PDA

View Full Version : تەۋھىد ئاساسلىرى



Unregistered
02-09-15, 23:05
تەۋھىد ئاساسلىرى
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
كىرىش سۆز
تەۋھىد ئىلىمى دىنىمىزنىڭ ئۇلى، ئبادىتىمىزنىڭ قوبۇل بولۇش شەرتى،دۇنياۋە ئاخرەتتە بەخىت- سائادەت تىپىشىمىزنىڭ ئاچقۇچى. مۇشۇ سەۋەپتىن بۇ ھەقتە نۇرغۇن كىتاپلار يىزىلدى. بۇھەقتىكى كىتاپلار يىتەرلىك بولسىمۇ، لىكىن ھەربىرمۇسۇلمان ئىمانىنى ساقلاپ قىلىشتا ئەڭ زۆزۈر شەرىت بولغان تەۋھىد پىرىنسىپلىرىنى ۋە ئەمەلىلىشىش ئۇسۇللىرىنى ھەرۋاقىت ھەممىنى بىردەك ئەسلەپ تۇرۇشقا مۇۋاپىق بولمىغاچقا، ئەنئەنىۋى ۋە يىڭى زامان كىتاپلىرىدىن پايدىلىنىپ تەۋھىد ئاساسلىرى ناملىق بۇرىسالە يىزىلدى. ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ بۇرىسالە ئچىدىكى سوئال جاۋاپلىرىنى ياد ئلىشىنى، باشقىلارغا چۈشەندۈرەلىگىدەك روشەن چۈشۈنىشىنى، ھەرۋاقىت ئسىدىن چىقىرىپ قويماسلىقىنى، ۋە ھۆكۈملەرنى باشقىلارغا ئەمەس، ئەڭ ئاۋال ئۆزىگە ئۆلچەم قىلىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن. ئنسان خاتالىقتىن خالى بولمىغاچقا، تىرىشقان بولساممۇ خاتالىقلار كۆرۈلگەن بولىشى مومكىن، كىتاپخانلارنىڭ تۈزىتىپ ئوقۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
زاتىنىڭ ئۇلۇغلىقىغا ۋە سەلتەنەتنىڭ كاتتىلىقىغا لايىق،سان ـ ساناقسىز موبارەك گۈزەل مەدھىيەلەر ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھتىن باشقا پەرۋەردىگار ۋە دوست تۇتمايمىز.ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىدىن باشقا ھىچ قانداق ھۆكۈمنى ئتراپ قىلمايمىز.ئاللاھقا ھىچ بىر كىشىنى ۋە ھىچ بىر نەرسىنى شىرىك قىلمايمىز. ئاللاھتىن باشقا ئبادەت قىلىشقا ۋە ئتائەت قىلىشقا لايىق ھىچ كىشى يوق. ئەگەر كاپىرلار يامان كۆرسىمۇ،دىنىمىزنى ئاللاھقىلا خالىس قىلغان ھالدا ئبادەت قىلىمىز.ئاللاھنىڭ ئەڭ يارىشىملىق رەھمەت ۋە خاتىرجەملىكلىرى داھىيىمىز، يولباشچىمىز، ئۈلگىمىز ۋە قەدىردان دوستىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا
بولسۇن.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ، نامىزى، ۋە قۇربانلىقى ۋە ھايات- ماماتى ئالاملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈنلا ئدى،
ئۇنىڭ بارلىقى ئاللاھ ئۈچۈنلا ئىدى، سۆزلىسە ئاللاھ ئۈچۈن سۆزلەيتى، سۈكۈتقىلسا ئاللاھ ئۈچۈن سۈكۈت قىلاتتى ،قايغۇرسا ئاللاھ ئۈچۈن قايغۇراتتى، خۇشال بوسا ئاللاھ ئۈچۈن خۇشال بولاتتى،
ياخشى كۆرسە ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرەتتى،ئۆچ كۆرسە ئاللاھ ئۈچۈن ئۆچ كۆرەتتى، بەرسە ياكى بەرمىسە،
سۈلھى تۈزسە ياكى ئۇرۇشسا ھەممىنى ئاللاھ ئۈچۈن قىلاتتى.ئاللاھ پەيغەمبىرىمىزنىڭ سەھابىلىرىدىن رازى بولسۇن .
ئۇلار ئاللاھ ئۈچۈن دىننى خالىس قىلغان،ئاللاھ ئۆزدىنىغا تاللىغان، ئاللاھ ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان، ئاللاھ ئۈچۈن ئورۇن بەرگەن،... ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغان ۋە ئاتا- ئانىلىرى، پەرزەنتلىرى، قىرىنداشلىرى، ئۇرۇق تۇققانلىرى ،ئرىشكەن ماللىرى،كاساتلىشىشتىن قورقىۋاتقان تىجارەتلىرى ۋە خۇشال خۇرام
ياشاۋاتقان يۇرىت ماكانلىرىدىنمۇ ئاللاھنى ،ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنى ئارتۇق
بىلگەن كىشىلەردۇر، ئاللاھ قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغا كىشىلەردىنمۇ رازى بولسۇن (ئامىن )
سوئال: ئسلام دىنى قانداق دىن؟
جاۋاپ: ئاللاھ بەندىلەر ئۈچۈن رازى بولغان، توغرا ئتقاد، توغرا غايە ۋە توغرا قانۇن ئنتىزامنى كۆرسۈتۈپ بىرىدىغان ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگۈتىدىغان دىن.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دىدىھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن، ئىسلام دىنىدۇر (سۈرە ئال ئمران19-ئايەت)