki qedemde 6 awi’amatka yasash pilani bar dep perez qilmaqta. Aptorning qarishiche xitay hökmiti awi’amatka yasashni karxanilashturup özi üchünla emes waqti kelgende sirtqa awi’amatka éksport qilidighan pilani bar. Shi Jinping jenubi Junggo déngizi arisidiki marjan arallarni tindurup sünniy aral peyda qilish arqiliq üstige herbiy baza qurup, birinchidin Amérikining awi’amatkisini kirmes qilip qoydi; ikkinchidin etraptiki shu zéminni talishiwatqan döletlerni pütünley siqip chiqardi; üchinchidin jenub tereptin Teywenni qismaqqa alalidi. Shi Jinpingning xitay zéminini “birlikke keltürüsh” herikiti Teywendin bashlinishida shek yoq.

Buning sewebi birinchidin Teywen ichki urush sewebidin chong quruqluqtin ayrilip, xitay hökümitining bashqurush da’irisining sirtida qalghan. Shi Jinping xelq’araghimu Teywenning zémin dewasini qilalaydu. Teywenni “qayturuwélish” istratégiyisini xitay hökümiti 1956-yildin kéyin sabiq sowét ittipaqi bilen bolghan munasiwiti yirikleshken kündin bashlap pilanlap qedemmu-qedem ishqa ashurup keldi. Mesilen, Asiya-Afriqa elliri arisida diplomatiye oyuni oynap, aldi bilen Teywenni BDT da yétim qaldurup keynidinla uni BDT din qoghlap chiqardi. Shundin bashlap hazirghiche xitay hökümiti siyasiy bésim we iqtisadiy qiziqturushlar arqiliq Teywen bilen diplomatiye munasiwiti bar dölet we rayonlarni özige qaritip, Teywenni xelq’ara sehnide yétim qaldurushqa tirishti. Yéqinqi bir yilda xitay bu qedimini texmu tézletti, yalghuz diplomatiyedila yalghuz qaldurushla emes, téxi her-xil xelq’araliq teshkilatlarghimu Teywenni ezaliqtin chiqiriwétishni bésim qilip bu meqsitige yétip boldi.

Ikkinchidin, Xelq’ara weziyettiki özgirish xitaygha intayin paydiliq weziyetni yaritip berdi. Teywen bilen Amérika arisida herbiy kélishim bar bolup eger Teywen herbiy hujumgha uchursa Amérikining esker chiqirip qoghdash mejburiyiti bar. Shu sewebtin Xitay hökmiti bu ishta amal bar herbiy toqunushtin saqlan’ghan asasta Teywenni qayturuwélish istratégiyiside. Eger waqti kelgende Teywen xelqi “özlükidin” chong quruqluqqa qoshulushni xalisa, “xelq rayi” bilen bolghan bu qoshulushqa Amérika qol tiqalmaydu. Shu sewebtin Xitay hökmiti pütün küchini ishqa sélip Teywende xelq mayilliqini qolgha keltürüshke tirishiwatidu. Buning konkrét tedbiri, Teywendiki sodigerlerge bolupmu chong quruqluq we xelq’arada pa’aliyet élip bériwatqan Teywen xelqining Teywen puqrasi salahiyiti bilen pa’aliyet qilishni qiyinlashturup, Jungxua Xelq Jumhuriyitining puqrasi dégen salahiyet bilen yürüshke qistawatidu. Shu sewebtin hazir Teywen puqraliri chet’elde Teywen pasportidin bashqa xitay hökümiti tarqatqan “Teywenlik qérindashliq ispati[台胞证]” ni körsitip ish béjirishke mejbur boluwatidu. Yene bir tereptin xitay hökmiti Teywendiki jasusluq pa’aliyitini keng qanat yaydurup, xitay chong quruqluqqa mayil kishilerni jiqaytip, ular arqiliq ichki tereptin maslishidighan kishilerni köpeytiwatidu.

Axirda Amérikining Teywenni qanchilik qoghdiyalishigha kelsek, Bolupmu Trumpning US prézidénti bolushi we uning” dunyaning prézidénti emes Amérikining prézidénti” bolush siyasiti Xitayning zémin teqezzasigha ong tanasip boldi. Sodigerning siyasiy hoquq tutsa hemme nimni soda üchün do tikidighanliqini biz uyghurlar obdan bilimiz. Buni xitaylar texmu obdan bilishidu. Trump hoquq tutmay turupla Teywen prézidénti bilen téléfonda körüshüsh arqiliq Xitaygha tére taraqlitip bésim qilmaqchi boldi. Emma Shi Jinping kélip uning öyde ikki-uch kün méhman boluwédi, u derhal sherqi xitay déngizgha ewetken déngiz flotining beshini yapon déngiz terepke burap amérikining pütün diqqitini xitaydin Shimali Koryege buridi. Shi Jinpingning Trumpqa némilerni wede qilghanliqini bilmeymiz. Emma soda iqtisadiy menpe’et wede qilip ornigha siyasiy menpe’et telep qilghanliqi éniq.

Shi Jinping waqti kelgende öz béshimchi we da’im özge awarichilik tépip béridighan qoshnisini Shimaliy Koryeni Amérikigha tashlap bérish hésabigha jenubiy Junggo déngizi we Teywenni pütünley öz térritoriyisige kirgüzüshi tamamen mumkin. Nurghun közetküchiler Xitayning shimaliy koryeni qollap kélishi Amérika bilen Xitay arisida bir bosh yerning mewjut bolup turushi Xitayning istratégiyisi üchün paydiliq dep, buni Xitayning Shimaliy Koryeni yölep turushining tüp sewebi dep qaraydu. Emma Xitayning Shimaliy Koryeni qollap kélishi herbiy istratégiye jehettinla emes texmu muhimi uning kommunistik dölet bolmish idlogyilik birlikide idi. Emma hazir bolsa Xitay özining 40 yilliq islahat ishikni échiwétish siyasiti bilen iqtisadi jehettin derijidin tashqiri bir döletke aylinip boldi. Xitay dölitining hoquqini qolda tutup turghan qizil ikkinchi ewlad alliqachan kommunizmdin ayrilghan. Ularning pilani bolsa iqtisadiy tereqqiyat arqiliq xelqqimu bir qisim paydini teqsimlep bérish we shu arqiliq özlirining hoquqni dawamliq saqlash boluwatidu. Chünki bu tamamen xitayning siyasiy en’enisige uyghun bolup, Xitayda Xelqni ölüshke qistimisila xitay xelqi üchün kimning qandaq hökümran bolushi muhim emes. Shu sewebtin xitay dunyagha “mewjutluq xitayda eng chong kishilik hoquq” dep qorqmay jar salalighan. Emma Shimaliy Koréye Xitayni dorap iqtisadiy jehettin ishikni échiwétish emes téximu békinme bir haletni saqlap qaldi. Xitay hökümitining esli meqsiti 6 dölet yighini arqiliq Shimaliy Koriyeni Amérika bilen sodilishidighan we oynitip turidighan koziri qilmaqchi idi. Emma Shimaliy Koréye Xitay hakimiyitige oyunchuq bolushni xalimidi, eksiche yadro qorallirini tereqqiy qildurush bilen bésim qilip ikki chong dölet otturisida payda aldi. Xitayning Shimaliy Koriyeni öz dépigha usul oynitip kozir qilish qesti ishqa ashmayla qalmastin eksiche, bu kichik qoshnisining bala térishidin qorqmaydighan muttehem hökmiti bilen ach qalghan xelqi özige qoshlap bésim élip kélishke bashlidi. Bu ishta eger Shimaliy Koryeni Amérikigha tashlap berse memedan Shimaliy Koréyedin qutulidu we u döletning ach qalghan xelqi uni özige qoshuwalghan Jenubiy Koréyening zimmisige chüshidu.

Emdi Shimaliy Koréyening yene bir qollighuchisi Rusiyege kelsek, Xitay Shimaliy Koryeni Amérikigha tashlap bérish arqiliq Rusiyeni jenub tereptin Amérika bilen toqunushush halitige ekélip özi otturidin payda alalaydu. Eger Rusiye biterep turghan halette Shimaliy Koréyedin qutulidu. Yene bir jehettin Xitay hökümiti ezeldin sibirye rayonigha xitay köchmenlirini orunlashturush pilani bolsimu Rusiyening qattiq qol pozitsiyisidin u yerde yerlishiwatqan xitaylar nahayiti az. Xitay bu iminlargha xuddi Uyghur diyarigha ahale yötkigendek derijide öz puqralirini orunlashturush gherizi bar. Eger Xitay Rusiye - Amérika ziddiyitini Shimaliy Koréye rayonida ishqa ashuralisa, Amérikigha teng taqabul turushta Rusiye bilen hemkarlishishning sherti süpitide, Rusiyening kontrolliqidiki yiraq sheriq (sibirye) rayonigha échish nami bilen puqra köchürüsh pilanigha yol achalaydu.

(3) Shi Jinpingning pilanidiki Uyghurlar

2014-yildiki ikkinchi qétimliq Shinjang xizmet yighinida Shi Jinping “Jem’iyetning muqimliqi we uzun muddetlik eminliki Shinjang xizmitining asasliq nishani” dep éniq körsetme Bergen.

Uning bu körsetmisidiki uzun muddetlik eminlik, uningdin burun we tarixtin béri xitay ziyaliyliri tilgha élip kéliwatqan pütünley assimilyatsiye qilip qulaqni tinchitishtin bashqa nerse emes. Shu sewebtin Shi Jinpingning ulughwar pilanlirida Uyghurlar yoq. Uning pilanida uyghurlargha a’it birla jümle söz bolup, u bolsimu uyghurlar ustidiki bi’ologiyilik assimilyatsiye qedimini tézlitish.

Buni biz uning adem orunlashturush istratégiyisidin körüwalalaymiz. Shi Jinping uyghurlarni qattiq qol bésishi bilen yaman atiqi küchlük bolghan Wang Léchuenning ornigha kelgen Jiyang Chünshenni yötkep kétip, shu waqitta Tibette qattiq qol siyasiti bilen nam chiqarghan Chén Chuen’goni uyghurlarni idare qilishqa orunlashturghan.

Chén Chuen’go medeniyet inqilabidin kéyin tunji qararliq aliy mektepke imtihan bergüchilerdin bolup, Zheng Zhou Uniwérsitétida oqughan. 1980-yillarda xitay kompartiyisi kadirlarni tallap yétishtürüsh siyasitini qayta yolgha qoyghandin kéyin u tunji qatarda tallap xizmetke qoyulghan kadiri hésablinidu. Uning xizmetni asasi qatlamdin bashlighan bu xil arqa körünüshi Shi Jinpingge oxshisa, Tibetni idare qilishtiki qattiq qol siyasiti Shining könglige yaqqan.

Chenning Uyghur diyarigha kelgendin kéyinki qollan’ghan tedbirliri Jiyang Chünshendin periqliqmu dégen mesilide biz yenila xitay ziyaliylirining bu ikki emeldarigha Bergen bahasidin körüp bileleymiz. Torda bir xitay adwokatining Chén Chuen’gogha yazgha ochuq xéti élan qilin’ghan. Bu xetni yazghuchi Aqsu teweside yashighan we hazir Ürümchide adwokatliq qiliwatqan xitay ziyaliysi bolup, bu yazma Chen kélip wezipisige olturup 2 aydin kéyin yézilghan . Bu yazmida Chenning kélip wezipige olturghandin kéyin xitayning ezeldin Uyghur diyarida tekitlep kéliwatqan “Térrorluqqa qarshi” siyasitini téximu yuqiri pellige kötürüp, iqtisadiy tereqqiyat we xelq turmushini pütünley shuninggha qurban qiliwatqanliqini, buning netijiside uyghurlarla emes, shu yerdiki xitay puqraliriningmu aramchiliqi buzulup, naraziliq keypiyatini kücheytkenlikini körüwalalaymiz.
Undaqta xitayning siyasitige ziyan séliwatqan bu emeldar néme üchün yene öz ornida turalaydu? Buning sewebi uning salahiyiti chégra tinchlandurghuchi emeldar bolghanliqi üchün.

Xitay hakimiyitide chégra rayonlardiki özige yat qowmlarni (az sanliq millet katégoriyesidikiler) azlitish, assimilyatsiye qilish we yoqitishta yéngi hiylilerni pilanlap chiqqan emeldarlar ishenchke asan ériship ösüshi tézlishidu. Bu xitayda tarixi en’ene bolup misaligha Gou Min Dang waqtidiki Sheng Shi Caini alsaq, u Uyghurlarning ziyaliy we baylirini olturup xelqni shilip zar-zar yighlatqan bolsimu, waqti kelgende Uyghur diyarini Rusiyege tartturup qoymay “saqlighan töhpisi üchün 50 yük mashinisigha bésip eketken mal-dunyasi bilen Teywende xatirjem yashap öldi. Yene Wang Léchuenning öz merkizi hökümitige körsetken töhpisi, 11-séntebir weqesidin kéyin, xelq’aradiki térror toqunushigha uyghurlarni qoshush boldi. Wang Lechuan bu töhpisi üchün Zhou Yongkang weqeside, u Zhou Yongkangning mu’awini bolup turupmu héchqandaq jazalashqa uchurmidi. Hemme siyasiy wezipiliridin ayrilip qalghan bolsimu Xitay qanun uyushmisining re’isi name bilen obdan yashap yürüptu.

Bu xil töhpilerni yaritish, bolupmu chégra rayonda xizmet ötewatqan xitay emeldarliri, özlirining xitay hökümranlirining ichki ziddiyetliride qurban bolmasliqning tumari qilish üchün bolsimu choqum qilishqa tégishlik xizmiti bolup qalghan. Jiyang Chünshenmu buningdin mustesna emes. Peqet Jiyang Chünshen Wang Lechuan sewebidin yamanliship ketken Uyghur xitay munasiwitini yumshitish üchün Uyghurlargha qaratqan qirghin qilish, assimilyatsiye qilish qedimini astilatqanliqini üchün, Shi Jinpingning sirtqa kéngiyish pilanigha tesir yétish xewpi tughulghan. Chünki Shi Jinpingning kéyinki qedimi choqum bir mutleq tinch we muqim bolghan dölet ichi muhitigha éhtiyajliq. Chén Chuen’goning heddidin éship siyaset yürgüzüshi Shi Jinping özning ulughwar pilanliri üchün Uyghurlarning ishini pütünley merkezdin ayrip Chén Chuen’gogha tapshurup bergenlikidin bolghan dep ishinimiz. Buni biz weten ichidiki uyghurlarghila emes, weten sirtidiki uyghurlarghimu kéliwatqan xitayning ish qilish shekillining qopalliqidin we bériwatqan bésimdiki yerlik siyasetning puriqi küchlük bolushtek alahidilikidin bileleymiz. Yene bir tereptin Jiyang Chünshenning wezipisidin ayrilishi uning hergiz Shi Jinpingning neziridin qalghanliqidin dérek bermeydu. Emeliyette Shi Jinping özige oxshash éghir-bésiq bu emeldarni merkezge yötkep apirip Shinjang ishliri guruppisining mu’awini qilip qoyushi, uning emili ishlargha arilashmay, emma chong weqe chiqmasliqqa kapaletlik qilish üchün Uyghur diyarini közitip turushqa qoyghan.

Axirqi soz

Mezkur yazmida biz merkezlik halda Xitay döliti re’isi Shi Jinpingni nuqtiliq analiz qilish arqiliq uyghurlar duchar boluwatqan assimilyatsiyining kélish menbesini tehlil qilip öttuq. Uyghur diyaridiki heddidin ashqan siyaset “xitaylar rastla uyghurlargha bundaq öchmu” dégen so’alni qoysimu, bu yerde öchlük mesilisidin emes belki tebi’iti shundaq bolghanliqi üchün ikenlikini bileleymiz. Uyghur milliti duch kéliwatqan assimilyatsiye u hayat –mamatliq mesilisi bolup, bu assimilyatsiyining kélish menbesini Xitay dölitining sün’iy siyasitidin emes belki xitay kulturidin kéliwatqan Tebi’iy assimilyatsiye ikenlikini bileleymiz. Uyghurlar Xitay döliti tewesidila bolidiken, kim we qaysi partiye hoquq tutsun Uyghurlargha kélidighini yenila bi’ologiyilik assimilyatsiye. Yeni, yiltizidin qurup insanlar tarixidin öchüsh, we yaki pütünley öz kimlikini qurban qilip xitay kulturgha qoshulup kétishtin ibaret.

