PDA

View Full Version : Étiwetish ئېتىۋېتىش



Eltirish
28-04-17, 17:55
ئېتىۋېتىش
ئېلتىرىش


يازغۇچىدىن:
بۇنى ھېكايە دېيىشكەمۇ، راست بولغان ۋەقە دېيىشكەمۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق ۋەقەلەر ئۇيغۇر ۋەتەنىدە سان-ساناقسىز ...

گۆشنى ئۆزىمىز ئەكىلىپ بەرگەچكەمۇ، بۇيرۇتقان كاۋاپ كۈتكىنىمدەكلا بەك ئوخشىغان ئىدى . كەنجىكامنىڭ ۋە باشقالارنىڭ شۇنچە خېرىدارلىق قىلغانىغا قارىماستىن مېھمان كاۋاپقا ھېچبىر قول ئۇزاتمىدى .
---يەۋېرىڭلار! مەن ھېلى يەيمەن، --دېدى مېھمان كەسكىن بىر ئاھاڭدا سۆزلەپ .---ھەر قېتىم كاۋاپ ئالدىمغا كەلسە، بىز ئېتىۋەتكەن بىر گۇي ئېسىمگە كېلىۋېلىپ غىققىدە بولۇپ قالىمەن--- ئۇ تاماكاسىنى كۈچەپ شوراۋېلىپ داۋام ئەتتى:----نۇرغۇن جىنايەتچىلەرنىڭ، ياش بالىلارنىڭ ئۆلۈمىنى كۆردۈم ھەتتا بەزىلەرىنى ئۆزۈم ئاتتىمٜ، ئەمما ھېچبىرى ماڭا شۇ گۇينىڭ ئۆلۈمىدەك تەسىر قىلماپتىكەنٜ .
سورۇندا مېھماننى قوشقاندا ئالتىلا ئادەم ئولتۇرىمىز .ئۇنىڭ بەستلىك يوغان گەۋدەسىنىڭ قانداقتۇر چوڭقۇر بىر يەرلەرىدىن چىقىدىغاندەك كۈچلۈك ۋە بوغۇق ئاۋازى ھەممىمىزنىڭ دىققەتىنى ئۇنىڭغا تارتىپلا ئالغانىدىٜ .
---ئالدىنقى يىلى، ياق! ئۈلۈش يىل، بىر گۇينى تۇتۇپ ئېلىپ كەپتۇ . “نېمە قىپتۇ؟” دېسەم، “ھامماسىنى ئۆلتۈرۈپ، نەۋرە سىڭلىسىنى يارالاندۇرۇپتۇ” دەيدۇ، سوراقتا ئۆزىمۇ ھېچبىر قارشىلىقسىزلا جىنايىتىنى ئىقرار قىلدى . ئەمدىلا 18 گە كىرگەن نېمىكەن، “بولغۇلۇق بولدى، ئەمدى ئورنىغا كەلمەيدۇ’ دەپ ئويلامدۇ، چىرايىدىن ھېچبىر قايغۇ، قورقۇش دېگەننى كۆرگىلى بولمايدۇ .ئۇنىڭ ئەرزىمەس بىر ئىش بىلەن قاتىللىق قىلىپ ئەمدى ئۆزىنىڭمۇ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرۇپ ئاچچىقىم كېلىدۇ، تۇرۇپ ئېچىنىپمۇ قالىمەن. بىزنىڭ ئادەملەر شۇنداق ئەمەسمۇ، تۇرقىدىن شۇنداق راۋۇرۇس، ئەقلى يوق. دېدىمغۇ، نۇرغۇن ئادەمنى ئۆز قولۇم بىلەن ئېتىپمۇ قولۇم تىترەپ باقمىغان. ئەمما شۇ ھارامزادىگە نىمىشقىدۇر ئېچىنىپ قالدىمٜ .كېيىن سوتتىن ئۆلۈم جازاسى كەلدى. ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىسا ئادەمنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ،بەكلا ئاددى ئەمما ماڭا بەك تەسىر قىپتۇكەن. “ ئۆمرۈمدەكى ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ئۈرۇۈمچىنى بىر كۆرۈپ كېلىش ئىدى” دەيدۇ ھېلىقى گۇي. ئۈرۈمچى بىزگە نېمە ھە، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئىچىمگە بىر ئاچچچىق ئولاشتى. «بىزنىڭ ئادەملەر نەدە، قايسى زاماندا ياشاۋاتىدۇ؟ ئۇلارمۇ ئادەمغۇ باشقىلارغا ئوخشاش »دەپ ئويلاپ كەتتىمٜ . شۇنداق قىلىپ ئۈرۈمچىنى بىر كۆرەي دەپ شۇنداق بىر نىيەت قىلىپ كەچە -كۈندۈز دۈم يېتىپ دۈم قوپۇپ ئىشلەپ بىر يىلدا مىڭ تەستە 800 كوي يىغدىم. باشقىلاردىن ئاڭلىسام، 800 كوي بولسىلا ئۈرۇۈمچىدە 10 كۈن تۇرۇپ كەلگىلى بولىدىكەندۇق . پۇلۇم 800 كوي بولغاندا خوشاللىقىمدا كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەدى. ‘ناھىيەگە بېرىپ بېلەت ئالسام، ئۇ يەردىن ئاپتوبۇس بىلەن ئۈرۈمچىگە بارسامٜٜٜ ، ئۈرۈمچى دېگەننى كۆرۈشمۇ نېسىپ بولىدىكەنٜٜ” دەپ مېڭىشنىڭ خىيالىنى قىلىپ يۈرگەندە ئانام ئاغرىپ قالسا بولىدۇ .دوختۇرخانىغا، ناھىيەگە ئاپاردىمٜ . يىغقان پۇلۇم پاك-پاكىز دوختۇرغا كەتتى، ئىچ باغرىمنى سۇغۇرۇپ بەرگەندەك بەردىم پۇلنى. خەجلىمەي دېسەم، ئانام تۇرسا. ‘كۈزدە ئۈرۈمچىگە بارىمەن’ دەپ كۆڭلۈمنى تاتلىق ئېتىپ يۈرگەچكە بۇ خىيالىمدىن زادىلا كېچەلمىدىمٜ . قانداق قىلىش ھەققىدە شۇنچە ئويلاپمۇ بىرەر ئامال تاپالمىدىمٜ. شۇنداق بىر كېچەدە خىيال بىلەن ئۇخلىيالماي ياتسام، تۇيۇقسىز قوينىڭ مەرىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ قالدى دە، كاللامغا بىر ئەقىل كەلگەندەك بولدى. ئورنۇمدىن تۇرۇپلا تامدىن ئارتىلىپ ھاممامنىڭ ھويلىسىغا چۈشۈپ ئېغىل تەرەپكە ماڭدىمٜ .‘ قوينى قوزىسى بىلەن ئېلىپ چىقىپ ئەتىگەنلىككە ناھىيەگە ئاپىرىپ ساتسام،پۇلىغا ئۈرۈمچىگە بېرىپ كېلەلەرمەن. ھاممام بولغاندىكىن كېيىنرەك تۆلەپ بەرسەم بولمىدىمۇ!’ دەپ كۆزۈمگە ھېچنېمە كۆرۈنمەپتۇ. قوينى ئېلىپ چىقىۋاتسام ھاممام تۇيۇپ قېلىپ تۇتۇۋالدى، “ ئوغرى “ دەپ ۋارقىراپ ھويلىنى بېشىغا كەيدى. “ ھامما! بۇ مەن، بولدى ۋارقىرىماڭ!” دەپ شۇنچە يالۋۇرساممۇ ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەر بىلەن تىللاپ رەسۋا قىلغىلى تۇردى. بۇ پىلانىمنىڭمۇ سۇغا چىلاشقانىنى ئويلاپ جىلىچىلىكتە ئاران تۇرغاندا ئۇنىڭ بۇنداق كۆكەمىلىكى جېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىپتىكەن، پىچىقىمنى ئېلىپ “ۋاس-ۋۇس” قىلىپلا تىقىۋېتىپتىمەن. ئانىسىغا بولۇشۇپ تۇرغان نەۋرە سىڭلىممۇ ئاللا-توۋا كۆتۈرۈپ قاچقانتى ، تەلۋەلىكىم تۇتۇپ ئۇنىڭغىمۇ پىچىقىمنى شىلتىپ ئۇ يەر- بۇ يەرلەرىنى تىلىۋەتتىمغۇ دەيمەن. قالغان ئىشنى دېمىسەممۇ ئۆزەڭلار بىلىسىلەر. باشقا ئىشقا پۇشايمىنىم يوق، ئۈرۈمچىنى بىر كۆرەلمىگىنىمگە ئارمىنىم بار. ” دەيدۇ ھېلىقى ھارىمى. قاراپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كەتتى. بولسا ئۈرۈمچىگە بىر ئاپىرىپ ئاندىن ئېتىۋەتكەن بولساق، دېگەن خىيالغىمۇ كەلدىم، ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ دە. “ئىسىت” دەپ كەتتىمٜ . ئەتە ئېتىلىدۇ دېگەن كۈنى كىرىپ “نېمە تەلىۋىڭ بولسا ئېيت، قىلىپ بەرىمەن” دېدىمٜ . نېمە دەيدۇ دەمەمسىلەر؟ “ دىيەنشىدىن ئۈرۈمچىدە ئادەملەرنىڭ كاۋاپداننىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ كاۋاپ يېگىنىنى كۆرگەن، ئۈرۈمچىگە بارسام ، مەنمۇ ئاشۇنداق يېسەم دەيتتىمٜ. مۇشۇ كۈنگىچە بىر زىق كاۋاپنى زىقى بىلەن تۇتۇپ پۈتۈن پېتى يەپ باقماپتىمەن. بولسا بەش زىق كاۋاپ يېگەن بولسام” دەيدۇ، ئىچىم ئاغرىپ كەتتى. “ ۋۇ ئاناڭنى ھاراملىق، بالدۇرراق شۇنداق دېسەڭ بولمامدۇ، نەچچە ۋاقتىن كاۋاپ بىلەن تويغۇزمايتتىمۇ” دەپ ۋارقىراپ كېتىپتىمەن. دەرھال بۇيرۇپ ئەللىك زىق كاۋاپنى نانغا باستۇرۇپ ئەكىرگۈزدۈمٜ . ئۇنىڭ كاۋاپ يېگەن ھالىتى پەقەت كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ، ئۆزۈمنى ئاران ئاران تۇتۇپ ئولتۇردۇم، ئىچىمدە يىغلاۋاتىمەن. پودىقىمىز ئىچىمىزگە پاتماي ھۆركىرەپ يۈرگىنىمىز بىلەن شۇ چاغدا ھېلىقى گۇيغا قاراپ شۇنداق بىر خىل بولۇپ كەتتىمٜ. نىمانچە بىچارە خەق بىز دەپ ئويلاپ كەتتىم ، خۇددى بۇرۇن زادىلا ئويلاپ باقمىغاندەكٜ .ئويلىساملا ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ دە. ھېلىقى گۇي كاۋاپنى شۇنداق ھوزۇرلىنىپ سېرىپ، چايناپ يەپ كەتتى. “ئالدىرىماي يە، تۈگىسە يەنە بار” دەيمەن دە. ئوتتۇز زىق يېدىمىكىن، بىر چاغدا تويۇپ، ھاردۇقى چىققاندەك ئولتۇرۇپ قالدى. چىرايىدىن ھېچبىر ئۆلۈمنى ئويلىغاندەك ئەمەس. بىر خىل بىغەملىك، بىپەرۋالىق چىقىپ تۇرىدۇ. قارىسام بىر نېمە سورىغۇسى باردەك. “ھە؟ نېمە تەلىۋىڭ بولسا دە ” دېسەم ، “ مۇشۇ كاۋاپنىڭ ھەممىسى مېنىڭمۇ؟” دەيدۇ، « ھە ھەممىسى سېنىڭ، ئەتىگىچە يېسەڭمۇ ھېچكىم ئەكەتمەيدۇ» دېدىمٜ . “ مەن تويدۇم، ئەمدى بولدى. قالغىنىنى خاپا بولماي ئۆيگە ئاپىرىپ بەرسەڭلار، ئانام بىلەن ئۇكام يەۋالسا” دەيدۇ. ئىچىمدىن تۈگۈشۈپلا كەتتىم ھېلىقى گەپنى ئاڭلاپ. “يەنە نېمە تەلىۋىڭ بار؟ ئېيتە، ئارمىنىڭ قالمىسۇنٜ” دەدىم ھېلىقى گۇيغا. ئۇ تۇيۇقسىز بىر نېمە ئېسىگە كەلگەندەك شاپلا قىلىپ ياقىلىق مايكىسىنى سېلىپ” ماۋۇ گاڭسارنى ئۇكامغا بېرىپ قويساڭلار، تېخى يېڭىتى. مېنى باشقا ئەسكىرەك كىيىم بىلەن ئېتىۋەتسەڭلار” دېمەسما، قاراپ قېتىپلا قاپتۇمەن. ئۇ ماڭا قاسماق مايكىسىنى تەڭلەپ بىر خىل خوشامەت قىلغاندەك بىچارە كۈلكە بىلەن مېنىڭ جاۋابىمغا تەلمۈرۈپ تۇرۇپتۇ . پەقەتلا چىدىمىدىم، نى نى ئىشلاردىمۇ كۆزۈمنىڭ سۈيىنى چىقارمىغان، ھەي. مانا ھەر قېتىم كاۋاپ ئالدىمغا كەلسە شۇ ئىشلار، ھېلىقى گۇي ئېسىمگە كېلىۋېلىپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كېتىدۇ. ئىشقىلىپ ھازىرغىچە ئېچىنىمەن. ئۇ ئىستاكاندىكى ھاراقنى ئىچىۋېتىپ سەل ئىچى بوشىغاندەك بولدى دە، كەنجىكام تۇتقان تاماكانى ئاغزىغا قىستۇرۇپ ئۇ ياققان چاقماققا تۇتتى. قارىسام، مەنلا ئەمەس، سورۇندىكى باشقىلارنىڭمۇ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ بىر نېمە يېمەي ئولتۇرۇپ كېتىپتۇٜ . شۇ سورۇندىن كېيىن، ھەر قېتىم كاۋاپ كۆرسەملا ھېلىقى مېھماننىڭ گەپلىرى، مەن چىرايىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ھېلىقى بالىنىڭ غۇۋا سىماسى خىيالىمغا كېلىۋالىدۇ.

