PDA

View Full Version : Paris Weqesidin San Bernardino Paji'esigiche



Unregistered
24-10-16, 19:06
پارىژ ۋەقەسىدىن سان بېرناردىنو پاجىئەسىگىچە

تۇيغۇر

11.ئاينىڭ 13.كۈنى (جۈمە) كۈنى يۈز بەرگەن پارىژدىكى تېرورلۇق ھۇجۇمى كۈنىمىزدىكى ئىنسانلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى يەنە بىر قېتىم ھەق ناھەق، ئۇرۇش ۋە تېنچلىق توغرىسىدىكى مۇنازىرەلەرگە قاراتتى. بۇ تېرورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئىشىد(ئىراق شام ئسلام دۆلەتى) بىلەن باغلىق بولۇپ چىقىشى مۇسۇلمانلار ھەققىدىكى كەسكىن مۇنازىرەلەرگە سەۋەپ بولدى ۋە ياۋرۇپا ئامېرىكادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەندىشەلەرىنى كۈچەيتتى. بۇ ۋەقەگە ئەگىشىپلا ئوتتۇراغا چىققان ، 14 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپ بولغان سان بېرناردىنو ۋەقەسىنىڭ ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئىككى مۇسۇلمان تەرەپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىككە بولغان سەزگۈرلۈكىنى 11.سىنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقۇرى چەككە كۆتۈرىۋەتتى. پارىژ ۋەقەسىدىن كېيىن كۈچەيگەن مۇسۇلمانلارغا ۋە ئسلامغا بولغان نارازىلىق ۋە قارا- قويۇق قارشىلىقلار بىلەن بىرگە، بىر تەرەپلەمەلىكتىن خالى ھالدا ھەقىقەتنى سۆزلەشنى تەشەببۇس قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ۋەقە سادىر قىلغانلار بىلەن مۇسۇلمانلارنى باغلاۋالماسلىق ھەققىدىكى كەسكىن تەشەببۇسلارىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. پارىژ ۋەقەسىدىن بۈگۈنىمىزگىچە كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا ۋە باشقا ئاخباراتلاردا مەلۇم بولغان ئىنكاسلارىدىن غەرپتىكى ئىنسانلارنىڭ بۇ ۋەقەلەرگە تۇتقان پوزېتسىيەسى،ئىنسانلىق ئاڭىنىڭ زادى قايسى تەرەپلەرگە قاراپ تەرەققى قىلىۋاتقانلىقى يۈزەكى بولسامۇ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ كۈزەتىشلىرىمىز ئارقىلىق ئاساسلىقى غەرب دۇنياسىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ بۇ ۋەقەلەرگە ئوخشاماغان نۇقتالاردا تۇرۇپ قاراشلارى ۋە ئۇلارنىڭ پىكىر يۆنۈلۈشى بايان قىلىنىدۇ.