Batur bolush yaki xa’in bolush bu mesilide millet ayrilmaydu. Shu sewebtin biz melum ta’ipidiki insanlarning hemmisini yaman dep qarilisaq, u insan hoquqi we addiysi insanchiliqqa uyghun kelmeydu. Emma biz melum kulturni, idlogyelik hadisilerning insanlargha keltüridighan ziyinini tenqid qilalaymiz. Biz barliq Gérman xelqi fashist dések u toghra emes, emma Gitlérning fashist idiyisini tenqid qilish u toghra. Mutleq köpchilik xitay ammisining insanchiliqni, gherbche kishilik hoquqni chüshenmesliki ularning xataliqi emes, belki heqiqetni ögitishke chamisi yetmeydighan xitay kulturning oqughuchisi bolup yétishkenlikide. Biz küchimizning yétishiche bu kulturni tenqidlep uning mahiyitini delil-ispatlar bilen bashqilargha échip körsitip bérishimiz tamamen yolluq. Xitay kulturidiki prinsipsiz ish qilish usuli(muddi’agha yétish üchün wasite tallimasliq) yaman osmidek xelq’aragha tarawatidu. Buning tipik misali hazir [36 tedbir]ni öginish “Gugil” we “Alma” dek dölet atlighan karxanilarning bashqurghuchiliri qizghin öginidighan destur bolup qaldi. Yene térrorizm we siyasiy mute’essiplik sewebidin Amérika bashliq gherb elliride békinmichilik xahishining küchiyishi bilen teng ikkinchi dunya urushidin béri xelq’aragha qaratqan kishilik hoquqini döletler arisidiki bérish-kélishning(asasliqi meblegh sélishning) ölchimi qilish siyasitide chékinish yüz bérip, Xitayning “özge döletlerning ichki ishlirigha arilashmasliq” pirinsipi ustidiki “teng yéngish(ikkila terep teng nep élish)” siyasiti siyasiy we iqtisadi krizisqa patqan, hökümiti parixor özi pulgha teshna döletlerni özige mehliya qilishqa bashlidi. Pakistanda hökümettin tartip awam xelqkiche xitay mestanisi bolup xitayning “bir belwagh bir yol” iqtisadi hemkarliq qurulushigha aktip awaz qoshushi buning yene bir tipik misali.

Uyghurlar az-kem ikki ming yildin béri xitay kultur chembirikige qoshna bolup yashap keldi, Uyghur we Türklerning nurghun qebilisi bu kultur teripidin sümürülüp assimilyatsiye bolup ketti. Hazir Uyghur diyarida qalghan Uyghurlar bolsa xitay kulturning mahiyitini chüshen’gen we uningdin mudapi’e qilip öz kimlikini saqliyalaydighan immunitét küchi eng küchlük qalduq xelq hésablinidu. Shu sewebtin xitaylarning tarixtin béri ishlitip köp ünüm körsetken taktikiliri hazirgha kelgende, bu qalghan Uyghur toplimigha ishlimey, ghaljirlishiwatidu. Bu ghaljirlishishning sewebi shuki, xitay hökmiti, iqtisadning éshishigha egiship mensep emes iqtisadiy pa’aliyiti arqiliq xitayda barliqqa kéliwatqan ottura tebiqining küchiyishige egiship, haman bir küni siyasiy jehettin xelqqe texmu köp hoquqni bérishke mejbur bolidighanliqini bilidu. Shu waqit yétip kelgende Uyghurlarmu xitayning özi tüzgen siyasiy we qanuniy hoquqidin paydilinip texmu köp erkinlik yaki bolunush telipini qoyalaydighanliqini bilidu. Shu sewebtin shundaq bir kün yétip kelgüche uyghurlarni assimilyatsiye qilishni ishqa ashursa, Uyghur diyari yenila xitayning bir parchisi bolup qalidu. We bu töhpisi üchün xitay xelqi we kéyinki hakimiyetni qolgha alghanlar démokrat bolsun bolmisun, kommunist ewladini “weten birlikini saqliyalighini üchün”, xuddi Zhang Jie Shi Sheng Shi Caini, Shi Jinping Wang Léchuenni saqlap qalghandek ularni kechüridu we saqlap qalalaydu. Bu yene bir tereptin chet’elde pa’aliyet élip bériwatqan xitay démokratchilirining Uyghurlarning démokratik herikitini qollimasliq, Xitay kommunist hakimiyitige bolghan qarshiliqi küchlük bolmasliqning sewebini bizge chüshendürüp béreleydu. Ularmu Xitay ziyaliysi bolushi bilen shuni biliduki, eger hazirqidek bir waqitta ular hoquqni qolgha alsa, xitayning bölinip kétish xewpi barliqini eger shundaq bolsa, xitay kommunistliri emes özlirining öz wetini we xelqi aldida “ weten satquch xa’in” atiqigha qalidighanliqini bilishidu. Shu sewebtin emeliyette ular kommunistik hakimiyetning xitay térritoriye ichidiki “yatlarni” tel-tokus “özleshtürüshni” saqlawatidu xalas.

Qizil ewladtin bolghan Shi Jinping kommunizmining achchiqinimu tatliqinimu tétighan bir xitay ziyaliysi bolup, u kompartiye hökümranliqining haman bir küni tarix bolup qalidighanliqini obdan bilidu. Xitayning kéyinki qedemde démokratiyige ötsun ötmisun, ichki jehettin Uyghurlar(Tibetlermu hem) ni pütünley assimilyatsiye qilish, Xitayda siyasiy hoquqni qedemmu-qedem xelqqe bérish ; tashqi jehettin “zémin pütünlesh” ulughwar ishini püttürüp, heqiqiy “milliy qehriman” obrazi bilen tarixta nam qaldurush, bu Shi Jing Ping qilmaqchi bolghan ishlardur.

Izahatlar

Elbilgin
12-07-17, 13:51
(Dawami)

Izahatlar:

[1] 2010-yili Wang Lechuan Uyghur rayondiki wezipisidin qaldurulup merkezge yötkep kétilgende Shi Jinping mu’awin re’is ornida bolup Xu Jintao bash re’is idi. Sabiq re’is Jiang Zeminning sadiq adimi bolghan merkizi siyasiy qanun byurosining sékrétari Zhou Yongkang(kéyin qolgha élinip muddetsiz késilgen.) Wang Lechuanni özige mu’awin qilip saqlap qalghan. Shi Jinping 2012-yili resmiy bash re’is bolghandin kéyin Wang Lechuanni barliq memuri hoquqidin ayrip xitay qanun jem’iyitining re’isi qilip qoyghan.

[2] Assimilyatsiye uqumi eslide bi’ologiye ilmidiki kespiy atalghu bolup, melum turdiki janliqlarning noqul bi’ologiyilik mewjutluqini saqlap qélish üchün bashqa bir turdiki janliqqa shertsiz qoshulup kétishini yene özgirip kétishini körsitetti. Buni kéyin Jem’iyetshunaslar köchmenler ve Diaspora bilen sahibxana jem’iyetning munasiwitini tetqiq qilishta métod qilip qollanghan.

[3] Xitayning sabiq re’isi Hu Jintao ayni yillarda Gensu ölkiside melum organning katip xizmitini ötewatqinigha shu mezgilde Gensu ölkisining bash sékrétari bolghan dölet qurghuchilar qataridiki Song Pingning közige körün’gen. Shundin kéyin Song Ping uni qollap merkezge kirishige, Jiang Zemin Ding Shiaopingning ishenchidin qalghanda Hu Jintao muddettin burun bash reislik namzati bolup Song Pingning qollishi bilen Ding teripidin békitilgen.


[4] Bu yazmini töwendiki tor bettin köreleysiz.
https://bowenpress.com/news/bowen_137952.html


[5] Aptorning qarshiche, Shi Jin Ping keyinki qedemde elip bardighan siyasiy islahatining yönilishi hergiz gherb elliridek démokratiye bolmastin yenila “Junggoche alahidilikke ige” siyasiy tüzülme bolushi éniq. U bir partiyilik tuzumni saqlighan asasta, siyasiy kéngesh bilen xelq qurultiyini islahat qilip bu ikki organni bir partiyini nazaret qilidighan hoquqluq organ qilish mumkinchiliki bar.

Elbilgin
13-07-17, 21:29
خىتايلار ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك زۇلۇم قىلىدۇ؟

قۇتلۇق ئوردا


مەسىلىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى
يېقىندىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمى پەۋقۇلئاددە كۈچىيىپ كەتتى. بۇ ئەھۋالنى، خىتايدا ئاتالمىش مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 40 يىل مابەينىدە، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇم ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان بىر مەزگىل دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ.
خىتايلار ئۇيغۇرلارغا نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر زۇلۇم قىلىدۇ؟
مەن بۇ مەسىلىنى تۆۋەندىكى ئۇچ كىچىك تېمىغا بولۇپ تەھلىل قىلىمەن.
1. ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ماھىيىتى

2. خىتاي مىللىتىنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەبىتلىكى

3. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارا نىيىتى

1. ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ماھىيىتى مەسىلىسى
ئۇيغۇر ئېلى، خىتايلارنىڭ ساختا تارىخ كىتابلىرىدا ۋە تەشۋىقاتلىرىدا دېيىلگەندەك خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر پارچىسى ئەمەس! ئۇيغۇرلار ھەم ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن تارالغان خۇئا-شىئا ئەۋلادلىرىنىڭ بىر ئەزاسى ئەمەس! ئۇيغۇر ئېلى خىتايلار تەرىپىدىن بېسىپ ئېلىنغان بىر ئەل، ئۇيغۇرلار بۇ ئەلدىكى مۇستەملىكە قىلىنغۇچى خەلق. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت، تېخىمۇ توغرىسىنى دېگەندە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى تۈپكى زىددىيەت ماھىيەتتە، مۇستەملىكە قىلغۇچى مىللەت بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغۇچى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتۇر.
ئادەتتە مۇستەملىكىچى مىللەتنىڭ باشقا بىر مىللەتنى مۇستەملىكە قىلىشى، ئۆزىنىڭ زېمىن تېررىتورىيىسى كېڭەيتىش، مۇستەملىكە قىلغان زېمىننىڭ بايلىقىنى تالان-تاراج قىلىشنى ۋە ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆز-كۆز قىلىشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. بۇ مەقسەت مۇستەملىكە قىلىنغۇچى مىللەتنىڭ خورلىنىشنى، زۇلۇم چېكىشى بەدىلىگە ئىشقا ئاشىدۇ. بۇنىڭ مىساللىرىنى تارىختا كوپ ئۇچرىتىمىز.
خىتايلار، چىڭ سۇلالىسى تازا كۈچىيىپ، ئەتراپقا كېڭەيمىچىلىك قىلىشقا باشلىغان بىر دەۋردە، يەنى 1750-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى. بەزى تارىخى مەنلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي-مانجۇ تاجاۋۇزچى قوشۇننىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېسىپ كىرگەن چاغدىكى قىرغىنچىلىقى ۋە ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتۈپ ئۇچتۇرپان خەلقىنىڭ باسقۇنچىلارغا قارشى كۆتۈرگەن» جىگدە يېغىلىقى» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان قوزغىلىڭىنى قانلىق باستۇرۇشلىرى جەريانىدا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر قىرىپ تاشلانغان. بەزى يۇرتلار، مەھەللىلەر ئادەمسىز قېلىپ خارابىگە ئايلانغان!
شۇندىن تارتىپ ھېسابلىغاندا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى مۇستەملىكە قىلىۋالغىنىغا تەخمىنەن 250 يىل بولدى. (ياقۇپبەگ پادىشاھلىق قىلغان، مۇستەقىل ئالتە شەھەر دۆلىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان 14 يىلنى قوشمىغاندا). بۇ جەرياندا خىتاي دۆلىتىدە بىرقانچە قېتىم ھاكىمىيەت، تۇزۇم ئۆزگەردى، پادىشاھ، ھۆكۈمدارلار ئالماشتى ئەمما، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان زۇلۇمى ھېچ ئۆزگەرمىدى، ئۆزگەردى دېيىلسە، پەقەتلا زۇلۇمنىڭ شەكلى، دەرىجىسى ۋە ئۇسۇلى ئۆزگەردى، ماھىيەت ئۆزگەرمىدى.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي بايلىقىنى تالان-تاراج قىلىش، ئۇيغۇرلارنى ھوقۇق ۋە ئىمتىيازدىن مەھرۇم قىلىپ غۇرۇرىنى سۇندۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى نادان، نامرات، دۇنيادىن بېكىنمە قالدۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ يولباشچىلىرىنى، بايلىرىنى، ئەقىللىق، بىلىملىك ئادەملىرىنى تۇتۇپ، ئولتۇرۇپ تۈگىتىش، قارشىلىق، ئىسيانلىرىنى رەھىمسىزلىك بىلەن قانلىق باستۇرۇش، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن مىللىي مۇناپىق، خائىنلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش، ئۇلار ئارقىلىق ئوز يېغىدا ئوز گۆشىنى قورۇش». مانا بۇ خىتايلارنىڭ مۇستەملىكىچى قىلغۇچى مىللەت بولۇش سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا ئىزچىل يۈرگۈزۈپ كەلگەن مىللىي زۇلۇم سىياسىتىنىڭ تىپىك مىساللىرى.
مۇستەملىكىچىلىك تۈزۈمى تارىختا، ئىنسانىيەتكە ئىنتايىن ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت ۋە پاجىئەلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئىندىئانلارنىڭ ھالاكەتلىك تەقدىرى، ئافرىقىلىق قارا تەنلىكلەرنىڭ قۇل قىلىپ سېتىلىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى.
16-ئەسىردىن 19-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتلار كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ ئاجىز مىللەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىش، بوزەك ئېتىش دەۋرى بولدى.
19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەر پەيدىن-پەي ئويغاندى. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا لاتىن ئامەرىكىسىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئارقا ئارقىدىن مىللىي مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. 20-ئەسىر بولسا، مۇستەملىكە قىلىنغان، زۇلۇم چەككەن مەزلۇم خەلقلەرنىڭ مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش، ھۆرلۈك، مىللىي مۇستەقىللىققا ئېرىشىش دەۋرى بولدى.
1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يەنە بىر قىسىم مۇستەملىكە مىللەتلەر ئازادلىققا ئېرىشتى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى كۆپلىگەن مىللەتلەر بەزىلىرى كۈرەش قىلىپ، بەزىلىرى تىنچ يوللار بىلەن، مۇستەملىكىچى مىللەتلەر بىلەن بىر ئۈستەلدە سۆھبەتتە ئولتۇرۇپ تۇرۇپ ئوز مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولغا ئالدى. 1960-يىلى بدت «مۇستەملىكەسىزلەشتۈرۈش خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا مۇستەملىكە تۈزۈمىنىڭ ئىنسانىيلىققا يات، زۇلۇم ئۈستىگە قۇرۇلغان ناباب بىر تۇزۇم بولغانلىقى، ئۇنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغۇچى مىللەتلەرگە كەلتۈرگەن بالايىئاپەتلىرى تەكىتلىگەن ۋە ئەينى دەۋردىكى مۇستەملىكىچى مىللەتلەرنى ئوز مۇستەملىكىسىدىن تېزدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان، ھەمدە، ئىستىگەن تەقدىردە ھەر بىر مىللەتنىڭ ھور، ئەركىن، ۋە مۇستەقىل ياشاش ھەققىنىڭ شەرتسىز بېرىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىردا سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ ئۇنىڭ تەركىبىدىكى 15 جۇمھۇرىيەت مۇستەقىل بولدى، ئۇنىڭغا ئۇلاپلا، سابىق يۈگۈسلاۋىيە پارچىلاندى، ئاخىردا، شەرقىي تەمۇر، ۋە جەنۇبى سۇدان مۇستەقىللىققا ئېرىشتى.
ئەپسۇسكى بۇنداق ئامەت، بىز ئۇيغۇرلارغا نېسىپ بولمىدى.
مەن ئىلگىرى كوپ قېتىم باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ « ئەگەر بىزنىمۇ خىتايلار بېسىۋالماي، رۇسلار ياكى ئىنگلىزلار بېسىۋالغان بولسا بىزمۇ بۇ ۋاققا مۇستەقىل بولۇپ بولغان بولاتتۇق، ياكى ھېچ بولمىسا ھازىرقىدىن تەرەققىي قىلغان، بۇنچە زۇلۇم تارتمىغان بولاتتۇق..» « خىتايلاردىنمۇ گورباچېۋدىن بىرى چىقىپ قالغان بولسىچۇ كاشكى..» دېگەنلىرىنى ئاڭلىغان، ھەتتا ئۆزۈممۇ بەزىدە شۇنداق ئويلاردا بولغان. بۇ ئەمەلىيەتتە، رېئاللىقتىن ئۇزاق، بالىلارچە شېرىن خىيال. ئەمما بۇنىڭغا ناھايىتى مۇھىم بىر سېلىشتۇرما يوشۇرۇنغان،. ئۇ بولسىمۇ خىتايلار بىلەن رۇس ۋە ئىنگلىزلارغا ئوخشىغان ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ خاراكتېرىدىكى روشەن پەرقلەر ئىشارە قىلىنغان. بۇ دېگەنلىك خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۆرلۈك بەرمەسلىكى ۋە ئۇلارغا توختىماي زۇلۇم سېلىشى، مەلۇم دەرىجىدە، خىتاي مىللىتىنىڭ ئومۇمى مىللىي خاراكتېرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

