PDA

View Full Version : Xoshametchilerge!



Unregistered
29-08-15, 03:08
ئەختەم ئۆمەرنىڭ شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلىنىڭ 1995- يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى ناملىق چاتما ماقالىسىدىكى تۆۋەندىكى بۆلەككە دېققىتىمىزنى ئاغدۇرايلى:
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئاكا، مۇساجان ئەزىزى ئاكا، قادىر ئەكبەر ئاكىلار بىلەن بولغان بىر قېتىملىق سۆھبەتتە بولغان چېغىمىزدا ئۆتكۈر ئاكا مەرھۇم ئەھمەد زىيائى ئاكىنىڭ بىر كەچۈرمىشىنى سۆزلەپ بەردى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆتكۈر ئاكا ئەھمەد زىيائى ئاكىدىن سوراپتىكەن:
- ئەپەندىم، سىلى ئۆمۈرلىرىدە بىر كىمنى ماختاپ باققانمۇ؟ مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ پوقنى يېمىگەن بولغىيتتىلە.
ئەھمەد زىيائىي ئاكا كۈلۈپ كېتىپ:
- بىزدە ئۇنداقلارنى تاپماق دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك بىر ئىش ئوخشايدۇ. 16 ياش ۋاقتىمدا بىر رەسۋا بولمىغان بولسام كېيىن ماختانچاق ھەم يالغانچى بولۇپ قالاركەنمەن. شۇ چاغلاردا ئاكام مۇھەممەد فەيزى قەشقەرى رەھمىتى مەھمۇد مۇھىتىنىڭ ھۇزۇرىدا كاتىپ ئىكەندۇق. ئاكامنىڭ ۋاستىسى بىلەن مەنمۇ كاتىپ بولۇپ كىردىم. تۇرۇپ كۆڭلۈمگە شەيتان كىرىپ، مەن ئاكامدىن يۇقىرى ئورۇنغا ئېرىشىۋالمايمۇ، دېگەن تاما بىلەن ، مەھمۇد مۇھىتىنىڭ مېنى كاتىپلىققا ئالغىنىغا رەھمەت ئېيتىشنى باھانە قىلىپ ئۇ ئادەمنى مەدھىيلەپ، ماختاپ ئوتتۇز نەچچە كۇبلىت قەسىدە يازدىم. ئۇنى سۈت بىلەن پەتلىگەن ئالاھىدە قەغەزگە راسا چىرايلىق خۇشخەتچىلەپ كۆچۈرۈپ، چىرايلىق قاتلاپ تۇتۇپ تۇرسام مەھمۇد مۇھىتى تورۇسقا تېگەي دەپ قالغان ئېگىز بويىنى سەل ئىگىپ گۈرسۈلدەپ دەسسەپ كىرىپ كەلدى. ئۇ ھەر قېتىم ئىشىكتىن كىرسە تۇرپان پەدىسىدە:
- ھوي باللا، ئىشلەۋاتامسىلە،- دەپلا ئىچكىرى ئىشخانىسىغا كىرىپ كېتىدىغان، بۇ قېتىم مېنىڭ ئىشىك ئالدىدا قول باغلاپ تۇرغىنىمنى كۆرۈپ:
_ ھە، ئەھمەد بالام، گېپىڭ بارما؟- دېدى بوم ئاۋازى بىلەن.
_ خوش تەقسىر،_ دېدىم بېشىمنى ئېگىپ.
_ خوش تەقسىرىڭنى قويۇپ گېپىڭ بولسا ئۇدۇل دەۋەر، ئوغۇل بالا دېگەن مەزلۇم سۈپەت بولىۋالسا قاملاشمايدۇ.
