PDA

View Full Version : سوئال: ئىيماننىڭ ئاساسلىق تۇۋرىكلىرى قان



Unregistered
02-09-15, 23:13
سوئال: ئىيماننىڭ ئاساسلىق تۇۋرىكلىرى قانچە؟
جاۋاپ: ئالتە 1- ئاللاھ بار ۋەبىرلىكىگە دەلىل پاكىت ئارقىلىق ئشىنىش 2-پەرىشتىلەرنىڭ نۇردىن يارىتىلغانلىقىغا، ھەربىرىنىڭ خاس ۋەزىپىسىنىڭ بارلىقىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسانى خۇسۇسىيەتتىن خالى بولۇپ، پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقىغا قىلچە ئاسىلىق قىلمايدىغانلىقىغا شەكسىز ئشىنىش 3-ئاللاھ چۈشۈرگەن بارلىق ساماۋى كىتاپلارنىڭ ئىنسانلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخىت-سائا دەتكە باشلايدىغانلىقىغا، جۈملىدىن قولىمىزدىكى (ناسىخ،مەھبۇز) خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ قۇرئان ھۆكۈمىنڭ ،قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغانلىقىغا شەكسىز ئشىنىش 4-ئاللاھنىڭ ھەربىر مىللەتكە پەيغەنبەر ئەۋەتكەنلىكىگە، ئۇلارنىڭ ئۆز قەۋمىگە ئەمەلى پائالىيىتى ئارقىلىق ھەقنى، ئۈگەتكەنلىكىگە جۈملىدىن، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ قىيامەتكىچە ھەممە ئنسان ۋە جىنلارنىڭ پەيغەنبىرى ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئشىنىش 5-ھەر بىر ئىنسان بارلىق سۆز ۋە پائالىيەتلەردىن ھىساپ بىرىپ ،ئىمتاھان نەتىجىسىنى كۆرىدىغان قىيامەت كۈنىنىڭ ھەق ۋە راسلىقىغا كەسكىن ئشىنىش 6-تەقدىرگە يەنى كائىناتتىكى بارلىق ئشلارنى ئاللاھنىڭ ئالدىن بىلىپ ،ئۆزى خالىغان قانۇنىيەتتە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاندىن لەۋھۇز مەھپۇزغا يىزىپ ،شۇئشلارنىڭ ئچىدىن، ئىنسانلارھىساپ بىرىدىغان ئىشلار(يەنى تاللاشقا ئىختىيارلىق بىرىلگەن ۋە قىلىشقا كۈچ قۇۋەت ئاتا قىلىنغان ئشلار)نى ئىنسانلارنىڭ قىلىشى بىلەن ۋە باشقا ئىشلارنى ئۆزى بىۋاستە قىلىش بىلەن ۋۇجۇتقا چىقارغانلىقىغا،ئاللاھ خالىغان ئىشلار ئىچىدىكى، ئىنسانلار ھىساپ بىرىدىغان ئىشلار يەنى ئاللاھ رازى بولىدىغان ۋە رازى بولمايدىغان ئىشلاردا ئۇلارغا تاللايدىغان ئىرادە ۋە ئىجرا قىلىدىغان كۇچ-قۇۋەت بىرىلگەچكە ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئىنسانلارنى خاتالىققا مەجبۇرلىمايدىغانلىقىغا ۋە ھىدايەت تەلەپ قىلغان كىشىنى ئاللاھنىڭ ھىدايەت قىلىدىغانلىقىغا،
ھىدايەتنى ئۆچ كۆرۈپ ئازغۇنلۇقنى تاللىغان كىشىنى ئازدۇردىغانلىقىغا شەكسىز ئشىنىش.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسەلام مۇنداق دىدىئىمان دىگەن ئاللاھقا،ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە،كىتابىغا،ئاخىرەت كۈنىگە،
ئەلچىلىرىگە،ھىساپ بىرىش ئۈچۈن تىرىلىشىگە ۋەتەقدىرنىڭ ھەممىسىگە ئشىنىشتۇر(مۇسلىم)