2. خىتايلارنىڭ مىللىي خاراكتېرى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەبىتلىكى
خىتاي مىللىتىنىڭ مىللىي خۇي-خاراكتېرى، بۇنىڭ خىتايلارنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، ھايات تەرزى، ۋە ئۇلار شەكىللەندۈرگەن سىياسىي قۇرۇلما، تۈزۈملەرگە قانداق ئىجابىي ۋە سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە خىتايلار ئۆزى ۋە چەتئەللىكلەر تەرىپىدىن يېزىلغان ئونلارچە كىتابلار تېپىلىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسىنى سۆزلىسەك گەپ ئۇزىرىپ كېتىدۇ. لېكىن مەن بۇ يەردە پەقەت قىسقىچە قىلىپ، خىتاي مىللىتىنىڭ مىللىي خاراكتېرىنىڭ خىتايلارنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا زۇلۇم چېكىۋاتقان بىز ئۇيغۇرلارغا، بىزنىڭ تارىخى تەقدىرىمىز ۋە بۈگۈنكى ھاياتىمىزغا ئېلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىرى ھەققىدىلا توختىلىمەن.
خىتاي مىللىتىنىڭ خاراكتېرىدە قۇلچىلىق ئىدىيىسى چۇڭقۇر يىلتىز تارتقان. بۇنىڭ رېئاللىقتىكى ئىپادىلىرى بولسا، ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە، نامراتلار بايلارغا، پۇقرا ئەمەلدار ۋە پادىشاھلارغا خۇشامەت قىلىش، قۇلچىلىق قىلىش. زۇلۇم، ھەقسىزلىككە باش ئەگىش، سۈكۈت قىلىش، چىداش، شەخسنىڭ ئىستەكلىرىنى زالىم پادىشاھ، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ئۈچۈن قۇربان قىلىپ بېرىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ مىساللىرىنى خىتايلارنىڭ تارىخى، تېخىمۇ توغرىسى يازما خاتىرىسى بولغان 2500 يىللىق تارىخىدىن كۆرۈۋالالايمىز.
خىتايلارنىڭ تارىخىدا كۆپلىگەن چوڭ –كىچىك دۆلەت-سۇلالىلەر قورۇلدى. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى زالىم، مۇستەبىت ئىدى. ئوز خەلقىگە قاتتىق زۇلۇم قىلاتتى. خىتاي پۇقرالىرى زالىم پادىشاھنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ ئورنىغا، بويسۇنۇشنى، سۈكۈت قىلىشنى ئەۋزەل بىلەتتى. چىداپ تۇرسا، بىر كۈنلەردە ئادىل پادىشاھتىن بىرى تەختكە چىقىپ ياخشىراق كۈنگە ئېرىشىشنى خىيال قىلىپ ئۆزلىرىگە تەسەللى بېرەتتى. شۇڭا خىتاي تارىخىدا كوپ سۇلالىلەر ئالماشقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بەزلىرى يات مىللەتلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان(مەسىلەن موڭغۇللار يۈئەن سۇلالىسىنى، مانجۇلار چىڭ سۇلالىسى قۇرغانغا ئوخشاش)، يەنە بىرمۇنچىسى، ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى نەتىجىسىدە ھۆكۈمرانلار ئالمىشىپ، ئۇلار ئۆزلىرى قۇرغان پادىشاھلىق-سۇلالىلەرنى ئىلگىرىكىسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېڭى نام بېرىش بىلەن مەيدانغا كەلگەن. تارىختا، خىتاي پۇقرالىرى ئەركىنلىك، ھۆرلۈك ئۈچۈن مۇستەبىت ھاكىمىيەت، زالىم پادىشاھقا قارشى كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يېڭىدىن ئادالەتلىك سۇلالە، ھاكىمىيەتلەرنى قۇرۇپ چىققان مىساللار كەم تېپىلىدۇ.
بۈگۈنكى غەربنىڭ دېموكراتىيىسى، ۋە ئۇنىڭ يادروسى بولغان پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ بىخلىرى، بۇندىن 2500 يىللار بۇرۇن، ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى ھېسابلانغان قەدىمكى يۇناندا مەيدانغا كەلگەن ئىدى. ئوخشاش دەۋردە ياشىغان، خىتاي پەيلاسوپى كۇڭزى شاگىرتلىرىغا، ئۆزىنى بىلىپ ئەدەپكە قايتىش، مەنسەپدارلار بىلەن ئېيتىشماسلىق، پادىشاھنىڭ ئەمرىگە شەرتسىز بويسۇنۇش توغرىسىدا تەلىم بەرگەن ئىدى. كېيىنكى 2000 يىللىق تارىختا، خىتايلار كۇڭزىنى ئەۋلىيا دەپ چوقۇندى، ۋە ئۇنىڭ تەلىملىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىق قىبلىنەماسى قىلدى.
خىتايلاردا قۇلچىلىق ئىدىيىسى ئېغىر بولغاچقا، بۇ ئۇلاردا، ئەركىن پىكىر، يېڭى ئىدىيىلەردىن قورقىدىغان، يېڭىلىق ۋە ئىسلاھ قىلىشنى ئۆچ كۆرىدىغان، بېكىنمىچىلىك خاراكتېرىنى يېتىلدۈرگەن. دەل مۇشۇنداق سەۋەبلەردىن، خىتايدا مۇستەبىت، قالاق فېئوداللىق تۇزۇم 2000 يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلدى. ياۋروپادا يېقىنقى 300 يىلدا يۈز بەرگەن، دېموكراتىيىلىشىش جەريانىدا بېسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان جەريانلار، ئىدىيە ئىسلاھاتى، ئىلغار كۈچلەرنىڭ فېئودال مۇستەبىتلىككە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى، كاپىتالىزمنىڭ غەلىبىگە ئېرىشىشى، دېموكراتىك سايلام، پارلامېنت تۈزۈمى قاتارلىقلارنىڭ ھېچبىرى خىتايدا مەيدانغا كەلمىدى. نەتىجىدە خىتايلار مۇستەبىت تۈزۈمگە ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بېرىدىغان، شەخسنىڭ ئەركىنلىكى ۋە بىخەتەرلىكى قانۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدىغان، ئەركىن ۋە ئادالەتلىك بىر تۈزۈمگە كۆچۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى. غېرىبى ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەن، ئەمما ئۆزى بارلىققا كەلگەن تۇپراقتا يىلتىز تارتالمىغان كوممۇنىزم تەلىماتىنىڭ خىتايدا يىلتىز تارتىشى ۋە ئاخىردا غەلىبىگە ئېرىشىشى ھەم خىتايلارنىڭ مۇستەبىتلىكنى ياقلايدىغان خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇنى بىز مەشھۇر ئۆزىگە تارتىش قانۇنىغا تەتبىقلاپ چۈشەندۈرسەك تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ. بۇ قانۇن بويىچە ھەر شەيئى ئۆزىگە ئوخشىغان شەيئىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ(تارتىدۇ). كوممۇنىزم تەلىماتى ماھىيەتتە مۇستەبىتلىكنى، ھاكىممۇتلەقلىق تەرغىب قىلىدىغان تەلىمات ئىدى. دېمەك خىتايلار، 2000 مىڭ يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان مۇستەبىت فېئوداللىق تۇزۇمدىن يەنە بىر مۇستەبىت تۈزۈمگە كۆچتى!
خىتاي مىللىتىنىڭ خاراكتېرىدىكى يەنە بىر ئامىل، ئادالەت، باراۋەرلىك ۋە ئادەمگەرچىلىك تۇيغۇلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشىدۇر.
ئەسلىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆزى ھەم مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغۇچىلاردۇر. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئاددىي خىتاي پۇقرالىرى بىلەن ئۇيغۇرلار مەلۇم دەرىجىدە تەقدىرداش بولۇشى، ئاۋام خىتايلار زۇلۇم چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئاز-تولا ھېسداشلىق بىلدۈرۈشى كېرەك بولاتتى. ئەمما بىز ھېچبىر زامان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغىنىنى كۆرۈپ باقمىدۇق، دەل ئەكسىچە، خىتاي پۇقرالىرى ئوز مىللىتىدىن بولغان مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىشىغا ھەمشېرىك بولۇپ كەلدى.
خۇلاسە قىلساق، خىتاي مىللىتىنىڭ خاراكتېرىدىكى يۇقىرىدا مەن تىلغا ئېلىپ ئوتكەن تەركىبلەر، بىر تەرەپتىن خىتايدا مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا مەيدانغا چىقىشىغا ۋە ئۇنىڭ نەچچە مىڭ يىللاپ داۋام قىلىشىدىكى مۇھىم بىر ئامىل بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتايدا ئەركىن، ئادالەتلىك بىر تۇزۇمنىڭ بەرپا بولۇشىغا ئىمكانىيەت بەرمىگەن ئاساسلىق سەۋەبتۇر.
ئىنسان ئۆزىدە يوق نەرسىنى باشقىلارغا بېرەلمەيدۇ. خىتاي مىللىتىنىڭ جىسمى ھور بولغان بىلەن روھى تېخى ھور ئەمەس. ئوز مىللىتىگىمۇ زۇلۇم قىلىدىغان زالىم ھاكىمىيەتتىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشىلىق كۈتۈش ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش، ئادالەت تۇيغۇسى بولمىغان بىر مىللەت ئەزالىرىدىن ھېسداشلىق كۈتۈش خۇددى قارىغۇدىن يول سورىغاندەك بىر ئىش.
بەزى ئۇيغۇرلار دېموكراتىك خىتايلاردىن ۋە خىتايلارنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمگە كۆچۈشىدىن ئۈمىد كۈتىدۇ. لېكىن ئۇ كۈن قاچان كېلىدۇ، ئۇيغۇرلار شۇ كۈنگىچە ئوز كىملىكىنى ساقلاپ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرالامدۇ؟ بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيىش تەس.

3. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارا نىيىتى
خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بۇقەدەر قاتتىق زۇلۇم سېلىشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئەبەدى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش قارا نىيىتى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر.
ئۇيغۇر ئېلى، ئىستراتېگىيىلىك ئورنى مۇھىم، يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرى مول بولغان بىر گۆھەر زېمىن. خىتايلار بۇ زېمىننى قولدىن چىقىرىپ قويۇشنى ئەسلا خالىمايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئاللىبۇرۇنلا، ئۇيغۇر ئېلىنى ئەبەدىي ئۆزىنىڭ قېلىۋېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن. نۆۋەتتە بۇنىڭغا توسالغۇ بولۇۋاتقان چوڭ ئامىل ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە بۇ كىملىك تۈپەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسىگە چۇڭقۇر ئورناپ كەتكەن، مىللىي مۇستەقىللىق ئارزۇسى.
ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكنى تەشكىل قىلغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىللار، ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى. بۇ توسالغۇنى يوقىتىش ئۈچۈن خىتايلار ئۇيغۇرلارنى ئانا تىلىدىن، مەدەنىيىتىدىن ۋە دىنىدىن ئايرىش ۋە ئاخىردا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى.
خىتايلار تارىختا ئۆزىگە قوشنا بولۇپ ياشىغان، سانى ئۆزىدىن ئاز، تىل، مەدەنىيەت ۋە دىن جەھەتتىن يېقىنچىلىقى بولغان نۇرغۇن مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقاتقان. خىتايلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىگە بەك تەمەننا قويىدۇ. ھەرقانداق مىللەتنى ئېرىتىپ ئۆزىمىزگە قوشۇۋالالايمىز-دەپ پەخىرلىنىشىدۇ. ئەمما بۇ ئۈستۈنلۈك ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە ئىشلىمەي قالدى. ھەرھالدا بۈگۈنگە قەدەر.
خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغاندىن تارتىپ تاكى 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ھوقۇقنى قولغا ئالغانغا قەدەر بولغان 200 يىلغا يېقىن جەرياندا مەيدانغا كەلگەن خىتاي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەۋجۇتلۇقى ئاساسلىقى ئىككى مەقسەتتە، بىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىش، يەنە بىرى، ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەر قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ مىراسنى چىڭ ساقلاپ، ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە ساق يەتكۈزۈپ بېرىش بولغان ئىدى. بۇ مەزگىللەردە خىتايلارنىڭ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىدە بىرەر پىلان تۈزۈپ يۈرگۈزگەنلىكىنى بىلمەيمىز. بۇنداق بولۇشى بەلكىم، بىر تەرەپتىن، خىتايلار ئۆزىگە بەك ئىشىنىپ، ئۇيغۇرلار تارىختىكى باشقا مىللەتلەردەك ئاستا-ئاستا بىزگە سىڭىپ يوقايدۇ دەپ ئىشەنگەن يەنە بىر تەرەپتىن، خىتايلار ئۇ زامانلاردا ھەر جەھەتتىن قالاق، ئاجىز، نامرات بولغاچقا، ئۇندىن سىرت ئوز ئىچىدە توختىماي ئۇرۇش، قالايمىقانچىلىقلار يۈز بېرىپ تۇرغاچقا ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش ئۈچۈن چارە ئىزدەش ۋە ئۇنى يۈرگۈزۈشكە نە قۇربى ۋە نە چولىسى تەگمىگەن بۆلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا 200 يىللىق ئۇزۇن بىر جەرياندا، ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن ۋە ئولتۇراقلاشقان خىتايلار، ئاساسلىقى خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، خىتاي سودىگەرلىرى، ئىچكىرى خىتايدىن سۈرگۈن قىلىنغان جىنايەتچىلەر ۋە ئاز ساندا كۆچمەن خىتايلاردىن تەركىب تاپقان ئىدى. 1949-يىلدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نوپۇس ستاتىستىكىسىدا، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇس سانى تەخمىنەن 300 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئومۇمى نوپۇسنىڭ تەخمىنەن 8% نى ئىگىلەيتتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي چوڭ تەسىرگە ئۇچرىمىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى بۈگۈنكىدەك ئېغىر تەھدىتىگە دۇچ كەلمىگەن ئىدى.
خىتايلار،1949-يىلى كوممۇنىست خىتايلار ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ ئۇيغۇر ئېلىگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنى ئەبەدى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئەمدى رەسمىي باش قاتۇردى ۋە چارە –تەدبىر تۈزۈشكە باشلىدى. ئەڭ چوڭ تەدبىرىنىڭ بىرى، بىڭتۇئەن قۇرۇش، خىتاي ئاھالىلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ يەرلەشتۈرۈش ۋە بوز يەر ئېچىش، يېڭىدىن شەھەرلەرنى، يېزىلارنى بەرپا قىلىش ئىدى. ئەسلىدە خىتايلار ئەينى زاماندىلا، ئۇيغۇر ئېلىگە نەچكە ئون مىليونلاپ خىتاي ئاھالىسىنى كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنى بىراقلا ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تەز ئارىدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش پىلانلىرىنىمۇ قۇرغان ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە سۇ مەنپەسىنىڭ قىس، تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك كۆتۈرۈشچانلىقنىڭ ئىنتايىن ئاجىز بولۇشى، ئەسلىدە بار بولغان بوستانلىقلاردىكى ئاھالىنىڭ بۇرۇندىنلا زىچ ۋە تېرىلغۇ يەرنىڭ قىس بولۇشى قاتارلىق تەبىئىي چەكلىمىلىكلەر تۈپەيلى، ئۇلارنىڭ بۇ مەقسىتى ئىشقا ئاشمىدى. ئۇندىن باشقا، ئۇ مەزگىللەردىمۇ، خىتايلا يەنىلا قالاق، نامرات ئىدى. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈستىدە جىددىي باش قاتۇرۇشى، پىلان-تەدبىرلەرنى تۈزۈشى ۋە بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن كۆپلەپ مەبلەغ چىقىرىشى، 90-يىللاردىن، تېخىمۇ توغرىسى 2000-يىللاردىن باشلاندى. بۇ، بىر قىسىم مىللەتچى خىتاي زىيالىرىنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا خىتايلارنىڭ رەسمىي «ئويغىنىشى» ئىدى.
ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ، ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئاپىرىپ ئوقۇتۇش، كېيىنچە، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامىدا ياش ئۇيغۇر قىز-ئوغۇللارنى ئىچكىرىگە يۆتكەش، ئۇلارنى ئىچكىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قېلىش ۋە خىتايلار بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشىغا رىغبەتلەندۈرۈش، يېزا-قىشلاقلارغىچە ھەقسىز خىتايچە يەسلى ئېچىش.. قاتارلىقلار نۆۋەتتە خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېزدىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش ئۈچۈن قانچىلىك ئالدىراۋاتقانلىقىنىڭ روشەن دەلىلى.
بۇنىڭدىن باشقا خىتايلار نۆۋەتتە، دىنىي ئاشقۇلۇق، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيىتىنى قاتتىق چەكلەۋاتىدۇ.
خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرىقىدەك قىلمىشلىرى، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تامامەن دېگۈدەك، مەجبۇرلاش، كەمسىتىش، جازالاش تۈسىنى ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئوزىلا بىر زۇلۇم! ۋە بۇ ئۇيغۇرلار بۇرۇندىن تارتىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ھەسسىلەپ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