پارىژ ۋەقەسى يۈز بەرىپ ئۇزاق ئوتمەي فرانسىيە ھۆكۈمەتى 30 مىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرنى قوبۇل
قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا كىشىلەر فرانسىيەنىڭ ئۆز قىممەت قاراشلارىدا تەمتىرەپ قالماغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ يەتتى. پارىژدىكى ھۇجۇم يۈز بەرگەن چاغدىلا ئۇنىڭ تېرورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكى بەلگىلىك ئىدى ۋە ئىشىدقا ئوخشاش بىرەر تەشكىلاتنىڭ بۇ ھۇجۇم بىلەن باغلىق بولىدىغانلىقى پەرەز قىلىنغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كونا قېلىپ بويىچە پىكىر قىلىدىغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئېسىگە ئالدى بىلەن مۇسۇلمانلار بىلەن باغلىق كىشىلەر كەلگەن بولۇشى تەبىئى. لېكىن، تاكى ئىشىد بۇ ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقنى جاكارلىغانغا قەدەر ھېچبىر ئاخبارات، بولۇپمۇ فرانسىيەدىكى تاراتقۇلار بۇ ئىشنىڭ ئىسلامى تەشكىلاتلار بىلەن باغلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ باقمىغان. بۇ يەردە قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر ئىش، ئامېرىكادەك بىر دۆلەتتە بىلىم ساھەسىدە بەلگىلىك ئورۇن تۇتقان بەزى ئادەملەرىمىزنىڭ بۇ ۋەقەگە تۇتقان مۇئامىلەسى ئادەمنى ھەقىقەتەنمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ۋەقەگە دەرھال ئىنكاس بىلدۈرگەن تەبىئى پەن ساھەسىدىكى بىر مۇتەخەسىس ئىسلام رادىكاللارى نى شىددەت بىلەن ئەيىپلىگەن ۋە غەرپ دۆلەتلەرىنىڭ بۇنداق مېڭىسىدىن كەتكەن ئەخلاقسىز ئىنسانلارنى ئىچ ئاغرىتىپ قوبۇل قىلىشى ئېغىر خاتالىق. بىر دۆلەتنىڭ قانۇن-تۈزۈملەرىنى ، مەدەنىيەتىنى ۋە قىممەت قاراشىنى ئۇقمىغان تېرورىستلارنى دۆلىتىدىن قوغلاپ چىقىرىش كېرەك. دەپ يازغان. بۇ تېما يوللانغاندا پارىژدىكى ۋەقەگە تېخى بىر قانچە سائەتمۇ بولماغان ۋە ھېچبىر ياۋرۇپا، ئامېرىكا ئاخباراتى بۇنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى بىلىپ يەتمەگەن ۋاقىتلار ئىدى. بۇ ۋەقەگە شۇ قەدەر كېسىپ، ئىشەنچ بىلەن ھۆكۈم چىقارغان شەخسكە ۋە ئۇنىڭ ۋەقەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە نۇرغۇن سۇئاللار تۇغۇلماي قالمايدۇ.
بۇ ۋەقەنى ھېچبىر غەرپ ئاخباراتى ئىسلام تېرورچىلىرى بىلەن باغلىماي تۇرۇپ بۇ قەدەر كەسكىن ھۆكۈم چىقىرىش بىر ئىلمىيلىكمۇ ؟ بۇ كىشىگە بۇ قەدەر ئىشەنچ نەدىن كەلدى، ياكى بۇ ئىسلامنى ئۆچ كۆرىدىغانلارنىڭ كاللاسىدىكى بىرەر ۋەقە سادىر بولسىلا مۇسۇلمانلارغا باغلىۋالىدىغان بىر ھېسىياتنىڭ ئىنكاسىمۇ؟ دۇنيانىڭ باشقا جايلارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگىمۇ مۇشۇنداق ئىنكاس بىلدۈرگەنمۇ ياكى مەدەنى غەرپلىكلەر بېشىغا چېلەكتىن مۇز قۇيۇپ تورغا چىقارسا ئۇنى ئەگىشىپ مودا قىلىدىغان بۇ بۇ كىشى شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان پىسخىكانىڭ تۈرتكىسىدە شۇنداق قىلىۋاتامدۇ ؟
غەرپ دۆلەتلەرى ئىچ ئاغرىتىپ قوبۇل قىلغان ، مېڭىسىدىن كەتكەن ئەخلاقسىز ئىنسانلار كىملەر؟ ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقى دەستىدىن ياۋرۇپاغا قېچىپ بارغان سۈرىيەلىكەرمۇ ياكى شۇ دۆلەتلەردە كۆچمەن بولۇپ ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارمۇ؟