تىترەپ، تەرلەپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قاتلاقلىق قەسىدەمنى بەردىم. ئۇ گۈرسۈلدەپ دەسسەپ كىرىپ كەتتى. پەم بىلەن جايىمغا كەلدىمدە، باش كۆتۈرمەي مۈكچىيىپ ئىشلەۋاتقان ئاكامغا يەر تېگىدىن قاراپ، ئىچىمدە:بىچارە،مېنى مەھمۇد سىجاڭغا سەن تونۇشتۇرغانىدىڭ. ئەمدى سىجاڭ مېنى سەندىن ياخشى كۆرۈپ ، ئەتىۋارلاپ ئۆستۈرىدىغان بولدى. مەن زادى سەندىن ئۈستۈن تۇرمىسام بولمايدۇ دەپ خۇشاللىقىمدىن ئىچىمگە سىغماي ئولتۇردۇم. بىر كەمدە ئىچكىرى ئىشخانىدىن جوزىغا <گۇم> قىلىپ ئۇرۇلغان مۇشتنىڭ، ئاندىن سىجاڭنىڭ قاتتىق ھۆركىرىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. كاتىپلار، مۇھاپىزەتچىلەر تىك تۇرۇپ كېتىشتۇق. مۇھاپىزەتچىلەر ئىچكىرىگە ئوقتەك كىرىپ كەتتى. مەھمۇد سىجاڭ:
_ قېنى ھېلىقى يېڭى كەلگەن ھارامزادە مىرزا؟ _ دەپ قاتتىق ۋارقىرىدى.
قورققىنىمدىن ھۇشۇمنى يوقاتقىلى تاس قالدىم. مۇھاپىزەتچى يىگىتمۇ تاتىرىپ، مېنى ئىچكىرى كىرىشكە ئىشارەت قىلىپ ئۆزىنى دالدىغا ئالدى. پۇت- قولۇمدا جان يوق تەستە ئىچكىرى ئىشخانىغا كىردىم. سىجاڭنىڭ قويۇق قاشلىرى ئارىسىدىكى قاپىقىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدۇ. تىترەپ تۇرغان قولىغا تاپانچا ئېلىۋاپتۇ. بۇنى كۆرۈپ بېشىم قېيىپ، تىزىم پۈكلىشىپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدىم.
_ بۇنى سەن يازدىڭمۇ؟
_ خوش... تەقسىر.
_ ھۇ، تەقسىرىڭنىڭ يەتمىش پۇشتىنى... مۇشتەك تۇرۇپ ھارامزادىلىكنى نەدىن ئۆگەندىڭ؟
بىر تال تۈكۈمدىن مىڭ تامچە تەر قۇيۇلۇپ، قورققىنىمدىن يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدىم. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ سىجاڭ سەل يۇمشاپ، تاپانچىسىنى قېپىغا سېلىپ، يىلپىز تېرىسى سېلىنغان ياڭاق ياغىچى ئۈستىلىدە ئولتۇردى.
_ دەپباقە، نېمە مەقسەتتە مېنى بۇنچە ماختاپ ئۇچۇرۇۋەتتىڭ. سەن دىندا ئوقۇپسەن. ھازىرغىچە ئاللانى مەدھىيىلەپ شۇنچىلىك قەسىدە يېزىپ باقتىڭمۇ؟
زۇۋانىم تۇتۇلۇپ قالغانلىقتىن ، ئۈندىمەي تۇردۇم.
_ ئىلمى بار دەپ ئاكاڭ سېنى تونۇشتۇردى. بالا بولسىمۇ ئىشلىسۇن، دېدىم. يەنە مەندىن نېمىنى تاما قىلىپ مېنى مەدھىيلىدىڭ؟ نېمە تاما قىلغان بولساڭ ئوچۇق دە، مۇرادىڭغا يەتكۈزەي.
ئىت ياڭىقىدەك تىكەنلىك ئاچچىق نەرسە بوغۇزۇمغا قاپلىشىپ گەپ قىلدۇرمىدى. گۆشۈيۈپ تۇرغىنىمنى كۆرۈپ سىجاڭ قاتتىق ھۆركىرىدى:
_ پۇل تاما قىلدىڭمۇ؟ ئالتۇنمۇ؟ تىللامۇ؟ ياكى ئەسكەر باشلىقى بولغۇڭ بارمۇ؟ مېنىڭ مەنسىپىمنى تاما قىلغان بولساڭ ھازىرلا بېرەي...