2009ٜ يىلى 10ٜئاينىڭ 11ٜ كۈنى ( كېچە 1:00) Central Falls, RI




Étiwetish



Éltirish


Yazghuchidin:


Buni hékaye déyishkemu, rast bolghan weqe déyishkemu bolidu, chünki bundaq weqeler Uyghur wetenide san-sanaqsiz...




Göshni özimiz ekilip bergechkemu, buyrutqan kawap kütkenimdekla bek oxshaghan idi. Kenjikamning we bashqalarning shunche xéridarliq qilghanigha qaramastin méhman kawapqa héchbir qol uzatmadi.


---Yewéringlar! Men héli yeymen, --dédi méhman keskin bir ahangda sözlep.
---Her qétim kawap aldimgha kelse, biz étiwetken bir guy ésimge keliwélip ghiqqide bolup qalimen--- u tamakasini küchep shorawélip dawam etti:
----Nurghun jinayetchilerning, yash balalarning ölümini kördüm hetta bezilerini özüm attim. Emma héchbiri manga shu guyning ölümidek tesir qilmaptiken.


Sorunda méhmanni qoshqanda altela adem olturimiz. Uning bestlik yoghan gewdesining qandaqtur chongqur bir yerleridin chiqidighandek küchlük we boghuq awazi hemmemizning diqqetini uningha tartipla alghanidi.