بۇ كىشىگە غەرپنىڭ بەزى قىممەت قاراشلارى ئۆزلەشىپتۇ، مەسلەن، مىلاد بايرامى ۋە شۈكرانىيەت بايراملارىنى ئامېرىكالىقلاردىن بەكرەك قىزغىن تەبرىكلەپ كېتىدىغان، ھەمجىنىسلارنىڭ نىكاھ ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىنى ھاياجاندا تەنتەنە قىلىدىغان، غەرپ مەركەزلىك ئىدىيىسى بىلەن باشقالارنىڭ قىممەت قاراشلارىنى چۈشەنمەيدىغان ياكى تۆۋەن كۆرىدىغان ، ئىسلامنىڭ ھەممە نېمىسىدىن قارا قويۇقلار قورقۇپ كېتىدىغان دېگەندەك. ئەمما بۇنداق شەخسلەرگە نېمە ئۈچۈن غەرپنىڭ تېخىمۇ ئىلغار بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك، تەنقىدى ۋە ئىلمى پىكىر قىلىش، ئوخشاماغان پىكىر ۋە قىممەت قاراشلارىغا ئىلمىلىك بىلەن باراۋەر قارايدىغان، تېخىمۇ مۇھىمى ، ھەرقانداق چاغدا ھەقىقەتنى ياقلايدىغان قىممەت قاراشلارى سىڭمىدى؟
نىھايەت، ئىشىدنىڭ بۇ ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلاشى ۋە سان بېرناردىنو ۋەقەسىنىڭ پاكىستانلىق ئەر، ئايال بىلەن باغلانىشى بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۆز تەسەۋۋۇرلىرىغا ۋە پەرەزلەرىگە بولغان ئىشەنچى، توغرىسى ئۆزىنىڭ بىر تەرەپلىمە قاراشلارىغا بولغان ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشى تەبىئى. ئۆز مەدەنىيەتى ۋە خەلقىنىڭ قىممەت قاراشلارىنى ياخشى بىلمەي ئوزىنى توغرا يولدا دەپ قارايدىغان بۇنداق كىشىلەرگە فرانسىيەنىڭ پارىژ ۋەقەسىدىن كېيىن 30 مىڭ مۇساپىرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئىپادەلىشى يېتەرلىك جاۋاپ.