Elbilgin
13-07-17, 21:32
Xitaylar Uyghurlargha néme üchün bunchilik zulum qilidu?

Qutluq Orda

Mesilining arqa körünüshi

Yéqindin buyan xitay hakimiyitining Uyghur élide, Uyghurlargha yürgüzüwatqan zulumi pewqul’adde küchiyip ketti. Bu ehwalni, xitayda atalmish medeniyet zor inqilabi axirlashqandin kéyinki 40 yil mabeynide, Uyghurlargha yürgüzülüwatqan zulum eng yuqiri pellige chiqqan bir mezgil dep teripleshke bolidu.

Xitaylar Uyghurlargha néme üchün bu qeder zulum qilidu?

Men bu mesilini töwendiki uch kichik témigha bolup tehlil qilimen.
1. Uyghurlar bilen xitaylar arisidiki ziddiyetning mahiyiti
2. Xitay millitining mijez-xaraktéri we xitay hakimiyitining mustebitliki
3. xitaylarning Uyghur éli we Uyghurlar heqqidiki qara niyiti


1. Uyghurlar bilen xitaylar arisidiki ziddiyetning mahiyiti mesilisi

Uyghur éli, xitaylarning saxta tarix kitablirida we teshwiqatlirida déyilgendek xitay dölitining bir parchisi emes! Uyghurlar hem ottura tüzlengliktin taralghan xua-shia ewladlirining bir ezasi emes! Uyghur éli xitaylar teripidin bésip élin’ghan bir el, Uyghurlar bu eldiki mustemlike qilinghuchi xelq. Bu nuqtidin alghanda, Uyghurlar bilen xitaylar arisidiki munasiwet, téximu toghrisini dégende Uyghurlar bilen xitaylar arisidiki tüpki ziddiyet mahiyette, mustemlike qilghuchi millet bilen mustemlike qilinghuchi millet otturisidiki ziddiyettur.

Adette mustemlikichi milletning bashqa bir milletni mustemlike qilishi, özining zémin térritoriyisi kéngeytish, mustemlike qilghan zéminning bayliqini talan-taraj qilishni we özining küchini köz-köz qilishni asasi meqset qilghan bolidu. Bu meqset mustemlike qilinghuchi milletning xorlinishni, zulum chékishi bedilige ishqa ashidu. Buning misallirini tarixta kop uchritimiz.

Xitaylar, ching sulalisi taza küchiyip, etrapqa kéngeymichilik qilishqa bashlighan bir dewrde, yeni 1750-yillarning otturilirida Uyghur élige tajawuz qilip kirdi. Uyghurlarni boysundurush üchün dehshetlik qirghinchiliq yürgüzdi. Bezi tarixi menlerde körsitilishiche, xitay-manju tajawuzchi qoshunning Uyghur élige bésip kirgen chaghdiki qirghinchiliqi we aridin bir qanche yil ötüp Uchturpan xelqining basqunchilargha qarshi kötürgen» jigde yéghiliqi» nami bilen meshhur bolghan qozghilingini qanliq basturushliri jeryanida 100 mingdin artuq Uyghur qirip tashlanghan. Bezi yurtlar, mehelliler ademsiz qélip xarabige aylanghan!

Shundin tartip hésablighanda Xitaylarning Uyghur élini mustemlike qiliwalghinigha texminen 250 yil boldi. (Yaqupbeg padishahliq qilghan, musteqil alte sheher döliti mewjut bolup turghan 14 yilni qoshmighanda). Bu jeryanda xitay dölitide birqanche qétim hakimiyet, tuzum özgerdi, padishah, hökümdarlar almashti emma, xitaylarning Uyghur élide Uyghurlargha yürgüzüp kéliwatqan zulumi héch özgermidi, özgerdi déyilse, peqetla zulumning shekli, derijisi we usuli özgerdi, mahiyet özgermidi.

Uyghur élining tebi’iy bayliqini talan-taraj qilish, Uyghurlarni hoquq we imtiyazdin mehrum qilip ghururini sundurush, Uyghurlarni nadan, namrat, dunyadin békinme qaldurush, Uyghurlarning yolbashchilirini, baylirini, eqilliq, bilimlik ademlirini tutup, olturup tügitish, qarshiliq, isyanlirini rehimsizlik bilen qanliq basturush, Uyghurlar ichidin milliy munapiq, xa’inlarni terbiyilep yétishtürüsh, ular arqiliq oz yéghida oz göshini qorush». Mana bu Xitaylarning mustemlikichi qilghuchi millet bolush süpitide Uyghur élide Uyghurlargha izchil yürgüzüp kelgen milliy zulum siyasitining tipik misalliri.

Mustemlikichilik tüzümi tarixta, insaniyetke intayin éghir azab-oqubet we paji’elerni élip keldi. Indianlarning halaketlik teqdiri, Afriqiliq qara tenliklerning qul qilip sétilishi buning tipik misali.
16-esirdin 19-esirgiche bolghan waqitlar küchlük milletlerning ajiz milletlerni mustemlike qilish, bozek étish dewri boldi.

19-esirning bashliridin bashlap mustemlike astidiki milletler peydin-pey oyghandi. 19-esirning otturilirida Latin Amerikisidiki köpligen döletler arqa arqidin milliy musteqilliqqa érishti. 20-esir bolsa, mustemlike qilinghan, zulum chekken mezlum xelqlerning mustemlikidin qutulush, hörlük, milliy musteqilliqqa érishish dewri boldi.

1-dunya urushidin kéyin yene bir qisim mustemlike milletler azadliqqa érishti. 2-dunya urushidin kéyin, Afriqa we Asiyadiki köpligen milletler beziliri küresh qilip, beziliri tinch yollar bilen, mustemlikichi milletler bilen bir üstelde söhbette olturup turup oz milliy musteqilliqini qolgha aldi. 1960-yili BDT «mustemlikesizleshtürüsh xitabnamisi» ni élan qildi. Uningda mustemlike tüzümining insaniyliqqa yat, zulum üstige qurulghan nabab bir tuzum bolghanliqi, uning mustemlike qilinghuchi milletlerge keltürgen balayi’apetliri tekitligen we eyni dewrdiki mustemlikichi milletlerni oz mustemlikisidin tézdin waz kéchishke chaqirghan, hemde, istigen teqdirde her bir milletning hor, erkin, we musteqil yashash heqqining shertsiz bérilishi kérekliki otturigha qoyulghan. Aldinqi esirning axirda Sowét ittipaqi parchilinip uning terkibidiki 15 jumhuriyet musteqil boldi, uninggha ulapla, sabiq Yügüslawiye parchilandi, axirda, Sherqiy Temur, we Jenubi Sudan musteqilliqqa érishti.

Epsuski bundaq amet, biz Uyghurlargha nésip bolmidi.

Men ilgiri kop qétim bashqa Uyghurlarning « eger biznimu xitaylar bésiwalmay, ruslar yaki In’glizlar bésiwalghan bolsa bizmu bu waqqa musteqil bolup bolghan bolattuq, yaki héch bolmisa hazirqidin tereqqiy qilghan, bunche zulum tartmighan bolattuq..» « xitaylardinmu Gorbachéwdin biri chiqip qalghan bolsichu kashki..» dégenlirini anglighan, hetta özümmu bezide shundaq oylarda bolghan. Bu emeliyette, ré’alliqtin uzaq, balilarche shérin xiyal. Emma buninggha nahayiti muhim bir sélishturma yoshurun’ghan,. U bolsimu xitaylar bilen Rus we in’glizlargha oxshighan yawropa milletlirining xaraktéridiki roshen perqler ishare qilinghan. Bu dégenlik Xitaylarning Uyghurlargha hörlük bermesliki we ulargha toxtimay zulum sélishi, melum derijide, Xitay millitining omumi milliy xaraktéri bilenmu munasiwetlik.


2. Xitaylarning milliy xaraktéri we xitay hakimiyitining mustebitliki

Xitay millitining milliy xuy-xaraktéri, buning xitaylarning milliy medeniyiti, hayat terzi, we ular shekillendürgen siyasiy qurulma, tüzümlerge qandaq ijabiy we selbiy tesirlerni körsitip kelgenliki heqqide xitaylar özi we chet’ellikler teripidin yézilghan onlarche kitablar tépilidu. Buning hemmisini sözlisek gep uzirip kétidu. Lékin men bu yerde peqet qisqiche qilip, xitay millitining milliy xaraktérining xitaylarning mustemlike hökümranliqi astida zulum chékiwatqan biz Uyghurlargha, bizning tarixi teqdirimiz we bügünki hayatimizgha élip kelgen selbiy tesiri heqqidila toxtilimen.

Xitay millitining xaraktéride qulchiliq idiyisi chungqur yiltiz tartqan. Buning ré’alliqtiki ipadiliri bolsa, ajizlar küchlüklerge, namratlar baylargha, puqra emeldar we padishahlargha xushamet qilish, qulchiliq qilish. Zulum, heqsizlikke bash egish, süküt qilish, chidash, shexsning isteklirini zalim padishah, mustebit hökümranliq üchün qurban qilip bérishtin ibaret. Buning misallirini xitaylarning tarixi, téximu toghrisi yazma xatirisi bolghan 2500 yilliq tarixidin körüwalalaymiz.
Xitaylarning tarixida köpligen chong –kichik dölet-sulaliler qoruldi. Ularning mutleq köpchiliki zalim, mustebit idi. Oz xelqige qattiq zulum qilatti. Xitay puqraliri zalim padishahni aghdurush üchün küresh qilishning ornigha, boysunushni, süküt qilishni ewzel biletti. Chidap tursa, bir künlerde adil padishahtin biri textke chiqip yaxshiraq kün’ge érishishni xiyal qilip özlirige teselli béretti. Shunga xitay tarixida kop sulaliler almashqan bolsimu, ularning bezliri yat milletler teripidin qurulghan(mesilen mongghullar yüen sulalisini, manjular ching sulalisi qurghangha oxshash), yene birmunchisi, hakimiyet béshidikilerning hoquq talishish kürishi netijiside hökümranlar almiship, ular özliri qurghan padishahliq-sulalilerni ilgirikisidin perqlendürüsh üchün uninggha yéngi nam bérish bilen meydangha kelgen. Tarixta, xitay puqraliri erkinlik, hörlük üchün mustebit hakimiyet, zalim padishahqa qarshi küresh qilish arqiliq yéngidin adaletlik sulale, hakimiyetlerni qurup chiqqan misallar kem tépilidu.

Bügünki gherbning démokratiyisi, we uning yadrosi bolghan parlamént tüzümining bixliri, bundin 2500 yillar burun, Yawropa medeniyitining böshüki hésablan’ghan qedimki yunanda meydangha kelgen idi. Oxshash dewrde yashighan, xitay peylasopi Kungzi shagirtlirigha, özini bilip edepke qaytish, mensepdarlar bilen éytishmasliq, padishahning emrige shertsiz boysunush toghrisida telim bergen idi. Kéyinki 2000 yilliq tarixta, xitaylar Kungzini ewliya dep choqundi, we uning telimlirini özlirining hayatliq qiblinemasi qildi.

Xitaylarda qulchiliq idiyisi éghir bolghachqa, bu ularda, erkin pikir, yéngi idiyilerdin qorqidighan, yéngiliq we islah qilishni öch köridighan, békinmichilik xaraktérini yétildürgen. Del mushundaq seweblerdin, Xitayda mustebit, qalaq fé’odalliq tuzum 2000 yildin artuq dawam qildi. Yawropada yéqinqi 300 yilda yüz bergen, démokratiyilishish jeryanida bésip ötmise bolmaydighan jeryanlar, idiye islahati, ilghar küchlerning fé’odal mustebitlikke qarshi élip barghan küreshliri, kapitalizmning ghelibige érishishi, démokratik saylam, parlamént tüzümi qatarliqlarning héchbiri xitayda meydangha kelmidi. Netijide xitaylar mustebit tüzümge üzül-késil xatime béridighan, shexsning erkinliki we bixeterliki qanuni kapaletke ige qilinidighan, erkin we adaletlik bir tüzümge köchüsh pursitige érishelmidi. Ghéribi Yawropada meydangha kelgen, emma özi barliqqa kelgen tupraqta yiltiz tartalmighan kommunizm telimatining xitayda yiltiz tartishi we axirda ghelibige érishishi hem xitaylarning mustebitlikni yaqlaydighan xaraktérini körsitip béridu. Buni biz meshhur özige tartish qanunigha tetbiqlap chüshendürsek téximu asan bolidu. Bu qanun boyiche her shey’i özige oxshighan shey’ini özige jelp qilidu(tartidu). Kommunizm telimati mahiyette mustebitlikni, hakimmutleqliq terghib qilidighan telimat idi. Démek xitaylar, 2000 ming yildin artuq dawam qilghan mustebit fé’odalliq tuzumdin yene bir mustebit tüzümge köchti!

Xitay millitining xaraktéridiki yene bir amil, adalet, barawerlik we ademgerchilik tuyghulirining kemchil bolushidur.

Eslide xitay puqralirining özi hem mustebit xitay hakimiyitining zulumigha uchrighuchilardur. Bu nuqtidin qarighanda addiy xitay puqraliri bilen Uyghurlar melum derijide teqdirdash bolushi, awam xitaylar zulum chékiwatqan Uyghurlargha az-tola hésdashliq bildürüshi kérek bolatti. Emma biz héchbir zaman xitaylarning Uyghurlargha hésdashliq qilghinini körüp baqmiduq, del eksiche, xitay puqraliri oz millitidin bolghan mustebit hakimiyetning Uyghurlargha zulum qilishigha hemshérik bolup keldi.