---Aldinqi yili, yaq! Ülüsh yil, bir guyni tutup élip keptu. “Néme qiptu?” désem, “hammasini öltürüp, newre singlisini yaralanduruptu” deydu. Soraqta özimu héchbir qarshiliqsizla jinayetini iqrar qildi. Emdila 18 ge kirgen némeken, “bolghuluq boldi, emdi ornigha kelmeydu’ dep oylamdu, chirayidin héchbir qayghu, qorqush dégenni körgeli bolmaydu. Uning erzimes bir ish bilen qatilliq qilip emdi öziningmu ölüp kétiwatqanliqigha qarap turup achchiqim kelidu, turup échinipmu qalimen. Bizning ademler shundaq emesmu, turqidin shundaq rawurus, eqli yoq. Dédimghu, nurghun ademni öz qolum bilen étipmu qolum titrep baqmaghan. Emma shu haramzadege nimishqadur échinip qaldim. Kéyin sottin ölüm jazasi keldi. Uning hékayesini anglisa ademning köngli yérim bolidu,bekla addi emma manga bek tesir qiptuken. “ Ömrümdeki eng chong arzuyum Üruümchini bir körüp kélish idi” deydu héliqi guy. Ürümchi bizge néme he, uning gepini anglap ichimge bir achchciq olashti. ‘Bizning ademler nede, qaysi zamanda yashawatidu? Ularmu ademghu bashqalargha oxshashs’ dep oylap kettim. “ Shundaq qilip Ürümchini bir körey dep shundaq bir niyet qilip keche -kündüz düm yétip düm qopup ishlep bir yilda ming teste 800 koy yighdim.Bashqalardin anglasam, 800 koy bosla Üruümchide 10 kün turup kelgili bolidikenduq. Pulum 800 koy bolghanda xoshalliqimda közümge uyqu kelmedi. ‘Nahiyege bérip bélet alsam, u yerdin aptobus bilen Ürümchige barsam...Ürümchi dégenni körüshmu nésip bolidiken..” dep mangishning xiyalini qilip yürgende anam aghrip qalsa bolidu. Doxturxanagha, nahiyege apardim. Yighqan pulum pak-pakiz doxturgha ketti, ich baghrimni sughurup bergendek berdim pulni. Xejlemey désem, anam tursa. ‘Küzde Ürümchige barimen’ dep könglümni tatliq etip yürgechke bu xiyalimdin zadila kechelmedim. Qandaq qilish heqqide shunche oylanipmu birer amal tapalmadim. Shundaq bir kéchede xiyal bilen uxlayalmay yatsam, tuyuqsiz qoyning meregen awazi anglanip qaldi de, kallamgha pallide bir eqil kelgendek boldi. Ornumdin turupla tamdin artilip hammamning hoylasigha chüshüp éghil terepke mangdim. ‘ Qoyni qozisi bilen élip chiqip etigenlikke nahiyege apirip satsam,puligha Ürümchige bérip kelelermen. Hammam bolghandikin kéyinrek tölep bersem bolmadimu!’ dep közümge héchnéme körünmeptu. Qoyni élip chiqiwatsam hammam tuyup qalip tutuwaldi, “ oghri “ dep warqirap hoylani bashigha keydi. “ Hamma! bu men, boldi warqiramang!” dep shunche yalwursammu aghizgha alghusiz gepler bilen tillap reswa qilghali turdi. Bu pilanimningmu sugha chilashqanini oylap jilechilikte aran turghanda uning bundaq kökemeliki janimdin ötüp ketiptiken, pichaqimni élip “was-wus” qilipla tiqiwétiptimen. Anasigha bolushup turghan newre singlimmu alla-towa kötürüp qachiwédi, telwelikim tutup uningghamu pichaqimni shiltip u yer bu yerlerini tiliwettimghu deymen. Qalghan ishni özenglar