پارىژ ۋەقەسىنىڭ ئىشىد بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ چىقىشى ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكادا يەنە بىرقېتىم مۇسۇلمانلارغا قارشى سادالارنى كۈچەيتىۋەتتى. بىر ياقتىن مۇسۇلمانلارغا ۋە كۆچمەنلەرگە ئۆچلۈك قىلىدىغان كىشىلەر بۇ ۋەقەنى مۇسۇلمانلارنى ئەيىپلەپ جامائەت پىكرى پەيدا قىلىشنىڭ پۇرسەتى قىلسا يەنە بىر ياقتىن ھەقىقەتنى، ئادالەتنى ھېمايە قىلدىغان كىشىلەر ۋەقە سادىر قىلغان تېرورچىلارنى مۇسۇلمانلار بىلەن باغلاۋېلىشقا ۋە بۇنى مۇسۇلمانلارغا قارشى پىكىر قىلىشنىڭ ۋاستەسى قىلىۋېلىشقا قارشى تۇردى. تېرورلۇق دېگەن تېرورلۇق ،ئۇنى كىملا قىلغان بولسۇن ئەيىپلەنىشى كېرەك. زىيانكەشلىككە ئۇچراغۇچىلار ئوخشاشلا زىيانكەشلىككە ئۇچراغۇچى. بىر مىللەتنىڭ ھاياتى يەنە بىر خەلقنىڭ ھاياتىدىن ئارتۇق ئەمەس.ئەنجىلىنا جۇلى بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا پارىژ ۋەقەسىدىن بىر كۈن ئاۋال يۈز بەرگەن بېيرۇتتىكى تېرورلۇق ھۇجۇمىدا 40 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى،ئەمما دۇنيانىڭ بۇنىڭغا ئۈن تىنىسز قالغانلىقىنى، پارىژدىكى ھۇجۇمغا كىشىلەرنىڭ پەقلىق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئەيىپلىدى. پارىژدىكى ھۇجۇمنىڭ ئىشىد بىلەن باغلىق بولۇشى ھەرگىزمۇ مۇسۇلمانلار بىلەن تېرورلۇقنى باغلىۋېلىشقا سەۋەپ بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. تېرورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغانلار يەنىلا مۇسۇلمان دۇنياسىدىكىلەر. ئەگەر ئىشىدنىڭ ياكى ئسلام نامى ئاستىدىكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھۇجۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ يات دىندىكىلەرگە قىلغان ھۇجۇمى دەپ قارالسا ئۇ چاغدا KKK پارتىيەسىنى خرىستىيانلارنىڭ ۋەكىلى دەپ قاراشقا، ئىراق ۋە ئافغانىستاندا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىلىكلەرنى قىلغان ئامېرىكا ئەسكەرلەرىنى خرىستىيانلار دەپ قاراشقا توغرا كېلىدۇ.ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا فرانسىيەنىڭ ئافرىقادا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرىنى ئەسلەتىدىغان يوللانمالار پەيدا بولۇپ، 1945.يىلىدىكى سېتىف قىرغىنچىلىقىدا(Setif Massacre) فرانسىىيەنىڭ 45 مىڭ ئالجىرىيەلىكنى قىرغىن قىلغانلىقىنى، 1960 .يىلىنىڭ ئۆزىدىلا كامېروندا 120 مىڭ ئادەمنى قىرىپ تاشلىغانلىقىنى كۆرسەتتى. مۇسۇلمانلارغا قارشى تەشۋىقاتلارغا قارشى ئۆ پىكرىنى يۇقۇرىقىدەك بايان قىلغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچەسى مۇسۇلمان ئەمەس . ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا مۇسۇلمانلارغا قارشى يوللانمالارغا ئىنكاس بىلدۈرگەن بەزى غەرپلىك ياشلار بۇنداق يوللانمالارنىڭ پەقەت ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش، ئىرقچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ. بەزىلەرى ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان ساۋاقداشلارىنىڭ بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ئەقىللىق، پەزىلەتلىك ۋە تېنچلىق سۆيەر ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. بۈگۈنكى ئىجتىمائى تاراتقۇلار ئىنسانلارنىڭ ئالاقەلەرىنى ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشلارىنى زور دەرىجەدە ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان كۈندە كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتكە ۋە توغرالىققا بولغان تەلەپلەرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ ۋە ھەقىقەتنى بايقاماق تېخىمۇ ئاسانلاشىدۇ. ساختالىق ۋە يالغانچىلىقنىڭ پەردەسى تېخىمۇ ئاسان يىرتىلىدۇ.