Xulase qilsaq, xitay millitining xaraktéridiki yuqirida men tilgha élip otken terkibler, bir tereptin xitayda mustebit hakimiyetlerning arqimu-arqa meydangha chiqishigha we uning nechche ming yillap dawam qilishidiki muhim bir amil bolghan bolsa, yene bir tereptin, xitayda erkin, adaletlik bir tuzumning berpa bolushigha imkaniyet bermigen asasliq sewebtur.

Insan özide yoq nersini bashqilargha bérelmeydu. Xitay millitining jismi hor bolghan bilen rohi téxi hor emes. Oz millitigimu zulum qilidighan zalim hakimiyettin Uyghurlar üchün yaxshiliq kütüsh we erkinlik telep qilish, adalet tuyghusi bolmighan bir millet ezaliridin hésdashliq kütüsh xuddi qarighudin yol sorighandek bir ish.

Bezi Uyghurlar démokratik xitaylardin we xitaylarning démokratik tüzümge köchüshidin ümid kütidu. Lékin u kün qachan kélidu, Uyghurlar shu kün’giche oz kimlikini saqlap, mewjut bolup turalamdu? Buninggha bir nerse déyish tes.


3. Xitaylarning Uyghur éli we Uyghurlar heqqidiki qara niyiti

Xitaylarning Uyghurlargha buqeder qattiq zulum sélishi, ularning Uyghur élini ebedi özining qiliwélish qara niyiti bilenmu zich munasiwetliktur.

Uyghur éli, istratégiyilik orni muhim, yer üsti we yer asti bayliqliri mol bolghan bir göher zémin. Xitaylar bu zéminni qoldin chiqirip qoyushni esla xalimaydu. Shunga ular alliburunla, Uyghur élini ebediy özining qéliwélishni könglige pükken. Nöwette buninggha tosalghu boluwatqan chong amil Uyghurlarning milliy kimliki we bu kimlik tüpeyli Uyghurlarning méngisige chungqur ornap ketken, milliy musteqilliq arzusi.

Uyghurlarning milliy kimlikni teshkil qilghan eng asasliq amillar, Uyghur tili, Uyghur milliy medeniyiti we Uyghurlarning diniy étiqadi. Bu tosalghuni yoqitish üchün xitaylar Uyghurlarni ana tilidin, medeniyitidin we dinidin ayrish we axirda assimilyatsiye qilip tügitish pilanini tüzüp chiqti.

Xitaylar tarixta özige qoshna bolup yashighan, sani özidin az, til, medeniyet we din jehettin yéqinchiliqi bolghan nurghun milletlerni assimilyatsiye qilip yoqatqan. Xitaylar buning üchün özige bek temenna qoyidu. Herqandaq milletni éritip özimizge qoshuwalalaymiz-dep pexirlinishidu. Emma bu üstünlük Uyghurlargha kelgende ishlimey qaldi. Herhalda bügün’ge qeder.

Xitaylarning Uyghur élini bésiwalghandin tartip taki 1949-yili kommunist xitay hakimiyiti hoquqni qolgha alghangha qeder bolghan 200 yilgha yéqin jeryanda meydangha kelgen xitay hakimiyetlirining Uyghur élidiki mewjutluqi asasliqi ikki meqsette, biri Uyghur élining bayliqlirini talan-taraj qilish, yene biri, özidin ilgirikiler qaldurup ketken bu mirasni ching saqlap, özidin kéyinkilerge saq yetküzüp bérish bolghan idi. Bu mezgillerde xitaylarning, Uyghurlarni assimilyatsiye qilish meqsitide birer pilan tüzüp yürgüzgenlikini bilmeymiz. Bundaq bolushi belkim, bir tereptin, xitaylar özige bek ishinip, Uyghurlar tarixtiki bashqa milletlerdek asta-asta bizge singip yoqaydu dep ishen’gen yene bir tereptin, xitaylar u zamanlarda her jehettin qalaq, ajiz, namrat bolghachqa, undin sirt oz ichide toxtimay urush, qalaymiqanchiliqlar yüz bérip turghachqa Uyghurlarni assimilyatsiye qilip yoqitish üchün chare izdesh we uni yürgüzüshke ne qurbi we ne cholisi tegmigen bölishi mumkin. Shunglashqa 200 yilliq uzun bir jeryanda, Uyghur élige kelgen we olturaqlashqan xitaylar, asasliqi xitay emeldarliri we ularning a’ile teweliri, xitay sodigerliri, ichkiri xitaydin sürgün qilinghan jinayetchiler we az sanda köchmen xitaylardin terkib tapqan idi. 1949-yildiki Uyghur élining nopus statistikisida, xitaylarning Uyghur élidiki nopus sani texminen 300 ming etrapida bolup, omumi nopusning texminen 8% ni igileytti. Bu sewebtin Uyghurlar tili, medeniyiti we diniy chong tesirge uchrimighan, Uyghurlarning milliy mewjutluqi bügünkidek éghir tehditige duch kelmigen idi.
Xitaylar,1949-yili kommunist xitaylar hakimiyetni qolgha élip Uyghur élige bésip kirgendin kéyin, Uyghurlarni assimilyatsiye qilish we bu arqiliq Uyghur élini ebedi özige qoshuwélish meqsitige yétish üchün, emdi resmiy bash qaturdi we chare –tedbir tüzüshke bashlidi. Eng chong tedbirining biri, bingtuen qurush, xitay ahalilirini köchürüp kélip yerleshtürüsh we boz yer échish, yéngidin sheherlerni, yézilarni berpa qilish idi. Eslide xitaylar eyni zamandila, Uyghur élige nechce on milyonlap xitay ahalisini köchürüp kélip, Uyghurlarni biraqla az sanliq orungha chüshürüp qoyush we bu arqiliq Uyghurlarni tez arida assimilyatsiye qilip yoqitish pilanlirinimu qurghan idi. Emma Uyghur élide su menpesining qis, tebi’iy ékologiyilik kötürüshchanliqning intayin ajiz bolushi, eslide bar bolghan bostanliqlardiki ahalining burundinla zich we térilghu yerning qis bolushi qatarliq tebi’iy cheklimilikler tüpeyli, ularning bu meqsiti ishqa ashmidi. Undin bashqa, u mezgillerdimu, xitayla yenila qalaq, namrat idi. Xitaylarning Uyghurlarni assimilyatsiye qilish üstide jiddiy bash qaturushi, pilan-tedbirlerni tüzüshi we buni emeliyleshtürüsh üchün köplep meblegh chiqirishi, 90-yillardin, téximu toghrisi 2000-yillardin bashlandi. Bu, bir qisim milletchi xitay ziyalirining tili bilen éytqanda xitaylarning resmiy «oyghinishi» idi.

Atalmish qosh tilliq ma’arip, Uyghur ottura mektep oqughuchilirini ichkiri ölkilerge apirip oqutush, kéyinche, éshincha emgek küchlirini ishqa orunlashturush namida yash Uyghur qiz-oghullarni ichkirige yötkesh, ularni ichkiride olturaqliship qélish we xitaylar bilen turmush qurushigha righbetlendürüsh, yéza-qishlaqlarghiche heqsiz xitayche yesli échish.. qatarliqlar nöwette xitaylarning Uyghurlarni tézdin assimilyatsiye qilip yoqitish üchün qanchilik aldirawatqanliqining roshen delili.

Buningdin bashqa xitaylar nöwette, diniy ashquluq, esebiylikke qarshi turushni bahane qilip, Uyghurlarning normal diniy pa’aliyitini qattiq cheklewatidu.

Xitaylarning Uyghurlarning milliy kimlikini yoqitish üchün nöwette Uyghur élide yürgüzüwatqan yuqiriqidek qilmishliri, Uyghurlargha nisbeten tamamen dégüdek, mejburlash, kemsitish, jazalash tüsini alghan bolup, buning ozila bir zulum! We bu Uyghurlar burundin tartiwatqan zulumning hessilep küchiyishini keltürüp chiqarmaqta.

Elbilgin
15-07-17, 18:50
نېمە ئۈچۈن خىتايلار ئۇيغۇرلارغا بۇنچە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ

شۇڭقار تېكىن
2017.يىلى 7.ئاينىڭ 8.كۈنى


خىتايلارنىڭ ھەر تۈرلۈك تەتقىقاتلىرىدا ۋە كۆپ ساندىكى ئىجتىمائى ئۇچۇر توربەتلىرىدە “ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا نېمە ئۈچۈن ئۆچلۈكى” ھەققىدە كۆپ مۇنازىرىلەر ۋە مۇھاكىمىلەر بولغانلىقىنى بىلىمىز . نۆۋەتتە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى جىددى خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇ پەيتلەردە “ خىتايلار نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا بۇنچە ئۆچ” دېگەن مەسىلە ئۇيغۇر ئاڭلىقلىرى چوقۇم چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك تېما بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىش ئۇيغۇر بىلىم ئىگىلىرىنى ئۇيغۇر - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا، ئۆز دۈشمىنى بولغان خىتايلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان يوقۇتۇش سىياسىتىنى ياخشى چۈشۈنۈشكە يېتەكلەيدۇ.خىتايلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ئۆچلۈكى ھەممە ئادەم بىلىدىغاندەك كۆرۈنىدىغان ئەمما يىلتىزى تولىمۇ چوڭقۇر بولغان بىر مەسىلە. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆچلۈكىنىڭ ئەڭ تۈپ سەۋەبى زېمىن ۋە ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، يەرلىك مىللەت بىلەن تاجاۋۇزچى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن ئىبارەت. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر ۋەتىنىگە تەيىنلەنگەن خىتاينىڭ بۇ رايۇندىكى ھوكۈمرانىنىڭ چەكسىز ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ “ مۇقىملىق”نى قوغدىشى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى نەچچە مىڭ يىللارغا سوزۇلغان تارىخى زىددىيەتلەر، ۋە خىتاينىڭ ئاتالمىش مىللى سىياسەتىنىڭ بۇ ئۆلكىدىكى مىللى مەسىلىنى ھەل قىلىشتا مەغلۇپ بولغانلىقى بۇ ئۆچمەنلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن دەپ قاراشقا بولىدۇ.


ئەڭ تۈپكى زىددىيەت زېمىن ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى

بىزنىڭ خىتاينى قانچىلىك دەرىجىدە چۈشۈنىشىمىز خىتايغا قانچىلىك دەرىجىدە قارشىلىق قىلالايدىغانلىقىمىزنى بەلگىلەيدۇ. خىتاينىڭ ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىدە ئۆزىگە قارشى تۇرغانلارنى، پۇقرالارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قەتئى كەچۈرمەيدۇ. ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى باشقا مىللەتلەرگە بولسا تېخىمۇ شەپقەتسىز سىياسەت يۈرگۈزىدۇ ۋە قارشىلىق قىلغانلارنىڭ ئۇرۇغىنى قۇرۇتۇش سىياسىتىنى قوللىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاينىڭ تۈپ زىددىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىن ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن. خىتايلارغا ناھايىتى ئايدىڭكى، ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ ئۇلار ئۆزلىرىنى جۇڭگولۇق ياكى خىتاي دەپ تونۇمايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستاننى ۋەتەن دەپ بىلىدۇ. مۇشۇ ئىدىيە يوقالمايلا تۇرىدىكەن بۇ زېمىن خىتاي ئۈچۈن مەڭگۈ ئەمىن بولمايدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا زېمىن ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەڭ نازۇك ۋە دەخلىسىز ھوقۇق بولۇپ كەلمەكتە. خىتايلار بۇ زېمىننىڭ ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى ئۆزلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي نۇرغۇن ھەقىقەتلەرنى يوشۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكى ھەققىدىكى ئېڭى ۋە ئۆزلىرىنى دۇنياغا تونۇتۇشى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى خۇددى خىتايدىكى باشقا مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرغاندەك يوقۇتۇش خىيالىنى بەربات قىلىۋەتتى .ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ شۇنچە باستۇرۇش ۋە سىڭدۈرۈش سىياسىتى ئاستىدا تۇرۇپمۇ خىتايغا بويسۇنماسلىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللى ئىرادىسىدىن كەچمەسلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى داۋاملىق ئاشۇرغان. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى مىللەتنىڭ بارلىقىدىن ۋە كەلگۈسىدىن دېرەك بېرىدۇ، خىتاي ئۈچۈن بولسا ئۆز دۆلىتىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىدىن ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ زېمىندىكى بايلىق بۇ يەرنىڭ قىممىتىنىڭ بىر قىسمى خالاس، خىتاي ئۈچۈن بۇ زېمىننىڭ مۇھىملىقى ئۇنىڭ ستراتېگىيەلىك قىممىتىدە. خىتاينىڭ خوڭكوڭ بىلەن ۋە تەيۋەن بىلەن بولغان زىددىيىتىنىڭ ئاساسى نۇقتىسىمۇ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى. بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدىكى قوشنىلىرى بىلەن بولغان زىددىيىتى تالاش تارتىشتىكى ئاراللارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. يەھۇدىلارنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە بولغان ئۆچمەنلىكىنىڭ نېگىزىمۇ يەنىلا ئىگىلىك ھوقۇق ۋە زېمىن مەسىلىسىدۇر. ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ زىددىيەتنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار مەۋجۇتلا بولىدىكەن مۇستەقىللىق ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، خىتايمۇ قانچىلىك بەدەل تۆلەپ بولسىمۇ بۇ زېمىننى تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشىدۇ. خىتاينىڭ پىلانى بۇ زېمىننىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى مەنىۋى جەھەتتىن خىتاينىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇشلا ئەمەس بەلكى جىسمانى جەھەتتىنمۇ خىتاينىڭ تەركىۋىگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھازىر خىتاينىڭ ئوچۇق ئاشكارا مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈپ ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن يوقۇتۇشنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز.


ئىگىلىك ھوقۇقى ( Soveriegnty) دېگەن نېمە؟

بىر مىللەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەرقانداق خەلقارا قانۇندىنمۇ ئۈستۈن بولغان ھوقۇق بولۇپ، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇش، تەرەققى قىلىش، ۋە ھەرقانداق ۋاستە بىلەن ئۆزى دۇچ كەلگەن تەھدىتلەرگە قارشى تۇرۇش ھەم قوغدىنىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ قانۇنى جەھەتتىن خىتاي دۆلىتىنىڭ 20% دىن ئارتۇق زېمىنىنى ئىگەلەيدىغان تۇپراقنىڭ قانۇنى ئىگىلىرى. ئۇيغۇرلار ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغاچقا، كۆرۈنۈشتە بىرىنچى قول باشلىق ئۇيغۇرلاردىن ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىغا كۆچۈرۈشتە قانۇنى جەھەتتىن ئاپتونۇم رايۇن رەئسى قول قويۇشى كېرەك. 2002 .يىلى ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ 7 مىليون خىتاي كۆچمەن ئۈچۈن تەستىق سالغانلىقنى بىلىمىز.

ئىگىلىلىك ھوقۇقلۇق مىللەت ئۆلچىمى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەپ، ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق مۇستەقىللىق يولىغا ماڭالايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە كۇردلار ئىراقتىكى ئاپتونمىيە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ مۇستەقىللىق ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە 2017ٜ .يىلى 9 .ئايدا كۇردلار مۇستەقىللىق ئۈچۈن رېفاراندۇم ئېلىپ بارىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ جىمىكى ھوقۇقلىرى پۇتۇنلەي دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ئۇيغۇرلارنى مىللى مەۋجۇتلۇقىدىن مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن چارىلەرنى ئىشلەتمەكتە. شۇنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەككى، قانۇنى ئاساس ۋە ئادالەت نۇقتىسىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئۈستۈندۇر. 2011 .يىلى جەنۇبى سۇدان دەل مۇشۇ پرىنسىپتىن پايدىلىنىپ رېفاراندوم ئارقىلىق مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بارلىق زۇلۇملىرى، جىسمانى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئېلىپ بېرىۋاتقان يوقۇتۇش سىياسىتىنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى يەنىلا ئۇيغۇرلاردىن بۇ زېمىنننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي تارتىۋېلىش ئۈچۈن. خىتاي ساختا تارىخ ۋە تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قانداقتۇر بۇ يەرگە باشقا يەردىن كۆچۈپ كەلگەن، بۇ يەرنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى ئۇيغۇرلار ئەمەس دېگەندەك سەپسەتىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھېسىياتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن. ئەڭ بولمىسا خېلى كۆپ ساندىكى خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگولۇق ئەمەسلىكىگە ۋە قانداقتۇر باشقا يەردىن كېلىپ قالغان يات خەلق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ قاتتىق تىزگىنلىنىشىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى تۇيغۇسىنىڭ يوقۇتۇلۇشى ئۈچۈن . ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئاساسى بۇ تۇپراقنىڭ قانۇنى ئىگىسى بىلەن تاجاۋۇزچى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە ئۆچمەنلىكتىن ئىبارەت.


خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سېكرىتارى سىياسەتنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى يەرلىك ھۆكۈمرانى بۇ رايۇندىكى ۋەزىيەتنىڭ قانداقلىقنى بەلگىلەپ كەلدى. ياڭ زېڭشېڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە خىتاينىڭ بۇ رايۇندىكى باش ئەمەلدارى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن خالىغانچە سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلدى ۋە ئۇيغۇر -خىتاي ئۆچمەنلىكىنىڭ يېڭى پەللىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ تۇردى .گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا شۇ قەدەر ئۆچ بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەپلەرنى شېڭ شىسەيگە ئارتىشقا ئۇرۇنغان . ۋاڭ لېچۈەننىمۇ ئۇ يۈرگۈزگەن قاتتىق قول سىياسەتلىرى

سەۋەبىدىن ئەيىپلەيدىغانلار بولغان ۋە 5.ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ئۇنى يۆتكەپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان . خىتاي كومپارتىيەسى شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن بۇ رايۇندا تىكلىگەن ئەمەلدارلىرى چەكسىز ھوقۇققا ئىگە بولۇپ

كەلگەن ۋە بۇ رايۇننى مۇقىم تۇتۇپ تۇرالىسىلا خىزمەت كۆرسەتكەن ھېساپلانغان.ۋاڭ جېن ( 1949-1952) دىن تارتىپ ، ۋاڭ ئېنماۋ( 1952-1966، 1981-1985)، لوڭ شۇجېن ( 1970-1972)، ۋاڭ فېڭ( 1978-1981)، سوڭ خەنلياڭ ( 1985-1995)، ۋاڭ لېچۈەن( 1994-2010)، جاڭ چۇنشەن ( 2010-2016)، چېن چۈەنگو ( 2016- ھازىرغىچە ) غىچە بولغان سېكرىتارلارنىڭ ھەممىسىلا ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ يەرلىك خاقانلىرى بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ سىياسى ئىستىقبالى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ھېچقاچان يۇمشاق قوللۇق قىلغان ئەمەس ۋە ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىكنى خىتاي ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ بەلگىسى قىلىپ كەلگەن.

ۋەتەندىكى ۋەزىيەت چېن چۈەنگو تەختكە چىققاندىن بېرى، بولۇپمۇ 2017ٜ. يىلى ئاپرىلدىن بېرى تېخىمۇ چىڭىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. گەرچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئومۇمى سىياسىتى باشلىق ئالماشقان بىلەنلا ئۆزگىرىپ كەتمىسىمۇ، سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى كەلگەن باشلىقنىڭ خۇي پەيلىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇٜ بۇ ھەقتە غەرپلىك مۇلاھىزىچىلەنرىڭ پىكرىمۇ بۇ رايۇندىكى كومپارتىيەنىڭ باش ئەمەلدارىنىڭ يەرلىك سىياسەتنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. چېن چۈەنگو ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن “ شىنجاڭ”نى چوقۇم بۇرۇنقىلاردىنمۇ ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك، بولمىسا كۆزگە كۆرۈنەلمەيدۇ .بۇ دېگەنلىك رايۇننى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشنى ۋە خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئىشلارنىڭ چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدىنلا خاتا ۋە ئىنسانى ھوقۇقلارغا خىلاپ بولغان سىياسەتنىڭ رايۇندا ياخشى بىر ۋەزىيەت مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن بولمىغاچقا ۋە يېڭى باشلىقنىڭمۇ قاتتىق باستۇرۇشتىن باشقا ئالاھىدە ئىقتىدارى بولمىغاچقا بۇ رايۇننىڭ ۋەزىيىتى پەقەت يامان تەرەپكە قاراپلا ماڭىدۇ. چېن چۈەنگو ۋە ئۇنىڭ پىشقەدەملىرىگە خىتاي بۇ رايۇندا چەكسىز ھوقۇق بەرگەن، شۇڭا ئۇلار بۇ رايۇندا سىياسەتنى خالىغانچە چىڭىتالايدۇ ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن سوراققا تارتىلمايدۇ. بۇ تېگىدىن ئېيتقاندا مۇستەملىكىچىلىك سىياسەتنىڭ ئالاھىدىلىكى.


تارىخى ئۆچمەنلىكنىڭ بۈگۈنكى تەسىرى

ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئاز دېگەندە 3 مىڭ يىلدىن بېرى قوشنا ياشاپ ھەرخىل مۇناسىۋتلەردە بولۇپ كەلگەن. ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە دۈشمەنلىكمۇ 3 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە. خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۇيغۇرلارنى باشقۇرۇشتا ۋە ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتا تارىخى ساۋاقلاردىن پايدىلىنىشنى ۋە قىساسنى ئۇنۇتمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىمۇ خىتايلارنىڭ باشقىلارنىڭ قىممەت قاراشلىرى بىلەن چىقىشالمايدىغان تەبىئىتىنى ئوبدان چۈشۈنۇپ يەتكەن بولغاچقا بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشىدا مۇنداق خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان : “ تابغاچلار ( خىتايلار) ئالتۇن ، كۆمۈش، يىپەك رەختلەرنى سېخىلىق بىلەن بېرىدۇٜ. تابغاچلارنىڭ سۆزى تاتلىق، يىپەكلىرى يۇمشاق ئىكەن. تاتلىق گەپلەر ۋە يۇمشاق يىپەكلەر بىلەن يىراق خەلقنى ئۆزىگە شۇنداق يېقىنلاشتۇرىدىكەن، يېقىنلاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن يامانلىق قىلىشقا باشلايدىكەن . ئىقتىدارلىق ۋە ئېسىل كىشىلەرنى پاتقۇزمايدىكەن .بىر كىشى خاتالاشسا جەددى-جەمەتى، ئۇرۇق- ئەۋلادىغىچە ئۆچمەنلىك قىلىدىكەن، ھەتتا بۆشۈكتىكى بالىلارغىچە ئاياپ قويمايدىكەنٜ. “

يىراق قەدىمنى قويۇپ تۇرۇپ يېقىنقى 200 يۈز يىللىق تارىخقا قارىساقمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ رايۇندىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ھەرگىزمۇ ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تارىختىن قالغان ئۆچمەنلىكنىڭ تەسىرىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. خىتايلارنىڭ ياپونلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى خىتايلارنىڭ مىللى روھىنى ئۇرغۇتۇشتىكى بىر مەنبەسى. خىتايلارنىڭ ياپونلارغا ئۆچلۈكى تارىخى سەۋەپ ، يەنى ياپونلارنىڭ خىتايلارنى مۇستەملىكە قىلغانلىقىدىن بولغان. بۈگۈنكى كۈندە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى نۇرغۇن زىددىيەتلەرنىڭ تارىختىن قالغان زىددىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. بۇلغارلارنىڭ ۋە گرېكلارنىڭ تۈركلەرگە ئۆچ بولۇشى، ئەرمەنلەرنىڭ تۈركلەرگە ئۆچمەنلىكى، يەھۇدىلارنىڭ گېرمانلارغا بولغان قىساسخورلۇقى دېگەندەك مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى تارىخى ۋەقەلەرنىڭ مەھسۇلىدۇر . خىتاي تېخى ئالدىنقى ئەسىردىلا ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلغانلىقىمىزنى ۋە خىتايلارنى زېمىنىمىزدىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىۋېتىشكە تاسلا قالغانلىقىمىزنى ئۇنۇتۇپ قالغىنى يوق. بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان دۆلەت تېررورلۇق سىياسىتى، ئۇرۇق - تۇققانلارنىڭ جەم بولۇشىنىمۇ چەكلىشى ۋە ئۇنىڭدىن ئەنسىرىشى ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىللىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. خىتايلار تارىختىن پايدىلىنىپ كاللا يۇيۇشقا ۋە باشقىلارنى يامان كۆرسىتىشكە ئۇستا ۋە بۇ ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى . ھازىرمۇ خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن سۈركىلىپ، پاكىستان بىلەن ئاپاق- چاپاق بولۇشىمۇ تارىختىكى ئۆچ ئادەۋەت مەسىلىسىدىن يىراق ئەمەس.

خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرى قالاق، ئوغرى، پىچاقچى قىلىپ يامان كۆرسىتىپ كەلگەن بولسا، كېيىنچە ئۇيغۇرلارنى ئىسيانچى، تېرورچى، ئاشقۇن كۆرسىتىپ كەلدى. بولۇپمۇ 5. ئىيۇل ۋە كۇنمىڭ ۋەقەلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ خۇنۈكلەشتۈرۈپ خىتاي خەلقى ئىچىگە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەت ئۇرۇقلىرىنى چاچتى.


خىتاينىڭ ئاتالمىش مىللى سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتى

خىتاينىڭ ئاتالمىش مىللى سىياسىتى مىللى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى دەپ تەرىپلەنگەن، ھالبۇكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قوللىنىلغان مىللى سىياسەت پەقەت شەكىل جەھەتتىكى يالغان سىياسەت بولغىنى ئۈچۈن بۇ زېمىندىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىپ بارىدۇكى ھەل قىلالمايدۇ. 5.ئىيۇل قىرغىنچىلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ئاتالمىش مىللى سىياسەتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. خىتاينىڭ ۋاڭ لېچۈەندىن كېيىن بۇ يەرگە تەيىنلىگەن سېكرىتارلىرى بۇ رايۇننى ئۆز كۆڭلىدىكىدەك باشقۇرالمىغانسېرى تېخىمۇ غالجىرلىشىدۇ. بىز بۇنى چېن چۈەنگونىڭ يېقىنقى سىياسەتلىرىدىن كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز.

جۇ كۇنرېن “ شىنجاڭدىكى مىللى بۆلگۈنچىلىك مەسىلىسى توغرىسىدا يۈزەكى مۇھاكىمە” سىدە ئېنىق قىلىپ خۇ ياۋباڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللى سىياسىتىنى كەسكىن تەنقىد قىلغان. جۇ كۇنرېننىڭ قارىشىچە، خىتاي خۇ ياۋباڭ دەۋرىگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەدىنىيىتى ۋە دىنى ئېتىقادىنى يوقۇتۇشتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ بولغان . ئۇيغۇرلار تىل، مەدىنىيەت ۋە ئېتىقاد جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى يوقاتقان ۋە مىللى روھى سۇسلاشقان. ئەمما خۇ ياۋباڭنىڭ خاتا سىياسەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا تولۇق ئاپتونومىيە ھۇقۇقى بېرىۋېتىلگەن ۋە ئۇيغۇرلار قايتىدىن ئۆزىنى ئوڭشىۋالغان . ئەگەر ئاشۇ خاتا سىياسەتلەر يولغا قويۇلماي، ۋاڭ جېندىن تارتىپ داۋام قىلىنىپ كەلگەن يوقۇتۇش سىياسىتى داۋام قىلغان بولسا ئۇيغۇرلارنى خىتايغا سىڭدۈرىۋېتىش زور دەرىجىدە تېزلەشكەن بولاتتى.

ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈستىدە يۈرگۈزلىۋاتقان سىياسەتنىڭ ئادەم ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە قەبىھ ۋە رەزىل بولۇشى، خۇددى خىتاينىڭ مەدىنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكىدەك ۋەزىيەتنىڭ قايتا تەكرارلىنىشى بىزگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سىياسىتىنىڭ خۇددى جۇ كۇنرېن تەشەببۇش قىلغاندەك خۇ ياۋباڭدىن ئىلگىرىكى دەۋرگە قايتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى يۈرگۈزگەن، ئۆزى خاتا دەپ ئېتىراپ قىلغان سىياسەتلەرنى قايتا يۈرگۈزۈشتىن يانماسلىقى، خىتاينىڭ ئاتالمىش مىللى سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتى ھېساپلىنىدۇ. ئەمدى خىتاي ئوچۇق -ئاشكارە مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۇشكە مەجبۇر. چېن چۈەنگو دەل مۇشۇ سىياسەتنىڭ ئىجراچىسى ۋە جۇ كۇنرېننىڭ تەشەببۇسلىرىنى ئاكتىپ قوللۇغۇچى .ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بىلىملىكلەر ۋە ئىگىلىكچىلەر تۇتقۇن قىلىنماقتا، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمتىگە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلارمۇ ئىككى يۈزلىمىلىكتە ئەيىپلىنىپ تۇتقۇن قىلىنماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن شۇنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، چېن چۈەنگو ھەققىدىكى بەزى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلغاندا، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ۋەزىيەت ئالاھىدە چىڭىپ كەتكەن ئالدىنقى نەچچە ئايدىن بېرى چېن ئىكران يۈزىدە ئاساسەن كۆرۈنمىگەن .چېننىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقى ھەققىدە بەزى ئېنىقسىز ئۇچۇرلار بار. ئەگەر سۆڭەك راكىغا گىرىپتار بولغان چېن ھېلىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا بولسا جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىكى كېسەل ئۇنى تېخىمۇ غالجىرلاشتۇرىدۇ. ئەگەر ئۇ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يوق بولسا، ئۇنىڭ مۇئاۋىنلىرى ياكى ۋاقىتلىق ئۇنىڭ ئورنىدا ھوقۇق يۈرگۈزگەنلەر ئەلۋەتتە ئۇنىڭ يوقلۇقىدا چاتاق چىقماسلىقى ئۈچۈن ھەم مەسئۇلىيەتنىڭ ئارتىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزىدۇ. سىياسەتنىڭ تۇيۇقسىز بۇنداق قاتتىقلىشىپ كېتىشىدە شۇنداق بىر سەۋەپلەرنىڭ بولۇشى ئېنىق .شۇنداقلا بۇ يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىڭ ئىچكى قىسمىدا بىر ئۆزگىرىشنىڭ بولغانلىقىدىن ياكى بولىۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتاي دۆلىتىنى باشقۇرۇشتىكى مەغلۇبىيەت ئىكەنلىكىنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى خىتايلارمۇ ئوچۇق كۆرسىتىدۇ. خىتايشۇناش پېتېر ھاسسلەر (Peter Hassler) ئۆزىنىڭ River Town (دەريا كەنت) دېگەن ئەسىرىدە خىتايلارنىڭ تولىمۇ ناچار بىر مۇستەملىكىچى ئىكەنلىكى، خىتايلارنىڭ خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى چۈشۈنەلمەيدىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلىدۇ .

ئويغان ئۇيغۇر ۋە ئۇيغانغان زېمىنلار ئويغاقلار چۈشۈنەلەيدىغان ۋە سەگەكلەرنى ئويغۇتالايدىغان سىگناللار ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن مىللەتنىڭ ئويغۇنۇشى، ئۇيغۇر مەرىپەت-مائارىپ ئىشلىرى زور چەكلىمىگە ئۇچرىغان ۋە ئىدىيە بوغۇلغان ئەھۋالدا، ئاخىرقى ھېساپتا خىتاينىڭ قانلىق قامچىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى 20 يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇر پىكىر ئىگىلىرى پەرەز قىلىشقان ئىدى. بىز بۈگۈن شۇنىڭ روشەن دەلىللىرىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز.

خىتاينىڭ زۇلمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغۇنىشى ۋە ئۆز مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنىڭ زور تۈرتكىسى . بۇ ئويغىنىش ۋە بىرلىشىش بىر مىللەت ئۈچۈن زور پۇرسەت ۋە تولىمۇ قىممەتلىك سۈپەتتۇر.