bilisiler. Bashqa ishqa pushaymanim yoq, Ürünchini bir körelmeginimge armanim bar.” deydu, héliqi harami. Qarap ichim achchiq bolup ketti. Bolsa Ürümchige bir aparip andin étiwetken bolsaq, dégen xiyalghimu keldim, undaq qilghali bolmaydu de. “Isit” dep kettim. Ete étilidu dégen küni kirip “néme telewing bolsa éyt, qilip berimen” dédim. Néme deydu dememsiler? “ diyenshidin Ürünchide ademlerning kawapdanning aldida olturup kawap yegenini körgen, Ürümchige barsam menmu ashundaq yésem deyttim. Mushu kemgeche bir ziq kawapni ziqi bilen tutup pütün péti yep baqmaptimen. Bolsa besh ziq kawap yégen bolsam” deydu, ichim aghrip ketti. “ Wu anangnni haramliq, baldurraq shundaq deseng bolmamdu, nechche waqtin kawap bilen toyghuzmayttimu” dep warqirap ketiptimen. Derhal buyrup ellik ziq kawapni nan’gha basturup ekirgüzdüm. Uning kawap yegen haleti peqet köz aldimdin ketmeydu,özümni aran aran tutup olturdum,ichimde yighlawatimen. Podaqimiz ichimizge patmay hörkirep yürgenimiz bilen shu chaghda héliqi guygha qarap shundaq bir xil bolup kettim. Nimanche bichare xeq biz dep oylap kettim xuddi burun zadila oylap baqmaghandek. Oylasamla ichim achchiq bolidu de. Héliqi guy kawapni shundaq hozurlanip sérip, chaynap yep ketti. “Aldiramay ye, tügise yene bar” deymen de. Ottuz ziq yedimikin, bir chaghda toyup, harduqi chiqqandek olturup qaldi. Chirayidin héchbir ölümni oylaghandek emes, bir xil bighemlik, biperwaliq chiqip turidu. Qarasam bir némeni soraghusi bardek. “He? néme telewing bolsa de” desem “ mushu kawapning hemmesi méningmu?” deydu, “ he hemmesi sening, etegiche yesengmu héchkim eketmeydu dedim. “ Men toydum, emdi boldi. Qalghanini xapa bolmay öyge aparip bersenglar anam bilen ukam yewalsa” deydu. Ichimdin tügüshüpla kettim héliqi gepni anglap. “Yene néme teleweing bar? Eyte, armaning qalmasun.” dedim héliqi guygha. U tuyuqsiz bir néme esige kelgendek shapla qilip yaqaliq maykasini sélip” mawu gangsarni ukamgha berip qoysanglar, téxi yéngiti. Meni bashqa eskirek kiyim bilen étiwetsenglar” demesma, qarap qétipla qaptumen. U manga qasmaq maykasini tenglep bir xil xoshamet qilghandek bichare külke bilen mening jawabimgha telmürüp turuptu. Peqetla chidamadim, ni ni ishlardimu közümning süyini chiqarmaghan, hey. Mana her qétim kawap aldimgha kelse shu ishlar, héliqi guy esimge keliwalip ichim uwalip ketidu, ishqilip hazirghiche échinimen. U istakandiki haraqni ichiwétip sel ichi boshighandek boldi de, Kenjikam tutqan tamakani aghzigha qisturup u yaqqan chaqmaqqa tutti. Qarasam, menla emes, sorundiki bashqalarningmu demi ichige chüshüp bir néme yemey olturup ketiptu. Shu sorundin kéyin, her qétim kawap körsemla héliqi méhmanning gepleri, men chirayinimu tesewwur qilalmaydighan héliqi balaning ghuwa simasi xiyalimgha keliwaidu.




2009. Yili 10.Ayning 11. Küni ( keche 1:00) Central Falls, RI