سان بېرناردىنۇدىكى ھۇجۇمنىڭ تېگى پاكىستانلىق بىر جۈپ ئەر ئايال بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ئامېرىكادا بىخەتەرلىك سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىياتلارنىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. ئەمما ھۇجۇمچىلار بىلەن مۇسۇلمانلارنى باغلاۋېلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدىغان سادالار ھەقىەتەن ئاز ئەمەس. پارىژ ھۇجۇمىدىن ۋە سان بېرناردىنو ھۇجۇمىدىن كېيىنلا ئېلىپ بېرىلغان جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلار پارتىيەلەرىنىڭ پېرىزدېنت سايلامى پائالىيەتلەرىدىكى مۇنازىرەلەردە بۇ نۇقتالار ئۆز ئىپادەلىرىنى تاپتى. دېموكراتلار نامزاتلارىدىن بېرنى ساندېرس ۋە ھىلارى كلىنتونلار ئىسلام رادىكاللار دېگەندەك ئاتالغۇلارنى قوللانىشتىنمۇ ئۆزىنى تارتقاندەك كۆرۈنىدۇ ۋە بۇ ھۇجۇملارنى ئىسلام بىلەن باغلاۋېلىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ. جۇمھۇرىيەتچىلەر بولسا جىھادىستلار، ئىسلام رادىكاللارى دېگەن ئاتالغۇلارنى تەكرارلاپ ئامېرىكالىقلارنىڭ دىققەتىنى تارتىشقا ۋە دېموكراتلارنى ئسىلام رادىكاللارى غا يۇمشاق بولۇش بىلەن ئەيىپلەپ ،ئۇلارنى خەلقنىڭ نەزەررىدىن چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. كۆچمەنلەر ۋە مۇسۇلمانغا ياقتۇرماسلىق نەزەرىدە قاراش بىلەن تونۇلغان جۇمھۇرىيەتچى نامزات، مىليادېر دونالد چۇئامپ (Trump) ھەتتا مۇسۇلمانلارنى ئامېرىكاغا كىرىشتىن چەكلەش پىكرىنى ئوتتۇراغا قويۇش بىلەن غۇلغۇلا پەيدا قىلدى ۋە ئۇنىڭ بۇ سۆزى نۇرغۇن تەرەپلەردىن تەنقىد ۋە مەسخىرەلەرگە دۇچ كەلدى. فېيسبۇكنىڭ قۇرغۇچىسى مارك زەكېربېرگ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پىكىر بايان قىلىپ ئۆزىنىڭ يەھۇدى نەسىللىك ئامېرىكالىق بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنى چەتكە قېقىش ۋە ئۇلارغا بىر تەرەپلەمە مۇئامىلە قىلىشقا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلارى قۇرۇلتايى چۇئامپنىڭ سۆزلەرىگە دەرھال ئىنكاس بىلدۈردى. ئامېرىكا قوشما شتاتلارى ۋەكىللەر قۇرۇلتايى سۆزچىسى پول راين ئىپادە بىلدۈرۈپ ئامېرىكا قوشما شتاتلارىنىڭ ئەركىنلىك، باراۋەرلىك پىرىنسىپلارىدا تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ تېنچلىقپەرۋەر ۋە ئامېرىكانىڭ بىر پارچەسى ئىكەنلىكىنى، چۇئامپنىڭ سۆزلەرى ھەرگىزمۇ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. فوكس تېلېۋىزىيەسىمۇ تۇنجى قېتىم مۇسۇلمانلارغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالدى. ھالبۇكى، دونالد چۇئامپقا ئوخشاش مەيلى بىلىم سەۋىيەسى ياكى كىشىلىك خارەكتېرى جەھەتتىن بولسۇن ئانچە ئۈستۈن بولماغان ھاكاۋۇر بىر شەخسنىڭ سەۋىيەسىز نۇتۇقلار بىلەن سايلام پائالىيەتلەرىدە جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ ئالدى بولۇپ مېڭىشى ئامېرىكادا ئۇنىڭغا ئەگىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى ، ئامېرىكادىكى ئىرقىي بىر تەرەپلەمەلىكنىڭ يەنىلا بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتىدۇ.