خىتاي بۇ ئەسىردە ھەتتا چېگرا ھالقىپ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ كېلەلەيدىغان ۋە بەزى دۆلەتلەرنى سېتىۋېلىپ ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈۋالالايدىغان بولدى. خىتاي ھازىر ئۇيغۇرلارغا قارشى خالىغان ئىشلارنى قىلالىشى مۇمكىن ئەمما يېتىمەن دېگەن مەقسىدىگە يەتەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلارنى باستۇرالايدۇ ئەمما كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ

Elbilgin
15-07-17, 18:52
Néme Üchün Xitaylar Uyghurlargha Bunche Öchmenlik Qilidu

Shungqar Tékin
2017-7-8

Xitaylarning her türlük tetqiqatlirida we köp sandiki ijtimai uchur torbetliride “ uyghurlarning xitaylargha néme üchün öchlüki” heqqide köp munaziriler we muhakimiler bolghanliqini bilimiz . Nöwette uyghur millitining mewjutluqi jiddi xirislargha duch kéliwatqan mushu peytlerde “ xitaylar néme üchün uyghurlargha bunche öch” dégen mesile uyghur angliqliri choqum chongqur oylinip béqishqa tégishlik téma bolup qalghandek qilidu. Bu mesile üstide oylinish uyghur bilim igilirini uyghur - xitay munasiwetliri üstide chongqur oylinishqa, öz düshmini bolghan xitaylarni we ularning uyghurlargha qarshi yürgüzüwatqan yoqutush siyasitini yaxshi chüshünüshke yétekleydu.xitaylarning néme üchün uyghurlargha öchlüki hemme adem bilidighandek körünidighan emma yiltizi tolimu chongqur bolghan bir mesile. Xitaylarning uyghurlargha öchlükining eng tüp sewebi zémin we igilik hoquq mesilisi, yerlik millet bilen tajawuzchi millet otturisidiki ziddiyettin ibaret. Undin bashqa uyghur wetinige teyinlen'gen xitayning bu rayundiki hokümranining cheksiz hoquqini yürgüzüp “ muqimliq”ni qoghdishi, uyghurlar bilen xitaylar otturisidiki nechche ming yillargha sozulghan tarixi ziddiyetler, we xitayning atalmish milli siyasetining bu ölkidiki milli mesilini hel qilishta meghlup bolghanliqi bu öchmenlikni téximu kücheytken dep qarashqa bolidu.


Eng tüpki ziddiyet zémin we igilik hoquqi mesilisi

Bizning xitayni qanchilik derijide chüshünishimiz xitaygha qanchilik derijide qarshiliq qilalaydighanliqimizni belgileydu. Xitayning hakimiyet chüshenchiside özige qarshi turghanlarni, puqralarning qarshiliq heriketlirini qet'i kechürmeydu. Özining bashqurushi astidiki bashqa milletlerge bolsa téximu shepqetsiz siyaset yürgüzidu we qarshiliq qilghanlarning urughini qurutush siyasitini qollinidu. Bügünki künde uyghurlar bilen xitayning tüp ziddiyiti uyghurlarning zémin we igilik hoquqi mesilisige merkezleshken. Xitaylargha nahayiti aydingki, uyghurlar xitaylarning hökümranliqi astida yashawatqan bolsimu ular özlirini junggoluq yaki xitay dep tonumaydu, ular özliri yashawatqan sherqi türkistanni weten dep bilidu. Mushu idiye yoqalmayla turidiken bu zémin xitay üchün menggü emin bolmaydu. Bügünki dunyada zémin we igilik hoquqi mesilisi milletler we döletler arisidiki eng nazuk we dexlisiz hoquq bolup kelmekte. Xitaylar bu zéminning uzaq waqitlardin béri özlirige tewe ikenlikini tekitlep kéliwatqan bolsimu, bügünki künde xitay nurghun heqiqetlerni yoshuralmaydighan bolup qaldi. Shundaqla uyghurlarning öz kimliki heqqidiki éngi we özlirini dunyagha tonutushi xitaylarning uyghurlarni xuddi xitaydiki bashqa milletlerni xitaylashturghandek yoqutush xiyalini berbat qiliwetti .uyghurlarning xitayning shunche basturush we singdürüsh siyasiti astida turupmu xitaygha boysunmasliqi, igilik hoquqi we milli iradisidin kechmesliki xitay hökümitining uyghurlargha bolghan öchmenlikini dawamliq ashurghan. Uyghurlargha nisbeten uyghurlarning zémini milletning barliqidin we kelgüsidin dérek béridu, xitay üchün bolsa öz dölitining zémin pütünlükidin we igilik hoquqidin dérek béridu. Bu zémindiki bayliq bu yerning qimmitining bir qismi xalas, xitay üchün bu zéminning muhimliqi uning stratégiyelik qimmitide. Xitayning xongkong bilen we teywen bilen bolghan ziddiyitining asasi nuqtisimu igilik hoquqi mesilisi. Bügünki künde xitayning jenubi déngizdiki qoshniliri bilen bolghan ziddiyiti talash tartishtiki arallargha bolghan igilik hoquq mesilisidin kélip chiqiwatidu. Yehudilarning pelestinliklerge bolghan öchmenlikining négizimu yenila igilik hoquq we zémin mesilisidur. Uninggha sélishturghanda uyghurlar bilen xitayning uyghur wetinige bolghan igilik hoquqi mesilisi ikki millet otturisidiki eng chong ziddiyetni peyda qilidu. Uyghurlar mewjutla bolidiken musteqilliq arzusidin waz kechmeydu, xitaymu qanchilik bedel tölep bolsimu bu zéminni tutup turushqa tirishidu. Xitayning pilani bu zéminning warisliri bolghan uyghurlarni meniwi jehettin xitayning bir qismigha aylandurushla emes belki jismani jehettinmu xitayning terkiwige aylandurushni meqset qilidu. Hazir xitayning ochuq ashkara mustemlikichilik siyasiti yürgüzüp uyghurlarni her jehettin yoqutushni tézlitiwatqanliqini körüp turuptimiz.


Igilik hoquqi ( Soveriegnty) dégen néme?

Bir milletning igilik hoquqi herqandaq xelqara qanundinmu üstün bolghan hoquq bolup, bir milletning mewjut bolush, tereqqi qilish, we herqandaq waste bilen özi duch kelgen tehditlerge qarshi turush hem qoghdinish hoquqini körsitidu. Uyghurlar hazirmu qanuni jehettin xitay dölitining 20% din artuq zéminini igeleydighan tupraqning qanuni igiliri. Uyghurlar aptonomiye hoquqigha ige bolghachqa, körünüshte birinchi qol bashliq uyghurlardin we xitay köchmenlirini uyghur aptonom rayunigha köchürüshte qanuni jehettin aptonum rayun resi qol qoyushi kérek. 2002 .yili ismayil tiliwaldining 7 milyon xitay köchmen üchün testiq salghanliqni bilimiz.

Igililik hoquqluq millet ölchimi bilen uyghurlar öz teqdirini özi belgilep, omumi xelq awaz bérish arqiliq musteqilliq yoligha mangalaydu. Bügünki künde kurdlar iraqtiki aptonmiye hoquqidin paydilinip musteqilliq üchün teyyarliq körmekte 2017ٜ .yili 9 .ayda kurdlar musteqilliq üchün réfarandum élip baridu. Uyghurlarning jimiki hoquqliri putunley depsende qiliniwatqan bügünki künde xitay uyghurlarni milli mewjutluqidin mehrum qilish üchün pütün charilerni ishletmekte. Shuni éniq bilishimiz kérekki, qanuni asas we adalet nuqtisidin uyghur millitining igilik hoquqi xitay dölitining igilik hoquqidin üstündur. 2011 .yili jenubi sudan del mushu prinsiptin paydilinip réfarandom arqiliq musteqilliqini qolgha keltürgen.

Xitayning uyghurlargha qiliwatqan barliq zulumliri, jismani we meniwi jehettin élip bériwatqan yoqutush siyasitining axirqi meqsidi yenila uyghurlardin bu zéminnning igilik hoquqini pütünley tartiwélish üchün. Xitay saxta tarix we teshwiqatliri arqiliq uyghurlarni qandaqtur bu yerge bashqa yerdin köchüp kelgen, bu yerning esli igiliri uyghurlar emes dégendek sepsetilerni kötürüp chiqishi uyghurlarning igilik hoquqi hésiyatini ajizlashturush üchün. Eng bolmisa xéli köp sandiki xitaylar uyghurlarning junggoluq emeslikige we qandaqtur bashqa yerdin kélip qalghan yat xelq ikenlikige ishinidu. Uyghurlar tarixigha munasiwetlik uchurlarning qattiq tizginlinishimu uyghurlarning milli tuyghusining yoqutulushi üchün . Uyghurlar bilen xitay arisidiki ziddiyetning asasi bu tupraqning qanuni igisi bilen tajawuzchi millet otturisidiki ziddiyet we öchmenliktin ibaret.


Xitayning uyghur diyaridiki sékritari siyasetning qandaq bolushini belgileydu

Xitayning Uyghur wetinidiki yerlik hökümrani bu rayundiki weziyetning qandaqliqni belgilep keldi. Yang Zéngsheng’din tartip hazirghiche Xitayning bu rayundiki bash emeldari Uyghurlar üstidin xalighanche siyaset yürgüzüp keldi we Uyghur -Xitay öchmenlikining yéngi pellilirini meydan’gha keltürüp turdi. Gomindang hökümiti Uyghurlarning Xitaylargha shu qeder öch bolup kétishidiki seweplerni Shéng Shisey’ge artishqa urun’ghan. Wang Lequan’nimu u yürgüzgen qattiq qol siyasetliri sewebidin eyipleydighanlar bolghan we 5.Iyul qirghinchiliqidin kéyin uni yötkep kétishke mejbur bolghan. Xitay kompartiyesi Sherqi Türkistan’ni ishghal qilghandin kéyin bu rayunda tikligen emeldarliri cheksiz hoquqqa ige bolup kelgen we bu ranunni muqim tutup turalisila xizmet körsetken hésaplan’ghan. Wang zhen ( 1949-1952)din tartip , Wang Enmao( 1952-1966, 1981-1985), Long Shuzhen ( 1970-1972), Wang Feng( 1978-1981), Song Hanliang ( 1985-1995), Wang Lequan ( 1994-2010), Zhang Chunshan ( 2010-2016), Chen Quanguo( 2016- hazirghiche )’ghiche bolghan sékritarlarning hemmisila Uyghur wetinining yerlik xaqanliri bolup özlirining siyasi istiqbali üchün Uyghurlarni basturushta héchqachan yumshaq qolluq qilghan emes we hemmisi dégüdek Uyghurlargha bolghan öchmenlikni Xitay wetenperwerlikining belgisi qilip kelgen.

Wetendiki weziyet Chen Quanguo textke chiqqandin béri, bolupmu 2017.yili Aprildin béri téximu chingip ketkenlikini körüp turuptimiz. Gerche Xitayning Uyghurlargha qaratqan omumi siyasiti bashliq almashqan bilenla özgirip ketmisumu, siyasetning ijra qilinishi kelgen bashliqning xuy peylige munasiwetlik bolidu. Bu heqte Gherplik mulahizichilenring pikrimu bu rayundiki Kompartiye’ning bash emeldarining yerlik siyasetning qandaq bolushini belgileydighanliqini körsetmekte. Chen Quanguo wezipige teyinlen’gendin keyin “ Xinjiang”ni choqum burunqilardinmu yaxshi bashqurushi kérek, bolmisa közge körünelmeydu. Bu dégenlik rayunni téximu qattiq kontrol qilishni we Xitayning béshini aghritidighan ishlarning chiqip qélishining aldini élishni körsitidu. Eslidinla xata we insani hoquqlargha xilap bolghan siyasetning rayunda yaxshi bir weziyet meydan’gha keltürüshi mumkin bolmighachqa we yéngi bashliqningmu qattiq basturushtin bashqa alahide iqtidari bolmighachqa bu rayunning weziyiti peqet yaman terepke qarapla mangidu. Chen Quanguo we uning pishqedemlirige Xitay bu rayunda cheksiz hoquq bergen, shunga ular bu rayunda siyasetni xalighanche chingitalaydu we buning üchün soraqqa tartilmaydu. Bu tégidin éytqanda mustemlikechilik siyasetning alahidiliki.


Tarixi öchmenlikning bügünki tesiri

Uyghurlar bilen Xitaylar az dégende 3 ming yildin béri qoshna yashap herxil manasiwtlerde bolup kelgen. Ikki millet otturisidiki ziddiyet we düshmenlikmu 3 ming yilliq tarixqa ige. Xitayning hökümranliri Uyghurlarni bashqurushta we ulargha hökümranliq qilishta tarixi sawaqlardin paydilinishni we qisasni unutmaydu. Uyghurlarning ejdadlirimu Xitaylarning bashqilarning qimmet qarashliri bilen chiqishalmaydighan tebi’itini obdan chüshinip yetken bolghachqa Bilge Qaghan Menggütéshi’da mundaq xatiriler qaldurulghan : “ Tabghachlar ( Xitaylar) altun , kömüsh, yipek rextlerni séxiliq bilen béridu. Tabghachlarning sözi tatliq, yipekliri yumshaq iken. Tatliq gepler we yumshaq yipekler bilen yiraq xelqni özige shundaq yéqinlashturidiken, yéqinlashturiwalghandin kéyin yamanliq qilishqa bashlaydiken. Iqtidarliq we ésil kishilerni patquzmaydiken. Bir kishi xatalashsa jeddi-jemeti, uruq- ewladighiche öchmenlik qilidiken, hetta böshüktiki balilarghiche ayap qoymaydiken. “

Yiraq qedimni qoyup turup yéqinqi 200 yüz yilliq tarixqa qarisaqmu Xitay hakimiyitining bu rayundiki hökümranliqining hergizmu asan’gha toxtimighanliqini , Uyghurlarning milli azadliq heriketlirining üzülüp qalmighanliqini körüwalghili bolidu. Tarixtin qalghan öchmenlikning tesirini sel chaghlashqa bolmaydu. Xitaylarning Yaponlargha bolghan öchmenliki Xitaylarning milli rohini urghutushtiki bir menbesi. Xitaylarning Yaponlargha öchlüki tarixi sewep, yeni Yaponlarning Xitaylarni mustemlike qilghanliqidin bolghan. Bügünki künde döletler arisidiki nurghun ziddiyetlerning tarixtin qalghan ziddiyet ikenlikini körüwélish tes emes. Bulgharlarning we Gréklarning Türklerge öch bolushi, Ermenlerning Türklerge öchmenliki, Yehudilarning Germanlargha bolghan qisasxorluqi dégendek mesililerning hemmisi tarixi weqelerning mehsulidur. Xitay téxi aldinqi esirdila ikki qétim jumhuriyet élan qilghanliqimizni we Xitaylarni zéminimizdin pütünley qoghlap chiqiriwétishke tasla qalghanliqimizni unutup qalghini yoq. Bügünki künde Xitayning Uyghurlargha yürgüziwatqan dölet térrorluq siyasiti, uruq - tuqqanlarning jem bolushinimu cheklishi we uningdin ensirishi Uyghurlarning teshkillinip qélishining aldini élish. Xitaylar tarixtin paydilinip kalla yuyushqa we bashqilarni yaman körsitishke usta we bu ularning medeniyitining bir qismi. Hazirmu Xitayning Hindistan bilen sürkilip, Pakistan bilen apaq- chapaq bolushimu tarixtiki öch adewet mesilisidin yiraq emes.

Xitay Uyghurlarni ilgiri qalaq, oghri, pichaqchi qilip yaman körsitip kelgen bolsa, kéyinche Uyghurlarni isyanchi, térorchi, ashqun körsitip keldi. Bolupmu 5.Iyul we Kunming weqeliri arqiliq Uyghurlarning obrazini téximu xunükleshtürüp Xitay xelqi ichige Uyghurlargha qarshi öchmenlik we adawet uruqlirini chachti.


