PDA

View Full Version : سوئال: ئاللاھنىڭ ئۇلۇھىيەتتىكى تەۋھىد دى



Unregistered
02-09-15, 22:29
سوئال: ئاللاھنىڭ ئۇلۇھىيەتتىكى تەۋھىد دىگەن نىمە؟
جاۋاپ: ئىبادەتكە(يەنى ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىددىيە،سۆز ۋە پائالىيەتلەرگە) يالغۇز بىر ئاللاھنىڭلا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئەمەل ئىبادەتتە ئۇنىڭغا ھىچ نەرسىنى شىرىك قىلماي،
ئىبادەتنى ئۇنىڭغىلا خاس قىلىش.ئەكىسچە قاراش ۋە ئەمەلدە بولغانلارنى ئىنكار قىلىش. ئۇلۇھىيەتتىكى تەۋھىد زات،ئىسىم سۈپەت ۋە رۇبۇبىيەتتىكى تەۋھىدنىڭ نەتىجىسى بولۇپ ھەممە
پەيغەمبەر مۇشۇ ئۇلۇھىيەتتىكى تەۋھىتنى ئەمەلىلەشتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دىدى ئى ئىنسانلار تەقۋادارلاردىن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن،سىلەرنى ۋە سىلەردىن بۇرۇنقىلارنى(يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنى) ياراتقان پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار!ئاللاھ سىلەرگە زىمىننى تۆشەك ۋە ئاسماننى بىنا قىلىپ بەردى. بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى،سىلەرگە رىزىق بولۇش
ئۈچۈن،يامغۇر ئارقىلىق تۈرلۈك مىۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى، ئەمدى ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرمەڭلار!
ھالبۇكى سىلەر (ئاللاھنىڭ شىرىكى يوقلىقىنى) بىلىپ تۇرىسىلەر (سۈرە بەقەرە21-22ئايەت)
ئاللاھ تەئالا سالىھ ئەلەيھىسەلامنىڭ سۆزىنى ھىكايە قىلىپ مۇنداق دىدىسالىھ ئەلەيھىسەلام ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار! سىلارگە ئاللاھتىن باشقا(بويسۇنۇش ۋە بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشقا)لايىق ھىچ كىشى يوق (سۈرە ئەئراف 73-ئايەت)