PDA

View Full Version : سوئال: ئاللاھنىڭ ئسىم سۈپەتلىرىدىكى تەۋھ



Unregistered
02-09-15, 22:26
سوئال: ئاللاھنىڭ ئسىم سۈپەتلىرىدىكى تەۋھىد دىگەن نىمە؟
جاۋاب:ئاللاھنىڭ ئالى ئىسىم سۈپەتلىرىنى قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن بويىچە،سەلەفى
سالىھىنلەر چۈشەنگەندەك چۈشۈنىش ۋە ئۇنىڭ ئالى ئىسىم سۈپەتلىرىنى ھىچقانداق بىر نەرسىنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىگە ئوخشاتماسلىق ھەم ئۇنىڭ ئالى ئسىم-سۈپەتلىرنىڭ بىرەرسىنى ئنكار قىلغان
ياكى بىرەر مەخلۇقنىڭ ئىسىم سۈپەتلىرىگە ئوخشاتقان كىشىنى قەتئى ئىنكار قىلىش.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دىدى ئاللاھنىڭ گۈزەل ئسىملىرى بار ئاللاھنى شۇگۈزەل ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىڭلار!
ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە كەلمەس قوللىنىدىغانلارنى تەرىك ئىتىڭلار ئۇلار ئاخىرەتتە قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ(ئەئراف180 ئايەت)
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دىدى ھىچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر.ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ
تۇرغۇچىدۇر. ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(شۇرا 11 ئايەت