Xitayning atalmish milli siyasitining meghlubiyiti

Xitayning atalmish milli siyasiti milli mesililerni hel qilishning tüp yoli dep teriplen’gen, halbuki Uyghurlar üchün qollinilghan milli siyaset peqet shekil jehettiki yalghan siyaset bolghini üchün bu zémindiki ziddiyetni kücheytip bariduki hel qilalmaydu. 5.Iyul qirghinchiliqi Xitayning Uyghur wetinidiki atalmish milli siyasetining meghlup bolghanliqini körsitip berdi. Xitayning Wang Lequan’din kéyin bu yerge teyinligen sékritarliri bu rayunni öz könglidikidek bashquralmighanséri téximu ghaljirlishidu. Biz buni Chen Quangou’ning yéqinqi siyasetliridin körüp turiwatimiz.

Zhu Kunrén “ Xinjiangdiki milli bölgünchilik mesilisi toghrisida yüzeki muhakime” side éniq qilip Hu Yaobang’ning Uyghurlargha qaratqan milli siyasitini keskin tenqit qilghan. Zhu Kunrén’ning qarishiche, Xitay Hu Yaobang dewrigiche Uyghurlarning milli mediniyiti we dini étiqadini yoqutushta zor netijilerni qolgha keltürüp bolghan. Uyghurlar til, mediniyet we étiqad jehettiki artuqchiliqini yoqatqan we milli rohi suslashqan. Emma Hu Yawbangning xata siyasetliri bilen Uyghurlargha toluq aptonomiye huquqi bériwétilgen we Uyghurlar qaytidin özini ongshiwalghan. Eger ashu xata siyasetler yolgha qoyulmay, Wang Zhén’din tartip dawam qilinip kelgen yoqutush siyasiti dawam qilghan bolsa Uyghurlarni Xitaygha singdüriwétish zor derijide tézleshken bolatti.

Hazir Uyghurlar üstide yürgüzliwatqan siyasetning adem ishen’güsiz derijide qebih we rezil bolushi, xuddi Xitayning Mediniyet Inqilabi dewridikidek weziyetning qayta tekrarlinishi bizge Xitayning Uyghurlar heqqidiki siyasitining xuddi Zhu Kunrén teshebbush qilghandek Hu Yaobang’din ilgiriki dewrge qaytiwatqanliqi körsitip béridu. Yeni Xitay hökümiti ilgiri yürgüzgen, özi xata dep étirap qilghan siyasetlerni qayta yürgüzüshtin yanmasliqi, Xitayning atalmish milli siyasitining meghlubiyiti hésaplinidu. Emdi Xitay ochuq -ashkare mustemlikichilik siyasiti yürgüzushke mejbur. Chen Quanguo del mushu siyasetning ijrachisi we Zhu Kunren’ning teshebbuslirini aktip qollughuchi. Hazirqi künde Uyghurlar ichidiki bilimlikler we igilikchiler tutqun qilinmaqta, shundaqla Xitay hökümtige ishlewatqan Uyghur kadirlarmu ikki yüzlimilikte eyiplinip tutqun qilinmaqta.

Yene bir tereptin shuni perez qilishqa boliduki, Chen Quanguo heqqidiki bezi uchurlargha diqqet qilghanda, Uyghur wetinidiki weziyet alahide chingip ketken aldinqi nechche aydin béri Chen ikran yüzide asasen körünmigen. Chen’ning salametlikining nacharliqi heqqide bezi éniqsiz uchurlar bar. Eger söngek rakigha giriptar bolghan Chen hélimu Uyghur diyarida bolsa jismani we rohi jehettiki késel uni téximu ghaljirlashturidu. Eger u Uyghur wetinide yoq bolsa, uning mu’awinliri yaki waqitliq uning ornida hoquq yürgüzgenler elwette uning yoqluqida chataq chiqmasliqi üchün hem mes’uliyetning artilip qélishidin qorqup uningdinmu better qattiq siyaset yürgüzidu. Siyasetning tuyuqsiz bundaq qattiqliship kétishide shundaq bir seweplerning bolushi éniq. Shundaqla bu yene Xitay hakimiyiting ichki qismida bir özgürüshning bolghanliqidin yaki boliwatqanliqidin bisharet béridu.


Xitayning Uyghur wetinidiki siyasitining meghlup bolghanliqini, shundaqla buning Xitay Kompartiyesining Xitay dölitini bashqurushtiki meghlubiyet ikenlikini Xitay hakimiyitige qarshi Xitaylarmu ochuq körsitidu. Xitayshunash Peter Hassler özining River Town ( Derya Kent) dégen esiride Xitaylarning tolimu nachar bir mustemlikichi ikenliki, Xitaylarning Xitaydin basha milletlerning közqarashlirini we qimmet qarashlirini chüshünelmeydighanliqini höküm qilidu.

Oyghan Uyghur we Uyghanghan Zémin’lar oyghaqlar chüshüneleydighan we segeklerni oyghutalaydighan signallar ikenlikini, pütün milletning oyghunushi, Uyghur meripet-ma’arip ishliri zor cheklimige uchrighan we idiye boghulghan ehwalda, axirqi hésapta Xitayning qanliq qamchisi arqiliq emelge ashidighanliqini 20 yil burunqi Uyghur pikir igiliri perez qilishqan idi. Biz bügün shuning roshen delillirini körüp turiwatimiz.
Xitayning zulmi Uyghurlarning oyghunishi we öz mewjutliqi üchün kvresh qilishining zor türtkisi. Bu oyghinish we birlishish bir millet üchün zor purset we tolimu qimmetlik süpettur.

Xitay bu esirde hetta chégra halqip Uyghurlarni tutup kéleleydighan we bezi döletlerni sétiwélip Uyghurlarni ötküzüwalalaydighan boldi. Xitay hazir Uyghurlargha qarshi xalighan ishlarni qilalishi mumkin emma yétimen dégen meqsidige yetelmeydu. Uyghurlarni basturalaydu emma kütken netijige érishelmeydu.

Elbilgin
16-07-17, 11:37
ئاخبارات ۋە باشقىلار بىزگە نىمە قىلىپ بىرەلەيدۇ؟

بۈركۈت
2017-يىلى 7-ئاينىڭ 61-كۈنى


ئىش بىرلىكتە، كۈچ ئۆملۈكتە. نۇرغۇن قىرىنداشلارنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا يۈز بىرىۋاتقان جىددى مەسىلىلەرگە بولغان ئورتاق باش قاتۇرشى، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى سەرىپ قىلىپ خەلقىمىز ئىچىدە يۈز بىرىۋاتقان ھەر خىل كىلىشمەسلىك ۋە پاجىيەلەرنى ھەر خىل ئىجتىمايى تاراتقۇلار ۋاستىلار ئارقىلىق ئۆز ۋاختىدا دۇنياغا تارقىتىشى، مىنى تەسىرلەندۈردى، ھەقىقەتەنمۇ خەلقىمىزنىڭ بىشىغا كەلگەن دەرت ئەلەملەر ئۈستىدە باش قاتۇرشىمىز، ئۇنىڭغا سۈكۈت قىلماسلىقىمىز، ئۇنى ھەر خىل مەتبۇئات - مىدىيالار ئارقىلىڭ دۇنيا جامەئىتىگە، خەلقئاراغا بىلدۈرىشىمىز كىرەك.

مەن بۇرۇن مەتبۇئات - مىدىيالارنىڭ كۈچىگە بەك ئىشىنەتتىم. خەلقىمىزنىڭ بىشىغا كىلىۋاتقان كۈلپەتلەرنى مەن ھەتتا خەلىقئارىنىڭ بىلـمەسلىكىدىن بولىۋاتىدۇ، ئەگەر خەلىقئارا بىزنىڭ بىشىمىزغا كەلگەن بۇ كۈلپەتلەرنى بىلسە خەلقمىزنىڭ كۈنلىرىدە ياخشىلىنىش بولىدۇ دەپ ئويلايىتتىم. مەن ئامىركىغا كەگەن دەسلەپكى يىللاردا ياخۇدىن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر خەۋەرنى كۆرۈپ قالسام ئۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئەينى ۋاقىتتا ناھايتى ساناقلىق بولغان ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە قويۇپ قوياتتىم. ئۇ چاغلاردا غەرىپ مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ناھايتى ئاز ئىدى، كىيىنچە غەرىپ مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشكە باشلىدى، ھەتتا دۇنياغا داڭلىق بولغان ئەڭ نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلار ھىساپلانغان «نىيورۇك ۋاقىت گىزىتى»، «ۋاشىنگىتون پوچتا گىزىتى» دىمۇ ھەپتىسىگە بىرەر پارچە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر بىسىلىدىغان بولدى. ئۇيغۇرلارن دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى غەرىپ دۇنياسى ئەسلىدىكى پەقەت بىلـمەسلىك ۋە ياكى ناھايتى ئاز كىشىلەر بىلىش ھالىتىدىن، بىلىش ۋە ياكى خىلى كۆپ كىشىلەر بىلىش ھالىتىگە تەرەققى قىلدى. بىراق ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلىلەر خەلىقئارانىڭ بىلىشى بىلەن ئازلىمىدى، يەڭگىللەشمىدى، ئەكسىنچە تىخىمۇ كۆپەيدى، ئىغىرلاشتى. دەسلەپتە غەرىپ مەتبۇئاتلىرىدا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق خەۋەرلەر بىسىلىپ كەلگەن بولسا، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلار مەنپەتىگە زىيانلىق خەۋەرلەرمۇ بىسىلـماقتا.

مەن مەتبۇئاتنىڭ رولىنى ئىنكار قىلـماقچى ئەمەسمەن، ۋە مەتبۇئات ۋە مىدىيالارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ۋەتەن داۋاسى ئىلىپ بىرىۋاتقانلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغاق سۇ سەپمەكچى ئەمەسمەن. مەن دىمەكچىمەنكى مەتبۇئات ۋە مىدىيالار، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلگەندە، بولۇپمۇ خىتتاينىڭ ئىختىزادى تەرەققى قىلىپ، پۇلى بارنىڭ گىپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گىپى توڭ بولىۋاتقان بۇ دەۋىردە، ئۆز رولىنى تازا جارە قىلدۇرمايۋاتىدۇ ۋە ياكى قىلدۇرالـمايۋاتىدۇ.

مەن شۇنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەنكى بىزنى مەتبۇئات ۋە مىدىيالار ئارقىلىق بىزنىڭ تەلەيسىزلىكىمىزدىن، ئادالەتسىزلىككە ئۇچۇرغانلىقىمىزدىن خەۋەر تاپقان باشقىلار ئەمەس، پەقەت ۋە پەقەتلا ئۆزىمىز قۇتقۇزالايمىز. ئەگەر بىزدە ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇتقۇزىدىغان روھ بولمىسا، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بەدەل تولىمىسەك ۋە ئۇنىڭغا ھەر زامان تەييار بولمىساق، باشقىلارنىڭ ھىسىداشلىقى، ۋە ئىچىنى ئاغرىتىشى بىزنى قۇتقۇزۇشقا يەتمەيدۇ.

بىز ئۆزىمىزنى باشقىلاردىن تاياق يەپ چوڭلارنىڭ ئالدىغا شىكايەت قىلىپ بارغان بىر بالىغا ئوخشاتساق، ئۇ بالىنىڭ كەلگۈسىدە باشقىلارغا بوزەك بولشىدىن قۇتۇلۇش قۇتۇلـماسلىقى ھەرگۈزمۇ ئۇ شىكايەت قىلىپ بارغان كىشىگە باغلىق بولماستىن بەلكى ئۇ بالىنىڭ جەمىيەتتە ئۆز ئورنىنى تىكلەش تىكلىيەلـمەسلىكىگە باغلىق. ئەگەر ئۇ بالا چوڭ بولۇپ جەمىيەتتە ئۆز ئورنىنى تىكلىيەلـمىسە، ئۇنىڭ ھاياتى مەڭگۈ باشقىلارغا بوزەك بولۇش، ۋە باشقىلارغا شىكايەت قىلىش بىلەن ئۆتۈشى مۈمكىن.

بىز تىرىشچان بىر نامىراتقا ياردەم قىلساق، ئۇ بەلكىم باشقىلارنىڭ ئازراق ياردىمى ۋە ئۆزىنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق نامىراتلىقتىن قۇتىلالىشى مۈمكىن، بىراق ھىچكىم تىلەمچى، قەلەندەرگە پۇل بىرىپ ئۇنى تىلەمچى، قەلەندەرلىكتىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ. نامىرات بولساقمۇ، غۇرۇرلۇق، تىرىشچان نامىرات بولايلى، ئۈزلۈكسىز توختىماي تىرىشساقلا بىر كۈنى ھامان نامىراتلىقتىن قۇتۇلالايلمىز، بىراق ھەرگۈزمۇ باشقىلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى، ئىچ ئاغرىتىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرىدىغان تىلەمچى بولۇپ قالمايلى.

يىقىندىن بۇيان بىر قىسىم ئۆت يۈرەك ئىنسانلىرىمىز مىسىردا يۈز بىرىۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەرنى كۆرۈپ، مىسىردا بىشىغا كۈلپەتلەر كىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھالىنى خەلىقئاراغا ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەقدىرىدە بەزى ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ بىراق بىشىغا كۈلپەت كەلگەن خىلى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار مۇخپىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ھالىنى ئاڭلىتىشنى رەت قىلغان. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئويلىغانلىرى بولۇشى مۈمكىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئاھىلىسىنىڭ بىشىغا كىلىدىغانلىرىدىن ئەندىشە قىلغان بولۇشى مۈمكىن. مەن ئۇنى ئوبدان چۈشىنىمەن، ھەم ئۇلار شۇ بىشىغا كىلىدىغانلاردىن قورۇقماي مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ ھالىنى مۇخبىرلارغا ئاڭلاتقان تەقدىردىمۇ، باشقىلار كىلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ قويىشى ناتايىن. ئۇلارنىڭ قۇتۇلىشى يالغۇر مەتبۇئاتلارغا ۋە ياكى باشقىلارنىڭ ياردىمىگە باغلىق بولۇپ قالـماستىن، بەلكى ئەڭ مۇھىمى ئۆزىگە باغلىق.

ئىنسان ئۆزىنى ئۆزى قۇتقازمىسا ۋە ياكى ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا چىن كۆڭلىدىن ئىنتىلـمىسە، ئۇنىڭلىق ئۈچۈن بەدەل تولىمىسە، ئۇنى باشقىلار قۇتۇلدىرالـمايدۇ. شۇڭا بىزنىڭ قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشىمىز ئۆز ئۆزىمىزنى تەربىلەش، ئۆز ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈش، باشقىلارنىڭ ھىسىداشلىقىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇش ئەمەس بەلكى باشقىلارغا ھىسىداشلىق قىلالايدىغان بولۇشىمىز كىرەك. پەقەت شۇنداق بولغاندا ئاندىن بىز باش كۆتۈرەلەيمىز. چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ئادالىتىگە باشقىلارغا بوزەك بولغانلار، باشقىلارغا ئىزىلگەنلەر، ھەققانىيەتسىزلىككە ئۇچۇرغانلار ئەمەس بەلكى كۈچلۈكلەر، ھاكىمىيەت تۇتقانلار ھۆكۈم چىقىرىدۇ.

ئامىرىكا ئالى سوتى باش سوتچىسىنىڭ ئوغلىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا مۇنداق دىگەن ئىكەن. ئادەتتە ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر سىلەرگە بەخت ۋە مۇۋەپپىقىيەت تىلەيدۇ. لىكىن، مەن ئۇنداق قىلـمايمەن. ئالدىڭلاردىكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە مەن سىلەرنىڭ تەڭسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن، شۇندىلا سىلەر ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنىڭ مۇھىملىغىنى چۈشىنىسىلەر. مەن سىلەرنىڭ ساتقىنلىق/يۈزسىزلىكنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن شۇندىلا سىلەر، سادىقلىقنىڭ مۇھىملىغىنى تونۇپ يىتىسىلەر. بۇ سۆزلىرىمنى كەچۈرۈڭلار، مەن سىلەرنىڭ بەزىدە يالغۇز، يەككە يىگانە ھەل قىلىشىڭلارنى ھەم ئۈمىد قىلىمەن، شۇندىلا سىلەر دوستلۇققا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولسىلەر.