PDA

View Full Version : ئلتىماس



Unregistered
02-07-17, 18:46
ھۆرمەتلىك رابىيە قادىر خانىمغا ئلتىماس
ئەسسالام ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك رابىيە قادىر خانىم
ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتى ئەزالىرى

گەرچە داۋا سېپىنىڭ ئالدىدا يۈرمىسەممۇ،،ئۆزەمنىڭ شەرقى تۈركىستانلىق بەدىلىنى مەيلى ئۆتمۈشتە تۈرمىدە بولسۇن ۋە ياكى ھازىرئەركىن دۇنيادا بولسۇن ئوخشىمغان شەكىلدە تۆلەپ كېلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەرگە بۇ ئلتىماسنى سۇنۇپ ئولتۇرۇپتىمەن

بۇ پەقەت ئايدا 50 دوللاردىن تۆلەپ كېلىۋاتقان بەدەل ئۈچۈن دەرت تۆكۈپ يازغان ئلتىماس ئەمەس. بۇ مېنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچۇم،ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن. مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە بولغان غەم ئەندىشە،تەمتىرەش،گاڭگىراشلار سەۋەبىدىن بۇنى يېزىشقا مەجبور بۇلۇپ قالدىم.

يېقىنقى 1 ئايدىن بۇيانقى يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنىڭ، سەۋەبىدىن،ئويلۇنۇشقا مەجبور بۇلۇپ قالدىم. مەن ۋە ئەتراپىمدىكىلەر سىلەرنىڭ ھەر بىر ھەركىتىڭلارنى كۆرۈپ،سىلەردىن ئىبرەت ئالىمىز،سىلەر ئۆم-ئىتپاق ھەركەت قىلساڭلار،بىزمۇ ئۆزىمىزنى دەڭسەپ تۇرىمىز،.

خىتتاينىڭ بېسىمى ئاشقانسېرى ۋەتەندىكىلەرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلارغا بولغان تەلمۈرۈشى شۇنچە كۈچىيىدۇ،بۇلۇپمۇ دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە ياراتقۇچى ئاللاھقا سېغىنىشتىن ۋەتەن سىرتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىگە بولغان تەلمۈرۈش

. مۇشۇ خەتنى كۆرۈپ تۇرغانلارمۇ ۋەتەندىكى ۋاقتىدا شۇنداق كۆز-قاراشتا بولغانلىقىغا ئشەنچىم كامىل. جۈملىدىن مەنمۇ ئاشۇنداق ھىسياتتا بولغان ئىدىم.

سىلەر مەيلى قايسى خىل شەكىلدە ئاراڭلاردىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىڭلار،ئەڭ قىسقا زامان ئىچىدە ئۇمومىيۈزلۈك بىر ئىتپاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇڭلار نۆۋەتتىكى ئلھام.توختى ئەپەندىمدىنمۇ مۇھىمدۇر.

چۈنكى ئۆم-ئىتپاق ئۇيغۇر جەمىئتى بولغاندىلا ئاشۇنداق ئوت يۈرەك،جەسۇر،قەھرىمانلار يېتىشىپ چىقىدۇ. ۋە ئۇلارغا ئەمەلى ھەركەتلەر ئارقىلىق ئگە چىققىلى بۇلىدۇ.
مەن ئلھام.توختىغا ئوخشاش كۆز-قاراشتا بولمىسىمۇ، ئاشۇ كىشىدەك ۋە ھەتتا ئاشۇ كىشىدىنمۇ ئىقتىدارلىق كىشىلەرنىڭ يالغۇر قېلىشىنى خالىمايمەن. تۆلەۋاتقان بەدەلمۇ دەل ئاشۇنى مەقسەت قىلغان. ئاشۇنداق ئقتىدارلىق،شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە سادىق كىشىلەرنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى نەزەردە تۇتۇپ تۆلەپ كېلىۋاتقان بەدەل پۇلى..

(ئەگەر كۆز-قاراشتىكى بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىساڭلار(بۇ ئادەتتە ھەل قىلماق بىر ئاز تەس مەسىلىلەرنىڭ بىرى
ھىچ بولمىغاندا زىددىيەتنى چوڭلاتماي مۇۋاپىق ھەل قىلىشنى ئويلاشساڭلار دەپ ئويلايمەن.
ئۇچۇق خەتتىن باشلانغان بۇ ھادىسە ھەقىقەتەن كىشىنى مەيۈسلەندۈردى.
بولغۇلۇق بولدى،ئەمدى جاۋابىنى سىلەرنى قوللاپ،سىلەرگە تەلمۈرۈپ قاراۋاتقان ئاشۇ مەزلۇم خەلىققە بېرىش ۋاقتى كەلدى دەپ ئويلايمەن.

.ئاخىرىدا نۆۋەتتە گوللاندىيەدە ئېچىلماقچى بولغان شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئالى كېڭىشىگە ئۇتۇق تىلەيمەن