ئامېرىكادا كىشىلەر جىھادىست، ئىسلامىست تېرورچىلارىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قورقاتىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمىلىيەتتە ئامېرىكادا يۈز بەرگەن پاجىئەلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بەزىلەر شۇنداق سېلىشتۇرمالارنى كۆرسەتىپ ئۆتىدۇ؛ ئەگەر ۋەقە سادىر قىلغۇچى بىرەر مۇسۇلمان ياكى قارا تەنلىك بولۇپ قالسا، بۇ ھۇجۇم تېرورلۇق دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر ھۇجۇمچى بىر ئاق تەنلىك بولسا ئۇ ھالدا ئۇنىڭ قىلمىشى بىر قانلىق ۋەقە، ھۇجۇمچى بولسا كاللاسىدىن كەتكەن بىر ساراڭ. سان بېرناردىنودا 14 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ئەر ئايال مۇسۇلمان بولسا 1995. يىلى ئوكلاخوما شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىغا ھۇجۇم قىلىپ 168 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ نەچچە يۈز ئادەمنى يارىدار قىلغان تىموسى مەكۋىگ ( Thimothy Mcviegh) ئامېرىكالىق ئاق تەنلىك خرىستىيان. 11. سىنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيان يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇملارىنى ستاتېستىكا قىلىپ چىققان پروفېسسور چارلېس كۇرزمان (Charles Kurzman) غا كۆرە ، 11. سىنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيان 180 مىڭدىن كۆپرەك ئامېرىكالىق تۈرلۈك ھۇجۇملاردا ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېرورلۇق ھۇجۇملارىدا ئۆلگەنلەر 33 ( 2013.يىلىدىكى مەلۇمات). تېرورىستلارنىڭ قىلمىشى ئالدى بىلەن شۇلارنىڭ ئۆزلەرىگە، ئاندىن شۇلار تەۋە بولغان تەشكىلاتقا مەنسۇپ، ھەرگىزمۇ ئۇلار تەۋە بولغان مىللەت ياكى ئۇلارئېتىقاد قىلغان دىنغا تەۋە ئەمەس.

ئامېرىكا سايلام رىقابەتى پائالىيەتلەرىدە توختاماي تىلغا ئېلىنىدىغان ئشىد (ISIS) بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.ئىشىد ھەممەنىڭ دۈشمەنى سۈپىتىدە كۆرۈنمەكتە، ھالبۇكى بەزىلەرنىڭ دۈشمەنگە ئېھتىياجى بار. پارىژ ھۇجۇمىدىن سەل بۇرۇن فرانسىيە سۈرىيەدىكى ئىشىدقا قارشى ھاۋا ھۇجۇملارىغا قاتناشقان ئىدى. رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇملارىغا قاتنىشىشى ۋە تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە ئۈسۈپ كىرگەن ئايرۇپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلىشى رۇسىيەدىمۇ تۈركىيەگە ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى بىر كەيپىيات ياراتتى. پۇتىن غەرپتىكى بەزى ئىرقچىلارنىڭ، خرىستىيان رادىكاللارىنىڭ نەزەرىدە بىر قەھرىمان ۋە ھەقىقى خرىستىيان. ئىشىدنىڭ كەينىدە قانداق كۈچلەرنىڭ بارلىقىنى كېسىپ ئېيتقىلى بولماسىمۇ، ئەڭ بولماغاندا ئىشىدنىڭ كىمنىڭ پايداسىغا ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس. ئىشىدقا تەۋە دەپ قارالغان بەزى قوراللىق گۇرۇپلارنىڭ ئىسرائىلىيەگە تەۋە ئىكەنلىكى مەلۇم.

پارىژ ھۇجۇملارى دەل فرانسىيە بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىدا پەلەستىننىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشنى قارار قىلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولسا، ئامېرىكادا سان بېرناردىنو ھۇجۇمى پرېزدېنتلىق سايلام رىقابەتىدىكى مۇنازىرەلەرگە ئۈلگۈرۈپ مەيدانغا كەلگەن.. ياۋرۇپادا مۇسۇلمانلارنىڭ تەسىرىنىڭ ئېشىشى غەرپ مىللەتچىلەرىنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقى روشەن. ياۋرۇپا دۆلەتلەرىدىكى مىللەتچىلىك ۋە ئىسلامغا بولغان قارشى كەيپىياتلار سۈرىيەلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ياۋرۇپاغا ئېقىپ كىرىشىدىن بۇرۇنلا باش كۆتۈرگەن. گېرمانىيە ھۆكۈمەتى ئاللاقاچان كۆپ مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ گېرمانىيەدە مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلاپ بولغان ئىدى. فرانسىيەدە بولسا ئۆتكەن 20 يىلدا فرانسىيەدىن كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان يەھۇدىلار 500 مىڭدىن ئاشىدۇ. پارىژ ھۇجۇملارىدىن بىر ئاي بۇرۇن پارىژغا يېقىن چىللى مازارىن شەھەرچەسىدىكى مەكتەپلەردە ھالال ۋە كوشېر تاماقلار تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلگەچكە شۇ يەردىكى مۇسۇللانلار ۋە يەھۇدىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاغان ئىدى. بۇنىڭ ئۆزى فرانسىيەنىڭ ئۆز مەدەنىيەتى ۋە قىممەت قاراشلارىنى قوغداش ئۈچۈن ئوخشاش بولماغان قىممەت قاراشلارنى چەتكە قاقىدىغانلىقىنىڭ بىر تىپىك مىسالى. ئەلۋەتتە ياۋرۇپادا مۇسۇلمانلارنىڭ تەسىرىنىڭ ئېشىشى، ھەتتا ئاز بىر قىسىم ھېسىياتچان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلەرى تەۋە بولغان ياۋرۇپا دۆلەتلەرىدە شەرىئەتنىڭ قانۇن بولۇشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلىشلارى ، ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئۈستۇن كۆرىدىغان قىممەت قاراشلارىغا بولغان تەنقىدلەرى ياۋرۇپالىقلاردا مۇسۇلمانلارغا بولغان ئەندىشەلەرنى كۈچەيتمەكتە. ھەتتا تۈركىيەدەمۇ بۇنداق ئەندىشىلەرنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ھېساپقا ئالغاندا ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئەندىشەسى ۋە قورقۇشلارىنى ئەلۋەتتە تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ.

ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكادا ئىسلامغا بولغان قورقۇش ۋە ئەندىشەلەر نىڭ ئاساسى سەۋەپلەرىدىن بىرى ئىسلامغا بولغان چۈشەنچەلەرنىڭ كەملىكى ۋە خاتالىقى دەپ قاراش مۇمكىن. بۇ يېتەرسىزلىك ۋە بۇرمالانغان خاتا چۈشەنچەلەرنى تولۇقلايدىغانلار ۋە توغرالايدىغانلار يەنىلا مۇسۇلمانلار بولۇشى كېرەك. ئىسلامدىن قورقۇش بىلەن بىرگە مۇسۇلمانلارنى چۈشۈنۈشنى ، ھەقىقى بىلىشنى تەشەببۇش قىلىدىغان پىكىرلەرمۇ كۈچەيمەكتە. ھازىر ئىجتىمائى تاراتقۇلار ئارقىلىق بولىۋاتقان ئالاقەلەر ۋە كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرەلەرىنىڭ كېڭىيىشى غول ئېقىم تاراتقۇلارىنىمۇ ئېھتىيات بىلەن سۆزلەشكە مەجبۇر قىلماقتا. ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلاردىن ئۆزلەرىنىڭ ئىجتىمائى ئورنى، تالانتى، ئەخلاق -پەزىلەتى، توغرالىقى بىلەن مۇسۇلمانلارغا قارشى بىمەنە قاراشلارنى ئۈنۈملۈك رەت قىلىپ كىشىلەرنىڭ كۆز قاراشلارىنى ئۆزگەرتىۋاتقانلارنى كۆرۈپ تۇرغىلى بولىدۇ. غەرپنىڭ قىممەت قاراشى ۋە قانۇنلارى ئەلۋەتتە بەزى رادىكال كىشىلەرنىڭ باشقا دىن ۋە مەدەنىيەتلەرنى چەتكە قاقىشىغا يول قويمايدۇ. كانادا باش مىنىستېرىنىڭ دونالد چۇئاپمنى كاناداغا كىرىشتىن چەكلەيدىغانلىقىنى تىلغا كەلتۈرۈشىمۇ بۇنىڭ بىر ئىپادەسى.


2015. يىلى 12.ئاينىڭ 30. كۈنى سان بېرناردىنو