PDA

View Full Version : تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ مەنىسى نىمە؟



Unregistered
02-09-15, 22:33
سوئال: تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ مەنىسى نىمە؟
جاۋاپ: ئاللاھتىن باشقا رەبنى(يەنى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى قۇل چاكار قىلىپ بارلىق ئىشلىرىنى ئىگەللىۋالغان ھەر قانداق ھۆكۈمران كىشىنى)ئاللاھتىن باشقا ۋەلىينى(يەنى ئاللاھ،پەيغەمبەر ۋە
مۇسۇلمانلارنىڭ دوستلىقىدىن باشقاھەرقانداق كىشىنىڭ دوستلىقىنى)ۋە ئاللاھتىن باشقا ھەكەمنى(يەنى ئاللاھتىن باشقا ھەرقانداق ھۆكۈم قىلغۇچىنى)قەتئى ئىنكار قىلىش،ئاندىن ئۇلۇغلاش،
قورقۇش، ئەيمىنىش،باش ئىگىش،ياردەم سوراش،دوست تۇتۇش،ھۆكۈم قىلىش ۋە مۇتلەق ئىتائەت قىلىش
(يەنى بۇيرۇقلىرىنى شەرتسىز ئىجراقىلىش)قاتارلىق ئىشلارغا،ئاللاھنىڭلا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىش.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دىدى بىلگنكى،ئاللاھتىن باشقا(بويسۇنۇش ۋە بۇيرۇقلىرىنى
ئىجرا قىلىشقا)لايىق ھىچ كىشى يوق (سۈرە مۇھەممەد 19-ئايەت)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىدى ئاللاھتىن باشقا بويسۇنۇش ۋە بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىشقالايىق ھىچ كىشىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ ۋاپات بولغان كىشى جەننەتكە كىرىدۇ (مۇسلىم