_ ياق... تەقسىر... دېگىنىمچە يىقىلىپ چۈشتۈم. مۇھاپىزەتچى يۆلىۋالدى. ھۆڭرەپ، ئېسەدەپ يىغلاپ، زادىلا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمىدىم. سىجاڭ بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن :
_ پەيغەمبىرىمىز، سېنى يۈزۈڭدىن يۈزۈڭگە ماختىغان ئادەمنى قانداق قىل دېگەن؟!
_ يۈ...يۈزىگە توپا چاچ،ئۇنىڭدىن ھېزى بول، نېرى قاچ ، دېگەن.
_ بالام ، سەن تېخى گۆدەك ئىكەنسەن، يۈزۈڭگە توپا چاچسام بولماس، ئەمما بالا تۇرۇپ بۇنداق مەرەز كېسەلنى يۇقتۇرۇۋالساڭ، سەن ئادەم بولماي تاپان يالايدىغان لالما ئىت قاتارىدىن قوپىسەن. بىر ئادەمنى يۈز تۇرانە ماختىغان ئادەمدە چوقۇم ئىنتايىن رەزىل قارا نىيەت، پەس غەرەز بولىدۇ. ئۆزىنى ماختىغان ئادەممۇ يۈزىگە پەرداز قىلىپ، سەتەڭ سۈرىتىگە كىرىۋالغان پەسەندى خوتۇنلاردەك داپ يۈز كېلىدۇ. ئۇياتلىق، ئەدەبلىك، ئىنسان تەبىئەتلىك ئادەم ماختىمايدۇ، ماختانمايدۇ. بۇ گەپنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت. ئىشتىن بىكار قىلاي دېگەن، بالا بولغۇنۇڭ ئۈچۈن ئاتىدارچىلىق قىلاي. ماڭ، چىقىپ ئىشىڭنى قىل!...
شۇ چىققانچە ئۈچ كۈن دۈم يېتىپ يىغلىدىم. ئىشخانىغىمۇ ھەرگىز يولىمىدىم. شۇ ئىزا- ئاھانەتلىك، نومۇسلۇق كۆرۈنۈش يۈرىكىمگە ئورناپ كېتىپ، شۇندىن ئېتىبارەن ماختاشتىن خالىي ياشىدىم.
بۇ يەردە مەرھۇم ئالىم ئەھمەد زىيائىنى خۇشامەت قىلىشقا ئۈندىگەن مەنتىقە دەل جان بېقىش پەرز ئەقىدىسى.ئەگەر پالۋان سۈپەت قوماندان مەھمۇد مۇھىتىنىڭ سەگىتىشى بولمىغان بولسا ئۇ مەڭگۈ ئاشۇ ئەقىدىگە يېپىشىپ ئۆتكەنمۇ بولاتتى.
بىر ماتېرىيالدا كۆرۈشۈمچە، غېنى باتۇر بىر قېتىملىق جەڭدىن قايتقاندا ئالدىغا بېلىنى تولغاپ، قاش- كۆزىنى ئوينىتىپ ئۇسسۇل ئويناپ چىققان بىر ئەرنى ھېجىقىزمۇ نېمە بۇ دەپ ئېتىۋەتكىلى تاس قالغان ئىكەن. ھالال نىيەت، پاكىزە ئەقىدە بولمىسا ئەركەك ئەرلىكىدىن، ئىنسان ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىقىپ كېتىدۇ. جان بېقىشتىكى مۇددىئا دۇرۇس بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇنداقلار بىر ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قالىدۇ.
ئەردەك ياشاپ، ئەردەك ئۆلگەن، ئاشۇ مەردانىلىكى بىلەن ئانىلارنىڭ دۇئاسىغا نائىل بولۇپ، ئۆزىدىن نامى ئۇزۇن ياشىغان ئەركەكلەرگە سالام!